چۈشكە كىرىش ۋە تۇنجۇقۇش
قۇربانجان توختى ئازىق
چۈشكە قايتا كىرىش
بىر سەلكىن يېنىمدىن ئۆتتى ئاۋايلاپ ،
ھېدىنى ھېدىڭغا ئوخشاتتىم ئەجەب .
بىردىنلا خىيالغا كەتتىم چۆمۈلۈپ ،
سېغىنىش يۈرەكنى تۇرغاچ تىرەجەپ .
ئۆزۈمگە تۇيۇلدۇم شۇ قەدەر غېرىب ،
ئىچىمدە دەرد-ئەلەم قاينايدۇ بىر پەس .
يۈرەكتىن تامچىلاپ ئاقار سېغىنىش ،
ساختىكار بۇ تۇرقۇم ئۆزۈمگە قەپەس .
بۇ سەلكىن ئېپكەلدى قايتا ئەسلىمە ،
بىلمىدىم ، قەلبىمنى چۈشەندى لېكىن .
ئازاپقا بىر مەلھەم بارمۇ بەرگۈدەك ،
يۈرگۈم بار چۈشلەرگە كىرىپ قايتىدىن .
تۇنجۇقۇش
تورنىلار جۆر تارتىپ ئۇچقىنى نېكەم ،
تەبىئەت كۆزىدە ئازابرەڭ قىسمەت .
زېمىستان تۆكمەكتە تۈنجى رەت قارنى ،
تەنھالىق يۈرەككە تۇغدۇرۇپ ھەسرەت .
تۆكۈلۈپ-تۆكۈلۈپ دەردلىرىم قاردەك ،
ئايىغىم ئاستىدا ياتار يانجىلىپ .
ئەڭ ئېغىر خىياللار يىغلىتار ئۆكسۈپ ،
تەلۋىلىك قۇترىتار مېنى ئالجىتىپ .
قان تېمىپ چۈشىدۇ ئاپئاق قارلارغا ،
كۆكرىكىم ئۈستىدە ھېجىيىپ ماتەم .
تۇنجۇقتى بىردىنلا ئارمانلىق يۈرەك ،
ئازابلىق قۇرلارغا تولغان خاتىرەم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-17 00:19