روزى سايىت (1944-2001) خوتەندە تۇغۇلغان.1958-يىلىغىچە خوتەندە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1962-يىلى خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1973-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خوتەندە ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1980-يىلىدىن باشلاپ، «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا مۇھەررىرلىك قىلغان.
روزى سايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1973-يىلى باشلانغان. «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى»، «بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن»، «مەرھابا»، «مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار» قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. دېھقانلار تېمىسىدا يازغان بىر تۈ*ركۈم شېئىرلىرى ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئېلىنىپ، «دېھقان بولماق تەس» دېگەن نامدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» ( 2 توم ) دېگەن نامدا ئۇنىڭ بىر تۈ*ركۈم شېئىرلىرىنى نەشر قىلغان. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەت ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، ئۆزىمۇ بىر قانچە قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان.