يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 503|ئىنكاس: 8

مارىگۈل تۇداخۇن:فەنىس يارۇللىننىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئايال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-14 19:21:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                      فەنىس يارۇللىننىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاياللار
                                         مارىگۈل تۇداخۇن

(فەنىس يارولىننىڭ «يەلكەنلەر شامالدا سىنىلار» ناملىق كىتاۋىنى ئوقىغاندىن كېيىن )
فەنىس ياروللىن كىم ؟
       فەنىس ياروللىن كىم ؟ بۇ سوئالغا  جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن فەنىس ياروللىننىڭ «يەلكەنلەر شامالدا سىنىلار» ناملىق كىتاۋىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان زۇلفىيە ئەھمەدى قىزى شاپايېۋانىڭ  كىتابقا قالدۇرغان  كىرىش سۆزىگە مۇراجەت قىلىمىز  .
فەنىس ياروللىن تاتار خەلقىنىڭ ھازىرقى زامان ئاتاقلىق يازغۇچىسى ، قەھىرمان ئوغلى . 1938 – يىلى   19– فېۋرالدا تاتارىستاننىڭ بىر چەت ناھيەسى بولغان باۋلىنىڭ قىزىل يار يېزىسىدا دۇنياغا كۆز ئاچقان فەنىس،  يوقسۇل ئائىلىنىڭ 5- بالىسى ئىدى . ئۇ تۆت ياشقا كىرگىنىدە يەنى  1942- يىلى ئاتىسى ئاتاۋۇللا فىرونىتتا قۇربان بولىدۇ . ئۇ 18 يېشىدا ھەربىي خىزمەتكە قۇبۇل قىلنىپ، ئاۋىياتسيە ئوقچى رادىستلار قىسمىغا تەخسىم قىلىنىدۇ . ئۇ خوشاللىق ۋە ئاجايىپ ئارزۇ – ئارمانلار تىرشىپ ئوقىۋاتقان چاغدا ، تاساددىپىي ھادىسىدە ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ كارۋاتقا مىخلىنىپ قالىدۇ . لېكىن ئۇ «تەغدىرگە تەن بېرىش » نى خالىماي «مەن ئادەم ،شۇڭا ئادەمدەك ياشىشىم كېرەك »دېگەن ئىرادە بىلەن دەريا – دەريا قان – تەر ئاققۇزۇپ ، دوختۇرخانىدا ئۆلۈم بىلە ئېلىشىپ،ياتقان پېتىچە ، بارماقلىرى ئىشقا يارىمىسىمۇ خەت يېزىشنى ، خەت بېسىشنى ئۆگىنىدۇ .  ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىق پىروگىراممىسىنى بىر يىلدا پۈتكۈزىدۇ ۋە دوختۇرخانىدىن چىققاندىن  كېيىن ئالتە يىل ئۆيدە يېتىپ تۇرۇپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتىرىدۇ . دۇنيادا مانا مۇشۇنداق تولىمۇ پەۋقۇلئاددە ياشىغان ، تاتارىستاننىڭ مەشھۇر خەلىق شائىرى  2012- يىلى 2- ئايدا 74 يېشىدا ھايات قونالغۇسىدىن كېتىپ قالىدۇ .
دۇنيادا كىم ئۇنىڭدەك ياشىيالايدۇ ؟
      فەنىس ياروللىننىڭ «يەلكەنلەر شامالدا سىنىلار » ناملىق كىتاۋىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى  ئابلەت ئابدۇللا  ئەپەندىم « دۇنيادا كىم ئۇنىڭدەك ياشىيالايدۇ ؟»  ناملىق ماقالىسىدە شۇنداق دەپ يازىدۇ . فەنىس سىز بىلەن ماڭا ئوخشاش قېنى ۋە جېنى بار ئادەم . بىراق ، ئۇنىڭ بېشى بار تېنى يوق ، ئىشەنمەيسىز ؟ تېنى يوق ئەمەس ، تېنىدە جېنى يوق ، بىر پارچە گۆش ! ئەگەربۇ كىشلىك دۇنياسىنىڭ مارافونچە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقە مەيدانىدا بىر تەنھەركەتچى مېيىپ تېنېنى سۆرەپ تايغاندەك يۈگۈرۈپ يۈرگەن ئادەملەر ئارىسىدىن پەللىگە ئەڭ بۇرۇن يېتىپ كەلسە ، بۇنى مۆجىزە دېمەي بولامدۇ! ؟   ف.ياروللىن بىر ئۆمۈر مېيىپ بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرى ناھايىتى ساغلام ، ۋىجدانى ساغلام . شۇڭا نەچچە مىڭلىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا خەت يېزىپ دائىم ياردەم ، مەسلھەت ئالسا ، ئەسەرلىرىدىن مىليونلىغان ئادەملەر ئىلھام ئېلىپ ئۆز يوللىرىنى تاپقان . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلنىش بىلەن پىكىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ، خەلىقلەر ئارسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا كۆۋرۈك بولۇش ئۈچۈن چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگىنىپ ، ئۇلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى تاتارچىغا تەرجىمە قىلغان . ئۇ ھاياتنى شۇنچىلىك سۆيىدۇكى ، ئۆلۈم بىلەن ھايات كۈرىشىدە ، ھەتتا دوختۇرلارمۇ ئۈمىدىنى ئۈزگەندە ھاياتقا جان – جەھلى بىلەن يېپىشىدۇ . بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز لوغىتىدە «ئېتىبار بېرىش » دېگەن سۆزنى چىقىرۋېتىدۇ . ھەربىر نەتىيجىگە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ باشقىلار ، يەنى نورمال ساغلام ئادەملەر ئېرىشكەن نەتىيجىلەرگە 100 ھەسسە ، 1000ھەسسە ئارتۇق كۈچ سەرىپ قىلىپ ، ئاخىر مەقسىتىگە يېتىدۇ . ئۇ قەلەمنى راۋۇرۇس تۇتالمايدىغان مېيىپ قولىدا قايتا نەشىر قىلىنغان ئۇمۇمى تاللانما ئەسەرلىرىنى قوشقاندا 46 كىتاب يېزىپ چىقىدۇ . ف. ياروللىن قەيسەر ھاياتى  ۋە ئۆزىنىڭ ئىجاد قىلغان تىللاردا داستان بولغۇدەك ئۆلمەس  ئەسەرلىرى بىلەن 1978-يىلى موسا جەلىل ئىسمىدىكى كومسومول مۇكاپاتىغا ؛1984 – يىلى«ئات قازانغان مەدەنىيەت خىزمەتكارى »مۇكاپاتىغا ؛1988- يىلى «خەلىقلەر دوسلۇقى » مۇكاپاتىغا ؛1995- يىلى ئابدۇللا توقاي نامىدىكى تاتارىستاننىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ؛2001- يىلى «خەلىق شائىرى »دېگەن شەرەپلىك ۋە ئۇلۇغ نامغا ئېرىشدۇ.
فەنىس ياروللىننىڭ  ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن  ئاياللار
    فەنىس ياروللىننىڭ  ھاياتىدىكى بىرنەچچە ئايال تەغدىرنىڭ مۆجىزكىرانە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئوخشىمىغان شارائىتتا مەيدانغا چىقىپ ،فەنىسنىڭ  تۇرمۇشى ، ئىجادىيىتى ۋە پۈتكۈل روھى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسۈتۈپ ، ئۇنىڭ مىسلىسىز غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە ھاجايىپ ئىجابىي رول ئوينايدۇ  .
غەمخورچىسى-  ئانىسى  :
   فەنىس ياروللىن تەقدىر قانچە يەكلىگەنسىرى ئانىسىنىڭ ئۆزىگە شۇنچە يېقىنلىقىنى ھېس قىلىدۇ  . ئۇ 1971- يىلى ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئاساس قىلىنغان «يەلكەنلەر شامالدا سىنىلار » ناملىق پوۋېسىتىدا ئانىنى دۇنيادا ھېچنىمە بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ ، ئانىلارنىڭ ھەممە مۇھاببىتى ، كۆڭۈل ئىللىقلىقى قايسى بالىسى ياردەمگە مۇھتاج بولسا ، شۇنىڭغا تېگىدۇ ، ئانا ئىنسانيەتنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ئالتۇن تۈۋرۈكتۈر . دىيىش ئارقىلىق ئانىسىنىڭ ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ئەجىرى ۋە غەمخورلىقىغا چەكسىز  مىننەتتارلىقىنى بىلدۈرىدۇ . دېمىسىمۇ فەنىس تۇنجى سۆيگۈنى تەرپىدىن تاشلىنىپ كۆڭلى قاتتىق ئازار يەپ ، ئۆزىنى يارامسىز ھېساپلاپ ھاياتىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەندە ، ئېرىدىن ياشلا تۇل قېلىپ ئۆينىڭ ھەممە يۈكىنى كۆتۈرۈپ كېلۋاتقان  ئانا ئۆز ئوغلىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت ئېغىر روھى بېسىمنى قىلچە چاندۇرماي ئوغلىنى قەيسەر بولۇشقا ، ھاياتقا كۈلۈپ قاراشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ  . ئۇ  تاكى ئوغلى ئۆيلىنىپ ئۆز بەختىنى تاپقانغا قەدەر ئۇنىڭدىن  بىر قەدەم ئايرىلماي  ئۇنىڭغا ئۈمىد ، ئىشەنىچ بېغىشلاپ  ئوغلىنىڭ  روھىي تايانچغا ئايلىنىدۇ .  فەنىس ياروللىن ئۆزىنىڭ ھايات كەچۈرۈشى ۋە نەتىيجە قازىنىشىدا ئاپىسى ۋە ئايالىنىڭ ئەجىر – تۆھپىسى ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى بىر مىنوتمۇ ئەستىن چىقارمايدۇ،ئۇلارغا ئاتاپ يۈرەكنى تىتىرتىدىغان تەسىرلىك ھەمدە لىرىك داستانلارنى يازىدۇ.
  ۋاپاسىز- تۇنجى سۆيگىنى  
  ئائىلە قىيىنچىلىقى ، نامىرات تۇرمۇش فەنىسنىڭ ئوتتەك ئوقۇش ئارزۇسىنى يوققا چىقىرىدۇ  . ئۇ پەقەت ئۆز يېزىسىدا 8- سىنىپقىچە ئوقىيالايدۇ  .ئۇ كىتاب ئوقۇشقا بەكلا ئامىراق بولۇپ ،  دائىم كىتاپخانىغا بېرىپ يۈرۈپ شەھەردىن چىققان ۋىجىك ، گۈزەل كىتاپخانىچى قىز بىلەن تونۇشۇپ  ئۇنىڭغا قىززىق ، يۇمۇرلۇق گەپلەرنى قىلىپ بېرىپ ، قوشاق توقۇپ قىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۋالىدۇ . فەنىس ئارمىيەگە ماڭىدىغان كۈنى تاتارلارنىڭ ھەربىي سەپكە ماڭغانلارنى ئۇزىتىش قائىدىسى بويىچە ،سۆيگەن قىزى بىلەن بىللە يېزىسىنى ئايلىنىپ ، ئۆيمۇ – ئۆي خوشلىشىدۇ . فەنىس ياروللىن يېزىسىنى ، ئانىسى ، قېرىنداشلىرى ۋە  تۇنجى مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ  ، تولىمۇ يىراق سىبىردىكى ھاۋا ئارمىيە مەكتىۋىگە يۈرۈپ كېتىدۇ . شۇ كۈنى سۆيگىنى ئۇنى مەڭگۈ كۈتىدىغانلىقغا ۋەدە بېرىدۇ . ئۆز يېزىسىدىن ، سۆيگىنىنىڭ ئالدىدىن ياشلىق ۋۇجۇدى مۇھەببەتكە ، كۈچكە تولۇپ ، خۇشال خوشلىشىپ ئارمىيەگە كەتكەن فەنىس ياروللىن ئۈچ يىلدىن كېيىن يېزىسىغا پۈتۈن بەدىنى جانسىز ، قوللىرى ھالسىز ، پەقەت قوڭۇر كۆزلىرىلا مەيۈس پارقىرغان ھالەتتە قايتىپ كېلىدۇ . ئۇنىڭ بۇ ئېغىر ، كۈلپەتلىك قىسمەتتىن ئازابلانغان يۈرىكىگە يەنە ئۈستىلەپ ئۆتكۈر تىغ سانجىلىدۇ . مەڭگۈ بىللە بولۇشقا ۋەدە قىلغان تۇنجى سۆيگىنى ، كىتابخانىچى قىز موسكىۋادىن مەخسۇس چاقىرتىلغان  تاشقى كېسەللىكلەر بويىچە داڭلىق مۇتەخەسسىنىڭ : قېرىندىشىم ، كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمىز سىز فەنىسنىڭ مەڭگۇ سۆيگىنى بولالايسىز ، ئەمما ئايالى بولالمايسىز ، ئۇنىڭ يۇلۇنى ئۈزۈلگەن ، دۇنيانىڭ تىببى تارىخىدا يۇلۇننى ئۇليالىغان بىرەر دوختۇر يوق -،دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ ئۈمىدسىزلىنىپ ، فەنىسنى تاشلاپ كېتىدۇ ھەمدە ئۆزى كەلمەي سىرتتىلا فەنىسنىڭ يۇرتىدىكى خىزمىتىنى يۆتكەپ كېتىدۇ . بۇ ئىش فەنىسكە تولىمۇ ئېغىر كېلىدۇ .قەلبىدىكى كۈچلۈك مۇھاببەت نەپىرەتكە ئايلىنىدۇ .  تۇنجى سۆيگۈنىگە بولغان ئوتلۇق سېغىنىش ، توختىماي ئەسلەش ، ئېغىر ئازاب  ۋە چوڭقۇر ھەسرەت ئۇنىڭ ھېجرانلىق يۈرىكىدە قايناق شېئىرىي مىسىرالارنى تۇغىدۇ .   
شەپقەت ھەمشىرىسى - سېستىرا قىز
   فەنىس ياروللىن باۋلى دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن ئۇزۇن مۈددەت داۋالىنىدۇ . بۇ دوختۇرخانىدا ئۇۋۇلاپ داۋالايدىغان كۆرۈمسىزرەك بىر قىز سېستىرا بار بولۇپ ، ئۇ فەنىسنىڭ ھاياتىغا بەكمۇ ئېچىناتتى ، ئۇنىڭغا كۆيۈنەتتى . فەنىسنىڭ بوينىدىن تۆۋەن پۈتۈن گەۋدىسى
جانسىز ، ھەركەتسىز بولغاچقا  يانپاشلىرى تېشىلىپ ، سوڭ گۆشلىرى قېتىپ يارا بولۇپ كېتىدۇ . ھەتتا بىر پارچە گۆشى شەلۋەرەپ سېسىپ كېتىدۇ . بۇ بەدەننى چىرىتىپ سېسىتىۋىتىدىغان يامان كېسەل - «ياتاق يارىسى » ئىدى . داۋالاش قىلچە ئۈنۈم بەرمەيۋاتقان كېسەل ئازابى ۋە  تۇنجى سۆيگىنىدىن ئايرىلىش  ئازابىغا چىدىيالمىغان فەنىس جاندىن تويۇپ  داۋالاشنى رەت قىلغان ھالقلىقا پەيىتتە ، سېستىرا قىز ئۇنى داۋاملىق سەۋىر قىلىشقا  ،ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە ئۈندەيدۇ  . ئۇ فەنىسنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبىرىكلەپ ئەما بولۇپ قالغان چاغدىمۇ دۇنياغا مەشھۇر رومانى « پولات قانداق تاۋلاندى» نى يېزىپ چىقالىغان ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى  ن. ئوستىروۋىسكىينىڭ سىتاكانچىلىك ھەيكىلىنى تەغدىم قىلىدۇ . فەنىسنى  پۈتۈن ھاياتىنى ئىنقىلابقا ئاتىغان بۇ قەيسەر كىشىدىن ئۈلگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. زىرىكىتمەستىن ئۇنىڭغا ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇپ بېرىدۇ . «ئۆزىنى يېڭىشنى بىلگەن كىشىدىنمۇ كۈچلۈكرەك غالىب كىشى يوق »(گ.بېچىر )، «ئىتائەتسىز ۋۇجۇتنى يېڭىشتە ئىردىدىن كۈچلۈك ھېچ نەرسە يوق »(ر.روللان)، ئۆزۈڭگە جەڭ ئېلان قىل !(رومان ۋ ، پېيىر) ، دىگەندەك ئۇنىڭ ھاياتىغا ئۈمىد بېغىشلايدىغان  دانىشمەن – مۈتەپپەككۈرلارنىڭ تەپەككۈر دۇردانىللىرىنى توختىماي تەكرارلايدۇ  . سېستىرا قىزنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئۇۋۇلاپ داۋالىشى نەتىيجىسىدە مۆجىزە يۈز بېرىپ ،  فەنىسنىڭ قول بارماقلىرىغا جان كىرىدۇ  . بۇنىڭدىن خوشال بولغان سېستىرا قىز دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ فەنىسنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي  ئۇۋۇلاپ داۋالايدۇ ، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە ئۇنى ھەركەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ .قەيسەر فەنىسمۇ ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى يەردە قويماي ئىجدىھات بىلەن ئەسەر يېزىشقا كىرىشىدۇ . سېستىرا  قىز يەنە  فەنىسنىڭ مەشىق ئەسەرلىرىنى يۇشۇرۇنچە گېزىتخانىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ  ۋە فەنىسنى تۇنجى ئىجادىيەتنىڭ غەلبە خوشاللىقىغا چۆمدىرىدۇ .  پەۋقۇلئاددە مېيىپ مىدىر – سىدىر قىلالماي تورۇسقا قاراپ ياتقان فەنىسنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىلىم ئېلىشغا ، ئۆزىنى ئەدەبىياتقا بېغىشلىشىغا خالىس  كۈچ چىقىرىدۇ  . فەنىسنى چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرۈپ قالغان كۆڭۈل – كۆكسى كەڭ ،سەمىمىي ،  مېھىربان بۇ قىز كېيىن فەنىسنىڭ چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ئادىمىنى تاپقانلىقىنى بىلىپ ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشقا چىقماقچى بولغانلىقىنى ، ئۆزىگە ئەمدى خەت يازماسلىقىنى ، ئېرىنىڭ يات ئادەملەر بىلەن خەت يېزىشسا خاپا بولىدىغانلىقى مەزمۇن قىلىنغان  بىر پارچە خەت  قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆز بەختىدىن ۋاز كېچىدۇ .  
مېىھرىبان ئايالى
  مۇھاببەتنىڭ ھاجايىپ سېھرىي كۈچى بار ؛ ئۇ ھەرقانداق ئادەمنى تەڭ قىلىدۇ . قېرىلارنى
ياشارتىدۇ . سەتنى چىرايلىق قىلىدۇ ، ئاجىزنى كۈچلۈك قىلىدۇ .ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭ سېنىڭ كۆزۈڭگە ئەڭ ياش ، ئەڭ ساغلام ھەم ئەڭ چىرايلىق كۆرىنىدۇ . ئۆزۈڭنى جاھاندا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئادەم يوقلىقىغا ئىشەندۈرىسەن ، ئۇنىڭدىن ھېچقاچان نۇقسان تاپالمايسەن . مانا بۇ بۈيۈك يازغۇچى فەنىسنىڭ مۇھاببەت  قارىشى . فەنىس ياروللىن ئەدەبىي ئىجادىيەتتىلا ئەمەس ، مۇھاببەتتىمۇ مۆجىزە ياراتقان ئادەم . ئۇنىڭ مېيىپ بولغاندىن كېيىنكى مۇھەببەت سەرگۈزەشتىللىرى چۆچەكتەك قىزىقارلىق ، ئەجەبلەنەرلىك ھەم تەسىرلىك . سىز بوينىنىڭ تۆۋىنى بىر پارچە جانسىز گۆش بولۇپ قالغان ، ئۆمىرى ، تېنى كارۋاتقا مىخلانغان بىر مېيىپ يىگىتكە قانداق قىز كۆڭۈل بەرسۇن دەپ ئويلايسىز ئەلۋەتتە . لېكىن ئۇنىڭغا تاتار قىزلىرى ئاشىق بولۇپ ، بەس – بەستە مۇھەببەت خەتلىرىنى يازىدۇ ، كۆڭۈل ئىزھارلايدىغان گۈلدەستىلەرنى تۇتىدۇ. فەنىسنىڭ داڭقى چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ، ماقالە – ئوچېرىكلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغان ، سۆيگۈگە تەشنا قىزلار ئۇنىڭغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدۇ . بىر قىز  فەنىس ئۈچۈن  ساغلاملىق توغىرىسىدىكى  گېزىت – ژورناللارنى ئالا قويماى ئوقىيدۇ ، چوڭ فىروفېسورلاردىن مەسلھەت سوراپ ، ھەتتا مەركەزگە خەت يازىدۇ . فەنىس ئۈچۈن كىتابخانىدىن كىتابلارنى  ئېلىپ كېلىدۇ ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئونۋېرسىتتېىتقا ئاپىرىدۇ ، ماشىنكىدا خەت بېسىشنىمۇ ئۈگىنىدۇ ، يەنى ئۆزلۈكىدىن فەنىسنىڭ كاتىپىغا ئايلىنىدۇ . قىز فەنىسنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن ھەرقانداق جاپاغا چىدايدۇ . بارلىقىنى فەنىسكە بېغىشلايدۇ ، ئۆز مۇھاببتى ئارقىلىق فەنىسكە يېڭىچە ھاياتى كۈچ ۋە ئىجادىي بايلىق ئاتا قىلىدۇ . بۇ قىز - «كېسەل باقماقچىمىدىڭ ؟ ناۋادا ئۇنىڭ يېنىغا بارغىنىڭنى بىلىپ قالسام  جېنىڭنى سۇغۇرۋالىمەن دەپ بېسىم قىلغان ئاكىسىغىمۇ پەرۋا قىلماي ، «قەھىرمانلىقنى قولتۇقلاپ مېىڭشقا ، قۇچاقلاپ يېتىشقا ، بولمايدىغۇ قىزىم »دەپ قارشىلىق بىلدۈرگەن ئاپىسىنى  قايىل قىلىپ ، ئۇلارنىڭ رازىلىقى بىلەن فەنىسكە ياتلىق بولغان فەنىسنىڭ ھازىرقى ئايالى – نۇرسىيە ئىدى . نۇرسىيە فەنىسنىڭ  كۈندىلىك تۇرمۇشىدىلا  ئەمەس ، ئىجادىيەت جەھەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك ياردەمچىسىگە ، يۆلەنچۈكىگە ئايلىنىدۇ . نۇرسىيە فەنىسكە ئەمراھ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشلىرى ئاسانلاشىدۇ  . روھى ئۆسىدۇ ، تۇرمۇشى رىتىملىشىدۇ . فەنىس سەھەر ئويغىنىشى بىلەن ئايالى نۇرسىيە كىچىككىنە قۇمغانىدا ئىلىمان سۇ ئېلىپ يۈزلىرىنى يۇيىدۇ ، فەنىس چىشلىرىنى ئۆزى چوتكىلايدۇ . ئېلېكتىرىك ساقال ئالغۇچ بىلەن ساقىلىنى ئالىدۇ . ناشتا قىلىدۇ . سائەت سەككىزدە قەھۋە ئىچىدۇ ، ئاندىن ئىشقا كىرىشىدۇ . ئىككى ئۇچىدا ئۇچى بار قەلەم بىلەن ئىككى قوللاپ يېزىشقا باشلايدۇ . چۈشكە قەدەر ئىككى سائەت ، چۈشتىن كېيىن ئىككى سائەت يازىدۇ . يازغىنىنى نۇرسىيە ماشىنكىدا تىزىدۇ . كۈندۈزى سائەت ئۈچتىن كېيىن كۈندىلىك گېزىت ژورناللارنى ئاختۇرۇشقا باشلايدۇ . تېلىفون ئالىدۇ . فەنىس كارۋاتتا ئۇزاق ياتقانللىقتىن بەدىنىنىڭ تۈرلۈك يەرلىرى تېشىلىدۇ ، سېسىيدۇ ، نۇرسىيە ئۇنىڭ يارىلىرىنى كۈنسايىن دېگۈدەك يېڭىدىن داكىلايدۇ ، ئىچ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرىدۇ . ھەپتىدە ئىككى كۈن مۇنچا ، مۇنداق كۈنلىرى كىشى قۇبۇل قىلىنمايدۇ ، ئەمما ئىجادىيەت مەڭگۈلۈك گۇلخاندەك يېنىپ تۇرىدۇ ..ئۇ ۋاپادار ئايالى نۇرسىيەنىڭ ساداقىتى ، ئەجرى ، مېھىر – شەپقىتى بىلەن روھلىنىپ ، ئۇمۇمى تاللانما ئەسەرلىرى بىلەن ھېساپلىغاندا 46 پارچە كىتاب نەشىر قىلدۇرىدۇ . شۇڭا ئۇ ئايالى نۇرسيە ئۈچۈن «نۇرسىيە » ناملىق لىرىك داستانىدا قەلبىنى مۇنداق ئىزھار قىلىدۇ :
قۇلۇمدا نەي بولدۇڭ سەن ،
ئاسمىنىمدا بوز تورغاي ،
باش ئۈستۈمدە يېنىپ تۇرغان ،
قۇياشىمسەن ، تۇلۇن ئاي .
ئاڭلاپ تۇردۇڭ كۆڭلۈمنى سەن ،
چاڭقىسام بۇلاق بولدۇڭ .
ئاتاپ ماڭا بارلىقىڭنى ،
ھاياتىمغا نۇر بولدۇڭ .
ئاھ نۇرسىيە ، نۇرسىيە ،
يۆلەك تېغىم نۇرسىيە !...
نۇرسىيە مۇھەببەت ، ساداقەت ، ۋاپادارلىق ، مېھىر – شەپقەت ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ، ياشلىق بەختىنى ، خۇشاللىقىنى تەقدىم قىلىشنىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغ ئۈلگىسىنى يارىتىدۇ . شۇڭا 2003 – يىلى تاتارىستان زۇڭتۇڭى مىڭتېمىر شەمىيىف فەنىس ياروللىننىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 65 يىللىق تويىدىكى تەبىرىك سۆزىدە نۇرسىيەنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق مەدھىيلەيدۇ :
«ئاجايىپ پىداكارلىقى ، پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادىسى ، باتۇرلىقى ۋە كۆڭۈل – كۆكسى كەڭ ئايال بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن نۇرسىيە خانىم سىزگىمۇ پۈتۈن خەلقىمىز نامىدىن ئەڭ چوڭقۇر رەھمىتىمنى ئېيىتقۇم كېلىدۇ ».
خۇلاسە - ئەرنىڭ ئۆمىرىدە نىمە ئەڭ مۇھىم ؟
ئەرنىڭ ئۆمىرىدە نېمە ئەڭ مۇھىم ؟ ئەڭ توغىرا جاۋاپ شۇكى :بىر ياخشى ئايال . شۇنداق،  «بىر ياخشى ئايال ئەرنىڭ مىڭ خىل ئەيپىنى ياپالايدۇ » ، ئۇنىڭغا ئىلھام ، كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلالايدۇ . بىر ئەرنىڭ ھەقىقى بەختى پەقەت ياخشى بىر ئايالغا ئېرىشكەن كۈندىن ئېتۋارەن ئېچىلىدۇ .
ناۋادا تاتار خەلقىنىڭ پەخىرلىك يازغۇچىسى فەنىس ياروللىننىڭ ھاياتىدا يۇقارقى ئاياللار بولمىغىنىدا فەنىس قىمىرلىماي ياتقان ئاشۇ كارۋات  ئالتۇن ئوردىغا ، گۈزەل باغچىغا ، ئىجادىيەت گۇلزارىغا ئايلىنارمىدى  ؟ ئىدىل سۈيىدەك پاكىز قەدىر – قىممىتى ، ئۇلۇغ نام – شۆھرىتى ، ئىزگۈ ئىشلىرى ئەل ئىچىگە تارارمىدى ؟ بۇ ئۇلۇغ كىشى ھاياتىدىن ، تەقدىرىدىن خۇرسەن بولۇپ ، ئۆزىنىڭ بۇ ئېغىر ، كۈلپەتلىك قىسمىتىگە قىلچە ئۆكۈنمەي ، بەلكى بۇ قىسسمەتكە رەھمەت ئېيتىپ  :
تەقدىر ساڭا رەھمەت دەيمەن ،
          كۆپ چاغلاردا .   
         ئەمراھ قىلدىڭ كۆڭلى دەريا
         مەرىد جانلارغا  ...
دەپ ئوتلۇق شئېرىلارنى يازارمىدى ؟ دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئەدىب ئۆز تارىخىدا ئۇچىراتمىغان ھايات ۋاقتىدا ئۆز مۇزېيىنى كۆرۈشتەك پەۋقۇلئاددە بەخىتكە نائىل بولارمىدى ؟
ھەي ئايال ! ئېسىڭدە بولسۇنكى ،  خۇددى ل . تولىستوي ئېيىتقانندەك : «ھاياتتا بىرلا ھەقىقىي بەخىت بار . ئۇ بولسىمۇ باشقىلار ئۈچۈن ياشاشتۇر » ...
پايدىلانمىلار :
يەلكەنلەر شامالدا سىنىلار ـ فەنىس ياروللىن
دۇنيادا كىم ئۇنىڭدەك ياشىيالايدۇ – ئابلەت ئابدۇللا

2015- يىلى 10 – ئاينىڭ 6- كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-14 22:36  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-15 00:00:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، «ياتاق يارىسى»دېگەننى «كۆرپە يارىسى»دەپ ئ‍الغان بولسىڭىز تېخىمۇ تىلغا يېقىن چىققان بۇلاتتى. چۈنكى ئ‍ۇزاق كېسەل تارتىپ بەل، كاسسىلىرى تېشىلىپ كەتكەن ئ‍ادەمنى كۆرپە يارىسى بۇلۇپ قاپتۇ دەپ ئ‍اتايمىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-15 10:20:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرغۇن مىجىت يوللىغان ۋاقتى  2015-10-15 00:00
ماقالىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، «ياتاق يارىسى»دېگەننى «كۆرپ ...

تەرجىمان شۇنداق دەپ ئاپتىكەن ، مەنمۇ شۇ بويىچە يېزىپتىمەن ، بۇندىن كېيىن كۆپىرەك دىققەت قىلسام بولغۇدەك ...

باھا سۆز

خوتەن تەرەپتىمۇ «ياتاق يارىسى» دەيدۇ، قەشقەردە نېمە دەيدىغان بولغىدى ! ؟  ۋاقتى: 2015-10-15 04:04 PM
ئىلى تەۋەسىدە كۆپ كىشىلەر ‹‹ ياتاق يارىسى›› دىيىشكە ئادەتلەنگەن .  ۋاقتى: 2015-10-15 10:41 AM
ۋاقتى: 2015-10-15 10:42:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!  يەنە بىر ياخشى يازمىڭىزنى ئۇچرىتىپ سۆيۈندۈم .
‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى›› دىكى ماقالىڭىزنىمۇ ئوقۇپ خوش بولغان ئىدىم .

ۋاقتى: 2015-10-15 11:16:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ بولغۇچە بۇغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپلا قالدى.
نىمانچا ئېچىنىشلىق، نىمانچە قەيسەرلىك، نىمانچە تەسىرلىك ئۆتكەن ھايات بۇ.

بۇ يازغۇچىنىڭ ھاياتىغا ئەڭ...ئەڭ تەسىر كۆرسەتكىنى ئايالىمۇ ئەمەس بەلكى ھېلىقى ئۆز بەختىدىن ۋاز كەچكەن كۆرۈمسىز سېستىرا ئىكەن. شۇ سېستىرا بولمىغان بولسا، بۇ يازغۇچى بۇنداق بەختكە نائىل بولۇپ شەرەپ قۇچۇپ، تاتارىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ پەخىرلىك يازغۇچىسى بولالمىغان، بەلكى بىر كېسەل كۆرپىسى بولۇپ، ئانىسىدىن قالسىلا خار بولۇپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولاتتىكەن.

باھا سۆز

ناھايىتى توغرا دەپسىز!  ۋاقتى: 2015-10-15 02:15 PM
ۋاقتى: 2015-10-15 11:59:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز

ۋاقتى: 2015-10-15 13:10:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنى ئوقۇپ ئاجايىپ تەسىرلەندىم، رەھمەت سزگە...

ۋاقتى: 2015-10-15 15:56:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىڭىز بەك تەسىرلىك بوپتۇ.... يەنە مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىڭىز بىلەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-10-16 13:30:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                           بەكمۇ تەسىرلىك يازما يوللاپسىز، كۆزۈم نەمدەلدى، رەھمەت.

ياراتقۇچىنىڭ ھىممىتىدىن قالسىلا، چىن مۇھەببەت -  قۇدىرەتلىك كۈچتۇر .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش