يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 444|ئىنكاس: 5

فەخرىيار: كۈز مەرسىيەلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-13 14:42:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كۈز مەرسىيەلىرى


فەخرىددىن نىزام


(1963-10.5)





(ئۆزبېكىستان)



1

خازانلار ئەگەشتى ئارمان پادىسىغا،
كۈز ۋىدا ئىستىدى كۆڭۈل مەيلىگە،
يامغۇرلار ياغىدۇ ھىجران سەيلىسىدە،
كۈز يامغۇرى،
ھىجران يامغۇرى.
نە كۆز بولسۇن قاراشقا، نە ئۈمىد باغلارغا،
نە سۆز بولسۇن ئېيتارغا، نە رەغد خۇشلۇققا ،
نە گۈل بولسۇن سۆيەرگە، نە كۆڭۈل  داغلارغا،
كۈز يامغۇرى،
ھىجران يامغۇرى.
ئۈمىد سەھراسىدا بىر جۇپ كۆز يېتىم ،
سۆيمىگىڭ ئاساندۇر، كۆيمىكىڭ ئېغىر،
يېرىم ئۈمىد ھەم بارماقتا ئېغىپ،
كۈز يامغۇرى،
ھىجران يامغۇرى.
ئارمان ئەجر بۇلدى، ئادا بولمىدى،
كۆڭۈل قەقىنۇس بولدى،يىرتقۇچ قۇش بولمىدى،
نە سۆيگۈ، نە كۆيۈك  ۋاجىپ بولمىدى.
كۈز يامغۇرى،
ھىجران يامغۇرى.
كۆڭۈل ياغار، شىۋىرلىدى بوشقىنە ،
بىر كۈي بولۇپ، ئاستانەڭدىن ھايدىلار،
ئېگەم، ئېگەم ، نە دەردىڭكى، قانداق قىلار ؟
كۈز يامغۇرى،
ھىجران يامغۇرى.

2

يامغۇرلاردا قالغان سەرسەن ئىت
يارنىڭ تىللا ئاستانىسىدىن-
ھايدالغان مېنىڭ سۆيگۈم.
ئەندى ئۇ كۈلبەمگە
قايتماس ھېچ قاچان.
سەرسان ئوق كەبى
سەرسەن ئىت- سۆيگۈم.
سەرسان ئىتنىڭ تىراگىدىيىسى
تەغدىرىم بولۇپ
سۈنىدۇ ھەر دوقمۇشتا.

3
ئەينەك كەبى نازۇك شامال،
يولدا ئۇچۇرغان
نەرسىلەرگە ئۇرۇلۇپ سۇنار.
تۇمۇچۇققا ئايلىنار شامالنىڭ سۇنۇقلىرى
دەرەخلەرگە قونماق ئۈچۈن
ھەم  ياپراقلار ئورنىغا.

4
يامغۇر –زور كۆڭۈل دەرىخىنىڭ
يېغىۋاتقان خازان ۋە ئۆڭگەن
ياپراقلاردۇر.
ھىجران تولۇپ قالغان بۇ ياپراقلارنىڭ
ھەر بىر سۇنىۋاتقان ھۆجەيرىسىگە.
ھەر بىر ياپراق سىماپتەك ئېغىر،
يۈزۈڭگە شاپالاقلاپ ئۇرىدۇ شامال
بۇ ياپراقلارنى.
يۈزگە سانجىلىدۇ مەۋھۇم ھىجراننىڭ
سەنسىزلىكنىڭ خازەن پەسلىدە
ماددىيلاشقان تىكەنلىرى.

5
كۈزدە ئاسمان ھەققىدە سۆزلەنمەس،
بۇ دەل، يامغۇر پەيتى.
قىشلىق ئۇيقۇسىغا كېتىدۇ خۇدا
ئاسمان –كۆزىنى يۇمۇپ.
ئاسمانغا ئايلىنار بۇلۇتلار
كۈزدە.
كۆڭۈل ئېسە
خۇداغا ئايلىنار
ئېيتىپ يىغلىماق ئۈچۈن
نامازشام گۈلىنى.
باھار ئەسىلىمىسى.
6
مەن –يوقسۇل ئاشىق،
يەڭگىل قىلىپ كىيەمەن دىلنى
كۈزنىڭ سالقىن ھاۋالىرىدا،
يامغۇرلۇق كۈنلەردە.
دىلىم پاتماس ئېگىنىمگە.
يەرلەرگە سۆرىلەر دىلىمنىڭ بەرى.
يېنىمدا سەن بولساڭ ئىدىڭ، سۆيۈملۈگۈم
ئەندىكىپ تۇرساڭ ئىدىڭ يېنىمدا،
دىلىمنى ئورۇدۇم ئىگىنىڭگە.
دىلىمنى يېپىنىپ ئولتۇرىسەن يېنىمدا،
يەلكەمگە باش قويۇپ...
7
ئۈمىد
جەنۇپقا ئۇچۇپ كېتەلمەيدىغان
تۇتقۇن قۇش كەبى
قۇنىشىپ تۇرار يامغۇردا
بىر ئايىقىنى
قاناتلىرىنى ئاستىغا تېقىپ.
يۈرەك تېمى گۇمۇرلۈپ چۈشكەن
ئەسكى ئۆي كەبى
ۋەيرانىدۇر.
ئۇنىڭ تاملىرى
شامالدىن ئاسىرىشى مۈمكىن ئۇمىدنى
بىراق يامغۇر ئاتراپتىن ئەمەس،
كۆكتىن ياغار...

1999
كۈز شېئىرى

تۇرنىلار كۈيى- ئەڭ مەيۈس كۈي
ئۇندىن مۇڭلىقراق كۈيلىشى مۈمكىن
پەقەت شائىرلار.
خازانلار شىۋىرى-ئەڭ ئاداقى تاۋۇش.
نۆۋەت –شائىرلارغا!
^ئەڭ ...ئەڭ^ ئىمكانىيەت چېگرىسىدۇر،
ئۇنى پەقەت شائىرلار بۇزار.


ئەسلىيەتتىن مەسئۇد ئىسا  ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.
2015-10-13
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-14 00:13  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-13 15:11:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەخرىيار نىزام  
فەخرىددىن نىزام

       شائىرنىڭ ئىسىمى ئىككى خىل تۇرامدۇ-نېمە، مەسئۇد ئەپەندى؟


باھا سۆز

ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەن !  ۋاقتى: 2015-10-13 07:09 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-14 00:10:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شائىرنىڭ ئىسىمى ئىككى خىل تۇرامدۇ-نېمە، مەسئۇد ئەپەندى؟


شائىرنىڭ تولۇق ئىسمى فەخرىددىن نىزام. فەخرىيار بەلكى ئەدەبىي تەخەللۇسى بولۇشى مۈمكىن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-15 13:14:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەخرىيار نىزام شېئىرلىرىدىن


ھايات، سەن شاراپسەن. مەيسەن بىر ئوتلام

ھايات، سەن شاراپسەن. مەيسەن بىر ئوتلام،
يىگىرمە تۆت يىلكى، تويمىدىم، ئايا.
يۈرەر مەي ئىچىندە ھەسرەتلەر سۈزۈپ،
ساقىيا، ئەيش قايان، ئوقۇبەت قايان؟
گاھى تويۇپ كېتەر سۆيگۈمدىن ئايال،
كۆزياشلار تويدىرار، ئىچىمەن بىر ئۆزۈم.
مەن سەندىن، بەرىبىر، تويماسمەن ھايات،
كۆزۈڭ ئاچ، كۆزۈم ئاچ، ئاچكۆزۈم، كۆزۈم.
تەخىر بىر شاراپسەن، ئاھ شىرىن ھايات،
سەبرىم كاسەسىگە سېنى قۇيارمەن،
ئىچەرمەن كۆزياشنى ئىچگىنىم كەبى.
تاتىڭ ئۇنۇتمىغاي يادىم ئۆمۈرباد
سېنى قويار جانىم، پۇچۇق كاسەم سەبر.
مەن ئۇنىڭغا ئايالنىڭ ئىسمىنى ئويارمەن.


1987

  ئادەم ھەيكىلىنى تاراشلىماق بولسىڭىز

ئادەم ھەيكىلىنى تاراشلىماق بولسىڭىز تاشتىن،
تاشنى سىيلاڭ،
ئىمكان قەدەر بېرىڭ مېھىر.
تاشلار پەقەت شەپقەت ئالدىدا
يۇۋاشتۇر.
تاشقا گۈللەر سۇنۇڭ،
نىمپۈشتى گۈللەر-
شەپقەت رەڭگىدىكى گۈللەرنى سۇنۇڭ.
تاش، ئەلۋەتتە،سوزار قولىنى،
گۇلىڭىزنى ئالار،
قولىڭىزنى سۆيەر،
يىغلاپ يۈگىرەيدۇ، ئىشىنىڭ شۇ تاش.


1983


سېنى سەندىن ئىزلىدىم
سېنى سەندىن ئىزلىدىم
يوقسەن.
ئىگىلىرى كۆچۈپ كەتكەن ئۆي كەبى
قۇپ –قۇرۇق تۇرۇپسەن.
پەقەت ھېچكىمسىز ئۆيدە
ئۇنتۇلۇپ قالغان مۆشۈك كەبى
يۈرىگىڭنى
تاتىلار بىر نىمە.
1999

سېغىنچ مېنىڭ ۋەتىنىم ئېرۇر


سېغىنچ مېنىڭ ۋەتىنىم ئېرۇر،
قارچۇغۇڭدەك  ئەزىز بىر ۋەتەن.
ئەندى ئۇنىڭ چېگرىسىنى
مەن بەختلەردىن كۆرۈپ يېتىمەن.
ئەگەر سېغىنىچ پۇقرالىقىنى
قوبۇل قىلماق قەستىدە ئەتەي
بىرەر رەت بەخت بەختىمگە قارشى
چېگرانى بۇزسا توساتتىن.
مەن ئەزەلىي ئۇدۇمغا كۆرە
شەپقەت قىلماسمەن ئۇ ئەبلەخقە.
قىلىمەن ئۇنى سازايى،
ئاسارمەن ۋە ياكى دارغا.


1989

سۆيۈملۈگۈم، سۆي

سۆيۈملۈگۈم ،سۆي، گۈلۈم، سۆيۈملۈگۈم.
يۈرەكلىرىم كۆزۈمدىن تاشار.
مېنى يېڭىپ بارماقتا ئۆلۈم،
سېنى بولسا قىينايدۇ ياشاش...
قۇيماق بولدى مېنىڭ نېسىۋەم،
بەختىيارلىق- سېنىڭ قىسمىتىڭ.
بەختمۇ، زامىن بولدى، مەسىھەم،
بەختىمىزگە؟ بەخت  مۇسىبىتى.
يۈرەكلىرىم كۆزۈمدىن تاشار،
مېنى يېڭىپ بارماقتا ئۆلۈم،
كۈز يامغۇرى غەنىمەت، گۈلۈم.
سۆيۈپ قالما، مەيلى، سۆيۈپ قال،
ھايات ئاشە، ماماتلار ئاشە،
بىزنى تەقىپ قىلماقتا ۋېسال.


1995

بېگانە تەبەسسۈم سىغمىدى، زورلاپ

بېگانە تەبەسسۈم سىغمىدى، زورلاپ
كىمنىڭ كۈلۈمسىرىشىنى ئالدىم ئوغۇرلاپ،
كىمنىڭ تەبەسسۈمىنى كۆچۈردۈم يۈزۈمگە؟
كۆچۈردۈم تىنماي ئۆز مەيلىمچە.
پالاكەت  كۆرسەتتى شۇندا بوي –بەستىنى:
بىر چېتى يىرتىلدى تەبەسسۈمنىڭ ‹‹شارت››.
سىرى پاش بولغان جاسۇستەك مەن
شۇپەيت تونۇپ قالدى ئىزلەپ يۈرگەن دەرد.


1989

خىيانەت قىلماس ھېچكىم بۇنچىلىك


خىيانەت قىلماس ھېچكىم بۇنچىلىك.
غەنىملەر دۈشمەنلىكى.
دوستلۇق بولۇپ تۇيۇلار، ھەتتا،
دۈشمەنلىكى ئالدىدا پۇلنىڭ.
قىرىق گەزلىك شەمشەر بىلەن
كېسىپ بولماس پۈلنىڭ بېشىنى.
دەرۋەقە، پۇلنىڭ بېشى يوق،
ئۇڭا باش بەرمىگەن رەببىل ئالىمى.
يوق، سال ئىنساپقا كىرەرمىكى ئۇ،
ئويلاپ كۆرەرمىدى.


1985
باھار

باھار ھېچ نەرسىنى ئەستىن چىقارماس.
ھەر سەپەر گۈل قويار
ھەر بىر قەبر ئۈستىگە.


1988

سەندە ئەيپ يوق

سەندە ئەيىپ يوق، بىلىمەن،
كەتمەيتىڭ ئەسلى قېشىمدىن.
سېنى ئالداپ كەتتى يول،
توسقۇنسىز  يول.


1988


سىز ئۇنى كۆككە كۆتۈرمەڭ بۇنچە


سىزئۇنى كۆككە كۆتۈرمەڭ بۇنچە،
نىمە قىلىسىز گۇناھقا پېتىپ.
سەبرى قىلماستىن ئۇچقۇنچە،
ئىستىشىپ پەرۋازىنى،
ئۇچىمەن، دا-ئاد دەپ
زېمىنغا قايتالماي يۈرگەنلەر ئازمۇ؟


1985

مۇھەببەتنىڭ چېچى ئاقاردى


يىللار ئۆتتى.
شائىر ئېيتماقچى،
مۇھەببەتنىڭ چېچى ئاقاردى.
كۆڭۈل كۆيۈپ بولدى،
نىچۈن
ئۆزگەردى مەزمۇنى دەردنىڭ.
ئەندى، ھەتتا، ھېچ قاچان، ھېچ گەپ
بولىمغاندەك ئارىدا خۇددى
نە پەقەت مۇھەببەت ھەققىدە
سۆزلەش مۈمكىن بېمالال ،جىددى.

خاۋاتىر


1. ۋاقىت سەھراسى.
كېتىۋاتقان تاغلار كارۋىنى.

2. بۇرنىدىن يىپ ئۆتكۈزۈلگەن
تاغلار كارۋىنى.

ئارتىغا ئۆرۈلۈپ قارالمايدىغان
تاغلار كارۋىنى.

3. تاشلارنى كېلەچەككە
توشۇپ كەتمەكتە تاغلار.
1989



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-15 20:58  


ۋاقتى: 2015-10-15 17:30:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېگانە تەببەسۈم سىغمىدى، زورلاپ
كىمنىڭ كۈلۈمسىرىشىنى ئالدىم ئوغۇرلاپ،
كىمنىڭ تەبەسسۈمىنى كۆچۈردۈم يۈزۈمگە؟
كۆچۈردۈم تىنماي ئۆز مەيلىمچە.
پالاكەت  كۆرسەتتى شۇندا بوي –بەستىنى:
بىر چېتى يىرتىلدى تەبەسسۈمنىڭ ‹‹شارت››.
سىرى پاش بولغان جاسۇستەك مەن
شۇپەيت تونۇپ قالدى ئىزلەپ يۈرگەن دەرد.


ئىسىل شېئىرلار بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرغان مەسئۇد ئىساغا تەشەككۇر!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-20 13:49:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېيتىشلارغا قارىغاندا



ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مەن بەختلىك بولارمىشمەن،
پىشانامگە ھەم شۇنداق يېزىلغانمىش.
بىراق، ماڭا قىيىن تۇيۇلار
ئەزەلدىن بۇگەپنى پەرق ئېتىش.
ئەينەككە قارىدىم، پىشانەمدە-
ئايان بولغىنى يېزىلمىشلارنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسچە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش