يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1073|ئىنكاس: 9

ئەھەدجان تۇردى: ئافرىقا ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى- ئاچىبى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئافرىقا ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى- ئاچىبى

ئەھەدجان تۇردى


QQ截图20151009192150.jpg

   2013- يىلى 3- ئاينىڭ 21- كۈنى ئافرىقا بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى، دۇنيا ئەدەبىياتى سەھنىسىدىكى گىگانىت يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان چىنۇئا ئاچىبى ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇستەملىككە قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلغان بىر ئەۋلاد ئەدەبىيات ئاخىرلاشتى.
ئاچىبى ئەپەندى 1930- يىلى نېگىرىيەدە بىر دىن تارقاتقۇچى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.  قارا تەنلىك قېرىنداشلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىكى خورلىنىشلىرى ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس جاراھەت قالدۇرغان.  ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا «گۆھەر ئارال»،«قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش»، « خەتەرلىك سەپەر» قاتارلىق نادىر كىتابلارنى ئوقۇپ بىلىم جۇغلانمىسىغا ئىگە بولغان.
ئاچىبى24 يېشىدىن باشلاپ رەسمىي يېزىقچىلىققا كېرىشكەن ھەم 1958- يىلى 28 ياش ۋاقتىدا بۇك مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، «بۈگۈنكى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ بۈيۈك رومانلارنىڭبىرى» دەپ تەرىپلەنگەن « بۆلۈنۈش» ناملىق نامايەندە خاراكتىرلىك رومانىنى نەشىر قىلدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتى سەھنىسىدىكى ئورنى رەسمىي مۇقىملاشقان. ئۇ ھازىرغىچە بەش رومان، بىر ھېكايىلار توپلىمى ۋە بىر ماقالىلار توپلىمىدىن تەركىب تاپقان يەتتە كىتابى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك يازغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
2.jpg

(«بۆلۈنۈش»رومانىنىڭ مۇقاۋىسى)

ئاچىبى بىر ئۆمۈر نېگىرلارنىڭ ھۆرلۈكى ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتكەن بولۇپ، ئەسەرلىرى قويۇق سىياسىي تۈس ئالغان. ئۇ ئالبانىيەلىك مۇسۇلمان يازغۇچى ئىسمائىل قادىرلار بىلەن بىر قاتاردا « سىياسىي ئەدەبىياتچىلار»دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ « بۆلۈنۈش» رومانى « ئافرىقىلىقلارنىڭ ئىنجىلى» دەپتەرىپلەنگەن. بۇ رومان ھەققىدە ماندىلا « ‹بۆلۈنۈش›رومانى بولغانلىقى ئۈچۈنلا بىز ئافرىقىلىقلار ھەر قانداق تۈرمىنىڭتاملىرىنى يېمىرىپ تاشلىيالىدۇق» دېگەن. («بۆلۈنۈش» رومانىنىڭ كىرىش سۆزىگەقاراڭ).
ئاچىبى ئەپەندىنىڭ يەنە بىر ئېسىل ئەسىرى «خەلقنىڭ چاكىرى» ناملىق رومانى بولۇپ، ناھايتى قويۇق ھەجىۋى ۋە سىياسىي تۈس بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ نادىر ئەسەر جورج ئورۋىلنىڭ «ھايۋانلارقورۇقى» بىلەن قوشۇلۇپ «ھەممە دەۋىردە قىممىتىنى يوقاتمايدىغان سىياسىي مەسەل» دەپتەرىپلەنگەن.
ئاچىبى ئەپەندى پىروزا ئەسەرلىرىدىن باشقا يەنە بىرتۈركۈم شېئىرلارنى يازغان. ئافرىقا ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ نادىر ھېكايىلارنى جەملەپ « ئافرىقا ھېكايىلىرىدىن تاللانما»ناملىق كاتتا ئەمگەكنى جامائەتچىلىككە تەقدىم ئەتكەن. بۇ ھېكايىلار توپلىمى نۇرغۇنتىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيا ھېكايىچىلىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.

3.jpg

(«ئافرىغاھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى)

ئاچىبى ئەپەندىنىڭ «ئىلاھى ئوقيا» قاتارلىق رومانلىرى ۋە «نەزىرلىك تۇخۇم» ناملىق بىردىنبىر ھېكايىلار توپلىمىمۇ بۈگۈنكى دۇنيا ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
ئاچىبى ئەپەندى 1958-يىلى بۇك ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، 1994-يىلى ئىتالىيە نونىنو ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، 2002-يىلى گېرمانىيە كىتابچىلىق تىنىچلىق مۇكاپاتىغا، 2007-يىلى2-نۆۋەتلىك بۇك خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئىزچىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن.
دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى بۈيۈك يازغۇچى، ئۇستاز، سىياسىي پائالىيەتچى ئاچىبى نامى مەڭگۈ ئۆڭمەس يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-9 19:31  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +10 يىغىش سەۋەبى
ئۆركىشى + 10

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-9 19:38:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    ئاچىبى ئەپەندىنىڭ  نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەسلىكىمۇ، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى

تارىخىدىكى ئەپسۇسلۇق ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قاپتۇ.

ۋاقتى: 2015-10-9 21:42:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچىبى ئەپەندىنىڭ كۈتكىنى بەلكىم نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بولماستىن،نىگىرلارنىڭ ھۆرلىكى.


باھا سۆز

شۇ.  ۋاقتى: 2015-10-10 12:10 AM
ۋاقتى: 2015-10-9 22:26:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قالتىس ئادەمكەن، تېما ئىگىسىدىن خۇش بولدۇم.

ۋاقتى: 2015-10-10 07:35:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھەتجان!  ئاۋۇ رومانىنىڭ نامىنى «بۆلۈنىش» دەپ ئالماي، «يىمىرىلىش» دەپ ئالساق تېخىمۇ جايىغا چۈشەمدىكىن.

ۋاقتى: 2015-10-10 09:05:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرنى ئۆز تىلىمىزدا كۆرەلىسەك ھە...

ۋاقتى: 2015-10-10 09:56:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئەھەتجان، ھارمىغايلا!

ۋاقتى: 2015-10-10 12:41:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2015-10-10 07:35
ئەھەتجان!  ئاۋۇ رومانىنىڭ نامىنى «بۆلۈنىش» دەپ ئالماي، ...

ئەيبۇ ئاكا، مەن بۇ روماننى نەچچەرەت ئوقۇدۇم، يېمىرلىش دېگەندىن كۆرە بۆلۈنۈش دەپ ئېلىش بۇ رومانغا دەل چۈشىدىكەن.

باھا سۆز

رەھمەت، چۈشەندىم.  ۋاقتى: 2015-10-10 12:56 PM
ئۇ ئادەم ئۆلۈپ كەتتى. رومانلىرى نەشىر ھوقوقىغا چېتىلىدۇ. شۇڭا...  ۋاقتى: 2015-10-10 12:52 PM
دۇنيا ئەدەبىياتى ژۇرنىلىغا «نىكاھ شەخسى ئىش» دېگەن بىر ھېكايىسى بىرىلگەن،  ۋاقتى: 2015-10-10 12:51 PM
ئوقۇشقا قىزىقىپ قالدىم.  ۋاقتى: 2015-10-10 12:49 PM
مۇمكىن بولسا بىرەر كىتابىنى ئۆزىڭىز بىر قوللۇق ئىشلەپ چىقارسىڭىز بولاتتى.  ۋاقتى: 2015-10-10 12:49 PM
ۋاقتى: 2015-10-10 12:47:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاتتا ئادەمكەن. ھەقىقەتەن ھۆرمەتكە لايىق يازغۇچىكەن. ئەمما بىز ئۇنى تىخى بىلمەيدىكەنمىز.

ۋاقتى: 2015-10-10 20:48:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىنمۇ   دۇنياۋىي   مەسشھۇر  شەخىسلەرنىڭ  تىزرەك  چىقشىنى  ئۇمۇد  قىلمەن؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش