يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 374|ئىنكاس: 2

ئىلھام مۇھەممەد: زۇلمەتتىن غالىپ كەلگەن ئەدىبلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-10 18:15:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                زۇلمەتتىن غالىپ كەلگەن ئەدىبلەر

                                             ئىلھام مۇھەممەد

   دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۈچ قوشقان بىر تۈركۈم قەيسەر ئەما ئەدىبلەر مەيدانغا كەلگەن. ئۇلار ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ زور جاسارىتى، قەيسەر روھى بىلەن ھايات مۇساپىسىدە دۇچ كەلگەن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئېغىر ئازاب، زەربە ۋە مەغلۇبىيەتلەر ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن. ئۆزى قاراڭغۇلۇقتا ياشاپ تۇرۇپمۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىجادىيەت تالانتىنى نامايەن قىلىپ، ئىنسانلارغا قەلب نۇرى(روھىي جەھەتتىكى يورۇقلۇق) ئاتا قىلىپ، دۇنيا ئەدەبىياتى خەزىنىسىدە تەۋرەنمەس ئورۇنغا ئىگە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، دۇنياغا ئەدبىياتى تارىخىدا تەڭداشسىز قەيسەر، ئۈمىدۋار ئەدىبلەرگە ئايلانغان.   
ھومېر
  ھومېر گرېتسىيە(قەدىمكى يۇنان) نىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-، 9- ئەسىردە ياشىغان ئەما شائىرى. ياۋروپا ئەدەبىياتى تارىخىدا دۇنيا جامائەتچىلىكى ئېتىراپ قىلغان ئەڭ دەسلەپكى ئۇلۇغ ئەسەر «ئىلىيادا» («ئىل بوۋاينىڭ قوشاقلىرى») ۋە «ئودېسسا» («ئودېسسا ھەققىدە ھېكايە») ناملىق ئىپوسلارنىڭ ئاپتورى. ھومېرنىڭ ھاياتىغا ئائىت ھەقىقىي ماتېرىياللار كەمچىل. قەدىمكى يۇناننىڭ «تارىخ ئاتىسى» ھېرودوت بىلەن كېيىنكى بىر قانچە پەيلاسوپ ۋە تارىخشۇناسلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ھومېرنىڭ مەزكۇر ئىپوسلارنىڭ ئاپتورى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ داستانلىرىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى تەسەۋۋۇر قىلىش قابىليىتى ھومېرنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا ئەما بولماستىن، بەلكى كېيىن ئەما بولۇپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ھومېر ياشىغان دەۋر گرېتسىيەنىڭ ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى يىمىرلىپ، قۇللۇق تۈزۈم شەكىللىنىشكە باشلىغان ئاتالمىش «قەھرىمانلىق دەۋرى» ئىدى. تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن قەدىمكى خەلق قوشاقلىرى، ئەپسانىلەر بىلەن قەھرىمانلار ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ھومېر داستانلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ئاساسىي مەنبەدۇر. بۇ ئىككى داستان جەمئىي 28 مىڭ مىسرا بولۇپ، داستاندىكى ۋەقەلەر يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئىككى داستان يېزىلغان. «ئىلىيادا»داستانىدا مىلادىدىن بۇرۇنقى 12- ئەسىردىكى ترويا ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، شۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ 10- يىلىدىكى 20 كۈنلۈك ۋەقە مەركەزلىك ھالدا قايتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، بۇ ئارقىلىق قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ ھەق-ناھەق قارىشى، ئەخلاق قارىشى، ۋەتەنپەرۋەرلىكى ئىپادىلەنگەن. «ئودېسسا» داستانىدا ترويا ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن يۇنان قەھرىمانلىرىنىڭ ۋەتىنىگە قايتىش جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى ھېكايە قىلىنىپ، قەدىمكى يۇنان خەلقىنىڭ ئەقىل- پاراسەت ۋە باتۇرلۇق بىلەن تەبىئەتنىڭ ھەر خىل تەھدىتى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ۋە ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتەك تولۇپ تاشقان مىللىي روھى، شۇنداقلا غەلىبە قىلمىغىچە توختىمايدىغان چەكسىز كۈچ- قۇدرىتى نامايان قىلىنغان. ھومېرنىڭ بۇ ئىككى داستانىنىڭ كۆلىمى زور، تىلى پۇختا، تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق بولۇپ، خۇددى يۇنان ئەپسانىلىرىگە ئوخشاش مەڭگۈلۈك سېھرىي كۈچكە ۋە يۇقۇرى بىلىم قىممىتىگە ئىگە. شۇڭا نۇرغۇنلىغان ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھومېر داستانلىرى ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتى ئۈچۈن مۇھىم مەنبە بولغان ۋە كېيىنكىلەرگە يۈكسەك ئابىدە تىكلەپ بەرگەن.
ئەھمەد مەھمۇد يۈكنەكى  
قاراخانىيلار ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۈيۈك مۇتەپەككۇر، ئىجتىھاتلىق شائىر ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكىنىڭ نامى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدا «ئەڭ جاسارەتلىك شائىر» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەلمەكتە. شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىگە دائىر ماتېرىياللار كەمچىل. ئۇنىڭ دەۋرىمىزگە «ئەتەبەتۇلھەقايىق»(«ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى») ناملىق داستانى يېتىپ كەلگەن. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەدىبنىڭ ئىسمى ئەھمەد، دادىسىنىڭ ئىسمى مەھمۇد بولۇپ، ئەينى زاماندا غەربىي قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ مەركىزى سەمەرقەند ئەتراپىغا جايلاشقان يۈكنەك شەھەرىدە تۇغۇلغانلىقى، شۇنداقلا ئەدىبنىڭ تۇغما ئەما ئىكەنلىكى مەلۇم. «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىنى كۆچۈرگۈچى ئىسمى نامەلۇم مۇئەللىپنىڭ «تۇغما كۆرمەس ئىدى ئەدىبنىڭ كۆزى، تامام بولدى ئون تۆت باب ئىچرە سۆزى»(142- بىيىت) دېگەن ئىلاۋەسى بىلەن داستاندىكى ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ چوڭقۇرلىقى، تەسەۋۋۇرنىڭ كۈچلۈك بولىشىدەك ئالاھىدىلىكلەردىن شائىرنىڭ تۇغما ئەما ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئىككى كۆزى تۇغما ئەما، ئۆمۈرىنى تۆۋەن تەبىقىدىكى خەلق ئارىسىدا ئۆتكۈزگەن ئەھمەد يۈكنەكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ زور ئىجتىھاتى بىلەن ئۆزى ياشىغان دەۋردىكى جەمئىيەت ئەھۋالىنى «كۆڭۈل كۆزى» بىلەن ئىنچىكە كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ييىمىرلىشكە، ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقى ۋە ئۇنىڭ تۈپ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. رېئاللىقتا مەۋجۇت تۈرلۈك زىددىيەت- كۈرەشلەرنى ھەل قىلىشنى ۋەتەن،خەلقى ئالدىدىكى مۇقەددەس بۇرچى دەپ قاراپ، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئىلغارلىققا، تەرەققىيپەرۋەرلىككە ئىگە، پەلسەپىۋى، ئەخلاقىي قاراشلار ئوبرازلىق شېئىرىي تىل بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىنى يېزىپ چىققان. تەتقىقاتلاردىن مەلۇمكى،  «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانى ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ئېيتىپ بېرىشى بىلەن نامەلۇم بىر كاتىپنىڭ قەلەم تەۋرىتىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇ ئەسەر تۈزۈلىشى جەھەتتە 14 باب، 484 مىسرا(باشقىلار تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان ئۈچ پارچە شېئىرنى قوشقاندا ھەممىسى 153 كۇپلىت، 512 مىسرا) شېئىردىن تەركىپ تاپقان دىداكتىك داستان. ئالدىنقى بەش باب 11 بوغۇمدىن تۈزۈكگەن غەزەل شەكلىدە، كېيىنكى توققۇز باب 11 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن مۇرەببە(1-،2-،4- مىسرالىرى قاپىيداش بولۇپ كەلگەن تۆتلۈك) شەكلىدە، ئارۇز ۋەزىننىڭ مۇتەقارىپ بەھرىدە، ئەھمەد يۈكنەكى تەرپلىگەن «قەشقەر تىلى» بىلەن يېزىلغان. داستاننىڭ تىلىدا ئپادىلەنگەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن چاغاتاي تىلىنىڭ ئارىلاش ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئاساسلانغاندا، ئەدىبنىڭ ياشىغان ۋاقتى ھەم داستاننىڭ يېزىلغان ۋاقتى 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ھازىر بۇ ئەسەرنىڭ بەش خىل نۇسخىسى مەلۇم بولدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغىنى ئۈچ خىل نۇسخا، ئىككى پارچىسى تولۇقسىز نۇسخا بولۇپ، ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئەنقەرە كۇتۇپخانىسى بىلەن بېرلىندىكى تۈرك- ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرى بۆلۈمىدە ساقلانماقتا. «ئەتەبەتۇلھەقايىق»داستانى ئىدىيىۋى مەزمۇنى، يېزىلىش ئۇسلۇبى ۋە بەدىئىي قىممىتى جەھەتتە مۇۋەپپەقىيىتى زور ئەسەردۇر. داستاندا تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە 11 چوڭ مەسىلە دەۋر قىلىنىپ يېشىپ چۈشەندۈرۈلگەن. ئاپتور يۈكسەك بەدئىي ماھارەت، كۈچلۈك لىرىك ھېسسىيات، ئوبرازلىق شېئىرىي تىل ئارقىلىق ئىلىم- مەرىپەتنى، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشقان كىشىلەرنى، مەردلىك، ئادىللىق، كەمتەرلىك، كەڭ قورساقلىق، سەۋرىچانلىق، مۇلايىملىققا ئوخشاش ئىنسانىي خىسلەتلەرنى يۈكسەك ماھارەت بىلەن قىزغىن مەدھىلەيدۇ؛ بىلىمسىزلىك، نادانلىق، جاھىللىق، خەسىسلىك، ئاچكۆزلۈك، تەكەببۇرلۇق، يالغانچىلىق، كۆرەلمەسلىك قاتارلىق يامان ئىللەتلەرنى قاتتىق ئەيىپلەپ، ئۆتكۈر يۇمۇرستىك تىل بىلەن مەسخىرە قىلىدۇ. بۇخىل يامان ئىللەتلەرنىڭ ئاقىۋىتى، زىيىنىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، كىشىلەرنى ھايات بوستانىغا مەرىپەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، گۈزەللىك مېۋىلىرىنى يېتىشتۈرشكە، ئۆمۈر بوستانىنى ئەخلاق چىمەنزارى بىلەن بېزەشكە ئۈندەيدۇ. يىغىپ ئېيىتقاندا،«ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانى ئىدىيىۋى مەزمۇنى، يېزىلىش ئۇسلۇبى، تىل گۈزەللىكى ۋە رېئال ئەھمىيىتى جەھەتلەردە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدا«ئوغۇزنامە»، «قۇتادغۇ بىلىك»كە ئوخشاش ئېسىل ئەسەرلەردىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن دۇنياۋى نادىر ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالسا، مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئەمگەك مېۋىسىنى يارتقان ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدا تۇتقان ئورنى ۋە رولى دۇنياۋى ئۇلۇغ ئالىم- ئەدىپلىرىمىز قاتارىدا مەشھۇردۇر.
جون مىلتون                                                        
  جون مىلتون(1608-1674) 17- ئەسىردىكى ئەنگىلىيە ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئۇلۇغ يازغۇچى، شۇنداقلا ئەنگىلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ئىشلىرى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان قەيسەر جەڭچى، ئۇ مۆتىۋەر ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. 1648- يىلى ئەنگىلىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارلامېت ئەزالىقىغا سايلانغان، كرومۋېل ھاكىميەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە لاتىن يېزىقى بىلەن ئىشلەيدىغان كاتىپ (تەشۋىقات مىنىستىرلىقىگە تەڭ ۋەزىپە) بولۇپ، بىر مۇنچە كىتابلارنى يازغان. «پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىدە خەلق ئاممىسىدا زالىم پادىشاھلارنى پادىشاھلىقتىن ئېلىپ تاشلاش ياكى يوقۇتىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. مىلتون ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيىتى سىياسىي ئوبزور خاراكتېرلىك نەسىرلەر بولۇپ، ئۇ لاتىن يېزىقى بىلەن «ئەنگىلىيەلىكلەرنى رەسمىي ئاقلايدىغان ماقالە» (1650-1654) ۋە 20 پارچىدەك سۇنت يازغان. بۇ ماقالىنى يېزىۋاتقاندا بەختكە قارشى كۆز ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى كۈن سايىن ئاجىزلاشقان، باشقىلار ئۇنى سالامەتلىكىنى ئاسراشقا دەۋەت قىلغاندا، ئۇ قەيسەرلىك بىلەن: «مەن كۆز نۇرۇمنى ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان قىلىشنى خالايمەن» دېگەن. ماقالىنى يېزىپ بولغاندا، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئەما بولۇپ قالغان. شائىر نامراتلىقنىڭ ۋە روھىي ئازابىنىڭ دەردىنى يەتكىچە تاراتقان بولسىمۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ئىنقىلابى كۈرەشنى توختىتىپ قويمىغان، قەدىناس يۇرتىغا قايتىپ غۇربەتچىلىتە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئەكسىيەتچىلەر ئۇنى «قارغۇ بولۇپ ئاجىزلاشى» دەپ قاراپ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلمىغان. شائىر قەيسەر ئىرادە، تەۋرەنمەس روھ بىلەن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، قىزلىرى ۋە دوستلىرىغا ئاغزاكى ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق پۈتۈن ھاياتىدا يازغان ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل، ئۆلمەس ئىككى چوڭ داستان ۋە بىر تىراگىدىيەسىنى «ئىنجىل» ھېكايىلىرى ۋە تىلى بىلەن تاماملىغان. 1667- يىلى مىلتوننىڭ «ئەنگىلىيەنىڭ تارىخىي داستانى» دەپ مەشھۇرلانغان ۋەكىللىك ئەسىرى − «جەننەتتىن ئايرىلىپ قېلىش» ئېلان قىلىنغان. شائىر ئۆزىنىڭ 12توم، 10 مىڭ مىسرادىن ئاشىدىغان بۇ داستانىنى 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ يازغان. «جەننەتكە قايتا ئېرىشىش»شائىرنىڭ خەلقنى تەربىيىلەشنى ئاساسىي تېما قىلغان يەنە بىر مۇھىم داستانى. «پالۋان سانسېن»(1671) ناملىق تىراگېدىيەسى شائىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇھىم ئەسىرى بولۇپ، كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان شائىر بۇ ئەسىرىدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى قەلبىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
خېلىن كېللېر
خېلىن كېللېر (1880-1968) 20- ئەسىردىكى تەڭداشسىز قەيسەرلىكى، ئۈمىدۋارلىقى، مېھىر- شەپقەتلىكى بىلەن دۇنيانى لەرزىگە سالغان، ئۆزى قاراڭغۇلۇقتا ياشاپ تۇرۇپمۇ ئىنسانلارغا قەلب نۇرى(روھىي جەھەتتىكى يورۇقلۇق) بەخش ئەتكەن ئايال. خېلىن كېللېر 1880-يىلى 6-ئاينىڭ 27- كۈنى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئالاباما ئىشتاتىنىڭ تۇسكۇمبىيە بازىرىدا تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفېتسىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئاتا- ئانىسىنىڭ تۇنجى پەرزەنتى بولغان خېلىن كېللېر 19 ئايلىق بولغاندا بىر قېتىمقى قاتتىق قىزىتما تۈپەيلى كۆرۈش، ئاڭلاش سەزگۈسىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنىڭ دۇنياسىنى پۈتۈنلەي قاراڭغۇلۇق ۋە جىمجىتلىق قاپلايدۇ. ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى ئاننى سۇللىۋان خانىمنىڭ ئەمالار يېزىقىنى ئۆگىتىشى بىلەن خېللىن ئوقۇش، يېزىش، ھېسابلاشنى ھەم قول ئىشارىسى ئارقىلىق سۆزلەش، يەنى مەقسەتنى ئىپادىلەشنى ئۆگىنىپ، بىلىمسىزلىك، قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇپ، دۇنيانى يېڭىۋاشتىن چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. نەچچە سائەتلەپ خەت يېزىشنى ئۆگۈنىش جەريانىدا قوللىرىدىن قان چىقىپ كەتكەندە، سۇللىۋان مۇئەللىم ئۇنىڭ قولىنى تېڭىپ قويىدۇ. خېلىن ھاياتىدا تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك خىرسلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارغا ئاجايىپ قەيسەرلىك، چىدام- غەيرەت بىلەن يۈزلىنىپ، ئاخىر قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشىدۇ. 1900- يىلى سۇللىۋان مۇئەللىمنىڭ ياردىمى بىلەن ماسساچوسېتس ئىشتاتىدىكى كامبىرىج قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. ھاياتىنىڭ 88 باھار، كۈزىنىڭ 87 يىلىنى يورۇق دۇنيانى كۆرەلمەي، ھېچبىر ئاۋازنى ئاڭلىيالماي، بىر ئېغىز سۆز قىلالماي زۇلمەت، غېرىبلىق ۋە ھەسرەت-نادامەتتە ئۆتكۈزگەن خېلىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دېكلىف ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرىدۇ. ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا يازغان«تۇرمۇش ھېكايىلىرىم» ناملىق كىتابى 50 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن سۇللىۋان مۇئەللىمدىن ئۆگۈنىپ ئۆزىگە ئوخشاش بەختسىزلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىپ، بارلىق مۇھەببىتىنى مېيىپلارغا بېغىشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي مېھىر- شەپقەتلىك قولىنى پۈتۈن دۇنياغا سۇنۇپ، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ياۋروپا ۋە ئاسىيا ئەللىرىگە بېرىپ نۇتۇق سۆزلەيدۇ، مېيىپلار ئۈچۈن مائارىپ فوندى ۋە كۆپلىگەن خەير- ساخاۋەت ئورگانلىرىنى بەرپا قىلىپ، مېيىپلارغا بەخت يارىتىدۇ. شۇڭا، پۈتۈن دۇنيادا ھازىرغىچە ئۇنىڭ نامى ئېغىزدىن چۈشمەي تەرپلىنىپ كەلمەكتە، پەقەت مېيىپلارنىڭ ھاياتىدىكى نۇرلۇغ چىراغ بولۇپلا قالماستىن، نۇرغۇنلىغان ساغلام كىشىلەرگىمۇ ئۈلگە بولۇپ كەلمەكتە. خېلىن ئېگىمەس- سۇنماس روھى، كۈچلۈك ئىرادىسى، تەڭداشسىز قەيسەرلىكى بىلەن دۇنيادىكى مەشھۇر يازغۇچىلار قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ، پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە سالغان يازغۇچى. تەسۋىرلىگۈسىز كۈچلۈك ئىرادىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ھاياتىدىكى قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ «قاراڭغۇلۇقتىن چىقىش»، «مۇئەللىم»، «كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى»قاتارلىق 14 پارچە ئەسەر يازغان. بىيوگرافىك رومان −«مېنىڭ تۇرمۇشۇم» ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا پۈتكۈل ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالغان. بۇ ئەسەرلىرىدە قاراڭغۇلۇق ۋە زېرىكىشتىن قىلچىمۇ ۋايسىمىغان، ئەكسىچە ئۈمىدۋارلىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئېگىلمەس-سۇنماس روھىنى ئىپادىلىگەن. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەرىپىدىن «20-ئەسىردىكى ئامېرىكا بويىچە ئون قەھرىمان ئوبراز» بولۇپ باھالانغان، 1964- يىلى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ زور شان- شەرىپى− «زۇڭتۇڭ ئەركىنلىك ئوردېنى» غا ئېرىشكەن، كېيىنكى يىلى دۇنيادىكى ئون مەشھۇر ئايالنىڭ بىرى بولغان. كىشىلەرگە ھاياتنى، جىمى نەرسىنى قەدىرلەشنى ئۆگەتكەن بۇ يورۇقلۇق ئەلچىسى 1968- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ.
تاھا ھۈسەيىن                                   
مىسىرنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ۋە ئەدەبىي ئوبزورچىسى تاھا ھۈسەيىن (1889- 1973) نىل دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى كىچىك شەھەر ماكاكاغا يېقىن ئەتراپتىكى كەنتتە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى شېكەرچىلىك شىركىتىنىڭ ياللانما خىزمەتچىسى بولۇپ، ئىش ھەققى ئاز، بالا- چاقىلىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ھەمىشە مۇشەقەتتە ئۆتكەن. تاھا كىچىكىدىن تارتىپلا ئەقىللىق، شوخ  بالا بولۇپ، ئۈچ ياش ۋاقتىدا كۆز ئاغرىقىغا گرىپتار بولغان. ئەپسۇسكى، جاھانكەشتى تىۋىپنىڭ قاراملارچە داۋالىشى بىلەن بەختكە قارشى ئىككى كۆزى ئەما بولۇپ قالغان. تىرىكچىلىك قىلىش ۋە قۇرئان ئوقۇتۇش ئۈچۈن دادىسى ئۇنى مەكتەپكە بەرگەن. 13 يېشىدا قاھىرەدىكى ئەلئەزھەر  ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرئان تەپسىرلىرى ۋە دىنىي قائىدىلەرنى ئۆگىنىپ، بىلىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەسىرىدە ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان. 1908- يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان مىسىر ئۇنىۋېرسېتىتىغا كىرىپ تارىخ، ئەدەبىيات ۋە چەتئەل تىلى ئۆگەنگەن، شۇنداقلا يېزىقچىلىققا كىرىشكەن. 1914- يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا ئەرەبلەرنىڭ قەدىمكى زامان ئەما شائىرى ئەبۇ ئالامە ئالىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ئىلمىي ماقالە يېزىپ، بىردىنلا كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، مىسىر ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى فىرانسىيەگە بېرىپ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ، مىسىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى بولغان. 1926- يىلى تاھا ھۈسەيىننىڭ ئەدەبىيات تەشەببۇسلىرى شەرھىلىگەن «جاھالەت دەۋرىدىكى شېئىرلار ھەققىدە» دېگەن كىتابى نەشر قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئالىكساندىرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، ئەرەب دۆلەتلىرى بىرلەشمە مەدەنىيىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، 1956- يىلى مىسىر يازغۇچىلار جەمئىيەتنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. مەمۇرىي خىزمەت، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تارىخ - پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان تاھا ھۈسەيىن يېقىنقى زامان ئەرەب ئەدەبىياتى تارىخىدا كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكتىن،«ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ تۈۋرىكى» دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان. تاھا ھۈسەيىننىڭ ئەما بالىدىن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر داڭدار ئەدىب بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئەرەب ئەدەبىياتى تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال. ئۇنىڭ تەرجىمىھال شەكلىدە يېزىلغان «كۈنلەر» (1939،1929،1962) ناملىق تىرىلوگىيەسى «مىسىر رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى» دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. تاھا ھۈسەيىننىڭ ھەرخىل ژانېردىكى توپلىمىدىن «بۇلبۇللار سايرىماقتا» (1934)، «ئازابلانغان دەرەخ» (1944)، «زېمىندىكى ئازاب- ئوقۇبەت چەككۈچىلەر» (1948) قاتارلىق ئەسەرلىرى، ئەرەب ۋە ئىسلامىيەتنىڭ قەدىمكى زامان رىۋايەت ھەم ئەپسانىلىرىگە ئاساسەن يېزىپ چىققان «شانلۇزۇتتىكى چۈش» (1943)، «ھەقىقىي ۋەدە» (1949) ناملىق تارىخىي رومانلىرى، «يېراقتىن كەلدىم»، «باھار ۋە ياز سەپىرى» قاتارلىق نەسرىي ئەسەرلەر توپلىمى بار.
ئىلھام زوردۇن
باش ئەگىم ۋادىسىدا ھومېر، ئوستروۋىسكىي ۋە خېلىن كېللېر روھى بىلەن قولىغا قەلەم ئالغان، قۇياشنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدىكى گۈزەل تەبىئەت دۇنياسىدىن بەھرە ئېلىشتىن مەھرۇم بولغان ياش شائىر ئىلھام زوردۇن 1970- يىلى 5- ئايدا كورلا شەھرىدە تۇغۇلغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،1991- يىلى شىنجاڭ رادىيۇ- تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بايىنغولىن شۆبىسىنىڭ مالىيە- بۇغالتىرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. شۇ يىللىرى ئۇنىڭ بىر كۆزىگە ئاق چۈشۈپ قېلىپ، كۆز ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان. ئەپسۇس، داۋالاشتىكى ئېغىر سەۋەنلىك تۈپەيلى ئىككىلا كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ قان- قېنىغا سىڭىپ كىرگەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق بۈگۈنكى كۈندە ياش شائىرنىڭ بىردىنبىر مەنىۋى يۆلەنچۈكى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۆز شېئىرنى بىۋاستە يېزىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، ئاۋۋال ئۈنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ، باشقىلارغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق قەغەز يۈزىگە چۈشۈرگۈزىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا كىتابخانىلارنى گاڭگىرتىدىغان ئاجايىپ- غارىپ سۆزلەر يوق، پەقەت ئالىيجاناپ ھەم قەيسەر بىر يۈرەكنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرى، يورۇق دۇنياغا بولغان ئىنتىلىشلىرى ۋە سەمىمىي نالىسىلا بار. ئىلھام زوردۇننىڭ ھازىرغا قەدەر «تەڭرىتاغ»، «كىروران»، «يېزا پۇل- مۇئامىلىسى»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، « قەشقەر ئەدەبىياتى»، «بايىنغولىن گېزىتى»،«ئاسىيا كىندىكى گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا 250 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىندى. «روھ قاتىلى» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى 2002- يىلى 1- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇ ھاياتقا بولغان شائىرانە ئۈمىدۋارلىقى ۋە يۈكسەك ئىرادىسى بىلەن ئۆز نامىدا «قۇياش مېھرى» ئۈن- سىن بۇيۇملىرى ماگزىنى ئاچتى ھەمدە ئۆز مەبلىغى بىلەن «كىروران»(«بوستان») ژۇرنىلىدا «قۇياش مېھرى» مۇكاپاتلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى.
شېئىر يۈرەكنىڭ تىۋىشى، تومۇردىكى كۆۋەجەپ ئاققان قان. شائىر ئىلھام زوردۇننىڭ لېرىكىلىرىدىكى شېئىرىي تىل غىدىقلانغان ۋاستىلىق ھېسسىي تەپەككۇرنىڭ شائىر تەپەككۇرىدىكى كۈچلۈك پارتلىشىدۇر. شائىر گەرچە يورۇقلۇقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، تەبىئەتتتىكى گۈزەللىكتىن بىۋاستە ھوزۇرلىنىش، رەزىللىكنى ئۆز كۆزى بىلەن بىۋاستە كۆرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولسىمۇ، پاراسەتلىك شائىر بۇلارنى«كۆڭۈل كۆزى» بىلەن كۆرۈپ شېئىرىي تىلدا ئىنتايىن جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا بىر قىسىم كىشىلەردە ساقلىنىۋاتقان ناچار ئىللەتلەر، بولمىغۇر قىلىقلار كەسكىن قامچىلنىش بىلەن بىرگە، ھاياتقا بولغان مۇھەببەت، ھاياتنى قەدىرلەش، ياخشى خۇلۇق- مىجەز، ئېسىل ئەخلاق- پەزىلەت يېتىلدۈرۈش، ۋەتەنگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت، يۇرت مېھرى، ئىنسانىي مېھىر- مۇھەببەت ئۆز ئىپادىسنى تاپقان بولۇپ، شائىرنىڭ ۋەتەنگە سادىق، مىللىتىگە مەسۇليەتچان، غايىلىك، ئىرادىلىك، قەيسەر، ئۈمىدۋار شائىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.  
«تەقدىرىڭ پەقەتلا تەدبىرىڭ بىلەن،
كونىلار بۇ سۆزنى توغرا دەپتىكەن.
ھېس قىلسام بىر ئادەم ئالدىغا بەخت،
ئەجىرسىز، تەدبىرسىز قاچان كەپتىكەن.» ئىلھام زوردۇننىڭ «تەقدىرىڭ پەقەتلا تەدبىرىڭ بىلەن» ناملىق بۇ شېرى شائىرنىڭ تىلغا باي، ھەرخىل ۋاستىلەردىن دەل جايىدا پايدىلنالايدىغان، پارتلىغان شېئىري ھېسسىياتىنى قەلەم ئارقىلىق ئىپادىلىيەلەيدىغان ماھىر قەلەم ئۇستىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

  پايدىلنىلغان ماتېرىياللار:
[1] خەمىت تۆمۈر، تۇرسۇن ئايۇپ نەشرگە تەييارلىغان «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانى، مىللەتلەر نەشرىياتى 1980- يىل11- ئاي نەشرى
[2] روزى سايىت «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىنىڭ شېئىر تەرجىمىسىگە ئىلاۋە»، «بۇلاق» ژۇرنىلى 2001  - يىلى 6- سان
[3] ۋاھىتجان غوپۇر، ئەسقەر ھۈسەيىن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى» بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1987- يىل 4- ئاي نەشر
[4] «مەشھۇر چەتئەل يازغۇچىلىرى» (1-، 2-،3-،4 - قىسىم) ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984- يىل 4  - ئاي نەشرى
[5]«دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى كىلاسسىكلار» (1- قىسىم)، مىللەتلەر نەشرىياتى،2006- يىل3-ئاي نەشرى
[6] خېلىن كېللىر «كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى» مەريەم مەمتىمىن تەرجىمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2012- يىل 8- ئاي نەشرى
[7] ئىلھام زوردۇن «روھ قاتىلى»(شئىرلار) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2002- يىل 1- ئاي نەشرى

(ئاپتور ئىلھام مۇھەممەد چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن، مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 9- سانىدا ئېلان قىلىنغان، ئاپتورنىڭ ماقۇللىقى بىلەن يوللاندى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-10 21:02  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-10 22:19:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتقا كۈلۈپ قاراش كېرەك!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-12 00:14:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىپ مەركىزى تېمىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئىزدەنگەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش