كۆرۈش: 387|ئىنكاس: 6

بوۋاقى: ئەسەرلىرىم رېئال تۇرمۇشنىڭ بەدئىي سۈرىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-16 15:52:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسەرلىرىم رېئال تۇرمۇشنىڭ بەدئىي سۈرىتى
( ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد  كېرىمى بىلەن سۆھبەت)
ئابلاجان بوۋاقى، ھاجى مىرزاھىد  كېرىمى

سوئال: مىرزاھىد كېرىمى ئاكا، سىز ئەدەبىياد كوچىسىغا قانداق سەۋەبلەر بىلەب كىرگەن؟ تۇنجى بەدئىي مېۋىڭىز قايسى؟
جاۋاب: مەن ئەدەبىي ئىجادىيەت كوچىسىغا بىرەر سەۋەب ياكى دەۋەت بىلەن كىرىپ قالغان ئەمەس، بەلكىي مومام، ئاتام ئېيتىپ بەرگەن چۆچەك، ھېكايىلەرنى بالا چېغىمدا تولا ئاڭلاش، ساۋادىم چىققاندىن كېيىن ئەدەبىي كىتابلارنى قولۇمدىن چۈشۈرمەي ئوقۇش نەتىجىسىدە كىرىپ قالغان. مېنىڭ تۇنجى شېئىرىم « ئوغرى مۆشۈك» ئەينى چاغدا يېزىلىپ ئېلان قىلىنمىغانىدى. شۇ شېئىرىدىن باشلاپ نۇرغۇن مەشق شېئىرلارنى يازغان بولساممۇ، مەتبۇئاتقا بەرمىگەنىدىم. سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا بېرىپ 2-يىلىدىن ( 1956-يىلى) باشلاپ شېئىرلىرىم ھەرقايسى گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. تۇنجى ئەسىرىم 1956-يىلى « شىنجاڭ ئەدەبىياتى» ( «تارىم») ژورنىلىغا باسىلغان « ئانا ۋەسىيىتى» شېئىرىم بولدى.
سوئال: شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتىدىكى 50 يىللىق ساۋاقداشلىق ئۇچرىشىشىدا « بىزنىڭ سىنىپ يازغۇچى-شائىرلار چىقىدىغان سىنىپ ئىدى» دېگەن ئىدىڭىز. مۇشۇ سۆزىڭىزنى دەلىللەپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
جاۋاب: مەن 2005-يىلى 9-ئايدىكى 50يىللىق ساۋاقداشلار ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ئىشلەنگەن «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىدا « بىزنىڭ سىنىپتىن خېلى كۆپ تالانتلىق شائىر-يازغۇچىلار چىققان» دېگەنلىكىم جامائەتچىلىككە ئايان، بۇ شۇنداقلا ئېيتىپ قويغان سۆز ئەمەس، بىزنىڭ سىنىپتا 38 بالا بولۇپ، 13ئى قىز، 25 نەپىرى ئوغۇل ئىدى، بۇلاردىن مىركامىل ياقۇبى، مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائىي، ئابلىمىت سادىق، سادىن سادىر، ئەخمەت توختى، ئايشەم ئەخمەت، ئابلىكىم سابىر، ئايخان تاھىر( بۇلار شائىر-يازغۇچى ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىم)، ئوزارقان ئەخمەت، زاداقان مىڭباي، شەمشىبانۇ قەمزە، جامالقان، ئەيتقالى ئوسپان، ماناپ ئەلىبەك، جاقسىلىق سابىت، شاپاخمەت تاۋۇشۇپ، ئەخمەتجان شەھەرقان ( بۇلار قازاق ساۋاقداشلىرىم). دېمەك، 38 نەپەر ساۋاقدىشىم ئىچىدە 18 نەپەر يازغۇچى-شائىر چىققان ۋە جامائەتچىلىككە تونۇلغان. ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى ئەيسا نىياز « سىلەرنىڭ سىنىپتىكىدەك ئىقتىدارلىق، قابىل، تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرى مەكتىپىمىزگە كىلىپ باقمىغان، سىلەردىن پەخىرلىنىمىز» دېگەنىدى.
سوئال: «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» ناملىق شېئىرىڭىزنىڭ ئىجاد قىلىنىش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەمسىز؟
جاۋاب: «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» شېئىرىم خىيال بىلەن تەسەۋۋۇرۇمنىڭ مەھسۇلى ئەمەس، بەلكىي رېئال تۇرمۇشنىڭ ئەينى سۈرىتىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا مەن ئەتىگەنلىك تاماققا چىقماي ياتاقتا قالغانىدىم. تاماقتىن قايتىپ كىرگەن ساۋاقداشلىرىم« بىر بوۋاقنى ساندۇققا سېلىپ مەيداندىكى ئېرىققا تاشلاپ قويۇپتۇ» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. مەن دەرھال چىقىپ ئاق يۆگەككە يۆگەكلىك بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بوۋاقنى كۆردۈم. يامغۇر تامچىلاۋاتاتتى. ماڭا گويا ئاسمان-زېمىن بوۋاققا ھازا تۇتۇپ يىغلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، ئۆزۈمنى زادىلا تۇتىۋالالماي، سىنىپقا كىرىپ قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم-دە، «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» دېگەن شېئىرىمنى كۆز-ياشلىرىم بىلەن يېزىپ پۈتتۈردۈم. مەن ئۇ چاغدا ئۇ شېئىرىمنىڭ شۇنچىۋالا زور تەسىر قوزغايدىغانلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن.
سوئال: ھاجى مىرزاھىد ئاكا، ئاڭلىشىمچە، «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» ناملىق شېئىرىڭىز ئېلان قىلنغاندىن كېيىن، سىزگە ئىنسان ھېس قىلغۇسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كەپتۇ، بۇ راستمۇ؟ بېشىڭىزغا كەلگەن ئاشۇ كۈلپەتلەرنىڭ سەۋەبچىسى مۇشۇ شېئىرىڭىزمۇ ياكى باشقا ئالاھىدە سەۋەبلارمۇ بارمۇ؟
جاۋاب: « ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» شېئىرىم « تارىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغاندا مەملىكىتىمىزدە « ئوڭچىلارغا قارشى كۆرەش» ئەۋج ئېلىۋاتاتتى.
سولچىل لۇشىيەننىڭ زەربىسى ئاستىدا بىر يىلدىن ئارتۇق كۆرەش قىلىنىپ، قارىلىنىپ قولغا ئېلىندىم. «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق»نى ئوقۇپ « ياخشى يېزىلىپتۇ» دەپ تەرىپىنى قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قارىلاپ، كۆرەش-تەنقىد قىلىپ، تارتىپ چىقىرىلغانلىقىنى كېيىن ئۇقتۇم. مەن ئوم يىل كېسىلىپ، ئۈچ يىل سىياسىي ھوقۇقۇمدىن مەھرۇم قىلىندىم. 1982-يىلى گۇناھسىز بولۇپ ئۈزۈل-كېسىل ئاقلاندىم. خىزمەت ئىستاژىم 1958-يىلىدىن باشلاپ ھېسابلاندى. بېشىمدىن ئۆتكەن ئاشۇ ئىشلار ھازىر چۈشۈمدەك تۇيۇلىدۇ.
سوئال: سىزنىڭ « ئالتۇن ئاچقۇچ» ناملىق شېئىرلار توپلىمىڭىزدىكى «چۆلدە كۆز»ناملىق شېئىرىڭىز بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. بۇ شېئىرىڭىزنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە سۆزلەپ بېرەمسىز؟
جاۋاب: « چۆلدە كۆز» شېئىرىمنى تارىم بۇيىدا يازغان. بۇ تەبىئەت لېرىكىسى بولۇپ، كەچ كۈز تەسۋىرىدۇر. بۇ شېئىرىمنى يېزىشقا بىر تۈپ توغراق سەۋەب بولغان. ئەينى چاغدا ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغان چېغىمدىمۇ قۇملۇق تۆپىلىكتە شىلدىلاپ تۇرغان ئاشۇ توغراقنى « ئالۋاستى-جىنلار ماكان قىلىۋالغان» دېيىشەتتى. ناھايىتى سىرلىق، قورققۇنچلىق كۆرۈنەتتى. مانا شۇنداق تۇيغۇ بىلەن ھاياجانلانغان ھالدا چەمبەر بولۇپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان تۇرنىلارغا كۆز سېلىپ تۇرۇپ، مۇڭلۇق كەچ كۈز پەسلىنىڭ چۆلدىكى ئەينى مەنزىرىسىنى ئەنە شۇنداق ئەكس ئەتتۈرۈپ يازغاندىم. بۇ شېئىرىمنىڭ ئوقۇرمەنلەردە تەسىر قوزغىشى تەبىەئت رېئاللىقىنىڭ بەدئىي چىنلىق بىلەن ئىپادىلەنگىنى ئۈچۈن بولسا كېرەك.
سوئال: سىز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان داستان-باللادىلار ھەققىدە قارىشىڭىزنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟
جاۋاب: ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرگەن خەلق داستانلىرى، شۇنداقلا يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نەۋائىي، ئابدۇرېھىم نىزارى، ھىرقىتى، نېمشېھىد، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئەھمەد زىيائىلارنىڭ مەزمۇن دائىرىسى يۇلتۇزلۇق ئاسماندەك كەڭ، تىلى باھار گۈللىرىدەك گۈزەل، سەۋىيىسى يۇقۇرى بولغان داستانلىرى بۇلار شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىپ كەلگەن شېئىرىيەت خەزىنىسىنىڭ دۇردانىلىرىدۇر. بۇلارغا نېسبەتەن ئېيتقاندا، مېنىڭ يازغانلىرىم چاغلىقلا. راستىنى ئېيتقاندا، ھازىر يېزىلىۋاتقان داستانلار ئاشۇ پىشىۋالىرىمىزنىڭكىگە يەتمەيدۇ. نادىر شېئىرلار كۆپ يېزىلغان بولسىمۇ، داستان-باللادىلىرىمىز ئاز يېزىلدى. بۇ ھازىرقى زامان شائىرلىرىمىزنىڭ پىشىپ يىتىلمىگەنلىكىنى كۆرسەتمىسىمۇ، پاساھەت، ماھارەتتە ئارقىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇ تۈپەيلى « قۇتادغۇ بىلىك» تەك ئىجتىمائىي، سىياسىي ھاياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يامانلىق يوللىرىنى ئېتىپ، ياخشىلىق يوللىرىنى ئاچقان شېئىرىي رومان كەبىي، «خەمسە»دەك مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىنى گۈزەل تىل بايان قىلىپ، ھىجران قاراڭغۇلۇقىنى ۋىسال شادلىقى بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەر قەلبىگە ئۈمىد چىرىقىنى ياققان داستانلار كەبىي، «رابىئە-سەئىدىن»دەك ۋاپا-ساداقەتنىڭ ئۆلگىسىنى ياراتقان، ھىجران پاجىئەسىنى ئەينەن ئىپادىلەش ئارقىلىق ۋىسالنىڭ تەڭداشسىز قەدرى-قىممىتىنى ئوقۇرمەرلەرگە تونۇتقان يىرىك شېئىرىي ئەسەرلەر تېخى مەيدانغا كەلگىنى يوق. ئەمما بىزنىڭ ھازىرقى زامان تۇرمۇشىمىز، ئۆتمۈشىمىز ئەنە شۇنداق شېئىرىي رومان، داستانلارنى يېزىشقا رىغبەتلەندۈرىدغان، ئىلھاملاندۇرىدىغان خىلمۇ-خىلمۇ  سەرگۈزەشتىلەرنىڭ خەزىنىسى. يېتىلگەن ۋە يېتىلىۋاتقان شائىرلىرىمىز بار، بۇنىڭدىن كېيىن سەرخىل داستانلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يېزىلىپ، ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىزنىڭ يۈكسىلىشىدىن ئۈمىد بار.
سوئال: ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئاكا، سىزنىڭ كۆپ قىسىم شېئىرلىرىڭىزدا مىللىتىمىزنىڭ روھىيىتىدىكى ئىسىل ئەخلاقىي پەزىلەتكە يات بولغان ئەخلاقسىزلىق، ۋاپاسىزلىق، ئىنسانىي غۇرۇرىنى يوقۇتىش، ئەجدادلارنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرۈشتەك كىشى قەلبىنى سەسكەندۈرىدىغان ناچار قىلمىشلار قامچىلىنىپتۇ. بۇ ھەقتە دەيدىغان كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: « كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا» دېگەن ھېكمەتلىك ماقال بار. ھەرقانداق ئادەمنىڭ روھىيىتى ۋە ئەمەلىيىتىدە ئارتۇقچىلىق (پەزىلەت)، نۇقسان ( ئىللەت ) مەۋجۇد. ئارتۇقچىلىنى يوشۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئىسىل پەزىلەت ھېسابلىنىدۇ. ئەمما نۇقساننى يوشۇرۇش پەزىلەت ھېسابلانمايدۇ. بەلكىي ئىللەتنى  ئاۋۇتۇشقا يول ئاچقانلىق بولىدۇ. ھورۇنلۇق، قاششاقلىق، تەمەخۇرلۇق، شەھۋەتخۇرلۇق، خۇشامەتكويلۇق، يالغانچىلىق، چېقىمچىلىق، سۈخەنچىلىك، بوشاڭلىق، ئىككى يۈزلۈك، ئاسىيلىق، تەكەببۇرلۇق، ۋىجدانسىزلىق كەبىي ئەخلاقىمىزغا، غۇرۇرىمىزغا يات بولغان ئىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدە قامچىلىنىشى، بۇ ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇش يوللىرىمۇ كۆرسىتىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى. مېنىڭچە، ئەخلاق بىلىمدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. «ئالىم بولماقتىن ئادەم بولماق تەس» دېگەن ھېكمەت تارىخنىڭ يەكۈنىدۇر.
سوئال: سىز روھىي ئازادىلىككە ئېرىشىپ، شېئىرىيەتكە قايتىدىن قەدەم قويغان ۋاقتىڭىزدا « يېڭىچە شېئىرىيەت ھادىسىسى» بارلىققا كەلدى، سىز ئۇنىڭغا يانداشماي، ئۆز خاسلىقىڭىزنى ساقلاپ كەلدىڭىز. بۇ « ھادىسە»گە بولغان قارىشىڭىز قانداق؟
جاۋاب: شېئىرىيتتە پىشىپ كامالەتكە يېتىش ئاسان ئەمەس، بۇ يىڭنە بىلەن قۇدۇق كولاپ سۇ چىقارغاندەك مۈشكۈل ئەقلىي ئەمگەكتۇر. شائىر ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كامالەتكە يېتىش ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ ياشايدۇ، مەنمۇ تىرىشىۋاتىمەن.
ئىسلاھات باشلىنىپ، ئىشىك ئېچىۋىتىلگەن، ئېلىمىز بازار ئىگىلىكىگە قەدەم قويۇپ، رېقابەت باشلانغان، ھەر  ئادەم پۇرسەتنى، شارائىتنى ئۆزى يارىتىدىغان مان مۇشۇنداق سىناق پەيتىدە «يېڭىچە شېئىريەت» بارلىققا كەلدى. بۇنى ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجىدىكى شائىرلار مەيدانغا كەلتۈرگىنى يوق، بەلكىي غەرب ئەللىرى شائىرلىرىنىڭ ئەركىن( قاپىيە، ۋەزىن، تۇراق توسالغۇسىغا ئۇچرىمايدىغان) شېئىرلىرى تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ھەۋەسكارلار بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىدى. نەتىجىدە دوراپ-دورىماي، ئەركىن شېئىر يازىدىغان شائىر، ھەۋەسكارلىرىمىز كۆپەيدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئەدەبىياتىمىز، جۈملىدىن شېئىرىيىتىمىز ئۈچۈن يامان ئەھۋال ئەمەمس، بەلكىي پايدىلىق ئىزدىنىشتۇر.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، ئەۋىج ئېلىپ شائىرلارنىڭ تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر قىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ قالغان قاتماللىق، مەدھىيۋازلىق، ئوخشاشلىق، مەزمۇندىكى تەكرارلىك كەبىي ئوقۇرمەننى بىزار قىلىدىغان  بولمىغۇر ئىللەتلەردىن خالىي بولغان « يېڭى شېئىرىيەت»( مەن ئەركىن شېئىر دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆرىمەن) مەتبۇئاتلىرىمىزدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. مەن بۇنىڭغا يانداشمىغان بولساممۇ، قوللىغانىدىم، ھالبۇكى، ئەركىن شېئىر يازىدىغانلار كۆپەيگەنسىرى بەزىلەرنىڭ يازغانلىرىنى چۈشىنەلمەي غەلىتە، تۇترۇقسىز ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەركىن شېئىر پىكىر ھېسسىيات، تۇيغۇنىڭ پايانسىز كەڭلكىكدە ئەركىن پەرۋاز قىلالايدىغان قانىتىغا ئايلاندى. پىكىرنى ھېسسىيات، تۇيغۇ، تەبىئەت بىلەن باغلاپ ئۆزىمۇ چۈشىنەلەيدىغان، ئوقۇرمەننىمۇ گاڭگىرىتىپ قويمايدىغان ئەركىن  شېئىرلارنى يېزىشنى شېئىر ئوقۇشقا خۇشتار كىشىلەر تەلەپ قىلماقتا... ۋاھالەنكى، بارلىق شائىر، يازغۇچىلارغا نېسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنداق ۋە ياكى مۇنداق ياز، دەپ دەۋەت قىلىش ئاقىلانىلىك بولمايدۇ. قانداق مەزمۇندا ۋە قانداق شەكىلدە يېزىش- قەلەم ساھىبىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. مەسىلە ئايدىڭكى، مېنىڭ ئۆز خاسلىقىمنى قەدىرلىشىمدىكى مەقسەت، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى قوغداش ۋە يۈكسەلدۈرۈش، شۇنداقلا، ئەركىن شېئىرلارنىڭ ئاچقىلى بولمايدىغان تىلسىماتتەك ئوقۇرمەنلەرنى بۇرۇقتۇرما قىلىپ قويماي، ئېچىلمىغان ئەقىل ئىشىكلىرىنى ئېچىپ، يېڭىدىن گۈزەل ھېس-تۇيغۇ، پىكىر بىلەن زوق-ھوزۇر، جاسارەت بەخش ئېتىشنى ئۈمىد قىلىشتۇر. شۇنى ئېسىمدە تۇتۇپ كېلىۋاتىمەنكى، شېئىر ئەڭ گۈزەل، ئەڭ مەنىلىك سۆزلەر بىلەن ئالەم، ھايات، تەبىئەت ھادىسە-ۋاقىئەلىرىدىكى ھېكمەتلەرنى ئەڭ ئىخچام ھالدا ئىپادىلەپ ئىپادىلەپ بېرىدىغان بادئىي ئىجادىيەت شەكلىدۇر.
سوئال: سىز ئۇزاق يىللار شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋىتىپ، 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پروزا ئىجادىيىتىگە ئۆتۈپ»كەتتىڭىز، بۇنىڭدا ئالاھىدە بىر سەۋەب بارمۇ-قانداق؟
جاۋاب: مېنىڭ نەسرى ئەسەر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىم 1957-يىلىدىن باشلانغان. ئۇ چاغدا نەسىر-ھېكايىلەردىن باشقا «كېسىلگەن بۇرۇن» ناملىق پوۋستمۇ يازغانىدىم. ئەمما مەتبۇئاتلاردا شېئىرىم ئېلان قىلىنىپ، نەسرى ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنمىدى. بەلكىم نەسرى ئەسەرلىرىم خام، ئېلان قىلىنىشقا تېگىشلىك بولمىغاندۇ. 1980-يىللارغىچە نەسرى ئەسەر يازماي نەزمىي ئەسەر يېزىش بىلەن بولدۇم. 1982-يىلىدىن كېيىن كۆرگەن كۈنلىرىم ۋە بارغان-تۇرغان يەرلىرىم، ئۇچرىغان ئادەملەردىن ئاڭلىغان-بىلگەنلىرىمنىڭ قىستىشى، تارىخىمىزدىكى قىسمەتلەرنىڭ ئاجايىپلىقى مېنى يەنە نەسرى ئەسەر يېزىشقا ئۈندىدى. دەسلەپ « پەرىزات» ناملىق ھېكايەم « قەشقەر ئەدەبىياتى»غا بېسىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن نەسرى ئەسەر يېزىشقا جۈرئەت بىلەن كىرىشتىم. ئەمما نەزمىي ئەسەر يېزىشنى تاشلاپ قويمىدىم. بۇنى قانداقمۇ نەسرى ئەسەر ئىجادىيىتىگە ئۆتۈپ كەتتى، دېگىلى بولسۇن؟ ھازىرمۇ نەسرى ئەسەر بىلەن نەزمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ تۇرۇۋاتىمەن. بۇ ئۆمرۈمنىڭ ئاىرىغىچە داۋاملاشقۇسى.
سوئال: ھازىر ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە « ئارۇز ۋەزىندە شېئىر يازىدىغان شائىرلار بارغانچە ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ ياكى يوق» دەيدىغان بىر قاراش بار، بۇ توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەمسىز؟
جاۋاب: ئارۇز ۋەزنى-تۈرى كۆپ، ئاھاڭدارلىقى ناھايىتى روشەن، مۇرەككەپ كلاسسىك شەكىل. شائىر بىر بوغۇمدا كەتكۈزۈپ قويسا، ئاھاڭدارلىقى، ۋەزنى بۇزۇلىدىغان زىل شەكىل. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يۈكنەكى، ئەھمەد يەسەۋىي، جالالىددىن رۇمىي، ئەلىشىر نەۋائىي، گۇمنام، مەشرەب كەبىي كلاسسىك شائىرلارنىڭ ۋە ئۇلارغا ۋارىس بولغان نېمشېھىد، ئەھمەد زىيائىي، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن قاتارلىق ئاتاقلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئارۇز ۋەزنىدە يازغان شېىرلىرى- ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى جۇلالاندۇرىدىغان جەۋھەرلەردۇر. بۇ جەۋھەرلەرگە نېمىشقا ۋارىسلىق قىلمىغۇدەكمىز، ئەلۋەتتە ۋارىسلىق قىلىمىز. مۇھەممەد ئېلى زۇنۇن تەشنائىي، ياسىن زىلال، ئابدۇقادىر جالالىددىن قاتارلىق شائىرلىرىمىز بۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىۋاتىدۇ. ۋارىسلىق قىلغۇچىلار داۋاملىق كۆپىيىدۇ. ئارۇز ۋەزىندە يېزىلغان غەزەل، مۇخەممەس، مۇسەددەس، مۇسەممەنلىرى، داستان-باللادىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ زوقىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرىدۇ، دېگەن ئۈمىدتىمەن.
سوئال: سىز «سەئىدىان»، « ئابدۇرېشىتخان»، « جۇدالىق»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» قاتارلىق تارىخي رومانلارنى نەشىر قىلدۇردىڭىز ھەمدە بىرمۇنچە ھېكايە-پوۋىستلارنى ئېلان قىلدىڭىز، سىزنىڭچە، تارىخي ئەسەرلەرنى يېزىشتا قايسى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؟
جاۋاب: مەن يۇقۇرىقى تارىخىي رومانلارنى يېزىپ سەبداش ئەدىبلەر قاتارىدا بۇرچۇمنى ئادا قىلغانلىقىمدىن تېخى قانائەتلەنگىنىم يوق. ئالدىمىزدا نۇرغۇن تارىخىي تېمىلار تۇرۇپتۇ. ھازىرقى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلار تارىىتىن ئىبارەت بۇ مەنىۋىي خەزىنىدىن داۋاملىق ئىلھاملىنىپ غەيرەتكە كېلىپ، نادىر تارىخي ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، دېگەن ئىشەنچىم ماڭا ئىلھام بېرىدۇ.
تارىخي ئەسەرلەرنى يېزىپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىكى چۈشەنچەم تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت: بىرىنچى، يېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش لازىم. يېزىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرمەي تۇرۇوپ، تارىخىي ئەسەرلەرنى ئۇتۇقلۇق يازغىلى بولمايدۇ. ئىككىنچى، ئەتراپلىق بىلىمگە ( بولۇپمۇ تارىخىي بىلىمگە) ئىگە بولۇشى، ئۆز مىللىتى، قوۋمىنىڭ ئادەت-يوسۇنى، مىجەز-خاراكتېرىنى بىلگەن بولۇشى، يىراق ئۆتمۈش بىلەن يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماننى پەرقلەندۈرۈش ئېڭىغا ئىگە بولۇشى ھەممىدىن زۆرۈر. ئۈچىنچى، ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىغا باي ۋە پىششىق بولۇشى شەرت. ئۆز تىلىنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ، يازغان ھەرقانداق ئەسەر بەدئىي ئەسەر بولالمايدۇ، ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىغا باي بولۇش دېگەن سۆز خەلق تىلىغا ۋە بەدئىي تىلغا پىششىق بولۇش دېگەنلىكتۇر. تىلغا باي بولۇش ئۈچۈن چۆچەك-ھېكايىلەرنى كۆپ ئاڭلاش، ماقال-تەمسىللەرنى كۆپرەك بىلىش، كىتابنى( بولۇپمۇ رومان، ھېكايە-پوۋىستلارنى) كۆپ ئوقۇش لازىم. كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش، باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشمۇ تىل بايلىقىنى ئاۋۇتۇش ئۈچۈن، تەپەككۇر، تەسەۋۋۇرنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىقتۇر. بىر تىلنى بىلگەن ئادەم بىر ئادەم ھېسابلانسا، ئىككى تىلنى بىلگەن ئادەم ئىككى ئادەم ھېسابلىنىدۇ. سىز ئىككى-ئۈچ ئادەم بولۇپ قەلەم تەۋرىتىشكە ئىنتىلمەمسىز؟ تۆتىنچى، بىلىم ئۆگىنىشنى، تۇرمۇشنى ئۆگىنىشنى، دۇنيانى چۈشىنىشنى، يېزىقچىلىق ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويماسلىق كېرەك. بىر كۈننى بىكار ئۆتكۈزىۋەتسىڭىز قەلىمىڭىز ئۈچ كۈن ئاقسايدۇ. بەشىنچى، ئوتتەك قىزغىنلىق، تاغدەك سەبىر-چىدام، ئاچ قالغان بۆرىنىڭ غەيرىتىدەك جاسارەتكە كېلىپ، سەيلە-ساياھەت، مەرىكە، چىللاق، چاي-نەزىرلەردىن مېھرىڭىزنى ئۈزۈپ، يېزىق ئۈستىلى ئالدىدا ئۇيۇل تاشتەك ئولتۇرالىشىڭىز كېرەك. يېزىش جەريانىدىكى جاپا سىزگە ھوزۇر-راھەت تۇيۇلمىسا، يازغان ئەسىرىڭىزمۇ ئوقۇرمەنلەرگە زوق-ھوزۇر بەخش ئېتەلمەيدۇ. جاپادىن قاچقان كىشى يازغۇچى-شائىر بولالمايدۇ. ئالتىنچى، روماندىكى باش قەھرىمانغا، پىرسۇناژلارغا مەسئۇل بولۇش لازىم. تارىخي روماندىكى تارىخىي شەخسلەر، يانداش قەھرىمانلار ۋە باشقا پىرسۇناژلار-قەلەمنىڭ كۈچى بىلەن قەبرىلەردىن چىقىپ، ئاخىرلاشقان ھاياتىنى يېڭىدىن باشلىغان كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇلار يازغۇچۇدىن ئولتۇرسا-قوپسا، ماڭسا-تۇرسا، ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى، توقۇلمىلارنىڭ ئۆزلىرىگە ( تارىخىي رېئاللىققا ) ئۇيغۇن كېلىشىنى، تەقدىرىگە مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا زىنھار سەل قارىماسلىق كېرەك. ئۆز تەجرىبەمدىن ئېيتقاندا، ئۆلگەن، ئۇنتۇلغان، ئىسمى بار، جىسمى يوق تارىخىي شەخسلەرنى گۆش-قېنى، يۈرىكى، ئەقلىي بار قىلىپ قايتا تىرىلدۈرۈپ ھايات كەچۈرگۈزۈشتە توقۇلمىغا تايانماي بولمايدۇ. توقۇلما ئەينى  چاغدىكى رېئاللىققا ئۇيغۇن بولسا، ئوقۇرمەننى راست بولغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ تەسىرلەندۈرىدۇ، ھاياجانلاندۇرىدۇ. تارىخىي روماننىڭ مۇۋەپپىقىيىتى مانا مۇشۇ يەردە. توقۇلما ئەينى چاغدىكى تارىخىي رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىسا، ئوقۇرمەنگە يالغاندەك تۇيۇلۇپ، تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ، بىزار قىلىدۇ. تارىخىي  وماننىڭ مەغلۇبىيىتىمۇ مانا مۇشۇ يەردە. گەپ يازغۇچىنىڭ ماھارەت بىلەن يېزىشىدا.
سوئال: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا « سۇتۇق بوغراخان»، « ئىز»، « ئويغانغان زېمىن»، « ئانا يۇرت»، « ئۇنتۇلغان كىشىلەر»، « بەختسىز سەئىدىيە»، « مەھمۇد كاشىغەرىي»، « ئورخۇن شەجەرىسى»، « ئىدىقۇت يۇلتۇزى»، « جاللات خېنىم»، « باھادىرنامە»، « باتۇر تەڭرىقۇت»، « ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»، « تۈندىكى چاقماق»...قاتارلىق تارىخىي رومانلار نەشىر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. سىز بۇ ئەسەرلەرگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قاتار تارىخىي رومانلار نەشىر قىلىنىپ، ئىلگىرى ئوقۇغان روسىيە ۋە غەرب ئەللىرى رومانلىرىغا قارىغاندا مېنى نەچچە ھەسسە ھاياجانلاندۇرغىنى راست، بۇنداق بولۇشى، چەتئەل ۋە چەتئەل يازغۇچىلىرىغا چوقۇنۇش ئىددىيىسىنىڭ مەندە يوقلۇقىدىن بولماستىن، بەلكىي، ئوچۇقىنى ئېيتسام، ئانا يۇرتۇمدىكى قېرىنداشلىرىم قىسمەتلىرىنىڭ شۇنچە ئەينەن، شۇنچە تەسىرلىك ھالدا بەدئىي چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈندۇر. شۇنداقلا مەزمۇندىكى ئىپادىلەشتىكى بەدئىي سەۋىيىسىنىڭ چەتئەل رومانلىرىدىن قېلىشمايدىغانلىقى ھەتتا، ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈندۈر. ئلازىمىزنى چۆكۈرۈپ، چەتئەلنىڭكىنى ئۈستۈن كۆرۈش ئىددىيىسىنى يۇقۇرىدىكى تارىخىي رومانلار ئاخىرلاشتۇردى ۋە تۈگىتىۋاتىدۇ دېسەم خاتالاشقان بولمايمەن، ئەلۋەتتە.
بۇنىڭدىن رومانلىرىمىز خاتاسىز، نۇقسانسىز مۇكەممەل يېزىلغان دېگەن مەنە چىقمايدۇ. گۈلنىڭ تىكىنى، ئاينىڭ دېغى بار دېگەندەك خاتالىق ۋە نۇقسانلارنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. ئەمما بۇ بىر باشلىنىش، لىللا، خالىس باھا بېرىشنى تەنقىدچىلىرىمىزگە ھاۋالە قىلىمەن.
سوئال: ھاجى مىرزاھىد ئاكا، سىزچە، « تارىم» ژورنىلىنىڭ 2006-يىلى 8-سانىدا « مېنى نېمىشقا تەنقىد قىلمايسىلەر» ناملىق ماقالىڭىزنى ئېلان قىلىپ، ئەدەبىيات تارىخىدا يازغۇچىلاردا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان پەۋقۇلئاددە بىر دادىللىقنى نامايەن قىلدىڭىز. بۇنداق قىلىشىڭىزدىكى مۇددىئايىڭىز نېمە؟
جاۋاب: مەن «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 8-سانىدىكى « مېنى نېمىشقا تەنقىد قىلمايسىلەر» ماۋزۇلۇق ماقالەمنى مۆھتىرەم سەبداشلىرىم يازغاندەك « ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دادىللىق»، « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا ئۆزىنى تەنقىد نىشانى قىلالىغان تۇنجى ئاپتور» ماختاشقا سازابەر بولۇش غەرىزىدە يازغان ئەمەس.  بەلكىي يۇرتداش-قېرىنداشلىرىمغا يىلتىزىنى، ئۇنتۇلغان ئەجدادلىرىنى تونۇتۇش ئۈچۈن كېچىلىرى ئۇخلىماي يازغان رومانلىرىمغا خالىس، لىللا باھا بەرگۈزۈپ، ھېس قىلالمىغان خاتالىق، نۇقسانلىرىمدىن خەۋەردار بولۇپ،  ئەقىل كۆزۈمنى تېخىمۇ چوڭراق ئېچىپ، تېخىمۇ يىراقنى كۆرۈش، كەم يەرلەرنى تولۇقلاش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان نۇرغۇن رومانلارغا دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ سان-سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش مۇددىئاسىدا يازغانىدىم. ئەپسۇس، تەنقىدچىلىرمىز نېمە كويدىكىن، قانائەت قىلغۇدەك جاۋابقا تېخىمۇ ئېرىشكىنىم يوق.
سوئال: «تەڭرىتاغ» ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 4-سانىدا مۇھەممەد نىياز توختى، نىياز ھاجى قادىرلار سىزنىڭ «سەئىدخان» رومانىڭىزغا قارىتا تەنقىدىي ماقالە يېزىپ، ئالتە نۇقتىدىن مۇھاكىمسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەنقىدىي ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن قايىل بولدىڭىزمۇ ياكى ئۆز قارىشىڭىزنى ساقلاپ قالدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: مەن ئۇلارنىڭ «‹ سەئىدخان› رومانىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار» دېگەن ماقالىگە شۇ ژورنالنىڭ شۇ يىللىق سانىدا بېسىلغان « مېنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا جاۋابىم» دا بۇ توغرىسىدىكى قاراشلىرىمنى شەرھلەپ ئۆتكەنلىكىم ئۈچۈن يەنە تەكرارلاپ ئولتۇرمايمەن. شۇنى قەيت قىلىپ ئۆتىمەنكى، تارىخ-ئىلىم-پەندۇر. ئۇنتۇلغان ئىشلاردۇر. ئۇنىڭدا يىلنامە، ۋەقەلەر بار، جەريان، « تەپسىلات» يوق. ئۆلگەن ئادەملەر بار، تىرىكلەر يوق. شەخسلەرنىڭ ئىسمى بار، جىسمى يوق.
تارىخىي رومان- بەدئي ئەسەردۇر. تارىىخنىڭ دەل ئۆزى ئەمەس. ئۆلگەن، ئىسمى بار، جىسمى يوق ئادەملەرنى گۆش-قېنى، ئەقلى، يۈرىكى بار، خاراكتىر-مىجەزى پەرقلىق خاسلىققا ئىگە ئادەم قىلىپ، قايتا تىرىلدۈرىدىغان تىل سەنئىتىدۇر. بۇنى يېزىش جەريانىدا يا ئۇنداق خاتالىق، سەۋەنلىكتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ياخشى نىيەتلىك مۇھەممەد نىياز توختى، نىياز ھاجى قادىرلار يىلنامىلەردە كەتكەن سەۋەنلىكنى ۋە چۈشۈپ قالغان ئىسىملارنى،  ئالمىشىپ قالغان ئورۇنلارنى توغرا كۆرسەتكەن. بۇ مېنى قايىل قىلىپ سەگەكلەشتۈردى ۋە ئۆز پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىيىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.
سوئال: يازغۇچى پەرھاد جىلاننىڭ « مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانىدا جامائەت ئەربابى، دۆلەت ئاتىسى، سىياسىيۇن، ھەربىي ئالىم ۋە شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە تىلغا ئالغۇدەك بايانلار يوق دېيەرلىك. ۋاھالەنكى، سىزنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» ناملىق رومانىڭىزدا بۇنىڭغا يېتەرلىك ئورۇن بېرىلگەن. تارىخىي ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن قىلىپ ئېيتقاندىمۇ، بۇنداق ئىككى يىتۈك ئالىمنىڭ ئالەمشۇمۇل بىر مەدەنىيەت نەركىزىدە تۇرۇپ كۆرۈشەلمەسلىكى، ئىلمىي مۇتالىئە قىلىشماسلىقى ۋە ئەدەبىيات ھەققىدە ھەمسۆھبەت بولماسلىقى مۈمكىن ئەمەس. سىز بۇ مۇھىم تارىخىي مەسىلە ھەققىدە ئوقۇرمەنلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باققان بولسىڭىز؟
جاۋاب: قاراخانىيلار  سۇلالىسىنى-دەۋرىنى تەتقىق قىلغان پەرھاد جىلان ئەپەندى بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ قۇتلۇق ھاياتىنى ئۆگىنىش، مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قىلىپ، يۈرەك قېنى بىلەن يېزىپ چىققان تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشىغەرىي» 1994-يىلى نەشر قىلىنغاندا « سەئىدخان» رومانىنى يېزىۋاتاتتىم. نەسەبىي، تەرجىمھالى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار نېسبەتەن كۆپرەك بولغان شاھزادە، باھادىر ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي توغرىسىدا مەنمۇ رومان يېزىش ئىستىكىدە بولۇۋاتقىنىمدا، پەرھاد جىلاننىڭ بۇ رومانى ئوقۇرمەنلەر يۈز بىلەن كۆرۈشتى. مەنمۇ ئوقۇدۇم. شۇنىڭ بىلەن بۇ توغرىلىق رومان يېزىش قىزغىنلىقىم سوۋۇپ، «سۇلتان ئابدۇرېشىتخان» رومانىنى يېزىش ئىرادىسىگە كەلدىم. ئۇنى يېزىپ بولۇپ « يۈسۈپ خاس ھاجىپ» رومانىنى يازدىم. روماندا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەھمۇد كاشىغەرىي بىلەن سەمىمىي دوستانە ھالدا بىر-بىرىگە ھەمدەم بولغانلىقىنى ۋە بۇ ئالىيجاناب دوستلۇقىنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدىم. بۇ مېنىڭ زامانداش ئىككى ئالىم توغرىسىدا ئۇزاق ۋاقىت تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بىر پىكىرگە كەلگەندىن كېيىن قەلەم تەۋرەتكىنىمنىڭ نەتىجسى.
ھۆرمەتلىك سەبداش پەرھاد جىلان ئەپەندى مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ھاياتىنى ئاساس قىلغىنى ئۈچۈن، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە توختالمىغان. ئەمما قىزغىن مۇھەببەت ھەم ھۆرمەت بىلەن بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم، شۇنداقلا تۈرك سېستىمىسىدىكىى مىللەتلەرنى تەتقىق قىلىپ دۇنياغا ئايان قىلغۇچى تۈركلوگ مەھمۇد كاشىغەرىينى بۇ رومانى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىگە ۋە دۇنياغا قايتىدىن تونۇتتى، ئۇنىڭ بۇ تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن.
سوئال: ھاجى مىرزاھىد كېرىم ئاكا، بەزىلەر ياش چاغلىرىدا يېزىقچىلىققا ئوتتەك كىرىشىپ، مەلۇم پەللىگە يەتكەندىن كېيىن، بىراقلا سوۋۇپ كېتىپ، باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن، يەنە بەزىلەر ياش چاغلىرىدا باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ قىرانلىق مەزگىلىدە يېزىقچىلىققا كىرىشىدىكەن، ئەمما سىز ئوتلۇق ئىشتاياق بىلەن ئىزچىل يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىسىز. پەرىزىمچە، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن چەكسىز ھوزۇر ھېس قىلىدىغان ئوخشىمامسىز؟
جاۋاب: مەن بالىلىق چېغىمدىن باشلاپلا شېئىر يېزىشقا ئىشتاياق باغلاپ تاكى ھازىرغىچە يالقۇنجاپ تۇرغان ھالەتتە ياشاپ  كېلىۋاتىمەنكى، قەلەم تەۋرىتىشتىن تەۋرىنىپ قالغىنىم يوق. بۇ مېنىڭ تەڭرى ئاتا قىلغان ئامىتىم. ھەتتا مەن قاراڭغۇ ئۆيدىمۇ، چۆل-جەزىلەردىمۇ يېزىپ تۇردۇم. يېزىشتىن توختاپ قالغان چاغلىرىمدا بىر سائەت، بىر كۈننى ئۆتكۈزۈش شۇنداق چۈشكەنكى، ئاسمانغا تولا قاراپ، كۈن سىلجىماي بىر جايدا تۇرىۋالغاندەك تۇيۇلۇپ، بەكمۇ قىينالغان ئاشۇ يىللارنى زادى ئۇنتۇمايمەن. ئۇ چاغدا ئارزۇيۇممۇ شۇنداق، بىر ۋاقىت كەلسە، كۈن كەچ بولماي تۇرسا، يازىدىغانلىرىمنى يېزىۋالسام، دېگەن ئىلتىجا بولۇپ قالغانىدى. ئارزۇغا يەتكەن مۇشۇ يىللاردا كۈننىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدىن ئاغرىنىدىغان بولۇپ قالدىم. كۈندۈزى يېتىشمەي كېچىلىرىمۇ ئىشلەپ كېتىمەن. 30 يىل شۇنداق ئاتقان ئوقتەك تېز ئۆتۈپ كەتتى، ياشىنىپ قالدىم. كاشكى، مەن بۇ ھوزۇر قىلىدىغان يېزىقچىلىقتىن ئايرىلىپ قالمىسام، يەنىمۇ ئۇزاقراق داۋاملاشتۇرسام دېگەن ئۈمىدتىمەن. مەن بىرنەچچە يىلدىن بىرى «تارىم»م، «جوڭگۇ مىللەتلىرى»، « كروران»،« قەشقەر» ژورناللىرىدا بىرقانچە ئەسلىمىلەرنى « قەلبىمدىكى ئۇنتۇلماس ئادەملەر» ماۋزۇسى ئاستىدا ئېلان قېلىۋاتىمەن. بۇلار ئۆمرۈمگە مەنە بەرگەن قىسمەتلەر، ئۇرۇق-تۇغقان، قېرىنداشلىرىمغا، ساۋاقداش، دوست-بۇرادەرلىرىمگە يۇرتداش، سەبداش، قولۇم-قوشنىلىرىمغا، پەزىلەتلىك ئادەملەرگە چېتىلىدۇ. مەن بۇ ئەسلىمىلەرنى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە يېزىش ئارزۇسىدىمەن. مەقسىتىم: ھىممەتلىك، كۆيۈمچان، غەيرەتلىك، جۈرئەتلىك يۇرتداشلىرىمنى زامانداشلارغا ۋە ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈش ۋە شۇنداق ئىرادە بىلەن ياشاشقا يېتەكلەشتۇر.
سوئال: سىزنىڭ تارىخىي رومان ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىزغا نېمە تۈرتكە بولغان؟
جاۋاب: يۇقۇرىدا ئېيتقاندەك، ئۇزاق تارىخىمىزدىكى شانۇشۆھرەتلىك ئىزلار، باھادىر بوۋىلار، مېھرىبان مومىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى، ئارزۇ-تىلەكلىرىگە يېتىش يولىدىكى پىداكارلىقلىرى، قايغۇسى، خۇشاللىقى، ئەخلاق-پەزىلىتى، ھىممىتى، مەردانىلىكى مېنىڭ تارىخىي رومان يېزىشىمغا تۈرتكە بولدىلا ئەمەس، بۇرچۇمنى ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلدى. شۇنداقلا زامانداشلىرىم، ئەۋلادلىرىمغا يىلتىزىنى تونۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسلاھات ۋە بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە پاراسەتلىك، جاسارەتلىك بولۇپ، سىناقلاردىن جەسۇرلۇق بىلەن ئۆتۈپ، تۆھپە يارىتىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن تارىخىي رومان يېزىش ئىرادىسىگە كەلگىنىمنى سائادىتىم بىلىمەن.
سوئال: ۋەتەن-خەلق، مىللەت ۋە ئەدەبىياتقا ھەقىقىي تۈردە ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر يازغۇچى-شائىر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا پەقەت ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يېتىلدۈرگەندىلا، قەلبلەر تۆرىدىن ئەبەدىيلىك ئورۇن  ئېلىپ مەڭگۈ ياشايدۇ. سىز يېرىم ئەسىر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئەدەبىي ئىجادىيىتىڭىزدە ئۇسلۇب يېتىلدۈردۈم، دەپ قارامسىز؟ ئۇسلۇبقا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: ئۇسلۇب-يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت جەريانىدا يېتىلدۈرگەن يېزىش ماھارىتىدىكى خاسلىقىدۇر. ئۇسلۇب يېتىلگەن ئەدىبنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەن، ئىسمىنى كۆرمىسىمۇ، « ھە، بۇ پالانى يازغۇچى-شائىرنىڭ ھېكايىسى ياكى پالانى شائىرنىڭ شېئىرى » دەپ بېرەلەيدۇ. بۇنداق ىاسلىقنى يېتىلدۈرگەن يازغۇچى-شائىر تالانتلىق ھېسابلىنىدۇ. ۋەقەنى بىر باشتىن بايان قىلىش، تىلى چۈشىنىشلىك، راۋان بولۇش-نەسرى ئەسەر يېزىش جەريانىدا يېتىلدۈرگەن ئۇسلۇبۇم. تەسىرات، ئىچكى ۋە تاشقى روھىي ھالەتنى تەبىئەت ھادىسىلىرى باغلاپ پىكىرنى  ئوچۇق ئىپادىلەش- مېنىڭ نەزمىي ئەسەر يېزىش جەريانىدا يېتىلدۈرگەن ئۇسلۇبۇم. (خاسلىقىم). دېمەك، ئۆزۈمگە خاس ئۇسلۇب يېتىلدۈردۈم، دەپ قارايمەن.
يېزىش ماھارىتىدىكى بۇ خىل ئۇسۇل(ئۇسلۇب) ھەر بىر تالانتلىق يازغۇچى-شائىرنىڭ تەۋرەۋاتقان قەلىمىدە ئاستا-ئستا تەبئىي يېتىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ تېز، بەزىلەرنىڭ ئاستا يېتىلىشى مۈمكىن، بەزىلەردە بولسا، ئۆمۈر بويى يېزىقچىلىق قىلسىمۇ، يېتىلمەسلىكى مۈمكىن. يەنە بەزىلەر ئۇسلۇبنى يېڭىلاپ تۇرۇشى، ئۇ ئۇسلۇبتىن بۇ ئۇسلۇبقا ئۆتۈشى مۇقەررەر. بۇ ھەر بىر ئەدىبنىڭ ئۆز ئىختىيارىدىكى ئىش. ئۇسلۇب يارىتىشقا ئۇرۇنمايمۇ، ئۇسلۇب ياراتمايمۇ سەر خىل ئەسەر يازغىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. مەسىلەن، قەيسەر شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاب» شېئىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. بۇ شېئىرنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىغا ئوخشايدىغان يەنە بىر شېئىر يوق. يازغۇچى-شائىر ئۈچۈن ھەممىدن ئەۋزىلى ئەركىن قەلەم تەۋرىتىشتۇر. ئۇلارغا ھۆرمەت، شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغىنى سەرخىل، نادىر ئەسەردۇر.
سوئال: يېزىقچىلىق ئادىتىڭىز ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز.
جاۋاب: مېنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتىم تەرتىپكە سېلىنغان ئەمەس، سەھەردىمۇ، ، كۈندۈزدىمۇ، ئاخشامدىمۇ، كېچىدىمۇ بىر سېھىرلىك تۇيغۇنىڭ ئەقىل ئىشىكىمنى ئېچىشى بىلەن يېزىشقا كىرىشىمەن. سېھرى تۇيغۇ كۆڭلۈمدىن يىراقلاپ ئەقىل ئىشىكىم تاقالغاندا قەلەمنى قويىمەن ۋە خالىغىنىمنى قىلىمەن. مەھبۇبەم، بالىلىرىمنىڭ تىلىكىنى ئاڭلايمەن. ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىمەن. كوچا-كويلارغا چىقىپ ئايلىنىمەن. قوشنىلىرىمنىڭ نەۋرىلىرىنى ئەركىلىتىمەن. دوست-بۇرادەرلىرىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولىمەن. تونۇش قىز-چوكانلاردىن ھال سوراپ پاراڭلىشىمەن. گېزىت، كىتاب ئوقۇيمەن.
مەن تولا چاغلاردا ئۈنئالغۇنى قويۇپ، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاپ تۇرۇپ يازىمەن. بوشراق، لەرزان مۇزىكا ئادەمنىڭ مىڭىسىىنى سۈزۈلدۈرۈپ چارچاتمايدىكەن. ماشىنا ياكى پويىز بىلەن سەپەرگە چىققاندا بولسا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولۇۋاتسىمۇ كىتاب ئوقۇۋىرىمەن. ھەتتا شېئىرمۇ  يازىمەن. مەيلى قاچان  بولمىسۇن يېزىشقا كىرىشكىنىمدە ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ كېتىمەن. دىققىتىم قەلەمگە مەركەزلەشكەندە ئاغرىقنىمۇ ئۇنتۇپ قالىمەن. « ئالتۇن ئاچقۇچ» داستانىمنى چىشىم قاتتىق ئاغرىۋاتقاندا يازغانىدىم. بەزى كېچىلىرى چۈشۈمدە شېئىر يېزىپ ئويغىنىپ كېتىمەن ۋە يېزىشنى داۋاملاشتۇرىمەن. مانا شۇنداق يېزىلغان شېئىر ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان شېئىرلاردىن بولۇپ قالىدۇ. « ئىتائەت قىلىمەن ئاھۇ كۆزۈڭگە»، « دېرىزە ئەينىكىنى سۈرىتىدۇ ئانا»، « ئاھ، كۆك دېڭىز»،« ئوقۇلمىغان غەزەللەر» چۈشۈمنىڭ داۋامى تەرىقىسىدە يېزىلغان شېئىرلار. مەيلى شېئىر، مەيلى ھېكايە يازماي، بىرقانچە قېتىم تەھرىرلەپ، قانائەت تاپقىنىمدىن كېيىن ئاققا كۆچۈرىمەن. ئاندىن مەتبۇئاتقا سۇنىمەن. دوست-سەبداشلىرىمدىن پىكىر ئالغان چاغلىرىم ئاز.
سوئال: سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزگە تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم يازغۇچى-شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئەسلەپ باققان بولسىڭىز.
جاۋاب: ماڭا تەسىر كۆرسەتكەن، مېنى شېئىر، ھېكايە يېزىشقا قىزىقتۇرغان ئەسەر(بالىلىق دەۋرىمدە) خىسراۋ دېھلىۋىنىڭ «چاھار دەرۋىش» ئەسىرى، دادامنىڭ تاپشۇرۇشى بىلەن بۇ ئەسەرنى كۆچۈرۈپ چىققانىدىم. ئەرەبلەرنىڭ « مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرى، مەرھۇمە مومام ۋە دادام ئېيتىپ بەرگەن ھېكايە-چۆچەكلەر، فىردەۋسىنىڭ « شاھنامە»، رابغۇزىنىڭ « قىسسەسۇل ئەنبىيا»،  نەۋائىينىڭ « خەمسە»، « چاھار دىۋان»، ئەھمەد زىيائىنىڭ « توزۇماس چېچەكلەر» ( نەزمىي، نەسرى ئەسەرلەر توپلىمى)، پوشكىننىڭ « يېۋگىنى-ئۇنىگىن»، « كاپىتان قىزى»، لېرمۇنتۇپنىڭ « زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى»، ئالېكساندىر دىيۇمانىڭ « گىراف مۇنتى كىرىستۇ»، لۇشۈننىڭ « ئا.كىيۇنىڭ ھەقىقىي تەرجىمھالى»، ياڭمۇنىڭ « ياشلىق ناخشىسى»، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ « ئىز»،
« ئويغانغان زېمىن»، زوردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت»، ئابدۇللا قادىرنىڭ « ئۆتكەن كۈنلەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ۋە تارىخىي رومان يېزىشىمغا بولغان تۈرتكىلىك رولى باشتا قەيت قىلغىنىمدەك ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا يازغۇچىلىرىنىڭ مەن ئوقۇغان بارلىق ئەسەرلىرىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئۈستۈن بولدى.
سوئال: نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىمىزغىمۇ ئالاھىدە تۆھپە قوشقان مۇھەررىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھازىرقى نەشرىياتچىلىقىمىزدىن رازىمۇسىز؟
جاۋاب: مەن ئون يىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا تەھرىرلىك قىلدىم. 50دەك كىتابقا مەسئۇل مۇھەررىر بولدۇم. تەھرىرلىك ئادىللىقنى، خاسلىقنى تەلەپ قىلىدىغان زىل ئىش، مەن ھۆددىسىدىن چىقالىدىممۇ، بۇنىڭغا مۇئەللىپلەر بىرنېمە دېسۇن. ئەمما مەن ئۆز خىزمىتىمدىن رازى. پىنسىيىگە چىققىنىمغا ئون بەش يىل بولدى. ( ئەينى چاغدا سالانەتلىكىم ياخشى بولماي، خىزمەتتىن بۇرۇن چېكىنگەن ئىدىم) نەشرىياتلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا نەزەر سالسام، نۇرغۇن ئەدەبىي، ئىلمىي، تارىخىي، سىياسىي كىتابلار ئارقا-ئارقىدىن چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن رازى بولماسلىققا مەندە قانداقمۇ ئاساس بولسۇن؟
سوئال: سىزنىڭچە ئەدەبىياتىمىزنى مەملىكەت ئىچى ۋە دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن يەنە قانداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ۋاقىت-ئۆمۈر، ۋاقىت- پۇرسەت. ئۇچقنىاندەك تېز ئۆتۈۋاتقان ۋاقىتنى قەدىرلەپ سەر خىل ئەسەر يېزىشقا بىجانىدىل تىرىشىش- مېنىڭ ئىرادەم، ئارزۇيۇم، بىرىنچىدىن، ئەدەبىياتىمىزنى مەملىكەت ئىچى ۋە دۇنياغا تونۇتۇشتا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە يۈزلىنىپ، ئەسەرلىرىمىزدە خاسلىق-ئالاھىدىلىكىمىزنى، يەرلىك خۇسۇسىيتىمىزنى، مىجەز-خاراكتىرىمىزنى چىنلىق بىلەن ئىپادىلىشىمىز، گەۋدىلەندۈرۈرۈشىمىز لازىم. ئىككىنچىدىن، ئىسلاھات، بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە، رىقابەت كەسكىن بولۇۋاتقان بۇ جىددىي پەيتتە، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ئىلگىرلەۋاتقانلارنى كۆرۈشىمىز، ئۆزىمىزنى، ئۆزگىنى تونۇشىمىز، تۇرمۇشنى كۈزىتىشىمىزنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويماسلىقىقمىز، دادىىل قەلەم تەۋرىتىشىمىز بەكمۇ زۆرۈر. ئۈچۈنچىدىن، مەملىكەتكە ۋە دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن بىلىم ئىگىلىشىمىز، يېزىش ماھارىتمىزنى كۈنسىرى ئۆستۈرىشمىز، ئىپادىلەش ئىقتىدارىمىز بىلەن ئوقۇرمەننى قايىل قىلىشىمىز كېرەك.
سوئال: ھازىرغىچە قايسى ئەسەرلىرى قانداق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى؟
جاۋاب: مېنىڭ « شىنجاڭ گېزىتى» گە بېسىلغان «باھار ناخشىسى» ناملىق شېئىرىم ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 30 يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، « دېرىزە ئەينىكىنى سۈرتىدۇ ئانا» ناملىق باللادام « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك «چولپان» مۇكاپاتىغا، «بىباھا تۇپراق» داستانىم «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك داستان مۇكاپاتىغا، «شاماللار گۈرۈلدەپ سوققىن توختىماي» شېئىرىم 2-قېتىملىق « خانتەڭرى ئەدەبىيات» ئى مۇكاپاتىغا، « كەلمىدى كەتكىم مېنىڭ» شېئىرىم 16-قېتىملىق « خانتەڭرى ئەدەبىيات»ئى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، 2007-يىلى «تارىم» ژورنىلى تەرىپىدىن «تۆھپە» مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-16 16:55  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-16 18:14:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم قۇدرەت ئابدۇللا مۇئەللىم مىرزاھىد مۇئەللىمنىڭ گېپىنى تولا قىلىپ بېرىدىغان... بېشىمدىن ئۆتكەن ئاشۇ ئىشلار ھازىر چۈشۈمدەك تۇيۇلىدۇ.

ۋاقتى: 2015-10-16 18:29:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆھبەت خاتىرىسى ئارقىلىق پىشقەدەم يازغۇچىمىز ھاجى مىرزاھىت كىرىم ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى  ھەققىدە خىلى ئەتراپلىق تۇنۇشقا ئىگە بولدۇم. ئابلاجاننىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-10-17 00:25:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مويسىپىت ئۇستازىمىز توغراقتەك ياشىغاي، بۇ سۆھبەتتىكى مەزمۇنلارنى كىروران ژورنىلىنىڭ كونا سانلىرىدىن ئوقۇغۇنۇم يادىمدا.
قارىغاندا بوۋاقى ئەپەندى بۇ سۆھبەتنى «كاشىغەر مەدەنىيىتى»ژورنىلىغا تەييارلىغان بولۇشى مۈمكىن. مەن قارىسام ئۇستازنىڭ كىروران ژورنىلىغا بېسىلغان ئەسلىمىسىنى ئۆز ئەينى بېرىپ قويغاندەك. ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتتى، ئۇستازدىن يېڭىلىقلارنى كۆپرەك قازىدىغان ئىشكەنتۇق...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-17 10:04:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلا ئاغىنە، بىزگە مۆھتىرەملەرنىڭ بەرگەن جاۋاپلىرى ھەممىسىن ئەلاكەن. « كروران»دىكىسى ھاياتى ئەسلىمىسى ئىدى. بۇ خاتىرىدە ئىجادىيەت يولى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرىپ قىلىندى. يەنە بىر پارچە ئەسلىمىسى بار. ئۇنى يەنە رەت كۆرۈۋېتىپ يوللاپ قويىمەن. نەزەر ئاغدۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈرلەر بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-10-18 22:57:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلاجان ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2015-10-19 10:12:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلاجاننىڭ ئەجرىگە رەھمەت. ئىزدىنشلىرى ئۈزۈلمىگەي

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش