يازغۇچىنىڭ ئەمگىكى خارلانمىسۇن
ــــــــــ«تەنھا پەرۋانە» نى ئوقۇغاندىن كېيىن
ئابباس مۇنىياز تۈركىقان ئىزدىنىشچان، تىرىشچان، مەسئۇلىيەتچان؛ خاسلىقى، قەلەم قۇۋىتى ئارقىلىق كىتاربخانلار ئارسىدا بەلگۈلىك تەسىرگە ئىگە بولغان يازغۇچىلارنىڭ بىرسى. «تەنھا پەرۋانە» ئۇنىڭ «ئاخىرقى ئوۋ»، «دىللار پەرۋازى» قاتارلىق رومانلىرىدىن كېيىن نەشىر قىلىنغان يېڭى رومانى بولۇپ، يازغۇچى روماندا يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئۆتكەن يىتۈك ئەللامە مۇھەممەد ئابدۇللا خەراباتىنىڭ ھايات ئىزنالىرىنىڭ چاڭ-تۇزاڭلىرىنى سۈرتۈپ، ئۇ زاتى مۇبارەكنىڭ ئەل قەلبىدىكى سىماسىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرغان. روماندا خەراباتى ياشىغان دەۋىرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، شائىرنىڭ خارەكتىرى، ئىنسانىي پەزىلىتى، يىتۈك بەدىئىي ماھارىتىنى بەدىئىي چىنلىق زىمىنىغا قويۇپ تۇرۇپ جۇلالاندۇرغان. بولۇپمۇ، ئەينى دەۋىر رىياللىقىغا خېلى چوڭقۇر چۆككەن. خەراباتىينىڭ ئويغۇر ئەدەبىياتى شۇنداقلا قېرىنداش تۈركى تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنىنى چىنلىق ئاساسىدا يۇرتۇپ بەرگەن. تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتى ھەققىدە ئاممىباپ چۈشەنچە بەرگەن بولۇپ، مېنىڭ قارىشىمچە ئەسەر خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان ئىدى.
ئەپسۇس، روماننىڭ 248-بېتىدىكى «-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دىگەن يېرىدىن259-بەتنىڭ ئاخىرىدىكى «پۈتۈلگەنىدى» دىگەن يەرگىچە بولغان مەزمۇن 260-بەتتىن، 271-بەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆز پېتى قايتا تەكرارلانغان ئىدى. مەن تېخى يېقىندىلا «دىللار پەرۋازى» ناملىق روماننى ئوقۇۋېتىپ، بىر ئىشقا ھەيران قالغان ئىدىم. يەنى، روماننىڭ1-تومىدا ئاپتورنىڭ نامى بېرىلگەندىن باشقا مۇھەررىر، كوررىكتور، كىتاب نۇمۇرى، نەشىر قىلىنغان ۋاقىت، بېسىلغان ۋاقىت، باسما زاۋۇت، باسما تاۋاق، ئىش قىلىپ، بىر كىتابتا بولۇشقا تېگىشلىك مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ھىچقايسى يوق بولۇپ، گويا ئاپتۇر ئۆزى كومپىيۇتېردا ئۇرۇپ تۈپلەپ مۇقاۋىلاپ قويغاندەكلا تۇراتتى. لېكىن،راستىنلا شۇنداق قىلىنغان بولسا شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا ئاشكارە بازارغا سېلىنىشى مۇمكىنمۇ؟...
نۆۋەتتىكى نازۇك ۋەزىيەتتە بۇ كىتابنىڭ شۇنچە قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن شۇ ھالەتتە ئۆتۈپ كەتكىنىگە ھەيران قالغان ئىدىم. «تەنھا پەرۋانە» دىكى بۇ سەۋەنلىكنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزۈمنى زادىلا باسالمىدىم . يازغۇچىنىڭ ئەقلى ئەمگىكى نەشىريات تەرىپىدىن شۇنداق خارلانسا قانداق بولىدۇ؟ كىتابخانىلارغا قارايدىغان بولساق مۇقاۋىسى تەتۈر چاپلانغان، ئالدى مۇقاۋا بىلەن كەينى مۇقاۋا ئالمىشىپ قالغان، بەزى ئىچ بەتلىرى ئاق پېتى چىقىپ كەتكەن، بەزى بەتلىرى ئۇچۇق، بەزى بەتلىرى تۇتۇق، رەڭنى تەڭشىمەيلا بېسىۋەتكەن، بىر قېتىم ئوقۇپ بولغىچە ۋاراقلىرى ئاجراپ كىتىدىغان كىتابلارنى ئۇچرىتىمىز. ئويغۇر تىلىدىكى كىتابلار تەكشۈرۈشتىن قانداق ئۆتىدۇ؟ ياكى تەكشۈرۈلمەمدۇ؟ ئويغۇرتىلىدىكى كىتابلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىدىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلمەمدۇ؟ ۋەياكى بۇ كىتابلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلەكلىرىگە مەسئۇل بولغانلار ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ، كەسپى ساپاسى تۈۋەن كىشىلەرمۇ؟ ...
ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ئوخشاش ئەمەس. بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر نەشىرياتنىڭ خاتالىقىنى يازغۇچىنىڭ خاتالىقى دەپ چۈشىنىدۇ. بۇ قاراپ تۇرۇپ يازغۇچىغا ئۇۋال قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ يازغۇچىنىڭ ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىكى ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزگەنلىك ئەمەسمۇ؟. نۆۋەتتە نەشىر بۇيۇملىرىنىڭ مەزمۇن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئۆتكەللىرى چىڭىتىلىپ، باشقۇرۇش كۈچەيتىلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئىشنى ئاددى ھالدا ئۆتكۈزىۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. ھىچ بولمىغاندا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك خادىم يازغۇچىدىن ئاشكارە ئەپۇ سورىشى، تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
|