يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1080|ئىنكاس: 25

قەلبىنۇر ئىلياس: بەخت بىلەن مۇھەببەتنىڭ دىيالوگى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-13 17:37:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى


    بەخت بىلەن مۇھەببەتنىڭ دىيالوگى

( نەسىر)

قەلبىنۇر ئىلياس

    بەخت،  كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىدىن نۇر ياغدۇرۇپ، مۇھەببەتنىڭ مۇڭلار تۆكۈلۈپ تۇرغان دۇنياسىغا سەپ سالدى .ئۇ ئۆزىنى مۇھەببەتلىك دۇنيانىڭ مۇكەممەل ئوبرازى دەپ بىلەتتى .  ئەمما ئۇنىڭ بىلىشى،  مۇھەببەتنىڭ تېرەن چەكسىزلىكىنىڭ قاق ئوتتۇرسىدا توختاپ قالدى .
    مۇھەببەت ، ئىنسان ئارمانلىرى بىلەن قۇراشتۇرۇلغان بەخىتنىڭ زىمىنىدا پۇلاڭلاپ تۇرغان، ئىنسان روھى بايرىغى ئىچىگە سىزىلغان،  ئۆزىنىڭ رەڭسىز شەكلىگە قاراپ  ئۇھسىنغان ھالدا تۇرۇپ    كەتتى  .ئۇ ، ئۆزىنى  باشقىلارنىڭ  بەخت قۇتىسىغا قاچىلاپ قويۇشقانلىغىدىن ھەيران ئىدى.   شۇڭا بەختنىڭ تەكەببۇر چىرايىغا تىكىلگىنىچە ئاستا ئېغىزلاندى .
      - سېنىڭ كېلەر جايىڭ  قەيەر ؟
    - كېلەر جايىمنىڭ مەنبەسى كۆپ قۇتۇپلۇق – دىدى بەخت.
سېنى ئۆلچەيدىغان تارازىچۇ؟ يەنە سورىدى مۇھەببەت .
     - ئۇ تارازا ماددا بىلەن روھتۇن قۇراشتۇرۇلغان،  ئۇنىڭ تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى تېشى بولسا، ئىنسان مەمنۇنلىغى – دىدى بەخت خىرامان ھالدا .
      - سېنىڭ مەيدانىڭ بارمۇ ؟ كىمگە تالىقسەن ؟
      - مەن بىر تۇترۇقسىز نەرسە ،مەيدانىم مۇقۇم ئەمەس،  بىر تۇتام تۈكنىڭ كۆيگۈنىچىلىك غايىپ بولىمەن بەزىدە  . ھەركىم  ئۆزى   قۇراشتۇرغان ئىمتىيازنىڭ ئىچىدە ھەركىمگە تەۋەمەن- دىدى  ئۇ ئىختىيارسىز يەرگە تىكىلىپ .
       -ئىنسان سېنى بەكمۇ قەدىرلەيدۇ ، ساڭا يېتىش ئۇلارنىڭ مۇرادى- دېدى ،مۇھەببەت بەختنىڭ خىجىلىق غىل پال شولا چېچىپ ئۆتكەن يۈزىگە سەزگۈرلۈك بىلەن تىكىلىپ .
   -بىراق ئۇلار ماڭا يېتىپلا مېنى تاشلىۋىتىدۇ شۇ سەۋەپتىن بەختسىزمەن . چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى مېنى ۋاقىتلىق قونالغۇ قىلىدۇ  - دىدى ، بەخت بىردىنلا  مەيۈسلىنىپ  .
مۇھەببەت ،  يىغلامسىراپ تۇرغان بەختىن كۆزىنى قاچۇرۇپ،  يىراقلارغا قارىۋالدى . ئۇ ‹‹ بەخت››نىڭمۇ دەردى بار ئىكەنلىكىنى پەملىگەن ئىدى.  
مەنسىز  ئېرشكەن بەخت چاكىناكەن – دېدى ئۇ،  ئۆز- ئۆزىگە شىۋىرلاپ .  ئەمما ئۇ،  ئۆزىنىڭ كۆپ ھاللاردا ئىنسان ئارزۇسىنى ھېجران تۈرمىسىگە تاشلاپ ،سۆيگۈنى پۈتمەس- تۈگىمەس ئازاپ ئىچىدە تاۋلايدىغانلىقىنى بىلەتتى . شۇڭا ئۇ ‹‹ بەخت ›› ئۇقۇمىدا قۇراشتۇرۇلغان بۇ ئىمتىيازغا چىن ۋە ساختىلىقنىڭ ئارلاشقانلىقىنى ئېتراپ  قىلدى-دە،  بەخت ئىچىنى تەلتۆكۈز ئۆزىنىڭ مېھرى بىلەن تولدۇرۇش قارارىغا كەلدى .
بۇ چاغدا بەختمۇ،  تەپەككۈردۈن ئۈزۈلگەن سۇئاللارنى  مۇھەببەتنىڭ ئالدىغا تاشلاپ  ئۈلگۈرگەن  ئىدى.
      -  سەن قەيەردە ياشايسەن ؟- دېدى بەخت مۇھەببەتنىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان كۆزلىرىگە تىكىلىپ .
      -ئىنسان يۈرىكىنىڭ چوققىسىغا مەدەنيەت ئۇچۇپ كېلىپ ئولتۇرغاندا، ‹‹قەلىب ›› ئاتلىق بىر قەسىر پەيدا بولىدۇ . مەن شۇ جايغا ماكانلاشقان –دىدى مۇھەببەت سىلىق ئاھاڭدا .
سېنىڭ سىغىمچانلىقىڭ قانچىلىك ؟
چەكسىزلىكىمگە گەپ كەتمەيدۇ . تېرەنلىكىمگە دۇنيامۇ چۆكۈپ كېتىدۇ .
      - ئەمما سەن بېخىلسەن ، كۈلكىلەرگە ئىنسان ئارمىنىنى ئاز تولدۇرىسەن . سېنىڭ ۋەجىڭدىن  مېنىڭمۇ ئۆمرۈم چولتا- دىدى،  بەخت بىردىنلا دومسۇيۇپ.
     -ئازاپ مېنىڭ قىيامىم . مەن ئىنسان كۆزىدىن ياش ، ئېغزىدىن دۇرت بولۇپ تۆكۈلۈپ تۇرىمەن .
      -ئىنسان يۈرىكىنى قوماش قىلىپ قورۇپ ئويناش سېنىڭ ھۈنۈرىڭغۇ – دىدى،  بەخت بىردىنلا چالۋاقاپ
      -مەندە نىمە ئامال،  ۋاقىتقا ئۈزۈمنى ئامانەت قىلىش مېنىڭ تۇغما تاللانتىم . ۋاقت سىنىمىغان مېنىڭ  ئۆمرىم  قانچىلىك بولار دەيسەن ؟ مەن يىلتىزلىق يارالغاشقا  شېخىمدا مەي بولغان سېنىڭمۇ ئېتبارىڭ بولىدۇ – دىدى مۇھەببەت تەمكىنلىك بىلەن بەختكە مەنىلىك تىكىلىپ .
     مۇھەببەتنىڭ سۆزلىرىدىن چوڭقۇر بىر ھەقىقەتنى سۈمەرگەن بەخت، ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدى .ئۇ ئادەملەرنىڭ  مۇنداق دېگەنلىرىنى ئەسكە ئالماقتا ئىدى .
      - قاراڭغۇلۇقتا يول تاپالماي تەمتىرەپ قالساڭ،  ئالدىڭدا بىر چىراق يېقىلىپ مەنزىلىڭگە يېتەلىسەڭ مانا بۇ بەخت ،  تۇرمۇش ھارۋاڭنى يالغۇز سۆرەپ چارچىغاندا،  ساڭا يانتاياق بىر ئادىمىڭ پەيدا بولسا، مانا بۇ بەخت. چۆلدە ئۇساپ قالغاندا،  بىر يۇتۇم شەرۋەتكە ئېرشەلىسەڭ مانا بۇ بەخت .ئېچىرقىغان دىلغا ئوزۇقلۇق بولۇش ئۈچۈن گويا پىشقان تۇخۇم كەبى  باشقىلارنىڭ  رىسقى ئۈچۈن شاكىلىڭدىن سويۇلالىساڭ مانا بۇ بەخت،  ھاجىتىڭ قىستىغاندا راھەتلەنگىدەك جاي تاپالىساڭ مانا بۇمۇ بەخت ....
       ئۇ بىردىنلا ئويلاشتىن توختىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنسان فىزۇلۇگيەسى ،شەخسىيىتى ، نەپسى ، ماددىي ۋە مەنىۋىي  تەشنالىقىنىڭ  تويۇنىشىغا قاراپ ئاتالغان نام  ئىكەنلىگىنى بارا- بارا چۈشەنمەكتە ئىدى .بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىش بىلەن گويا ئۆزىنىڭ قىممىتى  سۇنغاندەك  ماغدۇرسىز ھالدا يىقىلدى ...
     ئۇ ئاخىرقى ھېساپتا ،مۇھەببەتنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا ئەركىن ۋە يۈكسەك مەنىلەر بىلەن  پەردازلىنىپ تۇرىدىغان ئۇلۇغۋار   ھېكىمەت  ئىكەنلىكىنى  بايقاپ يەتكەن ئىدى     
بەختنىڭ  چىرايىغا زەڭ سېلىپ تۇرغان مۇھەببەت ،  ئاستا ئۇنى يۆلىۋالدى-دە، ئۇنىڭ قۇلىقىغا   شىۋىرلىدى:  
        ـ مەن سېنى ھەقىقى ئىمتىيازغا ئېگە قىلىمەن . ھەسرەت سىناقلىرىمدا تاۋلانساڭ ، سېنىڭ ئۆگە – ئۆگىلىرىڭگە چىرمىشىپ  ، ھاياتى كۈچۈڭنى چىنلىق  بىلەن بېيىتىمەن ...
بەخت،  رازىمەنلىك بىلەن مۇھەببەتنى قۇچاغلىدى . ئۇلار   ئىنسان روھى ئالىمىنىڭ نۇرانە پەللىسىگە  تۇتىشىدىغان  يولنى تېپىش ئۈچۈن،   قول تۇتۇشۇپ  مېڭىشى كېرەكلىگىنى چۈشەنگەن ئىدى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-13 19:17  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-13 22:25:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بەخىت بىلەن مۇھەببەتنىڭ دىيالوگى...


ئىزگۈ تەسەۋۋۇرغا باي نەسىرىڭىزدىن سۈيۈندۈم،سىزگە يەنىمۇ يۇقۇر پەللە تىلەيمەن!!!

باھا سۆز

« بەخت» دەپ يېزىڭ.  ۋاقتى: 2015-10-14 10:04 PM
ۋاقتى: 2015-10-13 22:38:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسرىڭىزدىكى ئەزگۈ ئارمانغا تويۇنغان تۇيغۇلارغا سىڭىپ كەتكەن مۇئەممالىق ئوي-پىكىرلەردىن زوقلاندىم. ئامەت يار بولسۇن!

باھا سۆز

رەھمەت ئابلاجان .  ۋاقتى: 2015-10-18 10:42 AM
« نەسر» دەپ يېزىڭ.  ۋاقتى: 2015-10-14 10:05 PM
ۋاقتى: 2015-10-14 00:13:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرىڭىزنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم،يەنىمۇ زور ئۇتۇقلار تىلەيمەن

باھا سۆز

سىزگىمۇ ئىلھام ۋە مەدەت تىلەيمەن !  ۋاقتى: 2015-10-18 10:43 AM
ۋاقتى: 2015-10-14 00:45:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان شېئىرىي پەلسەپە. رەھمەت قەلبىنۇر.

باھا سۆز

رەھمەت!  ۋاقتى: 2015-10-18 10:43 AM
ۋاقتى: 2015-10-14 10:14:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرنىڭ تىلى ئاجايىپ پاساھەتلىك پەلسەپەگە تويۇنىپتۇ ، بەخىت بىلەن مۇھەببەتنىڭ دىئالوگىدا بەزىدە بىر خىل مۇڭ ۋە ئۇھسىنىش ئىپادىلەنسە بەزىدە ئوقۇرمەننى شۇنچىلىك تاتلىق سېزىمگە ئىگە قىلىدىغان شەربەت تېمىپ تۇرىدىكەن ، ئاپتۇرنىڭ نەسىر سۆزلىرىگە ئىشلەتكەن ،تاللىغان سۆزلىرىمۇ تاۋلانغان ، قايتا -قايتا ئويلىنىپ ئىشلەتكەن تىل بولغاچقا بىر قېتىم ئوقۇپ يەنە بىر قېتىم ئوقۇغۇسى كېلىدىكەن ئادەمنىڭ قەلىمىڭىزگە بەرىكەتلەر ياغسۇن!!!

باھا سۆز

تەشەككۈر ئادىلجان!  ۋاقتى: 2015-10-18 10:44 AM
ئىملا...ئىملا...يەنە ئىملا!...  ۋاقتى: 2015-10-14 10:06 PM
ۋاقتى: 2015-10-14 10:36:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


       نەسرلىرىڭىزنىڭ ئاشىناسىمەن...
      مېنى سۆيۈندۈرگەن نەسرىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، قەبلىنۇر خانىم !
      تىل باغچىسىدا سەيلە قىلدىم...
         بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-14 10:36  


ۋاقتى: 2015-10-14 11:55:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىي تىلنىڭ خاسلىقى بىلەن بىلەن نەسىرنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن مۇشۇنداق ئەسەرلەر كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ، بەرىكەتلىك بولغايسىز خانىم!

باھا سۆز

ئەسەرلىرىمنى ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇغىنىڭىزغا تەشەككۈر!  ۋاقتى: 2015-10-18 10:46 AM
ۋاقتى: 2015-10-14 13:33:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكىز ،چىرايلىق تۇيغۇللىرىڭىز ۋە ئىدىتلىق قەلەم قۇۋتىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن!

باھا سۆز

كۆزمۇنچاق ئېسۋالدىم .  ۋاقتى: 2015-10-18 10:46 AM
ۋاقتى: 2015-10-14 13:43:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتتە  يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولغايسىز

باھا سۆز

رەھمەت!  ۋاقتى: 2015-10-18 10:47 AM
ۋاقتى: 2015-10-14 15:21:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ نەسىر تىلىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن مەزمۇنىنىڭ موللىقى «بەخت كېلىدۇ نەدىن، پىشانەڭدىكى تەردىن» دېگەن ھەقىقەتنى  «مۇھەببەت بىلەن بەختت» نىڭ دېئالوگىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مۇھەببەت بىلەن بەخت مەڭگۈلۈك تىما بولۇپ، ئۇنى ھەرقايسى ژانىرلاردا  مەزمۇنىنى يېڭىلاپ قانداق ئىپادىلەش، قانداق مەزمۇنلارغا  تويۇندۇرۇش يازغىچىنىڭ بەدىئىي دىتىغا باغلىق. ئەسەرنىڭ قىسقا بولۇشى ياكى ئۇزۇن بولۇشى مۇھىم ئەمەس، ئىپادە قىلغان چوڭقۇر مەزمۇندا، ئوقۇرمەنلەرنى ھاجاجانلاندۇرۇشتا ، شۇنداقلا ئېستېتىك تەربىيەگە  ئىگە قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. قەلبىنۇر ئىلياس بۇ نەرسىردە بۇ مەقسەتكە تولۇق يەتكەن.  ئاپتورنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

باھا سۆز

سىزگە تەشەككۈر ئاكا!  ۋاقتى: 2015-10-18 10:48 AM
ئەسەرلىرىمنى ياختۇرۇپ ئوقۇپ ، ياخشى ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپ تۇرۋاتىسىز  ۋاقتى: 2015-10-18 10:48 AM
ۋاقتى: 2015-10-14 15:22:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ نەسىر تىلىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن مەزمۇنىنىڭ موللىقى «بەخت كېلىدۇ نەدىن، پىشانەڭدىكى تەردىن» دېگەن ھەقىقەتنى  «مۇھەببەت بىلەن بەختت» نىڭ دېئالوگىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مۇھەببەت بىلەن بەخت مەڭگۈلۈك تىما بولۇپ، ئۇنى ھەرقايسى ژانىرلاردا  مەزمۇنىنى يېڭىلاپ قانداق ئىپادىلەش، قانداق مەزمۇنلارغا  تويۇندۇرۇش يازغىچىنىڭ بەدىئىي دىتىغا باغلىق. ئەسەرنىڭ قىسقا بولۇشى ياكى ئۇزۇن بولۇشى مۇھىم ئەمەس، ئىپادە قىلغان چوڭقۇر مەزمۇندا، ئوقۇرمەنلەرنى ھاجاجانلاندۇرۇشتا ، شۇنداقلا ئېستېتىك تەربىيەگە  ئىگە قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. قەلبىنۇر ئىلياس بۇ نەرسىردە بۇ مەقسەتكە تولۇق يەتكەن.  ئاپتورنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2015-10-14 21:56:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرىڭىز  ماڭا بەك  ياقتى.  سىزگە  ئۇتۇق  تىلەيمەن.

باھا سۆز

رەھمەت قېرىندىشىم!  ۋاقتى: 2015-10-18 10:48 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-15 10:53:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىمنى ياقتۇرغان ھەم ئىنكاسلارنى قالدۇرغان بارلىق   قېرىنداشلىرىمغا تەشەككۈر !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-15 11:04:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-10-14 10:36
نەسرلىرىڭىزنىڭ ئاشىناسىمەن...
      مېنى سۆيۈندۈرگە ...

تەشەككۈر زۇنۇن مۇئەللىم !
نەسىرىم سىزگە ياراپتۇ ئەمما مەن ئىملادا بەكلا  ناچار .
يېقىندا بىر ئىملا لوغىتى سېتۋالدىم .  ئۈزۈمچە تىرىشۋاتىمەن.  بىراق سىزدەك ئۇستازلارنىڭ يۈزسىزلىك بىلەن كاچاتلاپ قويىشىنىمۇ  ئىستەپ قالىمەن .چۈنكى قوي تاغدا بۆرىسىز يۈرىۋەرسە قوتۇر بولغىنىدەك  ئادەملەرگىمۇ جۇۋالدۇرۇس كېرەك بەزىدە.  بىزدەك ئىسلاۋيەن يېزىغىدىن ئۆز يېزىغىنى  ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىسىز ئۈگۈنۋالغانلاردا ھەقىقەتەن يېتەرسىزلىكلەر كۆپ ئوخشايدۇ . بولۇپمۇ ئىملا قايدىسىگە پۇختا ئەمەسكەنمىز . ياپۇنلۇقلارنىڭ ‹‹ مەڭگۈلۈك ئۈگۈنىش›› ئادىتىنى يېتىلدۈرگىنى توغرىكەن بىزمۇ سىزدەك ئۇستازلارنىڭ يېتەكلىشىگە مۇھتاج

باھا سۆز

‹‹ ئاغىزى يۇمشاق موزاي مىڭنى ئېمىپتۇ››.......  ۋاقتى: 2015-10-16 01:23 PM
تەشەككۈر!  ۋاقتى: 2015-10-15 11:15 AM
ئۆزىنىڭزنىڭ ئېتىراپ قىلىشىڭىز بەل باغلىغانلىقىڭىز. سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇ !  ۋاقتى: 2015-10-15 11:11 AM
ئۇ تەرەپلەر خېلى ئېغىر ئىكەن، ئەمما سىزنى كەچۈردۈم، ئەمدى يۈز قارىمايمەن.  ۋاقتى: 2015-10-15 11:09 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش