نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق
جىياجىگاڭ
ئابدۇنىياز ئىمىن تەرجىمىسى
شىۋىتسىيە ۋاقتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى شىۋىتسىيە ئاكادېمىسيىسى 2013-يىللىق ئەدەبىيات نوبېل مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ كانادالىق ئايال يازغۇچى ئالىس مۇنىرۇ ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ئۇنىڭغا بۈگۈنكى زامان رومانچلىقىنىڭ ئۇستىسى دەپ نام بەردى.
جوڭگولۇقلار شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا شۇنچە كۆڭۈل بۆلىدۇكى، بىرىنچىدىن ئالدىنقى يىلى مويەن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئىككىنچدىن، موراكومى خاروكىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىغان- ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈش بولۇپ، ئېرىشەلمىسە بۇ ياپۇنلۇقنىڭ مەغلۇبىيتىدىن خوشال بولۇش ئىدى.
ئەمەلىيەتتە، نوبېل مۇكاپاتى بۇنچە دىققەت قىلىپ كېتىشكە ئەرزىمەيدۇ. بىز ئالدى بىلەن دۆلىتىمىزدىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كىتابلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتلارغا قاراپ باقساق ناھايىتى ئاسانلا بايقايمىزكى، ھەر يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىتابلارنىڭ ھەممىسى بازارلىق كىتابلاردۇر. يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ كۆزەتسەك بايقايمىزكى، لىققدە ئىسمىلار بىلەن توشقان مۇكاپاتلانغۇچىلار تىزىملىكىدىكى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ تاقىۋالغىنى مەلۇم يازغۇچىلار جەمئىيتنىڭ باشلىقى ياكى رەھبەرلىك قالپىقىدۇر.
ئۇندىن باشقا ھەر يىلى ھەر دەرىجىلىك يازغۇچىلار جەمئىيتنىڭ ھەر يىللىق كۆرسىتىلگەن ئەسەرلەردىن بۇ ئادەملەر ئىسمىنى ۋە بۇ ئەسەرلەرنىڭ نامىنى ئۇچىرىتالايسىز. بۇ ئۇلارنىڭ مۇكاپاتلىنىشىنىڭ ئالدىن بىكتىۋېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بەزىلەر يىلدا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە تاۋار ئېلانى ئورنىدا ئىشلەتكۈدەكمۇ ساپا يوق.
بۇ بىر خىل سانائەت زەنجىرى بولۇپ، ئۆزى ئىشلەپ ئۆزى ساتىدۇ. ئەگەر سىز بۇ سېستىمىدا بولمىسىڭىز بۇنى بىلىشىڭىز ناھايىتى تەس.
بۇ بىر ئادالەتسىزلىك ئەمەسمۇ؟ ناتايىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ باھا بېرىش سېستىمىسى بار، ئۆز ئالدىغا ئۇيۇن قائىدىسى بار، ئەگەر سىز مۇكاپاتقا ئېرىششىنى ئويلىسىڭىز، چوقۇم شۇلارنىڭ باھا ئۆلچىمىگە تايىنىشىڭىز، ئۇلارنىڭ ئويۇن قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك.
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مۇكاپاتىلا بولۇپ قالماي يەنە ئەل ئىچىدىكى خىلمۇ خىل مۇكاپات تۈرلىىرىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، خىلمۇ خىل باھالاشلاردا ئاساسەن ئاشۇ باھالىغۇچىلار، شۇڭا ئاشۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى، ئاشۇلارنىڭ نەزىرى، شۇلارنىڭ ئوبدان ياكى ناچارلىقى بۇ مۇكاپات نەتىجىسىنى بەلگىلەيدۇ.
بۇ بىر چەمبەر بولۇپ، بۇ چەمبەرنىڭ ئۆزىنىڭ پۇرىقى بار، پۇرقى ئوخشاش بولمىغانلارنىڭ بۇ چەمبەرگە كىرىشى ناھايىتى تەس، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىمۇ ئوخشاشلا بىر چەمبەر بولۇپ، بۇ چەمبەردە ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئاتالمىش ساپ ئەدەبىياتتىن ئىبارەت پۇراق بار. شىمالىي ياۋروپالىقلارنىڭ تۇرمۇش رېتىمى ئاستا ھەم يېقىشلىق بولغانلىقتىن، ئۇلار ساپ ئەدەبىياتتىكى ئاستا تۇرمۇش رېتىمنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆپچىلىك شۇنداقلا بىر سىتاتىستىكا قىلىپ باقسا ناھايىتى ئاسانلا بايقايدۇكى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئاساسەن مۇشۇ ساپ ئەدەبىياتنىڭ مونوپوللۇقىدا بولۇپ كەلدى.
بىراق، پۈتۈن دۇنيا ھەرگىزمۇ شىمالىي ياۋروپالا ئەمەس، مەسىلەن، ئامېرىكا ئەدەبىياتى، ئامېرىكا ئەدەبىياتىدىكى ناھايىتى روشەن بولغان تېز رېتىمغا ئەنگىلىيەلىكلەر تاقەت قىلالمايدۇ. ئۇلار ھەتتاكى ئامېرىكىدا ئەدەبىيات بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنىمۇ خالاپ كەتمەيدۇ. مەسىلە شۇكى، ئامېرىكا ئەدەبىياتى خۇددى ئامېرىكا تېلىۋېزىيە فىلىملىرىنىڭ ئادەمنى جەلپ قىلغىنىدەك بەلكىم دەۋر يۆنىلىشىگە تېخىمۇ ۋەكىلىك قىلالىشى مۇمكىن. سىز ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايسىزكى، ئامېرىكا تېلىۋېزىيە فىلىملىرىنىڭ رېتىمى باشقا دۆلەت فىلىملىرنىڭ رېتىمىدىن خېلى بەكلا تېز.
شۇڭلاشقا ئامېرىكىلىقلارنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشمىكى ناھايىتى تەس. ئەگەر بىز نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن قارايدىغان بولساق، لوگۈەنجوڭ، شى نەيئەن،
ئارتور كونان دويل قاتارلىقلارنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىششى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بەك يىغىنچاق ۋە ئاددىي.
ئەگەر «جوڭگو خۇش ئاۋازى» غا جىڭجۈي تىياتىرىنى ئۇرۇنلايدىغان قېرى مومايلارنى باھالىغۇچى قىلىپ قويسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؟ ناخشىچىلار مۇكاپاتقا ئېرىشش ئۈچۈن كەسىپ ئۆزگەرتىپ جىڭجۈي تىياتىرى ئۇرۇنلارمۇ؟
ئەلۋەتتە، شىۋىتسىيەلىكلەرنىڭمۇ ئۆزلىرنىڭ باھالاش ئۆلچىمى بار، بىز پەقەت ياقتۇرمىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئۇلارنىڭكىنى خاتاغا چىقارساق توغرا بولمايدۇ. بىراق، بىر يىلدا بىر قانچە كىتابنىمۇ ئوقۇپ بولالمايدىغان، خەۋەر كۆرسىمۇ پەقەت ماۋزۇسىنىلا كۆرىدىغان دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا شىۋىتسىيەنىڭ رېتىمى ھەقىقەتەن بەك ئاستا بوپ قالدى.
مۇنىرۇ خانىمنىڭ ئاشۇ ئەزمە(مېنىڭ باھايىم) ئەسەرلىرىنى كۆىۋېتىپ، نوبېل مۇكاپاتىنىڭ بىز بىلەن ھەقىقەتەن مۇناسىۋىتى يوقكەن دەپ ئويلىدىم. بۇ ئۇنىڭ ئەسىرىنى ياخشى ئەمەس دېگىنىم ئەمەس، بەلكى ئۇلار بىلەن بىز بىر باھا سېستىمىسىىدا ئەمەسكەنمىز.
بۇ ماقالە «شېنجىن كەچلىك گېزىتى»نىڭ 2013-يىللىق 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان.
تور ئادىرىسى:
http://wb.sznews.com/html/2013-10/11/content_2646625.htm