يازغۇچى ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ «ئاق ۋە قارا» ناملىق رومانى نەشردىن چىقتى
يېقىندا مەركىزى مىللەتلەر نەشرياتى تەرىپىدىن تالانتلىق ياش يازغۇچى ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ «ئاق ۋە قارا» ناملىق رومانى نەشردىن چىقىپ تارقىتىلىشقا باشلىدى.
يازغۇچى ئالتۇنگۈل رەجەپ، 1968-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1987-يىلى خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومىنىڭ تىل - ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1989-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتنىڭ قانۇن كەسپىنىڭ تۇلۇق كۇرستنى تاماملىغان. 2010-يىلى مەزكىزى سودىيىلەر ئىنىستۇتىدا ئوقۇپ سودىيەلىك سالاھىتىگە ۋە مەملىكەتلىك ئەدلىيە ئىمتاھانىدا ئا دەرىجىدىن ئۈتۈپ ئادوۋكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. «زەنجىرى ئۈزۈلگەن مىدالىيون›› ناملىق ھىكايىسى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ ھازىرغىچە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «يېنىڭىزدا مەن بار»، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان‹‹ بېشى ئۈزۈلگەن ۋىناس ھەيكىلى›› ناملىق ئىككى پارچە ھىكايە - پوۋىستلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ ‹‹بېشى ئۈزۈلگەن ۋىناس ھەيكىلى››،‹‹ قىرىق ياشلىق ئايال›› ‹‹غورتەك›› قاتارلىق ئەسەرلىرى «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» قاتارلىق ژورناللاردا ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، جامائەتچىلىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. تۆت پارچە ئەسىرى كىنو سىنارىيىسى قىلىپ ئىشلىنىپ، ئىككى پارچە ئىتوتى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹ قۇربان ھېتلىق سەنئەت كىچىلىگى››دە ئوينالغان.‹‹قارا رەڭلىك كادىلاك›› ناملىق پوۋىستى «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا،‹‹زۇمرەتتەك زۇمرەت›› دىگەن ھېكايىسى‹‹ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئالتۇن چاغ›› ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
يازغۇچى ئالتۇنگۈل رەجەپ تۇنجى تۇركۈمدىكى شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ شاڭخەي ئىجادىيەت كۇرسىغا قاتناشقان ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە