يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2473|ئىنكاس: 15

ئۇيغۇرىيە: قەلبىنۇر ئىلياسنىڭ «كۈتۈش» ناملىق نەسىرى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-15 16:49:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
«كۈتۈش»تىن چاقنىغان ئۈمىد مارجانلىرى

گۈلبانۇم ئابابەكرى

قەلبىنۇر ئىلياسنىڭ «كۈتۈش»ناملىق نەسىرىنى ئوقۇغاندىن كىيىن...

سەزگۈ ئەزالىرىمدا پەيدا بولغان فىزولوگىك رېفلېكىس مىنى ھەمىشە «كۈتۈش »نەسىرىنىڭ ئوتلۇق بەتلىرىگە چىللايتتى.قوللىرىم تىترەيتتى.چۈنكى، كۈتۈش دىگەن بۇ سۆز بىلەن بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ تا بۈگۈنكى قەدەر كۈتۈپ كېلىۋاتقان مەڭگۈلۈك كۈتۈش كۈيلىرىنىڭ يىڭى ئاھاڭلىرى قۇلاق تۈۋىمدە قايتا ناۋا قىلماقتا ئىدى.
-قېرىندىشىڭىز چۈشۈپ قاپتۇ.
بىرەيلەن ئارقامدىن يۈگۈرۈپ كىلىپ ھال رەڭ قېرىندىشىمنى ماڭا تەڭلىدى.مەن توپا قونغان  قېرىندىشىمنى قولۇمغا ئېلىپ يەنە تاشلىۋەتتىم.ئۇ ،ئىتتىك بىرىپ تاشلىۋىتىلگەن قېرىندىشىمنى  يەردىن ئېلىۋالدى.
-سىزگە قېرىنداش ئېلىپ  بىرىدىغان  ئاتا-ئانىڭىز بار،ماڭا قېرىنداش ئېلىپ بىرىدىغان ھېچكىمىم يوق.ئۈگەي ئانام مىنى ئۇرۇشتىن باشقا ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ.بۇ قېرىندىشىڭىزنى مەن تۇتۇپ قالاي...
گەپ قىلمىدىم.ئۇ،ئۆرۈلۈپ كىتىۋاتقاندا،كونىراپ كەتكەن ئاق كۆڭلەكلىرىنىڭ يىرتىلىپ بىرنەچچە يېرىدىن بەدىنى كۆرۈنۈپ قالغانلىغىنى كۆردۈم.ئۇنۇڭ شۇ چاغدىكى كىتىۋاتقان ھالىتى نىمە ئۈچۈندۈر، ھازىرغىچە ئىسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق.ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگىنىمدە ،ئۇنۇڭ كېسەل بىلەن قازا قىلغانلىغىنى ئاڭلىدىم.
ئاشۇ توپىغا مىلەنگەن قىرىنداش، ياش لىغىرلاپ قالغان قارا كۆزلەر...ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەتتى. تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن«كۈتۈش» نەسىرىنىڭ بېتىنى ئاچتىم.
«نىمىشقا ئۇچۇرغانسەن شامىلىڭنى گۈللۈكلەرگە،نىمىشقا تىمىم-تىمىم كۈتۈشلەر مۆلدۈردەك تۇرار گۈللەر قىتىدا!؟
سەن غايىپ بولغاندىڭ يىگىرمە يىل ئاۋۋال،ئەجەل بورانلىرى كەتكەن ئۇچۇرۇپ.جاھاننىڭ رەڭۋازلىغى سىغىندۇردى سېنى ،يىگىرمە يىل ئاۋالقى مۇلايىم ،قاپ-قارا كۆزلىرىڭنى...»
كۈتۈشلەر،ئاياللىق ئاتەش  نەپەسلەر نەسىرنىڭ ئوتلۇق بەتلىرىدە گىرەلەشتى.  نە قىلاي؟...نەسىرنى ئوقۇش ئىشتىياقىم تېخىمۇ ئەسەبىلەشتى.
يۇقۇرقى قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىمدا  «كۈتۈش» نەسىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى تۈپ  سەۋەپ كۆز ئالدىمدا نۇر تىزلىگىدە ئۆتۈپ كەتتى،كۈتكۈچى ھايات ،كۈتۈلگۈچى ئەجەل بورانلىرىدا غايىپ بولغان .ئاپتورنىڭ مۇئەممالىق ھىس-تۇيغۇللىرى بىلەن نەسىر ھەسرەتلىك باشلىنىدۇ.
بۇ دەرت-پىراق نەسىرىنىڭ كىيىنكى بەتلىرىنى ۋاراقلىغىنىمدا،ئاپتورنىڭ چەكسىز كۈتۈش چىداشلىرى بىلەن،ئۈمىدتىن ئىبارەت بۇ مەشئەلنى جاھىل  قارا ھىجرانلىرىغا   چىراق قىلىپ ياندۇرغانلىغىنى ھىس قىلدىم.
«سەن چالغان قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىنى شاماللار ئوغرىلاپ كەتتى.سەن ئۇزاتقان ئەتىر گۈلنىڭ بەرگىگە شەبنەم تارلىق قىلىپ قونۇۋالدى...كەچۈر ئومىقىم،سەن كۆمۈۋەتكەن ئۈمىدنى قەلبىمنىڭ بىتاقەتلىگى ئېچىۋەتتى...»
« ...سەن مەڭگۈ ياساپ بولالمىغان قولۋىقىڭنى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان ئۈمىد بىلەن مەڭگۈ سۇغۇرۋالغىلى بولمايدىغان قوزۇققا باغلاپ قوۇدۇڭ. كۈتۈشنىڭ يۈرىگى يېرىلىپ كەتتى. »
«ئەي ئوغۇزخان!سەن ئارمىنىم ئۈچۈن يارىلىپ باقمىغان،ئەمما ئۈمىدىم ۋاز كىچىپ باقمىغان كۈتۈش...»
نەسىرنىڭ ئوتلۇق ئاھى بىلەن ۋەزنىگە ئىچكىرلەپ كىرسەك،مەڭگۈ ياساپ بولالمىغان قولۋاقنى ،مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان ئۈمىد بىلەن ،مەڭگۈ سۇغۇرۋالغىلى بولمايدىغان قوزۇققا باغلانغىنىدا،بۇ يەردىكى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان ئۈمىد غالىپ كەلگەن .كۈتۈشنىڭ يۈرىگى بىكار يېرىلىپ كەتمىگەن.ئىچىگە پاتماي قالغان ئازاپ ،ھىجرانلىرى سىرتقى دۇنياغا پارتلاپ چىققان .چۈنكى ،ئۇ، مەڭگۈ سۇغۇرۋالغىلى بولمايدىغان ئاشۇ قوزۇققا باغلانغان پېتىچە تۇرۇۋەرگەن بولسا ھالاك بولغان بولاتتى.ئۇ بۇ قوزۇقتىن ئاجراپ كەتكەن.مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان ئۈمىد بىلەن ھايات دەرياسىغا ئۈزۈپ كەتكەن.
ئاپتور يەنە،ئەي ئوغۇزخان!سەن ئارمىنىم ئۈچۈن يارىلىپ باقمىغان،ئامما،ئۈمۈدىم ۋاز كىچىپ باقمىغان كۈتۈش ،دەيدۇ؟ كۈتكۈچى ھايات،كۈتۈلگۈچى ئۆلگەن،مانا مۇشۇنداق تەڭسىز مۇۋازىنەتتىكى كۈتۈش قىيامىغا يەتكەندە،ئاپتور نىمە ئۈچۈن ئۈمىد مەشئىلىنى ئىلىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدۇ؟
يازغۇچىغا زادى قانداق كۈچ،قانداق تۇيغۇ ئاشۇنداق قىلىشىغا مەجبۇر قىلدى؟ئوقۇرمەن نەسىرنىڭ ئاخىرقى قۇرلىرىنى  ئوقۇشقا تېخىمۇ قىزىقىدۇ. نەسىرنىڭ ئوقۇرمەننى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش كۈچى  قەيەردە؟ زەۋىق ھاياجان ئىچىدە،نەسىرنىڭ ئاخىرقى قۇرلىرىغا نەزەر ئاغدۇردۇم.
«سەن پايانسىز كۈتۈشۈمنىڭ مۇقەددەس ماكانىغا ئايلاندىڭ.مەن ۋەتەن ئىشقىدا يانغان لاۋا بۇلۇپ يېلىنجىدىم.»
مانا بۇ، ئۈمىد ئىچىدىكى كۈتۈشنىڭ يۈكسەكلىك چوققىسىغا كۆتۈرۈلىشى...ئاپتۇر كۈتۈش مۇقامى بىلەنلا  توختاپ قالمىغان.نۇرغۇن نەسىرچىلەردە مانا مۇشۇنداق   ئەھۋال ئۇچرايدۇ.«كۈتۈش»نەسرى ،بىزگە بىر ياش قىزنىڭ سۆيگۈ كۈتۈشلىرىدىن،ۋىسالسىز كۈتۈشلىرىگە،ۋىسالسىز كۈتۈشلىرىدىن پارلىغان ئۈمىد چىچەكلىرىگە،چىچەكلەر بەرگىنىڭ كۆككە كۆتۈرۈلۈپ لاۋا بۇلۇپ يېنىشلىرىدىن كۈتۈشنىڭ ھايات كەڭلىكلىكلىرىگە باشلايدۇ.نەسىرنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقىشى مانا مۇشۇ يەردە دەپ ئويلايمەن.
ھازىرقى بىر قىسىم نەسىرلەردىن شۇنى ھىس قىلىمىزكى،نەسىرنىڭ تىلى دەبدەبىلىك،ئەمما،مەزمۇنىدا پىكىر تىرەنلىگى يوق  . نەتىجىدە ،كىشىنى زىرىكتۈرىدىغان سۆز ئويۇنى بۇلۇپ قالغان. «كۈتۈش» نەسىرىنى مىسالغا ئالساق،رېئاللىقتىكى كۈتۈشنىڭ سۆز -ئىبارىللىرىنى تومتاق يىزىپ قۇيۇش بىلەن، سەنئەتچىنىڭ قولى ئاستىدىكى كۈتۈش ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردە، ئاپتورنىڭ نوقۇل ھالدىكى تىل ئۇستىلىغى كۇپايە قىلمايدۇ.بەلكى،ئۇنۇڭ تىلدىن ئىبارەت بۇ  كۈچلۈك قورالدىن پايدىلىنىپ ، نىمىنى ئىپادىلەش  ئەمەس، بەلكى،قانداق  ئىپادىلەش؟! مانا بۇ نەسىر ئىجادىيىتىدىكى مۇھىم نۇقتىدۇر،دەپ قارايمەن. مىنىڭچە، نەسىردىكى ئوبرازلىق قۇرۇلما گۈزەللىگى،تىل ۋە شەكىل گۈزەللىگى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.(ئىزدىنىش ئىزچىللىقىمىز بولسا بۇ ھەقتە كېيىن توختىلىمىز.)
نەسىردە ،باشتىن -ئاخىر شېئىرى ئاھاڭدارلىق،لىرىكىلىق ھاياجان  تۆكۈلۈپ تۇرۇدۇ. يېنىك ،تەڭداش رېتىم دولقۇنلىرى بىلەن گويا ھەسرەتلىك بىر ناخشا ئاڭلاۋاتقاندەك،   قاداقتۇر يېقىملىق بىر مۇزىكا  بارغانسىرى يېقىنلاپ كىلىۋاتقاندەك كىشىگە گۈزەللىك بىغىشلايدۇ.
«مىنى چەكسىز كۈتۈش ئوتىغا تاشلىغان تەڭرىمگە مىڭ قەتلى شۈكۈر.چۈنكى ،سەن قاراقلىرىمدىن يۈتۈپ كەتمىدىڭ.مىنى ۋىسالسىز ئازاپتا قىينىغان تەڭرىمگە مىڭ قەتلى شۈكۈر!چۈنكى،بەخىتنىڭ قىرتاقلىغىنى ماڭا ھىس قىلدۇرمىدىڭ.مىنى ھاياتنىڭ بۇ گىرۋەكلىرىدە قالدۇرۇپ،سىنى ئۇچۇرۇپ كەتكەن تەقدىر قىسمىتىگىمۇ مىڭ قەتلى شۈكۈر!چۈنكى،بىزارلىق دولقۇنىنى باغرىمغا دەۋرەتمىدىڭ...»

جەمىيەت زىديەتسىز تەرەققى قىلمايدۇ.ئىنسانمۇ شۇنداق...  بۇيەردە ،گەرچە ،ئاپتور ۋىسال بىلەن ۋىسالسىزلىق ئوتتۇرسىدا  سەۋرىچانلىق بىلەن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ،  كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە رەھىمسىز رېئاللىققا نىسبەتەن قايناش ،زارلاش ئەمەس ،بەلكى، قايغۇ ئىچىدىكى ئۆزلۈك  ئىزنالىرىنى،مەغلۇبىيەت ئىچىدىكى مۇۋەپپىقىيەت كۆلەڭگۈللىرىنى  سەگەكلىك بىلەن بايقاشقا بىشارەت قىلىدۇ.نەسىردىكى لىرىك قەخىرمان«مەن» نىڭ رېئال تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك يوقىتىشلىرى،زىديەتلىك تەقدىرى ۋە بۇنۇڭغا يۈزلەنگەن تاقەتلىك ،سەۋرىچان روھى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.
« كۈتۈش-پايانسىزلىق يىپىغا تىزىلغان كۆڭۈل مارجىنى.ئۇنۇڭ قەدرى -قىممىتىنى قىلىش ئىنسانلىق ھەۋەسلىرى ئىچىدىكى ئالماستەك چىنلىق .»
«ئەي بىپايانلىق باغرىغا تۆكۈلۈپ كەتكەن كۆز ياشلار!شەبنەم بولۇپ ۋىسال يوپۇرمىقىنى باغاش ئېتىڭلار!»

ئاپتورنىڭ بۇنداق قايناق ھىس -تۇيغۇلىرىنىڭ ،روھى چۇقانلىرىنىڭ گۈزەل تىللار ئارقىلىق، ئۇقۇرمەنلەر ئالدىغا تاشلىنىشىغا دەل كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان ، ئۆزلۈككە باشلايدىغان ئالماستەك چىنلىق سەۋەپكار ئەمەسمۇ؟
قىسقىسى،كۈتۈشتىن ئىبارەت  ھىجران ئىزتىراپلىرىدىن لىرىك قەخرىمان «مەن»نىڭ  جەڭگىۋار ياشاش مىلۇدىيىسى  جەۋلان قىلىدۇ . بۇيەردە، يازغۇچىنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى يۇكسەك ئارزۇ-ئارمانلىرىغا مەڭگۈلۈك كۈتۈش سەۋدالىغىدەك خورىماس بىر كۈچ -قۇدرەتنى ئۆزىگە  زاپاس ئېنىرگىيە قىلغانلىغىنى كۆرۈش تەس ئەمەس. شۇنداقلا،نەسىرنىڭ كەسمە يۈزىدىن قاراپ مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا ، ئاياللارنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى قۇتقۇزىشى ۋە تاكامموللاشتۇرۇشتىكى گۈزەل چاقىرىقى بىلەن ھايات مۇشەققەتلىرىنىڭ پارلاپ تۇرغان ئۈمىد دۇنياسىغا باشلايدۇ. بىز بۇ نۇقتىدىن شۇنى كۆرۋالايمىزكى، نەسىرچىنىڭ نەسىر يېزىشتىن ئاۋالقى مەنىۋى دۇنياسىنىڭ بالاغىتى ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ.   
ئەدەبىياتنىڭ ئەركىن ژانىرى بولغان نەسىرمۇ بىزگە قانداق ياشاۋاتقانلىغىمىزدىن ئەمەس ،بەلكى،قانداق ياشىشىمىز كىرەك؟دىگەن ئۇلۇغۋار تېمىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالىشى كېرەك.قەلبىنۇر ئىلياسنىڭ «قەلىپكە پىچىرلاش»ناملىق نەسىر توپلاملىرىدىكى «كۈتۈش»نەسرى،چۈشكۈنلۈك،يىغلاڭغۇلۇق بىلەن تولغان بىكىنمە ھالەتتىكى بىرقىسىم نەسىر ئىجادىيىتىنىڭ تار رامكىللىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ،ئۆزىگە-ئۆزى پىسخىك دىئاگنۇس قويالايدىغان،قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرالايدىغان كۆتىرەڭگۈ،ئۈمۈدۋار روھى بىلەن قەلپ دەرۋازىمىزنى چېكىدۇ.
نەسىرنى ئوقۇپ تۈگەتكىنىمدە،يىگىرمە  نەچچە يىل ئاۋالقى بالىلىق چاغلىرىم بىلەن يەنە بىر قىتىم چىڭ قۇچاقلاشتىم.چىڭگىز ئايتماتوف يازغۇچى ئىشنى نەدىن باشلايدۇ؟ دىگەن سۇئالغا ، بىر يازغۇچىنىڭ ئىشى بالىلىق ۋە ياشلىق تەسىراتىدىن باشلىنىدۇ ،دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان .
شۇنداق...كۈتۈشلەر رېسىدە بولدى.
دىدارسىز شاماللاردا مەيىن چايقالدى.
گۈل بەرگىللىرىدە يالتىراپ تۇرغان شەبنەم گۈلنىڭ يېشى ئەمەس.مەڭگۈلۈك كۈتۈش چىداشلىرىنىڭ سەھەر قۇياشىدا جۇلا قىلغان ئۈمىد مارجانلىرىدۇر!

2014 -يىل. غۇلجا قورغاس.
                           


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-15 17:56  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-15 18:37:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسر ئارىلاش يېزىلغان بۇ مۇھاكىمىدىن « كۈتۈش»نىڭ ئاچچىق لەززىتىنى تېتىغاندەك بولدۇم. تەۋسىيەم: بىرىنچى، ماۋزۇدا « كۈتۈش» ئىپادىلەنگەنكەن، يەنە ئىسمىڭىزنىڭ ئاستىغا « ...قەلبىنۇر ئىلياسنىڭ ‹كۈتۈش›ناملىق نەسرى توغرىسىدا» دەپ يېزىشىڭىزنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. ئىككىنچىدىن، سىز ئىزدىنىش روھىي خېلى كۈچلۈك بولغان ئاپتورلارنىڭ بىرى بولغاندىكىن، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملاسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ. ئۈچىنچىدىن، « ...بېكىنمە ھالەتتىكى نەسرچىلىك»نى بۇزۇپ تاشلاشقا يەنە ئازىراق ۋاقىت بار. ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىۋەتمەڭ. ھەتتا « نەسر» دېگەن سۆزمۇ توغرا يېزىلمىغان تۇرسا، ئۇيغۇرىيە! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-15 18:39  


باھا سۆز

شۇنداقكەن.  ۋاقتى: 2015-10-16 05:37 PM
بىر قىسىم دەپ ئالدىم .ئومۇمى يەكۈن ئەمەس.  ۋاقتى: 2015-10-15 07:33 PM
ۋاقتى: 2015-10-15 18:52:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرىيە تىرىشچان بىر ئەدىبە ، مېنڭچە نەسىر يازالايدىغان ئادەم نەسىرگە ئەڭ توغىرا باھا بېرەلەيدۇ دەپ قارايمەن . سىزگە ئىزچىللىق يار بولسۇن ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   marigul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-15 18:53  


باھا سۆز

مېنى نەسرنى چۈشەنمەيدۇ، دەپ قارىمىغانسىز-ھە؟ نەسرنى بىلىمەن...  ۋاقتى: 2015-10-17 10:09 AM
ۋاقتى: 2015-10-15 20:57:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-10-15 21:23:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ تىلى ئۆزگىچە ئىكەن. «كۈتۈش» نەسىرىنى  ئوقۇشنى ئويلىدىم.

ۋاقتى: 2015-10-16 11:36:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىدارسىز شاماللاردا مەيىن چايقالدى.
گۈل بەرگىللىرىدە يالتىراپ تۇرغان شەبنەم گۈلنىڭ يېشى ئەمەس.مەڭگۈلۈك كۈتۈش چىداشلىرىنىڭ سەھەر قۇياشىدا جۇلا قىلغان ئۈمىد مارجانلىرىدۇر!

پاساھەتلىك تىللار!!!

ۋاقتى: 2015-10-16 12:52:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىككى نەسىرچىنىڭ قەلەم قۇۋىتىگە كۆز تەگمىسۇن!

باھا سۆز

« قۇۋۋىتىگە»...  ۋاقتى: 2015-10-16 12:53 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-16 19:28:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىر دەقىقىلەر بولىدىكەن. يازغان نەرسەڭنى قايتا ئوقۇپ ۋاراقلايدىغان...ك .ئىلياسنىڭ «كۈتۈش» نەسىرى تەسىر قىلغان چېغى. ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىنى دەپ باقتىم. نەسىر ژانىرىنىڭ تىلى توغرىسىدا سۆزلەشكە تېخى بالدۇرمەن.قوۋۇقىنى چېكىپ باقتىم .ئەمما ،ئىچكىرسىگە كىرىپ باقمىدىم. ئارمىنىم مۇشۇ قوۋۇقنىڭ ئىچىگە كىرىش...پانىلىقنىڭ تۈگىمەس ئالدىراشلىغىدا يازمامنى كۆرۈپ چىققان ، سەمىمى تەكلىپ -پىكىرلىرىنى بەرگەن ئەزىز تورداشلارغا سالاملىرىم يەتكەي .

باھا سۆز

كەچۈرۈڭلار، ق .ئىلياس  ۋاقتى: 2015-10-16 07:32 PM
ۋاقتى: 2015-10-16 22:18:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كۈتۈش» نەسرىنى ئوقۇپ باقسام بولغىدەك.

ۋاقتى: 2015-10-17 17:07:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزىپ بولۇپ قىلچىمۇ تۈزەتمەپسىز.باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلماڭ بىر ئۆزىڭىزنىڭمۇ ئەمگەك مېۋىڭىزنى قەدىرلىمەپسىز.بۇ ئىملايىڭىز توغرىسىدىكى ئەڭ چىرايلىق گەپ.يېزىشنىلا بىلىپ مۇشۇنداق تىلىڭىزغا ئەدەپسىزلىك قىلسىڭىز ئوقۇرمەنگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بىلەن بارەۋەر بۇ ھەم سىزنىڭ ئەدىبىياتقا تۇتقان مەسئۇلىيەتسىزلىكىڭىز.
ئىككىنجى نۇقتا؛سىز ئەسەرنىڭ بېشىدىكى قۇردىلا مەغلۇپ بولغان.

سەزگۈ ئەزالىرىمدا پەيدا بولغان فىزولوگىك رېفلېكىس مىنى ھەمىشە «كۈتۈش »نەسىرىنىڭ ئوتلۇق بەتلىرىگە چىللايتتى.

بۇ قانداق گەپ - سىز فىزلوگىيەلىك رىفلىكىسنى قانداق چۈشەندۈرسىز؟ ئىنساننىڭ ھېس-تۇيغۇللىرى باشقا فىزلوگىيەسى باشقا-مىنىڭچە.شۇڭا بۇ توغرىسىدا ئويلۇشۇپ بېقىڭ.

باھا سۆز

سىزگە كۆپ رەخمەت. دىققەت قىلاي .  ۋاقتى: 2015-10-17 06:54 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-17 19:47:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئىت بار .ھەر دائىم تاماق بېرىشتىن بۇرۇن تەجرىبە ئىشلىگۈچى داڭ چېلىپ ئۈگەتكەن. شۇنۇڭ  بىلەن بۇ ئىت  داڭ  چېلىنسىلا شۆلگەيلىرى ئېقىپ  تاماقنىڭ كېلىدىغانلىغىنى بىلىۋالغان.
كۈتۈش  سۆزى مەن ئۈچۈن داڭ بولۇپ قالغان. ئالدىمغا كېلىدىغىنى ھىجران قىياملىرى ئىكەنلىگىنى  ۋۇجۇدىيەت بىلىپ بولغان.


باھا سۆز

ۇ بىر « جېنى ھەم تېنى» يوق سەۋەپتۇر، ئۇيغۇرىيە خانىم!  ۋاقتى: 2015-10-18 11:56 AM
ئۇيغۇرچە سېستىما يوق، ئىدارىدا...ئىملادا خاتا كەتكەن بولسام ئۆزرە...  ۋاقتى: 2015-10-17 07:49 PM
ۋاقتى: 2015-10-18 11:49:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىرەم خانىم، ئىنساندىكى ھېس-تۇيغۇ ۋۇجۇد گۈلىستانىغا كىرىپ مۇئەييەن ئېسستېتىك ۋە روھىي ئۆزگىرىشنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولغاندىن كېيىن، ئىنسان ۋۇجۇدىدا كىشى ھېس قىلغۇسىز دەرىجىدىكى فىزىلوگىيەلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرمەمدۇ؟ قانداقچە بۇ ئىككى ئابىستىكىتنى ئۇقۇمنى بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىغىلى بولسۇن؟ مېنىڭچە، بۇ ئىككى ئۇقۇم مۇئەييەن ھالەتتە بىر-بىرى بىلەن زەنجىرسىمان باغلىنىشقا ئىگە بولۇپ، ھەم بىرىنى تولۇقلايدۇ، ھەم بىرى بىرى بىلەن زىچ بېرىكىپ ئىچكى ئېنىرگىيە ئۈچۈن قۇۋۋەت بولىدۇ. بۇ بىر نازۇك مەسىلە. بۇ ھەقتە ھەممىمىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك. تۇيغۇنىڭ قانداق ۋە قايسى دەرىجىدىكى تۇيغۇ بولۇشىمۇ ھەم دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم تەرەپلەردىن بىرىدۇر.

ۋاقتى: 2015-10-18 11:50:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىرەم خانىم، ئىنساندىكى ھېس-تۇيغۇ ۋۇجۇد گۈلىستانىغا كىرىپ مۇئەييەن ئېسستېتىك ۋە روھىي ئۆزگىرىشنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولغاندىن كېيىن، ئىنسان ۋۇجۇدىدا كىشى ھېس قىلغۇسىز دەرىجىدىكى فىزىلوگىيەلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرمەمدۇ؟ قانداقچە بۇ ئىككى ئابىستىراكىتنى ئۇقۇمنى بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىغىلى بولسۇن؟ مېنىڭچە، بۇ ئىككى ئۇقۇم مۇئەييەن ھالەتتە بىر-بىرى بىلەن زەنجىرسىمان باغلىنىشقا ئىگە بولۇپ، ھەم بىرىنى تولۇقلايدۇ، ھەم بىرى بىرى بىلەن زىچ بېرىكىپ ئىچكى ئېنىرگىيە ئۈچۈن قۇۋۋەت بولىدۇ. بۇ بىر نازۇك مەسىلە. بۇ ھەقتە ھەممىمىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك. تۇيغۇنىڭ قانداق ۋە قايسى دەرىجىدىكى تۇيغۇ بولۇشىمۇ ھەم دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم تەرەپلەردىن بىرىدۇر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-18 11:52  


ۋاقتى: 2015-10-18 16:37:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABLAJAN.BOWAKI يوللىغان ۋاقتى  2015-10-18 11:49
ماھىرەم خانىم، ئىنساندىكى ھېس-تۇيغۇ ۋۇجۇد گۈلىستانىغا ...

ھۆرمەتلىك بوۋاقى،سىزنى شۇنداق ھۆرمەتلەيمەن.ئەسلىدىنلا ئىنسانلار مۇشۇنداق بىر بىرىگە ئىززەت-ھۆرمەتتە  بولغىنى  ياخشى ھەم.بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇر ئاياللىرىدا شەرمى-ھايا ،ئەخلاق قاراشلىرى ئاز تولا گەۋدىلنىپ تۇرمىسا بولمايدۇ-بۇنى بىلىسىز.ھەرھالدا فىزولوگىيەلىك ئۆزگىرىشنىڭ قانداق ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلدىغىننى دىيەلەپسىز ئەمما مېنىڭ ئويلۇغۇنۇم بۇ سۆزنى بىر ئاممىۋى سورۇندا بۇنداق ئوچۇق-ئاشكارا سازايى قىلماسىلىق.

باھا سۆز

« ھەرھالدا؟»...ھە، بىلدىم...  ۋاقتى: 2015-10-19 10:05 AM
ۋاقتى: 2015-10-19 01:13:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىمدە قېلىشىچە ، ئوتتۇرا مەكتەپ فىزولوگىيە دەرىسىدە  ئادەم بەدىنىدىكى  ھۈجەيرىلەرنى نەچچە تۈركۈمگە بۆلۈپ ، ھەر بىر تۈركۈملىرىنىڭ ئىنسانغا بولغان تەسىرى ،رولى توغرىسىدا سۆزلەنگەن. ھېس-تۇيغۇ ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار مېنىڭچە بۇ پەننى  ئازراق بولسىمۇ ئۈگۈنۈپ قويسا ياخشى بولار دەپ ئويلايمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش