يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 420|ئىنكاس: 10

زۆھرەگۈل ھامۇت: ھېكمەتلىك سوۋغا (ئىتوت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-17 20:14:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                   ھېكمەتلىك سوۋغا
                                                        (ئىتوت)
                                                  زۆھرەگۈل ھامۇت
    سەھنىدە تازىلىق ئىشچىسى سۈپۈرگە بىلەن ئەتراپىنى تازىلاپ،ئەخلەت قاچىسىغا ئەخلەت ئېلىۋاتقان ھالەتتە نامايەن بولىدۇ.
    سودىگەر ئايال: (توختىماي گازىر چاققاچ) تېزرەك ماڭمامسەن قىزىم ئەزمەڭنى ئەزمەي؟قاتار چايدىكى دوستلار تولا سۈيلەپ ھېرىپ قالدى مېنى.
    قىزى: (بانان يەپ شۈپۈكىنى تاشلىغاچ) شەنبە كۈنى بولسىلا بىر ئىشىڭ چىقىدۇ ئاپا،مېنى قاتار چايغا ئاپىرىمەن دىگۈچە دۇكىنىڭنى ئاچساڭ بولمامدۇ؟مەن بارمايچۇ،ئۆيدە قېلىپ تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەي.
    سودىگەر ئايال: بىر كۈن دۇكان ئاچمىغانغا ئۆلەمتىم؟كىيىم لازىم بولسا ئۇچامدىكى كىيىملىرىمنى كۆرۈپلا خېرىدارلىرىمنىڭ يۈرىكىگە ئوت تۇتىشىپ ماڭا پالانى كىيىمدىن لازىم ئىدى دەپلا تېلىفۇن قىلىدۇ.بىچارىلەرگە ئىچىم ئاغرىپ لازىم دىگەن كىيىمنى دەرھال سېتىپ بېرىمەن.دىمىسىمۇ ئۇ بىچارىلەر دۇكىنىمدىكى پېچچەت كىيىملەرنى كىيىشىپ دۈشمىنىنىڭ كۆزىگە مىخ،يىگىتلىرىنىڭ كۆزىگە ئوت بولۇپ كۆرۈنسۇن. تاپشۇرۇقنى ئەتە ئىشلىسەڭمۇ ئوخشاش،ھازىردىن باشلاپ ئاشۇنداق سورۇنلارغا بېرىپ كۈنگىن.
     قىزى: (تازىلىق ئىشچىسىنى كۆرۈپ ھۇدۇقۇپ) ۋۇي، ئاۋۇ يەردە تازىلىق ئىشچىسى باركەن.(تاشلىغان شۈپۈكنى ئالمان-تالمان قولىغا ئېلىپ)ئاپا،گازىر چاقمىساڭچۇ، ئۇ ئاچاش جاپا تارتىپ تازىلىق قىلىۋاتسا سەن بۇ يەردە گازىر چاقساڭ بولامدۇ؟
    سودىگەر ئايال:ئۇ مۇشۇنداق قىلىپ جان باقمىسا قانداق جان باقىدۇ؟ (سومكىسىدىن بىر دانە بانان ئېلىپ سويۇپ يەپ شوپۇكىنى يەرگىلا تاشلاپ، لەۋ سۇرۇقى بىلەن كىچىك ئەينەك ئېلىپ لېۋىنى بويايدۇ).
    قىزى:ئاپا،بۇنداق قىلمىساڭچۇ.مۇئەللىم بىزگە ئاممىۋى سورۇندا تازىلىققا رىئايە قىلىڭلار دەپ تەربىيە بەرگەن.ئەينەككە قارىمىغىنە،خەق بىزگە قاراۋاتىدۇ.
سودىگەر ئايال:بىز خەق يولدىن ئۆتكەچ ئەخلەت تاشلاپ تۇرمىساق ئۇ خوتۇن زېرىكىپ قالمامدۇ؟
    تازىلىق ئىشچىسى ئايال: (ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ) قىزلىرى ناۋاتتەك گەپ قىلىدىكەن،ئۆزلىرى قىزلىرىچىلىكمۇ بولالمايدىكەنلا خېنىم.
    سودىگەر ئايال: (تېرىكىپ) ھۇي...خېنىم!بۇ نىمە دىگەنلىرى؟بۇ قىزىمنى كىچىكىدىن ناۋات بېرىپ چوڭ قىلغاچقا مۇشۇنداق ناۋاتتەك گەپ قىلىدىغان بالا بولغان،نىمە گەپ قىلمىسام جېنىمغا تېگىدۇ بۇ خوتۇن!
    قىزى:ئاپا،ئۇ ئاچاشنىڭ گېپى توغرا.
    سودىگەر ئايال: (قىزىغا ۋارقىراپ)ھەي ياخشى-ياماننى ئايرىيالمايدىغان بېزەڭ!خەقنى دەپ ئاپاڭنى ئەيىبلىگۈدەك بولدۇڭما؟
    قىزى:سەن خاتا قىلغان تۇرساڭ.
تازىلىق ئىشچىسى ئايال: قارىسام تازا تەتۈر ئايالكەنلا.سىلى بىلەن گەپ تالىشىپ ۋاقتىمنى زايە قىلغۇچە ئىشىمنى قىلاي.
    سودىگەر ئايال: (ئالىيىپ)كىم سىلىگە گەپ قىلىپتىكەن؟سىلىدەك كۆك ئۈچەيگە گەپ قىلىپ ئاغزىمنى ئۇپراتقىچە مەنمۇ يولۇمغا ماڭاي! (سومكىسىدىن تازىلىق قەغەز ئېلىپ مىشقىرىپ قەغەزگە سۈرتكەندىن كېيىن قەغەزنى كەينىگە تاشلاپ قولىنى سىلكىيدۇ.شۇ پەيتتە قولىدىن ئالتۇن بىلەيزۈكى «تىرىڭڭىدە» يەرگە چۈشىدۇ. ئالدىراش سائىتىگە قاراپ)بولە تېز،ماشىنا كېلىپ قالدى.(ئالدىراش سەھنىدىن چىقىپ كېتىدۇ).
    تازىلىق ئىشچىسى ئايال: ( ئۇنىڭ قولىدىن چۈشۈپ قالغان ئالتۇن بىلەيزۈكنى كۆرىدۇ-دە ئىتتىك قولىغا ئېلىپ يۈگۈرۈپ)ھىي خېنىم ،توختاڭ،بىلەيزۈكىڭىز چۈشۈپ قالدى...كەينىدىن يېتىشىپ بولغىچە ماشىنىغا چىقىپ بولدىغۇ بۇ ئايال؟مېنى تېخى كۆك ئۈچەي دەپ تىللاۋاتىدۇ ئاغزىغا باقماي سۆزلەپ.تازىمۇ بىر مەدەنىيەتسىز ئايالكەن بۇ. قىزىڭنى دورىساڭچۇ كاشكى.تېخى بايىلا تازىلىغان يەر ئىدى،ھەي...ئىشتىن چۈشىدىغىنىمغا خېلى ۋاقىت بار،ئۇ بىلەيزۈكىنىڭ يوقاپ كەتكىنىنى بىلسە ئىزدەپ كېلىپ قالار،كەلمىسە ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرەرمەن.ئىشىمنى قىلغاچ ساقلاي. (يەنە تازىلايدۇ. تېلىفۇن كېلىپ ئۇ بىرسى بىلەن ئەھۋاللىشىدۇ)قانداق ئەھۋاللىرى خوشنام؟ھە،مەنمۇ قەدىر ئەھۋال.يەنەجاپاتارتىپ ئوغلۇم پۇرقەتكە تاماق ئەچىققانمىدىلە؟ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا دادا بالا ئىككىسى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ دادىسىدىن ئايرىلىپ قالدۇق، بىچارە ئوغلۇم پالەچ بولۇپ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بەك قىينالدى.ئۇنى ئوقۇشسىز قويماسلىق ئۈچۈن ھەر كۈنى ئەتىگەن قاراڭغۇدا كېلىپ خەلق مەيدانىنى تازىلاپ بولۇپ يەنە ئۆيگە قايتىمەن،بالامنى ئەتىگەنلىك غىزالاندۇرۇپ مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىمەن،چۈشتە يەنە ئالدىغا بېرىپ ئەكىلىۋالىمەن،بەزىدە ساۋاقداشلىرى ھەتتا مۇئەللىملىرىمۇ ئەكىلىپ قويدى. ئوغلۇم مېيىپ بولسىمۇ بەك ئەقىللىق،مەكتەپ بويىچە ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇدى دىسىلە.بۈگۈن بالامنىڭ تازا مىجەزى يوقتى. ئۇنىڭغا دورا بېرىپ قويغان بولسىلا بوپتىكەن، دائىم سىلىنى ئاۋارە قىلىپ كېلىۋاتىمەن...مەن ئىشتىن چۈشۈپلا بارىمەن.ماقۇل ئەمىسە،سەل تۇرۇپ كۆرۈشەيلى،خوش.
    تازىلىق ئىشچىسى ئايال: ( يەرنى تازىلاۋاتسا بىر دانە بانان شۆپۈكى بېشىغىلا تېگىدۇ)ۋۇي بېشىنى يەيدىغان!ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ ئەخلەت تاشلاپ ماڭغىنىنى كۆرمەمدىغان بۇ تەربىيىسىزنىڭ؟
سەھنىگە بىر قولىدا سۇلياۋخالتىغا يىمەكلىك ئېلىۋالغان يىگىت چىقىدۇ.
    يىگىت: (يانفۇندا سۆزلىشىپ)ئوخ...خو...(تازىلىق ئىشچىسى ئايال بۇ ئاۋازدىن قاتتىق چۆچۈپ كېتىدۇ)سەن ھازىر نەدە؟مەن خەلق مەيدانىدا سېنى ساقلاۋاتىمەن. (سۆزلىگەچ خالىتىدىن خاسىڭ ئېلىپ يەپ شۈپۈكىنى خالىغان يەرگە تاشلايدۇ،تازىلىق ئىشچىسى يىگىت ئەخلەتنى نەگە چاچسا شۇ يەرگە بېرىپ تازىلايدۇ).تېز كەلگىنە جېنىم ئادەمنى تەقەززا قىلماي.
قىز سەھنىگە چىقىدۇ.
    قىز:مانا كەلدىم.
    يىگىت:بۇ ياققا كەلگىنە،ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى. (ئىككىسى بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ مىۋە يەپ شۈپۈكىنى تاشلاشقا باشلايدۇ).
    تازىلىق ئىشچىسى ئايال: (يانچۇقىدىن سۇلياۋ خالتا چىقىرىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا قويۇپ)ئۇكىلىرىم،خاپا بولماي ئەخلەتنى بۇ خالتىغا تاشلاڭلار.
    يىگىت:ئاچا،ئادەمنىڭ گېپىنىڭ قاپ بېلىگە تەپمەي نېرى كەتسىلە.
تازىلىق ئىشچىسى ئايال:سىلەر باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەشنى بىلمەمسىلەر؟
    قىز:ئاچا،بولدى خاپا بولمىسىلا، (يىگىتكە قاراپ)دىمىسىمۇ ئۇ بىر تەرەپتىن تازىلاۋاتسا بىز ئەخلەت تاشلىساق تازا قاملاشمىدى جۇمۇ.
    تازىلىق ئىشچىسى ئايال: ئۇكىلىرىم،ھازىر پاكىزە شەھەر مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ناھىيە بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەركىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ.مۇھىت تازىلىقىنى قوغداش ھەممە كىشىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.ھەممە ئادەم تازىلىققا رىئايە قىلغاندىلا پاكىزە مۇھىت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
    قىز: (خىجىل بولۇپ) بۇ ئاچام توغرا ئېيتىدۇ.ئۇ ئاتايىن كېلىپ يېنىمىزغا سۇلياۋ خالتا قويۇپ كەتكەندىن كېيىن ئەخلەتنى يەرگە تاشلىمايلى.
    يىگىت: (خىجىل بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ)بىز خاتا قىپتىمىز ئاچا،بايىقى ئەدەبسىزلىكىمىزنى كەچۈرىۋەتسىلە.
    تازىلىق ئىشچىسى ئايال: خاتالىقىڭلارنى تونۇغىنىڭلارنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش.باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسنى قەدىرلىسەڭلار قارشى تەرەپمۇ سىلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ.ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت تاپارسەن دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟ مەن ھەرگىز خاپا بولمايمەن.
    يىگىت:يۈرە،ئويۇنغا كېچىكىپ قالمايلى. (سەھنىدىن چىقىپ كېتىدۇ).
    سەھنىگە سودىگەر ئايال بىلەن قىزى چىقىدۇ.
    قىزى:ئاپا،ئاۋۇ تازىلىق ئىشچىسى ئاچاشتىن سوراپ باقايلى.
    سودىگەر ئايال: ئۇ تېگى پەس خوتۇن ئۇچرىتىپ قالسا مېنى نەس باسقىنى شۇ.
    قىزى:بۇ نىمە دىگىنىڭ؟ئۇنى بىكاردىن بىكار ھاقارەتلەۋاتىسەنغۇ؟
    سودىگەر ئايال: ئۇنىڭغا ئۇچرا پ قالسا بەرمەسمىكىن دەيمەن.
    قىزى:سورىغاننىڭ نىمە يامىنى بار؟
    سودىگەر ئايال: (جىددىي قىياپەتتە تازىلىق ئىشچىسىغا قاراپ)بايا ئۆيدىن چىققاندا بىلىكىمدە ئالتۇن بىلەيزۈكۈم بار ئىدى،چايغا بېرىپ قارىسام يوق تۇرىدۇ،سىلى ئۇچراتمىغانلا؟
    تازىلىق ئىشچىسى ئايال: (يېنىدىن بىلەيزۈكنى چىقىرىپ)مۇشۇ شۇمۇ؟
    سودىگەر ئايال: (ھاياجانلىنىپ ۋارقىراپ)ۋۇي شۇ...شۇ...شۇ...
    تازىلىق ئىشچىسى ئايال: (ئۇنىڭغا سۇنۇپ)بايا شۇنچە چاقىرسام ئاڭلىماي كېتىپ قالدىلا،بىلەيزۈكىنى يوقىتىپ قانچە كۆڭلى يېرىم بولغاندۇ دەپ سىلىنى ساقلاپ تۇرغان.
    سودىگەر ئايال: (خۇشال بولۇپ)رەھمەت سىلىگە.سىلى بەك ئاقكۆڭۈل ئايالكەنلا.
     قىزى: (ئاپىسىنى يانغا تارتىپ)ئاپا،مەن بۇ ئاچاشنى تونۇيمەن،ئۇ مەن ساڭا دائىم گېپىنى قىلىپ بېرىدىغان،مەكتەپ بويىچە ئەلاچى مېيىپ ئوقۇغۇچى پۇرقەتنىڭ ئاپىسى،ئۇنىڭغا رەھمىتىڭنى بىلدۈرۈپ قويغىن،ساۋاقدىشىمغا قىلغان ياردىمىڭ بولۇپ قالار.
    سودىگەر ئايال: (پورتمالدىن پۇل ئېلىپ ئايالغا تەڭلەپ) بۇ200يۇەن پۇلنى ئاز بولسىمۇ سۈيۈنچىگە بېرەي،لازىم قىلسىلا.
    تازىلىق ئىشچىسى ئايال:بولدى، ماڭا پۇلنىڭ لازىمى يوق.
    سودىگەر ئايال: پۇلنى ئاز كۆرۈپ قالمىغانلا؟ناۋادا شۇنداق بولسا يەنە قوشاي. (سومكىسىدىن پۇل ئېلىشقا ھەركەت قىلىدۇ).
    تازىلىق ئىشچىسى ئايال: (خاپا بولۇپ)مەن سىلىدىن ھىچنىمە تاما قىغىنىم يوق.پۇللىرىنى دەرھال يانلىرىغا سالسىلا.
    سودىگەر ئايال:بۇنىڭدا قانداق بولىدۇ؟
    تازىلىق ئىشچىسى ئايال: ھىچنىمە بولمايدۇ.سىلى مېنى كۆپرەك پۇل ئۈندۈرىۋېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ قالغان ئوخشىماملا؟ئادەم ئۈچۈن پۇلدىنمۇ مۇھىم بىر نەرسە بار،ئۇ بولسىمۇ پاك ۋىجدان،سەمىمىي قەلب.
    سودىگەر ئايال: توۋا...سىلى ھەقىقەتەن كەم تېپىلىدىغان ئېسىل خىسلەتلىك ئايالكەنلا .مەن سىلىنىڭ سىرىتقى قىياپەتلىرىگە قاراپلا باھا بېرىپتىمەن ئەمەسمۇ؟مەن سىلىدىن ئۆگەنسەم بولغىدەك.
    تازىلىق ئىشچىسى ئايال: بايا قىزلىرى سىلىگە يەرگە ئەخلەت تاشلىماسلىق توغرىسىدا گەپ قىلسا ئۇنىڭ گېپىنى قىسلچاقلىرىغىمۇ ئالماي كېتىپ قالدىلا،تاپشۇرۇق ئىشلەيمەن دىسە قاتار چايغا بارىسەن دەپ جاھىللىق قىلدىلا.قىز بالا دىگەن مىللەتنىڭ ئانىسى ئەمەسمۇ؟قىز بالىنى مۇشۇنداق تەربىيلىسىلە ئۇ كېيىن قانداق ئادەم بولۇپ چوڭ بولار؟ئۇنىڭ بالىسىچۇ؟
    سودىگەر ئايال: (خىجىل بولۇپ)مېنىڭ بالا تەربىيلەش ئۇسۇلۇم توغرا بولماپتۇ،شۇ تاپتا خىجىللىقىمدىن يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بولۇۋاتىمەن.
تازىلىق ئىشچىسى ئايال: خاتالىقىنى تونۇغان ئادەم ياخشى ئادەم.قىزلىرى ياخشى مەكتەپ تەربىيىسىگە ئىگە بولغاچقا سىلىنىڭ خاتالىقلىرىنى تېزلا بايقىۋالدى.ياخشى بالا تەربىيلەش ئۈچۈن ياخشى ئانا بولۇش كېرەك. سىلى مۇشۇ ئەپتىلىرى بىلەن قانداقمۇ قىزلىرىغا ئۈلگە بولالايدىلا؟ سىلى مۇشۇ شەخسىيەتچىلىكىلىرى بىلەن بالا تەربىيلىسىلە جەمئىيەتتە يەنە بىر داشقالنى ئاينىتقان بولمامدىلا؟
    سودىگەر ئايال: مەن سىلىنىڭ سۆزلىرىنى ئېسىمدە چىڭ تۇتىمەن.سىلىگە كۆپ رەھمەت.
تازىلىق ئىشچىسى ئايال: ماڭا رەھمەت ئېيتماي،ۋۇجۇدىلىرىدىكى مەينەت كىرلەرنى تازىلىسىلا.مەن سىلىگە بىر ئېغىز ھېكمەتلىك سۆزنى ھەدىيە قىلماقچىمەن: «ئۆزۈڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي دىگەن كىشى ئۆتۈپ كەتكەن شەخسىيەتچى ئادەملەر تەبىقىسىدىندۇر»!
    سودىگەر ئايال: مەن چوقۇم سىلىنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىدىن ئۆگىنىمەن.سىلىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!(كۆزىگە ياش ئالىدۇ).
    تازىلىق ئىشچىسى ئايال: بولدى،خىجىل بولمىسىلا،سىلىنىڭ ئورۇنلىرىدا باشقا ئادەم بولغان بولسىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇنداق قىلغان بولاتتىم. (سائىتىگە قاراپ)ۋۇي،ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قاپتۇ،ئوغلۇم پۇرقەتنىڭ مىجەزى يوقتى،دەرھال قايتمىسام بولمايدۇ،خوش ئەمىسە.(سودىگەر ئايال بىلەن قىز ئۇ كەتكەن تەرەپكە ھاڭۋېقىپ قالىدۇ).
    سودىگەر ئايال: (ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ) ئۇ ھەقىقى پەرىشتىكەن،مەن ئۇنىڭ ئاددىغىنە ئۈستىبېشىنى كۆرۈپ كۆزگىمۇ ئىلماپتىكەنمەن.ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرغان ھېكمەتلىك سۆزى ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك.مەن ئۇ سۆزلەرنى كەشتىلەپ رامكىغا ئېلىپ مېھمانلىق ئۆينىڭ تۆرىگە ئېسىپ قويىمەن.ھەر كۈنى ئۇ ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن قەلبىمنى پاكلايمەن.ئۇ ماڭا ئادەم بولۇشنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئۆگەتكەن قالتىس ئايال! (ھاياجان ئىلكىدە سۆزلەيدۇ).
    قىزى: ئاپا،بىز بۇ يەردە تۇرۇۋەرمەي ئۇ ئاچاشنىڭ كەينىدىن بېرىپ پۇرقەتنى يوقلاپ كېلەيلىچۇ.
    سودىگەر ئايال: توغرا دەيسەن قىزىم،چاققان ماڭايلى!!!... (ئۇلار ئالدىراپ تازىلىق ئىشچىسى ئايال كەتكەن تەرەپكە ماڭىدۇ)

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-18 10:56:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام زۆھرەگۈل!
ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى ژانىرلىرىدا يېزىلغان ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرۋاتىسىز . بولۇپمۇ سىناريە ، ئېتۇت دېگەندەك كىشىلەر ئانچە يېقىنلاشمايدىغان ژانىرلاردا ئەسەر يېزىپ ،ئۆزگۈچە خاسلىغىڭىز بىلەن ئەدەبىيات بېغىدا ئۆزگۈچە پۇراق چېچۋاتىسىز  .  بۇ ئەسىرىڭىزمۇ تېتىملىق يېزىلىپتۇ . سىزگە بەركەت تىلەيمەن!

مۇلايىم، سۇمباتلىق چىرايىڭىز  ئەينەكتەك ئالدىمدىلا . تونۇشقان چاغلارنى سېغىنىپ قالىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-18 10:59  


ۋاقتى: 2015-10-18 11:23:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق مول نەتىنجە يارتىشىڭىىزغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2015-10-18 13:00:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژانىر ئارقىلىق بۇنداق كونا مەزمۇنلارنى  قايتىدىن يۇرتۇشتا،ئاساسلىقى يۇمۇرستىك تەرەپلىرگە بەكرەك كۇچىشڭىزنى ئۇمۇد قىلمان...

ۋاقتى: 2015-10-18 14:14:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             مول ھوسۇللۇق بولۇپ كېتىۋاتىسىزغۇ،   ‹‹ شىرت-شىرت ›› قىلىپ يېزىۋېرىڭ. پىشقانلىرى چىقىدۇ، ‹‹ خام ›› لىرى مەشق بولۇپ قالىدۇ. ھەر قانداق مېۋىنىڭمۇ  شۆپىكى ، شاكىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بىزدەك بولغېچە، ‹‹ چولپان ›› بولۇپ كېتەرسىز، بەلكىم.  ‹‹سوتۇق ›› نىڭ گېپى قۇلىقىڭىزغا پايدىلىق .

ۋاقتى: 2015-10-18 14:44:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتوتنى قانداق يازىدۇ قائىدىسىنى چۈشۈنۋالدىم، سىزگە ئامەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-10-18 17:53:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز، ھەرخل ژانىردا ئەسەر يازىدىكەنسىز يازغاندىمۇ ياخشى يازىدىكەنسىز.

ۋاقتى: 2015-10-18 19:45:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى تىجارەتچى ئايال بىلەيزۈكنى سوراشتىن ئىلگىرى تازىلىق ئىشچىسى ئايال تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىلەيزۈكنى بېرىۋېتىدىغان قىلىپ يېزىلغان بولسا،دەپ ئويلاپ قالدىم.

باھا سۆز

لىرى ئىتوتنىڭ رىئاللىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ قويغاندەك تۇرىدۇ.  ۋاقتى: 2015-10-25 04:56 PM
پىكرىڭىز ئورۇنلۇق.ئىتوتنىڭ ئاخىرىدىكى تازلىقچى ئايالنىڭ دەبدەبىلىك سۆز  ۋاقتى: 2015-10-25 04:55 PM
ۋاقتى: 2015-10-18 22:20:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ماڭا بەك ياقتى ھەدە !

ۋاقتى: 2015-10-18 22:26:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز ئادەمنى بەك ئويلاندۇرىدۇ....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-24 19:26:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمامغا ئاتايىن ۋاقتىنى ئاجرىتىپ نەزەرىنى ئاغدۇرغان بارلىق دوستلارغا قىزغىن سالام!
سالام قەلبىنۇر!قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرەلمىگىنىمدىن ئۆزرىلىكمەن،مەنمۇ سىزنىڭ بىر-بىرىدىن يېقىشلىق،دىلغا ئارام نەسىرلىرىڭىزنى چىن قەلبىمدىن ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.سىزنىڭ مەدەتلىرىڭىزدىن دىلىم سۆيۈندى،بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەيلى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش