يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 418|ئىنكاس: 5

ئارغۇ (ت): ئاموس ئوز ـــــ ئادىشىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-10 00:57:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                                  ئاموس ئوز

ئاماس ئوز(Amoz Oz 1939~) ئىسرائىلىيەنىڭ زامانىمىزدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە  ئىبران تىلىدىكى يازغۇچىسى. ئۇ 1939-يىلى ئېرۇسالىمدا تۇغۇلغان، دەسلەپتە ئىبراي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىيات ۋە پەلسەپە ئوقۇپ باكلاۋېر بولغان؛ كېيىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ۋە تېل ئاۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخىر دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن؛ ئىلگىرى كىببۇتىز ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كىچىك بازار ئاراتتا ئۇزۇن يىل تۇرغان، يېقىندا تېل ئاۋىۋقا كۆچۈپ كەلگەن. ئەسەرلىرىدىن «قانداق قىلىش كېرەك»(1966)، «مېنىڭ مىخايىلىم»(1968)، «جىمجىت قۇم دېڭىزى»(1982)، «ئاياللارنى چۈشىنىش»(1989)، «بۇنى كېچە دېمەڭ»(1994)، «يەر ئاستى ئۆيدىكى قارا قاپلان»(1995)، «مۇھەببەت ۋە قاراڭغۇلۇق ھەققىدە ھېكايە»(2002) قاتارلىق 10 نەچچە پارچە رومان، «چىل بۆرە ھۇۋلىغان جاي»(1965)، «يېزا تۇرمۇشى»(2011)، «دوستلار ئارا» (2012) قاتارلىق ھېكايىلەر توپلىمى ۋە بىر مۇنچە فېليەتون، ئەدەبىي پارچە، بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى بار. ئىلگىرى كۆپ خىل خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
«يېزا تۇرمۇشى» دېگەن ھېكايىلەر توپلىمى 2011-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا سەككىز پارچە ھېكايە كىرگۈزۈلگەن. ئىسرائىلىيەدىكى كىچىك كەنت تېرريلان بۇنىڭ ئىچىدىكى يەتتە پارچە ھېكايىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى قىلىنغان، ھېكايە بىلەن ھېكايە، پېرسۇناژ بىلەن پېرسۇناژ ئوتتۇرىسىدىمۇ ئاندا ساندا مەلۇم ئالاقە مەۋجۇت بولۇپ، ئۆزئارا ماسلىقنى شەكىللەندۈرگەن. توپلامدىكى سەككىزىنچى پارچە ھېكايە- «شۇ چاغدىكى يىراق جاي» يازغۇچىنىڭ قورقۇنچلۇق چۈشى مەنبە قىلىنغان بولۇپ، ئالدىدىكى يەتتە پارچە ھېكايە بىلەن مەزمۇن جەھەتتە ھېچقانداق باغلىنىشى يوق، ئۇسلۇب جەھەتتە ماركوزنىڭ سېھرىي رېئالىزملىق ئۇسلۇبى ۋە كافكانىڭ يوشۇرۇن ئوخشىتىش ئۇسلۇبى نامايان قىلىنغان بولۇپ، مۇستەقىل گەۋدە ھاسىل قىلغان. سەككىز پارچە ھېكايىنىڭ ھەممىسى بىردەك يېشىمسىز ئاخىرلاشقان، ئۇنىڭدىن چەكسىز غېرىبلىق ۋە يوقىتىش ھېسسىياتىغا تولغان بولۇپ، ئادەمنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
تېرريلان بولسا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان كەنت بولۇپ، يەھۇدىي قىساسچىلىرى قۇرۇپ چىققان، يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە كەنت. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى يېقىشلىق بولۇپ، ھەتتا پروۋېنسقا ئوخشىتىلغان، چوڭ شەھەردىكى پۇلدارلار ۋە بىكارچىلار بۇ يەرنى بارغانسېرى ئارام ئېلىشتىكى ئارامبەخش جايغا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ، ھەتتا بۇ يەردىن قەدىمكى پاسوندىكى ئىمارەتلەرنى سېتىۋالىدۇ، ئىمارەتلەرنى چېقىۋېتىپ، زامانىۋى داچىلارنى سالىدۇ. بۇ ئارقىلىق يەھۇدىي قىساسچىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي قىممەت قارىشىنىڭ يىمىرىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ.
«ئادىشىش»نى ئەنئەنىۋىي قىممەت قارىشى بىلەن زامانىۋى قىممەت قارىشىنىڭ توقۇنۇشىنى ئىپادىلەيدىغان تىپىك ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. باش قەھرىمان «مەن» يەر-مۈلۈك سودىگىرى بولۇپ، شۇ جايدىكى ئۆي-ئىمارەتلەرنى سېتىۋېلىپ شەھەرلىكلەرگە پايدىسىغا سېتىش، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سودىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، سېتىۋالغۇچىلار ئۆي-ئىمارەتلەرنى چېقىۋېتىپ، ئارامگاھ داچىسى سالىدۇ. بۇ ئىشلار يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. «ئادىشىش» باش قەھرىماننىڭ شۇ جايدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر يۈرۈش تارىخىي ۋە مەدەنىي ئەھمىيەتكە ئىگە تۇرالغۇ - «خارابە» سودىسىنى قىلماقچى بولغانلىقى بىلەن باشلانغان. ھېكايىنىڭ ئىسمىنىڭ «ئادىشىش» دېيلىشىدە كەم دېگەندىمۇ ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم ئەھمىيىتى بار: بىرىنچىسى، باش قەھرىماننىڭ شۇ جايدا يەر-مۈلۈك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنى، ھەتتا شۇ جايدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر يۈرۈش تارىخىي مەدەنىي ئەھمىيەتكە ئىگە «خارابە»نى نابۇت قىلىش بەدىلىگە پايدا ئېلىشنى كۆزلىشى، يالغۇز ماددىي مەنپەئەتنىڭ ئەس-ھۇشىنى ئالغانلىقى ئۈچۈنلا بولماستىن، يەنە قەدىمىي كەنت ۋەكىللىكىدىكى مەلۇم ئەنئەنىنى يوقىتىۋاتقانلىقى ئېچىپ بېرىلگەن. ئىككىنچى، باش قەھرىمان «خارابە»نىڭ يەر ئاستى ئۆيىدىكى سىرلىق ئوردىدەك ئۆتۈشمە يولىدا يولدىن ئادىشىپ قالىدۇ. ئۈچىنچى، باش قەھرىمان «خارابە»لىكتە مەڭگۈلۈك غەپلەتتە قېلىشى، ھەتتا رېئال دۇنيادىن يوقىلىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئۈچ خىل چۈشەندۈرۈشنى ئوز ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ.
«ناخشا ئېيتىش» بىلەن «كۈتۈش» يازغۇچى ئىلگىرى ماھىر بولغان ئائىلە تېمىسى بايان قىلىنغان، ئۇنىڭدا ياش ئەۋلادلارنىڭ يا ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، ياۋرو-ئامېرىكا شەھەرلىرىگە بېرىپ جان تىكىپ ئىشلەشلىرى ياكى ئۆلىۋېلىپ ئاتا-ئانىسىدىن ئادا-جۇدا بولۇشلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. ئەۋلادلار ئارا ھەتتا بىر ئەۋلاد كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدىمۇ تولدۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان ھاڭ پەيدا بولغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. «ناخشا ئېيتىش» تا كىچىكىدىن يەھۇدىي قىساسچىلىق ئىدىيە تەرببىيەسىدە چوڭ بولغان بىر توپ ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەرنىڭ قەرەللىك ھالدا يىغىلىش قىلىپ، ئىبران تىلىدىكى مەيۈسلۈك كونا ناخشا ۋە رۇسچە ناخشىلارنى ئېيتىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ، 17 ياشلىق بىردىنبىر ئۆسمۈر پېرسۇناژ ئاتا-ئانىسىنىڭ كارىۋىتىنىڭ ئاستىدا ئۆلۈۋالىدۇ. «كۈتۈش» تە ئوتتۇرا ياشلىق ئەر_خوتۇننىڭ نىكاھى نىكاھلىنىشتىن بۇرۇنقى بىر قېتىملىق بالا چۈشۈرۈۋېتىش سەۋەبلىك غەشلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ، تىلى بىر، دىلى باشقا يۈرگەنلىكى، ئاخىرى ئايال ئۆينى تاشلاپ چىقىپ كېتىپ، ئەرنىڭ چەكسىز غەمكىنلىككە پاتقانلىقى ۋە كۈتۈش ئىچىدە قالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

ئادىشىش

[ئىسرائىلىيە] ئاموس ئوز

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم تەرجىمىسى

   بىرىنچى
تۈنۈگۈن ئالداد رۇبىننىڭ تۇل قالغان ئايالى پاتتايا رۇبىننىڭ تېلېفونىنى ئالدىم. ئۇ تەكەللۇپ قىلمايلا:
- سىز ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىسى ئىئوسى ساسسون بولامسىز، - دەپ سورىدى.
- سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىمەن خانىم.
- بىز پاراڭلاشساق بولاتتى.
تارپات كوچىسىدىكى رۇبىن ئائىلىسىنىڭ قورۇسىغا كۆز تىكىپ يۈرگىنىمگە ئۇزۇن بولغانىدى، بۇ قورو يەر ئاچقۇچىلار گۈللۈكىنىڭ كەينىدە بولۇپ، ئادەتتە «خارابە» دەپ ئاتايتتۇق. ئۇ بىر كونا ئىمارەت بولۇپ، يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى كەنت بىنا بولۇپلا سېلىنغان ئىكەن. بۇ قورۇنىڭ ئىككى يېنىدىكى  ۋېلىنسكى ۋە  شىمۋېيرىدىن ئىبارەت ئىككى كونا تۇرالغۇمۇ ئاللىبۇرۇن چېقىۋېتىلىپ، نەچچە قەۋەتلىك داچىلار ئورنىغا قەد كۆتۈرگەنىدى. بۇ داچىلار يېڭىدىن ياسالغان گۈللۈكلەرنى ئوراپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر گۈللۈكنىڭ بېزەك كۆلچىكى بولۇپ، سۈنئىي شارقىراتما، ئالتۇن بېلىق ۋە فونتانلار سەپلەنگەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا قالغان «خارابە» خۇددى سەدەپتەك ئاپپاق چىشلار ئارىسىدىكى قۇرۇت يېگەن چىلتەك قاپقارا ئىدى. خارابە قۇرۇلمىسى رەتسىز ئىمارەت بولۇپ، ھەر خىل يان بۆلەك ۋە ئۇزارتىلغان بۆلەكلىرى بار، ئۆيلەر قۇم-شېغىلدا قوپۇرۇلغان، كۆپىنچىسىنىڭ سۇۋاقلىرى تۆكۈلۈپ كەتكەنىدى. بۇ قورو توپتىن ئايرىلىپ قالغاندەك يىگانە ھالدا تاش  يولدىن يىراق، مەھەللىگە كەينىنى قىلغان، قالايمىقان ئوت-چۆپ، چاتقاللار ئۆسۈپ كەتكەن، تاشلاندۇقلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن ھويلىنىڭ ئىچىدە ئىدى. ھويلىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا كۆزى ئېتىۋېتىلگەن قۇدۇق، قۇدۇقنىڭ ئۈستىدە چىرىپ كەتكەن قول ناسوسى بار ئىدى. پەنجىرىلىك دېرىزىلىرى كۈن بويى ھىم ئېتىكلىك، دەرۋازا بىلەن ئىمارەت ئوتتۇرىسىدىكى تاش تاختايلىق يول ئۈستىدە يۆگىمەچ، مىموزا، بېرمۇدا دېگەندەك ئوتلار قالايمىقان ئۆسۈپ كەتكەن. ئىمارەتنىڭ  يېنىدىكى كىر يايىدىغان تانىغا بىرنەچچە قۇر قاپلىما كىيىم ۋە ئىچ كىيىملەر يېيىلىپ قالاتتى، بۇ ئىمارەتتە ئادەم بارلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىزنىڭ تېرريلاندا داڭلىق بىر يازغۇچى - ئەلداد رۇبىن ياشاپ كەلدى، ئۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان بوۋاي بولۇپ، چوڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى يازىدۇ، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى تېرريلاندا ئۆتكۈزدى، پەقەت 50-يىللارنىڭ ئاخىرىدا پارىژدا بىر نەچچە يىل ئوقۇغان. ئۇ تارپات كوچىسىدىكى مۇشۇ كونا ئىمارەتتە تۇغۇلغان، بارلىق ئەسەرلىرىنى مۇشۇ ئۆيدە تاماملىغان، ئۇ ئالاھەزەل 10 يىللار ئىلگىرى مۇشۇ قورودا 59 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى سېتىۋېلىش، ئاندىن ئۇنى پايدىسىغا سېتىۋېتىش ئىستىكىدە بولغانىدىم، ئۇنى باشقىلار چېقىپ باشقا ئىمارەت سالاتتى. ئەمەلىيەتتە بىر ئىككى قېتىم ئالداد رۇبىننىڭ ئەسىرىنى ئوقۇماقچى بولغانىدىم، ئەمما ياقتۇرمىغانىدىم: ئۇنىڭ يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى شۇنچە تىنجىق، مەيۈسلۈككە تولغان، ۋەقەلىك راۋاجى تولىمۇ ئاستا، پېرسۇناژلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئېچىنىشلىق. كۆپ ھاللاردا پەقەت گېزىتلەردىكى ئىقتىسادىي قوشۇمچە سان، سىياسىي كىتابلار ۋە ۋەھىمىلىك پىروزىلارنى ئوقۇيمەن.
«خارابە»دە ئىككى ئايال ئولتۇرىدۇ، ھازىرغا قەدەر نەچچە پۇل چىقىرىشىمدىن قەتئىينەزەر ئۇلار ئۆيىنى سېتىشقا ئۇنىمىدى. ئىككى ئايالنىڭ بىرى يازغۇچىنىڭ 95 ياشلىق ئانىسى روسا، يەنە بىرى يازغۇچىنىڭ تۇل قالغان 60 نەچچىگە كىرىپ قالغان خوتۇنى. ئىككىيلەنگە بىر نەچچە قېتىم تېلېفون بېرىپ تاقىتىم، تېلېفوننى ھامان تۇل قالغان ئايال پاتتايا ئالاتتى. پارىڭىمىز باشلىنىشىدىلا يازغۇچىغا بولغان قايىللىقىمنى، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، بۇ ئىمارەتنىڭ تولىمۇ كونىراپ كەتكەنلىكىنى، قايتا رېمۇنت قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتەتتىم، ئاخىرىدا ئەدەب بىلەن كېيىنكى ئىشلارنى قانداق قىلىش توغرىسىدا پاراڭلىشىشقا تەكلىپ قىلاتتىم. ھەر قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىدە پاتتايا مېنىڭ ئۇ ئۆيگە قىزىققانلىقىمغا رەھمەت ئېيتاتتى، ئەمما ھازىرچە ئۆينى سېتىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى ئېيتاتتى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.
تۈنۈگۈن پاراڭلىشىپ باقساق دەپ تېلېفون قىپتۇ. شۇ ھامان سېتىۋالغۇچىنى باشلاپ بارماي، «خارابە»نى ئۆزۈم سېتىۋېلىش قارارىغا كەلدىم. ئاندىن ئۇنى چېقىۋېتىپ، يەرنى ساتماقچى بولدۇم، چۈنكى، يەر ساتسام ئۆي ساتقانغا قارىغاندا كۆپرەك پايدىغا ئېرىشكىلى بولاتتى. كىچىك چېغىمدا بىر ئىمارەتتە تۇرغانىدىم. ئانام رويخەتلىك سېسترا ئىدى، بىر قېتىم ئۇ يازغۇچى ئەلداد رۇبىنغا ئوكۇل سالغىلى بارغاندا مېنىمۇ ئېلىپ بارغانىدى، ئۇ چاغدا مەن 9~10 ياشلاردا بولسام كېرەك. ئېسىمدە قېلىشىچە ئىمارەتتە شەرق پاسونىدا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان تۆر ئۆي بولۇپ، ئۆينىڭ يان ھۇجرىلارغا تۇتىشىدىغان بىرمۇنچە ئىشىكلەر قويۇلغان، يەنە بىر گەمە ئۆيگە چۈشىدىغان پەلەمپەيمۇ بار ئىدى. ئۆي جاھازلىرى سالاپەتلىك ھەم سۇس رەڭدە ئىدى. كىتاب ئىشكاپى ياندىكى ئىككى تامغا يەردىن تورۇسقىچە تۇتاشقان، يەنە بىر تامدا بولسا رەڭلىك كونۇپكا مىخ بىلەن قادالغان خەرىتە ئېسىلغان. ئۈستەلدىكى لوڭقىغا بىر دەستە خوخا سېلىپ قويۇلغان. ئالتۇن يالىتىلغان ماياتنىكلىق چوڭ سائەت يەرگىلا قويۇلغان بولۇپ، داڭ ئۇرۇپ تۇراتتى.
يازغۇچى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان، تىزىغا چاقماق يوللۇق سوكنا ئەدىيال يېپىۋالغان، كۈلرەڭ ئۇزۇن چاچلىرى ئۇنى بېشىنى ئورىۋالغان. ئېسىمدە قېلىشىچە، قىزىل كەڭ يۈزى ئۇنىڭ دولىسى بىلەن يوغان قۇلاقلىرى ئارىسىدا ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، قارىماققا بوينى يوقتەك كۆرۈنەتتى، قويۇق قاشلىرى كۈلرەڭگە كىرگەن ئىدى. قۇلاق ۋە بۇرنىدىن كۈلرەڭ مورلار دىڭگىيىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكى ئۆچەككە كىرگەن چوڭ ئېيىقنى ئېسىمگە سالغانىدى. ئانام ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئۇنى كۈچەپ كرېسلوغا ئولتۇرغۇزدى، ئۇ ئىككى ئايالغا پەقەت بويسۇنمايتتى، ئۇلاردىن قۇتۇلماقچى بولاتتى، ئەمما مادارى يەتمىگەچ، ئۇلارغا بويسۇنماي ئامالسىز قالدى. ئانىسى روسا ئۇنىڭ ئىشتىنىنى پەسكە چۈشۈردى، ئۇنىڭ ئىششىپ كەتكەن كاسىسى كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى، ئانام ئۇنىڭ كاسسىسىغا ئوكۇل سالدى. كېيىن يازغۇچى ئانام بىلەن چاقچاقلىشىپ كەتتى. نېمە دېيىشكەنلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ، پەقەت چاقچاقنىڭ ئۇنچىۋالا كۈلكىلىك بولمىغانلىقى يادىمدا. ئارقىدىن ئۇنىڭ ئايالى پاتتايا كىرىپ كەلدى. ئۇ زىلۋا، كەيپىياتچان ئايال بولۇپ، چېچىنى كىچىك بانتىلىۋالغان. ئۇ ئانامغا چاي قۇيۇپ بەردى، ماڭا تاتلىق قارىقات شەربىتى قۇيۇپ بەردى، قارىقات قۇيغان ئىستاكان يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالغانىدى. ئانام بىلەن تۆر ئۆيدە 15 مىنۇتچە ئولتۇردۇم، شۇ چاغلاردىلا ئۇ ئۆينى كەنتتىكىلەر «خارابە» دەپ ئاتىشاتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە بۇ ئىمارەتتە تەسەۋۋۇرۇمنى غىدىقلايدىغان مەلۇم نەرسە باردەك قىلغانىدى. بەلكىم تۆر ئۆيدىكى يان ئۆيلەرگە ئېچىلغان 5-6 ئىشىك شۇنداق تۇيغۇغا كەلتۈرگەن بولىشى مۇمكىن. كەنتىمىزدىكى باشقا ئۆيلەر بۇنداق ئۇسۇلدا سېلىنمىغان، پەقەت ئەرەبلەرنىڭ كەنتلىرىدىلا مۇشۇنداق ئۆيلەرنى كۆرگەنىدىم. بىلىشىمچە، يازغۇچى قىرغىنچىلىق تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى يازغان بىلەن، ئۇنىڭدا قىلچىمۇ قايغۇ-ھەسرەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈنمەيتتى، ئەكسىچە زورلاپ كۈلگەندەك بالىلارچە شاتلىق جىلۋە قىلاتتى. ئۇ ناھايىتى كۈچەپ تۇرۇپ ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى ئالاتتى، بىزگە قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەتتى، گەپدانلىق قىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى خۇش قىلاتتى، ئەمما شۇ بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن ئېسىمدە قالغىنى ئۇ ئادەمنى جەلپ قىلمىسىمۇ، ھەربىر ئىشنىڭ راۋاجىغا كۈچ سەرپ قىلىپ قانائەت تاپىدىغان ئادەم ئىدى.
ئىككىنچى
كەچ سائەت ئالتىدە يېزىقچىلىق ئۈستىلىمدىن قوزغىلىپ، سىرتقا ئايلىنىشقا چىقتىم. ئىشخانىدا تولۇق بىر كۈن ئىشلىگەندىن كېيىن، تولىمۇ چارچىغان ئىدىم، كۆزلىرىم تېلىپ كەتكەنىدى، بۇ بىر كۈندە باج قايتۇرۇش ئىشىغا تەييارلىق قىلغانىدىم. يېرىم سائەتتىن بىرەر سائەتكىچە ئايلانماقچى بولدۇم، ھايموۋ تېز تاماقخانىسىدا ئاز-تولا غىزالانغاندىن كېيىن، قايتىپ ئىشىمنى قىلماقچى بولدۇم، كېچىگىچە ئىشىمنى تۈگەتمىسەم بولمايتتى. بەك چارچاپ كېتىپتىمەن، ھەتتا كېچىدىكى چىراغ شولىسىمۇ بەك خىرە كۆرۈندى، مۇنداقچە ئېيتقاندا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغانىدى. ئۇ تېررىيلاننىڭ تومۇز كۈنلىرىدىكى نەمخۇش كۈنلىرى ئىدى. قۇدۇق كوچىسىنىڭ ئۇ بېشىدا بىر قاتار ئارچا دەرىخى بولۇپ، ئۇنىڭ كەينىدە بىر نەشپۈتزارلىق بار ئىدى. قۇياش غەربكە قىيسىيىپ ئارچا دەرەخلىرىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇشقا باشلىدى. 6-ئايدىكى بۇ تومۇز كۈنلىرى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بۇ كەمدە قۇياش نۇرسىز كۆرۈنەتتى، قۇياش بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا بىر قەۋەت خىرە پەردە ھاسىل قىلغانىدى. مەن تەمكىن قەدەم بىلەن ئايلىنىشقا باشلىدىم. پات-پات توختاپ، كۆڭۈلسىزلىك بىلەن مەلۇم ھويلا-ئاراملارغا سەپ سالاتتىم. كوچىدا پەقەت بىر نەچچە كىشىلا ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆيلىرىگە مېڭىشقانىدى. بۇنداق چاغدا كەنتتىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆيلىرىدە بولۇپ، ئاسما مايكا، كالتە ئىشتان بىلەن ئارقا ئىشىكتىكى پېشايۋاندا مۇزدەك لىمون سۈيى ئىچىشىپ ئولتۇرۇشۇپ، گۈللۈككە قارىشىپ كەچلىك گېزىت كۆرۈشەتتى.
ئاندا-ساندا ناتونۇش كىشىلەر يېنىمدىن ئۆتۈپ تۇراتتى. ئابراھام لىۋىنې ماڭا باش لىڭشىتىپ سالام قىلدى، باشقا بىر، ئىككى ئادەم قەدەملىرىنى توختىتىپ مەن بىلەن بىر نەچچە ئېغىزدىن پاراڭلىشىپ قويۇشتى. كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا تونۇشاتتۇق. بەزىلەر مېنىڭ كەنتتىكى ئىمارەتلەرنى سېتىۋېلىپ ئارامگاھ سالىدىغانلارغا سېتىپ بېرىشىمگە قورساق كۆپۈكى بار ئىدى. ناھايىتى تېزلا بۇ كەنت يازلىق ئىستىراھەت كەنتىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. يېڭى كەلگەنلەر كەنتنى بېيىتىپ، كىشىلەر قەلبىدىن ئۇنتۇلغان چەت كەنتتىن قايناق سورۇنغا ئايلاندۇرغان تەقدىرىمۇ، ھېچ بولمىسا ھەپتە ئاخىردا قايناق سورۇنغا ئايلانغان تەقدىردىمۇ، كەنتتىكى ياشانغانلار بۇنداق بولىشىنى ئارزۇ قىلىشمايتتى. ھەر سەببات كۈنى(شەنبە)① پىكاپلار تۇشمۇ-تۇشتىن كەنتكە كېلىشىدۇ، پىكاپتا كەلگەنلەر ھاراق زاۋۇتى، سەنئەت كارىدورى، يىراق شەرق ئۆي جاھازلىرى دۇكىنى، ئىرىمچىك، ھەسەل، زەيتۇن بۇيۇملار يايمىلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشىدۇ.
① يەھۇدىي دىنىنىڭ ئەنئەنىسىدە سەببات كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ ھەپتە بىر كېلىدىغان مۇقەددەس كۈنى بولۇپ، ھەر جۈمە كۈنى كۈن ئولتۇرغاندا باشلىنىپ، شەنبە كۈنى كۈن ئولتۇرغاندا ئاخىرلىشىدۇ. مۇخلىسلار سەببات كۈنىدە خىزمەت قىلمايدۇ. ھېكايىدە تىلغا ئېلىنغان سەببات كۈنى ئاخشىمى جۈمە كۈنى كېچىگە قارىتىلغان، يەھۇدىيلار ئادەتتە سەببات كۈنى كېچىسى ئائىلە زىياپىتى ياكى يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ.
تومۇز ئىسسىقنىڭ زاۋال ۋاقتىدا ئۇلچىلار كوچىسىدىكى مەدەنىيەت زالى ئالدىدىكى مەيدانغا كەلدىم، پۇتلىرىم ئىختىيارسىز ھالدا مېنى بىنانىڭ كەينىگە باشلىدى، قاراڭغۇ ئازادە بىر سەيناغا كەلگەندە تەكشى ئەمما ئەھمىيەتسىز بىر گۈللۈككە دۇچ كەلدىم، بۇ يەرگە ئەزەلدىن بىرەر كىشى ئاياغ بېسىپ باقمىغاندەك قىلاتتى. بۇ يەردە بىرنەچچە مىنۇت تۇردۇم، شۇغىنىسى نېمىنى ساقلاۋاتقانلىقىمنى بىلمەيتتىم. بۇ يەردە بىر كىچىك ھەيكەل تىكلەنگەن بولۇپ، ئۇنى توپا بېسىپ كەتكەن، ئۇ 100 يىل بۇرۇنقى بىر قېتىملىق جەڭدە قەستكە ئۇچرىغان، بۇ كەنتكە ئۇل سالغان 5-6 نەپەر كىشىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان ھەيكەل ئىدى. زالنىڭ كەينى ئىشىكىدە بىر ئېلان تاختىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۈچ مۇزىكانتنىڭ كېلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىككە مۇزىكا ئورۇنلاپ، گۈزەل ئاخشام ئاتا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان يېزىپ قويۇلۇپتۇ. ئېلاننىڭ ئاستىدا مىسسىئونېر چاپلىغان يەنە بىر ئېلانمۇ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدا بۇ دۇنيانىڭ پەقەت بىر قاراڭغۇ دالان ئىكەنلىكى، بۇ يەردە ياخشى تەييارلىنىپ ئاندىن مۇقەددەس سورۇنغا قەدەم قويۇشىمىز كېرەكلىكى قەيت قىلىنىپتۇ. ئېلان بىر نەچچە مىنۇت تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىنلا، مۇقەددەس سورۇنغا دائىر ھېچنېمىنى بىلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، ئەمما دالاننى ياقتۇرۇپ قالدىم.
ئېلاننى كۆرۈۋاتقىنىمدا بىر ئايال ھەيكەلنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى. ماناندا ئۇنىڭ سىياقى ماڭا غەلىتە، ھەتتا ئاجايىپ كۆرۈندى. ئۇ مەدەنىيەت زالىنىڭ كەينىدىكى كىرىش ئېغىزىدىن چىققانمىدۇ؟ ياكى ياندىكى ئىمارەت ئارىسىدىكى تار يولدىن چىقىپ كەلدىمۇ؟ نېمە دېگەن غەلىتە-ھە، بايىلا تېخى بۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز تۇرغانتىم، تۇيۇقسىزلا ناتونۇش بىر ئايال قاياقتىندۇر پەيدا بولۇپ قالدى. ئايال بۇ يەرلىك ئەمەس ئىدى. ئۇ زىلۋا، مەزمۇت، ئىلمەك بۇرۇن، بوينى كالتە كەلگەن بولۇپ، بېشىغا ئىزما ۋە بۇلاپكىلار بىلەن بېزەلگەن سېرىق پوسما كىيىۋالغان. ئۇ پىيادە سەيياھتەك توپا رەڭ كىيىم كىيىۋالغان، پۇتىدا قوپال ساياھەت ئايىغى، بىر دولىسىغا قىزىل رەڭلىك كاناپ سومكا ئېسىۋاپتۇ، كەمىرىگە بىر سۇدان ئېسىۋاپتۇ. بىر قولىغا تاياق تۇتۇۋالغان(ھاسىنىڭ ئورنىدا)، بىر بىلىكىگە يامغۇرلۇق ئېسىۋاپتۇ، 6-ئايدا يامغۇرلۇق كۆتۈرۈۋېلىش تولىمۇ قاملاشمىغان ئىش ئىدى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقى چەتئەل ئېلانلىرىدىن چىقىپ كەلگەن تەبىئەت ساياھەتچىسىگە ئوخشاپ كېتەتتى. بۇ يەردە ئەمەس بەلكى باشقا سالقىن جايدا تۇرغاندەكلا. ئۇنىڭ سىياقىدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەي قالدىم.
بۇ غەلىتە ئايال بۇرۇلۇپ، ئۆتكۈر، ئۆچمەنلىك نەزەرى بىلەن ماڭا باقتى. ئۇنىڭدىن تەكەببۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى، ئۇ بىر بولسا مېنى قىلچە مەنسىتمەيتتى ياكى بولمىسا ئۇنىڭدىن قىلچىلىك ئۈمىد كۈتۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بىلدۈرگەندەك قىلاتتى، بۇ تەرىپى ھەر ئىككىمىزگە ئايان ئىدى. ئۇنىڭ نەزەرى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ، نەزەرىمنى باشقا تەرەپكە ئاغدۇرماي ئامالىم يوق ئىدى، نەزەرىمنى تېزلا ئۇلچىلار كوچىسى تەرەپكە ئاغدۇردۇم-دە، مەدەنىيەت زالىنىڭ ئالدى ئىشىكى تەرەپكە يول ئالدىم. ئالاھەزەل 10 نەچچە قەدەم مېڭىپلا ئىختىيارسىز بۇرۇلۇپ قارىدىم. ئايال يوق تۇراتتى. گويا زېمىن يېرىلىپ ئۇنى ئۆز قوينىغا ئالغاندەك قىلاتتى. ئەمما مەن ئۆزۈمنى تۇتۋالالمىدىم. مەدەنىيەت زالىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، داۋاملىق ئۇلچىلار كوچىسى تەرەپكە يول ئالدىم-دە، بەزى نەرسىلەرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى جەزم قىلدىم، نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم، يەنى كەسكىن ھەم پايدىلىق ئىش قىلىشىم، قىلىشىم كېرەك بولسىمۇ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك بولىدىغان ئىشلارنى ھېس قىلدىم.
شۇنىڭ بىلەن «خارابە» تەرەپكە يۈرۈپ كەتتىم، شۇ ھامان يازغۇچىنىڭ تۇل قالغان ئايالى پاتتايا رۇبىن ياكى روسا رۇبىن موماي بىلەن پاراڭلىشىشىم كېرەكىدى.
ئۈچىنچى
يولدا ماڭغاچ «خارابە»نى چېقىۋېتىشنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدىم. قانداقلا بولمىسۇن يۈز نەچچە يىللار ئىلگىرى ئۇلچىلار سالغان ئىمارەتلەر ئاللىبۇرۇن چېقىلىپ، بىر نەچچىسىلا قالدى، «خارابە» شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى. يازغۇچى ئەلداد رۇبىننىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى گوددارىھا رۇبىن ھاللىق دېھقان بولۇپ، تېرريلاندا ئەڭ بالدۇر ئولتۇراقلىشىپ قالغانلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئۆيىنى ئۆزى سالغان، بىر باغ بىنا قىلغان، يەنە بىر پارچە مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئۈزۈملۈكمۇ بەرپا قىلغان. ئۇ كەنتتە بېخىل، چۇس مىجەزلىكى بىلەن ھەممىگە تونۇش بولغان. ئايالى مارتا ياش ۋاقتىدا مانناسسېر رايونىدىكى داڭلىق گۈزەللەردىن ئىدى. ئەمما «خارابە» ئۇزۇن يىللاردىن بېرى رېمۇنت قىلىنماي، ئۆرۈلۈپ چۈشەيلا دەپ قالغان، ئۇنىڭغا پۇل خەجلەپ رېمۇنت قىلىشنىڭ ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى يوق ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئايالىنىڭ قولىدىن بۇ «خارابە»نى سېتىۋېلىپ، يەرنى سېتىپ، يېڭى داچا سېلىشنى ئويلاۋاتاتتىم. خاتىرە بېغىشلىما تاختىسى ياسىتىپ بىنانىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويسام، ئۇنىڭغا بۇ يازغۇچى ئەلداد رۇبىننىڭ قەدىمكى تۇرالغۇسى، ئۇ چوڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ھېكايىسىنى دەل مۇشۇ تۇرالغۇسىدا يېزىپ چىققان دەپ يازدۇرسام دەپ ئويلىدىم، ئەلۋەتتە بۇنى قىلالايتتىم. بالا چاغلىرىمدىلا بۇ ۋەھىمىلەرنىڭ يەنىلا مەلۇم ئۇسۇلدا يازغۇچىنىڭ ئۆيىدە قېپ قالىدۇ، ۋەھىمىلىك گەمىدە ياكى مەلۇم بىر ئارقا ھۇجرىدا داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلايتتىم.
ئاپتۇبۇس بېكىتىنىڭ يېنىدىكى كىچىك مەيداندا تېرريلان كەنتىنىڭ باشلىقى بېننىي ئاۋنىنى ئۇچراتتىم. ئۇ باش ئىنژېنېر ۋە نىتانىيەدىن كەلگەن يول ياساش ھۆددىگىرى بىلەن يولغا ياتقۇزۇلغان تاشلارنى ئالماشتۇرۇۋېتىش توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقانىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ زاۋال ۋاقتىدا قۇرۇق پاراڭ سېلىپ تۇرغانلىقىدىن تولىمۇ ھەيران بولدۇم. بېننى ئاۋنى دولامغا ئۇرۇپ قويۇپ مۇنداق دېدى:
- ياخشىمۇسىز، ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىسى ئەپەندىم؟ - ئۇ گېپىگە ئۇلاپلا يەنە مۇنداق دېدى، - قارىماققا بەك ئالدىراشتەك قىلىسىز ئىئوسى، ۋاقتىڭىز چىقسا ئىشخانامغا كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتىڭ، جۈمە كۈنى بولسىمۇ بولىدۇ، ئىككىمىز پاراڭلاشساق بولاتتى.
نېمە توغرىلىق پاراڭلىشىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ باقاي دېسەم، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم:
- كەلمەمسىز، قەھۋە ئىچىشكە تەكلىپ قىلىمەن، - دېدى ئۇ.
بۇ مېنى ئەنسىرىتىپ قويدى: نېمە قىلىشىم ياكى نېمىلەرنى قىلماسلىقىم كېرەكتۇ؟ تەشۋىشلىنىشكە باشلىدىم، ئەمما زادى نېمە ئىش سەۋەب بولدى، پەقەت ئويلىيامىدىم. شۇڭا «خارابە» گە قاراپ يول ئالغانىدىم. شۇغىنىسى ئۇ يەرگە ئۇدۇل بارمىدىم، ئايلىنىپ مەكتەپ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى قارىغايزارلىقتىكى يول بىلەن باردىم. تۇيۇقسىز كاللامغا، مەدەنىيەت سارىيىدا ئۇچراتقان غەلىتە ئايال ماڭا بىرەر يىپ ئۇچىنى ئېيتماقچى بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم، بەلكىم ھايات-ماماتلىققا مۇناسىۋەتلىك بىرەر يىپ ئۇچى بولىشى مۇمكىن، ئەمما مەن بۇنىڭغا دىققىتىمنى بەرمەسلىك كويىدا ئىدىم. زادى نېمىدىن قورقىمەن؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتىم؟ راستىنلا قاچتىممۇ؟ نېمىلا دېگەن بىلەن بۇرۇلۇپ كەينىمگە قارىسام، ئۇ غايىب بولغانىدى. ئۇ گويا زاۋالدىكى قاراڭغۇلۇققا شۇڭغۇغان ئىدى. زىلۋا، مەزمۇت كىشى، ئۇچىسىغا غەلىتە ساياھەت كىيىمى كىيىۋالسا، بىر قولىغا ھاسا تۇتۇۋالغان، يەنە بىر بىلىكىگە يامغۇرلۇق تاشلىۋالغان. گويا بۇ ئالتىنچى ئاي مەزگىلى ئەمەستەكلا. مېنىڭچە ئۇ ئالپس تېغىدىن كەلگەن ساياھەتچىدەك قىلاتتى. بەلكىم ئاۋسترىيەلىك بولىشىمۇ مۇمكىن،  ياكى شۋېتسىيەلىكتۇ. ئۇ ماڭا بىر نېمە دېمەكچى، مەن نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ كېتىمەن؟ بۇ مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى تاپالمايمەن، ھەمدە بېننىي ئاۋنىنىڭ ماڭا نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، ياكى ئاپتۇبۇس بېكىتى يېنىدىكى كىچىك مەيداندا مەن بىلەن ئۇچراشقاندىلا دېمەكچى بولغانلىرىنى دېمەي، مېنى غەلىتە ۋاقىتتا- جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىشخانىسىغا تەكلىپ قىلىدۇ؟
تارپات كوچىسىنىڭ بۇرۇلۇش دوقمۇشىدىكى سايىغا قويۇلغان ئۇزۇن ئورۇندۇققا قارا رەڭلىك ئىنچىكە قارا شوينا بىلەن ئورالغان قېلىن سېرىق قەغەز بولاق تاشلاپ قويۇلۇپتۇ. قەدىمىمنى توختىتىپ، ئۈستىگە نېمىلەر يېزىلدىكىن قاراپ باقتىم. قەغەز بولاققا خەت يېزىلماپتۇ. ئېھتىياتچانلىق بىلەن بولاقنى ئالدىم، ئۆرۈپ قارىدىم، قەغەز سىلىق بولۇپ، ھېچقانداق بەلگە يوق. سەل ئارىسالدى بولۇپ، بولاقنى ئاچماسلىق قارارىغا كەلدىم، ئەمما مېنىڭ بۇنى بايقىغانلىقىمنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشۈم كېرەكىدى. كىمگە دېيىشنى بىلەلمىدىم. بولاقنى قوش قوللاپ ئالدىم، بولاق تۇرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر، بىر بولاق كىتابتىنمۇ ئېغىر ئىدى، ئىچىگە تاش ياكى مېتال ئوراپ قويۇلغاندەك قىلاتتى. ئەمدىلىكتە بۇ جىسىم گۇمانىمنى قوزغاپ قويدى، ئۇنى ئاستاغىنە ئورۇندۇققا قويۇپ قويدۇم. ئەسلىدە گۇمانلىق بولاقنى كۆرگەنلىكىمنى ساقچىغا مەلۇم قىلىشىم كېرەكىدى، ئەمما قول تېلېفونۇم ئىشخانىدىكى ئۈستىلىمدە قاپتۇ، مەن چىقىپ ئايلىنىپلا قايتىمەن دەپ چىققاچقا، خىزمەت ئىشى بىلەن ئاۋارە بولغۇم يوق بولغاچ تېلېفوننى قويۇپ قويغانىدىم.
شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرى بارا-بارا ئاجىزلاۋاتاتتى، پەقەت قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرى يولنىڭ بېشىدا چاقنايتتى، شەپەق نۇرى گويا ماڭا سالام قىلغاندەك، ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە مېنى نېرى تۇر دېگەندەك قىلاتتى. كوچىنى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى يوغان ئارچا دەرەخلىرى ۋە قورو-جايلارنىڭ ئەتراپىدىكى قاشالار قويۇق سايە تاشلاپ، كوچىنى قاراڭغۇ قىلىۋەتكەنىدى. سايە جىمجىت بولماستىن بەلكى ئېڭىشىپ يىتكەن نەرسىسىنى ئىزدەۋاتقاندەك ئىغاڭشىپ تۇراتتى. بىر دەمدىن كېيىن كوچا چىراغلىرى ياندى؛ سايىلەر تېخىچە تاشلىنىپ تۇراتتى، بەلكى دەرەخ شاخلىرىنى لىڭشىتىۋاتقان مەيىن شامال بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك، گويا كۆرۈنمەس بىر قول ئۇنى لىڭشىتىپ، شامال بىلەن بىرىكىپ كەتكەندەك تۇيۇلاتتى.
مەن «خارابە»نىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن تۆمۈر دەرۋازىسى ئالدىدا قەدىمىمنى توختاتتىم، ئىشىك ئالدىدا بىر نەچچە مىنۇت تۇردۇم، سۆگەتگۈلنىڭ خۇشپۇرىقى ۋە قوغۇنگۈلنىڭ قىرتاق پۇرىقى بۇرنۇمغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ئۆيدە ئادەم يوقتەك قىلاتتى، چۈنكى ھېچقايسى دېرىزە ياكى گۈللۈكتىن چىراغ يورۇقى كۆرۈنمەيتتى، پەقەت خوخىلار ئارىسىدىن چېكەتكىنىڭ چىرىلداشلىرىلا ئاڭلىناتتى، قوشنا گۈللۈكتە پاقىلار كوركىرايتتى، كوچىنىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئۈزۈلمەي ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازى كېلەتتى. نېمە ئۈچۈن ئالدىن تېلېفون قىلىپ كېلىشىۋالمايلا تۇشمۇتۇشتىن بۇ يەرگە كەلدىم؟ مۇبادا ھازىرلا ئىشىكنى چەكسەم، قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئىككى ئايال چوقۇم قورقۇشۇپ كېتىدۇ. ھەتتا ئىشىكنىمۇ ئاچماسلىقى مۇمكىن ئىدى. دېرىزىلىرىنىڭ قاپقاراڭغۇ تۇرغىنىغا قارىغاندا، ئۇلار ئۆيدە يوق بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كېتىپ، باشقا كۈنى كەلمەكچى بولدۇم. ئەمما شۇ قارارغا كېلىۋېتىپ، دەرۋازىنى ئاچتىم. دەرۋازا يېقىمسىز غىچىرلاپ ئېچىلدى، قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن ئالدى گۈللۈكنى كېسىپ ئۆتۈپ، دالان ئىشىكنى چەكتىم.
تۆتىنچى
ئىشىكنى ئۆلۈپ كەتكەن يازغۇچى ئەلداد رۇبىننىڭ قىزى ئادىنا ئاچتى، ئۇ 25 ياشلاردا ئىدى. ئانىسى بىلەن مومىسى ئېرۇسالىمغا كېتىپتۇ، قىز خەيفادىن قايتىپ كېلىپ بۇ يەردە يالغۇز تۇرۇۋېتىپتۇ، ئۇ تېرريلانغا ئۇل سالغۇچىلارغا ئائىت ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىۋېتىپتۇ. ئادىنا كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا ئېسىمدە ئىدى، چۈنكى ئۇ ئالاھەزەل 12 ياشلارغا كىرگەن يىلى، دادىسى ئۇنىڭ ئىشخانامغا كەنت پىلانىنى ئالغىلى ئەۋەتكەنىدى. ئۇ ئۇياتچان ئالتۇن چاچ قىز بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىنى پۇرچاق غولىدەك زىلۋا، بوينى ئىنچىكە، مەسۇم چىرايى قىزىقىشقا تولغان بولۇپ، ئەتراپتىكى ھەممە ئۇنى ھەيران قالدۇرۇۋاتقاندەك، ئىسەنكىرىتىۋاتقاندەك ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنا پاراڭلاشماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى، دادىسى يازغان كىتابلار، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلاردىن نامىنى ئاڭلاپ زىيارەتكە كەلگۈچىلەرنى سورىدىم، ئەمما، قىزچاق ھەئە ياكى ياقتىن باشقا جاۋاب بەرمىدى، پەقەت بىر قېتىملا مەن نەدىن بىلەي دېدى. دېمەك پارىڭىمىز باشلانمايلا ئاخىرلاشتى. مەن دادىسىغا بەرمەكچى بولغان پىلان كىتابىنى ئۇنىڭغا سۇندۇم، ئۇ رەھمەت دەپ تاپشۇرۇۋالغاندىن چىقىپ كەتتى. ئۇ پەقەت بىر تالاي قورۇنۇش ۋە قىزىقىشنى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى، بەلكىم مەن ۋە ئىشخانام ئۇنى ھەيران قالدۇرغان بولسا كېرەك. شۇندىن كېيىن ۋىكتور ئەزرانىڭ چەرچىن دۇكىنىدا، كەنت كومىتېتىنىڭ ئىشخانىسىدا ياكى سەھىيە پونكىتىدا ئۇنى بىر نەچچە قېتىم ئۇچراتتىم، ھە قېتىم ئۇ ماڭا قەدىناسلارچە كۈلۈمسىرەپ قوياتتى، گەپ قىلمايتتى. ئىككىمىز ئارىسىدا داۋاملاشماي قالغان پاراڭ باردەكلا، مېنى مەغلۇب قىلغاندەك تۇيغۇدا كېتىپ قالاتتى. 6-7 يىللنىڭ ئالدىدا ئۇ ئەسكەرلىككە كەتتى، شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ خەيفاغا ئوقۇشقا كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
مانا بۈگۈن ئۇ پەنجىرىلىرى ھىم ئېتىلگەن ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا، مېنىڭ ئالدىمدىلا تۇراتتى. مانا ئەمدى يۈرۈش تۇرۇشى نازاكەتلىك، گۈزەل قىز بولۇپ يېتىلىپتۇ، ئۇچىسىغا ئاددىلا پاختىدىن تىكىلگەن كۆڭلەك كىيىۋالغان، چاچلىرى ئەركىن لەپىلدەپ تۇرغان، كىچىك قىزلاردەك ئاق پايپاق ۋە ساپما كەش كىيىۋاپتۇ. مەن پەقەت ئۇنىڭ ساپما كەشىگىلا قارىدىم.
- ئانىڭىز ماڭا بۇ ئۆينى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا كېلىپ پاراڭلىشىش توغرىسىدا تېلېفون قىلىپتىكەن، - دېدىممەن.
- ئانام مومام بىلەن ئېرۇسالىمغا كەتتى، ئۆيدە يالغۇز تۇرۇۋاتىمەن،- دېدى ئۇ.
گەرچە ئۆي توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاننىڭ قىلچە پايدىسى بولمىسىمۇ، ئۇ يەنىلا مېنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەھمەت ئېيتىپ، قايتىپ كېتىپ باشقا كۈنى كەلمەكچى بولدۇم، ئەمما ئىككى پۇتۇم ماڭا بويسۇنماي ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەن بالىلىق چېغىمدا ئېسىمدە قالغان چوڭ ئۆيگە كىردىم، ئۆينىڭ تورۇسى بەك ئېگىز ئىدى، ئۆيدە باشقا ھۇجرىلارغا ۋە گەمىگە تۇتىشىدىغان ئىشىك ھە ئۆتۈشمە پەلەمپەيلەر باركەن. ئالتۇنرەڭ خىرە چىراغ نۇرى تورۇسقا يېقىن ئېسىلغان چىراغ قاپقىقىدىن چۈشۈپ ئۆينى يورۇتقان. ئىككى تەرەپتىكى تامغا لىق كىتاب تىزىلغان كىتاب ئىشكابى ئورنىتىلغان، شەرقىي تامدا يەنىلا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ چوڭ خەرىتىسى ئېسىلغان. خەرىتە سارغىيىپ كەتكەن، بۇرجەكلرى يىرتىلىپ كەتكەن. ئۆيدە قەدىمىي ھەم قويۇق  بولغان بىر خىل پۇراق - ھاۋا ئۆتۈشمەي سۇسقىنە بىر خىل پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ، پۇراق ئەمەستۇ،  بەلكى ئالتۇن رەڭلىك چىراغ نۇرىدا كۆرۈنگەن توزان يۆلەنچۈكلۈك سەككىز ئورۇندۇق چۆرىدەپ قويۇلغان تاماق ئۈستىلى ئۈستىدە قىڭغىر نۇر دەستىسى ھاسىل قىلغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.
ئادىنا مېنى بىنەپشە رەڭلىك يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى:
- نېمە ئىچىسىز، -  دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.
- ئاۋارە بولماڭ، سىزگە دەخلى قىلغۇم يوق، ئولتۇرۇپ، دېمىمنى ئېلىۋېلىپلا قايتىمەن، ئانىڭىز ۋە مومىڭىز قايتىپ كەلگەندە ئاندىن كېلەي، - دېدىم مەن.
- ھاۋا بەك ئىسسىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىيادە كەپسىز، - دېدى ئۇ ماڭا ئىچىملىك قۇيۇپ بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ.
ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۇزۇن پاچاقلىرىغا، كىچىك بالىلاردەك كىيىۋالغان ئاق پايپاق ۋە ساپما ئايىغىغا قارىدىم. توق كۆك رەڭلىك كۆڭلىكى تىزىدىن ئاشقان ئىدى. ئۆي جىمجىتلىققا چۆمدى، گويا سېتىۋېتىلىپ، مەڭگۈ قۇپقۇرۇق تۇرىدىغاندەك ئىدى. كونىچە ئاسما سائەت كرېسلونىڭ ئۈستىدە چىكىلداپ تۇراتتى، تالادا ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازى، لېكىن ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى ئارچا دەرىخىنىڭ شاخلىرى مىدىرلاپمۇ قويمايتتى. شەرق تەرەپتىكى دېرىزىدىن تولۇن ئاي كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئايدىكى داغلار ئادەتتىكىدىن روشەن بىلىنىپ قالغانىدى.
ئادىنا قايتىپ كەلگەندە قارىسام، پايپىقى بىلەن ساپما كەشنى سېلىۋېتىپتۇ، يالاڭئاياغ كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ قولىدا قارا رەڭلىك بىر ئەينەك پەتنۇس، پەتنۇسنىڭ ئۈستىدە بىر ئىستاكان، بىر بوتۇلكا مۇزلۇق سۇ، بىر تەخسىدە خورما، ئەينۇلا ۋە گىلاس. بوتۇلكىنىڭ ئاغزىدىن بىر قەۋەت مۇز دانىچىلىرى ساڭگىلاپ قالغان، ئىستاكاننىڭ گىرۋىكىدە ئىنچىكە كۆك سىزىقچە. ئۇ تەخسىنى ئالدىمغا قويدى، ئاندىن ئىستاكاننىڭ كۆك سىزىقىغىچە مۇزلۇق سۇ قۇيدى. ئۇ ئېڭىشكەن چاغدا، ئۇنىڭ چوقچىيىپ تۇرغان كۆكسى ۋە ئىككى چوققىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئېرىقچە كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى. ئۇنىڭ كۆكسى كىچىك ئەمما چىڭ ئىدى، مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ كۆكسى گويا ئۇ ئالدىمغا قويغان ئىككى ئالما بولۇپ كۆرۈندى. مەن ئىستاكاندىكى سۇنى بىر نەچچە ئوتلىدىم-دە، مېۋىنى تۇتۇپ قويدۇم، ئەمما ئۇنى ئالمىدىم، ئەينۇلىنىڭ سىرتىدا بىر قەۋەت نەرسە يېپىشىۋالغاندەك تۇراتتى، بەلكىم يۇيغان چاغدا يېپىشىۋالغان سۇ تامچىلىرىدۇ، قارىماققا تولىمۇ تەملىك بولۇپ، ئاغزىمغا سۇ يىغىلدى. مەن ئادىناغا:
- دادىڭىز ئېنىق ئېسىمدە، كىچىكىمدىن تارتىپلا بۇ ئۆيمۇ ئېنىق ئېسىمدە، ئۆينىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقكەن، - دېدىم.
- دادام بۇ ئۆينى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ مۇشۇ ئۆيدە تۇغۇلۇپ، مۇشۇ ئۆيدە ئۇ دۇنياغا كەتتى، بارلىق ئەسەرلىرىنىمۇ مۇشۇ ئۆيدە يازغان، ئەمما ئانام بۇ يەردىن كېتىپ، شەھەردە تۇرۇشنى خالايتتى. ئۇ جىمجىتلىقتا بۇرۇقتۇم بولۇپ قالغان، ئېنىقكى ئۇ بۇ يەردىن كەتسە مومامنى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئاپىرىپ قوياتتى-دە، ئۆي سېتىلىپ كېتەتتى. ئەگەر مېنىڭ پىكرىمنى ئالسا، مومام ھاياتلا بولىدىكەن، ئۆينى ساتمايلى دەيتتىم. ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا ئانامنىڭ قارىشىمۇ توغرا ئىدى: چۈنكى ئۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا بارمايدۇ، ئۇنداق بولغانىكەن، بۇ يەردە تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى يوق-تە، ئەمما ئانام يەنىلا قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغان مومام بىلەن بۇ ئۆيدە تۇرىۋەردى.
- ئۆينى كۆرگۈڭىز بارمۇ؟ كۆرسىتىپ كېلەيمۇ؟ بۇ ياقتا بىرمۇنچە ئۆي بار، بۇ ئۆي تولىمۇ تەرتىپسىز سېلىنغان، گويا بىناكار ئەقلىنى يوقاتقاندەكلا، نەگە ئۆي سالغۇسى كەلسە، كارىدور قويغۇسى كەلسە  خىيالىغا كەلگىنىچە سېلىۋەرگەن. ئەمەلىيەتتە ئۆينى سالغۇچى بىناكار ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ بوۋام ئۆزى قول سېلىپ بۇ ئۆينى سالغان، بىر نەچچە يىلدا بىردىن ئۆي يانداپ سالغان، كېيىن بوۋام بۇ ئۆينى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆينى قوشۇپ سالغان.
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قاراڭغۇ بىر ئىشىككە تۇتىشىدىغان كارىدوردىن ئۆتتۈم، كارىدورنىڭ يان تېمىغا تاغ-دەريالارنىڭ مەنزىرىسى سىزىلغان كونا رەسىم ئېسىلغان. مەن ئادىنانىڭ بىر جۈپ يالاڭئاياغ پۇتىغا سىنچىلاپ قارىدىم، ئۇ تاش تاختاي ياتقۇزۇلغان كارىدوردا يېنىك دەسسەپ، گويا ئالدىمدا ئۇسسۇل ئوينىغاندەك تېز ماڭاتتى. بۇ كارىدورغا بىر نەچچە ئىشىك قويۇلۇپتۇ.
- گەرچە مۇشۇ ئۆيدە چوڭ بولغان بولساممۇ، ئۆزۈمنى سىرلىق ئوردىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىمەن، بەزى بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغا پەقەت كېلىپ باقمىغان، -دېدى ئادىنا.
ئۇ بىر ئىشىكنى ئاچتى، پەسكە قاراپ بەش پەشتاق چۈشۈپ، غۇۋا چىراغ يېقىلغان، ئەگرى-بۈگرى كارىدورغا كەلدۇق. بۇ يەردىمۇ ئەينەك ئىشىكلىك ئىشكاپ باركەن، ئىچىگە لىق كىتاب تىزىلىپتۇ، كىتاب بىلەن كىتاب ئارىسىغا تاشقاتما ۋە دېڭىز قۇلۇلىسى قىستۇرۇپ قويۇلۇپتۇ.
- دادام كەچقۇرۇنلۇقى مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇشقا ئامراق ئىدى. ئۇ دېرىزىسى يوق، ھىم ئېتىلگەن بوشلۇقنى بەك ياقتۇراتتى، - دېدى ئادىنا.
- مەنمۇ مۇشۇنداق يېپىق بوشلۇقنى ياقتۇرىمەن، بۇنداق يەردە تومۇز ئىسسىقتىمۇ ناھايىتى سالقىن ئولتۇرىسىز، - دېدىممەن.
- ئۇنداقتا مەن سىزنى دەل جايىغا باشلاپ كەپتىمەن، - دېدى ئادىنا.
بەشىنچى
غىچىرلاپ ئېچىلىدىغان بىر ئىشىك كارىدوردىن يەنە بىر كىچىك ئۆيگە تۇتشىدىكەن، بۇ ئۆيگە ئەسكىپ كەتكەن بىر كرېسلو، قوڭۇر تۇتقۇلۇق يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇق ۋە پۇتلىرى مايماق قەھۋە ئۈستىلى قويۇلغان. تامغا تېرريلاننىڭ چوڭايتىلغان رەڭسىز سۈرىتى ئېسىلىپتۇ، قارىغاندا ئۇ ئۇزۇن يىللار بۇرۇن كەنت مەركىزىدىكى سۇ مۇنارىنىڭ ئۈستىدىن تارتىلغان ئىكەن. سۈرەتنىڭ يېنىغا رامكىغا ئېلىنغان بىر گۇۋاھنامە ئېسىپ قويۇلغان بولۇپ، قاراڭغۇ بولغاچقا ئۇنىڭغا نېمىلەر يېزىلغانلىقىنى كۆرەلمىدىم. ئادىنا بىر دەم ئولتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى، بويسۇنۇپ ئولتۇردۇم. مەن ئەسكى كرېسلودا ئولتۇردۇم، ئادىنا ئۇدۇلۇمدا يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، ئۇ ئىككى پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ،يوپكىسىنى پەسكە تارتىپ قويدى، ئەمما يوپكا بەك قىسقا بولغاچقا تىزىنى ياپالمايتتى.
- ھازىرغىچە بىز پەقەت ئۆينىڭ كىچىككىنە قىسمىنىلا كۆردۇق، سول تەرەپتىكى ئىشىك مېھمانخانىغا تۇتىشىدۇ، بىز دەل شۇ يەردىن باشلاپ ئايلاندۇق، ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىك بولسا ئاشخانىغا تۇتىشىدۇ، ئۇ يەردىن غىزا راسلاش ئۆيىگە چىققىلى بولىدۇ، ياكى بىر قانچە ھۇجرىغىمۇ چىققىلى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتە ھۇجرا بار، بەزى ھۇجرىلاردا ھېچ بولمىغاندىمۇ 50 نەچچە يىل ئادەم تۇرۇپ باقمىغان.
ئادىنانىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى يىراق ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسىدىن ئۆزىنىڭ بېغى ۋە گۈللۈكىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەنلەرگە ياتاق، تاماق تەمىن ئېتىپتىكەن. ئۇنىڭ بوۋىسىمۇ بۇ يەرگە زىيارەتكە كەلگەن لېكسىيەچىلەر ۋە ئويۇن قويغۇچىلارغا ياتاق-تاماق تەمىن ئېتىپ تۇرىدىكەندۇق. مەن ئادىنانىڭ ئېچىلىپ قالغان بىر جۈپ تىزىغا قاراپ ئولتۇردۇم، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ تىزىغا قارىۋېدى، مەن شۇ ھامان كۆزۈمنى ئەپقېچىپ، ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم، ئۇنىڭ چىرايىدىن بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلكە جىلۋىلىنەتتى.
- نېمە ئۈچۈن ماڭا ئۆيىڭىزنى كۆرسىتىسىز؟ - دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
- سىز ئۆي سېتىۋالىدىغان بولغىيتتىڭىز؟ - دېدى ئادىنا ھەيران بولۇپ.
ئۆينى سېتىۋېلىشتىن مەقسىتىم ئۇنى چېقىۋېتىش، شۇڭا ئۇنچە تەپسىلىي كۆرۈشۈمنىڭ ئورنى يوق دەۋەتكىلى تاس قالدىم، تۇۇرپلا گەپنى ئاغزىمدىن چىقارمىدىم.
- بۇنچىۋالا چوڭ ئۆيدە ئاران ئىككى ئايال تۇرسا، راسلا چۆلدەرەپ قالغۇدەك.
- ئانام بىلەن مومام ئۆينىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۇرىدۇ، ئۇ يەردىن ئارقا ھويلىدىكى گۈللۈك كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، مېنىڭمۇ ئۇ تەرەپتە بىر كىچىك ھۇجرام بار، قايتىپ كەلسەم شۇ ھۇجرىدا تۇرىمەن، - دېدى ئادىنا، - ھازىرلا كەتمەكچىمۇ سىز؟ ھېرىپ كەتكەنسىز؟ يەنە بىر مۇنچە ئۆينى كۆرمىدۇق، سىز بار پۇرسەتتە مەنمۇ ئۆيلەرنى كۆرۈۋالاي دەيمەن. بولمىسا يالغۇز قالغاندا قورقىدىكەنمەن، ئىككىمىز بولغاندىكىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇنداققۇ؟
ئۇ مەندىن ھاردىڭىزمۇ، ئىككىمىز بىللە كۆرسەك قورقمايدىكەنمەن دېگەن چاغدا ئۇنىڭ ئاۋازىدىن مېنى ئازراق قېقىتىش، ئازراق مازاق قىلىش چىقىپ تۇراتتى. ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىكتىن چىقىپ كونىچە چوڭ بىر ئاشخانىغا كىردۇق. چوڭ-كىچىك تاۋا قازانلار تامغا قاتار ئېسىلغان، ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىنى ئوچاق ۋە قىزىل قىشتا ياسالغان مورا ئىگەللىگەن. ئاشخانىنىڭ تورۇسىغا تىزىق-تىزىق سامساق ۋە قۇرۇق يېمىشلەر ئېسىپ قويۇلغان. قوپال يونۇلغان قارا ئۈستەلدە ھەر خىل ھەرياڭزا قورال-سايمانلار: دەپتەر، خۇرۇچ قۇتىسى، ساردىن بېلىق كونسېرۋاسى، توپا بېسىپ كەتكەن ماي بوتۇلكىسى، بىر تۇتام چوكا، تۇرۇپ قالغان قۇرۇق يېمىش، ھەر خىل قىيام ۋە ئاچچىق-چۈچۈكلەر ئوڭ تەتۈر تاشلاپ قويۇلغان. تامغا رەسىملىك كالېندار ئېسىلغان، قارىغاندا نەچچە يىللار بۇرۇنقى كونا كالېندار ئىكەن.
- دادام قىش كۈنلىرى مۇشۇ يەردە ئولتۇراتتى، ئۇ ئوچاقنىڭ يېنىدا خاتىرىسىگە بىر نېمىلەرنى يازاتتى، ھازىر ئانام بىلەن مومام يەنە بىر تەرەپتىكى كىچىك ئاشخانىنى ئىشلىتىدۇ. قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ، ئازراق يېمەكلىك تەييارلاپ بېرەيمۇ؟ - دېدى ئادىنا.
قورسىقىم راس ئاچقانىدى، شۇڭا ئازراق يېيىشكە قوشۇلدۇم، پېرسىيە مېۋە قىيامى سۈرۈلگەن، ئازراق پىياز بېسىپ، تۇز چېچىلغان بولكا يېگۈم كەلدى، ئاشخانىنىڭ بۇنچە ۋەيران ھالىغا قاراپ، يېمەي داۋاملىق ئالدىمىزغا مېڭىۋەرگۈم، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ، سىرلىق ئوردىنىڭ مەركىزىگە بارغۇم كەلدى. شۇنىڭ بىلەن:
- رەھمەت، كېينچە پۇرسەت بولۇپ قالار، داۋاملىق مېڭىۋەرمەمدۇق، يەنە قانداق ئۆيلەر باركىن، - دېدىم.
ئۇنىڭ كۆزىدىن يەنە بىر قېتىم مەلۇم بىر خىل مازاق قىلغاندەك، ئەخمەق قىلغاندەك چىراينى سەزدىم، گويا ئۇ قەلبىمدە مەلۇم بىر خىل ئۇياتچىلىقنى سەزگەندەك قىلاتتى.
- كېلىڭ، بۇ ياققا ماڭايلى، - دېدى ئۇ.
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تار كىدورغا كىردۇق، كارىدورنىڭ سول تەرەپ قىيپاش تەرىپىدە يەنە بىر ئەگرى بۈگرى كارىدور تۇراتتى، ئادىنا ئۇ يەرگە بېرىپ بىر چىراغنى ياندۇردى. گاڭگىراپ قالدىم، قايتىپ كېتىدىغان يولنى تاپالارمەنمۇ. ئادىنا مېنى ئەگەشتۈرۈپ بارغانسېرى ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتتى، ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىگە كىردى، ئۇنىڭ بىر جۈپ يالاڭئاياغ پۇتى مۇزدەك تاش تاختاي ئۈستىدە گويا ئۇسسۇلغا چۈشكەندەك يېنىككىنە كېتىپ باراتتى.  كارىدوردا قاتلانغان چېدىر، تىرەك، كاۋچۇك ماتراس، ئارغامچا ۋە يېقىلغۇ قىلىدىغان كىرسىن لامپا دېگەندەك دالىدا قونۇش ئۈسكۈنىلىرى قويۇپ قويۇلغان. گويا بىرەرسى سەپەرگە تەييارلىنىپلا تۇرغاندەك، تاغنىڭ ئىچكىرىسدە يالغۇز تۇرىدىغاندەك قىلاتتى. قېلىن تامنىڭ ئارىسىدىن نەمخۇش چاڭ-توزاننىڭ ھىدى كېلەتتى. ئالاھەزەل 9-8 ياش چاغلىرىم بولسا كېرەك، بىر قېتىم مەن بىر تېرمومېترنى چېقىۋېتىپ، دادام گۈللۈكتىكى سايمانخانىغا بىر-ئىككى سائەتكىچە سولاپ قويدى. مۇزدەك بارماق ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ بەدىنىمنى سىپاپ تۇرغانلىقى ھېلىمۇ يادىمدا، مەن گويا ھامىلىدەك بىر بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپلا قالغان ئىدىم.
بۇ ئەگرى كارىدوردا بىز كىرگەن ئاشۇ ئىشىكتىن باشقا يەنە يېپىقلىق ئۈچ ئىشىك باركەن. ئادىنا يەر ئاستى ئۆيگە كىرىدىغان ئىشىكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
- كىرىپ كۆرۈپ باقامسىز؟ ، يەر ئاستى ئۆيىدىن قورقمايدىغانسىز؟ - دېدى.
ياق، قورقمايمەن، ئەگەر خالىسىڭىز بۇ نۆۋەت كىرمەيلى دېمەكچى بولدۇميۇ، شۇ ھامان قارىشىمنى ئۆزگەرتىپ مۇنداق دېدىم:
- راست ئەمەسمۇ، نېمىشقا كىرمىگۈدەكمىز؟  يەر ئاستى ئۆينى كۆرۈپ بېقىشىم كېرەك-تە.
ئادىنا تامغا ئېسىپ قويۇلغان قول چىراغنى ئالدى-دە، بىر پۇتى بىلەن ئىشىكنى تېپىپ ئاچتى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىرىپ كەلدىم، قاراڭغۇلۇقتا، پۇلاڭلاپ تۇرغان كۆلەڭگۈ ئارىسىدىن 14 پەشتاق  سانىدىم. يەر ئاستى ئۆي شۇنچە سوغۇق ھەم نەم بولۇپ، ئادىنانىڭ قول چىرىغى قاراڭغۇ تامدا يول-يول يورۇق كۆلەڭگۈ قالدۇراتتى.
- بۇ بىزنىڭ گەمە ئۆيىمىز، قويغىلى جاي تاپالمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ ئۆيگە قويىمىز. بوۋام دېمىق، قۇرغاق كېچىلىرى مۇشۇ ئۆيدە ياتاتتى، يېنىغا چېلەك ۋە ئورالما يېشىكى قويۇۋالاتتى. سىزچۇ؟ سولىنىپ قېلىشتىن قوقمايدىغانسىز؟ قاراڭغۇلۇقتىن قورقۇمسىز؟ مەن قورقمايمەن. ئەكسىچە، كىچىكىمدىن تارتىپ يېپىق، قاراڭغۇ جايلارغا مۆكۈنىۋالاتتىم. ئەگەر سىز راستىنلا بۇ ئۆينى سېتىۋالسىڭىز، خېرىدارىڭىزنى بۇ ئۆينىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتمەسلىككە كۆندۈرىشىڭىز كېرەك. ھېچ بولمىغاندا مومام ھايات چاغدا شۇنداق بولىشى كېرەك.
ئۆزگەرتىش؟ بۇ ئۆينىڭ يېڭى غوجايىنى ئۆينى ئۆزگەرتىشنى ئويلىماسلىقى، ئەكسىچە بۇ ئۆينى چېقىۋېتىپ، زامانىۋى داچا سېلىشى مۇمكىن ئىدى.(مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ ئۆينى چاقماقچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتمىدىم.)
- مۇبادا مېنىڭ پۇلۇم كۆپ بولغان بولسا، - دېدى ئادىنا، - ئۆينى ئۆزۈم سېتىۋالغان بولاتتىم. ئاندىن ئۇنى پېچەتلىۋېتەتتىم. ئەلۋەتتە ئۆزۈم بۇ ئۆيدە ئولتۇرمايتتىم. بۇ ئۆينى سېتىۋالسام، ئۇنى پېچەتلەپ ساقلايتتىم.
كۆزۈم قاراڭغۇلۇققا كۆنگەندىن كېيىن، گەمە ئۆينىڭ تېمىنى بويلاپ جازا قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە كوزا-كۈپ دېگەندەكلەر تىزىۋېتىلگەن، كوزىلارغا چىلانغان تەرخەمەك، زەيتۇن، مېۋە شەربىتى، تۈرلۈك پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر قاچىلانغان. گويا بۇ ئۆي ئۇزۇن مۇددەتلىك قامالنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغاندەكلا قىلاتتى. يەردە بولسا تاغار ۋە ساندۇقلار. ئوڭ تەرىپىمدە ھىم ئېتىۋېتىلگەن تۆت سوغا تۇراتتى، قارىماققا ئۇنىڭغا ھاراق قاچىلانغان بولىشى مۇمكىن، ئەمما زادى نېمە قاچىلانغانلىقى ماڭا نامەلۇم. بىر بۇلۇڭدا بىر توپ كىتاب دەستىلەپ تورۇسقا يەتكۈچە تىزىلغان. ئادىنانىڭ گېپى بويىچە بولغاندا، بۇ گەمە ئۆينى ئۇنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى گوددارىھا رۇبىن ئۆينى سېلىشتىن بۇرۇن كولاپ پۈتتۈرگەنىكەن. گەمە ئۆينىڭ ئۇلىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، دەسلەپ يىللاردا ئۆيدىكىلەر ئۆي پۈتكىچە مۇشۇ گەمە ئۆيدە تۇرغانىكەن. ھەمدە ئۇ دەسلەپتە ئېيتقاندەك بۇ ئۆي بىراقلا پۈتتۈرۈلگەن ئەمەس، خېلى كۆپ يىللاردىن كېيىن مۇشۇ ھالغا كەلگەن، ھەر بىر ئەۋلاد كىشى ئۆيگە قانات ياكى ئۇزارتلغان قىسىملىرىنى قوشقان، دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ ئۆي پىلانسىز سېلىنغاندەك كۆرىنىدۇ. ئادىنا مۇنداق دەيدۇ:
- مېنىڭ قارىشىمچە، ئۆينىڭ مۇشۇنداق قالايمىقان بولىشى دەل ئۆينىڭ چوڭ سىرى ۋە جەلپكارىلىقىدۇر. سىز بەلكىم بۇ ئۆيدە ئېزىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، بۇ يەرگە مۆكۈنۈۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۈمىدسىزلەنگەن چاغلىرىڭىزدا تەنھا تۇرىدىغان تىنچ ئارامگاھ بولالىشىمۇ مۇمكىن. سىز تەنھا تۇرۇشنى خالامسىز؟
ئۇنىڭ دېگەنلىرىدىن راسا ھەيران بولدۇم، چۈنكى ئادەم نېمە ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قالايمىقان ئەمما كۆلىمى چوڭ بۇ ئۆيدە تەنھا تۇرىدىغان تىنچ جاينى خالاپ قالىدۇ؟ بۇ ئۆيدە ئىككى موماي تۇرىدۇ، بەزىدە ئىككى موماي ۋە يالاڭئاياغ ئوقۇغۇچى قىز بىرگە تۇرىدۇ. ئەمما گەمە ئۆي مەندە شۇنداق ياخشى تەسىر قالدۇردى. كاللامدا سۆرۈن قاراڭغۇلۇق  بىلەن كەنت مەدەنىيەت سارىيىنىڭ كەينىدىكى چاڭ باسقان گۈللۈكىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، تېزلا غايىپ بولغان ئايال سەيياھنىڭ غەلىتە سىياقىنى، كەنت كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بېننىي ئاۋنىنىڭ غەلىتە تەكلىپى، ئۇزۇن ئورۇندۇقتا بايقاپ باشقىلارغا دېيىشىم كېرەك بولغان، ئەمما يەنىلا سىر تۇتقان بوغچا بىلەن بىرلىشىپ كەتتى. ئادىنادىن
- يەر ئاستى ئۆينىڭ بىۋاستە سىرتتىكى گۈللۈككە تۇتىشىدىغان ئېغىزى بارمۇ؟ - دەپ سورىدىم.
- ئۇنىڭ پەقەت ئىككىلا ئېغىزى بار، بىرى بىز كىرگەن كارىدوردىكى ئىشىك، يەنە بىرى پەشتاق بىلەن بىۋاستە كۈندۈزلۈك ئۆيگە تۇتىشىدىغان ئېغىزى.
مەن قايتىپ كەتمەكچىمۇ؟ شۇنداق، ئەمما شۇ ھامان بۇ خىيالىمدىن ياندىم-دە:
- ياق قايتقۇم يوق، - دېدىم.
ئادىنا قولۇمنى تۇتۇپ مېنى بىر ئورالما ساندۇقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇزدى، ئۆزى ئۇدۇلۇمدا ئولتۇردى-دە، مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرغان پۇتنىڭ ئۈستىدىكى يوپكىسىنى تەكشى تارتىپ قويدى.
- ئىككىمىز بىر يەرگە بېرىشقا ئالدىرىمايمىز، شۇنداقمۇ؟ ماڭا دەڭە، سىز ئۆيىمىزنى سېتىۋالغاندىن كېيىن زادى نېمە قىلماقچى بولۇۋاتىسىز؟
ئالتىنچى
ئۇ قول چىراغنىڭ نۇرىنى ئۆگزىگە توغرىلاپ قويۇپ قويدى. ئۆگزىدە بىر نۇر ھالقىسى پەيدا بولدى، ھالقىنىڭ سىرتى قاپ-قاراڭغۇ. ئادىنا كۆلەڭگە ئىچىدىكى قىيما سۈرەتكە ئوخشاپ قالدى.
- ئەگەر خالىسام قول چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، قاراڭغۇدا قېچىپ كەتسەممۇ بولىدۇ؛ سىزنى يەر ئاستى گەمە ئۆيگە سولاپ قويساممۇ بولىدۇ، سىز بۇ يەردە مەڭگۈ تۇرۇپ قېلىپ، چىلانغان زەيتۇن، كۆكتاتلارنى يەپ، ئۈزۈم ھارىقىنى ئىچىپ، قول چىراغنىڭ مېيى تۈگىگەنگە قەدەر تاملار ئارا سىپاشتۇرۇپ يۈرىسىز.
ئەمەلىيەتتە دائىم چۈشۈمدە گەمە ئۆيگە سولىنىپ قالغانلىقىمنى كرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بەرمەكچى بولدۇم-يۇ، يەنىلا جىم تۇردۇم. بىر دەم جىم تۇرغاندىن كېيىن، ئادىنا سورىدى:
- ئۆينى كىمگە سېتىپ بەرمەكچى بولىۋاتىسىز؟ بۇنداق كونىراپ كەتكەن سىرلىق ئوردىنى كىممۇ سېتىۋالار؟
- قاراپ باقمايمەنمۇ، بەلكىم ھېچكىمگە ساتماي ئۆزۈم كۆچۈپ كىرىپ ئولتۇرۇشۇممۇ مۇمكىن. مەن بۇ ئۆينى ياقتۇرۇپ قالدىم. ئۆينىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم. بەلكىم ئۆينى ئىگىلىرى بىلەن قوشۇپ سېتىۋالارمەن؟
- مەن بەزىدە ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ، ئالدىرىماي كىيىملىرىمنى سېلىشنى ياقتۇرىمەن، ئۆزۈمنى كىيىم سالغاننى كۆرۈشكە مەپتۇن ئەر دەپ تەسەۋۋۇر قىلىمەن. بۇنداق ئويۇن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.
قولچىراغنىڭ نۇرى پال-پۇل قىلىپ قالدى، قارىغاندا مېيى ئاز قالغاندەك قىلاتتى، ئەمما سەل تۇرۇپ ئۆگزىدىكى نۇرلۇق چەمبەر يەنە قايتا پەيدا بولدى. سۈكۈت ئىچىدە سۇنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم، سۇ ئاستا، جىمجىتقىنا گەمىنىڭ ئاستىدىكى تېخىمۇ سىرلىق گەمە ئاستىدا ئېقىۋاتاتتى. 6-5 ياش چېغىمدا ئاتا-ئانام مېنى ساياھەتكە ئېلىپ چىقتى، بەلكىم گالىلېي بولسا كېرەك، مۇخ بېسىپ كەتكەن، ئېغىر تاش تاختايلار بىلەن سېلىنغان ئىمارەت غۇۋا ئېسىمگە كەلدى، بەلكىم ئۇ بىر قەدىمىي خارابە بولسا كېرەك، ئۇ يەردە يىراقتىن كېلىۋاتقان سۇنىڭ قاراڭغۇلۇقتا ئېقىۋاتقاندىكى ھەسرىتىنى ئاڭلىيالايسىز.
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇم-دە ئادىنادىن:
- ئۆينىڭ باشقا قىسمىنى كۆرسىتىشنى خالامسىز؟ - دەپ سورىدىم.
ئادىنا چىراغنى يۈزۈمگە ياقتى، كۆزلىرىم قارمىشىپ، بېشىم قېيىپ كەتتى. ئۇ مەسخىرىلىك بىلەن سورىدى:
- تاقىتىڭىز شۇنچە تاق بولدىما؟
- ئەسلى ئىش مۇنداق، - دېدىممەن چۈشەندۈرۈپ، - سىزنىڭ پۈتۈن بىر ئاخشام ۋاقتىڭىزنى ئالغۇم يوق. كەچتە يەنە باج قايتۇرۇش تالونىنى تولدۇرۇپ بولمىسام بولمايدۇ. قول تېلېفونۇمنى خىزمەت ئۈستىلىمنىڭ ئۈستىدە ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن، بۇ چاغقىچە بەلكىم ئەيتىمۇ ئىزدەپ قالدى. نېمىلا دېگەن بىلەن قايتىپ كېلىپ، ئانىڭىز ۋە مومىڭىز بىلەن سۆزلەشمىسەم بولماس. ئەمما توغرا دەيسىز، مەن ئەمەلىيەتتە قىلچە ئالدىرىمايمەن.
ئۇ قولچىراغنى يۈزۈمدىن نېرى قىلدى، ئەمما ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرنى يورۇتتى-دە، دېدى:
- مەنمۇ ئالدىرىمايمەن. بىزنىڭ كېچىچە ۋاقتىمىز بار، ۋاقىت تېخى بالدۇر. ئۆزىڭىز توغرىلىق پاراڭ قىلىپ بېرىڭە. بولدى، ئەمەلىيەتتە دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىلىشكە تېگىشلىكلىرىنى بىلىپ بولدۇم، قالغانلىرىنى بىلمىسەممۇ بولىدۇ. كىچىك ۋاقتىمدا بىلىپ- بىلمەي دادامنى خاپا قىلىپ قويسام ئۇ مېنى مۇشۇ گەمىگە بىر ئىككى سائەت سولاپ قوياتتى. مەسىلەن، 9~8 ياش چېغىمدا بىر قېتىم دادامنىڭ يېزىق ئۈستىلى يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورگىنال قەغىزىگە يېزىپ-ئۆچۈرۈپ، يەنە يېزىپ ئۆچۈرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قولۇمغا قېرىنداش ئالدىم-دە، ھەر بىر ۋاراق ئورگىنال قەغىزىگە ھىجىيىپ تۇرغان مۈشۈك، ياكى يۈزىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرغان مايمۇننىڭ رەسىمىنى سىزدىم، مەقسىتىم دادامنى خۇشال قىلىش ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن دادام قاتتىق غەزەپلىنىپ، مېنى قاراڭغۇ يەر ئاستى ئۆيگە سولاپ قويۇپ ئەدىپىمنى بەردى، ئىكككىنچى ئورگىنالىغا تەگمەسلىكىمنى، ھەتتا قارىماسلىقىمنى تەكىتلىدى. بۇ ئۆيدە مىڭ يىللارچە تۇرغاندەك بولدۇم، بىر چاغدا ئۇ مومامغا مېنى چىقىرىۋېتىشنى بۇيرۇپتۇ. ھەقىقەتەن شۇندىن ئېتىبارەن دادامنىڭ ئورگىناللىرىغا قەتئىي چېقىلمىدىم. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەزەلدىن ئوقۇپ باقمىدىم، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، مومام، ئاناملار بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ بارلىق خاتىرە، كارتا، ئىندېكىس ۋە باغاقچە دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىشتۇرۇپ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئارخىپخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردۇق. بىز ئۇنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى خالىمايتتۇق. مومام قىرغىنچىلىق ئەدەبىياتىنى كۆرۈشكە چىدىمايدۇ، چۈنكى ئوقۇغاندىن كېيىن تولا قارا بېسىپ قالىدىكەن؛ ئانام بولسا دادامدىن قېيىداپ شۇنداق قىلىدۇ؛ مەندە باشقا ئالاھىدە باھانىمۇ يوق. مەن پەقەت ئۇنىڭ ئۇ خىلدىكى ئەسەرلىرىنى ياقتۇرمايمەن، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىغا چىداپ بولالمايمەن. ئالتىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئۇلار ماڭا دادامنىڭ ھېكايىسىدىكى بى بۆلەكنى يادلاتقۇزدى، شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىمنى قانداق ئىپادىلىسەم بولار، گويا ئۇنىڭ پۇرىقى بار قېلىن يوتقانغا مەھكەم ئوراپ قويغاندەك، قاراڭغۇ، ھاۋا يوق، نەپسىم سىقىلغاندەك بولغانىدىم. شۇندىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ باقمىدىم، ھەتتا ئۇ يازغان ھەر قانداق نەرسىگە قارىغۇممۇ كەلمەيدۇ. سىزچۇ؟
- بۇرۇن دادىڭىزنىڭ بىر رومانىنى ئوقۇماقچى بولغانىدىم، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ بۇ يۇرتلۇق ئەمەسمۇ، پۈتۈن كەنتتىكىلەر ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ، شۇغىنىسى مەن ئۇ روماننى ئوقۇپ بولالمىدىم؛ مەن ئادەتتە ۋەھىمىلىك پروزا، گېزىتلەردىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە سانىنى ئوقۇيمەن، بەزىدە سىياسىيغا ئائىت كىتاب ياكى داھىيلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىنىمۇ ئوقۇپ قويىمەن.
- ئىوسى، بۈگۈن كەلگىنىڭىز بەك ياخشى بولدى، - دېدى ئادىنا.
مەن ئىككىلەنگەن ھالدا قولۇمنى سوزۇپ ئۇنىڭ مۈرىسىنى سىلاپ قويدۇم، ئۇنىڭدا باشقىچە ئىنكاس بولمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر قولىنى تۇتتۇم، بىر دەمدىن كېيىن يەنە بىر قولىنمۇ تۇتۇۋالدىم، شۇنىڭ بىلەن ئىككى يەشىكتە بىر نەچچە مىنۇت بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇرۇشتۇق، ئۇ قولۇمنى مەھكەم تۇتۇۋالغان، ئەلدادنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇپ باقمىغانلىقىمىز، گويا بىزنى يېقىنلاشتۇرغان رىشتىدەك قىلاتتى. بىزنى يېقىنلاشتۇرغان بەلكىم بۇ بولماسلىقى، ئەكسىچە بوش قالغان بۇ ئۆي، قويۇق پۇراق كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان زېرىكىشلىك يەر ئاستى بولىشى مۇمكىن ئىدى.
بىردەمدىن كېيىن ئۇ ئورنىدىن تۇردى، مەنمۇ تۇردۇم، ئو قولىنى قولۇمدىن تارتتى-دە، مېنى قۇچاقلىۋالدى، مەن يۈزۈمنى ئۇنىڭ قويۇق چاچلىرى ئارىسىغا تىقتىم، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ خۇشپىرىقىدىن راسا نەپەسلەندىم، ئۇنىڭدىن لىمون تەمىدىكى چاچ سۇيۇقلىقىغا سۇس سوپۇن پۇرىغى ئارىلاشقان پۇراق كېلەتتى. ئۇنىڭ ئۇنىڭ كۆزىگە ئىككىنى سۆيدۈم. بىز جايىمىزدا مىدىر قىلماي تۇردۇق، ۋۇجۇدۇمدا ھاۋايى ھەۋەس ۋە ئاكا ئورنىدىكى كۆيۈنۈش ئاجايىپ بىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
- ئاشخانىغا كىرىپ بىر نەرسە قىلىپ يەيلى، - ئادىنا شۇنداق دېدى-يۇ، ئەمما يەنىلا مېنى قۇچاقلىغىنىچە تۇرۇۋەردى، ئۇنىڭ بەدىنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزگە ئەمەل قىلمايۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ قويدۇم، ئۇنىڭ ئىككى قولىدا مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالغان، ئۇنىڭ كۆكسىنىڭ مەيدەمگە تېگىپ تۇرغانلىقىنى سېزىپ تۇرىمەن، شۇ تاپتا ئاكا ئورنىدىكى كۆيۈنۈش ھاۋايى ھەۋەسنى بېسىپ چۈشۈۋاتاتتى. مەن ئاستاغىنە، ئۇدا ئۇنىڭ چاچلىرىنى پەپىلىدىم، ئۇنىڭ كۆزىگە يەنە سۆيدۈم، ئەمما ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان نەرسىدىن قورققاندەك ئۇنىڭ لېۋىدىن ئۆزۈمنى  تارتتىم. ئۇ بېشىنى بوينۇمغا قويدى، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھارارىتى بەدىنىمگە سىڭىپ كىرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ قۇچاقلىشىدۇ ھەرگىز ھاۋايى ھەۋەستىن ئەمەس بەلكى يىقىلىپ چۈشمەسلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق قىلغاندەك قىلاتتى.
يەتتىنچى
كېيىن ئىككىمىز يەر ئاستى ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىدا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقنى بايقىدۇق، ئورۇندۇققا كونا سېلىنچا سېلىنغان بولۇپ، يوغان ئىككى چاقىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىردىن كاۋچۇك چەمبىرەك بېكىتىلگەن. ئادىنا مېنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى، ئاندىن ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ كارىدوردىن ئۆتتى، پەشتاقتىن، تاغار دۆۋىسىدىن ئۆتتۇق، ئاندىن كۆكتات قويۇلغان جاھازدىن تىزىلغان كىتابتىن ئۆتتۇق، ئۇ مېنى ئىتتەرگىنچە يۇقىرى ئاۋازدا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
- ھازىر سىزنى نېمە قىلىمەن دېسەم قىلىمەن.
مەنمۇ قاقاھلاپ كۈلدۈم-دە، دېدىم:
- مېنى نېمە قىلاي دەيسىز؟
- ئۇخلاڭ، مۇشۇ يەر ئاستى ئۆيدە ئۇيقۇغا قېنىپ ئۇخلىۋېلىڭ، ئۇخلاڭ، تاتلىققىنا ئۇخلاپ قېلىڭ.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا ئاۋازىغا ئاچچىق ۋە شېرىن ئارىلىشىپ كەتكەنىدى. ئاندىن ئۇ قەدىمكى بىر ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتتى، بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، ئۇنىڭ ئاھاڭى غەلىتە، بىمەنە بولۇپ، كېچىلىك ئۇرۇش ۋەقەلىكى سۆزلنىدىكەن، بىر دادىنىڭ ئوق زەربىسىگە ئۇچراپ، ئانا ئۇنىڭ ئورنىغا جەڭگە ئاتلىنىپ مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۆتەش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان: تېررىيېسېيفنىڭ ئاشلىق ئامبىرى كۆيۈۋاتقان، كۆزىڭىزنى  يۇمۇشىڭىز، يىغلىماسلىقىڭىز، بېيت ئالفانىڭ ئاسمىنىدا قويۇق ئىسلار يامرىغان، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، ياۋاشلىق بىلەن ئۇخلايسىز.
بۇ ناخشا مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بىز تۇرۇۋاتقان بۇ تۇرالغۇغا، بولۇپمۇ يەر ئاستى ئۆي ۋە ئادىناغا تولىمۇ ماس كېلەتتى، ئادىنا توختىماستىن مېنى ئىتتىرىپ پۈتۈن يەر ئاستى ئۆينى ئايلىنىپ چىقتى، تۇرۇپ- تۇرۇپ بېشىمنى پەپىلەپ قوياتتى، يۈزۈمنى سىلاپ قوياتتى، يەنە تولىمۇ نازاكەت بىلەن لېۋىمگە ئۆزىنى سۇۋايتتى، تاكى ۋۇجۇدۇمدا ئارامبەخشلىك ئۇخلاش تۇيغۇسى پەيدا بولغانغا قەدەر، كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۇخلاپ قالغىلى تاس قالدىم، ئەمما مەلۇم بىر خىل خەۋپ تۇرغۇسى كاللامغا كىرىۋېلىپ، مېنى ئۇخلاتمىدى. ئېڭىكىم مەيدەمگە ساڭگىلاپ چۈشتى، كاللامدىكى خياللىرىمنىڭ باش ئايىغى يوق، ھېلىقى مۇقەددەس ئايالنى ئويلىدىم، ئۇ كەنت مەدەنىيەت زالىنىڭ كەينىدىكى قاقاس خاتىرە باغچىسىدىكى ھەيكەلنىڭ قېشىدا پەيدا بولغانىدى، ئالپىس سەپەرچىلەر كىيىمى كىيىۋالغان، بېشىدا ئىزما ۋە بۇللاپكىلار بىلەن بېزەلگەن پوسما، ئۇنىڭ ماڭا مەنسىتمەسلىك  نەزەرى بىلەن تىكىلىپ قارىغانلىقى، مەن بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىغان چېغىمدا ئۇ ئەزەلدىن بۇ يەردە پەيدا بولمىغاندەكلا غايىپ بولغانلىقى ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. مەن شېرىن ئۇيقۇ تۇيغۇسىغا چۆمدۈم، مەيلى قانچە پۇل بولىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ ئۆينى سېتىۋېلىشىم كېرەك، بىر قارارغا كەلدىم، ئەمما مەن بۇ قورۇنى چېقىپ تۈپتۈز قىلىۋېتىمەن، گەرچە ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغان بولساممۇ شۇنداق قىلىمەن. نېمە ئۈچۈنكى، تۇرالغۇ ئۇلچىلار سالغان ئەڭ ئاخىرقى قۇرۇلۇش بولغان تەقدىردىمۇ چېقىلىشى كېركەلىكىنى ھېس قىلدىم، ئۇزۇن ئۆتمەي تېرريلاندا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئولتۇراقلاشقۇچىلار دەۋرىدە ياسالغان ئۆيلەرنىڭ ئىزناسىمۇ قالمايدۇ. ئادىنا كاللامغا بىرنى سۆيدى-دە، مېنى تاشلاپ، گويا ئۇسسۇلچىدەك پەرۋانە قىلغىنىچە، قول چىراغنى ئېلىپ، پەشتاقتىن چىقىپ ئىشىكنى ياپتى، مەن چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىنىمچە جايىمدا ئۇيقۇغا پاتتىم. ھەممە ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق پۈتىدىغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان، ئالدىراپ كېتىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.

( خەنزۇچە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 3-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى
«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق  5-سانىدا ئېلان قىلىنغان )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-10 11:40  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-10 11:38:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە تىلى شۇنچىلىك راۋان،تېتىملىق ،خۇددى ئۆز تىلىمىزدا يېزىلغاندەك چىقىپتۇ،بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرجىمە ئىجادىيىتىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن

ۋاقتى: 2015-10-10 16:47:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئىرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن ئارغۇكا.

ۋاقتى: 2016-1-18 22:57:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل بايلىقىڭىزنىڭ موللىقى ۋە تەرجىمە ماھارىتىڭىزنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىكىگە تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2016-1-18 23:56:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە سۈپىتىڭىزگە ئاپىرىن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-22 10:44:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمامغا دىققەت قىلىپ، مەدەت بەرگەن دوستلارغا چىن دىلىمدىن تەشەككۈر!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش