يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 412|ئىنكاس: 4

ئەھەدجان تۇردى: بۈگۈنكى دەۋردىكى كىلاسسىك ئەدىب- جون بەنۋىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-12 23:54:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                     بۈگۈنكى دەۋردىكى كىلاسسىك ئەدىب- جون بەنۋىل

                                                             ئەھەدجان تۇردى


1.png


2014-يىلى نوبېل مۇكاپاتى، دۇبلىن ئەدەبىيات مۇكاپاتىدىن قالسىلا3- ئورۇندا تۇرىدىغان شاھزادە ئاستۇرىئاس ئەدەبىيات مۇكاپاتى دۇنياۋى تىل ئۇستىسى جون بەنۋىل ئەپەندىگە بېرىلدى.
بۈگۈنكى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ يادرولۇق ئەدىبلەرنىڭ بىرى، كافكا، بورخىس، جامىس جويىس قاتارلىق كىلاسسىك ئەدىبلەر بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنىدىغان بۈيۈك ئەدەبىيات ئۇستازى جون بەنۋىل 1945-يىلى ئېرلاندىيەدە تۇغۇلغان.ئالىي مەكتەپتە قانۇن ئۆگەنگەن، ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئىجادىيەتكە كېرىشىپ، ھازىرغىچە 14 پارچە رومان، بىر ھېكايىلەر توپلىمىدىن تەركىب تاپقان نېپىزغىنە 15 پارچە كىتابى بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتىدا يۈكسەك ئابروي ۋە ھۆرمەت تاپقان.
جون بەنۋىلنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى ئۆزگىچە بولۇپ، نەسىردەك يېقىملىق تىل بىلەن ئۆزىنىڭ خاس ئەدەبىيات دۇنياسىنى بەرپا قىلغان، شۇ سەۋەبتىن ئۇ «زامانىمىز ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ بۈيۈك تىل ئۇستىسى» دەپ تەرىپلەنگەن.
بەنۋىلنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئەل جەلىپ قىلغىنى «دېڭىز» ناملىق رومانى بولۇپ، بۇ بۈيۈك ئەسەر 2005-يىلى شەرەپ بىلەن بۇك ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بەنۋىلنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتى سەھنىسىدىكى ئورنىنى يەنە نەچچە بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن.

2.png


                                          «دېڭىز»رومانىنىڭ خەنزۇچە نۇسقىسىنىڭ مۇقاۋىسى

بەنۋىل 2003-يىلى ئىتالىيە نونىنو خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، 2005-يىلى بۇك ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، 2011-يىلى فىرانىز كافكا خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، 2013-يىلى ياۋروپا ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، 2014-يىلى شاھزادە ئاستۇرىئاس ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەسەرلىرى 50دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيادا قىزغىن قارشى ئېلىنغان.
بەنۋىل ئىزچىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تىزىملىكىدە ئەڭ ئالدىنقى رەتتە تۇرماقتا. بۇ بۈيۈك تىل ئۇستىسىنىڭ ئەسەرلىرى ئېنىقكى، بىزنىڭ پىروزىچىلىقىمىزغا سىلكىنىش ئېلىپ كېلەلىشى چوقۇم.

约翰•班维尔,爱尔兰著名作家,生于1945年,曾担任《爱尔兰时报》文学编辑。2005年凭借《海》获得著名的英语文学奖——布克奖(Man Booker Prize)。现居住于都柏林。班维尔是一位敏锐而多产的评论家,同时也是一位多次获奖的小说家。他的小说主题涉及面广,创作技法新颖脱俗,语言清晰流畅。2011年,约翰•班维尔获得卡夫卡文学奖。2013年获奥地利欧洲国家文学奖。近年来一直是诺贝尔文学奖的热门人



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-12 23:55  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-13 10:36:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوپۇزلۇق شەخسلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرىڭىزغا  كۆپ رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-10-13 11:59:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوبىل مۇكاپاتى تىزىملىكىدە ئەڭ...ئەڭ ئالدىنقى رەتكە تىزىلغان تۇرۇپ نىمىشقا، ھازىرغىچە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇنىڭمۇ  ئەڭ...ئەڭ...ئەڭ ئالدىغا تىزىلغان ئادەملەر كۆپ ئوخشايدۇ.

ۋاقتى: 2015-10-13 14:16:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«دېڭىز» رومانى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بولسا بىر ئوقۇساق بوپتىكەن ئۆز تىلىمىزدا.

ۋاقتى: 2015-10-15 12:00:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇيغۇر دىيارىدا «سۇ » بەك كەمچىل، مۇشۇنداق سۈيى مول « دېڭىز » لار تىزرەك كەلسە بۇلاتتى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش