ئاتاقلىق رېژىسسور شېرزات ياقۇپ بىلەن سۆھبەت
«ئىنسانپەرۋەرلىك چۈشەنچىلىرىنىڭ قىممىتى يوقىمايدۇ»
سۆھبەتلەشكۈچى: يولداش مولوتوۋ
9 -11-سېنتەبىر كۈنلىرى ئالمۇتادا جۇڭگو كىنوسىنىڭ كۈنلىرى ئۆتتى. بۇ مۇراسىمنىڭ دەسلەپكى كۈنى ش ئۇ ئا ر لىق داڭلىق رېژىسسور شېرزات ياقۇپنىڭ «مېھىر-شەپقەت»ناملىق فىلىمى كۆرسىتىلدى. ئالاھىدە تەكىتلەش لازىمكى، مەزكۇر فىلىم ئالمۇتىلىق تاماشىبىنلار ئارىسىدا چوڭ ئالقىشقا سازاۋەر بولدى.فىلىم كۆرسىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، رېژىسسور شېرزات ياقۇپ ۋە فىلمدە باش قەھرىماننىڭ رولىنى ئىجرا قىلغان قۇندۇزئاي تاش تاماشىبىنلار بىلەن ئۇچراشتى.پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىز شېرزات ياقۇپنى سۆھبەتكە جەلپ قىلدۇق.
- شېرزات ئاكا، ئالمۇتاغا خۇش كەپسىز.
-رەھمەت.بۈگۈن بىز قازاقىستانغا جۇڭگو كىنوسىنىڭ ھەپتىلىكى دائىرىسىدە دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە قەدەم تەشرىپ قىلىۋاتىمىز.مەلۇمكى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىكىنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى بىلەن «يېڭى يىپەك يولى» پروگراممىسى تەييارلاندى. مەزكۇر پروگراممىغا مۇۋاپىق پەقەت سودا - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىلا ئەمەس، شۇنداقلا مەدەنىي ئالاقىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قولغا ئېلىندى. بۇنىڭدىن بىرئاز ۋاقىت ئىلگىرى جۇڭگودا قازاقىستان كىنوسىنىڭ ھەپتىلىكى ئۆتتى. بىزمۇ مۇشۇ ئالاقە دائىرىسىدە دەسلەپ ئۆزبېكىستاندا بولدۇق. بۈگۈن ئالمۇتاغا كەلدۇق. تاماشىبىنلار «ئۇلۇغ ئۇستاز»، «ئىلى دەرياسى»، «مايمۇنلار پادىشاھى»ھەم مەن ئىشلىگەن «مېھىر-شەپقەت» فىلىملىرىنى كۆرەلەيدۇ.
-بىزدە ش ئۇ ئا ر كىنو سەنئىتى توغرىلىق مەلۇماتلار ئاز. سىلەردە بۇ ساھە ھازىر قانداق تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ؟
-بىزدە 1959-يىلى «تەڭرىتاغ» ستۇدىيىسى قۇرۇلغان ئىدى. ئەمما كىنو سەنئىتىنى تېز تەرەققىي قىلدى دەپ ئېيتىش تەس.ھەر ھالدا يىلىغا بىر-ئىككى فىلىم ئىشلىنەتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى «بازارنى ئېچىش»سىياسىتىنى جارى قىلغاندىن كېيىن بىزدە چەت ئەللەردە ئىشلەنگەن نۇرغۇن فىلىملار كۆرسىتىلىشكە باشلىدى.بولۇپمۇ ھوللىۋۇدنىڭ فىلىملىرى كۆپەيدى.دەسلەپتە ئۇلارنىڭ سۈپىتىنى،بەدىئىيلىكىنى نازارەت قىلغان ھېچكىم بولمىدى. ئېتىش-چېپىش، قاتىللىق فىلىملىرى ئاددىي خەلق ئارىسىدا ئاممىباب بولۇپ كەتتى.كېيىنكى يىللاردا ھۆكۈمىتىمىز بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ ھەم مەبلەغ ئاجرىتىۋاتىدۇ. كىنوستۇدىيەلەر ئاساسەن دۆلەت ئىگىلىكىدە. شەخسىي كىنو ستۇدىيەلەر يوقنىڭ ئورنىدا.ھازىر، ئومۇمەن، جۇڭگو كىنوسى دۇنياغا تونۇلۇۋاتىدۇ.ئەمدى شىنجاڭدا بولسا، كېيىنكى يىللاردا يىلىغا ئالتە-يەتتە فىلىم ئىشلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگودىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدە شىنجاڭ كىنوسى تەرەققىيات جەھەتتىن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.بىزدە رىقابەت كۈچلۈك.دېمەك، تاماشىبىن كۆڭلىدىن چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەمگەك قىلىش كېرەك.يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، دەسلەپ ھوللىۋۇدنىڭ سۈپىتى تۆۋەن فىلىملىرى كۆپەيگەن ئىدى. شۇنىڭغا ماسلاشقان ھالدا بىزدىمۇ سۈپىتى شۇنداق فىلىملار ئىشلەنگەن ئىدى.ھازىر ئەھۋال باشقىچە.تاماشىبىن ناھايىتى تەلەپچان. ئېلىمىزدە بەدىئىي سۈپىتى يۇقىرى، ئادەمنى ئويغا سالىدىغان، ئومۇمىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيىلەرنى ئالغا سۈرىدىغان فىلىملار ئىشلىنىۋاتىدۇ.كىنو ئىشلەيدىغان تېخنىكىمۇ ناھايىتى ياخشى. شۇنداقلا كىنو-تىياتىرلارمۇ ئەڭ زامانىۋى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەنگەن.شۇڭلاشقىمۇ كېيىنكى يىللاردا ئۆزىمىزدە ئىشلەنگەن فىلىملارنىڭ ئاممىبابلىقى ئاشماقتا.
-ئەمدى ئۆزىڭىزنىڭ «مېھىر-شەپقەت» فىلىمى ھەققىدە ئېيتىپ بەرسىڭىز؟
-بۇ فىلىم بولغان ۋەقە ئاساسىدا ئىشلەنگەن.بىزنىڭ ئالتاي تەۋەسىدىكى بىر يېزىدا ھەنىپە ئىسىملىك بىر ئايال 19 بالىنى بېقىپ ئۆستۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خەنزۇ، تۇڭگان، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، ئۇيغۇرلار بولغان.ئۇ ئايال دەسلەپكى بالىنى 1964-يىلى بېقىۋالغان ئىكەن.ئاشۇ بىر قىيىنچىلىق زامانلاردا بېقىۋالغان بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق چوڭ قىلىپ، قاتارغا قوشۇپتۇ. 2009-يىلى ھەنىپە ئانا جۇڭگو دۆلىتىدىكى قەھرىمان ئون ئانىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئايالنىڭ ھاياتى توغرىلىق فىلىم ئىشلەش ۋەزىپىسى ماڭا يۈكلەندى.فىلمدە شۇ ئايالنىڭ ئوتتۇز يىللىق ھاياتى ئەكس ئېتىلگەن. فىلىمنى 2013-يىلى ئىشلەپ بولدۇق. باش رولنى تالانتلىق ئاكتيۇر قۇندۇزئاي تاش ئىجرا قىلدى.فىلىمنى تاماشىبىن ناھايىتى ياخشى قارشى ئالدى.جۇڭگودا ئۆتكەن كىنو فېستىۋالدا «بەشتە بىر قۇرۇلۇش»مۇكاپاتىنى يېڭىۋالدى.شۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستاننىڭ گوئا شەھىرىدە ئۆتكەن كىنو فېستىۋالغا قاتناشتۇق. بۇ يەرگە كىنو فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا كۆرسىتىلگەن دەسلەپكى چەتئەللىك فىلىم بولدى.ماي ئېيىدا رۇسىيەنىڭ سامارا شەھىرىدە ئۆتكەن ئائىلە ئۈچۈن فىلىملار خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى چەتئەللىك فىلىم»دەپ ئېتىراپ قىلىندى.يېقىن ئارىدا بۇ مەھسۇلاتىمىزنى ئاۋسترالىيەگە ئاپىرىش پىلانىمىزمۇ بار.
- مەزكۇر فىلىمنىڭ مۇنداق ئۇتۇققا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبى نېمىدە دەپ ئويلايسىز؟
-فىلىم ئاددىي ئايال ھاياتى توغرىلىق.ھەنىپە ئانا يات بالىلارنى بېقىۋالغاندا، بىرىنىڭ ئالدىدا ماختىنىۋالاي ياكى ئۆزۈمنى كۆرسىتەي دېگەن ئويدا بولمىغان.ئون توققۇز بالىنى چوڭ قىلغىچە تارتقان جاپا-مۇشەققىتىنى ئۆزىلا بىلىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمگىكىنى ھېچكىمگە مىننەت قىلمىغان.فىلمدە مېھرىبانلىق، ئانىلىق مېھىر-شەپقەت، مۇھەببەت، دوستلۇق چۈشەنچىلەر ئالغا سۈرۈلىدۇ.بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك چۈشەنچىلەرنىڭ قىممىتى ھېچقاچان يوقىمايدۇ.بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ھەممە پۇلغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان زاماندا مۇشۇنداق ئېسىل چۈشەنچىلەرنىڭ قىممىتىنى ئىنسانلارنىڭ بويىغا سىڭدۈرۈش ھاۋادەك ھاجەت.مېنىڭچە، بۇ بارلىق جەمئىيەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مۇھىم مەسىلە. تەكىتلەش لازىمكى، فىلىم خەنزۇ تىلىدا.تەرجىمىسى تاراتقۇلار ئارقىلىق بېرىلىۋاتىدۇ.ئەمما چەت ئەللەردە فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، بىز بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسىلا فىلىمنى تەرجىمانسىزلا چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.دېمەك، سەنئەتتە چېگرا يوق.ئومۇمى ئىنسانىي چۈشەنچىلەر ھەممىگە بىردەك چۈشىنىشلىك. بۇ يەردە فىلىمدىكى بارلىق ھېس-تۇيغۇلارنى تاماشىبىنغا يەتكۈزەلىگەن ئاكتيۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ باش رولنى ئىجرا قىلغان قۇندۇزئاي تاشنىڭ ماھارىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەش لازىم.
تەكىتلىگۈم كېلىدۇكى، بىزدە رىقابەت ناھايىتى كۈچلۈك.چوڭ ئالىي ئوقۇشلارنى پۈتتۈرگەن، تالانتلىق ياشلىرىمىز كۆپ. قۇندۇزئاي-تونۇلغان، تالانتلىق ئارتىسلىرىمىزنىڭ بىرى. باش رولغا نامزات تاللىغاندا ئاكتيۇرلۇق ماھارەتتىن تاشقىرى، فىلىمنىڭ روھىغا بولا، ئۇلارنىڭ كۆزىگە دىققەت بۆلدۈم. مېنىڭچە، ھەربىر ئىنساننىڭ كۆزى ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.ئەكتۈر مىڭ تالانتلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆز نۇرىدا مېھىر-شەپقەت، ھېسسىيات بولمىسا بىكار، يەنى خەلقنى ئالدىغانلىق بولىدۇ.مەن ئاكتيۇرلارنى مۇشۇنداق ئاساستا تاللاشقا ئادەتلەنگەن.قۇندۇزئاي ئىشەنچىمنى ئاقلىدى. فىلمدە ئۇ ھەنىپە ئانىنىڭ ئوتتۇز يىللىق ھاياتىنى ئوينىدى. تاماشىبىننىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
-كېلەچەكتە قانداق فىلىملارنى ئىشلەش پىلانىڭىز بار؟
-ھازىر تەكلىپلەر نۇرغۇن.ئۆزبېكىستاندا، مانا ھازىر قازاقىستاندا بىرلىشىپ فىلىم ئىشلەش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدۇق. سېنارىيە تەييار بولسا، ئىشقا كىرىشىشىمىز مۇمكىن. شەخسەن ئۆزۈم، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، ئادەمگە ئوي سالىدىغان فىلىملارنى ياقتۇرىمەن.بەزىدە ئۇنداق فىلىملار كەڭ تاماشىبىن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماي قېلىشىمۇ مۇمكىن.ئەمما كىنو مۇتەخەسسىسلىرى يۇقىرى باھالايدۇ. مۇنداق فىلىملارنى «مۇئەللىپلىك كىنو» دەپمۇ ئاتايدۇ. ھازىر ئاۋسترالىيە، جەنۇبىي كورېيە رېژىسسورلىرى بىلەن ئىشلەشنىڭ ئېنىق پىلانلىرى بار.خۇدا بۇيرۇسا، بۇمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
-ئەمدى بىزدىكى ئۇيغۇر تىياتىرى بىلەن ئالاقىڭىز بارمۇ؟ بىرلىشىپ كىنو ئىشلەش تەكلىپلىرى بولمىدىمۇ؟
-ئۇيغۇر تىياتىرى بىز تەرەپكە دائىم زىيارەتكە كېلىپ تۇرىدۇ. شۇنداق پەيتلەردە كۆرۈشۈپ تۇرىمىز. ئىلگىرى بىرلىشىپ كىنو ئىشلەش توغرىلىق ئېنىق تەكلىپلەر بولغان. ئەپسۇس، ئۇ شۇ پېتىچىلا قالدى. شەخسەن ئۆزۈم، مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق تەكلىپنى مۇھاكىمە قىلىشقا تەييار.ئۈرۈمچىگە كېلىپ تەجرىبە ئالماشتۇرىمەن، ئۆگىنىمەن دېگۈچىلەر بولسا، ئۇنىڭغىمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشكە تەييارمەن.ئەمما، يەنە تەكرارلايمەنكى، ئىجادىي ھەمكارلىق ھەققىدە ئېنىق ھېچبىر تەكلىپ يوق.
- بىلىشىمچە،سىز ئەسلى رەسسام. نېمىشقا رەسساملىقنى تاشلاپ، رېژىسسورلۇققا ئۆتۈپ كەتتىڭىز؟
-ھەقىقەتەنمۇ ئۆزۈم رەسسام.موي قەلەم ژانىرىدا ئىجات قىلدىم.ئايرىم ئەمگەكلىرىم تەيۋەن، ياپونىيە، كورېيە ھەم ئۆزىمىزدىكى شەخسىي كۇتۇپخانىلاردا ساقلىنىۋاتىدۇ. قازاقىستاندا ياشاپ، ئىجات قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رەسساملىرى بىلەن يېقىن ئارىلىشىمەن. بۈگۈنمۇ رۇسلان يۈسۈپوۋ، ئەخمەت ئەھەت، ھاشىم قۇربان بىلەن كۆرۈشكەندە، بەك خۇشال بولدۇم.ئەپسۇس، كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇناسىۋەتلىرىمىز سۇسلىشىپ قالدى.كۆرگەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ.ئەمدى رېژىسسورلۇقنى نېمىشقا تاللىۋالغانلىقىم توغرىلىق ئېيتسام، رەسساملىق بىلەن رېژىسسورلۇق بىر ساھە.رەسسام ئۆز ئەمگىكىدە بۈگۈنكى كۈننى ئۆز چۈشەنچىسى تۇيغۇسىدىن تەسۋىرلەيدۇ.ئەمما كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ پەلسەپىسىنى، ئىدىيىسىنى پەقەت مۇتەخەسسىسلەر ياكى قىزىققۇچىلارلا باھالايدۇ ھەم چۈشىنەلەيدۇ. ئاددىي خەلققە رەسىم ئارقىلىق ئىدىيىنى يەتكۈزۈش قىيىن.ئەمدى كىنودا بولسا، بۇ جەھەتتىن مۇمكىنچىلىك كەڭ.ھېسسىياتلارنى بېرىش ۋاسىتىلىرى نۇرغۇن.نەق ھازىر مەن كىنو ئارقىلىق ھېسسىياتلىرىمنى، ئىدىيىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتىمەن. بەزىدە ئىچىمدە ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىنى ئالداش دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. چۈنكى رەسساملىق تەبىئەت ئاتا قىلغان تالانت. ئۇ يۈرەكتىن چىقىدۇ. دېمەك، ئىجادىيەتسىز ياشاش مۇمكىن ئەمەس.ھازىر مەن كىنو ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن.پېنسىيىگە چىققاندا قايتىدىن موي قەلەمنى قولۇمغا ئېلىشىم مۇمكىن. ھە، ئۇنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ.
قازاقىتاندا چىقىدىغان سىلاۋيان ئۇيغۇر يېزىقدىكى«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 2015-يىل 25-سېنتەبىر دىكى سانىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-11 15:22