كېچە يوشۇرغان شېئىرلار
قۇربانجان توختى ئازىق
كېچە
ھەركېچەمگە ھەمراھدۇر شامال
ۋە لەپىلدەپ ياغىدۇ يۇلتۇز.
سەن بۆلۈنگەن شۇ ئىلەڭگۈچتە
ئولتۇرىمەن جىمجىت ۋە يالغۇز.
سىماھىڭنى ئىزدەيمەن تىنماي،
سەن ئېسىلغان ئاشۇ ھېلالدىن.
قۇچاقلايمەن سوغۇق تۈنلەرنى،
رىسقىم بار دەپ شىرىن كۈنلەردىن.
چۈشۈم ئىچرە باردىم مەلەڭگە
چۈشۈم ئىچرە بېرىپ مەلەڭگە،
شادلىقلىرىم ئۆستى باراقسان.
سىزىپ ئۆتتى رەڭگارەڭ بىر ئىز
تۇيغۇلىرىم باھاردەك يۇمران.
كېچە جىمجىت،شۈنچە قاراڭغۇ،
لېكىن،كۆردۈم ئاي ۋە يۈزۈڭنى.
ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپسەن
يۇلتۇز بىلەن قىسىپ كۆزۈڭنى.
سەن سەھەر شامىلىدەك يېنىك
ئۇرۇلۇپسەن يۈزۈمگە ئاستا.
بىر قۇش كەبى سايراپ بېشىمدا
يۈرۈگۈمنى قىلىپسەن ئۇۋا.
سېغىنىشلىق خىياللار ئىچرە
كىزىپتىمەن سېنىڭ چۈشىڭنى.
مەن تەرەپكە كەلمەكچى بوپسەن
تاڭ يۈتۈپتۇ بىردىن ئىزىڭنى.
تۈن پەردىسى قايرىلغاندا
بىلىمەن،تۈن پەردىسى قايرىلسىلا
يۈرەككە ئۇرۇلار ھەسرەتنىڭ تىغى.
لېكىن،مەن ئۆزۈمنى يۈرىمەن ئالداپ
چۈشلىرىم قوينىدىن چىقالماي تېخى.
مەغلۇپنىڭ سىموۋلى كۆتۈرمەكتە قەد
شادلىقىم بەئەينى كۈزدىكى خازان.
ھەسرىتىم ياتىدۇ تۈننىڭ شېخىدا
بۇ چۈشكۈن قىسمەتكە سۈرەلمەي زۇۋان.
تىنىمدا راھەتتە ياتسىمۇ يۇلتۇز
يۈرەكتە ئېچىلماس ساختىلىق گۈلى.
كۆزۈمدىن دۇمىلاپ چۈشەر يالغۇزلۇق
قوياشنىڭ زەر-نۇرى چۈشكەن بىركۈنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-19 11:47