بالىلارغا زۈزۈر بولغىنى...
ئاينۇر ئابدۇرېھىم
1-ئىشەنچ بۇلىقى.
ئىشەنچ ـــــ بالىلارنىڭ مەنىۋى روھى دۇنياسىنى بىيىتىدىغان، مۇۋاپىقىيەتكە قاراپ يۈزلەندۈرىدىغان، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا بالىلار ئۆزى باشلىغان كىچىككىنە ئىشلارنى ئاخىرىغا ئىلىپ چىقالايدىغان غەيرەت-شىجائەت. پەرزەنتلىرىمىز ئىللىق ئائىلە، ئازادە مۇھىت تەمىن ئىتىۋاتقان ئىشەنچ بۇلىقىدىن قېنىپ سۇ ئىچەلىگەندە، ئۆزى ياشاۋاتقان بۇ مۇھىتتا باشقىلارغا كۈلۈمسىرەپ قارىيالايدىغان، باشقىلارنىڭ ئالدىدا دادىل پىكىر قىلالايدىغان ئىسىل خاراكتىرنى يىتىلدۈرەلەيدۇ. سىز پەرزەنتلىرىڭىزدىن:
«ئىشەنچ بۇلىقىنى قەيەردىن تىپىۋالدىڭ؟»دەپ سورىغىنىڭىزدا،پەرزەنتىڭىز ھىچ ئىككىلەنمەستىن:« ئاتا-ئانامنىڭ مۇلايىم چېھرىدىن، ئۈمۈتكە تولغان روھى دۇنياسى»دىن دەپ جاۋاپ قايتۇرالايدۇ. بۇ دەل سىزنى سۈيۈندىرىدىغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ.
ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى بىر ئاخشىمى ياش ئانا ئاشخانا ئۆيدە قاچا- قۇمۇش يۇيىۋاتقان، نەچچە ياشلىق ئوغلى ئايدىڭ ھويلىدا يالغۇز ئويناۋاتقان ئىكەن. ئانا ئوغلىنىڭ توختىماي سەكرەپ ئيناۋاتقىنىغا سەل ھەيران بولۇپ، ئوغلىدىن نېمە قىلۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ. بۇ چاغدا، گۈدەك ئوغلىمۇ ئانىسىنىڭ سۇئالىغا جاۋابەن: «ئاپا، مەن ئايغا سەكرەپ چىقىمەن! »دەپتۇ.ئاپىسى ئوغلىنى باشقا ئاتا-ئانىلاردەك، ياخشى ئوقىماي خام خىيال قىلىشنىلا بىلىسەن، دەپ ئەيىپلىمەي، بەلكى: «قالتىسقۇ ئوغلۇم، ئەمما قايتىپ كىلىشنى ئۇنتۇپ قالما جۇمۇ»دەپ تەكىتلەپ قويۇپتۇ. بۇ بالا چوڭ بولۇپ راستىنلا ئايغا «سەكرەپ» چىقىپتۇ.مانا بۇ ئىنسانلار تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئايغا چىققان ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى نېل ئارمسترونگ بولۇپ،ئۇ 1969-يىلى 16- ئىيول ئايغا چىققان.
شۇنداق،ئىشەنچ بۇلىقىدىن قېنىپ ئۇسسۇزلۇق ئىچىۋاتقان بالىلارنىڭ چېھرىدىن بەخت ۋە خوشاللىق تۇيغۇسىنى تاپماق تەس ئەمەس، چۈنكى ئاتا-ئانىلار ئۆزىدىكى بەخىت تۇيغۇسىنى يۈتتۈرۈپ قويماي تۇلۇقى بىلەن پەرزەنتلىرىگە يەتكۈزۈپ بەرگەن. مانا بۇ پەرزەنتلىرىمىزگە بېرىدىغان تۇنجى ئەڭگۈشتەر.
2-مېھرى-مۇھەببەت بۇلىقى
بالىلار سىرتتىن كىرىپلا دەيدىغان بىرىنچى ئېغىز سۆزى:«ئاپا مەن كىردىم»،ئەگەر ئاپىسىنىڭ يوقلىغىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىنچۈ؟ روھى چۈشكەن ھالدا ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ قازاننىڭ تۇۋىقىنى، كۆرىنىڭ ئاغزىنى ئىچىپ قاراپ باقىدۇ.يەيدىغان ھىچقانداق نەرسە تاپالمىغاندىن كىيىن، كۆزلىرىگە مۆللىدە ياش ئالىدۇ. ھازىرقى مۇشۇ دەقىقىدە ئانىلىرىمىزنىڭ ھاياتلىق دۇنيارىمىزدا تۇتقان رولىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلىقىنى تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەندەك بولدۇققۇ دەيمەن.ئالدىرمايلى؛ ئۇزاق يىللاردىن بېرى كۆڭۈل خاتىرەمگە نەقىش قىلىپ ئۇيۇلغان دادىلار توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھىكايىلېرىمنى ھوزورىڭلارغا سۇناي:
بىر ئائىلىدە ئۈچ قىز بىر ئوغۇل بولۇپ، دادىسى بۇ بالىلار كىچىك ۋاقتىدا تۇرمۇشنىڭ بارلىق ئېغىرچىلىقلېرىنى(بىسىملىرىنى) بالىلارنىڭ ئاپىسىغا يۈكلەپ قويۇپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىپتۇ. ئارلىقتىن خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. تۇرمۇشنىڭ بوران چاپقۇنلىرى،روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى بەدەل بېرىشلەر پەرزەنتلېرى ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىغا قەدەم قۇيۇپ بولغاندىن كىيىنلا بۇ مىھرىبان ئانىنى «نەچچە ئايلا ياشاش ۋاقتى قالدى»دىگەن دىئاگىنوز بىلەن ساقايماس كىسەل كارۋىتىغا بەنت قىلىپ قويۇپتۇ. ئانىنىڭ كىسىلىدىن قاتتىق ئەنسىرگەن تۆت پەرزەنت بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ قانغىچە يىغلاپتۇ ۋە ئاخىرقى يەكۈندە مەكتەپ قوينىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ، يېرىم ئۆمۈرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پىدا قىلغان بۇ مېھرىبان ئانىغا بېغىشلاشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. بالىلارنىڭ كىيىنكى ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى بەخت-سائادىتىگە تاقىشىدىغان ھالقىلىق ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغىلى ئىككى يىل بولغان ئوغۇل مەردانىلىق بىلەن ئالدىغا سەكرەپ چىقىپ، ھەدە-سىڭىللىرىنىڭ مەكتەپ قوينىدىن ئايرىلىشىغا ،شۇنداقلا كىيىنكى كۈنلەردە خىزمەت ئورنى يوق تۇرمۇشتا قىيلىنىپ قىلىشىغا يول قويماپتۇ. پەرزەنتلىك بۇرچى ۋە ۋاپادارلىقى بىلەن يۇغۇرۇلغان مىھرى-مۇھەببەت يەلكىنىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ، ئاپىسىنىڭ پۈتۈن ھاجىتىدىن چىقىپ ئۆمۈر كۆرۈش ۋاقتىنى بەش يىل ئۇزارتىپتۇ .مانا بۇ ۋاپادار ئوغۇلنىڭ ئايالى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ھەقىقى ھېكايە.
ئائىلە ھەقىقەتەن مېھرى –مۇھەببەت بۆشۈكى، بۇ بۆشۈككە بۆلۈنۈپ چىققان ھەرقانداق پەرزەنت ئاتا-ئانىسىنىڭ تۆلىگەن بەدەللېرىگە قۇربىتى يەتكەن ئۇسۇلدا جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئويلايدۇ. ھېكايىمىزدىكى ۋاپادار ئوغۇلمۇ ھەم شۇنداق.
ئوغۇلنىڭ يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قىتىغا ئورۇنلاشقان مېھرى-مۇھەببىتى، ئەقىدىسى، تەسىرلىك ھېكايىسى ھەقىقەتەن قەلبىمىزنى ھاياجانغا سالىدۇ. ئۆزىمىزنى ئاشۇ «نوقسانسىز ئانا»نىڭ ئورنىغا قويۇپ باقساقلا پەرزەنتىمىزنىڭ قەلبىگە نەقىش قىلىپ ئويىۋاتقان مېرى– مۇھەببىتىمىزنىڭ دەرىجىسىنى ئۆلچەپ بېكىتەلەيمىز. مېھرى-مۇھەببەت تىلغا ئېلىنسا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىر ئىللىق سىزىمنىڭ تۈرۈتكىسىدە تاتلىق ھېس –تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ، بۇ دۇنيا بىزگە شۇنداق گۈزەل، ھاياتلىق تولىمۇ قىممەتلىك بىلىنىدۇ، مېھرى- مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ نازۇك تۇيغۇ ھاياتلىق بىلەن تەبىئەت دۇنياسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئالتۇن شوتا. دۇنيادىكى پۈتۈن ئىنسانلار مېھرى –مۇھەببەتنىڭ سايىسىدا ياشايدۇ.بالىلارغا نىسىپ بولغان ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەتنى روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ مۇنداق بىر جۈمىلە ھېكىمەتلىك دۇردانە بىلەن تەسۋىرلەيدۇ: مۇھەببەت ــــ ئانىنىڭ مېھرىلىك سۆيۈشى ۋە دادىنىڭ ئىللىق پەپىلەشلىرى. بالىلار تەبىئى ۋە ساپ بولغان بۇ مېھرى-مۇھەببەت بۇلىقىدىن قىنىپ سۇ ئىچەلىگەندىلا ئۇنىڭ يۇمىران قەلبىدە سەمىمىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك، مېھرىبانلىق كۆيۈمچانلىقتىن ئىبارەت ئىسىل پەزىلەتلەر بىخ ئۇرۇپ كۆكلەيدۇ.خۇددى كۆيۈمچان ئوغولنىڭ «نوقسانسىز ئانىسى»غا سوۋغا قىلغىنى پەقەتلا ئانىسىغا ھەمرا بولۇپ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈش بولماستىن، بەلكىم مېھرى-مۇھەببەت بولۇقىدىن ئىتىلىپ چىققان ھاتلىق سۈيىدىن ئىبارەت.
3-ساغلاملىق بۇلىقى
بىر يىگىت ئۆزىنىڭ نامراتلىقىدىن ئاغىرىنىپ باشقىلارغا دەرت ئېيتىپلا يۈرۈيدىكەن. ياشىنىپ ھەركەت قېلىش ۋە كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلاپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن بەھىرلىنىشتىن مەھرۇم بولغان بىر بوۋاي يىگىتنى يىنىغا چاقىرىپ مۇنداق دەپتۇ:
ـــــ ئوغلۇم، ئاڭلاپ تۇرسام نامراتلىقىڭدىن بەكلا ئاغرىندىڭ. ئەگەر قۇشۇلساڭ، مەن ساڭا سەن رازى بولغۇدەك مال-دۇنيا بېرەي، كۆز گۆھىرىڭنى ماڭا بەر، سەن مال- دۇنيادىن بەھرىلەن، مەن يورۇق دۇنيادىن بەھرىلىنەي ،دەپتۇ. يىگىت بىر پەس ئويلۇنۇپ تۇرۇپ كىتىپ قارارىدىن يېنىۋاپتۇ. بوۋاي كۈلۈپ كىتىپ، يىگىتكە مۇنداق دەپتۇ.
ـــ ئىنساندىكى بىجىرىم بولغان ساغلام تەن ئالتۇنغا تىگەشكۈسىز ئەڭ ئىسىل بايلىق، روھى ۋە جىسمانىي ساغلاملىق ئىنسان ھاياتلىقىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەنگۈشتىرى. ئىنسان ھايات ھەم ساغلام بولغاندىلا يەتمەكچى بولغان نىشانغا كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايلا يەتكىلى، قىلماقچى بولغانلېرىنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ. بوۋاينىڭ چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلېرى يىگىتكە قاتتىق تەسىر قىلىپتۇ ھەم كىيىنكى ئۆمۈرىدە ساغلام تېنى ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەپ نۇرغۇن بايلىققا ئېرىشىپتۇ.
بەزى بالىلار تۇغۇلغاندا ساغلام تۇغۇلۇپ كىيىنكى تەرەققىياتىدا «دۆت»،«كاللىسى ئىشلىمەيدىغان» بولۇپ قالىدۇ؟ چۈنكى ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرىنىڭ تېنىدىكى مۇھىم ئەزالارنىڭ رولىنى ياخشى تەرەققى قىلدۇرالماي بالىلارنىڭ جىسمىدا يىتىلۋاتقان روھى ساغلاملىققا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن ھەسسىلەپ بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاغزىدىكى توختىماي تەكرارلىنىۋاتقان«دۆت»،«كالىسى ئىشلىمەيدىغان قاپاق»دىگەندەك تەنبىھ سۆزلىرى بىلەن راستىنلا «دۆت» بولۇپ قېلىش يۆلۈنىشىگە قاراپ مېڭىۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھالىغا ئىچىنماي تۇرالمايمىز. ھاياتلىق ئىنسانغا بىرلا قىتىملىق سوۋغا، ساغلاملىقمۇ قولىمىزدىكى بىباھا گۆھەر. پەرزەنتلىرىمىزگە بۇ بىباھا گۆھەرنىڭ قىممىتىنى تونۇتۇش زىمىنىمىزدىكى كۆتۈرۈشكە ئەرزىيدىغان سەپەردىكى يۈك.
خۇلاسە: ساغلاملىق ــــ ئىنساننىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر پۈتۈن كۆرۈنىشى. ئىشەنچ بولمىسا ھاياتلىق پۈچەك ھالەتتە بولىدۇ. مېھرى-مۇھەببەت بولمىسا خاتىرجەم،بەختلىك تۇرمۇشىمىزدىن سۆز ئىچىش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.
قاراماي شەھەرلىك قۇتۇپ يۇلتۇز بالىلار باعچىسىدىن
2015-يىلى 18-ئۆكتەبىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاينۇرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-19 17:40