كۆرۈش: 1025|ئىنكاس: 6

ئابدۇنىياز ئىمىن: ئابدۇرېھىم زۇنۇننىڭ «رۇبائىي توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە» سىگە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-13 14:43:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
    ئابدۇرېھىم زۇنۇننىڭ «رۇبائىي توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە» سىگە ئىككى كەلىمە

                                   ئابدۇنىياز ئىمىن

گەرچە ئۆزۈم ئانچە شېئىر يېزىپ كەتمىسەممۇ، شېئىرىيەت ھەققىدىكى ھەربىر تىۋىشقا ئىنچكە دىققەت قىلىمەن.  شېئىرىيتىمىز ھەققىدىكى ھەر بىر دادىل پىكىرلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ماقالە ۋە ئۆزگىچە قاراشلار مېنى سۆيۈندۈرىدۇ.
يېقىندا ئابدۇرېھىم زۇنۇننىڭ «تىل ۋە شېئىر» ناملىق كىتابنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇ ھەققىدىكى بىر قىسىم ياخىشى باھالارنى توردىن كۆرگەندىن كېيىن بۇ كىتابقا بولغان قىزىقىشىم ئاشتى ۋە كۆرۈپ بېقىشنى ئىزچىل ئىستەپ يۈردۈم. تەلىيىمگە ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ كىتابنى كىتابخانىلاردىن ئۇچىرىتىپ، سېتىۋېلىپ ئەستايىدىل ئوقۇشقا كىرىشتىم ،بىراق، كىتابنىڭ بېشىدىكى بىرقانچە ماقالىلەرنى ئوقۇپ بۇ كىتابقا بولغان ئىلگىرىكى تەلپۈنۈشۇم ۋە كىتابنى كۆرمەي بۇ كىتابقا يۈكلەنگەن غايىۋى ئارزۇلار ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىپ بولدى.
مەن تۆۋەندە بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن «رۇبائىي توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە» دېگەن ماقالە ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىپ، كۆز قاراشلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.
مەزكۇر ماقالىنىڭ باش قىسىمىدىكى ئىلمىي ماقالىلەردە رەسمىيەت يۈزىسىدىن دەپ قويىدىغان بىر پاتمان بايانلاردىن كېيىن(بۇلارنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆزىنىڭ «‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ شېئىرىي قىممىتى» دېگەن ماقالىسىدا ئاللىمۇقاچان دەپ بولغان بولۇپ، ھېچقانچە يېڭى گەپلەر ئەمەس، ئەگەر يېڭى دېيىشكە توغرا كەلسە ئاپتور پەقەت ھېچقانداق نەقىل ئالماي ئۆز گېپىگە ئايلاندۇرۇپ ئېيتقان، خالاس.)  ئاپتور رۇبائىي بولۇشتا ئۇنىڭ «پەقەت تۆت مىسىرادىن تۈزۈلدىغانلىقىنى، چوڭقۇر غايىۋى مەزمۇننى، پەلسەپىۋى پىكىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل كىچىك ئەسەر»(115-بەت)  ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆتۈپ، «شۇ ۋەجىدىن تۆت مىسىرالىق شېئىرلارنىڭ ھەممىسى رۇبائىي بولىۋەرمەيدۇ، رۇبائىي مەزمۇن، شەكىل ۋە قۇرۇلما جەھەتتە ئۆزىگە خاس بىرمۇنچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىر مۇستەقىل شېئىرىيەت ژانىرىدۇر»(115-بەت) دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىراق، رۇبائىي ژانىرنىڭ «ئۆزىگە خاس ئالاھىدلىككە ئىگە» ئىلكەنلىكىنى ئېيتقان ئاپتور رۇبائىينىڭ باشقا ژانىردىن زادى قانداق «ئۆزىگە خاسلىقى»نى ئىسپاتلاشقا ئاجىزلىق قىلىپ، يەنە بىر قىسىم ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەرنى تەكرارلايدۇ.(بۇ گەپلەرمۇ ئوخشاشلا ئىمىن تۇرسۇننىڭ «تارىمدىن تامچە› ۋە ھاجى ئەھمەد كۆلتىكىننىڭ ‹ئۇيغۇر شېئىرىتى توغرىسىدا› دېگەن كىتابلارنىڭ رۇبائىيغا ئائىت قىسىملىرىدا دېيىلىپ بولغان)  ئەمەلىيەتتە  مۇستەقىل بىر پەلسەپىۋى كۆز قاراشنى ۋە ۋەھاكازالارنى ئەكىس ئەتتۈرۈشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ باشقا ژانىرلادىن پەرقلىنىشىگە، ئۇنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى باشقا ژانىرلاردىن پەرقلىنىپ، «ئۆزىگە خاس» بولۇشىغا ئاساس بولالمايدۇ. چۈنكى، مۇستەقىل بىر پەلسەپىۋى مەزمۇن بەلكىم شېئىرىي شەكىللەردىن قىتئە ياكى تۆتلۈكلەردىمۇ، قوشاقلاردىمۇ بولۇشى مۇمكىن، مەزمۇنىغا ئاساسلىنىپ ھەرگىزمۇ بۇلارنى  ئايرىشقا بولمايدۇ. يەنە بىرى شەكىل جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاپتورنىڭ ئاساسلىرى تېخىمۇ يىتەرسىز بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدا رۇبائىينى «شەكىل جەھەتتىن تۆت مىسىرادىن تەركىب تاپىدۇ، مىسىرالىرى ئۇزۇنمۇ، قىسقىمۇ بولىدۇ، ئارۇز ۋەزىنىدىمۇ، بارماق ۋەزىنىدىمۇ يېزىلىدۇ. مىسىرالىرىنىڭ قاپىيەلىنىشى (aaaa ) شەكلىدىمۇ، (abaa) شەكلىدىمۇ بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى 1-،2-، مىسىرالار ئۆز ئالدىغا بىردىن پىكىرنى ئېلىپ كېلىدۇ. يەنى شەكىل جەھەتتىن باغلانمىغان، ئىچكى مەنتىقە جەھەتتىن باغلانغان تولۇق ئاياقلاشقان جۈملە شەكىلىدە قۇرۇلىدۇ، 3--،4-مىسرالار ،1-،2-مىسىرالارغا ئوخشاش مەنتىقە جەھەتتىن باغلانغان جۈملە شەكىلىدە ئاياقلاشقان بولسا، تېخىمۇ ياخشى،. مۇمكىن بولمىغاندا شەكىل قۇرۇلمىسى پۈتمىگەن جۈملە شەكىلىدە كەلسىمۇ بولىدۇ. تەلەپ: چوقۇم 1-،2-مىسىرالار ئۆز ئالدىغا بىردىن مۇستەقىل پىكىر ئېلىپ كېلىشى، قاپىيەلىرى مۇمكىن قەدەر توق بولۇشى شەرت، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ تۆت مىسىرالىق پارچىدىن پەرقلەنمەي قالىدۇ»(117-،118-بەت) دېگەندەك بىر قاتار باشقا بىر قىسىم ژانىرلار بىلەن رۇبائىينىڭ چەك –چېگىرسىنى ئايرىشقا تۈپ ئاساس بولالمايدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئوتتورغا قويىدۇ. ئازىراق كىلاسسىك شېئىرىيەت ئىلىمدىن خەۋەردار ئادەمگە مەلۇمكى، رۇبائىي ھەرگىزمۇ بارماق ۋەزىنىدە يېزىلمايدىغان بولۇپ، ئۇ دەل ئارۇز ۋەزىنىدە يېزىلىشى، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىگە خاس ۋەزىنگە ئىگە بولغانلىقى سەۋەبىدىنلا باشقا بىر قىسىم شېئىرىي ژانىرلاردىن (تۆتلۈك، قوشاق، قىتئە قاتارلىقلاردىن) پەرقلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ئەڭ دەسلەپ بولۇپ، شېئىرىيەت نەزەرىيسى ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن نەۋايى ۋە بابۇرمۇ ئۆزلىرىنىڭ «مىزانۇل ئەۋزان» ۋە «مۇختەسەر» ناملىق ئەسەرلىرىدە رۇبائىينىڭ ھەجەز بەھىرنىڭ سالىم رۇكىنلىرى ۋە ئەخرەم، ئەخرەبدىن ئىبارەت زىھافلىرى ئاساسىدا ياسالغان 24 ۋەزىن دائىرىسىدە يېزىلدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن(بۇ ھەقتە زەمىر سەئىدۇللازادە ۋە ئارافات ھەسەن مۇسابايېف يازغان ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان «رۇبائىي شەكلى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىغا قاراڭ) لېكىن رۇبائىينىڭ بۇ تۈپ ئالاھىدىلىكلىرنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان ئاپتور ماقالىسىدە: « يۇقىرقى تەلەپ بىلەن بىلەن قارايدىغان بولساق، ھازىر ئېلان قىلىنۋاتقان ‹رۇبائىيلار› رۇبائىينىڭ تەلىپىگە توشمايدۇ»(119-بەت)  دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ. ئادەمنىڭ قىىزىقىشىنى قوزغايدىغان يەنە بىر نوقتا شۇكى، ئاپتور رۇبائىينى بارماق ۋەزىنىدە يازسىمۇ بولىدۇ دېگەن خاھىشقا مايىل بولغانلىقتىن، قاپىيەنىڭمۇ توق بولۇشىدىن ئىبارەت ئەسلى رۇبائىي ۋە ئارۇز ۋەزىلىك شېئىرلارغا يات بولغان غەيرىي بىر شەرتنى ئويدۇرۇپ چىقارغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر ماقالىدە يەنە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» قاتارلىقلاردىن رۇبائىي ئىزدەشتەك قارىغۇلارچە تەتقىقات ئەنئەنسىگە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ(113-بەت) بۇ خىلدىكى قاراشلارغا شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ پىروفسسورى زەمىر سەئىدۇللازادە ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى نەشىرىياتى تەرپىدىن 2011-يىل 3-ئايدا نەشىر قىلىنغان «ئارۇز ئىلىمى» ناملىق كىتابىنىڭ 11-بابىدا ۋە ئارافات ھەسەن مۇسابايېف بىلەن ھەمكارلىشپ يازغان،« ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان «رۇبائىي شەكلى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىدە يېتەرلىك دەرىجىدە ئىلمىي رەددىيە بېرىپ بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ يەردە قايتا توختلىپ ئولتۇرۇشنى ئارتۇقچە كۆردۈم.
ماقالىنىڭ ئاخىرقى بەش بېتى يازغۇچى شائىرلارىن كۈتكەن ئۈمىد، تىلەك ۋە قاتتىق تەلەپلەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئاپتور بۇنى تارماقلار بويىچە مۇنداق بايان قىلغان: «1. رۇبائىينى ئەسلى قەلىمى پىشقان، تۇرمۇش تەجىربىسى مول، ئىجادىيەتتىمۇ مەلۇم پەللە ياراتقان ۋە بەلگىلىك پەلسەپىۋى پىكىرگە ئىگە بولغان شائىرلار يازىدۇ، دېگەن قاراش بار ئىدى. ھازىر ئەكىسچە يېڭىدىن ئىجادىيەت بۇسۇغىسىغا قەدەم باسقان ھەۋەسكارلار ئىشنى رۇبائىيىدىن باشلاۋاتىدۇ.....2. بىر قىسىم مۇھەررىرلەرنىڭ رۇبائىيغا بولغان تۇنۇشى يىتەرلىك بولمىغانلىقتىن، بىر قىسىم رۇبائىيلارنى قارا قۇيۇق ‹رۇبائىي ۋە پارچىلار› دېگەن قالپاق ئاستىغا كەپلەپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ نادانلىقى ۋە بىلىمسىزلىكىنى يۇشۇرۇۋاتىدۇ ياكى نامى چىققان شائىرلارنىڭ پارچىلىرنى ‹رۇبائىي›دەپ، نامى ئانچە چىقمىغان شائىرلارنىڭ خېلى ياخشى رۇبائىيلىرنى ‹پارچە› دەپ ئېلان قىلىش خاھىشى كۆرۈلۈۋاتىدۇ...3. بىر قىسىم شائىرلارنىڭ رۇبائىيغا بولغان تۇنۇشى يېتەرسىز، بىلىمى يۈزەكى بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ نېمە يازغانلىقىنى بىلەلمەي ياكى ‹رۇبائىي› دەپ ئاتاشتىن ئۇيۇلۇپ، ئۆزىنىڭ رۇبائىيسىنى ‹پارچە› دەپ ئاتىسا، بەزىلەر پارچىنى ‹رۇبائىي› دەپ ئاتاۋاتىدۇ.....» (125-،128-،129-بەتلەر) ئاپتۇرنىڭ يۇقارقى نەسھەتلىرىنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا  ئۇنىڭ نەزەرىيۋى جەھەتتىكى چولتىلىقى ئېسىمىزگە كېلىپ، بۇ نەسىھەتلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىگە قارىتىلسا ئەڭ جايىنى تاپىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر قارا يۇمۇر بىزنى سوغوق كۈلدۈرىدۇ.
مۇكەممەل بولماسلىق، كەتكۈزۈپ قويۇش يامان ئىش ئەمەس. بىراق، مۇكەممەللىككە ئىنتىلمەسلىك، خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تۈزەتمەسلىك يامان ئىشتۇر. ئادەمنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ ماقالە «تارىم»نىڭ 2007-يىللىق 2-ساندا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شۇندىن بۇيان گەرچە رۇبائىي ھەققىدە بىز بايا نەقىل ئالغاندىكىدەك ئايرىم ماقالە يېزىلغان ۋە  رۇبائىيلارغا ئائىت كىتابلار چىققان بولىسمۇ، لېكىن، بۇ ماقالىغا بىر قىسىم «پايدىلانغان ماتېرىياللار» نامىدا ئۈچ- تۆت ئەسەرنىڭ ئىسمى كىرگۈزۈلۈپ قويۇلغاندىن باشقا، ھېچ يېرى ئۆزگەرتىلمەي، كونا خاماننى سورىغان پېتى بازار قوغلىشىپ مەزكۇر كىتابقا كىرگۈزگەن بولۇپ، ئاپتورنىڭ بۇنداق ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدىكى خاتالىقلىرىغا تۇتقان پەرۋاسىز مۇئامىلىسى، تەتقىقاتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ۋە يېڭى چىقىۋاتقان شۇ ساھەگە ئائىت كىتاب- ماتېرىياللارغا تۇتقان سۇس مۇئامىلىسى بىزنى ھەقىقىي ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.  
يۇقىرىدىكىسى پەقەت ئابدۇرېھىم زۇنۇننىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 2015-يىل 6-ئايدا نەشىر قىلىنغان«تىل ۋە شېئىر» ناملىق كىتابدىكى «رۇبائىي توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە» ناملىق ماقالىسى ئۈستىدىكى قىسقىچە بايانلىرىم بولۇپ، بۇ كىتابتىكى غەزەل، تۇيۇق، مۇخەممەس... قاتارلىقلارغا ئائىت  ماقالىلەر ئۈستىدە كېيىنچە يەنە ئايرىم توختلىپ ئۆتىمەن.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-14 14:30:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ روبايىنى بارماق ۋەزىندە يازسا بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ سانى يوق بارماق ۋەزىنلىك روبايىلارنى ئوقىۋىتىپتىكەن-زىيان قىلماس،ئىلاھىم.ئەسلى ئارۇز ۋەزىندە يېزىلدىكەندە. بۇنۇڭغا يەنىلا كەڭ شئىېرىيەت ئەھلى ئۇنى -بۇنى دەپ باقسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-14 15:26:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېشىت ئېلى ئاكىمىزنىڭ بۇ تېمىنى يۇرۇقلۇققا چىقغارغىنىغا رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-14 15:28:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2015-10-14 14:30
مەنمۇ روبايىنى بارماق ۋەزىندە يازسا بولىدىغان ئوخشاي ...

بۇرۇن مەنمۇ شۇنداق ئويلايتتىم، مەنمۇ سىزدەك نەچچىلىگەن ئۆلچەمگە توشمايدىغان روبائىيلارنى يازغان، بىراق كەسىپ ئۆگەندىن كېيىن رۇبائىي يېزىشنىڭ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەسلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم.

ۋاقتى: 2015-10-14 18:24:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلاسسىكلىرىمىز ئارۇز ۋەزىندە يازغاچقىلا ئارۇز ۋەزنىدە يازمىسا بولمايدۇ دەپ چەك قۇيىۋىلىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟!

بىز نېمىشقا ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەركىن تەرەققىياتىنى ئۆزىمىز رامكا ئىچىگە سۇلىۋالىمىز؟! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىنزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-14 18:26  


ۋاقتى: 2015-10-15 19:22:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر يېڭى شېئىرىيەت بويىچە غەزەلنى ۋەزىن، تۇراقلارغا، قاپىيە، رېتىملارغىمۇ سالماي يېزىپ باقتى. لېكىن يەنىلا: «قوپ توختىمەت، ئورنىڭغا بار» بولدى. رۇبائىينى بارماق ۋەزىن ۋە ياكى ئۇنىڭ - بۇنىڭدا يازىمىز دېمەي، يەنىلا ئەسلى چىرتىيۇژغا باقايلى. ئامۇتقا قاراپ قاپاق سىزمايلى.

باھا سۆز

شۇ.  ۋاقتى: 2015-10-16 01:03 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-15 20:20:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەينۇللا يوللىغان ۋاقتى  2015-10-15 19:22
بەزىلەر يېڭى شېئىرىيەت بويىچە غەزەلنى ۋەزىن، تۇراقلار ...

شۇنداق، بىز يەنىلا شۇ ژانىرلارنىڭ ئەسلى قانۇنىيتىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشمىز  كېرەك، بولمىسا يېڭى شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇلانساقمۇ بولىدۇ.  بۇ يەردە ھېچقانداق زورلاش يوق. ياكى ژانىرلاردا دەرىجە پەرقمۇ يوق.
لېكىن بەزىلەر كىلاسسىك ژانىردىكى مەلۇم نەرسىنى ئۆزى بىلمىسىلا شۇنى ئۆزگەرتىپ باققۇسى ياكى ئۇ نەرسىلەر ئۇنداق ئەمەستى، ئۆزگەرتسەك بولمامدۇ ياكى ئۇ پارسلارنىڭ نەرسىسى، ئەرەبلەرنىڭ نەرسىسى دەپ ئۆزى بىلەلىگەن تەرەپكە تارتقۇسى كېلىپ كېتىدۇ. ۋەھالەنكى ئسلاھات دېگەن ئەسلىدە بار بولغان نەرسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگۈنۈپ بولغاندىن كېيىن شۇنىڭدىكى كەمچىلىكلەرنى بايقاش ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ. ئازىراقمۇ بىلەلمىگەن، ھېس قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئادەمدە ئەسلدە بار بولغان نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىپ، يېڭلىق ياراتقۇدەك ماغدۇر بولمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tvnyukuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-15 20:20  


باھا سۆز

شۇ.  ۋاقتى: 2015-10-16 01:04 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش