يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 791|ئىنكاس: 18

زۆھرەگۈل: ئەستىن چىقماس بىر كۈن (سىنارىيە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-14 15:57:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەستىن چىقماس بىر كۈن
(مىكرو كىنو سىنارىيىسى)

زۆھرەگۈل ھامۇت


قاتناشقۇچىلار:
1.ئالىيە......مەلۇم ئىدارىنىڭ يېزا پونكىت كادىرى(25 ياش)
2.چىڭخۇا...... ئالىيەنىڭ خىزمەتدىشى.ئىدارىنىڭ ئۆزىدە ئىشلەيدۇ(30 ياش)
3.شىيۇڭ مېي...... ئالىيەنىڭ خىزمەتدىشى. ئىدارىنىڭ ئۆزىدە ئىشلەيدۇ (38ياش)
4.زۇلمىرە:......ئالىيەنىڭ دوستى.(25 ياش)
قوشۇمچە روللاردا:
شاپتۇل ساتقۇچى ئايال،تاكسىي شوپۇرى، ئالىيەنىڭ باشقا خىزمەتداشلىرى
1-        كۆرۈنۈش:
تاكسىدا ئالىيە بىلەن زۇلمىرە پاراڭلىشىپ ماڭىدۇ.
ئالىيە:ئاداش،تويغا كېچىكىپ قالمىساق بولاتتى ھە.
زۇلمىرە: شۇنى دىگىنە.زۇلپىيە خاپا بولۇپ كېتەرمۇ ئەمدى؟
ئالىيە: (شوپۇرغا قاراپ) ئۇستام،ئىتتىكرەك ھەيدىسىڭىز بوپتىكەن.
شوپۇر: (قىزلارغا سىڭايان قاراپ قويۇپ)بۇنىڭدىن ئىتتىك ماڭغىلى بولمايدۇ قىزلار.ئالدىرىساڭلار ئايرۇپىلانغا چۈشۈپ بېرىڭلار.
ئالىيە: (تېرىكىپ)ۋىيەي،ماۋۇ شوپۇرنىڭ گېپىنى قارىمامدىغان؟
شۇ چاغدا زۇلمىرەگە تېلىفۇن كېلىدۇ.
زۇلمىرە: مانا،كېلەيلا دەپ قالدۇق ئاداش،خاپا بولمىغىنە.(زۇلمىرە سۆزلىشىپ بولۇپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يانفۇننى ئولتۇرغان ئورۇنغىلا قويۇپ قويىدۇ ھەم ماشىنىدىن چۈشكەندە ئۇنتۇپ قالىدۇ).
2-        كۆرۈنۈش: رېستۇران.
زۇلمىرە بىلەن ئالىيە رېستۇران ئىشىكىگە كېلىپ قىزلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ ئىچىگە كىرىپ تويى بولغان قىز زۇلپىيە بىلەن كۆرۈشىدۇ.
ئالىيە: (جايلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن)زۇلمىرە،ئايگۈلنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرىنى سەن بىلىسەنغۇ.ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلغىنە،تېزرەك كەلسۇن.
زۇلمىرە: ھە،مانا(زۇلمىرە سومكىسىدىن تېلىفۇننى ئىزدەپ تاپالمايدۇ.جىددىيلىشىپ)ئاداش،تېلىفۇنۇم سومكامدا يوق تۇرىدۇ.بايا ماشىنىدىن چۈشكەندە ئالماي چۈشكەندەك قىلىمەن.
ئالىيە:ئاپلا ،ماۋۇ ئىشنى!(زۇلپىيەنىڭ قۇلىقىغا بىرنىمە دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ)ماڭ،ئاداش،بىز چۈشكەن ماشىنىنى ئىزدەپ باقايلى.
زۇلمىرە: بولسا شۇنداق قىلايلى،
3-        كۆرۈنۈش:
ئۇلار يولدىكى تاكسيلارغا ئۈمىد بىلەن قاراپ بايا چۈشكەن تاكسىينى تاپالمايدۇ.
ئالىيە:تېلىفۇنۇڭغا تېلىفۇن قىلىپ باقاي.(تېلىفۇن ئېتىك بولۇپ چىقىدۇ)توۋا،تېلىفۇننى بىر دەمدىلا ئېتىۋاپتىغۇ؟ئاداش،تاكسىي شىركىتىگە بېرىپ باقايلى بولمىسا.
زۇلمىرەپەرىشان ھالدا)ئۇلار بۇ كەم بىلەن ئىشتىن چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئالىيە: بوپتۇ،كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما،شوپۇرنىڭ ئىنسابى بولسا بىزگە ئۇچراپ قالغان كۈنى قايتۇرۇپ بېرەر...
زۇلمىرە:ھازىر يانفۇن ئوغرىلايدىغان ئادەملەر ئاۋۇپ كەتتى ئاداش،ماشىنىغا چىقىدىغان ئادەملەر كۆپ بولغاندىن كېيىن تېپىۋالغان تېپىۋالغاننىڭ بولۇپ كېتەمدىكىن شۇ،ھەي...تېخى يېڭىلا ئالغان يانفۇن ئىدى...
4-كۆرۈنۈش: مەلۇم تورتخانا.
تورتخانىدا ئالىيە بىلەن زۇلمىرە تورت يىگەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدۇ.
ئالىيە: ئاداش،يانفۇنۇڭ شۇ يوقالغانچە ئىز –دېرەكسىز يوقىلىپ كەتتى ھە؟ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمايدىكەن،مەنمۇ بىر قېتىم نەرسىلىرىمنى يوقىتىپ باققان،ئەمما تېپىۋالغان ئادەم قايتۇرۇپ بەرگەن.بۇ ئىشقا گەرچە ئون نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ كۆڭۈل خاتىرەمدىن پەقەتلا چىقىپ كەتمىدى،ئەكسىچە مېنى ھەقىقىي ئادەم بولۇشقا ئۆزلۈكسىز يېتەكلەپ كەلمەكتە.
زۇلمىرە: (قىزىقسىنىپ)ساڭا شۇنچە تەسىر قىلغۇدەك نىمە ئىش بولغان ئىدى ئاداش؟ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟
ئالىيە:بۇ ئون بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بولغان ۋەقە...
5-كۆرۈنۈش: ئالىيەنىڭ ئەسلىمىسى باشلىنىدۇ. شىيۇڭ مېينىڭ ئىشخانىسى.
ئالىيە: (شىيۇڭ مېينىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كۈلۈپ تۇرۇپ)شىيۇڭ مېي،ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
شىيۇڭ مېي: (يېزىۋاتقان ماتىرىيالدىن بېشىنى كۆتىرىپ ئالىيەگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ)ۋۇي، ئالىيە ،سىزمۇ ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟بۈگۈن تولۇقلىما تۈرنىڭ ماتىرىياللىرىنى يوللىغىلى كەلگەن ئوخشىمامسىز؟
ئالىيە: ھەئە.
شىيۇڭ مېي: قېنى ئولتۇرۇڭ(ئالىيەگە چاي قۇيىدۇ).
ئالىيە: (چاينى ئېلىپ)رەھمەت! (چايدىن بىر نەچچە ئوتلاپ بولۇپ،قەغەز ئىستاكاننى پارتىغا قويىدۇ.سومكىسىدىن ماتىرىيال ئېلىپ پارتىغا قويۇپ رەتلەيدۇ.شۇ پەيتتە ئۇ پۇل قاپچۇقىنىمۇ سومكىسىدىن ئالىدۇ.ماتىرىيال رەتلەش جەريانىدا پۇل قاپچۇقى شىيۇڭ مېينىڭ پارتىسىدىكى بىر پارچە گېزىتنىڭ ئاستىغا كىرىپ قالىدۇ)قېنى كۆرۈپ بېقىڭ.تەلەپكە لايىق بوپتۇمۇ؟
شىيۇڭ مېي: (يېزىۋاتقان ماتىرىيالدىن بېشىنى كۆتىرىپ ئالىيەگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ ئۇ سۇنغان ماتىرىيالنى ئېلىپ كۆرىدۇ ھەم قىزغىنلىق بىلەن) ناھايىتى ياخشى قىپسىز.دەل مۇشۇنداق ئىشلەنسە توغرا بولىدۇ.
ئالىيە: ئەمىسە مەن چىقاي.
شىيۇڭ مېي:بىر دەم ئولتۇرمامسىز؟
ئالىيە: يەنە قىلىدىغان ئىشلىرىم بار ئىدى،كېيىن كۆرۈشەيلى.
شىيۇڭ مېي: ماقۇل،خوش!
ئالىيە: خوش!
6-كۆرۈنۈش:
شىيۇڭ مېي ئالدىدىكى ماتىرىياللارنى رەتلەۋېتىپ گېزىت ئاستىغا بېسىلىپ قالغان پۇل قاپچۇقىنى كۆرىدۇ.ئۇ ئەجەبلىنىپ پۇل قاپچۇقىنى ئېچىپ ئىچىدىكى كىملىك،مائاش كارتىسى،سۇغۇرتا تالونى،1400يۈەن نەقپۇل،بىر جۈپ ئالتۇن ئۈزۈك بىلەن ھالقىنى كۆرۈپ تەمتىرەپ قالىدۇ.
شىيۇڭ مېي: (ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ)ماۋۇ ئالىيەنىڭ بىخەستەلىكىنى قارىمامدىغان؟پۇل قاپچۇقىغا شۇنچە مۇھىم نەرسىلىرىنى سېلىۋېلىپ مېنىڭ ئىشخانامغا تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتكىنى نىمىسى؟بىردەم ئىزدەپ باقسۇنچۇ قېنى؟سۈيۈنچىسىنى ئېلىپ قايتۇرۇپ بەرمىسەم (كۈلىدۇ) .
چىڭخۇا: (دەل شۇ ۋاقىتتا سىرىتتىن كىرىپ قېلىپ) ۋىيەي شىيۇڭ مېي،ئەجەپ ئىشلەپ كەتتىڭىز،بىردەم يېرىمدەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرمامدۇق؟(پورتماننى ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ)ۋىيەي،نىمانچە چىرايلىق پورتمان بۇ؟قاچان سېتىۋالدىڭىز؟
شىيۇڭ مېي: مەن سېتىۋالمىدىم،بايا ئالىيە مۇشۇ پارتىغا تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ.ئىچىدە قىممەتلىك نەرسىلىرى باركەن.بىر دەم ئىزدىتىپ قايتۇرۇپ بېرەيچۇ.
چىڭخۇا: (قىزىقىپ) ئىچىدە نىمىلەر باردۇ؟
شىيۇڭ مېي: كىملىك،مائاش كارتىسى،سۇغۇرتا تالونى،1400يۈەن نەقپۇل،بىر جۈپ ئالتۇن ئۈزۈك بىلەن ھالقا بار ئىكەن.
چىڭخۇا: (كۆزى قىزىرىپ)شىيۇڭ مېي،ئالىيە پورتمىنىنى بۇ يەردە ئۇنتۇپ قالغىنىنى بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ،بولمىسا ئۇ بۇ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتكىلى نەۋاخ.قايتىپ كېلىپ ئىزدەر ئىدى.شۇڭا تۆگە كۆردۈڭمۇ كۆرمىدىم دەپ،كىملىك بىلەن كارتا،تالون دىگەندەك ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىپ،نەقپۇل بىلەن ئالتۇن ھالقا،ئۈزۈكنى موككىدە چۆنتەككە سالمامسىز؟
شىيۇڭ مېي: (ئاچچىقلىنىپ) بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟قاراپ تۇرۇپ قانداقمۇ بۇنداق پەسكەش ئىشنى قىلىشقا ۋىجدانىم يول قويار مېنىڭ؟
چىڭخۇا: توۋا،ماڭا ئۇچراپ قالسىچۇ.بۇ ئىشنى ئىككىمىز ئۇققان بولغاندىن كېيىن بۆلۈشۈپ كېتەيلى بولمىسا.
شىيۇڭ مېي: سىز نىمە دەۋاتىسىز؟بىر دۆلەت كادىرى تۇرۇپ مۇشۇنداقمۇ گەپ قىلامسىز؟پورتماننى كۆرۈپلا ئەقلىڭىزنى يوقاتتىڭىزغۇ؟مەن ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايمەن،بۇ نەرسىلەردە بىزنىڭ ھەققىمىز يوق،ئالىيەگە ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىمەن.
چىڭخۇا: (ھۆپپىدە قىزىرىپ)ۋاي مەن سىزگە مۇنداقلا چاقچاق قىلىپ قويغان،بولدىلا،ئۆز ئىشخانامغا چىقىپ ئىشىمنى قىلاي.
7-كۆرۈنۈش: چىڭقى چۈش ۋاقتى.
ئۆيگە ئالدىراپ كېتىۋاتقان ئالىيە يول قىرىغا توختىتىلغان ھارۋىدا بىر ئايالنىڭ شاپتۇل سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېنىغا بارىدۇ.
ئالىيە: ئاچا،ماڭا شاپتۇلدىن ئىككى كىلوگىرام جىڭلاپ بەرسىلە.
ئايال: ماقۇل سىڭلىم.(جىڭلاپ بولۇپ شاپتۇلنى ئالىيەگە سۇنىدۇ)مانا سىڭلىم،ئىككى كىلو شاپتۇل.
ئالىيە: (ئايال سۇنغان شاپتۇلنى قولىغا ئېلىپ)رەھمەت!(ئۇ شاپتۇلنى موتسىكىلىتقا جايلاشتۇرۇپ بولۇپ سومكىسىدىن پۇل قاپچۇقىنى ئىزدەيدۇ.تاپالمىغاندىن كېيىن جىددىيلىشىپ كېتىدۇ)ئاچا،شاپتۇلنى ئالماي تۇراي.پۇل قاپچۇقۇم ئەتىگەندە سومكامدا بار ئىدى،ھازىر قارىسام يوق تۇرىدۇ.نەدە قالغاندۇ؟
ئايال: (ئەپسۇسلىنىپ)بارغان-تۇرغان يېرىڭىزنى ئىزدەپ بېقىڭ،چىقىپ قالار سىڭلىم.
ئالىيە: ماقۇل ئاچا.
8-كۆرۈنۈش:چۈشتىن كېيىنكى خىزمەت ۋاقتى.
ئالىيە بىر نەچچە ئىشخانىغا كىرىپ پۇل قاپچۇقىنى باشقىلارنىڭ كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكىنى سورايدۇ.
چىڭخۇا: (چىرايىنى بىر قىسما پۈرۈشتۈرۈپ)يوقالغان نەرسىنىڭ تېپىلغىنى نەدەر بار؟ئۇ نەرسىڭىزچۇ قاراڭ،يىراقتا بولسا جاھاننىڭ ئۇ چېتىدە،يېقىندا بولساكۆز ئالدىڭىزدىلا بولۇشى مۇمكىن.
ئالىيە: (ھەيران بولۇپ)چىڭخۇا،ئەجەپ تېپىشماقتەكلا سىرلىق گەپ قىلىسىزغۇ؟
چىڭخۇا: مۇنداقلا دەپ قويدۇم(سەت ھىجىيىدۇ)
ئالىيە چىڭخۇانىڭ غەلىتە مۇئامىلىسىدىن بىزار بولۇپ«ساراڭمۇ نىمە بۇ؟»دىگىنىچە چىقىپ كېتىدۇ.
9-كۆرۈنۈش: شىيۇڭ مېينىڭ ئىشخانىسى.
ئالىيە: (شىيۇڭ مېينىڭ ئىشخانىسىغا جىددىيلەشكىنىچە كىرىپ كېلىدۇ)شىيۇڭ مېي،چۈشتىن ئىلگىرى ئىشخانىڭىزدا پورتمانىم قاپتۇمۇ؟
شىيۇڭ مېي: (شوخلۇق بىلەن كۆزىنى بىر قسىپ قويۇپ)كۆرمىدىم،بەكرەك ئىزدەپ بېقىڭ.
ئالىيە: (مەيۈسلۈك بىلەن)بارغان-تۇرغان يېرىمنىڭ ھەممىنى ئىزدەپ بولدۇم،پەقەتلا تاپالمىدىم.
شىيۇڭ مېي: ئەستاغپۇرۇللا... قاراڭ،مېنىڭ پارتامغا قويۇپ چىقىپ كېتىپتىكەنسىز،مەن ئېلىپ قويدۇم.مانا،ئېلىڭ.
ئالىيە: (پورتماننى قولىغا ئىتتىك ئېلىپ خۇشال بولۇپ )شىيۇڭ مېي،چۈشتە پورتمان يوق شاپتۇل ساتقۇچى ئايالنىڭ ئالدىدا قانداق ئوسال بولغىنىمنى بىلمەيسىز.سىزگە كۆپ رەھمەت،مەن سىزدىن چىن قەلبىمدىن مىننەتدار.پورتمان ئىچىدە بەك مۇھىم نەرسىلىرىم بار ئىدى.يوقاپ كەتسە قانداقمۇ قىلار ئىدىم.
شىيۇڭ مېي: قاراپ بېقىڭ،نەرسىلىرىڭىز تولۇقمىكەن؟
ئالىيە: (پورتمانغا تەپسىلى قاراپ مەمنۇن بولۇپ)ھەئە،تولۇقكەن،ھەممىسى تولۇقكەن.(پورتماندىن 500يۈەننى ئايرىپ ئېلىپ شىيۇڭ مېيغا سۇنىدۇ) شىيۇڭ مېي،بۇ مېنىڭ سىزگە بولغان ئازغىنە كۆڭلۈم.
شىيۇڭ مېي: (قەتئىي رەت قىلىپ)ھەي...ئالىيە!بىز بىر ئىدارىنىڭ ئادەملىرى دىگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش.مۇشۇنچىلىك ئىشقىمۇ سۈيۈنچە ئېلىپ يۈرىمەنمۇ؟باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىگە كۆز قىزارتىش ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەت ئەمەس.ئەگەر پورتمان يوقالغانچە تېپىلمىغان بولسا سىز قانچىلىك ئازابلىنار ئىدىڭىز؟مەن چۈشتىن ئىلگىرىلا مۇشۇنى ئويلاپ سىزدىن بەك ئەنسىرىدىم،ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىگە پۇختا بولسۇن دەپ ئويلاپ سىزنى قەستەن ئىزدەتتىم.ئەمدى نەرسىلىرىڭىزنى ئوبدان ساقلاڭ جۇمۇ.
ئالىيە: ماقۇل.شىيۇڭ مېي،مەن سىزگە نىمە دەپ رەھمەت ئېيتىشىمنى ھىچ بىلەلمىدىم.
شىيۇڭ مېي: ئۇنچىلىك تۈزۈت قىلىپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولغان بولسام، سىزدەكلا بىئارام بولۇپ كېتەتتىم.
ئالىيە: (كۆزلىرىدىن مىننەتدارلىق يېشى سىرغىيدۇ.شىيۇڭ مېينى چىڭ قۇچاقلاپ)سىزدە ھەقىقىي بىر ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك يۈرەك بار ئىكەن.مەن سىزدىن ئۆگىنىمەن،سىزنى ھاياتىمدا ئۇچراتقان ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ ھىسابلايمەن!
شىيۇڭ مېي: (ئالىيەگە تەسەللىي بەرگەندەك مۈرىسىنى يېنىك سىلايدۇ)بىز بىر ئىدارىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر خىزمەتتە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپلا قالماي بەلكى،ئادەتتىكى ئۇششاق ئىشلىرىمىزدىمۇ ئادىمىيلىك مىزان ۋە ئەخلاقىي-پەزىلەتنى ئۆزىمىزگە قاتتىق ئۆلچەم قىلىشىمىز كېرەك.
ئالىيە: ئېيتقانلىرىڭىز توغرا.بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپلا مەن سىزنى مېھمان قىلىۋالاي.ماڭا سىزگە رەھمەت ئېيتىشقا پۇرسەت بېرىڭ شىيۇڭ مېي.
شىيۇڭ مېي: بۇنداق دىمەڭ،بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم.
سىرىتتىن ئانارگۈل كىرىپ كېلىدۇ.
چىڭخۇا: (ھەيران بولۇپ)شىيۇڭ مېي،مەن سىزنىڭ ئەتىگەنكى سۆزلىرىڭىزنى مۇنداقلا دەپ قويغان گەپلەرمىكىن دىسەم،دىگەنلىرىڭىزنى ئەمەلدە كۆرسىتىپسىز.ئەتىگەندە مەن سىزنى نىمە دەيدىكىن دەپ سىناپ باققان.سىناقتىن ئۆتتىڭىز.
شىيۇڭ مېي: (چىڭخۇانىڭ كۆزىگە مەنىلىك تىكىلىپ)سىزنىڭ سىنىقىڭىز شۇنداقمىدى؟
چىڭخۇا: (نارازى بولغاندەك تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ)مەن يامان گەپ قىلمىغاندىمەن؟
شىيۇڭ مېي: بولدى،مېنىڭ سىز بىلەن تالىشىپ ئولتۇرغۇم يوق.
چىڭخۇا ئاچچىقلىنىپ پېشىنى قاققىنىچە چىقىپ كېتىدۇ.
شىيۇڭ مېي بىلەن ئالىيەنىڭ كۆزى بىر نوقتىدا ئۇچرىشىپ تەڭلا پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىدۇ.
10-كۆرۈنۈش:
ئالىيەنىڭ ئەسلىمىسى ئاياقلىشىپ،ئېكران ئالدىدا ئالىيەنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى يېقىندىن كۆرسىتىلىدۇ.
زۇلمىرە: ئاداش،شىيۇڭ مېي دىگەن خىزمەتدىشىڭ ھازىرمۇ بارمۇ؟
ئالىيە:ھەئە.
زۇلمىرە:سەن ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ياخشى ئىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا پەقەت رەھمىتىڭنى ئېيتىپ باقمىدىڭمۇ؟
ئالىيە:ئۇ ئىزچىل رەت قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا مەن ئامالسىز قالدىم ئاداش.شۇڭا مەن يېقىندا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر پارچە كىنو سىنارىيەسى يازدىم.ئۇ سىنارىيەنىڭ ئىسمى«ئەستىن چىقماس بىركۈن».
زۇلمىرە: ھە...ئاداش،بەك ئەھمىيەتلىك ئىش قىپسەن.ئۇ سىنارىيە قاچان تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ؟
ئالىيە: پات يېقىندا.
زۇلمىرە: (قايىللىق ئىلكىدە بېشىنى توختىماي چايقاپ) توۋا،ئارىمىزدا مۇنداق ياخشى نىيەتلىك ئادەملەرمۇ بار ئىكەن-ھە؟! سېنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ئاداش!
ئالىيە: (زۇلمىرەگە قاراپ تاتلىق كۈلۈمسىرەپ)رەھمەت ساڭا!
ئىككى قىز تورتخانىنىڭ دەرىزىسىدىن كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكىدۇ.ئۇلارنىڭ سۈرىتى ئېكران ئالدىدىن بارغانچە يىراقلاپ فىلىم ئاياقلىشىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۆھرەگۈل ھامۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-17 16:10  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-14 18:11:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى مېكرو تىياتىر قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولغىدەك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-14 19:06:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىنزات يوللىغان ۋاقتى  2015-10-14 18:11
بۇ ئەسەرنى مېكرو تىياتىر قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولغىد ...

رەھمەت، پىكرىڭىزنى بېرەرسىز...

ۋاقتى: 2015-10-14 19:14:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياخشى يېزىپسىز، مىللەتلەر ئىتپاقلىغى يارقىن گەۋدىلىنىپتۇ، قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،  بىراق سىناريەنىڭ ئاخىرقى يىشىمى قېنى؟ ئەسلىمە بىلەنلا تۈگەپتۇ، ئۇلار يا تويغا قاتناشماپتۇ، ئۈزىنىڭ يېقىن دوستىنىڭ تويىكەن بولمىسا، يا تېلىفۇننى ئىزدىمەپتۇ، تورت يەپلا تۈگەپتۇ، خۇددى بازار ئايلىنىپ قۇرسىغى ئېچىپ كېتىپ پاراڭلاشقاندەك.  مىنىڭچە شۇ يەردىكى ياندىكى دۇكاندىن شورپۇر سۇ تاماكا دىگەندەك نەرسىلەرنى ئالغىلى كەلگەن بولسا ئۇلار كۈرۈپ قېلىپ پتېلاۇنىنى قايتۇرۇۋالسا ۋە ياكى ياندىكى دوستىغا تېلىپۇن كىلىپ قېلىپ تېلفۇن ئىگىسىنى ئىزلەۋاتقان بولسىمۇ بۇلاتتىغۇ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-14 19:23:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇيا يوللىغان ۋاقتى  2015-10-14 19:14
ياخشى يېزىپسىز، مىللەتلەر ئىتپاقلىغى يارقىن گەۋدىل ...


زۇلمىرە:ھازىر يانفۇن ئوغرىلايدىغان ئادەملەر ئاۋۇپ كەتتى ئاداش،ماشىنىغا چىقىدىغان ئادەملەر كۆپ بولغاندىن كېيىن تېپىۋالغان تېپىۋالغاننىڭ بولۇپ كېتەمدىكىن شۇ،ھەي...تېخى يېڭىلا ئالغان يانفۇن ئىدى...

مۇشۇ سۆزدىنلا  ئۇ يانفۇننىڭ تېپىلمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدىم.ئۇلارنىڭ تويغا بېرىش مەسلىسىگە كەلسەك،بۇ مىكرو سىنارىيەدە ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمغا قاتناشقان ۋەقەلىكى ئاساس ئەمەس.مىكرو تىياتىر بولغانىكەن،ئۇنى كۆرۈرمەن ئۆزى مۇلاھىزە قىلىپ تېپىۋالغىنى ياخشى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۆھرەگۈل ھامۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-14 19:26  


ۋاقتى: 2015-10-14 19:48:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار تاكسىدا ئۇنتۇلۇپ قالغان تېلفۇنغا تېلىفۇنمۇ قىلىپ باقمىدى

ئالىيە:بۇ ئون ئىككى يىل ئىلگىرى بولغان ۋەقە...ئۇنداقتازۇلپىيەنىڭ نەچچىنچى قېتىملىق تويى بۇ.....
ئالىيە......مەلۇم ئىدارىنىڭ يېزا پونكىت كادىرى(25 ياش)12يىل بۇرۇن پوتمانىنى يوقىتىپ قويغان بولسائالىيە نەچچە ياشتا خزمەتكە قاتناشقان.
مېنىڭچە يەنىمۇ پىششىقلىسىڭىز بولغۇدەك

ۋاقتى: 2015-10-14 20:01:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتە ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن زوھرە. مەن سىنارىيە يېزىپ باقمىغان. بىراق سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنى زوق بىلەن ئوقۇدۇم.  سىنارىيەنىڭ ھەجمى قىسقا بولسىمۇ، نۇرغۇن مەزمۇنلارنى سىغدۇرۇپ كېتىپتۇ. مەركىزى ئىدىيەمۇ بىر قەدەر تولۇپ ئىپادىلىنىپتۇ. مەن ياقتۇردۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاينۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-14 20:02  


ۋاقتى: 2015-10-14 21:28:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز سىزنى تەبرىكلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-10-15 11:31:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     خاپا بولماڭ سىڭلىم، بۇ ھەر قانچە مىكرو تىياتىر بولغان تەقدىردىمۇ ھەر قانداق بىر ئەسەرنىڭ باشلىنىشى، ۋەقە تەرەققىياتى، تۈگۈنى، يىشىمى بۇلۇدۇ، موڭككىدە توختاپ قالسا چالا بۇلۇپ قالىدۇ، سىناريەدە «چاتما كۈرۈنۈشلەر» دەيدىغان بىر مەيدانمۇ بۇلۇدۇ، دىيالۇگ بولسىمۇ، بولمىسىمۇ بۇلۇدۇ، بىر قۇر ياكى بىرەر ئېغىز گەپ بىلەنلا ئۇنىڭ تېلىفۇن بەرگەنلىگىنى، شوپۇرنىڭ تېلىفۇننى كۆرگەن، كۆرمىگەنلىگىنى، ياكى قەستەن ئوغۇرلانغانلىغىنى بىلدۈرۈدىغان MTVكۈرۈنۈشلىرىگە ئوخشاش كۈرۈنۈشلەرنى بەرگەندە قىسقىلا ئۇقۇم بىلەن تاماششابىنلارغا بۇ جىلىمنىڭ كەمتۈكلىگىنى تولدۇرغىلى بۇلۇدۇ، مىللەتلەر ئىتپاقلىغى دىسەم غۇژژىدە ئاچچىقىڭىز كەلگىنىنى بىلدىم، كەچۈرۈڭ، بۇ تىما ھازىر يېزىشقا تىگىشلىك بولغان ئەڭ يارقىن تىما، بۇنىڭدىن ئۈزۈمىزنى قاچۇرساق قانداق بولا؟؟؟؟؟

ۋاقتى: 2015-10-15 13:25:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجاىيتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-10-15 14:19:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
   زوھرەگۇل سىڭلىم سىنارىيە يېزىشنى سىز خېلى بەلەن بىلىسىزغۇ ،نىمىشكە بۇ سىنارىيەنى

يېزىشتا تېگىشلىك  بولمىغان نوقسانغا يول قويغانسىز ، بۇ سىنارىيىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بىر

ئىدارىدە ئىشلەيدىغان خەنزۇ ئايال ئىشەنچىلىك. تاكسى ھەيدەيدىغان ئويغۇر ئشەنچىسىز

دىگەن  مەزمۇن بولۇپ قالغانمۇ  قانداق ؟  بىر ئىدارىنىڭ ئادىمى بولغان تۇرۇقلۇق تېلىفۇننى تاپشۇرۇپ بەرمىسە نۇمۇس قىلار !

      توغرا ، بۇ سىنارىيىڭىز شايار ناھىلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك

تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى فىلىم قىلىپ ئىشلىشىگە تولىمۇ باپ كېلىدۇ ، بۇ سىنارىيەنىڭ ئەڭ

زور مۇۋەپپىقىيىتى مانا مۇشۇ يەردە !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-16 11:46:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارنىڭ قىمەتلىك پىكىر بەرگىنىدىن بەك خۇرسەن بولدۇم ھەم يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ قويدۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۆھرەگۈل ھامۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-16 11:47  


ۋاقتى: 2015-10-17 13:50:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئانارگۇلنى  چىڭخۇاغا ئوزگەرتىپسىز، ئەمما ئانارگۇلنىڭ ئىسمى يەنە مۇناسىۋەتسىز بولغان

ئىككى يەردە باركەنغۇ ؟ ئۇنىمۇ ئوزگەرتىپ قويامسز كىنا !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-19 11:51:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ئاتەش يوللىغان ۋاقتى  2015-10-17 13:50
ئانارگۇلنى  چىڭخۇاغا ئوزگەرتىپسىز، ئەمما ئانارگۇل ...

مېنىڭ تورغا چىقىش ئىمكانىيىتىم بەك ئاز ھەم چەكلىك بولۇش سەۋەبىدىن،ئالدىراپ يوللىنىپ كېتىپ ئەسەرلەردە بەزىبىر نوقسانلار كۆرۈۈلۈپ قالدى،ئوقۇرمەنلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.ئۇ ئىسسىممۇ يەنە ئۆزگەرتىلىپ تولۇقلاندى.ئۆزرىلىكمەن...

ۋاقتى: 2015-10-27 16:46:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۆھېە  ياخشىمۇسىز ،بۇ سىنارىيە شۇنداق مەزمۇنلۇق بىلىندى ماڭا ، مەن ئەزەلدىن سىنارىيە يىزىپ باقمىغان .  يىزىشنى ئۇيلىغان ئەمما قۇرۇلمىسىنى بىلمىگەچ ھەم ياخشې چۈشەچەم بولمىغاچ قەلەم تەۋرەتمىگەن . بۈگۈن بۇنى ئوقوپ ئاز بولمىغان بىلىمگە ئىگە بولدۇم . ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق يار بولسۇن .......  مەن ئەسىرىڭىزنى بەھىرلىۋالدىم .  ......

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش