بۈزۆھرە تۇرۇپ سەھەر
شامالنىڭ گۈللىرى ئىچىلارمۇ دەپ،
پەنجىرە ئاراسى گىرۋەكلىرىدە.
سېغىنىش گۈللەردەك پورەك- پورەكتۇر،
سەھەرنىڭ «لىققىدە» ئىتەكلىرىدە،
مەجنۇن دەرەخلەر، مەجنۇندۇر گۈللەر،
ياپراققا توقۇلغان چىلتەكلىرىدە.
شامالغا تىكىلەر سەھەرنىڭ كۆزى،
چاڭباسقان تەمبۇردىن كۈي سىرغىغاندا.
قۇشلارمۇ سۆزلەيدۇ رىۋايىتىنى،
ھىلال ئاي بۇلاققا كۆز تاشلىغاندا،
كەلمىسەڭ شامالىم چىچىمنى تاراپ،
سەھەرنىڭ باغرىدۇر، باغرىدۇر يارا.
گۈل بەرگى چېچىلدى كىلەر يولۇڭغا،
كۆك يانتاق شېخىدا سەكپارە تورغاي.
مەجنۇنتال سوزۇلار سۇنىڭ لېۋىگە،
بىقارار سەھەر ھەم ساڭا بىقارار،
كەلگىنە شامالىم گۇگۇمنى قايرىپ،
تولۇنئاي يۈزىدىن جاھان بولسۇن لال.
تەنھا بىر كىيىكمەن چۆللەردە مىسكىن،
ئايىقىم ئاستىدا تاشلارمۇ تالقان.
سەن سۆيگەن ياپراقتەك تىترەر يۈرۈكۈم،
مىڭ خەنجەر باغرىمغا قادىلىپ تۇرغان.
كەلمىسەڭ شامالىم باغرىڭنى ئىچىپ،
ھىجراننىڭ مېنىڭدە قالغىنى قالغان.
يۇلتۇزلۇق ئاسماننى قارا باسقاندا،
گۈلزارغا يىيىلار بۇلبۇلنىڭ زارى.
ئالتۇن چاچ قۇياشمۇ كۆرسەتمەيدۇ يۈز،
يىشىلمەي سەھەردىن تۈننىڭ لىباسى،
كەلگىنە شامالىم سۆيۈشەيلى بىز،
زىمىننى پۈركىسۇن سۆيگۈ زىياسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-11 01:47