كۆرۈش: 312|ئىنكاس: 3

بوۋاقى،ئەليار: قەدەم قەسىدىسى ۋە غۇرۇر گۈللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-16 16:20:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قەدەم قەسىدىسى ۋە غۇرۇر گۈللىرى
(ئاتاقلىق يازغۇچى، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئابلا ئەھمىدى مەدىكار بىلەن سۆھبەت)
ئابلاجان بوۋاقى، تۇنىسا ئوسمان ئەليار


  سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، پۈتۈن ئۆمرىنى پاك، ھالال ئىجادىي مېھنەت بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقان مۆھتىرەم ئابلا ئەھمىدى ئاكا، ئۆزلىرىنىڭ ئېزىز تەنلىرىگە ئەبەدىيلىك سالامەتلىك، تۇرمۇشلىرىغا شادلىق ھەم ئىجادىيەتلىرىگە چەكسىز بەرىكەت تىلەش بىللە ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن «دېيىلمىگەن سۆز»لىرىنى تىڭشاپ، ئەدەبىيات ئاشىنالىرىغا يەتكۈزەيلى، دېگەن سەمىمىي ئۈمىدتە ھوزۇرلىرىغا كەلدۇق. ئۆزلىرىگە مالاللىق يەتمىسە، سوراپ بىلىۋالساق، ئۆزلىرى قانداق سەۋەبلەرگە كۆرە، قاچان، قايسى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان قايسى ئەسەرلىرى بىلەن بۇ مېھرى ئوتلۇق «كوچا»غا كىرىپ كەلگەن؟ ئۇقۇشىمىزچە، سىلى ئالدى بىلەن بىر پىكرى ئۆتكۈر، تېتىملىق، تىلى ئويناق شېئىر يازىدىغان بىر شائىر، تۆت پارچىغا يېقىن داستان-باللادا ۋە يۈزلىگەن شېئىرلىرى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ، بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن شېئىرىيەت بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانماي، نەسرى ئەسەرلەرگە «كۆچۈپ» نەتىجە قازىنىشنى نىيەت قىلىپ قالدىلا؟
جاۋاب: ئەدەبىيات سېپىگە شېئىر بىلەن كىرىپ كەلگىنىم راست، بۇ ئىش 1958-يىلىدىن باشلانغان. 1960-يىلى بىر پارچە شېئىرىم ۋىلايەت يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 11-يىللىقىغا بېغىشلاپ نەشر قىلىنغان «قىزىل ناخشىلار» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلۈپ «شائىر» ئاتالدىم. شېئىرلىرىم مەرھۇم ئۇستاز نۇرمۇھەممەد ئېركىي تەقدىم قىلغان «ئابلا ئەھمىدى» دېگەن تەخەللۇس بىلەن بېسىلغاچ، ئىشچى-سەبداشلىرىم مېنىڭ «شائىر»لىقىمنى بىلمىدى. چۈنكى، بىرىنچىدىن، مەن ئۆزۈمنىڭ «ئابلا ئەھمىدى» ئىكەنلىكىمنى ئۇلارغا بىلدۈرۈشتىن تارتىندىم. ئىككىنچىدىن، ئۇلار مېنى «ئابدۇللا» دېسە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ بىر قىسمى «تەلئەت»، يەنە بىر قىسمى «مىرزا ئابدۇللاخان» دەيتتى (ئابدۇللا ئۆزۈم خىزمەتكە چىققاندا قويۇۋالغان ئات ئىدى) . 1961-يىلى كۈزدە  تۇنجى ھېكايەم ئېلان قىلىندى. ئۆستەڭبويى گۈزەردىكى بىر «سەرتاراشلىق كووپراتىپى»غا ئاق خالاتلىق، ئىككى تال ئۆرۈم چېچى تېقىمىغا چۈشكەن مامپۇ گۈللۈك دوپپىلىق ئايال مېنى كۆرۈپلا، چۇراپ ئورنىدىن قوپۇپ ئالدىمغا كەلدى-دە:»
-        كەلسىلە!- دېگىنىچە كەينىچە مېڭىپ ئورۇندۇققا باشلىدى.
مەن ئۇنى « ئۇ دوستلارنىڭ بىرىنىڭ خوتۇنى بڭولسا كېرەك» دەپ ئويلىغانىدىم. ئالدىمغا پەرتۇق تارتىپ، ماشىنا بىلەن چېچىمنى ياساشقا كىرىشكەند، ئۇنىڭ خېلى ئۇستا سەرتاراش ئىكەنلىكىنى سىزىپ ھەيران قالدىم. چۈنكى بۇ چاغدا «ئەلچىخانە»نىڭ دوقمۇشىدىكى شەھەر بويىچە ئەڭ چوڭ «سەرتاراشلىق كوپراتىپى»دا ئىككى نەپەر خەنزۇ ئايال ئۇستىلار بار ئىدى. بەزى كۈنلىرى ئۇلارغىمۇ چاچ ياساتقان. ئەمما ئوتتۇرا ئەسىر قاششاقلىقى قاپلىغان 1950-يىلىدىن بۇرۇن يۈزى ئوچۇق ئايال زاتىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بۇ شەھەردە ئايال سەرتاراشنىڭ پەيدا بولۇشى ماڭا نىسبەتەنلا ئەمەس، تارىخقا نىسبەتەنمۇ چوڭ بىر مۆجىزە، كۈتۈلمىگەن يېڭىلىق ئىدى. شۇڭا تۇيۇپ-تۇيمايلا ماۋۇ مىسرالار كاللامدا پەيدا بولدى:
« سەرتاراش قولىدىن يىگەن ئاش مەكرۇ»-
دەپتىكەن كونىلار كىگىز كىتابتا.
نېمە دەپ پەتىۋا ياساركىن يەنە،
سەرتاراش قىزلارنى كۆرسە شۇ تاپتا؟!
ئۇنىڭدىن قانداق بولۇپ مۇشۇ كەسىپنى تاللىغانلىقىنى سورىماقچى بولدۇم-يۇ، ئەر ئۇستىلاردا  غەيرى گۇمان پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ تىلىمنى يىغدىم.
نەچچە كۈنگىچە ئۇ خانىم كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. ئاخىر «سەرتاراش قىز» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا، شۇ قېتىمقى ھېسسىياتىم، كەلگۈسى ئارزۇيۇمنى ئاساس قىلىپ، بىر سۇزېتلىق شېئىر يېزىشقا تۇتۇندۇم. يازغانسېرى ئۇزىراپ داستان بولۇپ قالدى. 1962-يىلى 3-ئايدا «قەشقەر گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىگە سۇندۇم. 4-ئايدا، رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ «يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز نۇتۇق»ى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 20يىللىقىنى خاتېرىلەشكە تەييارلىق كۆرۈش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىندىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم «شائىر» سۈپىتىدە يىغىنغا قاتنىشىشىم بولغاچ، «سەرتاراش قىز»نى بىر نۇسقا كۆچۈرۈپ ئېلىۋالدىم. ئۇ يەردە قۇربان ئىمىن، تونۇلغان ئۇستازىم مۇھەممەد رېھىم(ئۇ كىشى بىلەن 1954-يىلى 8-ئايدا بېيجىڭدا ئايرىلىپ كەتكەنچە تۇنجى ئۇچرىشىشىم ئىدى)، مۇھەممەد ئېلى زۇنۇن، ئابلىمىت ھاجى، مامۇت زايىت قاتارلىقلار بىلەنمۇ تۇنجى قېتىم ئۇچراشتىم. ئۇلارنىڭ كەينىگە ئۇلاپلا «سەرتاراش قىز»نى ئوقۇپ  ئالقىشلاندىم. مۇھەممەدئېلى زۇنۇن پىكىر بېرىپ مۇئەييەنلەشتۈردى. ۋاقىت توشۇپ قالغاچ، ئابلىمىت ھاجى بىلەن مامۇت زايىت يازما پىكىر تەييارلاش ئۈچۈن ئورگېنالنى ئېلىپ قالدى. نەچچە كۈندىن كېيىن قايتۇرۇپ كىرىپ، پىكرى بويىچە تۈزەتكەندىن كېيىن، ئىككى نۇسقا كۆچۈرۈپ، بىرىنى  تەھرىر بۆلۈمىگە سۇنغان نۇسقا بىلەن ئالماستۇردۇم. بىرىنى «نۇتۇق»نى خاتېرىلەش گورۇپپىسىغا تاپشۇردۇم. نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ گېزىتكە بېرىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، قوشاقچى بولغىنىمدىن پۈتۈن كېچە ئۇخلىمىدىم. ئەتىسى، بىر بەتكە پاتمايدىغانلىقى سېزىلىپ قالدۇرۇپ قويۇلدى. ئاسماندىن يەرگە چۈشكەندەك بولۇپ، مۇھەممەد رېھىمنىڭ قېشىغا بارغانىدىم، ئۇ «تارىم»غا يوللىۋەتتى... «  ‹ نۇتۇق›نى خاتېرىلەش ئىشخانىسى » ئۇنى شېۋە تەرجىمان «جىڭجىزۇ»غا تەرجىمە قىلدۇرغان ئىكەن، خەنزۇچە «قەشقەر گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ بىرىنچى ۋە بەشىنچى كۈنلىرىدىكى سانلىرىدا ئۇلاپ ئېلان قىلىنىپ، مېنى خەنزۇ كەسىپداشلىرىمغا تونۇتقاچ، ماڭا «تىيەنسەي تالانت» (تالانت ئىگىسى) دەپ لەقەم قويۇۋېلىشتى. (ھازىرمۇ مۇشۇنداق چاقچاق قىلىدىغانلار بار...) نەچچە ئايدىن كېيىن «تارىم»دىن «ئانداق ياخشى يېزىپسىز، مۇنداق ياخشى يېزىپسىز» گە ئۇلاپلا «ئىشچى-دېھقان ئەسكەرنى يازماي، سەرتاراشنى يازغىنىڭىز ئۈچۈن قايتۇرىۋېتىلدى» دەپ جاۋاب كەلدى (ئۇ خەت ھېلىمۇ ساقلاقلىق) . مېنىڭچە، سارتاراش بىر تال ئۇستىرا، بىر تال كاپلىغۇچتىن بۆلەك دەسمايىسى يوق ھالال ئەمگەكچى-تىپىك پرۇلتار ئايال سەرتاراشنىڭ ئوبرازى ئەدەبىياتىمىزغا نىسبەتەن ئۆزگىچە يېڭىلىق ئىدى. ھاڭ-تاڭ قالدىم. شېئىر بىلەن چوڭراق بىرنەرسە يېزىشتىن ئۈمىد ئۈزدۈم... قايسى يىلى ئىكاەنلىكى ئېسىمدە يوق، بىر كۈنى ئەدەبىيات بېتىنىڭ مەرھۇم ھەسەنجان سابىت تۇيۇقسىز سىخقا كىرىپ:
-ماۋۇ بالا بىرنەچچە قېتىم شېئىر ئەۋەتكەن ئىدى، بىرىنىمۇ ئىشلەتكىلى بولمىدى. بۇدا ماۋۇ دەپتەرنى ئەكىرىپتىكەن، كۆرۈشكە ۋاقىت چىقىرالمىدىم. سىلە كۆرۈپ بىرەر پارچىسىنى تاللاپبەرسىلە. گېزىتتە ئېلان قىلىپ ئىلھاملاندۇرۇپ قويساق،-دەپ يوغان بىر دەپتەرنى بەردى. بۇ مەن ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتى ئىدى. خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم. ئۇنى نەچچە كېچە ۋاراقلاپ، ئىككى شېئىردىن تۆت كۇبلېتنى تاللاپ بىرلەشتۈرۈپ، ماۋزۇ قويۇپ ئېلىپ چىقىپ بەردىم. گېزىتتە شۇ پېتى ئېلان قىلىندى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققان ئۇ بالا بىر-بىرىدىن ياخشى شېئىرلارنى ئېلان قىلىپلا قالماي، ھېكايىلىرىغا قىستۇرما رەسىملەرنىمۇ سىزىپ ئېلان قىلىپ، داڭقى چىقتى. ئەكسىچە مەن تېخىچە «كەش بازىرى»دا ئىدىم. «تارىم»بەرگەن زەربە مېنى ئويغا سېلىپ قويغانىدى. ئەمدى تېخىمۇ ئويلاندىم. سېلىشتۇرۇپ كۆرۈۋېدىم، شېئىرلىرىم باشقىلارنىڭكىگە نىسبەتەن «قاپىيەلىك گەپ» تۇيۇلدى. بالىلىقىمدا يېتىلگەن «باشقىلاردىن كېيىن قالماسلىق»تىن ئىبارەت جاھىل تەبئىتىم تېخىمۇ «قوپقالجىدى». تۇنجى ھېكايەم ۋە ئۇ ھەقتىكى گەپ-سۆزلەرنى ئېسىمگە ئېلىپ ئاز-تولا ئۈمىدلەندىم. چۈنكى شىنجاڭ بويىچە تۇنجى كىنو قويۇش ئاپپاراتى بىلەن كىنو لېنتېسىنى تاغام ھۈسەنخان ھاجىم 1930-يىللارنىڭ بېشىدا سوۋېت  ئىتتىپاقىدىن ئېلىپ كىرگەن؛ مەتنىياز مەخسۇم «ئابدۇغوپۇر داموللام شاپتۇلنىڭ ئوغلى)، رېشىت ھاجىم، مەترېھىم بايۋەتچىلەر بىلەن شېرىكلىشىپ «كىنو تەرەققىيات شىركىتى»نى قۇرۇپ، يارباغ دەرۋازا سىرتىغا كىنوخانە ياساپتىكەن. («ھۈسەنخان ھاجىمنىڭ كىنوخانىسى»مۇ دېيىلەتتى). شۇڭا مەن «زاكىدىكى چېغىم»دىلا كىنو كۆرۈشكە باشلاپتىكەنمەن. يەتتە ياشقا كىرگەن يىلىم ھۈسەنخان ھاجىم تۈرمىگە تاشلىنىپ، كىنوخانە مۇسادىرە قىلىنىپ تاقالدى. ئۇ چاغدا ھېيتگاھتا كۈنلىكى نەچچە يەردە مەددا-ۋائىزلىق سورۇنى تۈزۈلەتتى. مەن ئەمدى «مەدداھ ئاڭلاشقا سېزىك» بولدۇم. «ھېيتگاھ كۇلۇب»تا ئويۇن قويۇلسىلا ھەقسىز كىرەتتىم. چۈنكى كىنوخانىمىزنىڭ ئىشىك توسۇپ بېلەت يىغقۇچى لاۋازىمەتچىسى ھۈسەيىن ئاخۇڭن ئاكام (شائىرە تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ دادىسى) «ھېيتگاھقا ئورۇنلىشىپ، ئوخشاش ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغانىدى...كۆرگەن كىنو-تىياتىر، مەدداھلاردىن ئاڭلىغان قىسسە، رېۋايەتلەرنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، بىر قېتىمدىلا كۆرگەن مەنزىرىدىن نەچچە يىلدىن كېيىنمۇ سۆز بىلەن ئەينەن سۈرەتلەپ بېرەلەيتتىم. شۇڭا تۇنجى ھېكايەمدىكى تەسۋىر، بايان، دىئالوگلار تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدەك چىن يېزىلغان ئىكەن. بىزدە «ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ» دېگەن ماقال بار. ئىككى تۈرنى دەڭسەپ كۆرۈپ، «شەھەر سورىيالمىساممۇ، سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمايدىغان» ھېكايىچىلىقنى ئاساس قىلىشنى تاللىغانىدىم. ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولدى؛ 1964-يىلى «ئاتىنىڭ تەربىيەسى» ئاتلىق ھېكايەم «شىنجاڭ گېزىتى»گە بېسىلدى. 1965-يىلى «قەشقەر گېزىتى»گە بېسىلغان «يېڭى ئۆيگە كۆچۈش» ئاتلىق ھېكايەم «تارىم» بىلەن خەنزۇچە «شىنجاڭ ئادەبىيات-سەنئىتى»نىڭ «ئىككى توي»ىغا بېغىشلانغان شۇ يىللىق 10-سانلىرىدا تەكرار ئېلان قىلىنىپ، مېنى تاڭ قالدۇردى ۋە «ئۆزۈمنى سورىغىنىم»نىڭ توغرا بولغانلىقىنى بىلدۈردى. شېئرمۇ يېزىپ تۇردۇم...1966-يىلى 5-ئاينىڭ 16–كۈنى باشلانغان «مەدەنىيەت ئىنقىلابىي»نىڭ بىرىنچى پاي ئوقى ئەدىب-سەنئەتكارلارغا تەگدى، ئىدارىمىزدىن ئابلىز ئۆمەر تارتىپ چىقىلدى. مەن ئۇنىڭ كەينىگە تىزىلدىم. 8-ئاينىڭ 18-كۈنى «ئىنقىلاب»تا چوڭ بۇرۇلۇش يۈز بېرىپ، «بۇرژائىزىيە ئەكسىيەتچى لۇشىيەنىنى پىپەن قىلىش» باشلاندى. «ئىشچى» چاپىنىم مېنى «كۆرەش-پىپەن»دىن قۇتقۇزدى(شۇنداقتىمۇ، يۈزۈمگە تۈكۈرۈلگەن تۈكۈرۈكلەرنىڭ يۇقى ھېلىمۇ باردەك). قەلەم تۇتقاندا «قويغان» ئىدىم، خاتىرە-دەپتەرمۇ تۇتمايدىغان بولدۇم. 1971-يىلىنىڭ بىر كۈنى كەچتە «گېزىت چىقىرىش گۇرۇپپىسى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلەي ئابدۇزاھىر( كېيىنكى چاغلاردىكى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ) ئۆيۈمگە كىرىپ، بىر پارچە شېئىر شېئىر يېزىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. ھەيران قالدىم. سۈرۈشتۈرسەم، ششۇ چاغدا، بېيجىڭدە مۇزامبېك خەلقكىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى كۈرىشىنى قوللاش يۈزىسىدىن داغدۇغىلىق نامايىش ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزۈلۈپ، رەئىس ماۋزېدوڭنىڭ تىيەنئەنمىنگە چىققانلىقىغابەش يىل توختىتىلغان ئەدەبىيات بېتى ئارقىلىق ئىپادە بىلدۈرۈلمەكچى ئىكەن. مەن:
- قويسىلا ئابلەي، مۇندىن كېيىن شېئىر يازىمەن، دەپ جېنىمنى ئۇپراتمايمەن،-دېگەنىدىم، ئۇ:
-نېمە دېگەنلىرى بۇ؟-دېدى كۆزلىرىمگە ئۇدۇل قاراپ،-سىلە شېئىر يازمىسىلا، ئوقۇرمەنلەر سىلىنى « سىياسىي ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەپتۇ» دەپ گۇمانلانمامدۇ؟!...
دۇرۇس، بۇ كۈنلەردە، سىياسىي ئۆتكەل-ئاش-ناندىنمۇ مۇھىم ئىدى. مېنى سەگىتىپ قويمىغىنىغا رەھمەت ئېيتتىم ۋە شۇ كېچىسىلا بىر شېئىر يازدىم...ئۇزۇن ئۆتمەي، «شىنجاڭ گېزىتى»دىن پۇجاۋيۈ ئاتلىق خەنزۇ يولداش ئىستەپ كېلىپ  شېئىر تەلەپ قىلغانىدى، «سېستىرا قىز» ئاتلىق «مۇسەللەس» يېزىپ بەردىم. ئۇنىڭ ئېلان قىلىنىشى «ئىشچى» چاپىنىمغا «بازار» چىقاردى؛ ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون چىقارغان توپلاملارنىڭ بېشىغا ئېتىم ئېسىلىشقا باشلىدى. تېيىپجان ئېلىيوپ قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ئورنىغا قاراپ، شادلىنىش ئورنىغا ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يىگىدەك بولاتتىم. چۈنكى مېنىڭ يازغانلىرىم «قاپىيەلەشتۈرۈلگەن سىياسىي شوئار» ئىدى. يازماي دېسەم «سىياسىي ئۆتكەل...»
1972-يىلى 4-ئايدا، «‹يەنئەن نۇتقى›نىڭ 30يىللىقىنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق كۆرۈش ئىشخانىسى» قۇرۇلدى. قەييۇم تۇردى مۇدىر، ئېزىز سىيىت، ئابدۇجېلىل تۇرسۇن(جېلىلى)، ئۇچقۇنجان ئۆمەرلەر ئەزا بولۇپ، «سەمەن مېھمانخانىسى»دا ئىش باشلىدى. 5-ئاينىڭ ئاخىرقى شەنبىسى ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن، قەييۇم تۇردى سېختا پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ «قىزىلتاغ باتۇرلىرى» رومانىنىڭ شىپىگىرافتا بېسىلغان «پىكىر ئېلىش نۇسقىسى»نى ئەپكەپتىكەن. سۆيۈنگىنىمدىن ئۆيگە باشلىدىم(ئۇ كىتاب ھېلىمۇساقلاقلىق). گەپ ئارىسىدا ئىككى توپلام تەييارلاۋاتقانلىقى، مېنىڭ بىرەر پارچە يېڭى ھېكايە يېزىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلغانىدى، مەن:
-سىياسىي بېسىمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا ئانچە-مۇنچە «كالىندار شېئىر»لىرىنى يېزىپ، «ئابلا ئەھمىدى، قەنى سەن؟» دېگەنلەرگە «مانا مەن!...» دەپ جاۋاب بۋرىۋاتىمەن،-دېيىشىمگە، تۆت ياشلىق ئۈچىنچى ئوغلۇم يېنىمدا بولۇپ، پىچاق جىدىلى قىلغىلى تۇردى. مەن يېنىمغا غىلاب- بويتاسمىلىق پىچاق ئېسىپ يۈرەتتىم. ھەيران بولۇپ سورىدىم:
-پىچاقنى نېمە قىلىسەن؟
-خەت يازىمەن.
ئۇ شۇنداق دېگەچ قولىدىكى كىچىككىنە قېرىنداشنى كۆرسەتتى. مەسلىكىم كەلگنىدىن ئۇنى سۆيۈپ قويۇپ قېرىنداشنى ئۇچلاپ بەردىم-دە، مۇنداق دېدىم:
-تېنىم ساق ئەمەس، سىياسەتنىڭ چېكى توختىماي، تۈنۈگۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن تەرغىپ قىلىنغان نەرسە بۈگۈن «خاتا» ياكى «ئەكسىيەتچى» دەپ پىپەن قىلىنىۋاتسا، ھېكايە يېزىپ نېمە كەپتۇ؟... شېئىرنىمۇ تاشلىۋېتەي دەۋاتىمەن...
-نېمە؟!-دېدى ئۇ چىرايى ئۆڭۈپ،-مەن ھېكايىلىرىنى ئوقۇپ يۈرۈپ، سىلىدىن بىر ياخشى يازغۇچى چىقىدۇ، دەپ ئويلايتتىم. بۇنچىۋالا بوشاڭ، ئىرادىسىز ئادەم ئىكەنلىكلىرى خىيالىمغىمۇ كەلمەپتىكەن... سىلىنىڭ شېئىرلىرىنى تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ يازالايدۇ، ھەتتا بەزىسى ئۇلارنىڭ «ئىنشا»سىغا ئوخشايدۇ!...خەلقئارادا بىر مىللەت ئەدەبىياتنىڭ سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى شېئىر بىلەن ئەمەس، نەسىر بىلەن ئۆلچىىدۇ. بىزدە ئەڭ ئاجىز نۇقتا نەسىرچىلىك...سىلە بۇ جەھەتتە خېلى پىشىپ قالغان. بۈگۈنگە كەلگەندە چىشلىرى ئۆتمەيدىغان سۆڭەككە ئېسىلىپ جان بېقىش كويىغا كىرىۋاپلا، مەيلى!...
ئۇ يەنە نېمىلەرنىدۇر دېگەچ دەس ئورنىدىن قوپتى-دە، قاچىغا ئۇسۇۋاتقان تاماققىمۇ قارىماي قارىماستىن چىقىپ كەتتى. شېئىرلىرىمنىڭ «ئىنشاغا ئوخشايدۇ»غانلىقى ئۇخلىسام چۈشۈمگە كىرمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ توپلاملارنىڭ بېشىدىن ئورۇن ئېلىشى «ئىشچى» چاپىنىمنىڭ كۈچى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. ھەيران بولمىدىم، ئەمما «بوشاڭ، ئىرادىسىز، جان باقتى» دېگىنى جان-جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى، ئۇخلىيالماي تۈن تەڭ بولدى. تۇيۇقسىز ئوغلۇمنىڭ قولىدىكى قېرىنداش كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ، «خەت يازىمەن» دېگىنى قۇلىقىمغا ئاڭلانغاندەك بولدى. ئۇلاپلا كۆڭلۈمدە بىر ھېكايە پەيدا بولدى. تاڭ سۈزۈلگەندە پۈتتۈرۈپ «يېرىم تال قېرىنداش» دەپ ماۋزۇ قويۇپ، كەچكىچە ئۇخلىدىم. يېرىم كېچىدە كۆچۈرۈپ بولۇپ، ئەتىسى ئەتىگەندە مۇھەررىر دوستۇم ئۆمەر قادىرنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا بەردىم...ئىشقا چۈشۈپ كەتتىم... سائەت ئونلاردا قەييۇم تۇردى سېختا پەيدا بولدى ۋە:
-يازالايدىكەنلىغۇ؟ شۇنداق ياخشى يېزىپلا!-دېدى كۈلۈپ،-ئەتىكى بالىلار بايرىمىغا ئاتاپ «ئىشخانە» نامىدىن ئەدەبىيات بېتى تەييارلاپ كەلگەنىدىم، تەھرىر بۆلۈمگە كىرسەم، يولداشلار ھېكايىلىرى توغرۇلۇق سۆزلىشىۋاتقانكەن، ئوقۇپ باقسام، مەن ئويلىغاندىنمۇ ياخشىراق چىقىپتۇ. مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنى ئەتىكى سانغا ئورۇنلاشتۇرىۋەتتۇق. بىز تەييارلىغان بەتنى كېيىنكى سانغا بەرمەكچى...
ئۇ ھېكايە خەنزۇچىغىمۇ تەرجىمە قىلىندى. توپلاملارغىمۇ كىردى. «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەڭ ئاجىز ھالقا نەسىرچىلىك» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش قۇلىقىمدىن كەتمەس بولدى. «ئىنشا» يېزىشنىمۇ تاشلىيالمىدىم. گەرچە كۈن تۇتۇپ «شېئىر» يازمىساممۇ، پىغانىم ئۆرلىگەندە، ئۇنى-بۇنى جىجىپ قويىمەن. مىسال:
ئىتنى باقسام بوسۇغامنى ساقلىدى،
ئۇرسام ھەتتا ماڭا قىڭغىر باقمىدى.
ساۋاب ئىزدەپ بىگانىگە تۇز بەرسەم،
چالما ئاتتى تۇزلۇقۇمنى چاققىلى!...
بۇنداق مىسرالارنىڭ «ئۆتكۈر، تېتىملىق» بولۇش-بولماسلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقمىدىم. ئەمما ئۆزۈمگە نىسبەتەن كۆڭلۈمدىكى غەشلىكتىن قۇتۇلۇشقا تەسەللىي بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن.
سوئال: سىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ھوسۇلى نىسبەتەن كۆپ بولغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى. تېنىمسىز يېزىش، ئىجاد قىلىش، ئىزدىنىش ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتلىرى بولسا كېرەك، قارىغاندا، يېزىقچىلىق قىلىشنى بەك كۆڭۈللۈك ئىش دەپ قارايدىغان ئوخشىماملا؟
«مول ھوسۇل» توغرۇلۇق سۆز بولسا، جالالىددىن بەھرام بىلەن «مىراب بالا» ياسىنجان سادىق چوغلان تۇرغان يەردە، بۇ «تاج» ماڭا ياراشمايدۇ. مەن ئۇلاردىن سۆيۈنىمەن، تېخىمۇ كۆپ ھوسۇل بېرىشىنى تىلەيمەن!...كۆرگىنىم كۆپ، بىلىدىغانلىرىممۇ ئاز ئەمەس، ئۇلارنى قەغە‍زگە چۈشۈرىۋەتمەي كېتىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن. شۇڭا قولۇمغا قەلەم چىقسىلا كۆڭلۈم يايرايدۇ. بۇنىڭ قانداق «مەسئۇلىيەت» ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىدىم.
سوئال: ئابلا ئاكا، ھېكايە-پوۋېست، رومانلىرىدىكى مەرۋانەم بىلەن ئابلىكىم، شاۋكەت بىلەن ئانار(«يىللار» رومانىدا)، سالى بىلەن تاجىگۈل(«داۋالغۇش» رومانىدا)، ئوغۇلخان قاتارلىق پېرسۇناجلار ئەتراپىمىزدىكى ھايات ئادەملەرنى ئەسلىتىدىكەن. ئۇيغۇر قەشقەر ئۇيغۇرلىرىغا خاس  بولغان ساپ ئۇيغۇر تىلىمۇ شۇنچىلىك يېقىشلىق، ئاچچىق-چۈچۈك، كىنايىلىك-تاڭسۇق ئىكەن. سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىدۋارلىق روھىمۇ ئۈستۈنكەن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەسەرلىرىنى ئۆمۈر كارۋانلىرى يېزىپ كېلىۋاتقان «ھاياتلىق ناخشىلىرى» دەپ قاراشقا بولامدۇ-يوق؟ پېرسۇناجلارنى شۇنچە جانلىق، روشەن خاسلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئاز ئەجىر سىڭدۈرمىگەنلا. مۇشۇ ھەقتىكى تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى سۆزلەپ بېرەمدىلا؟
جاۋاب: مېنىڭچە، ئەدەبىيات-قېلىپسىز پەن. ئوخشاشلا، ئىنساننىڭ تەبئىتىمۇ، تۇرمۇشىمۇ قېلىپسىز. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، توغرىلىق بىلەن خاتالىقنى مۇشۇ «قېلىپسىز»لىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ يىلتىزى ئىنساندىكى «نەپىس» دېگەن نەرسىدە. شۇڭا ئۇلاردا «رېقابەت ئېڭى» شەكىللەنگەن. «ئىنسان ئاچكۆزلۈكتە ساچقانغا ئوخشايدۇ...» دېگەن جۈملىدە كۆرسەتتىم. ئۇنىڭ مەنبىئىي كۇڭزىنىڭ بىز ئۇزۇن يىل «پىپەن» قىلغان نەرسىنى دېمىسە يەر يۇتۇپ كېتىدۇ» دېگەن ئۆلمەس بايانى...«قېلىپ» ئەدىبنىڭ قولىدا. يۈزلەپ-مىڭلاپ ئادەمنىڭ چىرايى، بوي-تۇرقى، ئۈنى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. خۇي-پەيلى، تىل ئادىتى، تېخىمۇ شۇنداق. بۇلار «بىر ئادەم» سۈپىتىدە «قېلىپ»تىن چىقىدىغان بولغاچ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەزىسىگە ئۆزىنىڭ سايىسى كۆرۈنىدۇ. بۇ ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى ئومۇمىي قائىدە( ئەلبەتتە، تارىخىي ششەخسلەرنى يېزىش بۆلەك ئىش). لۇشۈننىڭ «بەخت تىلەش»، «ئاكيۇنىڭ تەرجىمھالى»، «دورا»؛ پوشكىننىڭ «دۇبروۋېسكى»، «بىلكېن قىسسەلىرى»؛ تۇرگېنىپنىڭ «ئاتىلار ۋە بالىلار»، مۇپاسساننىڭ «شىكاپ»، « دونداق»؛ لېۋ تولىستوينىڭ «ئاننا-كارىننا»، ئا.پ. چىخوۋنىڭ ھېكايىلىرى؛ گوركىينىڭ «كىشىلەر ئىشىكىدە»، «ئارتامونوۋلارنىڭ ئىشى»؛ ئالېكسىي تولىستوينىڭ «سەرسانلىق-سەرگاندانلىقتا»، لاۋشېنىڭ «تۆگە شىياڭزى»، جاۋشۇلىنىڭ ھېكايە-رومانلىرى، زۇنۇن قادىرىنىڭ دىراما، ھېكايىلىرى ماڭا قوشۇمچە دەسرلىك بولغان. ھېكايىچىلققا كىرىشكەندىمۇ شۇلارنىمۇ دوراپ باققان. بو دوراش داۋاملىشىۋېرىپ، ئۈنۈممۇ يامان ئەمەس بولدى. بۇنى پېرسوناجلاردىكى «جانلىق، خاسلىق»تىن بىلگىلى بولىدۇ. ئەسەرلىرىمنى «ھاياتلىق ناخشىسى» دېيىش ئۇخلىسام چۈشۈمگىمۇ كىرمەيدۇ. ئەمما «تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدەك چىن» دېيەلەيمەن...
سوئال: سىلىنى « ...خەلق تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆزىگە خاس تىل يارىتىش يولىدا ئەستەيىدىللىق بىلەن ئىزدەنگەن...» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپتۇ، تەھرىر «داۋالغۇش»(1-قىسىم) رومانلىرىغا يازغان كىرىش سۆزىدە. تىل دېمەك-سەنئەت دېمەكتۇر. تىل-ئەدەبىياتنىڭ تۇززى بولسا كېرەك. ئەسەر تىلىغا بۇنچە ئەستايىدىللىق بىلەن قېتىرقىنىپ ئىشلەشلىرىگە نېمە سەۋەب بولدى؟ سۆزلەپ بېرەمدىلا؟
جاۋاب: «تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش» دېگەن تەلەپ چوڭ شەھەرلەردە تۇغۇلۇپ-ياشاپم، ئۆمۈر بويى ئىشخانىدىن چىقىپ باقمىغان ئەدىبلەرگە قويۇلغان تەلەپ. مەن سېپىلى سىرتىغا چىقسىلا ئۆزىنى يېزىدا كۆرىدىغان كاشغەر شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆستۈم. ئۆمرۈمنىڭ ئۈچتىن بېرى يېزىدا ئۆتتى. ماڭا نىسبەتەن «تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش» مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. يازغانلرىمنىڭ ھەممىسى ئەتراپىمدىكى تۇرمۇش. مۇتلەق كۆپچىلىكى كۆرگەن، بىلگەن، ئاڭلىغانلىرىم بولسا، قىسمەنلىرى ئۆز كەچمىشلىرىم. ئاز-تولا «رومانتىكا»مۇ «كۆپتۈرمە»مۇ بار. مېنىڭچە «تىل-ئەدەبىياتنىڭ ۋاستىچىسى». ئىنساندا تىل بولمىغان بولسا، ئەدەبىياتمۇ بولمىغان بولاتتى. قەدىمدە بەزىلەر تەپەككۇر كۈچى بىلەن رىۋايەت، ئەپسانە، چۆچەك...لەر توقۇپ، تىلى ئارقىلىق باشقىلارغا يەتكۈزۈپ، «ئېغىز ئەدەبىياتى»نىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان بولسا، «يازما ئەدەبىيات»مۇ تىلنى ۋاستە قىلىپ، يېزىق ئارقىلىق قەغەزگە چۈشۈرۈلگەن. شۇڭا «ئەدەبىيات»نىڭ ئىنسان قولى بىلەن يارىتىلغان ھەممە نەرسىگە ئوخشاشلا «سەنئەت» ئىكەنلىكىدىن قىلچە گۇمانلانمىساممۇ، «ئەدەبىيات-تىل سەنئىتى» دېگەن تەبىرگە قايىل ئەمەس. چۈنكى تەپەككۇردا يارىتىلغان ئۇقۇم تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. «تىلغا باي-سۆزمەن» ئادەملەرنىڭ «ئەدىب»بولالىشى ناتايىن. ئوخشاشلا، كەمسۆز-جىمغۇر ئادەملەر «ئەدىب بولالمايدۇ» دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن «ئەدەبىيات-تىلنى ۋاستتە قىلغان سەنئەت» دەپ چۈشىنىپ، پېرسۇناجلارنىڭ جىنسى، ياش قورامى، سالاھىيىتىنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنىڭ تىل ئادىتىنى ئۆز پېتىچە ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتىم. بۇنى باشقا مىللەت تىللىرىدا كام ئۇچرايدىغان «سەن، سىز، سىلە، ئۆزۈڭ، ئۆزىڭىز، ئۆزلىرى...»نى قانداق سالاھىيەتتىكى كىشىلەرگىلا ئىشلەتكەنلىكىم ئىسپاتلايدۇ. ئەلبەتتە، تىلىمىزدىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بىر تۈركۈم سۆز-ئاتالغۇلارنى ئىستەپ تېپىپ «ئارخىپلاشتۇرۇپ» قويۇش نىيىتىممۇ يوق ئەمەس. رۇس يازغۇچىسى لېۋ نىكۇلايىۋېچ تولىستوي رۇس تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىككى مىليونغا يېقىن سۆز-سۆزلەم ئىشلىتكەنىكەن. بىزچۇ؟ باپكارلىقتا ئىشلىتىدىغان موكا، ناچا، شانا، دەپكە، تارتما، ئارقاق، ئۆرۈش...»، بۆز رەختلەردىن «خام(ماتا)، چەكمەن، چوتا، يەمزەك، شاھتاۋا، شەتلەڭگە، تولما، سۇلما، تۆت تەپكىلىك تېرىكە، سەگەز...»لەرنىڭ نېمىلىكىنى قانچىلىك ئۇيغۇر بىلىدۇ؟ بىر تال يىكتە «ئۇچ، قۇيرۇق، دۈمبە، خانەلىق»تىن ئىبارەت شەكلى، رولى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان تۆت ئورۇن بارلىقىنىچۇ؟! «چەكمەن»نىڭ نېمىلىكنى بىلىپ باقماي تۇرۇپ، «چەكمەن كىيدى، چەكمىنىنى سالدى» دەپ يېزىۋاتقان قەلەمكەشلەرمۇ ئاز ئەمەس.
سوئال: سىلىنىڭ رومانلىرىنى ئىجتىمائىي تېمىدىكى رومانلار دېسەك بولارمۇ ياكى تارىخىي رومان دېسەك بولارمۇ؟ قاراشلىرىنى ئاڭلاپ باققان بولساق...
جاۋاب: نېمە دېيىشسىلە بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى بۈگۈن ئەتە ئۈچۈن تارىخ. ئۇلاردا يېزىلغىنى دەۋرىمىزدىكى چىنلىق. بۇ خىل چىنلىق تارىخنى تارىخقا ئۇلايدۇ.
سوئال: بەزى ئەدىبلەر ئۇزۇن مەزگىل شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، كېيىن نەسرى ئەسەرلەرنى يېزىپ مۇۋەپپىقىيەت قازاندى(ئا.ئۆتكۈر، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، مۇھەممەدجان سادىق، ماخمۇد مۇھەممەد...)، يەنە بەزىلەر بولسا قىسقا مە‍زگىل شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاندىب ىر مەزگىلدىن كېيىنلا بىراقلا پوۋېھستلارنى يېزىپ، ئاندىن يەنە نەسرى ئەسەرلەرنىڭ ئومۇرتقىسى ۋە يۇقىرى پەللىسى  بولغان رومانلارنى يېزىپ مۇۋەپپىقىيەت قازاندى. بۇ مەسىلە-ھادىسە ھەققىدە تەپسىلىرەك بىرنەرسە دەپ بەرگەن بولسىلا...
جاۋاب: ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچەملىك ئەدەبىيات نەزەرىيەمىز بولمىغاچ، 1950-يىللاردا رۇسلارنىڭ «شېئىر يېزىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە ھېكايە-پوۋېست يېزىش؛ ئاندىن رومان يېزىپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ئەدەبىياتنىڭ يۇقىرى چوققىسى-دراما يېزىش» دېگەن رامكىسىنى مىزان قىلغان. ئۆتكۈر ئەپەندى، تېيىپجان ئېلىيوپلارمۇ بۇ «مىزا»ننى بۇزالمىغان(گەرچە ئۆتكۈر ئەپەندىم 1940-يىللارنىڭ بېشىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ «چىڭ مودەن» دىرامىسىنى يېزىپ سەھنىلەشتۈرگەن بولسىمۇ)، مەنمۇ مۇشۇ «مىزان» بويىچە ئىش تۇتقان. 1970-يىللاردىن بۇرۇن، ئەرشىدىن تاتلىقنىڭ «سادىر باپكا» ئاتلىق پوۋېستى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ «يۇقىرى چوققىسى» بولۇپ قالغان. قەييۇم تۇردىنىڭ رومانچىلىقنىڭ «باشلامچىسى» بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب مۇشۇ.
سوئال: ئابلا ئاكا، ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىجابىي پېرسۇناجلارنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ، تراگېىدىيە بىلەن ئاخىرلاشقان ئەسەرلەرنى ئاساسەن يازماپلا، بۇنىڭدا باشقا بىر سەۋەب بارمۇ-قانداق؟
جاۋاب: تەبىئەتتە كۈن ئۇزۇن، تۈن قىسقا بولغاندەك، تۇرمۇشنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىدىن يورۇق تەرىپى كۆپ بولىدۇ. تارىخمۇ شۇنداق. ئىنساننى ئۈمىد ياشنىتىدۇ. ئۈمىد-مەقسەتكە يېتىشنىڭ تۈرتكىسى، روھىي دۇنيانىڭ تۈۋرۈكى. ئۈمىد-ئىشەنچنى تۇغىدۇ. ئۈمىد-كىشىنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ. بەزىسى تۈز يولنى    تاللىسا، بەزىسى ئەگرى يولغا كىرىپ قالىدۇ. بىرى يەڭسە-مەقسەتكە يەتسە، بىرى يېڭىلىدۇ. ئوخشاشلا، ھېچكىم «يامان» بولۇشنى خالىمايدۇ. ئارىدا «يامان»لار پەيدا بولسىلا، مۇتلەق كۆپچىلىكنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ يېڭىلىدۇ. بۇ تۇرمۇش قانۇنىيىتى. ئەدەبىي ئەسەر تۇرمۇشتىن كەلگگن. تېخىمۇ مۇھىمى: 1982-يىلى يۈرىكىم مىنۇتىغا قىرىقتىن قىرىق بەشكىچە سوقۇپ، ئاغزىمدىن تېمىتىدىغان بولۇپ قالغان، دوختۇرلار «ئۆلۈپ كېتىدۇ» دەپ پەي-پەيگە چۈشكەن ئون ئاي ئىچىدىمۇ ياشاشتىن ئۈمىد ئۈزمەي، «يىللار» رومانىمنى مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ پىكرى ئاساسىدا يېنى يېتىپ تۇرۇپ تۈزىتىپ يوللىۋېتىپ ياتاقتىن چىققان. دېمەك، ئۆزۈمنىڭ يېڭىلگىم يوق. ياخشى كىشىلەرنىڭ يېڭىلىشىنى تېخىمۇ خالىمايمەن... تىراگېدىيە- تۇرمۇشتىكى قىسمەنلىك، شۇڭا مەن ئۇنى «قىستۇرما» سۈپىتىدىلا يېزىپ  «ئومۇمىيلىق» سۈپىتىدە يەكۈن بەرسەم.
سوئال: «داۋالغۇش» ناملىق رومانلىرىنى تىل، ئۇسلۇب، ئوبراز يارىتىش، ئىپادىلەش ۋە بەدئىي ۋاستىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش...قاتارلىق تەرەپلەرنى چىقىش قىلىپ ئىجادىيەتلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسى، دەپ قارىساق بولامدۇ؟ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە شېئىرىيەت ۋە نەسرى ئەسەرلەر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندىلا، شۇ جەرياندا ئۇسلۇب ياراتتىم، دەپ قارامدىلا؟ ئۇسلۇبقا نىسبەتەن قانداق قارايدىلا؟
جاۋاب:  «ئۇسلۇب يارىتىش» ئۈستىدە ئويلىنىپ باقمىدىم. «يۇقىرى پەللە» ئۈستىدىمۇ شۇنداق. بۇ جەھەتتە ئاۋامنىڭ دېگىنى ھېساب. ئەمما شۇنىڭغا ئىقرارمەنلا:«زاكىدا يېتىپ كۆرگەن» كىنولاردىن ئالغان تەسىراتىم ئېسىمدە يوق. ئەسەرلىرىم، بولۇپمۇ يىرىك ئەسەرلىرىم «ئېكرانسىز كىنو»دەك چىقمىسا ئۇنىمايمەن. بۇنىڭ سەۋەبكارى ئۆسمۈرلىكىمدە قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرىدە ئانامدىن ئاڭلىغان چۆچەك-ئەپسانىلەر، «مەدداھقا سېزىك»لىكىم بوڭلسا كېرەك. مىسال:
بايان-چۆل تەرەپتىن گەرد نامايەن بولدى، گەرد ياقىسى چاك بولۇپ، لەكمىڭ-لەكمىڭ لەشكەر كارنايى جەمشىد، سۈرنەيۇ، يۈشاڭ، دۇمباقى شاتاتىر دىيبەننى جەرراجەر سوقۇپ، گەرد ئىچىدىن شۇنداق چىقىپ كەلدىلەركى، ئاي-ھاي، بەئەينى توپان سۈيى!...ئىككى سەپ ئاراسىندە شۇنداق قاتتىق جەڭ بولدىلەركى، تاراققا-تۇرۇققۇ ئۇمۇدى گەران، جاھان بولدى بازارى ئاھەڭگەران...»
مانا بۇ جەڭ مەيدانى ھەققىدىكى باياننى ئاڭلىغىنىمغا يەتمىش يىلدىن ئاشتى. ئۇنىڭ سۆز-جۈملىلىرى ئۆز پېتى ئېسىمدە تۇرغاندەك، تەسۋىرلەنگەن جەڭ مەنزىرىسى ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. 16 يېشىمدىن كىتابقا «سېزىك» بولدۇم. 1966-يىلىغىچە ئوقۇغانلىرىم يۇرتىمىزغا يامغۇردەق يېغىپ كىرگەن ياۋروپا ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بولدى. ئۇلاردا شۇ ئەللەرنىڭ مۇھىتى، شۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي روھىي، تۇرقىي-رەڭگى، ياشاش ئادىتى، يېمەك-ئىچمەك، ئولتۇرۇش-قوپۇش، ئۆزئارا مۇناسىۋەت...لىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. شۇلارنى دوراپ يېزىقچىلىققا كىرىشكەنىدىم، شۇ بويىچە داۋاملاشتۇردۇم. شۇنداقتىمۇ، «ئىجادىيەت-يېڭىلىق يارىتىش» دەپ چۈشىنىپ «باشقىلار يېزىپ بولغان ئىشنى باشقا شەكىلدە يازماسلىق، باشقىلار دەپ بولغان سۆزنى تەكرارلىماسلىق، ھەركىمنى «ئۆز تىلى›دا سۆزلىتىش»تە چىڭ تۇردۇم. « داۋالغۇش»مۇ مۇشۇ ئادەتنىڭ مەھسۇلى. ئەگەر مۇشۇ ئادىتىم «ئۇسلۇب» دەپ قارالسا ھەم ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنسا قارشى تۇرمايمەن.
سوئال: سىلىنىڭ «يوتا» ناملىق پوۋېستلىرى «تارىم» ژۇرنىلىدا ھېكايە قىلىپ ئېلان قىلىندى. بۇ قانداق ئەھۋال ئەمدى؟ «ئەلبەتتە بۇنداق ئەھۋال مەتبۇئاتتا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ).
جاۋاب: ھەقىقىتەن شۇنداق. بۇ ئىش 1992-يىلى يۈز بەرگەن، «تۆمۈردە ياسالغان نەرسىنى ياغاچچىنىڭ رەندىسىدە سىلىقلىغاندەك» ئىش بولغان. ژۇرنال بېسىلىش ئالدىدا تۇرغاچ، ماۋزۇسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇشنى تىلەپلا بولدى قىلغان. «تارىم»دىكى «ھېكايە» بىلەن  يېقىندا باسمىدىن چىقىدىغان «ئادراسمان چېچەكلىگەندە» ناملىق توپلىمىمدىكى پوۋېستنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشسىلا، ئىش ئايدىڭلىشىدۇ.
سوئال: ئابلا ئاكا، سىلىنىڭمۇ يازغان ئەسەرلىرى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنماي، بىئارام بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرى بولغانمۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلغان تۈزۈك؟
جاۋاب: بولغان. 1989-يىلى «تۆھمەت» پوۋېستىمنى ئىككى نۇسقا كۆچۈرۈپ، بىرىنى «ئوغۇلخان» ناملىق توپلىمىمغا كىرگۈزۈپ قەقشەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا، بىرىنى «تارىم»غا سۇنغانىدىم. ئارىدىن بىر يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندە پىشىقەدەم مۇھەررىر مۇھەممەدئىمىن بارى خىزمەت بىلەن كاشغەرگە كېلىپ، ئۇنىڭ شۇ يىللىق 7-سانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى يەتكۈزدى. ژۇرنال كەلگەندە قارىسام يوق تۇرىدۇ. سۈرۈشتۈرسەم، بىرەيلەننىڭ «
توپلامدا چىقىپ بولدى» دېگەن گېپى بىلەن زاۋۇتتىن قايتۇرۇپ كېلىنىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، توپلىمىم ئەمدىلا بېسىلىشقا باشلىغانىدى. لېۋىمنى چىشلىدىم. سۈكۈت، سۈكۈت، سۈكۈت...
سوئال: سىلىنىڭ پىكىر-مەزمۇننى ئىپادىلەش جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتلىرى بولغانمۇ؟ قانداق ھەل قىلغانتىلە؟
جاۋاب:  «يىللار» رومانى يېزىلغان چاغدا، رومانلارنى بېكىتىش ھوقۇقى مۇھەررىرلەردە ئەمەس، يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىيونلارنىڭ ئىلكلىدە ئىدى. چالا-پۇچۇق پۈتتۈرۈپلا تاشلاپ قويۇپ، پەيت كۈتتۈم. 1981-يىلى «كىچىك كارۋان» نباملىق پوۋېستىمدىن ئىككى بابنى «قەشقەر ئەدەبىياتى»دا ئېلان قىلغانىدىم. ئۇزۇن ئۆتمەي «تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيەسى» ئاز سانلىق مىللەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يولداش جاڭ سىنتاڭ كېلىپ، ئۇنى بالىلار فىلىمى قىلىپ ئىشلەش نىيىتى بارلقىنى ئېيتىپ، پۈتۈن ئورگېنالنى ئېلىپ كەتتى. نەچچە كۈندىن كېيىن، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ مۇھەررىرى، شائىر، داڭلىق تەرجىمان ياسىن ھاۋازى خەت يېزىپ، مۇھەررىرلەرنىڭ ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالغانلىقى، تولۇق نۇسقىسىنى ئەۋەتىپ بەرسەم، كۆرۈپ بېقىش نىيىتى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇنىڭ شېئىر، تەرجىمىلىرىنى كۆپ ئوقۇغان بولساممۇ، ئۆزىنى زادى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. خۇشاللىقىمدىن بىرەر ئاي تۈننى تاڭغا ئۇلاپ تىمىسقىلاپ «يىللار»نى تۈزىتىپ، بىر پارچە خەت بىلەن قوشۇپ ئۇنىڭ نامىغا يوللىۋەتتىم. يىل ئاخىرىدا تۇيۇقسىز يىقىلىپ، كېرەمباغدا ئون بەش كۈنلۈك جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە كۈزىتىشتىن كېيىن، كەدىرلار سانىتورىيىسىگە يوللاپ بېرىلدىم. 1982-يىلى 2-ئايدا، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى نۇرمۇھەممەد دۆلەتى، مۇھەررىر ئابدۇللا ئابلىز بىلەن بۆلۈم نامىدىن يېزىلغان ئۈچ پارچە خەت تاپشۇرىۋالدىم. خەتلەر بىرى-بىرىنىڭ تولۇقلىمىسى بولۇپ، تەلەپ قاتتىق، مەسلىھەتلەر بىر-بىرىدىن ئورۇنلۇق ئىدى. جېنىمغا جان قوشۇلغاندەك بولۇپ، تۈزىتىشكە كىرىشكەنىدىم، قان بېسىمىم زىيادە ئۆرلەپ، يۈرەك ھەرىكىتىم قالايمىقانلىشىپ، دوختۇرلارغا بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەردىم.  روھىممۇ چۈشتى. شۇنداقتىمۇ تەن بەرگىم كەلمىدى. نەچچە كۈنلۈك ئويلىنىشتىن كېيىن، يېنى يېتىپ بىرەر سائەت ھەپىلىشىپ باقسام، جىسمىمدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. دوختۇرلارمۇ سۆيۈنۈپ، بىر مەزگىل سىناپ ئىشلەپ بېقىشىمغا رۇخسەت قىلدى. كۈزىتىش داۋاملاشتى، ھەسسىلەپ كۈچەيتتى. ئەتراپىمدىكلى كېسەللەر يىرىقىمنى يېقىن قىلىشىپ بېرىشىپ، غەيرىتىمگە غەيرەت قوشتى...9-ئايدا قولدىن چىقىرىپ يوللىۋەتتىم...1985-يىلى «يىللار» يەنە قايتىپ كەلدى. تەلەپ تېخىمۇ قاتتىق ئىدى. پىكىر-مەسلىھەتلەر، «تولۇقلاش، چوڭقۇرلاش»نى تەلەپ قىلاتتى. ئىشلەپ تۇرۇپ مەقسەتكە يېتەلمەيتتىم، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە خەت يېزىپ ھال ئېيتتىم. جەمئىيەت ۋىلكومغا ئەھۋالنى ئۇقتۇرغانكەن، دەرھال ۋاقىت ئاجرىتىپ بەردى. تۈزەتكەنسېرى تۈزەتكىم كەلدى، تۈزەتكەنسېرى مەزمۇنى چوڭقۇرلىشىپ، بەدئىيلىكى ئۆستى. دەل شۇ چاغدا، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئوبۇل ئىسلام ۋىلكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەرھۇم مامۇت ھوشۇر ئۆيۈمگە كېلىپ، خەتتىكى تەلەپلەرنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، «يىللار» مىللەتلەر نەشرىياتى قۇرۇلغاندىن بۇيان نەشر قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاپتور يازغان تۇنجى رومان بولغاچ، مۇشۇنداق قاتتىق تەلەپ قويۇلغانلىقى؛ ئاخىرقى نۇسقىسىنى بېكىتىشتە بېيجىڭگە بېرىشىم كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، بېشىمنى ئاسمانغا يەتكۈزدى...1986-يىلى چاغان كۈنلىرى بېيجىڭگە يېتىپ بېرىپ، ياسىن ھاۋازى بىلەن تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشۈپ، ئۆيىدە قوندۇم. ئەتىسى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئىشقا چۈشكەن كۈنى نەشرىياتىنىڭ ياتىقىغا كۆچۈپ كەلدىم.  ئەتىسى «يىللار»غا پىكىر بېرىش يىغىنى بولدى. ئەمدىكى پىكىرلەر «چەكلەنگەن رايون»غا ياتىدىغان مەزمۇنلارنى تازىلاشقا مەركەزلەشكەنىدى. كاللامدىن ئۆتكەنلىرىگە قوشۇلدۇم. ئۆتمىگەنلىرىگە چۈشەنچە بەردىم. كۆپچىلىك پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى ماشىڭرېن(خۇيزۇ) خۇلاسە قىلدى... بەزى باب-بۆلەكلەرنى بۆلەكتىن يازسام، بەزىسىنى يۈرىكىم يىغلاپ تۇرۇپ قىرقىۋەتتىم. ئۇدۇللۇق پۈتكەن بابلارنى تەھرىر بۆلۈمگە سۇنۇپ قايتا-قايتا پىكىر ئالدىم. قايتا-قايتا تۈزەتتىم، 6-ئاينىڭ باشلىرىدا قولدىن چىقىرىپ تەھرىر بۆلۈمىگە سۇنغانىدىم، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر قول-قول كۆرۈپ، 8-كۈنى «تەلەپكە يېتىپتۇ» دېيىشتى. 10-كۈنى بېيجىڭ بىلەن خوشلاشتىم... ئۇزۇن ئۆتمەي، «چەكلەنگەن رايون» بىكار قىلىندى. سۆيۈنگىنىمدىن «يىللار»نىڭ داۋامىنى يېزىشقا كىرىشتىم. بۇ چاغدا، «دېھقانلارنى كېۋەز تىرىشقا يېتەكلەپ بېيىتىش» دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغانىدى. پاختىچىلىقنى باش تېما قىلىپ، «يىللار»دىن قىرقىۋەتكەن مەزمۇنلارنى ئۇنىڭغا قىستۇرۇپ تازا قىزغىن ئىشلەۋاتقاندا،  قەييۇم تۇردى بىر ئىش بىلەن كاشغەرگە كېلىپ قالدى. مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۈچ توملۇق رومانى «قامەتلىك گىلتاغ»نى يېزىۋاتقانلىقىنى سۆزلىگەندىن كېيىن، مېنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى سورىغانىدى، «دېھقان بېشى» ئاتلىق روماننى يېزىشقا كىرىشكەنلىكىم ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى دەپ بەردىم. ئۇ:
-        مىسىردا يەتتە خىل رەڭلىك پاختا يېتىشتۈرۈلۈپتۇ، ئۇلارنىڭ رېڭى ئۆڭمەيدىكەن. شاڭخەيگە كېلىش باھاسى شىنجاڭ پاختىسىنىڭكىدىن خېلىلا ئەرزان ئىكەن. كېلەر يىلى شىنجاڭغا كېۋەز تېرىش ۋەزىپە قىلىنمايدۇ ۋە ئىختىيارى تېرىسا چەكلەنمەيدۇ...-دېدى.
-        «ئالتە ئاي ئاتقان پاختام بىر چاپانغا يەتمەپتۇ» دېگەندەك، بېشىم «پىررىدە» قېيىپ، ئاسماندىن يەرگە چۈشكەندەك بولدۇم...نەچچە ئاي ئىچىمگە تىنىپ يۈرۈپ، ئۇنى كەلگەن يېرىدە توختىتىپلا تاشلىۋەتمەكچى بولدۇم-يۇ، چىدىمىدىم. ئاخىر، ئۇنىڭ شەھەرگە دائىر قىسمىنى ئۆز پېتىچە قالدۇرۇپ، يېزىغا دائىر قىسمىنى بۆلەكچە لايىھەلەش نىيىتىگە كەلدىم... قاقۇللىدىكى بېغىمغا چىقىۋېلىپ، ھەپتىلەپ، ئايلاپ شەھەرگە دەسسىمەي يېزىشنى داۋاملاشتۇردۇم. «ھېرىپ قالغان» چاغلىرىمدا شېئىر، ھېكايە، پوۋېست يېزىپ «ھاۇدۇق چىقاردىم»(«تۆشۈك مونچاق» ئاشۇ چاغنىڭ مەھسۇلى ئىدى). رېژىسور ھۆرىيەت خانىمنىڭ تاپشۇرىقى بىلەن ئۇنىڭ سىنارىيەسىنى ئۈچ ئايدا يېزىپ، تۆت ئايدا رومانلاشتۇرۇپ بولغان). 1999-يىلى «ئۇھ» دېدىم. قىسقىسى، «يىللار»نى «رومان» تۈسىگە كىرگۈزگىچە ئاقكۆڭۈل مۇھەررىرلەرنىڭ قايتا-قايتا بەرگەن پىكىرلىرى ماڭا نىسبەتەن «رومانچىلىق مەكتىپىنىىڭ دەرسلىكى» بولغان بولسا، «تۆشۈك مونچاق» بىلەن «داۋالغۇش» مېنىڭ «ئىمتىھان قەغىزىم» بولۇپ قالدى.
سوئال: نامدار يازغۇچىلاردىن بەزىلىرى «بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ ساپاسى پروزا بىلەن ئۆلچىنىدۇ» دەپ قارايدىكەن، سىلىلىچۇ؟
جاۋاب: مەن بۇ سۆزنى قەييۇم تۇردىنىڭ ئاغزىدىنلا ئاڭلىغان، خەلقئارادا ئاشۇنداق ئۆلچەم بارلىقىنى بىلمەيمەن.
سوئال: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى(ئاساسلىقى نەسرى ئىجادىيەتچىلىكى)نىڭ تەرەققىياتىغا قانداق قارايدىلا؟ يەنە قانداق ساقلانغان مەسىلىلەر بار؟ قانداق قىلغاندا تېز پۇرسەتتە تۈزىتىپ كەتكىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: بۇنى «مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات» دېگىم كېلىدۇ. ئىچىمنى سىقىدىغىنى تىلدىكى «مەدەنىي»لىك. مەسىلەن: يېدى، تولۇن ئاي، ئوغاقتەك ئاي، ئەتىگەن-تاڭ، ئالتۇن، چىراي، كېرەك، سۈزۈك سۇ(دەريا) بويى، يېڭىش، ئۇتۇق، ئۇستا، قاڭسىق، ئاش، تاماق...قاتارلىق ساپ ئۇيغۇرچە سۆز-ئاتالغۇلارنى «ئىستىمال قىلدى، ماھىتابان، ھىلال ئاي، ناھار، زەر، ھۆسىن-جامال، سىما، لازىم، زىلال سۇ، دەريا ساھىلى، غەلىبە، زەپەر، ماھىرە، بەدبۇي، غىزا، تائام» دەپ ئەرەب-پارىسچىلاشتۇرۇش يىلسېرى ئومۇملىشىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، «ئەدىب-سۆز ئۇستىسىسى» دېگەنلىك-ئۆز تىلىنى پىششىق چېلىپ، تىلنى تىلغا، تارىخنى تارىخقا ئۇلىغۇچى» دېگەنلىك بولۇپ، ھەرگىزمۇ « يات تىلدىن ‹چىرايلىق› سۆزلەرنى تاللاپ، ئۆز تىلىدىكى ‹سەت› سۆزلەرنى تازىلىغۇچى» ياكى «ئۆزىگىلا تونۇش يات سۆزلەرنى يازمىلىرىغا سىغداپ كىرگۈزۈپ، ئانا تىلنى شالغۇتلاشتۇرغۇچى-بېيتقۇچى» دېگەنلىك ئەمەس...بىر چاغدا بىر ئەرباب «كۇسار، ئوبۇرنىي» دېگەن سۆزلەرنى مەتبۇئاتتا كۆتۈرۈپ چققانىدى، دەرھال «ئۆز»لىشىشكە يۈزلەندى. باش بولۇپ ئۆزلەشتۈرگەنلەر يەنىلا مەدەنىي كىشىلەر بولدى. بۈگۈنگە كەلگەندە مۇتلەق كۆپچىلىك شەھەر ئائىلىسىگە ئۆزلىشىپ، بالىلىرى «ھاجەتخانە»، خالا، ئەسكىلىك...»لەرنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان دەرىجىگە يەتتى. «ئاياغ»نىڭ «كەش-كېپىش»نى بىلدۈرۈپ مەتبۇئاتتا پەيدا بولۇشى كەلتۈرگەن ئاپەت تېخىمۇ چوڭ. چۈنكى، «ئاياغ» شەكىلداش سۆ‍ز بولۇپ، «ئاداق-ئاخىر، پۇت، تۈگەش» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن. مىسال:« ئايىغىمغا-پۇتۇم تەرەپكە كەل، ئىش ئاياغلاشتى-تۈگىدى، ئاخىرلاشتى». «ئاياق»مۇ «ياغاچ قاچا» دېگەنلىك بولۇپ، يېقىنقى يىللارغىچە تۇرمۇشىمىزدا بار ئىدى. بۈگۈنگە كەلگەندە، مەتبۇئات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە تارماقلىرىنىڭ ئۈزمەي تەشۋىق قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇلار «كەش-كېپىش» سۈپىتىدە پۈتكۈل ئۇيغۇرغا ئۆزلىشىپ، «كەش-كېپىش»نى تىلىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدىغان  يەرگە يەتتى، يەنى «پۇتۇمغا ئاياغ كەيدىم» دەيدىغانلار «پۇتۇمغا پۇت كەيدىم» دەۋاتقانلىقىنى؛ «پۇتۇمغا ئاياق كەيدىم» دەيدىغانلار «پۇتۇمغا ياغاچ قاچا كەيدىم» دەۋاتقانلىقىنى تۇيماس بولۇپ كەتتى!...تېخى بەزى شائىرەلىرىمىز تاھىر بىلەن سەئىدىنگە كۆز سالماي، «ئاق ئاتلىق شاھزادە»نىڭ ئىشق-پىراقىدا كۆيۈپ، كېچىلىرى ئۇخلىيالمايۋاتقان؛ بەزى شائىرلىرىمىز زۆھرە بىلەن رابىيەنى ياراتماي، چولاق «ۋىناس»قا قول تەڭلەپ تۈننى تاڭغا ئۇلاۋاتقان ئەھۋاللارنى نېمە دەپ چۈشەنگۈلۈك؟! يىغىپ ئېيتقاندا، ئەددەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىيات قەدىمى شۇنداق تېز بولدىكى، قىرىق يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تارىخنى ئون نەچچە قاتلىۋەتتى. سان جەھەتتىلا ئەمەس، سۈپەت جەھەتتىمۇ يىلسېرى ئۆسۈپ بېرىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن چەكسىز سۆيۈنىمەن. بىلىمى مول، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياش قەلەم ئىگىلىرىگە مەستلىكىم كېلىدۇ. ئۇلار بەل قويۇۋەتمىسىلا، ئەدەبىياتىمىزنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىشىغا ئىشىنىمەن.
         سوئال: سىلىنىڭ ئەسەرلىرى قانداق تىللارغا تەرجىمە قىلىندى؟ قانداق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى؟
      جاۋاب: ئېسىمدە قالغانلىرىنى يۇقىرىدا دېدىم. باشقىلىرى ئۇنتۇپتىمەن. «كاج بوۋاي» قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان كوللىكتىپ توپلام «تارىم دولقۇنلىرى»غا كىرگۈزۈلۈپتۇ.
   سوئال: سىلىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
     جاۋاب: بۇ شوئار يېڭىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان چاغدا، بەزىلەر قانداق چۈشەندىكى-تاڭ، بىر مەزگىل «ئىزىم»لار بىلەن شۇغۇللىنىش، «مىكرو ھېكايە»، « گۇڭگا شېئىر» يېزىش دولقۇنى قوزغالدى. ھەتتا بەزىلەر تەپتارتماستىن «ھېكايەيىچىلىق ئەمدى باشلاندى»، «شېئىرىيەت ئەمدى باشلاندى» دەپ چۇقان كۆتۈرۈپ، «گۇڭگىچىلار» بىلەن «مىكروچىلار»دىن باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى «ئەخلەت»كە چىقىرىۋەتتى. بىرەيلەن ئۇلارنى قوللاش يۈزىسىدىن «رېئالىزىم بۇرۇن كىمنىڭ ئىدى، ھازىر كىمنىڭ بولدى؟» دەپ ئوتتۇرىغا چىققاندى، مەن كۈلدۈم. چۈنكى تاشپۈتۈكلەر ئۇيغۇر رېئالىستىك ئەسدەبىياتنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، تارىخ نۇقتىسىدىن مىلادىيە 6-ئەسىرگە تەۋە ئىدى. بىزگە رۇس تىلى ئارقىلىق كىرگەن «رېئالىزىم» خەلقئارالىق ئاتالغۇ بولۇپ، «چىن، ھەقىقىي، راست...» دېگەنلەرنى بىلدۈرەتتى. بىز مەزگىل گاڭگىرىغاندىن كېيىن «پۈتۈن مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلىنىش» دېگەن بۇ شوئارنى «مىللىي ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى: ئۆز مىللىتىنىڭ بارلىق ئۆزگىچىلىكلىرىنى قېزىپ، ئۆز پېتى قەلەمگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە، دۇنياغا تونۇتۇش چاقىرىقى»؛ بىزگە نىسبەتەن «ئۇيغۇر دېگەن قانداق خەلق؟» دېگەن سوئالغا بەدئىي شەكىلدە جاۋاب بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى، پۈتۈن دۇنيانى قايىل قىلىشقا رىغبەنلەندۈرۈش» دەپ چۈشەندىم ۋە مۇشۇ مەقسەتتە قەلەم تەۋرىتىشكە باشلىدىم. ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولدى. مېنىڭچە، ئەدەبىي ئەسەرلەر مىللىي روھ، مىللىي ئالاھىدىلىك، مىللىي پۇراق، جۈملىدىن يەرلىك ئالاھىدىلىككە  قانچە تڭتۇنسا، پۈتۈن مەملىكەتكە، ھەتتا دۇنياغا شۇنچە يۈزلىنەلەيدۇ. يازغۇچى مويەننىڭ «قىزىل قوناقلىق»قا سالغان يولدىن تايمىغانلىقى ئۇنى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرگەن.
سوئال: سىلىگە ھاياتىلىرىدا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇتۇق قازىنىشلىرىغا تۈرتكە بولغان يازغۇچى-شائىرلار كىملەر؟
جاۋاب: پىشىقەدەم شائىر مۇھەممەد رەھىم، مەن ئۇنىڭ بىلەن 1954-يىلى 1-ئايدا بېيجىڭدە تونۇشۇپ سەككىز ئاي بىللە ياشىغان. ئۇ مەندە «شائىر بولۇپ بېقىش» ئارزۇسىنى ئويغاتقان. كاشغەردە ئىشلىگەن چاغلىرىدا نېمىلا يازسام كۆرۈپ، ئورۇنلۇق پىكىرلەرنى بەرگەن. ئەسەرنىڭ تىلىغا ئىشلەش جەھەتتە ئۇنىڭدەك ئەستايىدىل-مەسئۇلىيەتچان ئەدىبتىن يەنە بىرىنى ئۇچراتمىدىم. مىسال: 1970-يىللارنىڭ بىر كۈنى مۆھتىرەم مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلدى، بەش پارچە شېئىردىن تەركىب تاپقان سېكىل يازغانىكەن. ئۇ يەر-بۇيېرىنى تۈزەتكەندىن كېيىن، پوچتىخانىغا بېرىپ «شىنجاڭ گېزىتى»گە يوللىۋەتتۇق. قايتىپ يېرىم يولغا كەلگەندە:
-ئاپلا!-دېدى تۇيۇقسىز توختاپ ،-ئىككى يەردىكى تىنىش بەلگىسى جايىغا چۈشمەپتۇ ئەمەسمۇ...يۈرۈڭ، ئۇكام، ئوڭلىۋېتىپ كېلەيللى.
پوچتىخانىغا كەلسەك، خەت-چەكلەر ئاللىقاچان ئايرودرۇمغا كېتىپ كېتىپ بولۇپتۇ...ئۆيگە كېلىپ بىر بەتلىك تۈزىتىش پىكرى يازدى...گېزىت كەلگەندە قارىسام، تۈزىتىپ قويۇلۇپتۇ. بۇ «كېسەل» ماڭا شۇ كۈنىلا يۇقۇپ، مېنى «مۇھەررىرگە ئىش قالدۇرماس» قىلدى. بەزى يازمىلىرمنى نەچچە يىل ساقلاپ، ئۆزۈمگە يارىغىدەك تۈزەتكەندىن كېيىن، مەتبۇئاتقا سۇنىمەن...1950-يىلى ئەتىيازدا، ئازادلىق ئارمىيە 5-كۇرپۇس(جۈن) 13-دېۋىزىيەسىنىڭ يازلىق كۇلۇبىدا زۇنۇن قادىرىنىڭ «غۇنچەم» درامىسىنى نەچچە قاتار كۆرگۈزۈپ، سىنىپىي كۈرەش، سىنىپىي زۇلۇمنىڭ نېمىلىكىنى ئاز-تولا بىلگەن كېيىنچە ھېكايىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، «ئەدەبىي تىل»نىڭ نېمىلىكىنى بىلقىش بىلەن بىللە، ھەقىقىي ئۇيغۇر ئوبرازىنى قەغەز يۈزىدە قانداق ئىپادىلەشتىمۇ ئاز-تولا ساۋاق ئالدىم. 1985-يىلى 8-ئايدا، خوتەندە بىر ئاي بىللە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالدىم. ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي، ئاددىي-ساددىلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد رەھىمدىكى ئورتاقلىق تىل ئىشلىتىشتە: مۇھەممەد رەھىم ئارۇز ۋەزىنلىك شۋېئىرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يازىدۇ، ئەمما ئەرەب-پارىسچە سۆز-ئاتالغۇلارنى ئاساسەن ئىشلەتمەيدۇ. زۇنۇن قادىرىنىڭ ھېكايىلىرى تېخىمۇ شۇنداق، مۇھەممەدئېلى زۇنۇن يەنە بىر ئۆلگەم...
سوئال: ئابلا ئاكا، سىلىنىڭ ئەسەرلىرى تەنقىد قىلىنغانمۇ؟ قانداق پوزىتسىيەدە بولغان؟
سوئال: كۆپ ماختالغان، تەنقىدمۇ قىلىنغان. قارىغاندا ئوبزۇرچىلار يازمىلىرىمنى ئوقۇمىغان ئوخشايدۇ...بىراق، بىرەيلەن بىر ژۇرنالدا ئۇيغۇر رومانچىلىقى ھەققىدە يازغان بىر پارچە ماقالىسىدە «يىللار»نى «1997-يىلى نەشر قىلىنغان» دەپتىكەن، سۈكۈت قىلغانىدىم. يېقىندا ئاڭلىسام، يەنە بىرەيلەن ئوىشاش مەزمۇندىكى ماقالىسىدە ئۇنى «ئۇيغۇر رومانچىلىقى تارىخىدىكى 31-رومان» دەپتۇ. كۆڭلۈمدە:«ئۇلار روماننى ئوقۇمىغان بولسىمۇ، مۇقاۋىسىدىكى ‹1987-يىل› دېگەن خەتكە قاراپ قويسىچۇ؟!...» دەپ قالدىم. ماڭا نىسبەتەن «ئەڭ ياخشى ئوبزۇرچى» ئوقۇرمەنلەر بولدى، مىسال: 1980-يىلىدىن بېرى نەشر قىلىنغان، بەزىسى ئونمىڭ تىراژدا بېسىلغان كىتابلىرىم كىتابخانىلاردا توپا بېسىپ يېتىپ قالمىدى. بەزى ھېكايىلىرىم ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى. 2009-يىلى «تۆشۈك مونچاق»قا «داڭلىق رومان» دەپ نام بېرىلىپ، «شىنجاڭ مەدەنىيەت غەزىنىسى»گە كىرگۈزۈلۈپ، ئىككىنچى قېتىم نەشر قىلىنغانىدى، 2011-يىلى «شەرق شامىلى قۇرۇلۇششى»غا تاللىنىپ كۆپ تىراژدا بېسىلىپ يېزا-كەنت، مەھەللە مەدەنىيەت پونكىتلىرى، مەدەنىيەت ئۆيلىرىگە تارقىتىلغانىدى، بۇلتۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يەنە تۆت مىڭ نۇسقا بېسىلىپ كىتابخانىلارغا سېلىندى. 2010-يىلى «ئوغۇلخان»نىڭ ئىككىنچى نەشرى باسمىدىن چىققانىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي «شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى»غا تاللىنىپ، كۆپ تىراژدا بېسىلىپ تارقىتىلدى. «ئادراسمان چېچەكلىگەندە» بىلەن «يىللار»مۇ باسمىدىن چىقىپ كىتانخانىلارغا سېلىندى. ئويلاپ بېقىشسىلا: «خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە ئېتىبار» دېگەندەك، بىر ئەدىبكە نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق «ئوبزور» بولامدۇ؟! «مۇكاپاتلىنىش»قا ئەزەلېدىن قىزىقىپ باقمىدىم، چۈنكى،ئۇ بىر ئەدىبكە نىسبەتەن «مەڭگۈلۈك تاج» ياكى «يول خېتى» ئەمەس، بەلكىي ئۇنىڭ بىرەر ئەسىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش يۈزىسىدىن قوللىنىلغان ۋاستە، يەنى «تۈرتكۈ، رىغبەت، پىشاڭ». بۇنى توغرا چۈششەنمەي، «مۇكاپاتلىنىش» غېمىدىلا بولساق، مەغرۇرلۇق-ھاكاۋۇرلۇق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئۈستۈن چاغلايمىز-دە، ئاممىدىن-تۇرمۇشتىن يىراقلىشىپ قالغىنىمىز، ھەتتا پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغىنىمىزنىمۇ تۇيماي قالىمىز... «كوممۇنىستنىڭ بۇرچى» ناملىق ھېكايەمنىڭ 1-دەرىجىلىك «تارىم مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپلا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى، دەرسلىككە كىرگۈزۈلىشى ئۆمرۈمدىكى تۇنجى ، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ «رىغبەت» ۋە ئەڭ قاتتىق «قامچا» بولغانىدى. شۇندىن كېيىن، زېھنىمنى تارىخ، تۇرمۇش، تىل ئۆگىنىشنى ئاساس، يېزىشنى قوشۇمچە قىلىشقا يۈزلەنگەنىدىم. يازمىلىرىمغا «تۇز-تەم» كىرىشكە باشلىدى. ئوقۇرمەنلىرىم ئاۋۇپ، كىتابلىرىم يىلسېرى بازار تاپقاچ، «تېراژ غېمى» قىلىپ باقمىدىم. «رۋېئالىزىم» يولىدا چىڭ تۇرۇپ، يازمىلىرىمنى «تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدەك چىن» قىلىشقا تىرىشتىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ يارىتىپ ئوقۇشى، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى روھىمغا روھ، جېنىمغا جان قوشتى ۋە مېنى بۈگۈنگە ئۇلاشتۇردى. «ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياخشى ئوبزورچى»، «مۇكاپات-رىغبەت، پىشاڭ» دېيىشىمدىكى سەۋەب مۇشۇ. ئەگەر تۆۋەندىكى ئىشمۇ تەنقىد سانالسا، مېنىڭ كاساپىتىمدىن، بەزى رەھبەرلەر «قالپاق» كەيگىلى تاس قالغان. 1979-يىلى قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى، تۇپراق بېشىدىن يېنىپ، «يامۇل ئالدى»غا كەلسەم، ۋىلايەتلىك دورا شىركىتىنىڭ ئۆگزىسىدە ھېيت ناغرىسى چېلىنىپ، ئالدىدا ساما سېلىنىۋېتىپتۇ. ھېيت كۈنلىرى ناغرا-سۇناي چېلىپ، ساما سېلىش چەكلەنگىنىگە 13 يىل بولغانىدى. ھەيرانلىقىمدىن بۇ «مۆجىزە»نىڭ سىرىنى بىلگىم كېلىپ توختىدىم(يولمۇ توسۇلۇپ قالغانىدى). ھايال ئۆتمەي، نەدىندۇ پەيدا بولغان «جىيۇچادۈي»نىڭ يەڭ بەلگىسىنى تاقىغان بىر توپ ئادەم قوللىرىدىكى «جىيۇچادۈي كالتىكى» بىلەن سام سېلىۋاتقانلارنى دۇمبالىغىلى تۇردى. بەزىلەرنىڭ باش-كۆزى يېرىلدى. «قاچ-قاچ» باشلىنىۋىدى، مەن ھارۋام(ۋېلسىپىت)نى مىنىپلا ئۆستەڭبويى تەرەپكە كەتىم...بۇ ئىش نەچچە كۈنگىچە كۆزۈمدىن نېرى بولمىدى. ئويغا پاتتىم: ئىسلام شەرئىتىدە نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسۇل «بىدئەت» سانىلىدۇ. مەسچىت «خۇدانىڭ ئۆيى» دېيىلىپ، يېنىدىن ئۈنلۈك سۆزلىشىپ ئۆتۈشمۇ «گۇناھ» سانىلىدۇ. ساما «بىدئەت» دېيىلمەي، ناغرا-سۇنىيى مەسچىتنىڭ پەشتىقىدا چېلىنىپ، ساماسى جامىئە ئالدىدا سېلىنىپ كەلگەن. كىچىكىمدە، مەھەللە مەسچىتلىرىنىڭ ئىمام-مەزىنلىرىنىڭ نامازدىن يېنىپلا «ھېيتنىڭ يارىشىقى» دېيىشىپ، باش بولۇپ ساماغا چۈشكىنىنى؛ ھېيتنىڭ ئاخىرقى كۈنى ناغرا-سۇناي تو‍ختايدىغان چاغدا كۆپچىلىككە باش بولۇپ تەڭرىدىن كېلەر يىللىق ھېيتقا تېنچ-ئامان يەتكۈزۈشىنى تىلەپ دۇئا قىلغىنىنىمۇ كۆرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەسچىت ئەلدىدا ساما سېلىش-كاشغەرگىلا خاس مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، بۆلەك يۇرتلاردا ئەزەلدىن بولمىغان ئادەت ئىدى. سامانى چەكلىگەنلىك، ئەمەلىيەتتە، بىر ياخشى ئادەت، بىر ياخشى مەدەنىيەت ھادىسىسىنى تۇنجۇقتۇرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇش بولۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى بۇرمىلىغانلىق ئىدى!...ئويلىنا، ئويلىنا، ئاخىرى «خەلق» رەسىملىك ژۇرنىلىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىغا بېغىشلانغان 1955-يىللىق 10-سانى ئېسىمگە كەلدى. ئۇنىڭ مۇقاۋىسىغا ھېيتگاھ جامىئەسى ئالدىدا بولۇۋاتقان سامانىڭ سۈرىتى بېسىلغانىدى. كۆڭلۈم «پاللىدە» يورۇپ، ئىچىمدە:« مەركەز مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنياغا تونۇشتۇرغان بۇ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ھادىسىسنى چەكلەشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق!» دېدىم-دە، «ساما»نى يېزىشقا تۇتۇندۇم. بۇ چاغدا مەن «قەشقەر ئەدەبىياتى»نى ئىشتىن سىرتىدا تەھرىرلەيتتىم. ئىشخانام «تەھرىر بۆلۈمى»، ئابلىز ئۆمەر مەسئۇل مۇھەررىر ئىدى. ئەگەر ئەسەر قەھەتچىلىكى بولمىسا، ئۆزىمىزنىڭ يازمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرمايتتۇق. 3-سانغا نەسرىي ئەسەر بولمىغاچ «ساما»نى قىستۇردۇق...بىر كۈنى، مۇئاۋىن ۋالىي ئەيسا شاكىر مېنى قىچقىرتىپتۇ. ئىشخاىسىغا كىرسەم، پەيلى بۇزۇق ئولتۇرۇپتۇ. مېنى «ئولتۇرۇڭلار»مۇ دېمەي، ئۈلۈشكۈن كەچقۇرۇن مەن تۈپلىنىپ ئېلىپ چىقىپ بەرگەن، «ساما» بېسىلغان ژۇرنالنى مەن تەرەپكە سۈرۈپ:«ئاداش، ماۋۇ نېمە؟» دېمەسمۇ، بېشىم «پىررىدە» قايغاندەك بولۇپ، «ساما»غا تىكىلگەنچە تۇرۇپ كەتتىم. ئۇ بەزىلەرنىڭ ئۇنى «ئەكسىيەتچى ئەسەر» دەپ بېكىتىپ، «ساما-سوپى-ئىشانلارنىڭ خانىقادا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيىتى. ئۇنى ھېكايە شەكلىدە يازغانلىق-سوفىۋېزىمنى، دەرۋىشلىكنى تەرغىپ قىلغانلىق، ساقچىلارنى مەسخىرە قىلغانلىق...» دېگەن مەزمۇندا خىمزۇچە «ئىنكاسنامە» يېزىپ، ۋىلايەتلىك پارتكومغا سۇنغانلىقى؛ پارتكوم ئۆزىنى «مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان»لىقتا ئەيىبلەپ، ژۇرنالنى تارقاتماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ژۇرنالنىڭ تىراژى سەككىز مىڭ ئىدى. ئۆزۈمنى تۇتالماي، «ساما»غا دائىر «بىلىم»لىرىمنى سۆزلەپ كەتتىم. ئۇمۇ «ئىنكاس»لارنى قويماي دېدى. بىرەر سائەتتە پىكىردە بىرلىككە كەلدۇق. سىرتتا ئاجايىپ قورققۇنچلۇق ئۆسەكلەر پەيدا بولغانىكەن. پارتكومنى قايىل قىلىشمۇ بىر گەپ ئىدى. مۇھاكىمە يىغىنى ئاچىدىغان بولدۇق...«خەلق رەسىملىك ژۇرنىلى»نى تەسلىكتە ئىستەپ تېپىپ، يىغىنغا ئالغاچ باردىم. يىغىن مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ كىچىك مەجلىسخانىسىدا ئېچىلدى. تەھرىر ھەيئەتلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئوتتۇزدەك كىشى قاتناشقانىدى. ئەيسا شاكىر سۆزىنىڭ بېشىدىلا، ئۇيغۇرچە «تەنقىد» يېزىپ ئۆزىگە تاپشۇرغان ئىككەيلەننىڭ ئېتىنى ئاتاپ:«سىلەرنىڭ ماقالەڭلەرنى ژۇرنالغا باسقىلى بولمايدۇ...ماۋۇ ئاداش، ‹مېنىڭ توغرا، خاتا بولسا مېنى خىزمەتتىن قوغلىسىلا، تۈرمىگە بەرسىلە› دەپ تۇرىدۇ. پىكرىڭلار بولسا، مۇشۇ يىغىندا يۈز تۇرانە دەڭلا!..» دېگەنىدى، ئۇ ئىككەيلەننىڭ بېشى ساڭگىلاپ كەتتى(ئۇلار مېنىڭ دوستلىرىم ئىدى). باشقىلارمۇ ھەيرانلىققا چۆمدى. مان ئېسىمنى يوقاتقىلى تاسلا قالدىم. خېلىدىن كېيىن، مەرھۇم نۇرمۇھەممەد ئېركىي بىلەن ئابلىمىت ھاجى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ( ئاخىرى بار). بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-16 17:57  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-16 17:29:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ كۆپلىگەن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. ئىجادىيىتڭىز تېخمۇ بەركەتلىك بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-10-17 00:12:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەدەبىي سۆھبەتنىڭ روياپقا چىققانلىقىدىن رەھمەتلىك تۇنىسا ئوسمان ھەدىمىزنىڭ روھى خۇش بولغاي.

ۋاقتى: 2015-10-17 01:43:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل سۆھبەت بوپتۇ. ئابلا ئەخمىدى قەلىمى ھەقىقىي پىشقان يازغۇچى، كەپتەرۋاز، ئادىراسمان چېچەكلىگەندە ،دېگەن پوۋېستلىرى بەك ياخشى ئىدى. ماۋۇ سۆھبىتىمۇ بەك ھوزۇرلۇق چىقىپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش