كۆرۈش: 813|ئىنكاس: 0

ماخمۇت مۇھەممەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-12 15:02:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
1.jpg

   ماخمۇت مۇھەممەت  1952-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ «ھەرەمباغ» مەھەللىسىدە، ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى غۇلجا شەھەرلىك 9-باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوتتۇرا مەكتەپنى 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىغان. 1970-يىلى 5-ئايدا نىلقا ناھىيەلىك ھەسەلچىلىك فېرمىسىغا زىيالى ياش بولۇپ بارغان. 1973-يىلى غۇلجا شەھەرلىك قارادۆڭ يېزىسىغا ئالمىشىپ كېلىپ، داۋاملىق قايتا تەربىيە ئېلىپ، 1980-يىلغىچە شۇ يەردە ئىشلىگەن. 1980-يىلى 7-ئايدا غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. شۇندىن كېيىن تاكى 2000-يىلغىچە شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسى، ئاممىۋى سەنئەت سارىيى، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان، 2000-يىلى 9-ئايدا خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن ئاپتونۇم رايونلۇق رادىيو-كىنو تېلىۋىزىيە ئىدارىسىغا ئالمىشىپ كېلىپ خىزمەت قىلغان، 2012-يىلى 6-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان.
   ماخمۇت مۇھەممەت 1965-يىلى شېئىر ئىجادىيىتى، 1971-يىلى ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە قەدەم قويغان. ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى ژانېرلىرىدا ئەتراپلىق قەلەم تەۋرىتىپ، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. ھازىرغىچە «شۇنداق كۈنلەرمۇ ئۆتكەن»، «ھېسام ھەققىدە قىسسە»، «چۈمبەل» ناملىق رومانلىرى، «ئاخىرقى كۈلكە»، «ھاسان قايماقنىڭ سەرگۈزەشتلىرى»، «تارىخنىڭ كۆزى-موللا مۇسا سايرامى» ناملىق پوۋېست توپلاملىرى، « سالچىنىڭ ئوغلى»، « ئاھ، يانتۇ سۈرەت»، « سومكىدىكى جىدەل»، «كۆزلەر سۆزلەيدۇ»، «كارۋات ئاستىدىكى ئەر»، «ئايالىمنىڭ دوستى» قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى، «قوڭغۇراق»، « ئالتۇن مۇنار»، « چەشمىلەر»، «باغقا بارايلى»، «مۇھەببەت مۇڭلىرى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «كۆڭۈل ئىزھارىم» ناملىق پوبلىستىك ماقالىلەر توپلىمى، «قايغۇلۇق ئەسلىمىلەر»، «قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر»، «ئابرال ئوغلى» ناملىق بىيوگرافىيەلىك قىسە ۋە ئەسلىمە كىتابلىرى، «تېيىپچان ئېلىيۇپ چاقچاقلىرى»، «دۇردانە لەتىپىلەر» ناملىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلىرى شۇنداقلا يىرىك ئەمگەكلىرىنىڭ بىرى بولغان «ھېسام چاقچاقلىرى» ناملىق ( ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە) ئون كىتابى نەشر قىلىندى.
   ماخمۇت مۇھەممەت يازغۇچى، شائىر، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە ئىشلىگەن ئۇزاق يىللىق ئەمگەكلىرىنىڭ نەتىجىسىدە 1993-يىلى مۇئاۋىن تەتقىقاتچى ئۇنۋانىغا، شۇ يىلى 10-ئايدا مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالىنىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە تەمىنات پۇلىدىن ئۆمۈرۋايەت بەھرىمان بولۇشقا ئېرىشتى. 2002-يىلى مۇدىر مۇھەررىر ئۇنۋانى ئالدى. ھازىر ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى(1994-يىل)، جۇڭگو خەلق ئېغىز ئەدەبىياتچىلىرى جەمئىيىتى(1986-يىل) ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى(1985-يىل) قاتارلىق توققۇز جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى. 1998-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى غۇلجىدا ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان «ماخمۇت مۇھەممەت پروزا ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ئىجادىي پائالىيەتلىرى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ «دۇنيا ئىقتىساسلىقلار قامۇسى»، «جۇڭگو يازغۇچىلىرى قامۇسى»، «جۇڭگودىكى مەشھۇر ياشلار لۇغىتى»، «جۇڭگو مۇتەخەسىسلىرى قامۇسى»، «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت سەرخىللىرى» قاتارلىق يازمىلاردا تونۇشتۇرۇلغان.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش