كۆرۈش: 164|ئىنكاس: 3

ئابدۇنىياز ئىمىن: قېچىش ( نەسىر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-18 13:13:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                        قېچىش
                                                          ( نەسىر)
                                                ئابدۇنىياز ئىمىن

ئاشۇ چاغلاردىكى روھىمنىڭ جىسمىمدىن ئايرىلغاندىكى، غەلىتە دەقىقىلەردىن، قىيىش بىلەن قىيماسلىق ئوتتورىسىدىكى ئارىسالدى مىنۇلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ماكان تۇتۇپ، سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇپ باقمىدىم. ھەر قېتىم سىلەرنىڭ مەسلىلەر ئۈستىدە بېرىلىپ تالاشقىنىڭلارنى، تاۋكا ئۈستىدە تۈگمەندەك پىرقىراپ يۈرگنىڭلارنى كۆرسەم، ئىلگىرىكى ۋاقىتلىرىمنى خىرە-شىرە ئەسلەيمەنۇ ئەسلىگەنسىرى ئۇ كۈنلەر ھەققىدىكى چۈشەنچەم غۇۋالىشپ بارىدۇ.
ھازىر مەندە گۆش بىلەن قاننىڭ سۈركىشلىشىدىن ھاسىل بولغان، گۈرجەكنى تاش يوللاردا بېسىپ سۆرىگەندە چىقىدىغاندەك چىشنى غۇچۇرلاتكۈزۈىۋېتىدىغان يېقىمسىز ئاۋاز يوق. گۆش بىلەن سۆڭەكنىڭ قاتتىق ئۇرۇلۇشىدىن چىققان يۈرەكنىڭ قات-قېتىغا كىرىپ ئادەمنى ئاچچىق تولغاندۇرىدىغان زەھەرخەندە تۇيغۇ يوق.
تۈرلۈك زىددىيەتكە تولغان دۇنيادىن ئەسكە چاپاننى تاشلىۋەتكەندەك سۇغۇرلۇپ چىقىشدىن كېيىن، مەندە قالغىنى پەقەت ئېچىرقاش. بۇ خىل كۈچلۈك ئاچلىق تۇيغۇسى، چۆللەردە نەچچە سائەت ماڭغىنىمدا بولۇپ باقمىغان. ئاخىرى يوق تەلپۈنۈشتۇر. بۇ خىل تەلپۈنۈش چاراسلاپ كۆيۈپ، كىچىكلەپ قورۇلۇشۇم بىلەن نەتىجىلەنمەكتە. نەچچە قېتىم بۇ خىل تۇيغۇ بىلەن جاھىللارچە قارشىلاشتىم. بىراق، مېنى تولىمۇ ئاجىزانە ئەمما چىڭ قامال قىلىپ تۇرغان بىر كۈچ تەرىپىدىن يەنە ھالسىرىغان ۋە سۈرگۈن ئۆزۈمنى قۇبۇل قىلىشقا چاقىرىلدىم.
غېرىبانە، سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردىن پىنھان جايلاردا تەشنا، چاڭقىغانچە سوغوق شاماللاردا ئۆزۈمنى سەگىتىۋاتقىنمدا، تولىمۇ يىراق جايلاردىن بەلكى ئۆزۈممۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان بىر يەرلىرىمدىن سىلەرنىڭ نالە-پەريادلىق، قىيا-چىيا ئاۋازىڭلار شاماللارغا ئۇلىشىپ بوراندەك تەگدى. ئەمدى سۈرمەكچى بولغان خىياللاردىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ ئۆزۈمگە مەمنۇنلۇق بىلەن باقتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tvnyukuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-19 16:17  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-19 12:34:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مەندە گۆش بىلەن قاننىڭ سۈركىشلىشىدىن ھاسىل بولغان گۈرجەكنى تاش يوللاردا بېسىپ سۆرىگەندە چىقىدىغاندەك چىشنى غۇچۇرلاتكۈزۈىۋېتىدىغان يېقىمسىز ئاۋاز يوق---ھاسىل بولغان گۈرجەكنى؟

تۈرلۈك زىددىيەتكە تولغان دۇنيانى ئەسكە چاپاننى تاشلىۋەتكەندەك سۇغۇرلۇپ چىقىشدىن كېيىن، مەندە قالغىنى پەقەت ئېچىرقاش
بۇ جۈملىدىمۇ راۋانلىق (گىراماتتىكىلىق) يوق. مەسىلەن؛ ئەسكى چاپاننى سۇغۇرلۇپ چېقىشىدىن كىيىن..

  ئىجادىيەتلىرىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-10-19 12:57:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« نەسر، مىنۇتلار، نەزەرىڭلار، يۈرگىنىڭلارنى، ئەسلىگەنسېرى، ئويغىنىپ، غۇچۇرلاتقۇزىۋېتىدىغان...» دېگەن سۆزلەرنى توغرا يېزىش كېرەك ئىدى، نەسردىكى روھىي پىغانلار يەنىمۇ چوڭقۇرلۇققا قاراپ يۈزلەنسە، ئوقۇرمەنگە زوق  بېغىشلايدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-19 16:14:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABLAJAN.BOWAKI يوللىغان ۋاقتى  2015-10-19 12:57
« نەسر، مىنۇتلار، نەزەرىڭلار، يۈرگىنىڭلارنى، ئەسلىگە ...

رەھمەت ئەستايىدىل كۆرۈپ ئىنكاس يازغىنىڭىزغا، مەن تۈزىتىپ چىقاي.  تەكلىپ -پىكىرلىرىڭىزنى بېرىپ تۇرغايسىز!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش