كۆرۈش: 362|ئىنكاس: 6

جۇلا(ت): ساز چېلىپ ئولتۇرغان قىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-12 10:51:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
  دۇڭ جۈن
ساز چېلىپ ئولتۇرغان قىز
(ھېكايە)
ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى

79032_20120407164814765200_1.jpg
   يازنىڭ مەلۇم بىر شەنبە كۈنى شۈ سەنبەي ئۇستازىنىڭ دەۋىتى بىلەن شاڭخەيگە ئۇچۇپ ھەمساۋاق ھەمشىرەسى خۇڭ سۇشوۋنى يوقلىماقچى بولدى. ئۇستازى گۇ چياۋ ئەپەندى ئۇنىڭغا بىر كوتو ئېلىۋېلىشنى ئالاھىدە تاپىلىدى. شۈ سەنبەي ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ ئاسماندىكى ئاق بۇلۇتلارغا قارىۋېدى، ئۆزىنى گويا چۈش ئىچىدە تۇرغاندەك ھىس قىلدى. پۇتى يەردە، ئەمما بېشى بۇلۇت ئارىسىدا لەيلەۋاتقاندەك گاراڭىدى. شۈ سەنبەي ئۆزىنىڭ ئايرۇپىلان ئىچىدە ئېغىر ئۇخلاپ مەست بولۇپ كەتكەنلىگىنى بىلدى. بەزى ئادەملەر بىر نەچچە رۇمكا ھاراقنى ئارتۇق ئىچسە مەست بولىدۇ، يەنە بەزى ئادەملەر بىر نەچچە پىيالە چاي ئىچسىمۇ مەست بولىدۇ، لېكىن شۈ سەنبەي باشقىلارغا ئوخشىمايتتى، ئۇ مەست بولسا جىق ئۇخلىۋەتكەنلىكتىن بولاتتى. كۆپ ئۇخلىۋەتسە خۇددى كېچىسى ئۇيقۇسىز قالغاندەك كۈندۈزى ئوڭاي مۈگدەك بېسىپ مەست- ئەلەستەك بولۇپ قالاتتى. بېيجىڭدىن شاڭخەيگە ئۇچۇپ كەلگۈچە 2 سائەتمۇ كەتمىدى، لېكىن شۈ سەنبەي ئۆزىنى ئىككى كېچە- كۈندۈز ئۇخلاپ كەتكەندەك ھىس قىلدى. شۇڭا، شۈ سەنبەي ھەمساۋاق ھەمشىرەسى خۇڭ سۇشوۋنى كۆرگەندە ئۆزىنى چۈش سەيلىسى قىلىۋاتقاندەك ھىس قىلدى. تېخى جۆيلىدى، نېمە دېگەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.
-        گۇ ئەپەندى ياخشى تۇرغاندۇ؟- سورىدى خۇڭ سۇشو.
-        بېيجىڭدا قاتتىق يامغۇر ياغدى،- دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ.
-        شاڭخەيگە قاچان چۈشتىڭىز؟- سورىدى خۇڭ سۇشوۋ يەنە.
-        ئەتە كەچتە،- دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ.
   ئۇ گاراڭلىقتا خۇڭ سۇشوۋنىڭ ئۆيىگە ئانچە يىراق بولمىغان بىر مېھمانخانىغا چۈشتى. مېھمانخانىدا بىر كېچە- كۈندۈز ئۇخلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئېسىنى تاپقاندەك بولدى. خۇڭ سۇشوۋنىڭ تېلېفۇنىمۇ دەل مۇشۇ ۋاقىتتا سايراپ ئۇنى بىللە تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇ دەرىزىنىڭ سىرتىدىكى كۈلرەڭ قاراڭغۇلۇققا قارىغىنىچە:
-        ناشتىلىققا چىقىمىزمۇ ياكى كەچلىك تاماققا؟- دەپ سورىدى.
-        كەچتە ناشتىلىق يىگەنگە ھېساپ بولسۇن،- دېدى خۇڭ شۇشوۋ.
   تاتلىقلىقىدىن كۆڭۈلگە تېگىدىغان شاڭخەيچە قورىمىلارنى يەپ بولغاندىن كېيىن شۈ سەنبەي خۇڭ سۇشوۋنى قارشى تەرەپتىكى «سىتارباك»قا كىرىپ قەھۋە ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى. خۇڭ سۇشوۋ ئۆزىنىڭ قەھۋەنىڭ تەمى بىلەن خوشى يوقلىقىنى، ئۇنىڭدىن تۆمۈر دېتى تېتىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
   - گۇ ئەپەندىم بۇرۇن كوتو چالىدىغانلار چوقۇم قەھۋە ئىچىشنى ئۆگىنىش كېرەك دەيتىغۇ،- دېدى شۈ سەنبەي.
   گۇ ئەپەندىم نىمىشقا شۇنداق دەيدۇ؟ خۇڭ سۇشوۋ بۇنى ئىزچىل چۈشەنمەيتتى.
   - شاڭخەيگە كەلگىنىمگە شۇنچە بولدى، تېخىچە قەھۋە ئىچىشنى ئۆگىنەلمىدىم، شۇڭا شاڭخەي ماڭا يەنىلا ناتونۇش،- دېدى خۇڭ سۇشوۋ. شۈ سەنبەي ئۇنىڭ قەھۋەگە تاۋى يوقلىقىنى بىلدى، شۇڭا ئۇنى ئۆيىگىچە ئۇزىتىپ كەلدى. ئۇ يەر ئاستى تۆمۈر يولىغا يېقىن بىر مەھەللە ئىدى، ئۆيلىرى ئىنتايىن كونا بولۇپ، قاراشقىلا رەڭسىز سۈرەتتىكى شاڭخەينىڭ كونا مەھەللىلىرىنى ئەسلىتەتتى. ئۆي ئىچىمۇ كونا، ئەسلىھەلىرى ئاددىي ئىدى. شۈ سەنبەيگە غەلىتە تۇيۇلغىنى تامغا لىققىدە ھەرخىل ئۈمۈچۈك پالۋان ئويۇنچۇقلىرى ۋە رەسىملىرى ئېسىۋېتىلگەن ئىدى. خۇڭ سۇشوۋ نىمىشقا ئۆمۈچۈك پالۋانغا چوقۇنىدۇ؟ ئۇ چۈشىنەلمىدى. ئۇ خۇڭ سۇشوۋنىڭ ئەشۇ ئاچقۇچ ھالقىسىدىمۇ ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ رەسىمى بارلىقىنى كۆرگەن چېغىدا ئاندىن چۈشەندى. ئېھتىمال، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمىغاچقا ئۆمۈچۈك پالۋاننى ئېسىۋالسا ئۇنىڭغا بىر تىلتۇمار بولىدىغاندۇ.
   ئۆي كىچىك بولغاچقا دىمىق ئىدى. خۇڭ سۇشوۋ شۈ سەنبەينىڭ بالكۇنغا چىقىپ سەگىدىۋېلىشىنى ئېيتتى. ئۇلار مۈرىسىنى مۈرىسىگە تىرەپ ساز چالىدىغان قىياپەتتە سالاسۇنغا يۆلىنىپ ئۇزاق سۈكۈتتە تۇردى. قارشى تەرەپتە بىر كورپۇس بانكا بىناسى بار بولۇپ تەخمىنەن 20 نەچچە قەۋەت كېلەتتى، ئۇنىڭ يوغان سايىسى ناھىيىتى كەڭ دائىرىنى قاپلىغان بولۇپ ھازىرلا بېسىۋالىدىغاندەك ئەلپازدا كۆرىنەتتى. بۇ دىمىق كېچىدە كىچىككىنە بالكۇندا ئازراقمۇ شامال ئۆتۈشمەيتتى، خۇددى شامالمۇ پۇلغا ئوخشاش بانكا بىناسى ئىچىدە ساقلىنىشقا كىرگۈزىلىۋەتكەندەك. بالكون يېرىم چەمبەر شەكىلدە بولۇپ، تۆمۈر سالاسۇندا قورشىلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ دىمىق ئۆيدىن يېنىپ چىقىشىدىكى بىردىن-بىر مەقسىتى پەقەت ئىچ- باغرىنى تۆكۈشۈش ئىدى. بۈگۈنكى ئاينىڭ يۇمىلاق ياكى پۇچۇق ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىش ئۇلارنىڭ خىيالىغا كىرىپمۇ چىقمايتتى.
   - سىز كەتكەندىن كېيىن گۇ ئەپەندىم دائىم سىز ئولتۇرغان ئەشۇ ساز چېلىش ئۆيىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالدى. بىر قېتىم بىز گۇ ئەپەندىنىڭ 70 ياشقا كىرگەن تەۋەللۇت كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەردۇق، ئەپەندىم ئۆيگە لىق توشقان شاگىرتلىرىغا قاراپ تۇساتتىن بىر ئېغىز گەپ قىلدى، خۇڭ سۇشوۋنىڭ ساز چالغىنىنى ئاڭلىمىغىلى بەك ئۇزۇن  بوپتۇ- دېدى شۈ سەنبەي.
   - شۇنچە ۋاقىت ئۆتتى، مەنمۇ ئەمدى ئەپەندىمدىن ئاغرىنمايمەن، مويسىپىت ھازىر ياخشى تۇرغاندۇ؟- سورىدى خۇڭ سۇشوۋ.
   - قان بېسىمىنىڭ ئازراق يۇقۇرىلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئەپەندىمنىڭ سالامەتلىكى ئىزچىل ئوبدان. ئەپەندىمنىڭ مۇزىكا سارىيى كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، ئالدىنقى مەزگىل يەنە بىر مۇنچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى. ئەپەندىم سىزنىڭ قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىشىڭىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىدۇ.
   خۇڭ سۇشو جىمىپ كەتتى. بارماقلىرى سالاسۇن ئۈستىدە ساز چېلىۋاتقاندەك مىدىرلايتتى.
   ـ جەنۇپقا قايتىپ كەلگەندىن بېرى ساز چېلىپ باقتىڭىزمۇ؟- سورىدى شۈ سەنبەي.
  - سازدىن بىرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدىم، لېكىن ھازىرغىچە چېلىپ باقمىدىم. شىمالنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، جەنۇپقا كەلگەندىن بېرى مۇزىكا خوش ياقماس بولدى، شۇڭا ساز چالغۇدەك كەيپىياتمۇ بولمىدى. ھازىر مەن بىر شېركەتنىڭ خەت ئۇرغۇچىسى، خىزمەتداشلىرىم ھەمىشە مېنى خەتنى تېز ئۇرۇپلا قالماي قول ھەرىكىتىڭمۇ بەك چىرايلىقكەن دەپ ماختايدۇ، مەن ئۇلارغا ساز چېلىشنى ئۆگەنگىنىمنى ئېيتمىدىم، ئۇستازنىڭ نامىنى بۇلغاپ قويۇشتىن قورقتۇم.
   - گۇ ئەپەندىم ئىزچىل سىزنى ياد ئېتىپ تۇردى، بۇ قېتىم ئالاھىتەن بىر كوتو ئەۋەتتى.
   ھازىر مەن كۈنبويى كونۇپكا تاختىسى بىلەن ھەپىلىشىمەن، سازنىڭ تارىنى تۇتۇپمۇ باقمىدىم، قايتىدىن قولۇمغا ئالسام قولۇمدىن چىقىپ كەتتىمىكىن دەپ قورقىمەن،- دېدى خۇڭ سۇشوۋ.
   - بۇ كوتونىڭ كېلىش مەنبىئى بار، ئەپەندىمنىڭ دېيىشىچە 300 يىلدىن ئارتۇق تارىخى باركەن، يەرلىكتە كىشىلەر ئۆزى ياسىۋالىدىكەن، لېكىن ئېنىق رىسالىسى يوق ئىكەن، قايسى ساز ياساش ئۇستىسىنىڭ ئىجات قىلغىنىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىكەن. ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە بۇ سازنى پۈتۈنلەي قولدا ياسىسا تەخمىنەن 2 يىلدا ئاران پۈتتۈرگىلى بولىدىكەن. ئەپەندىم نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ 1 قېتىم رېمۇنت قىپتىكەن.
   خۇڭ سۇشوۋنىڭ بىر جۈپ قولى تۇساتتىن ھەرىكەت قىلىشتىن توختاپ ئاي نۇرىدا گويا ئىنچىكە تالغا ئوخشاپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قول بارماقلىرىغا ناھىيىتى ئۇزاق قارىغىنىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
2
   خۇڭ سۇشوۋنىڭ بارماقلىرى ئىنچىكە بولغاچقا، 16 ياشقا كىرگەندە دادىسى ئۇنى گۇ ئەپەندىنىڭ يۈجياۋشەن سارىيىغا ساز ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ بەرگەن ئىدى. خۇڭ سۇشوۋ كىچىك چېغىدىلا جىمغۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاچقا بەكمۇ كەمسۆز ئىدى، لېكىن سازلارنى تۇتۇپ ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى. سازچىلار ئارىسىدا كوتو ئۆگىنىش تەس، ئۇنتۇش ئاسان، ھوزۇرى يوق دېگەن گەپ بار ئىدى. لېكىن خۇڭ سۇشوۋغا ئۇنىڭ دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكى يېقىپ قالغان ئىدى. چۈنكى ھوزۇرسىز بولسا تىڭشايدىغان ئادەم بولمايدۇ، بۇنداقتا ئۇ ئۆز تۇيغۇسىغا تېخىمۇ بىرلىشىپ كەتمەمدۇ؟ بىر ئادەمنىڭ جىمجىت ساز چېلىشى گويا ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن مۇڭدىشىۋاتقىنى بىلەن ئوخشاش. بىر كۈنى، خۇڭ سۇشوۋ بىر مۇزىكىنى چېلىپ ئاخىرلاشتۇرغاندا، تۇساتتىن گۇ ئەپەندىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلدى.
- مەن ۋارىسىمنى تاپتىم، ئەمدى ئۆلسەم ئارمىنىم يوق،- دېدى گۇ ئەپەندى شاگىرتلىرىغا. گۇ ئەپەندىم ئەلۋەتتە ئۆلمىدى، ئەكسىچە ئىنتايىن ئوبدان ياشاۋاتىدۇ. خۇڭ سۇشوۋ ساز چېلىشنى گۇ ئەپەندىنىڭ ئۆيىدە ئۆگەندى، پەقەت گۇ ئەپەندىنىڭ ئۆيىدىلا چالالايتتى، باشقا جايغا يۆتكەلسە چالالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساز باشقا ئۇستىنىڭ قولىدا ياسالغان بولسا تېخىمۇ چالالمايتتى. خۇڭ سۇشو ساز چالسا پەقەت گۇ ئەپەندى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈنلا چالاتتى. يات ئادەم پەيدا بولسىلا شۇ زامان ئەندىكىپ چېلىشتىن توختاپ قالاتتى. گۇ ئەپەندىم ئۇنىڭ ساز چېلىشىنى پىلە قۇرۇتىنىڭ مەشۇت تالاسى قۇسۇشىغا بەكمۇ ئوخشىتاتتى، «باشقا ئادەمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ» دەيتتى ئۇ.
   گۇ ئەپەندى ھەمىشە ساز چېلىش ماھارىتىدە ئورۇنباسارىم بار بولدى، لېكىن ساز ياساش ھۈنىرىمگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ۋارىسلىق قىلغۇچى تېپىلمىدى، دەپ ئاھ ئۇراتتى. گۇ ئەپەندى ساز چېلىشنى بىلىپلا قالماي ساز چېپىشنىمۇ بىلەتتى. ئۇ بۇ ھۈنەرنى ساز چېلىشنى ئۆگىنىشتىن بۇرۇنلا ئۆگەنگەن بولۇپ ئىزچىل ئۇنىڭغا رىشتە باغلىغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ كەسپنى ھۆرمەتلىشى، شۇنداقلا ئۆزىنى ھۆرمەتلىشى ئىدى. ئەمىلىيەتتە، ئۆزىنى ھۆرمەتلىگىنىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە ھۈنەر ئۆگەتكەن ئەشۇ ئۇستازىنى ھۆرمەتلىگىنى ئىدى. گۇ ئەپەندىم ھەمىشە شۇنداق دەيتتى: مەن ئۇستازىمنىڭ ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلغاچقا ئۇستازىمنىڭ يۈزى يورۇق؛ شاگىرتلىرىمنىڭ ئىچىدە كىمىكى مېنىڭ ھۈنىرىمگە ۋارىسلىق قىلسا ئۇ چاغدا مېنىڭ يۈزۈممۇ يورۇق بولىدۇ.
   بىر كۈنى، كاتتا ياغاچچى ئۇستام لاۋشۈ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بىر ماشىنا كېرەكسىز ياغاچنى توشۇپ كەلدى. بۇ ياغاچلار ئەمدىلا چېقىلغان بىر قەدىمىي بۇتخانىدىن تېرىۋېلىنغان ئىدى. ياغاچلار بەك كونا، كارغا يارىغۇدەك بولمىسىمۇ ئەمما لاۋشۈ ساز ياساش ئۇستىسى گۇ ئەپەندىنىڭ دەل مۇشۇنداق ياغاچلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
   لاۋشۈ ئوغلى شياۋشۈگە بۇ ياغاچلارنى چېجياۋشەن سارىيىنىڭ ھويلىسىغا توشۇپ ئەكىرىشنى بۇيرىدى. ئاندىن گۇ ئەپەندىنى ئىلغاپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. ساز ياسايدىغان ياغاچ بىلەن چىللىگۈل سېرىق ھاراققا ئوخشاش قانچە كونا بولسا شۇنچە ياخشى ئىدى.
   گۇ ئەپەندى بىر تال قېرى ياغاچنى تاللاپ ئۇنىڭ سىرتىنى سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن:
-        ياخشى ئەمەسكەن، بەك ئۇۋىلىپ كېتىپتۇ، بەك كونىراپ كېتىپتۇ،- دېدى.
ئاندىن يەنە بىر تال ياغاچنى تاللاپ چېكىپ كۆرگەندىن كېيىن،- مۇنۇسى ياغاچنىڭ بېشىكەنغۇ، بۇمۇ بولمىغۇدەك، بۇنىڭدا ساز ياسىساق ئاۋازى ئوڭاي قېيىپ كېتىدۇ،- دېدى. گۇ ئەپەندىم ياغاچلارنىڭ يىل ھالقىسى، قاتتىقلىقىغا قاراپ ئۇزۇنغىچە ئىلغىدى-دە، ئاخىرى ئىككى پارچە تونا ياغىچىنى ئايرىۋالدى.
   لاۋشۈ يەنە ئىككى پارچە ياغاچنى چىقىرىپ:
   - بۇ بىر نەچچە پارچە چوكا دەرىخى ياغىچىنى قەبرە ئىچىدىن كولاپ ئالدىم،مەنپىي قۇۋۋەتتىن تولۇق ئوزۇقلانغان ياغاچلار، سازنىڭ تەگلىكىنى چىقىرىشقا تازا ماس كېلىدۇ،- دېدى. گۇ ئەپەندىم ئۇ ياغاچلارنى تۇتۇپ كۆرۈپ:
   - بولىدىكەن، بولىدىكەن، شۇغىنىسى كۈن نۇرى كۆرمىگەن ۋاقتى ئازراق ئىكەن، يەنە بىر نەچچە يىل قويۇپ قويۇش كېرەك.
   -سىز ئالمىسىڭىز باشقا ئادەمگە سېتىۋېتىمەن،- دېدى لاۋشۈ. گۇ ئەپەندى سۆرەلگەن ئىشنىڭ ئايىقىنى قۇم باسمىسۇن دەپ ئويلىدى-دە،- بوپتۇ ئالاي،- دېدى.
   لاۋشۈ گۇ ئەپەندىم بىلەن باھا تالىشىۋاتقاندا، شياۋشۈ تۇساتتىن ئۆي ئىچىدىن تارقىلىۋاتقان ناھىيىتى مۇڭلۇق بىر مۇزىكىنى ئاڭلاپ قالدى. ئاندىن بىر كارىدوردىن ئۆتۈپ بىر دەرىزىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇردى.
   لاۋشۈ گۇ ئەپەندى بىلەن سودىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ شياۋشۈگە قارىۋېدى، ئۇنىڭ دەرىزە تۈۋىدە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ پىخىلداپ كۈلگىنىچە گۇ ئەپەندىگە:
   -ئوغلۇم ئاڭلاپ ھۇشىنى يوقىتىپتۇ، ھازىر سىز ئۇنى تارتسىڭىزمۇ قوپمايدۇ،- دېدى.
   - ئوغلىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟- سورىدى گۇ ئەپەندى.
   - شۈ سەنبەي،- دېدى لاۋشۈ. ئۇ ئوغلىنى «سەنبەي» دەپ بىر قانچە قېتىم چاقىردى. شۈ سەنبەي ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.
   - ئۇ كەتمىگەنىكەن قالدۇرۇپ قويۇڭ، مەن ئۇنى شاگىرت قىلىۋالاي،- دېدى گۇ ئەپەندى.
  بۇنى ئاڭلاپ لاۋشۈنىڭ يۈزىدە خۇشاللىق پارلىدى، يانچۇقىدىن پۇلنى ئالدى-دە:
-        بۇنداق بولغانىكەن، سىزگە ساتقان ياغاچنىڭ پۇلىنى ئالماي،- دېدى.
   شۇندىن كېيىن، لاۋشۈ ھەر قېتىم ئۆي چېقىلغاندا ياكى قەدىمىي قەبرىلەر ئوغۇرلىنىپ قېزىۋېتىلگەندە گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا يۈگۈرۈپ بارىدىغان بولدى. ئۇ ياغاچلار كىچىك- توممۇ، بارىدىغان يەر يېقىنمۇ- يىراقمۇ ياغاچ بولسىلا گۇ ئەپەندىمگە  ئەكىلىپ كۆرسىتىدىغان بولدى، باھاسى بازار باھاسىدىن كۆپ ئەرزان بولاتتى.
   گۇ ئەپەندىنىڭ شۈ سەنبەيگە باشتا ئۆگەتكىنى ساز چېلىش ئەمەس، ساز چېپىش بولدى. دەسلىپىدە، گۇ ئەپەندىم ئۇنىڭغا ساز چېپىشنىڭ قائىدىسىنى رەسمىي ئۆگەتمەي تاغقا چىقىپ ئېقىن سۇنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاشقا سالدى. شۈ سەنبەي تاشنى تەكىي قىلىپ يېتىپ، سۇنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىشىنى تىڭشىغىنىچە ئىختىيارسىز مەست بولاتتى. شۈ سەنبەي تاغدىن چۈشكەندە گۇ ئەپەندى ئۇنىڭغا ساز بىلەن سۇنىڭ خارەكتىرى ئوخشايدۇ، بىر ياخشى سازنى ئۇ يەرگە قويۇپ قويساڭ ئۇنى ئېقىۋاتقاندەك ھىس قىلىسەن، سازنىڭ 9 خۇلقى بار، سۇ بىلەن زور ئالاقىسى بار. سەن سۇنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەنسەڭ ئاندىن ساز چاپالايسەن، دەيتتى.
   گۇ ئەپەندىم يەنە شۇنداق ئېيتقان ئىدى، ئۇنىڭ ئۇستازى كېچىچە ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازىنى تىڭشاپ ئەتىسى ساز چېپىشقا تۇتىنىدىكەن. ئۇنىڭ قولىدىكى مىڭ يېرىگە ياماق چۈشكەن سېزىنىمۇ ئۇستازى ئۆز قولى بىلەن چاپقان ئىكەن. گۇ ئەپەندىم گەپ- سۆزلىرىدە ئۇستازىنى ناھىيىتى بەك ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالاتتى.
   شۈ سەنبەي دادىسىدىن بىر نەچچە يىل ياغاچچىلىقنى ئۆگەنگەن بولغاچقا قانداق ياغاچتىن ساز ياسىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ماتىرىيالنى قانداق تاللاپ- ئىشلىتىشتە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلمايلا بىۋاستە ئۇستازىدىن ساز چېپىشنى ئۆگەندى. پالتا- پىچاق، ئىسكىنە دېگەندەك بىسلىق سايمانلارمۇ ئۇنىڭ قولىدا ئەيۋاشقا كېلىپ بولغان بولغاچقا گۇ ئەپەندىم ئۇنى قول سېلىپ ئىشلەشكە سالدى، ئۇمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئوبدان ئىشلىدى. ساز چېپىش تۈجۈبىلەپ ئاستا قىلىدىغان ئىش بولغاچقا ئالدىراڭغۇنى ئېغىر- بېسىققا ئۆزگەرتەتتى.  بارا-بارا ئۇ ماھارەتتە پىشىپ يېتىلدى. بىر يىلدىن كېيىن ئۇستازىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى بىلەن خۇڭ سۇشوۋغا بىر ساز ياساپ بەردى، ئۇنىڭ ئاۋازى قايمايتتى، ھەم ياغىچىغا بەك يوپىشاتتى. گۇ ئەپەندىم «خاتالاشمىغان بولسام بۇ ساز ئىلگىرىكى بارلىق ساز ياساش ئۇستىلىرىنى پاخشە قىپتۇ» دېگەنىدى.
   بىر كۈنى چۈشتە، خۇڭ سۇشوۋ گۇ ئەپەندىنىڭ ئۆيىدە قېلىپ تاماق يىدى. ئۇ تاماقنى يەۋېتىپ يىغلاپ كەتتى، تارام-تارام ياش دانىچىلىرى قاچا ئىچىگە ئېقىپ چۈشتى.
   - نىمىشقا يىغلايسىز؟ خام سەي تۇزسىزراق بولۇپ قاپتىمۇ، ئازراق تۇز سۈيى قۇيامدۇق؟- دېدى شۈ سەنبەي چاخچاق ئارىلاش ئەستايىدىللىق بىلەن.
   خۇڭ سۇشوۋنىڭ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇدەك كەيپى يوق ھالدا تاماق قاچىسىنى قويۇپ ساز چېلىش ئۆيىگە كەلدى-دە، بىر پەدە كۈي چالدى.
   شۈ سەنبەيمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى، ئۇنىڭ قول ھەرىكىتىگە قاراپ ئۇنىڭ قايسى كۈينى چېلىۋاتقىنىنى بىلدى. ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن شۈ سەنبەي بوشقىنە:
   - بىرەرسى قازا قىلىپ كەتتىمۇ؟- دەپ سورىدى.
   - باياتىن دوختۇرخانىدىن تېلېفۇن كەلدى، دادامنىڭ ۋاختى يېقىنلىشىپ قاپتۇ،- دېدى خۇڭ سۇشوۋ.
   -دادىڭىزنىڭ ۋاختى ئاز قالغان بولسا نىمىشقا تېزدىن بېرىپ ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرىۋالمايسىز؟- سورىدى شۈ سەنبەي.
   - دادام سەكراتتىكى ۋاقتىدا مېنىڭ يېنىدا تۇرۇشۇمنى ئۈمىت قىلمايدۇ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنداق كېسەلدە ئۆلگەن ئادەمنىڭ چىرايى بەك سەتلىشىپ كېتىدىكەن. ئۇ مېنىڭ قورقۇپ كېتىشىمدىن، ئانام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ناھىيىتى ئۇزۇنغىچە قارا بېسىپ ئۆتۈشىمدىن قورقىدىكەن. لېكىن، دادام رەسمىي سەكراتقا چۈشكەن چېغىدا ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئۇزىتىشقا كەلگەن ئىشداشلىرىغا ئەمىلىيەتتە ئۆزىنىڭ بەكمۇ مەن بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دىدارلاشقۇسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ، لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا جاھىللىق بىلەن كۆرۈشمەيمەن، كۆرۈشمەيمەن، مەن ئۆلگەندىن كېيىن مېيىت يۇيغۇچى ئۇستام ماڭا گىرىم قىلىپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن مېنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرىۋالسۇن دەپتۇ،- دېدى خۇڭ سۇشوۋ.
   ناھىيىتى تېزلا دوختۇرخانىدىن يەنە بىر قېتىم تېلېفۇن كېلىپ ئۇنىڭ دادىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇ تېلېفۇننى قويغاندىن كېيىن چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە كۆرۈلمىدى، كۆزلىرىمۇ ئىپادىسىز ئىدى. ئۇ ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭاتتى، ئاخىرى ساز شىرەسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۆلىمى ئەمىلىيەتتە ئانىسىنىڭ ئۆلىمىنىڭ داۋامى، يەنى ئۇنىڭ خاتىرىسىدىكى ئۆچۈرىۋەتكىلى بولمايدىغان ئازاپنىڭ داۋاملىشىشى ئىدى. شۇ چاغدا پەقەت مۇزىكىلا ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەلەيتتى.
   شۈ سەنبەيگە ئەجەپلىنەرلىك تۇيۇلغىنى، خۇڭ سۇشوۋ ساز چېلىۋاتقاندا ئۇنىڭ يۈزىدە كىچىككىنىمۇ ئازاپ كۆرۈلمىگەن ئىدى. ساز ئۇنىڭ قولىدا گويا قىشتىكى ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسىدەك ئۇنىڭ بىر جۈپ قولىنى كىچىككىنە بولسىمۇ ئىللىتاتتى. قول بارماقلىرى ئارىسىغا يىغىلغان ھارارەت ئۇزۇنغىچە تارقىلىپ كەتمەيتتى، ئۇ يەردە كىشىلەر ئېيتقىنىدەك بىر خىل ئىللىقلىق يوشۇرۇنغان ئىدى.
   شۈ سەنبەي ئۇنىڭ قوللىرىغا شۇ تەرىزدە قارىدىكى، گويا كۆزىنى كۆرۈشكە ئەمەس ئاڭلاشقا ئىشلىتىۋاتقاندەك ئىدى. ئاستا- ئاستا، ئۇ مەست بولۇپ قالدى. ئۇ «يېشىلگەن» چاغدا يۈزى پۈتۈنلەي كۆز ياشلىرى بىلەن ھۆلدەلگەن ئىدى.
   شۇ چاغدا، گۇ ئەپەندىمۇ ئىشىك سىرتىدا ئۆرە تۇرغىنىچە بەكمۇ ھاياجانلانغان ئىدى. گۇ ئەپەندى ئىشتىن كېيىن شۈ سەنبەيگە:
-مانا بۇ كوتونىڭ ھەقىقىي سېھرىي كۈچى، ئۇ مۇزىكىنى مەندەك كۆپ بىلمەيدۇ، لېكىن مۇزىكا چېلىش ماھارىتى ئاللىقاچان مەندىن ئېشىپ كەتتى،-دېدى. ئۇ يەنە شۇنداق دېگەن ئىدى:
   - خۇڭ سۇشوۋنىڭ مۇزىكىنى شۇ قەدەر ياخشى چالالىشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى قەلبىنى يۇقاتمىغانلىقى سەۋەبىدىن.
   -ئەسلى دېگەن نېمە؟- دەپ سورىدى شۈ سەنبەي.
   - مەسىلەن بىر ياخشى قەدىمىي سازنى مىسالغا ئالايلى، ئۇ قول بىلەن ياسالمايدۇ، بەلكى ئەسلى قەلب بىلەن ياسىلىدۇ،- دېدى گۇ ئەپەندى. بۇ گەپ ئەمدىلا مەستلىكىدىن يېشىلگەن شۈ سەنبەيگە چۈشىنىكسىز تۇيۇلدى.
   دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن خۇڭ سۇشوۋ ئۆزىنى باقالايدىغان بىر خىزمەتنى تېپىش ئۈچۈن سىناپ كۆرمەكچى بولدى. ئۇ ئىختىساسلىقلار تورىدىن كۆڭۈلدىكىدەك بىر شېركەتنى تېپىپ، قىسقىچە تارىخىنى يازىدىغان بىر جەدۋەلنى چۈشۈردى-دە، ئارتۇقچىلىقىنى يازىدىغان كاتەكچىگە «كوتو چالىمەن» دېگەن خەتنى يازدى. قىسقىچە تارىخىنى يوللاپ بەرگەندىن كېيىن، شېركەتنىڭ ئىختىساسلىقلار بۆلۈمىدىن ناھىيىتى تېزلا مۇنداق جاۋاپ كەلدى: شېركىتىمىز ھازىر بىر خەت ئۇرغۇچى خادىمغا بەكمۇ ئېھتىياجلىق، ھەرگىزمۇ قالۇن چالىدىغان ئادەمگە ئەمەس.
خۇڭ سۇشوۋ تور ئارقىلىق يەنە بىر قانچە شېركەت بىلەن ئالاقىلاشتى، لېكىن ھەممىسىنىڭ نەتىجىسى ئوخشاش ئىدى: ئېگىزگە قولى يەتمەيتتى، تۆۋەنگە پۈكۈلەلمەيتتى.  
   گۇ ئەپەندى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغۇزدى. گۇ ئەپەندىنىڭ بالىسى يوق ئىدى، شۇڭا ئۇنى ئۆز قىزىدەك كۆردى. شۇندىن كېيىن خۇڭ سۇشوۋ خاتىرجەم ھالدا تاغدىكى سارايدا ساز چېلىشنى مەشق قىلدى. ئۇ سىرتقا ئىنتايىن ئاز چىقاتتى، شۇڭا ئۈستى- بېشىغا ئازراقمۇ توپا قونمايتتى.
   گۇ ئەپەندىنىڭ خۇڭ سۇشوۋغا ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇ ھەمىشە سىرتقا چىقىپ ساز چېلىپ سەنئىتىنى تەقدىم قىلاتتى. ئۇ دائىم بارىدىغان جاي تاڭ شۈجىنىڭ ئۆيى ئىدى. تاڭ شۈجى ئارام ئېلىشقا چىققىلى نۇرغۇن يىل بولغان پىشقەدەم شۈجى بولۇپ، مۇزىكا ئاڭلاشقا بەكلا ھېرىسمەن ئىدى. ھەر 3 كۈندە بىر گۇ ئەپەندىنى كېلىپ ساز چېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلاتتى. تاڭ شۈجىنىڭ قۇلىقى بىر ئاز ئېغىر ئىدى، گۇ ئەپەندى سازغا پولات تار ئالماشتۇردى، بۇنىڭدا مۇزىكا بەك ياڭراق چىقاتتى. تاڭ شۈجى ھەر قېتىم تولۇق بىر سائەت ئاڭلايتتى. ۋاقىت توشقاندا بىر كۈي ئاخىرلاشمىسىمۇ قولىنى كۆتۈرەتتى-دە، ياخشى، دەيتتى. تاڭ شۈجىنىڭ ياخشى دېگىنى ياخشى چالدىڭىز دېگىنى ئەمەس، بەلكى ۋاقىت توشتى، دېگىنى ئىدى. تاڭ شۈجى مۇزىكىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن گۇ ئەپەندىنى بىر پىيالە چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلىپ بىردەم پاراڭلىشاتتى. لېكىن چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىشقا پۇل ھېساپلانمايتتى. شۇڭا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى چىڭ تارتىلغان تارمۇ بوشاپ قالاتتى. گۇ ئەپەندى قەدىمقى 6 سۇلالە مەزگىلىدىكى ئۆلىمالارنىڭ مېجەزى بار مۇغەننى ئىدى، لېكىن تاڭ شۈجى ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى، ئۇنىڭدا ئەمەلدارلىق كىبىرى بار ئىدى، قائىدە بويىچە ئۇلار دوست بولالمايتتى، لېكىن گۇ ئەپەندى يەنىلا تاڭ شۈجىنى سىردىشىم دەپ قارايتتى.
   ساز ئۇ بىر بۇيۇم، تەرىقەتچىلەرگە نىسبەتەن ئۇ بىر تاك-تاك بولسا، راھىپلارغا نىسبەتەن بىر بۇت قۇڭغۇرىقى ئىدى، گۇ ئەپەندىگە نىسبەتەن ئەلۋەتتە بىر ساز، لېكىن تاڭ شۈجىنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر ساغلاملىقنى ساغلاش بۇيۇمى ئىدى. تاڭ شۈجى ياشانغانلارنىڭ ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، دوختۇر ئۇنىڭ بىكار ۋاقىتلىرىدا كۆپرەك مۇزىكا ئاڭلاپ بېرىشىنى ئېيتقان ئىدى. بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ قۇلىقى بىلەن يۈرىكى تەڭ راھەتلىنىپ ئىنتايىن ياخشى بولغان مەنىۋى ئۇۋىلاش رولىغا ئېرىشەتتى. باشتا ئۇ بىر نەچچە تال كوتو مۇزىكىسىنىڭ دېسكىسىنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئاڭلاپ- ئاڭلاپ ئۇخلاپ قالاتتى. كېيىن بىر قېتىم باغچىدىكى كۆل بويىدا تاسادىپى ھالدا گۇ ئەپەندىنىڭ ساز چالغىنىنى ئاڭلاپ قېلىپ قالۇننىڭ كوتوغا قارىغاندا ئادەمنى تېخىمۇ تېنچلاندۇرىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قالۇننى ياختۇرۇپ قالدى-دە، گۇ ئەپەندىنى ئۆيىگە كېلىپ ساز چېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. شۇندىن كېيىن گۇ ئەپەندى ئۇنىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلاندى. ھەيران قالارلىقى، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي تاڭ شۈجىنىڭ قان بېسىمى بىردىنلا چۈشۈپ، يۈرەك رېتىمىمۇ نورماللىشىپ مېجەزى مۇلايىملىشىپ كەتتى.
   كېيىن تاڭ شۈجىنىڭ قۇلىقى ئاساسەن گاس بولۇپ قالدى، لېكىن ئۇ يەنىلا گۇ ئەپەندىنى كېلىپ ساز چېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىۋەردى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن نېمىنى چېلىش مۇھىم ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭغا كېرىگى بىر ئادەم قارشى تەرىپىدە ساز تۇتۇپ ئولتۇرۇپ بەرسىلا ئۇنىڭ قەلبىدىكى بىسەرەمجانلىق ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تاپاتتى.
   ساز چېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇش پاراڭلىشىش ئىدى. تاڭ شۈجى ھەمىشە گۇ ئەپەندىگە ئۆزىنىڭ ئوغلى توغرىلىق سۆزلەپ بېرەتتى.
   تاڭ شۈجىنىڭ ئوغلى ئىزچىل بېيجىڭ بىلەن نيۇيورك ئارىلىقىدا سودا قىلاتتى. نېمە سودا؟ نېمىدە پۇل تاپقىلى بولسا شۇنى قىلىدىغاندەك. چۈنكى، ئارتۇق پۇل بولغاچقا بەزى سۇلالىلەرنىڭ ئاسارە- ئەتىقىلىرىنى ئېلىپ ساقلاپ قويۇشقا ھېرىسمەن بولغان ئىدى. سودا كىشىلەرنىڭ تىرىكچىلىك يولى، گۇ ئەپەندىنىڭ بۇلارنى ئاڭلاشقا رايى بولمىسىمۇ ئەمما تاڭ شۈجى بەك ھوزۇرلىنىپ سۆزلەيتتى. تاڭ شۈجىنىڭ نېمىنى سۆزلىشى ئانچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئۇ ئاڭلاپ بەرسىلا ياكى ئاڭلاۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىپ بەرسىلا بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سازنى چېلىپ بولغاندىن كېيىن پۇلنى ئېلىپلا ماڭسا بولمايدۇ-دە. ئۇ بەك سەت تۇرىدىغان ئىش.
بىر قېتىم، تاڭ شۈجى ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە تۇيۇقسىز تەرىتى قىستاپ كېتىپ 8 شېرەلىك ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىن بىر سېرىق قەغەزنى تارتتى. ئولتۇرۇپ سېرىق قەغەزنى ئېچىۋېدى، بىر قەدىمىي كۈينىڭ نوتىسى ئىكەن. ئۇ شۇ ھامان گۇ ئەپەندىگە بىر يانفۇن ئۇچۇرى يوللىدى. گۇ ئەپەندى يېتىپ كېلىپ قارىۋېدى، نوتىنىڭ ئاستىدا سازچىنىڭ پۈتۈن نام- شەرىپى بىلەن ئىجات قىلغان يىل، ئاي، كۈنىگىچە بار ئىدى. شۇڭا جەزم قىلىشقا بولاتتىكى، ئۇ مىڭ سۇلالىسىدىن قالغان قەدىمىي نوتا ئىكەن. گۇ ئەپەندى ئۇ سازچىنىڭ قايسى مەزھەپتىن ئىكەنلىگىنى بىلگەندەك خۇشاللىقىدىن بارماقلىرى تىترەپ شۇ ھامان ئولتۇرۇپ نوتىنى چېلىشقا باشلىدى، بىر بۆلەكنى چالغاندىن كېيىن خەتسىز قالدۇرۇلغان نوتىنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن بوشلۇقنىڭ بارلىقىنى، نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىنچىكە ئاڭقىرغاندىلا ئاندىن ئاستا-ئاستا ھەجىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاققىنىچە:
- مەن ئەمدى چالالمىدىم،- دېدى. تاڭ شۈجىنىڭ قۇلىقى ئېغىر بولغاچقا ئېنىق ئاڭلىيالمىدى ھەم ئۇنىڭ نىمىشقا بىردىنلا چېلىشتىن توختاپ قالغىنىنىمۇ بىلەلمىدى. گۇ ئەپەندى قەغەزگە بىر قۇر خەت يازدى: بۇ كۈينى پەقەت كامالەتكە يەتكەن ئۇستىلارلا چالالايدۇ. تاڭ شۈجى بىر قاراپلا چۈشىنىپ يىراق نيۇ يوركتىكى ئوغلىغا تېلېفۇن قىلدى، سەلدىن كېيىن ئوغلىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى-دە، ئىنتايىن پەخىرلەنگەن ھالدا بۇ قەدىمىي نوتىنى گۇ ئەپەندىگە تەقدىم قىلدى. گۇ ئەپەندى كېيىن ئۇچرىغانلىكى ئادەمگە تاڭ شۈجى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ دوستلىقىنى تەرىپلەپ يۈردى. ئۇ بۇ خىل دوستلۇقنى «ئېگىز تاغدا ئاققان سۇ مەڭگۈ پاك تۇرىدۇ»غا ئوخشاتقان ئىدى.
بىر كۈنى گۇ ئەپەندى تاڭ شۈجىنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ كېلەشىدە ئەڭ ئۇچرىتىشنى خالىمايدىغان بىر ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ ئاليەن يەڭگە ئىدى. ئەدەپ يۈزىسىدىن گۇ ئەپەندى ئۇنىڭغا بىلىنەر- بىلىنمەس باش لىڭشىتىپ قويدى-يۇ، لېكىن ھېچقانداق گەپمۇ قىلىپ قويمىدى. ئەكسىچە ئاليەن يەڭگىنىڭ مەڭزىدە ناھىيىتى خوشال بولغانلىقى ئەكس ئەتتى.
   گۇ ئەپەندى ئاچقۇچنى چىقىرىپ ئىشىكنى ئاچماقچى بولۇپ تۇرغىنىدا ئاليەن يەڭگە تارتىنىپقىنا سورىدى:
-        ئاچۈ، بىر يەرنى تېپىپ ئىككى ئېغىز پاراڭلاشساق بولامدۇ؟
   ئاليەن يەڭگە ئۇنىڭ ئىسمىنى توۋلىماي «ئاچۈ»دەپ چاقىردى. «ئاچۈ»يەرلىك شېۋە بولۇپ تەڭ دېمەتلىكلەرنى چاقىرىشقا ئىشلىتىلەتتى. بېيجىڭغا كەلگىلى نەچچە ئون يىل بولغان بولسىمۇ ئاليەن يەڭگە تېخىچە يەرلىك تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتمىگەن ئىدى، ئۇنىڭ «ئاچۈ»دەپ چاقىرىشى گۇ ئەپەندىگە يېقىنلىق تۇيغۇسى بەخش ئەتتى.
   ئەلۋەتتە، گۇ ئەپەندى ئۇنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلىۋاتقىنىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا 4 ئەتراپىغا بىر قۇر قاراپ باقتى-دە، باشقا ئادەم يوقلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن:
   - بولىدۇ، ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشايلى،- دېدى.
   گۇ ئەپەندى ساز قېپىنى قويغاندىن كېيىن ئاليەن يەڭگىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
   - ئاكىڭىز كەتكەندىن كېيىن بوسۇغىڭىزدىن پۇت ئاتلاپ باقماپتىمەن. گەرچە ئارىمىزدا بىر تام بولسىمۇ لېكىن ئۇ ماڭا تاغدەك كۆرىنىدۇ،- دېدى  ئاليەن يەڭگە.
   - قېرىنداشلىق مېھرىدىن مۇشۇ جايغا يەرلەشتىم، ئەينى ۋاقىتتا قىلغىنىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ شورى ئەمەسمۇ؟- دېدى گۇ ئەپەندى سوغۇقلا قىلىپ.
   - ئەينى ۋاقىتتا نەدىمۇ بۈگۈنكى كۈننىڭ بولىشىنى ئويلىيالاي؟ باشقا كۈن كەلمىگۈچىلىك ساڭرامغا پۇت ئاتلىماپتۇ،دېگەندەك گەپكەن.
   ئاليەن يەڭگە ئۆينىڭ كونا ئىشىنى دەپ كەلگەن ئىدى. گۇ چياۋ ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى گۇ يۈ ئەپەندى ئەسلىدە جەنۇپلۇق ئىدى، كىچىك ۋاقتىسىدا ئۇلار جىنلىن مەزھىپىدىكى بىر قېرى سازەندىدىن ساز چېلىشنى ئۆگەندى، چوڭ بولغاندىن كېيىن بېيجىڭغا كېلىپ ساز چېلىپ تىرىكچىلىك قىلدى، ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن شەھەر سىرتىدىكى تاغ باغرىغا بىر ساراي سېلىپ ئىسمىنى «يۈچياۋشەن سارىيى» دەپ قويدى. كېيىن مۇزىكىدىكى مەزھەپ كۈرىشى ۋە ئاليەن يەڭگىنىڭ ئارىغا كىرىپ پىتنە قىلىشى تۈپەيلىدىن ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن بىر ئوبدان ساراينى ئىككىگە بۆلىۋەتكەن ئىدى. گۇ چياۋ ئەپەندى ئولتۇرغان بۇ تەرەپ تاغقا، گۇ يۈ ئەپەندى ئولتۇرغان ئۇ تەرەپ كۆلگە قارايتتى. شۇندىن باشلاپ يۈچياۋ سارىيى، يىچياۋشەن سارىيى ۋە يىيۈشەن سارىيى دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. ساز ئاۋازى ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ تۇرسىمۇ ئەمما ئۇلار ئۆلسىمۇ بېرىش- كېلىش قىلىشمىدى. گۇ يۈ ئەپەندى ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى ئۇنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلدى، لېكىن بىر باشقا ئېلىپ چىقالمىدى، ھۈنەر ئۆگىنەي دېۋىدى، ئۇنىمۇ قاملاشتۇرالمىدى. ئاليەن يەڭگە كەنت دوقمۇشىدا بىر كىچىك بوتكا ئېچىپ قەيسەرلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزدى. ئاليەن يەڭگىنىڭ دۈمبىسى ئىلگىرىكىدىن كۆرىنەرلىك دۈمچەيگەن بولۇپ يەنە بەكلا يۇۋاشلاپ كەتكەندەك كۆرىنەتتى. تامنىڭ ئۇ تەرىپىدىن ھەمىشە جيەنىنىڭ ھاراق ئىچىۋېلىپ ئانىسىغا ۋارقىرىغىنى ئاڭلىناتتى. ئاليەن يەڭگىنىڭ يېشى چوڭايغانسېرى ئەكسىچە يۈرىكى بارغانسېرى كىچىكلەپ ئۆز ئۆيىدىمۇ مېھماندەك ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئوغلى كومپيوتېر يۇمشاق دېتالى تىجارىتى قىلىپ بىر مۇنچە زىيان تارتىپ ئۆينى ساتماقچى بولدى. ئاليەن يەڭگىنىڭ قىلغان نەسىھىتى كار قىلمىدى، ئوغلى ئۆينى ساتمىسام بولمايدۇ،دەپ ئانىسىنىڭ گېپىگە پەرۋامۇ قىلمىدى.
   - بۇ ئۆينى ساتساڭمۇ مەيلى، لېكىن ئاۋۇ رىشاتكىنى بولسىمۇ ماڭا قالدۇر،- دېدى ئاليەن يەڭگە.
   -ئاناموي، ساتسام پاك-پاكىزە ساتىمەن، بىز ۋاقتىنچە سىرتتىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇپ تۇرايلى، سېنىڭ يېشىڭمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى، كېيىن پۇل تاپسام مۇشۇنداق ئۆيدىن بىرنى ئېلىپ بېرىمەن،- دېدى ئوغلى.
   -مەن ئۆلەي،- دېدى ئاليەن يەڭگە چىشىنى غۇچۇرلاتقان ھالدا. ئوغلى ھاراق بوتۇلكىسىنى يەرگە ئۇرۇپ چاقتى-دە، ئۇنى ئىچكەچ ۋارقىرىدى:
   - ئەمىسە ئۆلە، قېنى ئۆلمەمسەن، تامغا ئۈسۈپ ئۆلەمسەن، قۇدۇققا سەكرەپ ئۆلەمسەن، زەھەر ئىچىپ ئۆلەمسەن مەن ھەرگىز توسمايمەن.
   ئوغلىنىڭ ئاۋازى بەكرەك چىقىپ كەتسە ئاليەن يەڭگە جىم بولىۋېلىشنى بىلەتتى. ئاليەن يەڭگە ئۆلۈمدىن قورقمايتتى، قورقىدىغىنى ئۆلگەندىن كېيىن ئۆلۈكىگە ئىگە بولىدىغان ئادەمنىڭ چىقماسلىقى ئىدى.
   گۇ ئەپەندىنىڭ ئاليەن يەڭگىنىڭ بېشىغا كەلگەن سورۇقچىلىققا چوڭقۇر ھىسداشلىقى كېلىپ ئۇنىڭغا بولغان ئىلگىرىكى قارىشىمۇ شۇ ھامان تارقىلىپ كەتتى.
-يەڭگە، ئەگەر راۋا كۆرسىڭىز بۇندىن كېيىن مېنىڭ ئۆيۈمدە بىر مەزگىل تۇرۇڭ،- دېدى ئۇ.
   - مېنىڭ كېلىشتىكى مەقسىدىم سىزنى تەڭقىسلىقتا قالدۇرۇش ئەمەس، پەقەت ئۇ ئۆينى سىزنى ئېلىپ قالسا دېمەكچى،- دېدى ئاليەن يەڭگە.
   - ھازىر مېنىڭ قولۇممۇ قىسقىراق، ئۇنداق چوڭ ئۆينى ئالالمايمەن،- دېدى گۇ ئەپەندى.
   - بۇ ئۆي قانداقلا بولمىسۇن بالىنىڭ دادىسىدىن قالغان، خەقنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتسە مازاققا قالىمىز. باھاسىدا كېلىشىۋالىمىز، ئوغلۇم باشقىلارغا بىر مىليونغا ساتىمەن دېسە مەن سىزگە يېرىم باھادا ساتقۇزۇپ بېرىمەن،- دېدى ئاليەن يەڭگە.
   - سىز ئىگە بولالامسىز؟- دېدى گۇ ئەپەندى.
   - ئىگە بولالايمەن، ئىگە بولالايمەن،- دېدى ئاليەن يەڭگە بېشىنى لىڭشىتىپ.
   - بۇ ئىشقا مەن ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىپ  بىر نەچچە كۈندىن كېيىن جاۋابىنى بېرەي،- دېدى گۇ ئەپەندى خوشياقمىغان ھالدا. گۇ ئەپەندى ئاليەن يەڭگىنى ئۇزىتىپ چىققاندا يۈزىگە خۇشاللىق تەپتى. «يىچياۋشەن بىلەن يىيۈشەن يەنە بىرلىشىپ يۈچياۋشەن سارىيى بولىدىغان بولدى» دەپ ئويلىدى ئۇ. توپ-توغرا 30 يىلدىن بۇيان ئۇ يىيۈشەن سارىيىنىڭ راۋىقىدا تۇرۇپ كۆل ۋە تاغ مەنزىرىسىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.
   گۇ ئەپەندىنىڭ قولىدا بىر مۇنەك پۇل بولسىمۇ ئەمما ئۆي سېتىۋېلىشقا يەتمەيتتى. ئۇ بۇ پۇلنى تاڭ شۈجىدىن سورىماقچى بولدى. ئۇ تېلېفۇن بېرىۋېدى، تاڭ شۈجىنىڭ ئۆيىدىكى ئايال خىزمەتكار ئۇنىڭ ماركىسنىڭ قېشىغا سەپەر قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
   تاڭ شۈجى تەرەت تۇڭىدا ئولتۇرغىنىچە ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان ئىدى. تاڭ شۈجى قەۋزىيەت بىلەن ئۆلگەن ئىدى. كېسىپ ئېيتقاندا، قەۋزىيەتتىن كېلىپ چىققان مېڭىگە قان چۈشۈش بىلەن ئۆلگەن ئىدى.
   تاڭ شۈجى ئىلگىرى ۋەسىيەت قالدۇرۇپ ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلىنىڭ قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر ئۆيگە قايتىپ كېلىپ بىر مەزگىل تۇرىشىنى ئېيتقان ئىدى. تاڭ شۈجىنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ جىيەنىگە قارىغاندا كۆپ ئىستىقباللىق بولۇپلا قالماي يەنە مەشھۇر ۋاپادار ئىدى، ئېنگىلىزچە «ۋاپادارلىق قەسىدىسى»نى سۇدەك يادلاپ بېرەلەيتتى.
   ۋاپادار ئوغۇل دادىسىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ساز ئاڭلاشقا ھېرىسمەن بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، قالۇن شەكلىدە بىر گۇەنسەي ياساتتى، ئۈستى چىنار ياغىچىدىن، ئاستى سېرىق ماخىل ياغىچىدىن بولۇپ تاڭ شۈجى گويا ساز ئىچىدە ياتقاندەك ياتاتتى.
   گۇ ئەپەندى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سازنى كۆتۈرگىنىچە تاڭ شۈجىنىڭ مېيىت ئۆيىگە يېتىپ كەلدى-دە، «قەدىناسنى ئەسلەش»كۈيىنى چالدى. بۇ كۈينى گۇ ئەپەندى ھەمىشە چالمايتتى، پەقەت يىلنىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرىدا بىر قېتىم چېلىپ قوياتتى. بىراق بۇ قېتىم ئۇنىڭ قايغۇسى تۇساتتىن پەلەككە يەتكەچكە چالدى.
   تاڭ خۇجايىن كۈينى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن كۆزلىرىدىن ياش تاراملىغىنىچە ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ تەرجىمىھالىنى سۆزلەپ بەردى. تاڭ شۈجى بىر دىنسىز كىشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئوغلى ئارقىلىق شۇنداق ئېيتقىنىنى  ئاڭلىدى:«ئادەم تۈپتىن دىنسىز بولغاندا نەزىرى ئۈستۈن، ئىنتايىن پاك ئەۋلىياغا ئايلىنىدۇ، ھەتتا ئۇنى بۇت تەكچىسى ئىچىگە سېلىپ چوقۇنغىلى بولىدۇ».
   تاڭ خۇجايىن ئۇنىڭغا شۇنداق دېدى:
-بۇ يەردە مەن يەتتە ھەپتىسىگىچە 49 كۈن تۇرىمەن، بۇندىن كېيىن ۋاقتىڭىز بولسىلا بۇ يەرگە كېلىپ ماڭا ساز چېلىپ بېرىڭ. ئەگەر مەن بولمىسام دادامنىڭ نەزر تاختىسىغا چېلىپ بېرىڭ. مەن ھەر سائىتىڭىزگە 500كوي بېرىمەن.
-        ماقۇل،- دېدى گۇ ئەپەندى.
   تاڭ خۇجايىن راستلا بىر خۇجايىن ئىدى، مەرتلىكتە نامى بار ئىدى. ئۇنىڭ 500 سوم چىقىرىمەن دېيىشى ئۇنىڭغا نىسبەتەن 5 بارمىقىنى يېنىككىنە چېكىپ قويغاندەك ئىش ئىدى.
   تاڭ خۇجايىن ئىسرىقدانغا 3 تال كۈجە سانجىپ 3 نى تازىم قىلغاندىن كېيىن گۇ ئەپەندىگە دېدى:
   - دادامنىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى بىر ئارمىنى باركەنتۇق، قەدىمىي دەرەختىن بىرنى بېقىپ جەمەتىمىزنىڭ دەرەختەك ئۇزۇن ياشناپ تۇرىشىنى تىلەپتىكەن. ھازىر مەن دادامنىڭ شۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى، گۇ ئەپەندى بىلەمسىزكىن قەيەردە پەرۋىش قىلغۇدەك قەدىمىي دەرەخ بار؟
   - چىڭفېڭ قوۋۇقى ئالدىدا بىر تۈپ قەدىمىي دەرەخ بار، يېشىمۇ خېلى يەرگە بېرىپ قالغان،-دېدى گۇ ئەپەندى بىرئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن.
   ئەتىسى، تاڭ خۇجايىن يەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەن گۇ ئەپەندىنى ماشىنىسىغا چىقىرىپ چىڭفېڭ قوۋۇقىغا يېتىپ كەلدى.
   ئورمانچىلىق ئىدارىسى باشلىقىنىڭ كاتىپى تاڭ خۇجايىنغا تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى: بۇ پۈتۈن ناھىيەمىز بويىچە ئەڭ قەدىمىي دەرەخ، 800 يىللىق تارىخقا ئىگە، ئېگىزلىكى 15 مېتىر، باراخسان كۆلىمى تەخمىنەن 32 مېتىر دائىرىنى قاپلايدۇ، غولىنىڭ ئايلانمىسى 7 مېتىر، ئۇ ھەر يىلى 6 توننا كاربون 4 ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ، 4 توننا ئوكسىگېن قويۇپ بېرەلەيدۇ. يەنى شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، 10 مو يەردىكى ئادەتتىكى دەرەخلەر سۈمۈرىدىغان كاربون 4 ئوكسىد بىلەن ئۇلار قويۇپ بېرىدىغان ئوكسىگېن بىلەن تەڭ.
   تاڭ خۇجايىن دەرەخنىڭ ئەتراپىنى بىر ئايلىنىپ كۆرگەندىن كېيىن كۆزىنى يۇمۇپ كۈچەپ نەپەس ئالدى، ئاندىن كۆزىنى ئېچىپ دەرەخنى كۆرسىتىپ:
-        مۇشۇ دەرەخ بولىدىكەن،-دېدى.
   چىڭفېڭ قوۋۇقى ئىستىقامەتخانىسىنىڭ باش تويىنى چىقىپ قول ئاستىدىكى بىر كىچىك تويىنغا دەرھال بىر تاختا تەييارلاپ ئۇنىڭغا بېقىۋالغۇچىنىڭ ئىسمىنى يېزىشنى بۇيرىدى.
   ئۇلار سۆزلىشىۋاتقاندا تاڭ خۇجايىننىڭ كاتىپى يانفۇنىنى ئۇنىڭغا بېرىپ «شياۋلودىن كەپتۇ»دېدى. شياۋلو كىم؟ بۇنى ھېچكىممۇ بىلمەيتتى. ئاۋازغا قارىغاندا قارشى تەرەپ بىر LV سومكىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك، سومكىنىڭ ئىچىدە بىر ئالماس ئۈزۈك، بىر نەچچە دانە بانكا كارتىسى قاتارلىقلار باردەك قىلاتتى. تاڭ خۇجايىن «ئۇ نەرسىلەر ناھىيىتى قولنىڭ كىرىكەنغۇ، قايتا سېتىۋالساق بولىدىغۇ» دەپ بىر مۇنچە تەسەللى بەردى. قارشى تەرەپ توختىماي يىغلىغىنىچە ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىملىقىنى ئېيتىپ قاقشايتتى. تاڭ خۇجايىن ئۇنىڭغا ۋارقىرىدى:
-        20 ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ نېمە باغچىدىكى كىچىك بالىدەك يىغلايسەن؟
   تاڭ خۇجايىن يانفۇننى ئەتتى، باش تويىن كېلىپ بىر پارچە تالۇننى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى، تاڭ خۇجايىن قەلىمىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئىمزا قويدى. بۇ چاغدا، يانفۇن يەنە سايراپ كەتتى. تاڭ خۇجايىننىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلگىنىچە كاتىپىغا دېدى:
   - بۇ قىز بەك زېرىكتۈردى، يۈرە، ئۇ يەرگە بىر بېرىپ كېلەيلى.
   تاڭ خۇجايىن كەتكەندىن كېيىن، ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھىجايغان ھالدا گۇ ئەپەندىمدىن سورىدى:
-        شياۋلونىڭ كىملىگىنى بىلەمسىز؟
-        بىلمەيمەن،- دېدى گۇ ئەپەندى.
-مەن بىلىمەن، مەن بىلىمەن، ئۇ كىنو ئىنىستىتوتىنىڭ ئاكتيورلۇق فاكولتوتىدىكى بىر كىچىك قىز،- دېدى ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
   تاڭ خۇجايىن ساڭرامنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈپ 800 يىللىق قەدىمىي كامفورا دەرىخىنى بېقىپلا قالماي يەنە سىرتتىكى 20 ياشلىق بىر قىزنى باققان ئىدى. دەرەخ بىلەن قىز ھامىيغا ئېرىشكەن ئىدى. لېكىن دەرەخ قېرى، قىز ياش ئىدى.
   «قىزچاق تېخى خۇڭ سۇشوۋچىلىك كېلىدىكەن. نېمىدېگەن بىچارە» دەپ ئويلىدى گۇ ئەپەندى.
  بۇ كۈنى، گۇ ئەپەندى سازنى كۆتۈرۈپ تاڭ خۇجايىننىڭ ئۆيىگە كەلدى.
  - مەن مۇزىكا ئاڭلاشقا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن، سىز «باھاردىكى ھېكايە» دېگەن مۇزىكىنى چالالامسىز؟- دەپ سورىدى تاڭ خۇجايىن. ئۇ كوتو بىلەن ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكا، كەچۈرۈڭ، مەن چالالمايمەن،- دېدى گۇ ئەپەندى.
   - سىزنىڭچە كوتو بىلەن قالۇننىڭ نېمە پەرقى بار؟- سورىدى تاڭ خوجايىن.
   - ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ، كوتونىڭ ئاز بولغاندا 16 تارىسى، كۆپ بولغاندا 26 تارىسى بار، مۇقىم قائىدىسى يوق، لېكىن قالۇننىڭ كوڭزى دەۋرىدىن بۇيان ئىزچىل 7 تارىسى بار، ھېچقانداق ئۆزگەرمىدى، بۇ خۇددى يەتتىلىك شېئىرنىڭ 7 خېتىنىڭ بىرسى ئارتۇق ياكى كەم بولۇپ قالسا يەتتىلىك دەپ ئاتالمايدىغىنىغا ئوخشاش. قەدىمقىلار «ساز چېلىشنىڭ قىيىنلىقىدا كوتونىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق» دەپ بىكار ئېيتمىغان. بۇ سۆزدىن بىز قالۇن بىلەن كوتونىڭ يۇقۇرى- تۆۋەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز،- دېدى گۇ ئەپەندى.
  -ئەمىسە، سىز ھازىر ماڭا «ئىككى بۇلاقتا چاقنىغان ئاي» دېگەن مۇزىكىنى چېلىپ بېرىڭ،- دېدى تاڭ خۇجايىن.
   - ئۇنىمۇ بىلمەيمەن، ئۇ ئىككى تارىلىق غىجەك بىلەن ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكا،- دېدى گۇ ئەپەندى.
   - مەن نېمىنى دېسەم بىلمەيمەن دەمسىز؟- دېدى تاڭ خۇجايىن.
   - بىزدەك كوتو چالىدىغانلارنىڭ تارىختىن بۇيان مۇقىم مۇزىكىمىز بار. ئوخشاش بىر مۇزىكىنى ھەر بىر ئادەمنىڭ چېلىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا نۇرغۇن مەزھەپكە ئايرىلغان،- دېدى گۇ ئەپەندى.
   -ئاڭلىسام سازچىلارنىڭ بىر سېسىق قائىدىسى باركەن، بۇ يەردە چالمايمەن، ئۇ يەردە چالمايمەن؛ بۇ ئادەمگە چېلىپ بەرمەيمەن، ئۇ ئادەمگە چېلىپ بەرمەيمەن دەيدىكەنسىلەر. پۈتۈن بەدىنى تەر ۋە سامساق پۇرايدىغان سەھرالىقلارغا چېلىپ بەرمىسەڭلەرغۇ مەيلى، لېكىن گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا سودىگەرگىمۇ چېلىپ بەرمەيدىكەنسىلەر؛ بوپتۇ، سودىگەرمۇ تۇرۇپ تۇرسۇن، بىراق سودىگەرلەرنىڭ ئەشۇ جالاپلار بىلەن بىر قاتاردا مۇزىكا چېلىپ بېرىشكە بولمايدىغان قاتارغا چىقىرىۋېتىلىشى خۇددى ئوقۇتقۇچى بىلەن دىۋانىنى بىر قاتاردا قويغاندەكلا ئىش ئىكەن،- دېدى تاڭ خۇجايىن.
   - تاڭ ئەپەندى، بۇ گېپىڭىزنى ئاڭلاپ مەن سىزنى كەسپ ئەھلىكەن دەپ بىلدىم. مەن سىزگە يوشۇرماي ئېيتىمەن، بۇ قائىدىلەرنىڭ ھەممىسىنى سازچىلار بىكارچىلىقتا ئويلاپ تاپقان، ئۇنى بىر ئويۇن دېگەن تۈزۈك. شائىرنىڭ باجگىرغا، سازچىنىڭ قاسساپقا يولۇقۇپ قېلىشى ئەلۋەتتە ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىدىغان ئىش. لېكىن مەن بىر سازچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزدەك بىر كەسپ ئەھلىگە يولۇققىنىم راستىنلا مېنىڭ شەرىپىم،-دېدى گۇ ئەپەندى.
   تاڭ خۇجايىن تاقىر بېشىنى سىلىدى، كۈلگىنىدىن يۈزىدىكى سېمىز گۆشلىرى رېتىملىق تىترىدى.
   سەھەردە ئورنىدىن تۇرغان گۇ ئەپەندى دەرىزىنى ئېچىۋېدى، بىر تۇتام سەلكىن شامال يالپۇز ھىدىنى ئېلىپ كېلىپ باھار يامغۇرى ۋە ئوت-چۆپلەرنىڭ ئۆسىۋاتقانلىقىدىن شەپە بەردى. گۇ ئەپەندى ئاشخانىغا كىرىپ بىر چەينەك قەھۋە قايناتتى-دە، جىمجىت ھالدا بىر نەچچىنى ئوتلىۋەتكەندىن كېيىن ئولتۇرۇپ شۈ سەنبەي ئۆز قولى بىلەن ياسىغان بىر سازنى قولىغا ئېلىپ سىناپ باقماقچى بولدى. تارنى چىڭىتىپ بولغاندىن كېيىن بوشقىنە چېلىشقا باشلىدى. سىزىقلىرى نەپىس سازنىڭ گەۋدىسى بىر خىل تىك ھالەتتە تىترەيتتى، لېكىن تىترەشتىن كېلىۋاتقان ئاۋاز
پەسكە چۆكەتتى. بۇ توغرا، ياخشى ساز، ئاۋازدا چوقۇم پەسكە چۆكۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بولۇش كېرەك، بۇ خۇددى ساپىقىدىن ئاجرىغان يۈرەكنىڭ ئاستا-ئاستا چۆكىۋاتقىنىغا ئوخشايدۇ. گۇ ئەپەندى تازا ئىلھاملىنىپ چېلىۋاتقاندا، تۇساتتىن ھويلىدىن گۇلدۈر-غالاپ قىلىپ تارقالغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى. ئۆيدىكى ئادەم چىرايىدا قان قالمىغان ھالەتتە ھويلىغا قېچىپ چىقتى،  قارىۋېدى، يىچياۋشەن سارىيى بىلەن يىيۈشەن سارىيى ئارىلىقىدىكى ئۇ تامدىن يوغان بىر كامار ئېچىلىپ قاپتۇ. جيەن ئوغلى بېشىنى ئۇ كاماردىن چىقىرىپ ھىجايغىنىچە:
   - تاغا، باياتىن ئاسماندا چاقماق چېقىلىپ ئىككى ئائىلىمىزنىڭ تېمىدىن بىر يوغان كامار ئېچىپ قويدى، سىزنىڭچە بۇ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى ئەمەسمۇ؟- دېدى.
   - يالغان ئېيتما، ھاۋا شۇنچە ئوچۇق تۇرسا نەدىن كەلگەن چاقماقكەن ئۇ؟- دېدى گۇ ئەپەندى ئاسمانغا بىر قارىۋېتىپ.
   - تاغا،- دېدى جيەنى تېخىمۇ ھىجايغىنىچە،- ئانامدىن ئاڭلىسام سىز بىزنىڭ ئۆيىمىزنى ئالماقچى بوپسىز، ئۇنداق بولمىسا تەڭرى سىزگە ياردەم قىلىپ ئالدىنئالا تامدىن كامار ئېچىپ قويامتى.
   گۇ ئەپەندى تۆمۈردەك بوزىرىپ ئىككى قولىنى قوۋۇشتۇرغىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى. «گۈلدۈر- غالاپ» قىلغان ئاۋاز تېخىچە ئۇنىڭ كاللىسىدىن كەتمەيتتى، نەچچە كۈندىن بۇيان يىغىلىپ قالغان دىلىغۇللىقلىرى بىراقلا گۇم بولغان ئىدى. ئۇ ئىككى قولىنى پاكىزە يۇيغاندىن كېيىن ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئاكىسىدىن قالغان بىر نوتىغا چېلىشقا باشلىدى. بىر پەدە چېلىپ بولغاندىن كېيىن ساز چېلىش ئۆيىدىن ھويلىغا چىقتى. ئاندىن بېشىنى ئۇ يوغان كاماردىن ئۆتكۈزۈپ جىيەنىنى چاقىردى:
-        تاغاڭ ئۆيۈڭنى سېتىۋېلىش قارارىغا كەلدى،- دېدى ئۇ.
   بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، گۇ ئەپەندى جىيەنى بىلەن بىر پارچە سېتىش-سېتىۋېلىش كېلىشىمنامىسىغا قول قويدى، ئالدىن يېرىم پۇلنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىر ئەترەت قارا ئىشچىلارنى ياللاپ ئەكىلىپ، تامنى چېقىپ ھويلىنى ئادالاتقۇزدى.
   - بىر جاينى گۇ ئەپەندىنىڭ تاپىلىشى بويىچە ھېچكىم قىمىرلاتمىدى. ئۇ يەردە تاشتىن ياسالغان بىر ساز شېرەسى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئاستىغا يوغان بىر كۈپ كۆمۈگلۈك بولۇپ، ئاكا- ئۇكا ئىككىيلەن ياش ۋاقتىسىدا ئۆز قولى بىلەن كۆمگەن ئىدى. ئادەتتە سازچىلارنىڭ ھەممىسى بىلەتتىكى، كۈپنىڭ ئاۋازنى كېڭەيتىش رولى بار ئىدى. ئاكىسى ئۆلگەندىن كېيىن جەسەت كۈلى ئۇنىڭ ئىچىگە چېچىلغان ئىدى. ئاكىسى سەكراتتىكى چېغىدا ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئىنىسىنىڭ تامدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭغا بىر ساز چېلىپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بىراق، شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ گۇ ئەپەندى پاتىڭىنى قاتتىق قىلىپ ئىزچىل بۇياققا بوسۇغا ئاتلاپ باقمىدى. بۇ ئىزچىل گۇ ئەپەندىنى چوڭقۇر خىجىللىق ئازاۋىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىش ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئاكىسى دەپىن قىلىنغان بۇ جايغا قايتىدىن بىر ساز سۇپىسى ياساپ قېرىنداشلىق مېھرىنى ئىپادىلىمەكچى بولدى.
   ئىشچىلار كۈندۈزى ئىش قىلىپ، ئاخشىمى ئۇنىڭ جىيەنىنىڭ ئۆيىدە  داق يەردە ياتاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شياۋچۈ دېگەن ئىشچى شۈ سەنبەينىڭ، شۇنداقلا گۇ ئەپەندىنىڭمۇ يۇرتلىقى ئىدى، گۇ ئەپەندى ھەمىشە ئۇنى چاقىرىپ كېلىپ مۇڭدىشىپ
يۇرتىنىڭ ئەھۋالىنى سورايتتى. مەلۇم 9 ئېغىزلىق ئۆي، مەلۇم بۇتخانا ھازىرمۇ بارمۇ-يوق؟ مەلۇم مويسىپىت ھازىرمۇ ھاياتمۇ، دېگەنلەرنى سورايتتى. ئېرىشكەن جاۋاپلارنىڭ تولىسى «يوق»، «ئۆلدى» بولۇپ چىقاتتى. گۇ ئەپەندى ھەر بىر ئاڭلىغاندا بېشىنى چايقىغىنىچە ئۇزۇن ئۇھ تارتاتتى. شياۋچۈ پاراڭلىشىشقا ماھىر بولمىغان بىلەن ئەمما شاخمات ئۇرۇقى تۇتۇشقا  ماھىر ئىدى، قورشاۋ شاخماتنى ئوبدان ئوينايتتى، ئاۋال شۈ سەنبەي ئۇنىڭغا ئۇتتۇردى، كېيىن ئۆزىنى «ئىشتىن سىرتقى 3-دەرىجىلىك ماھىر» دەپ ئاتىۋالغان گۇ ئەپەندىمۇ ئۇنىڭغا ئۇتتۇردى. بالىغا ئۇتتۇرغان گۇ ئەپەندى شياۋچۈنىڭ قولىنى تۇتۇپ:
   - قولۇڭنىڭ ئامىتى باركەن، ئەسلى ھوقۇق تۇتىدىغان قول ، شۇغىنىسى  بۇ قولغا بولقا، گۈرجەكتىن باشقىسى چىقماپتۇ، ئەپسۇس، ئەپسۇس...-دېدى.
   بىر قېتىم گۇ ئەپەندى شياۋسۈي بىلەن شاخمات ئويناۋاتقاندا خۇڭ سۇشوۋ بىر چەتتە ئولتۇرۇپ بوشقىنە قالۇن چالدى. مۇزىكا ئاخىرلاشقاندا گۇ ئەپەندى شياۋچۈگە دېدى:
   - بۇ بالا ئەزەلدىن سىرتتىكىلەرگە مۇزىكا چېلىپ بەرمەيتتى، پەقەت سەنلا بۇنىڭ سىرتىدا. قارىغاندا سېنىڭ قۇلىقىڭنىڭمۇ تەلىيى باركەن جۇمۇ.
   - مەن بىر تومپاي، ماڭا مۇزىكا چېلىپ بەرگەنلىك كالىغا مۇزىكا چېلىپ بەرگەنگە ئوخشاش،- دېدى شياۋچۈ.
   - سىز كالا بولمىسىڭىز كالىنىڭ مۇزىكا چۈشەنمەيدىغىنىنى قانداق بىلىسىز؟- دېدى خۇڭ سۇشوۋ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ گۇ ئەپەندى، شياۋچۈ ۋە ياندا جىممىدە شاخمات كۆرۈپ ئولتۇرغان شۈ سەنبەيلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. شياۋچۈ كەتكەندىن كېيىن ئۇ خۇڭ سۇشوۋنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىختىيارسىز سورىدى:
   - سىز نىمىشقا دائىم ئاۋۇ شياۋچۈنىڭ ئالدىدا ئېچىلىپ كېتىسىز؟
   - ئۇنىڭ كۈلگەن ھالىتى دادامنىڭ ياش ۋاقتىغا بەك ئوخشايدىكەن،- دېدى خۇڭ سۇشوۋ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ.
   «3- ھەپتىسى»نى بېرىۋاتقان ئەشۇ كۈنى گۇ ئەپەندى سازنى ئېلىپ يەنە تاڭ خۇجايىننىڭ ئۆيىگە كەلدى. گۇ ئەپەندى ساز چېلىۋاتقاندا تاڭ ئەپەندى تۇساتتىن ئورنىدىن تۇرۇپ تېلېفۇن قوبۇل قىلغىلى چىقىپ كەتتى، گۇ ئەپەندى تاڭ شۈجىنىڭ روھىغا ئاتاپ داۋاملىق چېلىۋەردى. بۇ دۇنيالىقتا گۇ ئەپەندىنىڭ بىر يېرىم سىردىشى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ بىرسى ئاكىسى گۇ يۈ، ئۆلگەندىن كېيىن سىردىشى بولماي قالدى؛ يەنە يېرىمى بولسا ئۆلگىلى ئۇزۇن بولمىغان تاڭ شۈجى ئىدى. تاڭ خۇجايىنغا كەلسەك، ئۇ يېرىم سىرداشمۇ بولالمايتتى. ھازىر گۇ ئەپەندى يالغۇز مەرھۇم ئۈچۈنلا چالماي ئۆزى ئۈچۈنمۇ چېلىۋاتاتتى. بىر مۇزىكىنى چېلىپ بولغاندىن كېيىن كۆزىنى كىچىككىنە يۇمىۋالدى. تاڭ خۇجايىن تېلېفۇندا سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ سورىدى:
-        چېلىپ بولدىڭىز؟
-        ھەئە،- دېدى گۇ ئەپەندى.
    - ئاڭلىسام بىر قىز شاگىرتىڭىز باركەن، سازنى بەك ئوبدان چالىدۇ دەيدۇ، راستمۇ؟- سورىدى تاڭ خۇجايىن تۇساتتىن.
   - راست،- دېدى گۇ ئەپەندى بىرئاز مەڭدەپ قېلىپ.
   - ئەمىسە بۇندىن كېيىن ئۇ قىزنى باشلاپ كېلىپ بىرلىكتە چېلىڭلار،- دېدى تاڭ خۇجايىن.
   - ئۇ مېنىڭ سارىيىمدىن ئايرىلسىلا مۇزىكا چالالمايدۇ،- دېدى گۇ ئەپەندى.
  مۇشۇ يىللاردىمۇ ئەشۇنداق ئوبدان قىز بارمۇ؟ ئۇنداق بولسا سارىيىڭىزغا بېرىپ كۆرۈپ باقسام بولغۇدەك،- دېدى تاڭ خۇجايىن.
   تاڭ خۇجايىن راستىنلا كەلدى. ئۇ كەچلىك تاماقتىن كېيىن كەلگەن ئىدى، بەدىنى گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ تۇراتتى.
   بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ئۇ بىر نەچچە مېھمانغا ھەمرا بولۇپ KTVنىڭ ئايرىمخانىسىدا ئىچىشكەن ئىدى. ئۇ ھاراقنى بولىشىغا ئىچىپ مۇزىكا قوينىدا سەرخۇش لەيلىدى. بىر نەچچە قىزنىڭ قولى ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالغان بولسىمۇ ئۇ پەرۋا قىلماي لەيلەيتتى. ئۇ ھەر بىر ناخشا ئوقىغان قىزغا قىزغىن چاۋاك بىلەن ئالقىش ياڭرىتاتتى ھەمدە ھەر بىرسىگە مىڭ كوي بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلاتتى. قىزلار خۇشاللىقىدىن ساراڭ بولۇپ ئۇنىڭ تاقىر بېشىغا چىڭ بېسىپ سۆيەتتى. ئۇ ئايرىمخانىنىڭ ئىچىدە خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇخلاپ كەتتى، مەسلىكى يېشىلگەندىن كېيىن خېنىملارغا تارقىتىدىغان مىڭ كوي پۇلنىڭ گېپىنى قايتا تىلغا ئالمىدى. پۇل تۆلەيدىغان ۋاقىتتا خېنىملار ئۇنى قورشىۋېلىپ چۇۋۇلدىشىپ كەتتى. تاڭ خۇجايىن ئۇلارغا شۇنداق جاۋاپ بەردى:
   - سىلەر ناخشا ئېيتىپ مېنىڭ قۇلىقىمنى خوش قىلدىڭلار، مەن «مىڭ كويدىن  پۇل بېرىمەن» دەپ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى خوش قىلدىم، ئۆزئارا خالاس بولۇشتۇق ئەمەسمۇ.
خېنىملارنىڭ ھەرقايسىسى 300 كويدىن چاي پۇلى ئالغاندىن كېيىن تۇمشۇقىنى ئۇچلىغان ھالدا:
   - تاڭ خۇجايىننىڭ گېپى ناخشىدىنمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدىكەن،- دېيىشتى.
   تاڭ خۇجايىن شۇ پېتى بىر كۈيگە ئىسقىرتقىنىچە مەست پېتى يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ كۆرمەكچى بولغان ئادىمى خۇڭ سۇشوۋ ئىدى. ئۇ خۇڭ سۇشوۋنى ئەشۇ بەزمىخانا خېنىملىرىغا ئوخشىتىپ قالغان چېغىۋا.
   - قانداق مۇزىكىنى چالالايسىز؟- سورىدى تاڭ خۇجايىن خۇڭ سۇشوۋدىن.
   خۇڭ سۇشوۋ ئۈندىمىدى.
   گۇ ئەپەندى سەل تېرىككەن ھالدا:
-        ماڭا «ھاراق مەستانىسى» دېگەن مۇزىكىنى چېلىپ بېرىڭ،- دېدى.
   - بىلمەيمەن،- دېدى خۇڭ سۇشوۋ.
   - شياۋچۈدەك سەھرالىقلارغا چېلىپ بېرىشنى بىلىدىكەنسىز، نىمىشقا تاڭ خۇجايىنغا چېلىپ بەرمەيسىز؟- دېدى شۈ سەنبەي بىر چەتتە پاساڭ قىستۇرۇپ.
   بۇ گەپ تاڭ خۇجايىننى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋەتتى.
   گۇ ئەپەندى دەرھال ئارىغا چۈشۈپ سالا قىلدى:
   - بۇ بالا، راستىنلا تاشتىنمۇ جاھىل، تېخى تاشتەك قىرى بار. قاراڭ، مەن تۇرساممۇ ئۈندىمىگىنىنى.
   تاڭ خۇجايىن يوغان قولىنى شىلتىغىنىچە:
-        مەن پۇل بەرسەممۇ چالمامسىز؟- دېدى.
   بۇ چاغدا تاڭ خۇجايىننىڭ بەدىنىدىكى ھاراق پۇرىقى شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كەلدى، خۇڭ سۇشوۋ پەقەتلا چىدىيالماي بۇرنىنى ئېتىۋالدى. تاڭ خۇجايىن تۇساتتىن ۋارقىرىدى:
   - نېمە؟ سىز بەدىنىمدىكى ھاراق پۇرىقىدىن سەسكىنىۋاتامسىز؟ سازچىلار ئۆزىنى بەك پاك چاغلايدىكەن تېخى، ئاناڭنى، قائىدەڭلەر نېمانداق كۆپ.
   ئاندىن ئۇ ئالدىغا بىر قەدەم قىستاپ كېلىپ خۇڭ سۇشوۋنىڭ بۇرنىنى تۇتىۋالغان قولىنى ئاجرىتىۋەتتى. بۇ قېتىم خۇڭ سۇشوۋ ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋېلىپ يىغلاپ كەتتى. شۈ سەنبەي ئۇنىڭ قېشىدا ئۆرە تۇرغىنىچە قورققىنىدىن يەنە گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، ئەمدى ئۇ ياندا تۇرۇپ شاخمات كۆرىۋاتقان پەدىسىدە شۈكلەپ كەتكەن ئىدى. گۇ ئەپەندى بۇ مەنزىرىگە چىداپ بولالماي خۇڭ سۇشوۋغا بىر ئېغىز كايىدى. تاڭ خۇجايىن يەنە بىر قېتىم ئەزۋەيلەپ قولۇڭنى ئاجرىتىۋەت، دەپ بۇيرۇق قىلدى. خۇڭ سۇشوۋ بىر دەم ھاڭۋېقىپ قالدى-دە، ئاندىن تۇساتتىن ئورنىدىن تۇرۇپ بىر  كىچىك ساپال ئىسرىقداننى قولىغا ئېلىپ تاڭ خۇجايىننىڭ پىشانىسىگە قارىتىپ ئاتتى. بۇ زەربە تاڭ خۇجايىننى ئوبدانلا سەگىتىپ قويدى، ئۇ يۈزىدىكى ئىسسىق قاننى تۇتقىنىچە غەزەپلىنىپ دەرھال قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلاندى. گۇ ئەپەندى بىر قەدەم ئالدىغا ئۆتۈپ خۇڭ سۇشوۋنىڭ ئالدىغا كەلدى-دە ئۇنىڭ بىر قۇلىقىدىن تارتتى. بىراق، تاڭ خۇجايىن بۇنىڭغا بولدى قىلماي ئىسرىقداننى ئاتماق بولۇپ ئېگىز كۆتۈردى. بۇ چاغدا، شياۋچۈ سىرىتتىن شامالدەك ئېتىلىپ كىرگىنىچە تاڭ خۇجايىننىڭ ئىڭىكىگە بىر مۇشت سېلىپ ئۇنى دەلدەڭشىتىۋەتتى. ئۆينىڭ ئىچى شۇ ھامان غەلۋە- غەۋغاغا تولدى. گۇ ئەپەندى تاڭ خۇجايىنغا تەسەللى بېرىۋاتقاندا، شياۋچۈ خۇڭ سۇشوۋنىڭ قولىدىن تارتقىنىچە ئۇنى سارايدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
   شۇندىن كېيىن، خۇڭ سۇشوۋ قايتا ساراينىڭ بوسۇغىسىدىن پۇت ئاتلىمىدى.
3
   شۈ سەنبەينىڭ خۇڭ سۇشوۋ بىلەن ئالاقىلىشىشى بىر يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى. ئۇ كۈنى ئۇ تاسادىپ ھالدا توردىن «ئاددى كىيىنگەن ئاق ياقىلىق» ئىسىملىك بىر قىزنىڭ بلوگىنى ئۇچرىتىپ قالدى، ئۇنىڭغا ئۇنىڭ كىچىك چېغىدىكى ساز چېلىشنى ئۆگەنگەن تەسىراتى يېزىلغان ئىدى، يەنە بىر نەچچە پارچە كۈندىلىك خاتىرىمۇ بار بولۇپ كۈندىلىك خىزمەت ۋە ۋاقىتلىق ئولتۇرۇپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ زېرىكىشلىك ئىكەنلىگى يېزىلغان ئىدى. شۈ سەنبەي ناھىيىتى تېزلا خەتلەرنىڭ ئارىسىدىن خۇڭ سۇشوۋنىڭ كىچىككىنە ئۇچۇرىغا ئېرىشتى ھەمدە خەت قالدۇرۇپ ئۆزىنىڭ قالۇن مەستانىسى ئىكەنلىكى، تور ئىسمىنىڭ «دۇڭئوۋلىق يىرىك قول»ئىكەنلىكى، «ئاددى كىيىنگەن ئاق ياقىلىق» بىلەن ساز سەنئىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. بىراق ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ ساز چېلىشتىن قول ئۈزگەنلىكى، سازچىدىن دوست تۇتۇشنىمۇ خالىمايدىغانلىقى توغرىلىق جاۋاپ كەلدى، بىر نەچچە قېتىملىق رۇدۇپايدەك چىڭ چاپلىشىۋېلىشتىن كېيىن ئۇ يەنىلا ئىشخانىسىنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى قالدۇردى. شۈ سەنبەي تېلېفۇن قىلىۋېدى، راستىنلا خۇڭ سۇشوۋنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ گۇ ئەپەندىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ بۇ يەرگە كەلگەن ئىدى.
   تۆنۈگۈن كەچتە ئۇلار بالكۇندا ئۇزاق تۇردى، بۈگۈن كەچتە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بارمىغان يېرى قالماي يەنە بۇ يەرگە قايتىپ كەلدى. بىر ياش يىگىت بىر بويتاق قىزنىڭ ئۆيىگە كىرسە ئەسلىدە ھەرقانداق ئىش يۈز بەرمەي قالمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنداق ئىش يۈز بەرمىدى. خۇڭ سۇشوۋ ئارقىسىغا يېنىپ بېرىپ چىراقنى ئۆچۈردى-دە، ئىككى ئورۇندۇقنى يۆتكەپ ئەكەلدى. تۆت ئەتراپ بىر پارچە جىمجىتلىققا پاتتى. بانكا بىناسىنىڭ ئارقا تەرىپى كۆك سىيادەك سايىسىنى ئۇنىڭ مۇزدەك ئەينەك پولات تاختىسىغا تاشلايتتى. ئۇ تۇساتتىن بىر دەرىزىنى كۆرسىتىپ:
   -ئۇ كۈنى مەن بىر ئادەمنىڭ ئاۋۇ دەرىزىدىن چۈشۈپ كەتكىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئۇ ئىنتايىن جىمجىتلا چۈشۈپ كەتتى، بىر ئېغىزمۇ سادا چىقارمىدى، مەن تېخى شامال كىيىمنى ئۇچۇرتىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن،- دېدى. شۇ سەنبەي ئۇنىڭ نىمىشقا تۇيۇقسىز بۇ توغرىلىق سۆزلەپ قالغىنىنى چۈشەنمىدى.
   بىر ئاي بۇرۇن، دەرىزە سۈرتىدىغان بىر تازىلىق ئىشچىسى ئەشۇ يەردىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن نۇرغۇن قان ئېقىپ گۈللۈكنىڭ بىر قىسمىنى بۇلغىۋەتكەن ئىدى. بەزىلەر يەردىكى قان داغلىرىنى سۈرتىۋەتكەن ئىدى. لېكىن بىر ئادەممۇ پاك-پاكىزە تازىلىۋەتمىدى. بىر قىسىم قان داغلىرى تېخىچە ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ساقلىنىپ قالغان ئىدى. دەرىزە سۈرتىدىغان ئىشچى ھايات ۋاقتىسىدا ھېچكىممۇ ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىغا دىققەت قىلمىغان ئىدى، لېكىن ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن كىشىلەر ئاندىن ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھىس قىلىشتى. ئۆلۈمنىڭ سايىسى يەنىلا ئىنتايىن جاھىللىق بىلەن ئۇ يەردە ماكان تۇتۇپ تۇراتتى، ھەتتا كىشىلەر ئۇندىن كېيىن يۈز بەرگەن بىر ئىشنى ئۇنىڭغا باغلىدى. ئىش مۇنداق ئىدى: بىر كۈنى، بانكىنىڭ بىر پىشقەدەم خىزمەتچىسى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئەشۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر پۇتىنى سۇندۇرىۋالدى. كىشىلەر ئۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەتكىلى تۇرغاندا پىشقەدەم خىزمەتچىنىڭ كېلىشمەسلىگى يەنە ئۇ ئىشنى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سالدى. شۇڭا ئۇ ئىشنىڭ قارا سايىسى تەبىئىلا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا كېڭەيگەن ئىدى.
   ھېچكىممۇ ئۇ دەرىزە سۈرتىدىغان ئىشچىنىڭ ئىسىم- فامىلىسىنى بىلمەيتتى، خۇڭ سۇشوۋ پەقەت مەنلا بىلىمەن، ئۇ ھايات ۋاقتىدا تېخى «ئۈمۈچۈك پالۋان» دەپ لەقىمى بار ئىدى، دېدى.
   شۈ سەنبەي ئۇ ساقلىغان ئەشۇ «ئۆمۈچۈك پالۋان» ئويۇنچۇقى ۋە سۈرەتلەرنىڭ ئەشۇ كىشى بىلەن  ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدى. شۇڭا، ئۇنىڭ داۋاملىق سۆزلىشىنى جىمجىت ئاڭلىدى.
   -بىر كۈنى،- دېدى خۇڭ سۇشوۋ ئەسلىمىگە غەرق بولغان تەلەپپۇزدا،- ئوھ، دەرىزىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتىم، ئۇ تۇيۇقسىز ئاسماندىن چۈشتى-دە، ماڭا قاراپ يۈزىنى شەيتانلارچە پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ، ئارقىدىنلا دەرىزەمگە «مەن ئۆمۈچۈك پالۋان» دېگەن 5 خەتنى يازدى. ئەشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا بۆسۈپ كىردى. بىراق، ئويلىمىغان يەردىن«ئۆمۈچۈك پالۋان»نىڭ بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈشىنى چۈشەنمىدىم.
   بۇ گەپنى دەپ بولغاندا خۇڭ سۇشوۋ لاغىلداپ تىترىگىنىچە شۈ سەنبەيگە بۇرۇلۇپ دېدى:
   - ھەر قېتىم بالكۇندىن پەسكە قارىسام بېشىم ئازراق قايىدۇ، بۇ ئېگىزدىن قورقۇش كېسىلىمىدۇ؟
   شۈ سەنبەي ئۇنىڭ ھازىر مەقسەتلىك ھالدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۆزىدىن ئىچ ئاغرىتىش ۋە تەسەللى كۈتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭدا ئېگىزدىن قورقۇش كېسىلى يوق ئىدى، بۇرۇن ئۇلار بىرلىكتە مەلۇم بىر مەنزىرە نۇقتىسىغا ساياھەتكە چىققاندا، ئۇ بىرىنچى بولۇپ پۇلاڭشىپ تۇرغان تۆمۈر زەنجىر كۆۋرۈكتىن ئۆتكەن ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنى ئېگىزدىن قورقۇش كېسىلىگە گىرىپتار بوپتىمەن دەۋاتقان چېغىدا شۈ سەنبەي ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزاتمىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئازابى راست ئىدى. ئۇ ئاڭلىنار- ئاڭلانماس بوش ئاۋازدا شۈ سەنبەيگە ئېيتتى:
   - بىر كۈنى يېرىم كېچىدە بالكۇن ئۈستىدە سالاسۇننى تۇتقىنىمچە ئۆرە تۇراتتىم، تۇساتتىن مەندە رىشاتكىدىن ھالقىپ ئۆتۈش ھېسسىياتى پەيدا بولدى. ياق، مەن ھەرگىزمۇ سەكرىمەكچى ئەمەس ئىدىم، بەلكى «ئۆمۈچۈك پالۋان»غا ئوخشاش تامنى تۇتقىنىمچە ئۇچماقچى ئىدىم.
   ھازىر لاغىلداپ تىترەش نۆۋىتى شۈ سەنبەيگە كەلگەن ئىدى. شۈ سەنبەي ھاڭۋاققىنىچە 7- قەۋەتنىڭ ئاستىدىكى قاراڭغۇلىققا قارىدى. ئۇنىڭ غۇۋا سېزىمىدە ھېلىقى ئوڭدىسىغا ياتقان سايە تۇساتتىن بانكا بىناسىنىڭ گۈللىكى ئىچىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ، سېمۇنت تامدىن ھالقىپ ئۆتۈپ بۇ بىنانىڭ تېمىغا يېپىشقىنىچە بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن ئۇلارغا قاراپ ئۆمىلەپ چىقىۋاتاتتى. شۈ سەنبەي ئىختىيارسىز ھالدا بېشىنى ئۆي ئىچىگە بۇراپ قارىۋېدى، ئۆي ئىچىمۇ بىر پارچە قاپ-قاراڭغۇلۇق ئىدى. ئۇ ئەشۇ تۆمۈر سالاسۇننى چىڭڭىدە تۇتقاندا، تۆمۈرنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاستا-ئاستا ئالقىنىغا سىڭىپ كىرىۋاتقىنىنى ھىس قىلدى. خۇڭ سۇشوۋ ئۇنىڭدىن گېپىمنى ئاڭلىدىڭىزمۇ يوق، دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاپ بەرمەي يەنىلا ئۈن- تىنسىز ھالدا يەردىكى تەكشىلىككە قاراپ قاراڭغۇلۇقتا ئۆزىنىڭ ئېگىزلىكىنى مۆلچەرلىدى. بەزىدە، بىر ئادەمنىڭ قەلبى ئېگىز-پەسلىكتىن خالىي بولالمايدۇ، بۇ خۇددى تەكشىلىك ئۈستىدە كۆرگەن تاش ۋە ياۋا ئوتنىڭ ھەمىشە ئۇنىڭغا ئۇرۇلۇپ ۋە يولىنى تورىۋالغىنىغا ئوخشايدۇ؛ لېكىن، ئۇ مەلۇم ئېگىزلىككە يامىشىپ چىقىپ پەسكە قارىسا تاش بىلەن ياۋا ئوت ئۇنچە چوقچىيىپ كۆرۈنمەي كۆرۈش ئارىلىقى ئۇزارغانسېرى ئاستا-ئاستا بىر غىلتاڭ تەكشىلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ؛ يەنى شۇنداق ئېيتىشقىمۇ بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ قەلبى قانچىلىك ئېگىز- پەس بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىنەزەر، پەقەت ئۇ بەلگىلىك ئېگىزلىكتە تۇرۇپ ئارىلىقنى ئۇزارتسىلا بارلىق ئېگىز- پەسلىك تۈزلىنىپ كېتىدۇ. شۈ سەنبەي مۇشۇنداق ئويلىغان ئىدى.
   - سىز مەستمۇ ياكى سەگەكمۇ،- دېدى خۇڭ سۇشوۋ تۇساتتىن.
   - مەن سەگەك، لېكىن بىر پەدە مۇزىكا چېلىپ بېرىپ مېنى مەست قىلىۋېتىشىڭىزنى بەكمۇ خالايمەن،- دېدى شۈ سەنبەي.
   - ئەتە بولسۇن،- دېدى خۇڭ سۇشوۋ خوشياقمىغان ھالدا.
   - ياق، بۈگۈن بىر پەدە چېلىپ بېرىشىڭىزنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن، ھازىرلا مېھمانخانىغا بېرىپ سازنى ئېپ كېلەي،- دېدى شۈ سەنبەي.
   ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، شۈ سەنبەي سازنى ئېلىپ كەلدى. خۇڭ سۇشوۋ ساز قېپىنى ئاچتى-دە، سازغا قاراپ ئۇنىڭ ئىنتايىن سۈپەتلىك ياسالغان قالۇن ئىكەنلىكىنى بىلدى. يىل تارىخى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەچكە ساز يۈزى  مېيخۇا گۈلى شەكلىدە سىزىلىپ كېتىپتۇ، سازنىڭ تەگلىگىدە تارىختىكى ساقلىغۇچىنىڭ تامغىسى ۋە ساز رىسالىسى بار ئىدى.
  - ئەپەندىم بۇنى ياخشى ياغاچتىن ياسالغان، ياسىغۇچىنىڭ ئىسمىمۇ ئويۇلغان، ئەگەر ئېسىل سازەندىنىڭ قولىغا چۈشۈپ ئەتىۋارلانسا بۇ سازنىڭ بەختى شۇ دېگەن ئىدى،- دېدى شۈ سەنبەي.
   خۇڭ سۇشوۋ بىر كومپيۇتېرنى يۆتكەپ ئېلىۋېتىپ، شېرەنىڭ ئوتتۇرىسىغا كومپيۇتېر ياپقۇچىنى سالدى، ئاندىن قالۇننى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئۇ سازنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بەش يۇلتۇز بەلگىسىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ بېشىنى كۆتۈردى-دە، شۈ سەنبەيگە كۈلۈپ قارىغىنىچە:
   - ئۆزۈمنى كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خەت ئۇرۇۋاتقاندەك سېزىۋاتىمەن،- دېدى. ئۇ بىردەم جىم تۇرىۋالغاندىن كېيىن كوتونى سىناپ كۆردى، ھەقىقەتەن ياخشى سازكەن، ئاۋازىدا بىر خىل چۆكتۈرۈش تۇيغۇسى بار ئىدى. خۇڭ سۇشوۋ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ قولىغا ئازراق ماي سۈرتتى. يەنە بىر سىنىغاندىن كېيىن قولىغا يەنە بىر قېتىم ماي سۈرتتى.
   - ئۇزۇنغىچە چالمىغاچقا بارماقلىرىم تارغا تازا چۈشمەيۋاتىدۇ،- دېدى خۇڭ سۇشوۋ كەمتەرلىك بىلەن. تېخى مۇزىكا رەسمىي باشلانماي تۇرۇپ، شۈ سەنبەي ئىككى قولىنى ئىڭىكىگە تىرىگىنىچە مەست بولۇپ قالدى.
   - قاراڭ سىزنى، يەنە ئەشۇنداق،- دېدى خۇڭ سۇشوۋ دومسايغىنىچە.
   شۈ سەنبەينى ئەپسۇسلاندۇرغىنى، خۇڭ سۇشوۋ ئۇنى مەست قىلىدىغان مۇزىكىنى چالمىدى.
   - سىز كەتكەندىن كېيىن مەن بىر نەچچە قېتىم چېلىپ مەشق قىلىۋالاي،- دېدى خۇڭ سۇشوۋ. شۈ سەنبەي كەتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئولتۇرۇپ، تىغدەك يالغۇز ھالدا ئاستا-ئاستا نەپەس ھەرىكىتىنى تەڭشەپ بىردەمدە ھەممىنى ئۇنتىدى. تار تىترەشكە باشلىدى، ساز گەۋدىسىمۇ تىترىدى، بەدىنى ئىچىدىكى ئەشۇ تارلارمۇ ئاۋازسىز ھالدا ئۇنىڭغا جۆر بولدى.
   شۈ سەنبەي مېھمانخانىغا قايتىپ يۇيۇنۇپ، ئەمدىلا ياتاي دەپ تۇرىشىغا خۇڭ سۇشوۋدىن تېلېفۇن كەلدى. خۇڭ سۇشوۋ تىترەڭگە ئاۋازدا:
   - باياتىن ئولتۇرۇپ ساز مەشق قىلىۋاتسام دەرىزىنىڭ سىرتىدا بىر ئادەم تۇرىدۇ، قولىغا ئارغامچا ئېلىۋاپتۇ، دەرىزىنى چېقىپ كىرىدىغاندەك قىلىدۇ،- دېدى.
   شۈ سەنبەي تېلېفۇننى قويۇپلا ئالدىراپ يېتىپ كەلدى، ئۇ قولىغا بىر سۈپۈرگىنى ئالغان پېتى يۈرەكلىك ھالدا سىرتتىكى بالكۇنغا چىقىۋېدى، بىر يوپكىنى قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدىكىن ئىلىنىپ قاپتۇ، يەنە ئۇنىڭ بەلتاسمىسىمۇ بار بولۇپ شامالدا خۇددى بىر ئارغامچىدەك پۇلاڭلاپ تۇراتتى.
   - ھېچ ئىش يوق، شامالدا چۈشۈپ كەتكەن بىر يوپكىكەن خالاس،- دېدى شۈ سەنبەي ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ بوش مۇتىغان ھالدا، ئۇ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق سۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ تەسەللى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىت قىلغانىدى.
   خۇڭ سۇشوۋ تۇساتتىن كۆزىنى يوغان ئېچىپ سورىدى:
   - سىز بىنادىن چۈشۈپ كەتكەن دەرىزە سۈرتكىچىنىڭ كىملىگىنى بىلەمسىز؟ ئۇ مېنىڭ ئېرىم ھەم سىزنىڭ يۇرتدىشىڭىز شياۋچۈ.
   -ھە،- دېدى شۈ سەنبەي بوشقىنە،- شياۋچۈ ئەسلىدە ئەشۇ «ئۈمۈچۈك پالۋان» لەقەملىك دەرىزە سۈرتۈش ئىشچىسىكەن-دە، ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس، تېمىڭىزغا لىق«ئۆمۈچۈك پالۋان» ئېسىلغان تۇرسا. بۇ ئىشنىڭ باش- ئاخىرىدا ئەجىبا ئازراقمۇ كۈلكىلىك مەنا يوقمىدۇ؟ دۇنيانى قۇتقۇزىدىغان بىر «ئۈمۈچۈك پالۋان» ئۆزىنى قۇتقۇزالماپتۇ دېسە.
   خۇڭ سۇشوۋ يۈزىنى بىر چەتكە قىلىپ تۇيۇقسىز دەۋرەپ كەتكەن كەيپىياتىنى ئاستا- ئاستا تېنچلاندۇردى. ئۇزۇن سۈكۈتتىن كېيىن:
   - قەدىرلىك كىشىلىرىم بىر-بىرلەپ كەتتى، ھازىر ماڭا بىردىن-بىر ئۈمىت بېغىشلايدىغىنى قورسىقىمدىكى مۇنۇ بالا. ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا چوقۇم شۇنداق دەيمەن، ئۇنىڭ دادىسى ھەرگىزمۇ دەرىزە سۈرتۈش ئىشچىسى ئەمەس، بەلكى دۇنيانى قۇتقازغۇچى ئەشۇ «ئۆمۈچۈك پالۋان»،- دېدى خۇڭ سۇشوۋ ھەمدە شۈ سەنبەينىڭ قولىنى تارتىپ ئۇنى سۇس كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان قورسىقىغا تۇتقۇزۇپ:
   - بالىنىڭ مىدىرلىغىنىنى ھىس قىلدىڭىزمۇ؟-دېدى.
   ئۇنىڭ ئىچىدە، مېھرى- مۇھەببەتكە تويۇنغان بالا غەرق ئۇخلاپ ياتاتتى. شۈ سەنبەينىڭ يۈزىگە بىر خىل ھەيرانلىق ھەم خۇشاللىق تېپىپ چىقتى. ئۇ قولىنى ئۇنىڭ قورسىقىدىن ئاجرىتىپ ئېلىپ يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويدى-دە، ئۇزاققىچە گەپ قىلمىدى. خۇڭ سۇشوۋ ئۇنىڭ مەقسىدىنى چۈشىنىپ ئاستا- ئاستا ئولتۇردى-دە، «قەدىناسنى ئەسلەش»كە چالدى. چالە- چالە، گويا ئىلھامى كەلگەندەك بارماقلىرى سۇدا ئۈزگەن بېلىقتەك ئويناپلا كەتتى. شۈ سەنبەي ئۇنىڭ قولىدا بىر قەۋەت ياشتەك پارقىراپ تۇرغان  يۇمران بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى، ئىنتايىن سۈزۈك ئىكەنلىكىنى كۆردى. لېكىن بۇ قېتىم شۈ سەنبەي مەست بولمىدى.
   شۇندىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە شۈ سەنبەي بىر قېتىممۇ كەلمىدى. چۈنكى ئۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شاڭخەينىڭ قەدىمىي چالغۇ ساھەسىدىكى بىر نەچچە كونا خېرىدارلىرى بىلەن كۆرىشىۋالغان ئىدى. بىر كۈنى كەچقۇرۇن شۈ سەنبەي مېھمانخانىغا قايتىپ كەلگەندە ئالدى سۇپىدىكى بىر مۇلازىمەتچى ئۇنىڭغا بىر ئاچقۇچنى بېرىپ بۈگۈن ئەتىگەندە بىر ئايال كېلىپ ئۇ ئاچقۇچنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تاپىلىغانلىقىنى ئېيتتى.
-        ئۇ ئۆزىچۇ؟- سورىدى شۈ سەنبەي.
   - ئۇ پەقەت بىر ئېغىز گەپنىلا قىلدى، تولىمۇ-تولىمۇ يىراق بىر جايغا كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۆيگە بىر نەرسىنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ، ئۇنى ئۆزىڭىز بېرىپ ئېلىۋالىدىكەنسىز،- دېدى مۇلازىمەتچى.
   شۈ سەنبەي ئىلدام مېڭىپ خۇڭ سۇشوۋنىڭ تۇرالغۇسىغا يېتىپ كەلدى. ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن خۇڭ سۇشوۋنىڭ ئاللىقاچان كۆچۈپ كەتكەنلىگىنى بايقىدى. ئۆي ئىچىدە پەقەت بىر شېرە، بىر ئورۇندۇق، بىر كارىۋاتلا قالغان بولۇپ، باشقا جاھازلار يوق ئىدى. ئەشۇ تاق كىشىلىك كارىۋاتنىڭ كىرلىگى ئاپئاق بولۇپ ئازراقمۇ بېسىلغان ۋە پۈرلەشكەن يېرى يوق ئىدى، يوتقان گويا ھازىرلا قاپلانغان كىتاپتەك قىر چىقىرىپ يىغىلغان ئىدى. تامدىكى «ئۆمۈچۈك پالۋان»لارنىڭ بىرسىمۇ كۆرۈنمەيتتى، پەقەت كارىۋات بېشى تەرەپتە يەنىلا بىر پارچە رەسىم چاپلاغلىق بولۇپ رەسىم ئىچىدە ئادەم يوق، پەقەت بىر قالۇن ئۈستىلى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىدە بىر نەچچە قىپ-قىزىل ئېرەن يوپۇرمىقى، ساز ئۈستىلىنىڭ ئارقىسىدا يۈچياۋشەن سارىيىدىكى بىر تۈپ ياپون بانانىنىڭ يوپۇرمىقى بار بولۇپ قىزىل بىلەن يېشىل ئۆزئارا سېلىشتۇرما بولۇپ تۇراتتى. شۈ سەنبەي كۆزىنى يۆتكەپ ئۈستەل ئۈستىدىكى ئۆزى ئېلىپ كەلگەن  كوتوغا قارىدى، ئۇنىڭ ئاستىدا بىر پارچە باغاقچە تۇراتتى، ئۇنىڭغا «شۈ سەنبەي تاپشۇرۇپ ئالسۇن» دەپ يېزىلغان ئىدى. ئۇ پولدا بىر دەم ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئورنىدىن تۇردى-دە، كوتونى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقتى. ئىشىكنى ئېتىشتىن بۇرۇن، قىيالماي يەنە بىر قېتىم ئۆي ئىچىگە قارىۋېدى، بىر دەستە سۇس ھەم سوغۇق نۇر يۇپقا دەرىزە پەردىسىدىن بۆسۈپ كىردى، پۈتۈن ئۆي ئىچى خۇددى ئادەم ئولتۇرۇپ باقمىغاندەك سۆرۈن ئىدى،  ئۇ ھەتتا ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ ئۆزىنىڭ خۇڭ سۇشوۋ بىلەن كۆرۈشكەنلىگىنى بىر مەيدان خىيالىي سېزىممىدۇ، دەپ قالدى.
   يېرىم ئايدىن كېيىن گۇ چياۋ ئەپەندى شاگىرتى شۈ سەنبەي ئەۋەتكەن بىر ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دەرىزە پەردىسىنى تارتتى-دە، لېنتىنى ئۈنئالغۇغا سېلىپ، جىمجىت ئولتۇردى. بىردەم «غىژ-غىژ» ئاۋاز  چىققاندىن كېيىن ئۈنئالغۇدىن يىراقتىن لەرزان كەلگەندەك قالۇن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ خۇڭ سۇشوۋنىڭ قولىنىڭ گاھ كۈچلۈك، گاھ لەرزان يۆتكىلىۋاتقىنىنى غۇۋا كۆردى. ئاستا-ئاستا، ئۇنىڭ قولى ئېقىن سۇغا، ئاندىن تۈتۈنگە ئايلىنىپ لەيلىگىنىچە ئۇزاپ كەتتى.
   بىر مۇزىكا ئاخىرلاشقاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ياش تۆكىۋاتقىنىنى، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە جىمجىت يىغلاۋاتقىنىنى كۆردى.
   
   «ھېكايىلەردىن تاللانما»(小说选刊) ژورنىلىنىڭ 2003- يىللىق 1- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-12 11:24  


79032_20120407164814765200_1.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-12 12:18:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇغا قاراپلا «كۆل بويىدىكى ئەما قىز» ئىسىمگە كەلگەنىدى، ئوقۇغاندىن كېيىن تەرجىمە سۈپىتىڭىزگە يەنىمۇ قايىل بولدۇم.

ۋاقتى: 2015-10-12 16:32:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزنىڭ بەرىكىتىنى كۆرگەيسىز!

ۋاقتى: 2015-10-12 20:07:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەرجۇلا ئەپەندىم نىڭ يېقىندىن بىرى تىرىشچانلىغى خېلى يۇقۇرى.

ۋاقتى: 2015-10-12 22:39:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2015-10-13 11:19:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلانىڭ جۇلاسى جىددى جۇلاناماقتا . تەرجىمە ئېجادىيىتىڭىز يەنىۇ  بەرىكەتلىك بولسۇن

ۋاقتى: 2015-10-13 18:15:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېرىم ئايدىن كېيىن گۇ چياۋ ئەپەندى شاگىرتى شۈ سەنبەي ئەۋەتكەن بىر ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دەرىزە پەردىسىنى تارتتى-دە، لېنتىنى ئۈنئالغۇغا سېلىپ، جىمجىت ئولتۇردى. بىردەم «غىژ-غىژ» ئاۋاز  چىققاندىن كېيىن ئۈنئالغۇدىن يىراقتىن لەرزان كەلگەندەك قالۇن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ خۇڭ سۇشوۋنىڭ قولىنىڭ گاھ كۈچلۈك، گاھ لەرزان يۆتكىلىۋاتقىنىنى غۇۋا كۆردى. ئاستا-ئاستا، ئۇنىڭ قولى ئېقىن سۇغا، ئاندىن تۈتۈنگە ئايلىنىپ لەيلىگىنىچە ئۇزاپ كەتتى.
   بىر مۇزىكا ئاخىرلاشقاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ياش تۆكىۋاتقىنىنى، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە جىمجىت يىغلاۋاتقىنىنى كۆردى.


ھېكايە ئاجايىپ چىرايلىق ئاخىرلاشقانكەن .
تەرجىمانىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش