ئەسكەرتىش: 1.ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىلار ھەققىدە باشقىچە كۆز قارىشى بارلارغا بۇ تېمىدا باشقا ئىش يوق. مۇنازىرىگە ۋاقتىم يوق.2.بۇ خەۋەرنىڭ خوشخەۋەر ياكى قانداق خەۋەر ئىكەنلىكىنى باھالاپ يۈرىدىغانلارمۇ ۋاقتىڭلارنى ئىسراپ قىلماڭلار، چۈنكى سىلەر بۇ خەۋەرنى ئاللىقاچان كۆرۈپ بولغان ياكى مۇشۇنداق خەۋەرنىڭ چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر چىقىپ بولۇشتىن بۇرۇن بىلىپ بولغان.3.ئىسرائىلىيەدە ئوقۇش بىلەن توكيو ياكى موسكىۋاغا بېرىپ ئوقۇشنىڭ ئىسلام دىنىدىكى پەرقى ھەققىدە ئىزدىنىدىغانلار باشقا تېما ئېچىڭلار.4.بۇ تېمانى قانچە كەڭ تارقاتسىڭىز بولىدۇ.
بىرىنچى، يىلدا بىر قېتىم ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىغان ،ھىندىستان ۋە جوڭگۇدىن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقات ۋە خىزمىتىگە ئىلتىماس قىلىش باشلاندى.بۇ يىللىق مۇكاپات ئۆسكەن بولۇپ،يىللىقى 110 مىڭ شېكەل.ئۇندىن باشقا ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ كەلگەندىكى چىقىمىڭىز ۋە تۇنجى قېتىم ئىسرائىلىيەگە كەلگەندە ئايرۇپىلان بېلىتى ئاچچوت قىلىنىدىكەن.
ئىككىنچى،بۇ تۈرگە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ پەن چەكلىمىسى يوق.تەبىئىي پەندىن مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسبىتى ئىجتىمائىي پەنگە قارىغاندا يۇقۇرى.چۈنكى 2014-يىلى مۇشۇ تۈرگە ئىلتىماس قىلغانلار ئىچىدە ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى مەن بولسام كېرەك.
ئۈچىنچى،كېلەر يىلى دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرگەن ۋە ياكى مۇشۇ ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە دوكتۇرلۇقنى تاماملىغانلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
تۆتىنجى،بۇ تۈرنى ئىلتىماس قىلىشتا ئېنگىلىز تىلى ئاساس قىلىنىدۇ.لېكىن ئەرەپچە ۋە باشقا دۇنياۋىي تىللارنى راۋان بىلسىڭىزمۇ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
بەشىنچى ،جوڭگۇغا بېرىلگەن سان 50 ئادەم بولۇپ،ئىلگىرىكى يىللاردا نۇرغۇن ئادەم مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپالمىغان ياكى خەۋەر رىقابەتنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلەر تەرىپىدىن كۆپ تەشۋىق قىلىنمىغان بولسا كېرەك.
ئالتىنجى،تىزىملىتىش ياكى ئىلتىماس قىلىش ھەققى دەيدىغان ھەقلەر يوق.شۇنداقلا خەلقارالىق ئېنگىلىزچە ئىنتىھانلاردىن ئۆتكەن بولۇشىڭىز كېرەك دەيدىغان قاتتىق شەرت ھەم يوق.لېكىن شۇنداق كېنىشكىڭىز بولسا تاللىنىش نىسبىتىڭىز ناھايىتى يۇقۇرى بولىدۇ.
يەتتىنجى،ئىلتىماس قىلغاندىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا ئىسرائىلىيەگە كەلگەندىن كېيىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان تەتقىقات ھەققىدىكى قىسقا پىلان ياكى چۈشەندۈرۈش.مۇكاپاتقا ئېرىشىش-ئىرىشەلمەسلىكىڭىزنىڭ 80% مۇشۇ پىلانغا مۇناسىۋەتلىك.
مۇناسىۋەتلىك تور بەت ئادرېسى:
http://che.org.il/en/?page_id=21282
جەدۋەل ۋە چۈشەندۈرۈش ماتىريالىنىڭ ئادرېسى:
http://che.org.il/wp-content/upl ... ship-Guidelines.pdf
ھەقىقىي تۈردە قىزىقىدىغانلار بولسا سۆز قالدۇرساڭلار كېرەكلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيمەن.
مەن ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى قېتىم مۇشۇ پۇرسەتكە ئېرىشكەن.ئاخشام ئىسرائىلىيەدىكى ئۇيغۇر ئىككىگە ئاۋۇپ،يەنە بىر تىرىشچان ئىنىمىز تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن خايفا ئۇنىۋېرىسىتىتىدا ماگىستىرلىق ئوقۇشقا كىرىشتى.
ھۆرمەت بىلەن ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى