كۆرۈش: 321|ئىنكاس: 6

تۇرغۇن مىجىت قادىرى: پۇچىلانغان دىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-19 18:08:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                           پۇچىلانغان دىل


                                                              (ھېكايە)


                                                    تۇرغۇن مىجىت قادىرى


   بۈگۈن ئارام ئېلىش بولغاچقا ئەتىگەندە ئازراق ناشتا قىلىپ، ئايالىمغا چۈشكە يېقىن تاماق قىلىشنى بۇيرۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىگە سۇزۇلغان، ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ نۇرغۇن مەبلەغ سېلىشى بىلەن چۆچەك ۋە قىسسەلەردە تەسۋىرلەنگەن باغۇ-ئەرەمدەك گۈزەللىشىپ كەتكەن دەريا بويلىرىنى ئايلىنىش ئۈچۈن چىقىپ، ئۇچۇرشۇپ قالغان تونۇش-بىلىشلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، گۈللەرنى، دەل- دەرەخلەرنى، دەريا سۇلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، كۈننىڭ تىك چۈشۈپ قالغانلىقىنى سەزمەي كېتىۋاتسام يانفون سايرايدۇ، قارىسام ئۆينىڭ تېلفونى ئالسام ئايالىم قورىمىلارنى تەييارلاپ بولغانلىقىنى، ئىتتىكرەك پىلتە ئەكىرشىمنى دەيدۇ، قارىسام سائەت 11 دىن ئېشىپتۇ. قورساقمۇ ئاچلىقتىن كوركىراشقا باشلاپتۇ، تۇنۇش-بىلىشلەر بىلەن خوشلۇشۇپ ئۆيگە چاپتىم، ھەم ئۆينىڭ يېنىدىكى تاللار بازىرىدىن ئىككى كىلو پىلتىنى ئېلىپ بىنانىڭ 4-قەۋىتىگە چىقىشىمغا ئۇدۇل خوشنىمىزنىڭ ئايالىنىڭ ئاۋازى پۈتۈن بىنانى، ياق پۈتۈن يەر-جاھاننى بىر ئېلىپ، مېنىمۇ ئېغىر ساراسىمگە سېلىپ، پۇت-قولۇمدىكى، پۈتۈن جىسمىمدىكى جاننى ئالغاندەك قولۇمدىكى پىلتە يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مەن ئىسىمنى تەستە يىغىپ ماڭا ئېسىلىپ تۇرغان خوشنامنىڭ ئايالىغا:
-نىمە بولدى...؟-دەپ ئۈلگۈردۈم.
-مېنىڭ بالام...-دەپلا يەنە ئۆيگە يۈگىردى.
مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يۈگىردىم.
خوشنام مەردان يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئىككى يېرىم ياشقا ئەمدىلا كىرگەن، كۆرگەن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈردىغان ئوغلى ئۇلۇغبەگنى باغرىغا مىڭ ئاتىنىڭ مىھرىچە تېڭىپ:
-جېنىم ئۇلۇغبېگىم، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ...!-دەپ ھەسرەتلىك تىنىپ ئادەمنىڭ باغرىنى ئىزەتتى.
مەن مەرداندىن كۈزۈمنى ئۈزۈپ ئۇلۇغبەگكە قارىدىم، بالىنىڭ يۈز قىسمى، قوللىرى...ئۇچۇق كۆرۈنۈپ قالغان يەرلىرى خۇددى بىرسى موميا سۈركىۋەتكەندەك قارداپ كەتكەندى. مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي بىر دەم تېڭىرقاپ قېلىپراق مەرداننىڭ قولىدىكى بالىنى ئېلىپ بالىنىڭ يۈرىكىنى تىڭشىدىم، يۈرەك ھەركىتى پۈتۈنلەي توختاپ بولغاندى. مەن بۇلارنىڭ ھەسرەتلىك دىللىرىغا، پۇچىلانغان يۈرىكىگە بىردەملىك بولسىمۇ ئارام- بەخىش ئاتا قىلىش، ئابى ھايات سۈيى بىرىش ئىستىكىدە چاندۇرماي:
-بولۇڭلار، دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى!-دىدىم.
ئۇلارمۇ ئىسىنى يىغىپ جىددى ھەركەتكە كەلدى.
مەن پەلەمپەيدىن چۈشكەچ دوختۇرخانىنىڭ 120 جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا تېلفون قىلدىم. بىز بالىنى كۆتۈرۈپ پەسكە چۈشۈپ يولغا چىققىچە جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنسىمۇ كانىينى چالغانچە ئالدىمىزغا كېلىپ ئۈلگىردى.
دوختۇر-سېستىرالار ماشىندىن چۈشۈپ بالىغا بىر قاراپ، تىڭشىغۇچنى ئېلىپ بالىنىڭ يۈرەك ھەركىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، كەسكىن ھالدا:
-بالا ئۈتۈپ كېتىپتۇ...-دىدى.
رۇقىيە قاتتىق بىر چىقىراق ئاۋازدا «مېنىڭ بالام»دىگىنىچە چىرايى كۆكىرىپ، چىشى كىرىشىپ، بىر ئىككى «خىرت-خىرت» قىلىپلا جېنى تېنىدىن جۇدا بولغاندەك يەرگە «گوپ»لا چۈشتى. مەرداننىڭمۇ پۇت-قوللىرى جۇد بوراندا قالغان مەجنۇنتالنىڭ ئاجىز شېخىدەك گىلدىڭلاپ تۇرغان جايىدىلا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. مەن يېنىمدا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان 13 ياشلىق قىزىمغا بالىنى ئۆيگە ئەپكىرىشكە بۇيرۇپ مەرداننىڭ قولتىقىدىن يۆلىدىم، «غىڭ» قىلغان كىچىككىنە يەلنىڭ ئاۋازى بىردەمدىلا پۈتۈن يەر شارىغا تارقىلىپ بولىدىغان بۇ كىچىك بىنادىكى ھەممە ئادەم روقىيەنىڭ چۆرىسىگە ئولۇشۇپ بولغاندى. ئۇنىڭغىچە دوختۇر-سېستىرالارمۇ روقۇيەنىڭ چىكە تومۇرلىرىنى، كالپۇكلىرىنى بېسىپ، قوللىرىنى ھەركەتلەندۈرۈشكە باشلىدى.
مەن خوشنىلاردىن بىرقانچىسىگە مەردان ۋە روقۇيەنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىغا، يېقىنلىرىغا، خىزمەتداشلىرىغا، مەسچىتتىكى نامىزىنى چۈشۈرگىچىلەر، مېيىتىنى يۇيغۇچىلارغا خەۋەر بىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ مەرداننىڭ ئۆيىگە ماڭدىم، لېكىن جېنىم تىنىمدىن چىقىپ كەتكەندەك ماڭغىنىمنى تۇرغۇنىمنى ئۆزەممۇ سەزمەيمەن، بىر تەرەپتىن ئىچ-ئىچىمدىن يىغا كېلىپ قاپىقىم، كىرپىكلىرىم مىتلا قىلسا تۈشۈك خالتىدىن زىغىر چۈشكەندەك پۈتۈن دەردىم كۈزۈمدىن چىقىپ كېتىپ، دەرت كۈزۈمدىن چىققان بىلەن بۇ دەرتلەرنى توننىلاپ خوشنامغا ئارتىپ قويىدىغاندەك كۆز، قاپاق، كىرپىكلىرىمنى مىتمۇ قىلالمايمەن. بۇ ھەسرەتلىك تۇيغۇلار ئىچىدە خىيال قۇشلۇرۇم 10 نەچچە يىل بۇرۇنقى ھايات مۇساپىسىگە سۆرىمەكتە...
ئۇلار بىر يىلدىلا خۇدايىم قوشقاندەكلا ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ بىزنىڭ ئىدارىگە ئىشقا چۈشتى. مەردان بىلەن روقۇيەنىڭ بىر بىرسىدىن چېنىشقىدەك، يارتىشمىغىدەك ھىچقانداق يېرى بولمىغاچقا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ماقۇللىقى، يىگىت-قىزنىڭ قوشۇلىشى بىلەن خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە خىلى ھەشەمەتلىك توي-چايلار بىلەن بىر ياستۇققا باش قويدى. بىر قانچە يىل بىر بىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئىززەتلەپ، بىرىنىڭ ئېغىرىنى يەنە بىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا پۇتقا پۇت، قولغا قول بولۇپ، ئىدارىدىكى ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرگىدەك ئىناق-ئىجىل ياشىدى. «بۇ ھاياتنىڭ ئوي-چوڭقۇرى كۆپ» دېگەندەك يىلارنىڭ بىر بىرىنى قوغلۇشۇپ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، روقۇيەدە ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغاندىن كېيىن بۇلار ئارىسىدا خۇددى «كۆز تەككەن» دەك سۈركۈلۈشلەر يۈز بىرشكە باشلىدى. بۇ سۈركۈلۈشلەر چوڭلارغا يىتىپ، مەرداننىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى روقۇيەنى تۇغماسقا، روقۇيەنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى مەرداننى تۇغماسقا چىقىرىپ، بۇ ئۆم، ئىناق ئائىلگە دەز كېتىپ، بوزۇلۇش گىرداۋىغا يەتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىدارىدىكى چوڭلار ۋە يېقىنلىرى مەسلىھەتلىشىپ«كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ»دېگەندەك ئەقىل ئىشلىتىپ، ئۇلارغا ئايرىم تەنقىت- تەربىيە بىرىش، ھەر ئىككى ئائىلدىكى چوڭلارغا مەسلىھەت سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى خۇتەننىڭ داڭلىق تىۋىپلىرى، ئاپتونۇم رايۇندىكى داڭلىق مۇتخەسىسلەرگە كۆرسىتىپ، داۋالىتىش ئارقىلىق تۆت، بەش يىلنى ئۆتكەزدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە خۇدايىم بەرگەندەك روقۇيە قورساق كۆتەردى. بۇ ئىككى ئائىلدىكىلەرنىڭ جۈملىدىن مەردان ئەر-ئايالنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولۇپ، پۈتۈن جەمەتىدىكىلەرنىڭ گۈلقەھقەھلىرىنى كاۋا چېچىكىدەك ئېچىلدۇرۋەتتى. خوشاللىقنىڭ ۋاختى ئۇزۇن بولمىغىنىدەك ئۇلارنىڭ خوشاللىقى ئۇزۇنغا بارمىدى. روقۇيەنىڭ قورسىقىدىكى بۇ بوۋاق 3-ئېيىنى ساق تۈگۈتۈپ 4-ئېيىغا قەدەم باسقان بىر ئاخشىمى روقۇيەنىڭ قورسىقى تويۇقسىز دەھشەت ئاغرىپ، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كارۋىتىدا ئۇكۇل سېلىپ بولغىچە بويىدىن ئاجىراپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بېشىغا تاغدەك ئېغىر غەملەر چۈشۈپ، چوڭلارنىڭ تەۋىسسىيەسى بىلەن يەنە خۇتەندىكى داڭلىق تىۋىپ، ئاپتونۇم رايۇندىكى مۇتخەسىسلەرگە كۆرىنىپ، دورا-ئوكۇل ئېلىپ داۋالاندى. داۋالىنىپ كىلىپ دەل ئالتە ئاي بولغاندا يەنە قورساق كۆتەردى. روقۇيە قورساق كۆتەرگەندىن كېيىن تىۋىپ، مۇتخەسىسلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پەرىزلەرنى تولۇق تۇتۇپ، ئۆينىڭ ئۇشاق-چۈشەك ئىشلىرىنى مەردان ئۆزى قىلىپ، چوڭراق ئىشلارنى مەرداننىڭ سىڭلىسى، روقۇيەنىڭ ئاچىسى ۋە ياكى ئىككەيلەننىڭ ئانىسى دەملىشىپ قىلىپ بىرىپ، ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەرنى ساندۇققا سېلىپ، موھىم يەرگە قويۇپ ساقلىغاندەك ساقلاپ، مىڭ بىر جاپا-مۇشاقەتلەر بىلەن توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز سائەت، توققۇز دەقىقىنى قىلىپ، چوڭ ئاپراتسىيە بىلەن بىر پاقلاندەك ئۇماق بوۋاققا ئاتا-ئانا، چوڭ دادا، چوڭ ئانا بولۇشقاندى، ئەمما...
-دادا، مەردانكامنىڭ ئۆيى بۇ يەردە قالدى،-دىدى بۇغۇق ئاۋازدا قىزىم قىزىلمۇچ سۈيى قۇيۇلۇپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىدىن ئۈنچىدەك ياشلارنى تۆكۈپ تۇرۇپ، مەن ئىسىمنى يىغىپ ئۇلۇغئۇچۇق تۇرغان مەرداننىڭ ئۆيىگە كىردىم ۋە قىزىمنىڭ قولىدىكى بالىنى قولۇمغا ئالدىم، كۈيۈپ چىچىلغا ئايلانغان بالىنى ھازىرلا كۈلگە ئايلىنىپ تۈكۈلۈپ كېتىدىغاندەك ئاۋايلاپ ئۆيدىكى تۆر كۆپىسىنىڭ ئۈستىگە پۇت-قوللىرىنى تۈزلەپ ياتقۇزۇپ، قىزىمنىڭ بېشىدىكى نىپىز ئاق ياغلىقنى ئېلىپ بالىنىڭ ئېڭىكىنى قېتىپ قويدۇم.
مەرداننىڭ قىزارغان كۆزلىرى تىرىك مۇردىدەك بىر نوختىغا تىكىلگىنىچە قېتىپ قالغان ئىدى. قىزىممۇ بىر مەردانغا بىر ئۇلۇغبەگكە قاراپ ئۈمچىيىپ ھىقىقداپ يىغلاشقا باشلىدى، چۈنكى بۇ بالا مېنىڭ قىزىمنى كۆردىمۇ ئاپىسىنىڭ قۇچىقىدىنمۇ قېچىپ قىزىمنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋالاتتى، قىزىممۇ مەكتەپتىن كەلدىمۇ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ بالىنى بىرنى سۆيۈپ، قۇچىقىغا بىر ئېلىۋالمىسا، ياكى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرمىسە كۆڭلى تىنمايتى. قىسقىسى قىزىم مەكتەپتىن قەيتقاندىن كېيىن ئۆيددىن تاپالمىساق، ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن تاپاتتۇق. قىزىمنىڭ بۇنداق يىغلاپ مەرداننىڭ يېغىرىغا تۇز سىپىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆز ئىشارىسى بىلەن ئۇنى ئۆيدىن چىقىرۋەتتىم ۋە مەرداننىڭ يېنىغا بېرىپ:
-ئۇكام مەردان، ئۆزىڭىزنى ئۇنچىۋالا تاشلىۋەتمەڭ، بۇ ھاياتنىڭ مۇساپىسى ئۇزۇن، سىلەر تېخى ياش، سىزنىڭ ۋە روقۇيەنىڭ قورسىقىدا يەنە تۈمەنمىڭلىغان بالا بار،-مەنمۇ ئۆزەمنى چىڭ تۇتىۋالمىسام ھازىرلا پاڭڭىدە يېرىلىپ يىغلاپ تاشلايدىغاندەك تۇرغاچقا گەپنى قىسقارتتىم،- قانداق قىلىمىز، ھايات دېگەن شۇنداقكەن، ھەم ئۆلۈممۇ ياش-قېرىغا باقمايدىكەن، سەۋرى قىلىڭ جېنىم ئۇكام.
ئۇ خۇددى توك سوقىۋاتقان ئادەمدەك ئورنىدىن دەس تۇرددىدە، غەزەپ بىلەن:
-ۋۇ ئاناڭنى...!-دەپلا تەلۋىلەرچە توككا چېتىقلىق توك قاچىلغۇچ (چۇڭدىيەنجى)نى توكتىن ئايرىپ، دەسسەپ، تارتىپ پارچە-پارچە قىلىپ زەردە بىلەن يەرگە تاشلىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا قاراپ ئۆيدە ئىككەيلەندىن باشقا ئادەم بولمىغاچقا ئۆزەمچە قۇرقۇم كېلىپ قالدى، چۈنكى بۇنداق تەلۋىلەرچە كەلگەن ئاچىق كىشىنى نىمەلەرنى قىلدۇرمايدۇ دەيسىز!؟
مەن ئۇنىڭ دولىسىنى ئاستا سىيلاپ تۇرۇپ:
-جېنىم ئۇكام ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، قانداق قىلىمىز ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلىۋالغىلى بولمايدۇ...
-جېنىم ساتتىراخۇنكا، بۇ ئۇماق پەرزەنتىمنىڭ قاتىلى مەن بولۇپ قالدىم ئەمەسمۇ، شۇڭا مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن دەيسىز!؟-ئۇ ئۆزىنى ماڭا تاشلاپ خۇددى كىچىك بالىدەك بار ئاۋازىنى قويىۋېتىپ يىغلىغاندىن كېيىن،-بۇ دەرتكە، بۇ ئەلەمگە مەن قانداقمۇ بەرداشلىق بىرەلەيمەن...!؟
ئۇ بىردەم تۆكۈلۈپ تازا يىغلىۋالغاندىن كېيىن بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇلار بۈگۈن ئارام ئېلىش بولغاچقا ۋاقچىراق ئورۇندىن تۇرۇشۇپ، ئۆيدا بار بولغان قۇرۇق يىمىش، نان-چايلار بىلەن قورساقنى ئەستەرلەپ، روقۇيە بۇ بىر ھەپتىدىن بېرى يىغىلىپ قالغان كىر-قاتلارنى يۇيۇپتۇ، مەردان بىلەن ئۇلۇغبەگ ئۆيدە تېلۋۇزۇر كوچىلاپ، تېلۋۇزۇردىن زىرىكىپ، بىر دەم يانفوننى ئويناپ ئۇنىڭدىنمۇ زېرىكىپ تالاغا چىقىشتى، تالادىمۇ بىرەر يېرىم سائەت ئايلىنىپ تالاغىمۇ تويۇپ ئۆيگە يېنىپ كىرىشتى. ئۇنىڭغىچە روقۇيەمۇ كىر-قاتلارنى يۇيۇپ، يېيىپ، تاماققا تۇتۇش قىلىشقا باشلىغاندى.
-مەردان،-دەپ چاقىردى روقۇيە مەرداننىڭ ئۆيگە كىرگەنلىكىنى بىلىپ،- توڭلاتقۇدىن گۆشنى ئېلىپ قويماپتىكەنمەن، ئۇ گۆش نىكەمگە ئىرىيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى گۆش، يېڭى سەينىڭ لەغمىنى بەلەكچە بولىدۇ، شۇڭا دىككىدە يېڭى گۆشتىن بىر كىلو ئەكىرىپ بىرىڭە؟ مەن سەي كۆكتالارنى ئادالاپ، خېمىر يۇغۇرۇپ تۇراي.
-باياتىنلا تېلفون قىلسىڭىز بولماسمىدى، ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ بىر يولنى ئىككى ماڭدۇرۇپ يۈرگىچە،- دېدى مەردانمۇ سەل خوش ياقمىغان قىياپەتتە.
لېكىن مەردانمۇ «خېنىم خوش ياققانغا يىغلايدۇ» دېگەندەك، خوتۇنىغا دومسايغىنى بىلەن يېڭى گۆش، يېڭى سەي لەغمىنى دېگەنلەرنى ئاڭلاپ ئاغزىلىرىغا سېرىق سۇ يىغلىپ كەتكەندى. دېمىسىمۇ شۇغۇ، ئەرزان توختىدى دەپ بىرەر پاقلاننى سويدۇرۇپ توڭلاتقۇدا 10-15 كۈن ساقلاپ كونىلاشتۇرۇپ، قۇۋىتىنى كەتكۈزۈپ، لەشتەك يەنە ئىرىتىپ يېگەن گۆشنىڭ مەزىسى، قۇۋىتى ۋە پايدىلىق قىممىتى قانچىلىك بولماقچى ئىدى؟!
-مەن ماڭدىم-دەپ ئاياغنى كېيىشكە باشلىدى.
-ئۇلۇغبەگنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقىپ كەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن
-مەن ئۇزۇنغا بارمىغاندىن كېيىن يېنىڭلاردا ئويناپ تۇرسۇن
مەردان قاسساپنىڭ يېنىغا چاپتى، رۇقىيە خېمىر يۇغۇرۇشقا باشلىدى، خېمىرنى پۇشۇرۇپ، پىلتە قىلىپ بولغاندا مەردانمۇ گۆشنى كۆتۈرۈپ كىردى، مەرداننىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن روقۇيە پىلتە قىلىنغان ئەمبەل، خېمىر يۇغۇرغان داسلارنى يىغىشتۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە ماڭدى، مەرداننىڭ ئۆيگە كىرىپ ئايىقىنى سېلىپ بولغىچە بىرىنچى بولۇپ كۆزگە چېلىققىنى ئوغلى ۋە ئۇنىڭدىن ئىككى مىتىر يىراقلىقتىكى توك مەنبەسىگە چېتىلغان، يەرگە ساڭگىلاپ تۇرغان، يانفونىنىڭ توك قاچىلغۇچىغا چۈشكەندى، ئۇنىڭ كۆڭلى جۈملىدىن ئالتىنچى سەزگۈسى بىرەر پىشكەلچىلىكنى، بىرەر يۇشۇرۇن خەۋىپنى سەزگەندەك بولدىيۇ، شەيتاننىڭ ۋەس-ۋەسىسىدىنمۇ ياكى ئېيتاۋۇر بىپەرۋالىقىدىنمۇ «گۆشنى ئەكىرىپ بىرىپلا چىقىمەنغۇ، ئۇنىڭغىچە جىق ۋاقىت ئۆتمەيدىغۇ» دېگەن خام-خىيال بىلەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىشىگە ئايالى:
-مەردان باكتىكى ماينى ئېلىۋېتىڭە؟-دېگەن بۇيرىقى ئۇنىڭ ئالتىنچى سەزگۈسىنى بوراندا قالغان قامقاقتەك نەلەرگىدۇ ئۇچۇرتۇپ، باكتىكى ماينى قويغان جايىدىن تاپالماي، پەشخانا ئىشكاپنىڭ ئىچىدىن تېپىپ بولغىچە بىرەر مىنۇت ۋاقىتمۇ ئۆتۈپ كەتتى. شۇنىڭغا ئۈلگۈرتۈپ مىھمانخانا ئۆيدىن «ئېھ...» دېگەن يىنىك ئاۋازغا ئەگىشىپ تاراق-تۇرۇق قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، مەردان قۇلىدىكى باكنى يەرگە تاشلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئۆزىنى مىھمانخانا ئۆيگە ئاتتى. ئۇ بالىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ بالىنىڭ ئاغزىدىكى ئۇزۇن سىملىق توك قاچىلغۇچنى تارتىپ ئېلىپ، بالىنى قولىغا ئالدىيۇ، ئۇلار مۇشۇ كىچىككىنە بىخەستىلىكنىڭ كاساپىتىدىن بۇ ئۇماق پەرزەنتىدىن مەڭگۈلىك ئايرىلغاندى. چۈنكى مەرداننىڭ قولىدىكى بۇ بۇدۇروق، ئاق پىشماق يۈرەك پارىسى ئاللا قاچان قارداپ كەتكەندى.
بەش، ئالتە خولۇم-خوشنا ئاياللار روقۇيەنى يۆلەپ، كۆتۈرۈپ دېگۈدەك ئۆيگە ئېلىپ كىردى. ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان، كۆزلىرى قىزارغان، يۈزى تاتارغان، لەۋلىرى گەز باغلاپ چىشلىگەنمۇ، ياكى تىرمىلىغانمۇ قانلار سېرغىپ تۇرغان بولۇپ، روقۇيە تىرىك ئەرۋاھقىلا ئوخشاپ قالغاندى.
بۇ كىچىككىنە بىخەستىلىكتىن كېلىپ چىققان ئېچىنىشلىق پاجەدىن ئىچىم قان-زەرداپ بولۇپ ئۆيگە كىرىپ تۇرۇشىمغا، ئايالىممۇ مېنى ماراپ تۇرغاندەك كەينىمدىن كىرىپ:
-نىمە بوپتۇ؟
-ئۆلۈپ قاپتۇ...-قۇرسىقىمنىڭ ئاچلىقىدىنمۇ، ياكى بۈگۈنكى بۇ پاجەنىڭ زەربىسىدىنمۇ گەپ خوش ياقماي قالغاندا ئۇنىڭغا دوق قىلىپ ئۇدۇللا جاۋاپ بەردىم.
-ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بىلدىم،-دېدى ئۇ قېيىشقانغا تېيىشقان دېگەندەك،-شۇ نىمە بولۇپ؟
-توك سوقۇپ.
-قانداق توك سوقۇپ؟
-توك سىمىدىكى توك سوقۇپ.
-قانداق توك سىمىدىكى توك سوقۇپتۇ؟
-يانفونغا توك قاچىلايدىغان سىمدىن توك سوقۇپتۇ.
-مېڭە ھەي...ئۇ بىرنىمىدىن قانداق توك ئۈتۈپ توك سوقۇدۇ،-ئۇ مېنىڭ گىپىمگە ئىشەنمەي پەرۋاسىزلىق بىلەن،-ئۇ بىچارە بالا كۆيۈپ چىچىل بولۇپ كېتىپتىغۇ؟ بەلكىم يوقۇرى بېسىملىق توك سوققان گەپ.
مەن بۇ ساۋاتسىز، كېپەك خوتۇنغا تەپسىلى چۈشەندۈرمىگىچە ماڭا ئارام بەرنەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدىمدە، تەپسىلى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم.
-خوتۇن ماڭا قاراڭلا، ئاجىز توكمۇ نەم، ھۆلنى كۆرگەندە كۈچلىنىپ كېتىدۇ، ئۇشاق بالىلارمۇ قولىغا چىققانلا نەرسىنى ئاغزىغا سېلىشقا ئامراق بولىدۇ، خوشنىمىزنىڭ بالىسىمۇ يانفونغا توك قاچىلغۇچنىڭ بىر ئۇچى توكقا چېتىقلىقكەندۇق، يانفونغا چاتىدىغان ئۇچىنى ئاغزىغا ساپتىكەن توك كۈچلىنىپ بۈگۈنكى مۇشۇ پاجە بوپتۇ، شۇڭا ماڭا، سېلىگە، پۈتۈن ئائىلدىكىلەرگە ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتكە بىر قانلىق ساۋاق بولسۇن، ئۇششاق بالىلار بار يەرگە توككا چېتىلغان يانفونغا توك قاچىلىغۇچنى قۇيۇپ قويمايلى، بىلدىڭلىمۇ، ئۇنداقتا مېنىڭ بېشىم سەل ئاغرىۋاتىدۇ بىر دەم ئارام ئېلىۋالاي،- دەپلا سۆزۈمنى تۈگۈتۈپ مىھمانخانا ئۆيدىكى خۇرۇم كىرسولغا «جامائەت كەلگىچە بىردەم ئارام ئالاي» دەپ ئاستا يانپاشلىدىم.

                          2015-يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئاۋات


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-19 23:22  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-19 23:51:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام، تۇرغۇن  مۇئەللىم ھىكايىنى تۇلۇق ئۇقۇپ  چىقتىم.  سىلىگە ئۇتۇق تىلەيمەن. نەچچە ئايدا بىر ھىكايە يازماي داۋاملىق يىزىپ تۇرسىلا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-20 11:26:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋائەلەيكۇم ئەسسالام تۆتتاش ئىنىم، ئوقۇغۇنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەخمەت! يازغانلىرىم بار، لىكىن ئالدىراشچىلىقتا يوللاپ بولالماي قالدىم. كەچۈرۈڭ...!

ۋاقتى: 2015-10-20 15:44:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنى ئوقۇپ يېڭى بىر ساۋادقا ئىگە بولدۇم ( توك قاچىلىغۇچنىڭ ئادەم سوقۇدىغىنىنى مەنمۇ خىيال قىلماپتىكەنىمەن ) . قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن .تەكلىپ : بىرقىسىم ئارتۇق سۆز ئىبارىلەر بارئىكەن ، يەنە بىر نۆۋەت قاراپ چىقسىڭىز ...

ۋاقتى: 2015-10-20 16:05:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە ۋەقەلىكى كىشىنى ئويلاندۇرىدىكەن.............

ۋاقتى: 2015-10-20 17:09:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ياخشى ئەسىرىڭىزدىن ھۇزۇر ئالدىم....مۇبارەك بولسۇن....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-20 19:02:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنى دوسلۇرۇمنىڭ سەمىمى تەكلىپلىرىنى قوللايمەن...كۆپتىن -كۆپ رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش