يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 380|ئىنكاس: 6

زۆھرەگۈل ھامۇت: ئاخىرقى قارار(ئىتوت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-17 20:01:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                                       ئاخىرقى قارار
                                                                         (ئىتوت)
                                                                 زۆھرەگۈل ھامۇت
قاتناشقۇچىلار:
سۇلايمان: دېھقان (38ياش)
كېۋىرئاخۇن: دېھقان (45ياش)
ياسىن:كەنت كومتىتىنىڭ مۇدىرى (40ياش)
ئورمان ساقچىسى: (35ياش)
    سەھنىگە كېۋىرئاخۇن چىقىپ كېلىدۇ.
    كېۋىر ئاخۇن:  (تاماشىبىنلارغا قاراپ ساقىلىنى سىلىغاچ قايناپ سۆزلەپلا كېتىدۇ)ۋاي توۋا! ۋاي توۋا! (ساقىلىنى يۇڭدىغاندەك ھەركەت قىلىدۇ) ھازىر جاھان نىمە بوپ كېتىۋاتىدۇ ھەي؟ بۇلاڭچىمۇ نىمە ئۇ نىمىلەر؟تايىنى يوق نەرسىسىنى ئەجەپ قىممەت ساتىمەن دەيدىيا؟
    سەھنىگە سۇلايمان چىقىپ كېلىدۇ.
    سۇلايمان: (ھەيران بولۇپ)ۋۇي كېۋىركا،بۇ ئەتىگەندە كىمنى بۇلاڭچى دەپ تىللاۋاتىلا؟بىرەرسى بىر نىمىلىرىنى بۇلىۋالمىغاندۇ؟
    كېۋىر ئاخۇن: ھەي ئۇكام،مېنى بىرسى بۇلىۋالمىدى،بۇلىۋالغىلى تاس قالدى.قاراڭ ئۇكام،ھويلىغا بىر يۈرۈش ئۆي سالاي دەپتىم،بۈگۈن بازار كۈنى بولغاندىن كېيىن ئۆي سالىدىغانغا كېتەرلىك بادرا،بالا ياغاچنى ئېپىدە ئېلىۋالارمەن دەپ ياغاچ بازىرىغا بارسام،نەدىكى تايىنى يوق،ئىنچىكە،ئاجىز ياغاچلارنىمۇ پالانى پۇل دەپ ئاسمانغا ئېسىشىۋاتمامدا؟شۇڭا تېرىكىپ ياغاچمۇ سېتىۋالماستىن ئۆيگە قايتىپ ماڭدىم.ياغاچنى بۇنچە قىممەت سېتىۋالىدىغان ئىش بولسا ئۆي سالماپتىمەن بولدى!
    سۇلايمان: ھا...ھا...ھا...مۇشۇنچىلىك ئىشقىمۇ شۇنچە خاپا بوپ كېتەملا كېۋىركا؟ياغاچ بازىرىغا بېرىپ ياغاچ ئالالمىغان بولسىلا مانا مەن سىلىگە پۇلغا سېتىۋالمايدىغان،قاتار-دۇتتاردا بار راۋرۇس ياغاچ تېپىشىپ بېرىمەن.قانداق دىدىم؟
    كېۋىر ئاخۇن: (قىزىقىپ) ھەجەپ بەلەن گەپ قىلدىڭىز ئۇكام،قېنى دەڭە، سىز دىگەن پۇلغا سېتىۋالمايلا ئالغىلى بولىدىغان،قاتار-دۇتتاردا بار ياغاچ نەدە باركەن؟
    سۇلايمان: كېۋىركا،مېنىڭ ھازىر نەدىن كەلگەنلىكىمنى بىلەملا؟
    كېۋىر ئاخۇن:ئۇكاموي،مەن يا رەمچى بولمىسام،سىزنىڭ نەدىن كەلگىنىڭىزنى نىمە بىلەي؟
    سۇلايمان: (ئەتراپىغا ئەنسىز قارىۋېتىپ ئاۋازىنى سەل پەسەيتىدۇ) قارىسىلا، مەندىمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ھويلا ئىچىگە بىر يۈرۈش ئۆي سالاي دىگەن ئوي بار ئىدى.مەھەللىمىزدىكى مەھمۇت ئاخۇن بىلەن ئالدىنقى كۈنى تارىمغا بارغان.ئىككىمىز بىرلىشىپ تارىمنىڭ خىلۋەت يېرىدىكى توغراقلىقتىن كېچىلەپ توغراق كەستۇق-دە،تاڭ ئاتارغا يېقىن مەھەللىگە قايتىپ كەلدۇق.ئۇ دىگەن شۇنداق نوچى ياغاچلار دىسىلە. قانداق،بۇ ئامال بولامدىكەن؟
    كېۋىر ئاخۇن: (جىددىيلىشىپ) ئىككىڭلارنىڭ توغراق كەسكىنىڭلارنى بىرەرسى كۆردىمۇ؟
    سۇلايمان: (خاتىرجەملىك بىلەن) ئورمان ساقچىسى ھەممە ئورماننى مۇھاپىزەت قىلىپ بولالمايدۇ كېۋىركا،ئۇلار كۆرمىگەن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئولجا ئالدۇق دىسىلە.
    كېۋىرئاخۇن:سۇلايمان ئۇكام،يېقىندا رادىئو،تېلىۋۇزۇردا دەل-دەرەخلەرنى قالايمىقان كەسكەن قىلمىش سادىر قىلغۇچىلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى توغرىلىق ئۇقتۇرۇش بەرگەندەك قىلغان،يەنە كېلىپ توغراق دۆلەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان دەل-دەرەخ تۈرى دەپ ئاڭلاتقىنى ئېسىمدە.ياش بىر يەرگە بارغاندا ھېلى ئاڭلىغان نەرسە ھازىر ئېسىدە قالمايدىغان گەپكەن،مۇشۇ ئىشتا سىلەر توغرا قىلمىغاندەك تۇرىسىلەر جۇمۇ.
    سۇلايمان: (دىمىقىدا كۈلۈپ قويۇپ)ئۈلۈشكۈن ئەكەلگەن توغراقنى ھىچكىم كۆرمىدى.ئۇنى ئارقا ھويلىغا چۈشۈرۈپ ئۈستىنى بىر قۇر ئوت-چۆپتە يېپىۋەتتۇق،كېۋىركا،كونىلار:«ھەر ئىشقا پەم كېرەك،ئۆتۈككە چەم»دەم بىكار ئېيتمىغان،كاللا ئىشلىتىۋىدۇق،مانا كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان،زىقمۇ كۆيمەيدىغان ئامالدىن بىرى تېپىلىدىغۇ؟توغراقتىن نەچچە تۈپ كېسىپ قويغانغا تارىمدىكى توغراق ئازلاپ كېتەمتى؟توغراق كەسكەنگە بىرەر ئادەم زىيان تارتىپ قالامتى؟كەڭ ئورمانلىقتا توغراق دىگەن جىق تۇرمامدۇ ئەنە؟
    كېۋىر ئاخۇن: (دېلىغۇل بولۇپ)بۇ دىگىنىڭىزمۇ ئورۇنلۇقتەك قىلامدۇ نىمە ئۇكام؟
سەھنىگە  ياسىن چىقىپ كېلىدۇ.
    ياسىن:ۋۇي،كېۋىركا،سۇلايمان،سىلەر ئەتىگەندىلا قىزىق مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىپسىلەرغۇ؟
    سۇلايمان: (جىددىيلىشىپ)ھىچنىمە دىيىشمىدۇق... ھىچنىمە دىيىشمىدۇق...
    ياسىن:بايا توغراق توغرىسىدا گەپ قىلىشىۋاتقىنىڭلارنى ئاڭلاپ قېلىۋىدىم،مېنى كۆرۈپلا سۇلايماننىڭ زۇۋانى ئۆچۈپ قالدىغۇ كېۋىركا؟
    كېۋىر ئاخۇن: (دېلىغۇل بولۇپ)بىز ئۆي سېلىش توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتىمىز مۇدىر.
    ياسىن:گەپ ئۇنداق ئاددىي ئەمەستۇ؟مەن بايا سۇلايماننىڭ گەپلىرىنىڭ ھەممىنى ئاڭلىدىم.
    سۇلايمان: (ھۇدۇقۇپ)مەن نىمە دەپتىمەن؟
    ياسىن:بايا سىزنىڭ توغراق كەسسە ھىچكىمگە زىيىنى تەگمەيدۇ دەۋاتقىنىڭىزنى ئاڭلاپ قالدىم.بۇ سېپى ئۆزىدىن خاتا گەپ جۇمۇ ئۇكام.سىز ئورمان بەرپا قىلماقتا يوق،ياغاچ كېسىدىغان قاملاشمىغان گەپنى قىلىۋاتىسىز.يەنە كېلىپ دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان توغراقنى دەڭە!
    سۇلايمان: (ھۇدۇقۇپ)مەن بىلمەي قاپتىمەن مۇدىر،مەن ماڭاي،خوش مۇدىر،خوش كېۋىركا...
    ياسىن:نىمىگە بۇنچە ھودۇقىسىز سۇلايمان؟
    (سۇلايمان ياسىننىڭ گېپىنى جاۋابسىز قويۇپ ئالدى-كەينىگە دەلدۈگۈنۈپ ماڭغىنىچە سەھنىدىن ئايرىلاي دىگەندە ئورمان ساقچىسى كېلىپ ئىككى ھەمراھى بىلەن سۇلايماننى توسىدۇ).
    ئورمان ساقچىسى: نەگە قاچماقچىسەن؟
    سۇلايمان: (نارازى بولۇپ)مېنى نىمىشقا توسىسىلەر؟مەن ئالدىرايمەن،كەتكىلى قويۇڭلار!
    ئورمان ساقچىسى: قىلغۇلۇقنى قىلىپ قويۇپ ئاسانلا قېچىپ قۇتۇلماقچىمۇ سەن؟
    سۇلايمان:مەن نىمىنى خاتا قىپتىمەن؟
    ئورمان ساقچىسى: (سۇلايماننى سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئەكىلىپ)بىرسى سېنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز دەل-دەرەخ كەسكەن قىلمىشىڭ توغرىلىق دىلو مەلۇم قىلدى.بىز ئىنچىكىلەپ رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق دىلو مەلۇماتىنىڭ ھەقىقى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. سېنى قولغا ئېلىشتا دىلو پاكىتى ئېنىق،ئىسپات يېتەرلىك.
    ياسىن: (تەمتىرەپ)ساقچى،سىز خاتالىشىپ قالمىغانسىز؟سۇلايمان بىزنىڭ كەنتنىڭ ئەزاسى،ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس!
    كېۋىرئاخۇن: (غال-غال تىترەپ)ساقچى ئۇكام،سۇلايماننى ئېلىپ كېتەمسىلەر؟
    ئورمان ساقچىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،بىر قىسىم قانۇن ئېڭى تۆۋەن  پۇقرالار دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ،قالايمىقان بوز يەر ئېچىپ،يانتاق،چۈچۈكبۇيا،يۇلغۇن قاتارلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ۋەيران قىلىش،قالايمىقان دەل-دەرەخ كېسىش،كىيىك،قارچىغا،توشقان قاتارلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى ئوۋلاشتەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ،ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماقتا. «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ45-ماددىسىنىڭ2-تارمىقىدا دەل-دەرەخلەرنى قالايمىقان كېسىش جىنايىتى ئۈچۈن«ئۈچ يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىلىپ،قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ»دەپ بەلگىلەنگەن.قايسىدۇر بىر كىتابتا:«ئورمان يەر شارىنىڭ ئۆپكىسى!ئورماننىڭ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىكى رولى ئىنتايىن چوڭ،ئۇ فۇتۇسىنتىز ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ھاۋادىكى ھۆل-يېغىن مىقدارىنى ئاشۇرۇپ،ھاۋانىڭ نەملىكىنى ياخشىلايدۇ.ئورمان ھاۋادىكى كاربۇن تۆت ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ،ئۇنى سۇ بىلەن بىرىكتۈرۈپ،كاربۇن سۇ بىرىكمىلىرى ھاسىل قىلىپ،داۋاملىق ئوكسىگىن ئىشلەپچىقىرىپ ھاۋانى تازىلايدۇ.ئورمان تۇپراقنى ياخشىلاش،ئۆزگەرتىش،ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە.ئۇ تۇپراقنى سۇنىڭ ئېقىتىپ كېتىشىدىن،شامالنىڭ ئۇچۇرۇپ كېتىشىدىن ساقلاپ،تۇپراقنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ.دېھقانچىلىقتىن مول-ھوسۇل ئېلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.ئورماننىڭ يەنە شور ۋە قۇمنى تىزگىنلەش ئۈنۈمى يۇقىرى،شورلۇق يەرگە جىگدە،سۆگەت،جىغان،يۇلغۇن قاتارلىقلارنى تىكىش ئارقىلىق شورلۇق يەرنى مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.ئورمان كۆڭۈلدىكىدەك سۇ ئامبىرى بولۇپ،تېنىدىكى سۇنى پارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق مۇھىتنى سالقىنلاشتۇرىدۇ.ھاۋادىكى چاڭ-توزان،ئىس-تۈتەك،زەھەرلىك گازلارنى سۈمۈرىۋېلىپ،مۇھىتنى ساپلاشتۇرىدۇ.ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،بىر مو ئورمانلىق يىلىغا ئوتتۇزدىن ئاتمىش توننىغىچە توپا،چاڭ-توزاننى سۈمۈرىۋالىدۇ.ئېرىق-ئۆستەڭ،سۇ ئامبىرى قاشلىرىنى قوغداشتا مەسئۇلىيەتچان قاراۋۇل ھىسابلىنىدۇ.ئورمان يەر شارىدىكى مىليۇنلىغان ھايۋانات،ئۇچار قاناتنىڭ باشپاناھى بولۇپ،بۇ جانلىقلارنىڭ ئورماندا ياشاپ،ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى ئۈچۈن پايدىلىق»دىيىلگەن...
    سۇلايمان: (غال-غال تىترەپ)ھە؟نىمە!؟ساقچى ئۇكام،مەن قىلمىشىمغا توۋا قىلاي،بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىش قىلمايمەن،مېنى قويۇۋېتىڭ،ئۆتۈنۈپ قالاي جېنىم ئۇكام!
    ياسىن: (ئېچىنىش ئىلكىدە سۇلايمانغا قاراپ)سۇلايمان!ھۆكۈمەت رادىئو-تېلىۋۇزۇر،گېزىت-ژۇرنال قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ كەنت ئەزالىرىنىڭ قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتىرىۋاتىدۇ.بىز كەنت كادىرلىرى ئەپ تاپساقلا سىلەرگە قانۇن تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز،قارىغاندا سىزدە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تەلتۆكۈس تۈگىتىلمەپتۇ،كاللىڭىزدىكى قاتماللىقلارنى چۆرۈۋەتكۈڭىز كەلمەي،ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىگە خىلاپلىق قىپسىز ئەمەسمۇ؟ (يانچۇقىدىن كىچىك بىر كىتاب ئېلىپ سۇلايمانغا قارايدۇ)بىزدە«كۆچەتنى سۇندۇرغىچە قولۇڭنى سۇندۇر»دىگەن ھېكمەتلىك سۆزبار.قولۇمدىكى«روھىي ساغلاملىق ئۈگۈتلىرى»دىگەن كىتابتا بۇ سۆزنى ئەقىل-پاراسەتلىك ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۇنداق دەپ شەرھلەپ بەرگەن: «بىز يېشىللىققا مۇھتاج،بالام.قارىغىنكى،ئەتراپىڭنىڭ ھەممىسى پايانسىز قۇم-بارخانلىرى،قاقاس تاغلار،قوقاستەك قىزىق،قۇرغاق ھاۋا بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ.يېشىللىق،نەملىك،ساپ ھاۋا بولمىسا بىز ھاياتىمىزنى راستىنلا داۋاملاشتۇرالمايمىز.ئورماننى قەدىرلە،گۈل-گىياھ،كۆچەتلەرنى كۆز قارىچۇقۇڭنى ئاسرىغاندەك ئاسرا!يېشىللىق بىزگە نەپ بەرسە بېرىدۇكى،ھەرگىز زىيان سالمايدۇ.مۇھىتنى ياخشىلايدىغان مۇشۇنداق گىياھلارنى دەسسەپ-چەيلەشتىن،سۇندۇرۇشتىن ئۇيال.كۈچۈڭنىڭ يېتىشىچە كۆچەت تىك،ئورمان بىنا قىل.مۇھىتقا،ئۆزۈڭ ياشايدىغان ئەزىز ماكاننىڭ گۈزەللىكىگە بىر تال كۆچەت بولسىمۇ تۆھپە قوش!»
    سۇلايمان: (ياسىنغا ئۆتۈنگەندەك قاراپ)ياسىن مۇدىر،مېنىڭ كاللام راستىنلا بەك ئاددىيكەن،باياتىن بولۇنغان پەندى-نەسىھەتلەردىن قىلغانلىرىمنىڭ ئىنتايىن خاتا بولغانلىقىنى بىلدىم.ساقچىغا ياخشى گېپىمنى قىلىپ قويسىڭىز...مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئىللا-بىللا بۇنداق قىڭغىر يولدا ماڭمىسام...
    ئورمان ساقچىسى: (بۇيرۇق قىلىپ)ئەمدى جىق گەپ قىلماي ئالدىڭغا قاراپ ماڭ!
ئورمان ساقچىسى سۇلايماننى ئالدىغا سېلىپ سەھنىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ.كېۋىر ئاخۇن بىلەن ياسىن ئېچىنىش ئىلكىدە سۇلايمان كەتكەن تەرەپكە قاراپ قالىدۇ.
    كېۋىرئاخۇن:ما ئىشنى كۆرمەمدىغان؟ ياسىنجان ئۇكام، ھېلىمۇ ۋاقتىدا كېلىپ مېنى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن توسۇپ قالدىڭىز جۇمۇ،«قاغا بىلەن دوست بولساڭ يىيىشىڭ پوق»دەپ،قانۇن ئېڭىمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن سۇلايمان دىگەن شەپشەكنىڭ قالايمىقان بىلجىرلاشلىرىغا ئىشىنىپ تاس قاپتىمەن ئەمەسمۇ مەنمۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ كەتكىلى؟
    ياسىن: ھەي...بەزى كىشىلەرنىڭ كاللىسى نىمانچە ئاددىيدۇ دەيمەن؟پارتىيەنىڭ سىياسىتى كۈندىن-كۈنگە ياخشى بوپ كېتىۋاتىدۇ-يۇ،بەزىبىر قاتمال ئىدىيەدىكى ئادەملىرىمىز ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ،قانۇنغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ.
    كېۋىرئاخۇن: ئىلگىرى كۆزۈم كور بولۇپ قالغىلى تاسلا قاپتىكەن،بۈگۈن كۆزۈم ئېچىلدى ياسىنجان!سۇلايماننىڭ ئىشى بىلەن خۇددى دەرەختەك لىڭشىپ قالغان ئىدىيەم ئۆزگەردى.بايا مەن بازاردىكى ھەر ئوبدان ياغاچلارغا ئات-لەقەم قويۇپ،باھاسىنى ھە دىسىلا تۆۋەن سۇندۇرۇپ قايتىپ كەپتىمەن.مېنىڭ ھازىر كۆز قارىشىم تۈپتىن ئۆزگەردى،شۇڭا سىزگە ئاخىرقى قارارىمنى ئېيتاي:قانۇنسىز دەل-دەرەخ كەسكەندىن،بازاردىكى سۈپىتى ياخشى ياغاچلارنى سېتىۋالغىنىم مىڭ ئەۋزەل ئىكەن!
    ياسىن: كېۋىركا،مانا بۇگەپلىرى ناھايىتى ياخشى گەپ بولدى،بايا دىيىشكەن گەپلىرىمىزنى ئەتراپتىكىلەرگە تەشۋىق قىلىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇ!
    كېۋىر ئاخۇن:ئوبدان...ئوبدان...ئەمىسە مەن ياغاچ بازىرىغا كەتتىم ياسىنجان.
    ياسىن:بولىدۇ،خوش كېۋىركا!
ئىككىيلەن سەھنىنى قۇرۇق قالدۇرۇپ چۈشۈپ كېتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئىتوت ئاياقلىشىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۆھرەگۈل ھامۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-17 20:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-18 13:05:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتوتنىڭ رولى ـــ كۇلكە ئىچدە ئويلۇنۇش،ئويلۇنۇش ئىچدە كۇلۇش ،تېخمۇ ئىزدىنىشگە تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2015-10-19 10:21:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھاملىرىڭىز بەركەتلىك بولغاي

ۋاقتى: 2015-10-19 16:33:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇنى دەۋىر مىلودىيەسىنى ياڭراتقان ياخشى ئەسەر دەيمىز!....ئامەت سىزگە يار بولسۇن....

ۋاقتى: 2015-10-19 17:14:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوھرەگۇل  ئىتۇتتىكى '  دىننى ئەسەبى ئىدىيە تەلتۇكۇس تۇگىتىلمەپتۇ '  دىگەن بۇ ' سىياس '

سوزنى ئىتۇتقا كىرگۇزۇشنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟ ئەدەبى ئەسەر سىياسى مەزمۇن ، سىياسى گەپتىن

يىراق بولىشى كېرەك . بولمىسا  '  ئومرى ' قىسقا بولۇپ قالىدۇ !  تەكلىبىمنى ئويلاپ بىقىڭ !









ۋاقتى: 2015-10-23 18:46:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز، جەمىيەتنى كۇزۇتۇشكە ھەقىقەتەنمۇ ماھىر ئكەنسىز بۇ جەھەتتىمۇ سىزدىن ئۇگنەي.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-24 19:28:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام رەيھانگۈل سىڭلىم،بۇ بىر ئۆز-ئارا ئۆگىنىش سورۇنى.بىر-بىرىمىزگە مەدەت بېرەيلى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش