ئەمانىڭ ئىتى
نارايان(ھىندىستان)
گۈلباھار مۇھەممەد ماھى تەرجىمىسى
ئۇ بىر تۈكلىرى كۆكۈچ، قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىنى تېخى كىچىك ۋاقتىدا كىمدۇر بىرى كسىۋەتكەن بىر ئادەتتىكىلا ئىت ئېدى.ئۇ كوچىدا تۇغۇلۇپ، بازاردىكى باشقىلار تاشلىۋەتكەن ئاشقان-تاشقان يىمەكلىكلەرگە تايىنىپ چوڭ بولغانىدى.ھەر كۈنى چۈشتە پىژغىرىم ئىسسىقتا دەم ئالغىلى، بازارنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدىكى يەر ئاستى ئېرىقتا تۈگىلىپ يېتىۋالاتتى.گۇگۇم چۈشىشى بىلەن، ھەر كۈنى يېقىن ئەتراپتىكى كوچىلاردىن يىمەكلىك ئىزدەشنى باشلايتتى، كەچ بولغاندا يەنە بازارنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا قايتىپ كېلىپ، كېچىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزەتتى.
مۇشۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئاندىن ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بازارنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا جۈپ كۆزى كۆرمەيدىغان بىر تىلەمچى پەيدا بولدى.ئۇنى بىر موماي قاق سەھەردىلا ئەكىلىپ ئىشىكنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتى، چۈشتە يېمەكلىك ئەكىلىپ بېرىپ،ئۇ تىلەپ تاپقان پۇللارنى يىغىۋالاتتى، كەچقۇرۇنلىقى ئۇنى يەنە ئېلىپ كېتەتتى.
بۇ ئىت يېقىنلا جايدا ئۇخلاۋاتاتتى، تاماقنىڭ پۇرىقى ئۇنى خاتىرجەم ئۇخلاتمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەمانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئالقىنىنى يالىدى.ئەمامۇ ئىتنى قۇلىقىدىن تارتىپ قۇيرۇقىغىچە ئاستا سىلاپ چىقتى ۋە ئارقىدىن:
-سەن نېمانداق ئوماق،مەن بىلەن تۇرغىن،-دېدى ھەمدە ئىتقا بىر ئاز يىمەكلىك بېرىۋېدى، ئىت مىننەتدارلىق بىلەن يېيىشكە باشلىدى. بەلكىم بۇ ئۇلارنىڭ دوستلۇقىنىڭ باشلىنىشىدىكى خەيرلىك پەيت بولسا كېرەك. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھەر كۈنى ئۇچرىشىپ تۇردى، ئىتنىڭ ئەماغا بولغان ھېسسىياتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.
بىر كۈنى كەچقۇرۇن، ھېلىقى موماي ۋاقتىدا ئالغىلى كېلەلمىدى،ئەما ئەگمە ئىشىكنىڭ ئاستىدا ئۇنى ساقلىدى. قاراڭغۇ چۈشكەنسېرى، ئۇنىڭ ئىچى تىتلداپ كەتتى.ئۇنىڭ بېشى قېتىپ ئولتۇرغاندا، بىر قوشنىسى كېلىپ:
-سامى، ئەمدى ئۇ موماينى ساقلىما. ئۇ ئەمدى كېلەلمەيدۇ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى،- دېدى.
ئەما بۇ دۇنيادىكى ئۆزىگە بىردىنبىر كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىسىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.تاسما ساتىدىغان ئۇششاق يايمىچى ئۇنىڭغا:
-بۇ تاسمىنى ساڭا بىكارغا بېرەي، بۇنى ئۇ ئىتنىڭ بوينىغا باغلاپ،يىپىنى تۇتىۋال، ئەگەر ئۇ ئىت ساڭا راستىنلا ئامراق بولسا، ساڭا يول باشلاپ بېرەلەيدۇ،-دەپ ئەقىل كۆرسەتتى.
بۇ ئىتنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى. ھېلىقى موماينىڭ ئورنىنى ئالدى، ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى، ھەر كۈنى ئەمانى ھەممە جايغا باشلاپ ئاپاردى.ئەمانىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە، تىپىكلىرىگە ئۇچرىدى، كۈنلەر ئۆتۈپ، ئۇنىڭ داس سۆڭىكى پولتىيىپ چىقتى. كۈندىن كۈنگە نۇرىنى يوقاتقان تۈكلىرى ئاستىدىكى قوۋۇرغىلىرى بەش قولدەك بىلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ كەتتى.
بىر كۈنى، ئەما ئىتنى يېتىلەپ شەرقىي دەرۋازىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، يولدا بىر پارچە سۆڭەك ئۇچراپ قالدى،بۇنى كۆرگەن ئىت ئۇ سۆڭەكنى يېمەكچى بولۇپ، ئۆزى باغلانغان ئارغامچىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۈزۈشكە ئورۇندى، ئەما دەرھال ئارغامچىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، ئىتنى راسا تەپتى. تېپىۋەرگەنلىكتىن ئىت كاڭىلداپ كەتتى.بۇنى كۆرۈپ تاسما ساتىدىغان ئۇششاق يايمىچى چىدىيالماي قايچا بىلەن ئارغامچىنى كېسىۋەتتى، ئىت دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ، ھېلىقى ئۇستىخاننى چىشلەپ يېيىشكە باشلىدى. ئەما ئەسلىدىكى جايىدا توختاپلا قالدى. قولىدىكى ئۈزۈلگەن ئارغامچا پۇلاڭلاپ تۇراتتى:
-خۇ ئېر، خۇئېر! سەن نەدە؟
ئىتنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇ تىمسىقلاپ يۈرۈپ يولدىن ئۆتمەكچى بولدى. نەچچە قېتىم يولدىن ئۆتىۋاتقان ماشىنىلارغا سوقۇلۇپ كەتكىلى تاس قالدى.باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ سىيلاپ-سىپاپ يولدىن ئۆتۈپ، بىر مېھمانخانىنىڭ لەمپىسى ئاستىدىكى بىر بۇلۇڭدا تۇرغان كاناپ تاغاردىن ياسالغان كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىۋەتتى. يولدىكى جىددىيلىكلەر ئۇنى چالا ئۆلۈكتەك قىلىپ قويغانىدى.
ھەش-پەش دېگۈچە، ئارىدىن 20كۈن ئۆتۈپ كەتتى.ھېلىقى ئىت بىلەن ئەمانىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. بىر نەچچە ئۇششاق يايمىچىلار يىغىلىۋېلىپ، ھېلىقى ئىت چوقۇم دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئۆزى خان ئۆزى بەگ ئايلىنىپ يۈرىۋاتىدۇ.ئەما بولسا، ئەمدى مەڭگۈ كۆرۈنمەسىلىك مۇمكىن،دەپ تەھلىل قىلىشتى. بۇ گەپلەر ئەمدىلا تۈگىشىگە، ئۇلار ئەما تۇتۇۋالغان بامبۇك تاياقتىن چىققان توكولدىغان ئاۋازنى ئاڭلىدى. ھېلىقى تاسما ساتىدىغان ئۇششاق يايمىچى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماستىن يۈگۈرۈپ بېرىپ:
-بۇ كۈنلەردە سەن قەيەرگە كەتتىڭ؟-دەپ سورىدى.
- نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنىنى بىلەمسەن؟-دېدى ئەما يۇقىرى ئاۋازدا،-ھېلىقى ئىت قېچىپ كېتىپ،تۆنۈگۈن كېچىدە، ناھايىتى ئېچىرقاپ كەتكەنلىكتىن يەنە قايتىپ كەلدى.بۇ قېتىم ئۇ مەندىن ھەرگىز ئايرىلالمايدۇ، قارا،بۇنىڭغا....ئەماقولىدا چىڭ تۇتۇۋالغان نەرسىنى پۇلاڭلاتتى، ئۇنىڭ قولىدىكى بىر تۆمۈر زەنجىر ئېدى.
ئىتنىڭ كۆزىدە يەنە ئۈمىدسىزلىك ئەكىس ئەتتى.تاسما ساتىدىغان ئۇششاق يايمىچى ئىتقا قاراپ ئولۇغ-كىچىك بىر تىنىۋېتىپ، يۇقىرى ئاۋازدا:
-ئۆز ئىختىيارى بىلەن جازالىنىشنى خالايدىغان بۇ ئەبلەخكە مېنىڭ يەنە قانداق ئامالىم بولسۇن؟-دېدى.
«مەنىزار»ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 5-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-12 11:21
|