يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 740|ئىنكاس: 8

جۇلا(ت): ھېمىڭۋاي ــــ قاتىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                             قاتىل

                                                             (ھېكايە)

                                                       ئېرنىست ھېمىڭۋاي


  
    [ئېرنېست ھېمىڭۋاي (1899-1961)، ئامېرىكىلىق يازغۇچى، ئۇنىڭ ئائىلە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ بىر ئىجتىمائىي پائالىيەتچى بولۇپ، مۇخبىر سالاھىيىتىدە 1- دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا قاتناشقان؛ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى جۇڭگوغا كېلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى خەۋەر قىلغان. ئۇنىڭ 1926-يىلى يازغان «قۇياش ئاۋالقىدەكلا كۆتۈرۈلمەكتە» ناملىق ئىنتايىن مۇھىم بولغان تۇنجى رومانى «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلاتلار» ئېقىمىدىكى ۋەكىللىك ئەسىرى ھېساپلىنىدۇ. 1929- يىلى يازغان«ئەلۋىدا قۇرال» ناملىق رومانى ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش تېمىسىدىكى كاتتا ئەسىرىدۇر، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ 1940- يىلى يېزىلغان «ماتەم سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى» ناملىق ئەسىرىنى ئۇنىڭ ۋەكىللىك خارەكتىرلىك ئەسىرى دېيىشكە بولىدۇ.  ئۇنىڭ نۇرغۇن ھېكايە-پوۋېستلىرى، مەسىلەن «قاتىل»، «مەغلۇپ قىلغىلى بولمايدىغان ئادەم» ۋە «كىلىمانجىرودىكى قار» ناملىق ھېكايە-پوۋېستلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ياختۇرىشىغا سازاۋەر ئەسەرلىرىدۇر؛ ئۇ 1952- يىلى يازغان «بوۋاي ۋە دېڭىز» ناملىق ئەسىرى بىلەن 1954- يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
  تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ ياندىن كۈزۈتۈش ئۇسۇلى بويىچە ئۆز پېرسۇناژلىرىنىڭ  ئىچكى دۇنياسىغا ھېچقانداق ئارىلاشماي، پەقەت ئۇلارنىڭ دىئالوگلىرىنى ئەينەن خاتىرىلەش ئارقىلىقلا چوڭقۇر ئىدىيىۋى توقۇنۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن  «قاتىل» ناملىق ھېكايىسىنى تونۇشتۇردۇق]


  ھېنرىنىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، ئىككى ئادەم كىرىپ كەلدى. ئۇلار پۇكەينىڭ ئالدىدا ئولتۇردى.
-        نېمە يەيسىلەر؟- سورىدى جورجى ئۇلاردىن.
-        مەن بىلمىدىم،- دېدى ئۇلارنىڭ بىرى،- ئار، نېمە يىگۈڭ بار؟
-        مەنمۇ بىلمىدىم،- دېدى ئار.
  - مەنمۇ نېمە يىگۈم كەلگەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتىمەن.
  تالاغا ئاستا-ئاستا قاراڭغۇ چۈشتى. دەرىزە سىرتىدىكى كوچا چىرىقى ياندى. پۇكەينىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئىككىيلەن تاماق تىزىملىكىنى كۆرۈشكە باشلىدى. نىك ئادامس پۇكەينىڭ ئۇ بۇرجىكىدە ئولتۇرۇپ ئۇلارغا قارىدى. ئۇلار كىرگەندە، ئۇ جورجى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى.
  - مەن ئالما قىيامى بىلەن ياڭيۇ سۈركەلگەن چوشقا دۈمبىسى كاۋىپى يەيمەن،- دېدى بىرىنچى ئادەم.
  - بۇ تاماقنى بىز تېخى تەييارلاپ بولالمىدۇق.
  - ئۇنداقتا نېمە دەپ تاماق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويىسىلەر؟
  - ئۇ دېگەن زىياپەت تامىقى،- دېدى جورجى چۈشەندۈرۈپ، سائەت 6 دە كەلسىڭىز چىقىرالايمىز.
  جورجى پۇكەينىڭ كەينىدىكى تام سائىتىگە قارىدى.
-        سائەت 5 بوپتۇ.
-        سائەت 5 تىن 20 ئۆتۈپتىغۇ،- دېدى ئىككىنچى ئادەم.
-        20 مىنۇت بىردەمدە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
  - ھەي، نەس باسقۇر سائەت،- دېدى بىرىنچى ئادەم،- يەنە يىگۈدەك قانداق نەرسەڭلار بار؟
  - گۆش قىستۇرۇلغان بولكىدەك نەرسىلەر بار،- دېدى جورجى، - ياكى توخۇ پاچىقى، تۇزلانغان گۆش، چوشقا جىگىرى، كالا سىڭىرى ئەكىلىپ بەرسەممۇ بولىدۇ.
  - ماڭا قايماق بىلەن ياڭيۇ سۈركەلگەن توخۇ گۆشى ئەكىلىپ بەر.
  - ئۇ دېگەن زىياپەت تامىقى.
  - بىز نېمىنى بۇيرىساق شۇ زىياپەت تامىقى، شۇنداقمۇ؟ سىلەر بۇ ئامال بىلەن بىزنى يولغا سالماقچى.
  - مەن سىلەرگە توخۇ پاچىقى، تۇزلانغان گۆش، جىگەر ئەكىلىپ بەرسەم بولىدىغۇ.
  - مەن توخۇ پاچىقى يەي،- دېدى ئار ئىسىملىك ئۇ ئادەم. ئۇ بېشىغا شىلەپە، ئۇچىسىغا بىر تەرىپىلا تۈگمىلىك قارا پىلاش كىيىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ يۈزى كىچىك ھەم ئاق بولۇپ، لەۋلىرى چىڭ يۇمۇلۇپ تۇراتتى. ئو  يىپەك رەختنى پەلەي ئورنىدا قولىغا يۆگىۋالغان ئىدى.
  - مەن تۇزلانغان گۆش يەي،- دېدى يەنە بىر ئادەم. ئۇنىڭ تەن قۇرۇلىشى ئار بىلەن  پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ئىككىيلەننىڭ چىرايى ئوخشاشمايتتى، لېكىن قوشگېزەكتەك ئوپ-ئوخشاش كىيىنىۋالغان ئىدى. ھەر ئىككىسىنىڭ بەدىنىگە كىيىۋالغان پىلاشى لىققىدە كېلىپ قالغان ئىدى. ئىككىيلەن ئالدى تەرەپتە ئولتۇرغاچقا بىلىكىنى پۇكەينىڭ ئۈستىگە قويۇۋالغان ئىدى.
  - ئىچكۈدەك نېمە بار؟- سورىدى ئار.
  - ئاق پىۋا، زەنجىۋىل پىۋىسى بار،- دېدى جورجى.
  - مەن سەندىن ئىچكۈدەك بىر نەرسە بارمۇ دەپ سوراۋاتىمەن؟
  - مەن بايا ئېيتقان ئىچىملىكلا بار.
  - بۇ بەك قىزىق شەھەركەن،- دېدى يەنە بىر ئادەم،- ئۇلار بۇنى نېمە دەپ ئاتايتتى؟
  - قىزىق نۇقتا.
  - ئاڭلىغانمىدىڭ؟- دەپ سورىدى ئار دوستىدىن.
  - ياق،- دېدى ئۇنىڭ دوستى.
  - بۈگۈن ئاخشام بۇ يەردە نېمە قىلاي دەۋاتىسەن؟- سورىدى ئار.
  - ئۇلار بۇ يەردە كەچلىك تاماق يەيدۇ،- دېدى ئۇنىڭ دوستى،-ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە كېلىپ چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىشىدۇ.
  - شۇنداق،- دېدى جورجى.
  - سېنىڭچە شۇنداق بولارمۇ؟- دەپ سورىدى ئار جورجىدىن.
  - ئەلۋەتتە.
  - سەن بەك ئەقىللىق يىگىت ئوخشىمامسەن؟
  - ئەلۋەتتە،- دېدى جورجى.
  - ياق، سەن ئەقىللىق ئەمەس،- دېدى يەنە بىر پەتەك ئادەم،- ئار، ئۇ ئەقىللىقتەك قىلامدۇ؟
  - ئۇ بىر كالۋا،- دېدى ئار. ئۇ ئۆرۈلۈپ بېرىپ نېكتىن سورىدى:
  - سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە؟
  - ئادامس.
  - يەنە بىر ئەقىللىق يىگىت،- دېدى ئار،- مەيكىس، ئۇ ئەقىللىق يىگىتتەك قىلامدۇ؟
  - بۇ شەھەردە ساپلا ئەقىللىق يىگىتلەر بار،- دېدى مەيكىس.
  جورجى ئىككى چوڭ تەخسىنى پۇكەينىڭ ئۈستىگە قويدى، ئۇنىڭ بىرسىدە توخۇ پاچىقى، يەنە بىرسىدە تۇزلانغان گۆش بار ئىدى. ئۇ يەنە ئىككى كىچىك تەخسىدە مايدا قورۇلغان ياڭيۇ ئېپكەلدى، ئاندىن بۇ يەرگە قارايدىغان ئاشخانا ئۆينىڭ ئىشىكىنى تاقىدى.
  - ئاۋۇ تەخسىدىكى سېنىڭمۇ؟- سورىدى ئار.
  - ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟
  - توخۇ پاچىقى.
  - راستىنلا ئەقىللىق يىگىتكەنسەن،- دېدى مەيكىس. ئۇ سۈرۈلۈپ بېرىپ، توخۇ پاچىقىنى ئالدىغا تارتتى. ئىككىيلەن قولىدىكى پەلەينى ئېلىۋەتمەي يىيىشكە باشلىدى. جورجى ئۇلارنىڭ يىگىنىگە قاراپ ئولتۇردى.
  - نېمىگە قارايسەن؟- دېدى مەيكىس جورجىغا قاراپ.
  - قارىمىدىم.
  - ماڭە نېرى، سەن ماڭا قارىدىڭ.
  - مەيكىس، يىگىت بەلكى قىزىقسىنىپ قارىغاندۇ،- دېدى ئار.
  جورجى كۈلۈپ كەتتى.
  - كۈلمە،- دېدى مەيكىس ئۇنىڭغا،- كۈلگىدەك بىر ئىش بولغىنى يوق، بىلدىڭمۇ؟
  - بولىدۇ،- دېدى جورجى.
  - ئۇ بولىدىكەن،- دېدى مەيكىس ئارغا ئۆرىلىپ قاراپ. ئۇ بولىدىكەن، بۇ يىگىت يامان ئەمەسكەن.
- ھە، ئۇنىڭ ئەقلى بار ئىكەن.
  شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن تامىقىنى يىيىشنى داۋاملاشتۇردى.
  - پۇكەينىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇرغان زېرەك يىگىتنىڭ ئىسمى نېمە؟- دەپ سورىدى ئار مەيكىستىن.
  - ھېي ئەقىللىق يىگىت،- دېدى مەيكىس نېكقا قاراپ،- سەن دوستۇڭ بىلەن پۇكەينىڭ ئارقىسىدا ئويناپ تۇرغىن.
  - نېمىش بولدى؟- سورىدى نىك.
  - ھېچ ئىش بولمىدى.
  - ئەڭ ياخشىسى بۇ يەردىن كەت ئەقىللىق يىگىت،- دېدى ئار. شۇنىڭ بىلەن نىك پۇكەينىڭ ئارقىسىغا ئۆتتى.
  - نىمىش بولدى؟- سورىدى جورجى.
  - سەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،- دېدى ئار،- ئاشخانا ئۆينىڭ ئىچىدە كىم بار؟
  - نېگىر.
  - سەن دەۋاتقان ئۇ نېگىر نىمىش قىلىدۇ؟
  - ئاشپەز.
  - ئۇنى چاقىر.
  - نىمىش بولدى؟
  - ئۇنى بۇ يەرگە چاقىر.
  - بىزنىڭ ھازىر قەيەردە تۇرىۋاتقىنىمىزنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟
  - قەيەردە تۇرىۋاتقىنىمىز ھەر ئىككىمىزگە ناھىيىتى ئايان،- دېدى ھېلىقى مەيكىس ئىسىملىك ئادەم،- تۇرقىمىزدىن ئەخمەق كۆرۈنەمدىكەنمىز؟
  - گېپىڭدىن بىراز ئەخمەقلىق چىقىپ تۇرىدۇ.- دېدى ئار،- ئۇ ئەخمەق بىلەن نېمە دەپ گەپ تالىشىسەن؟
-گېپىمنى ئاڭلا،- دېدى ئۇ جورجىغا، بېرىپ ئاۋۇ نېگىرغا ئېيت، بۇ يەرگە كىرسۇن.
  - سىز ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلماقچى؟
  - ھېچ ئىش يوق. ئەقىللىق يىگىت، كاللاڭنى ئىشلىتىپ ئويلاپ باققىن، بىزنىڭ نېگىردە نېمە ئىشىمىز بولسۇن؟
  جورجى ئاشخانا ئۆينىڭ كىچىك دەرىزىنى ئاچتى.
  - سام،- دەپ توۋلىدى ئۇ،- بۇ يەرگە كىرە.
  ئاشخانىغا تۇتىشىدىغان ئىشىك ئېچىلىپ، ئۇ نېگىر كىرىپ كەلدى.
  - نېمە ئىش؟- سورىدى ئۇ.
پۇكەينىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئۇ ئىككىيلەن تەڭلا ئۇنىڭغا نەزەر تاشلىدى.
  - بولىدۇ، نېگىر ئاغىينە. سەن ئەشۇ جايدا تۇر،- دېدى ئار.
  نېگىر سام پەرتۇق تارتقان ھالدا ئۇ يەردە تۇرۇپ پۇكەينىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بۇ ئىككى باتۇرغا قارىدى.
  - ماقۇل، ئەپەندىم،- دېدى ئۇ.
ئار ئولتۇرغان ئورۇندىقىدىن پەسكە چۈشتى.
  - مەن نېگىر ۋە ئاۋۇ ئەقىللىق يىگىت بىلەن بىللە ئاشخانىغا كىرىپ باقاي،-دېدى ئۇ،- ئاندىن،- نېگىر بۇرادەر، ئاشخانىغا كىرگىن، ئەقىللىق يىگىت، سەنمۇ بىللە كىرگىن،- دېدى.
  شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەتەك نىك بىلەن ئاشپەز سامغا ئەگىشىپ ئاشخانا ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئۇلار ئاشخانىغا كىرگەندىن كېيىن ئىشىكنى ئەتتى. مەيكىس ئىسىملىك ئۇ ئادەم جورجىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پۇكەينىڭ ئالدىدا داۋاملىق ئولتۇردى. ئۇ جورجىغا قاراپمۇ قويماي پۇكەينىڭ ئارقىسىدىكى تام ئەينەككە قارىدى. ئەسلىدىكى ھېنرىنىڭ قاۋاقخانىسى ھازىر ئاشخانا قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.
  - ھەي ئەقىللىق يىگىت،- دېدى مەيكىس تام ئەينەكتىن كۆزىنى ئۈزمەي،- نىمىشقا گەپ قىلمايسەن؟
  - بۇ يەردە نېمىش قىلماقچىسىلەر؟
  - ھەي ئار،- دېدى مەيكىس توۋلاپ،- ئەقىللىق يىگىتنىڭ نىمىش قىلماقچى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگۈسى باركەن.
  - نىمىشقا ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرمەيسەن؟- دېدى ئار ئاشخانا ئىچىدە تۇرۇپ توۋلاپ.
  - سەن ئېيتىپ باقە، بىز نىمىش قىلماقچىكەنمىز؟
  - مەن بىلمەيمەن.
  - قانداق ئويلاۋاتىسەن؟
  مەيكىس گەپ قىلىۋاتقاندا كۆزىنى ئەينەكتىن ئۈزمىدى.
  - دېگۈم يوق.
  - ھەي، ئار، ئەقىللىق يىگىت دەيدۇ، ئۇ بۇ يەردە نىمىش قىلىدىغىنىمىز توغرىلىق ئويلىغىنىنى دېگۈسى يوقكەن؟
  - بولىدۇ، ئاڭلىدىم،- دېدى ئار ئاشخانا ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ. ئاندىن ئۇ ئاشخانا ئۆينىڭ كىچىك دەرىزىسىنى قولى بىلەن ئىتتىرىپ ئېچىپ، تەخسە بىلەن گىلاس شەربىتى بار قۇتىنى ئۇ يەردىن ئاشخانا ئۆي ئىچىگە كىرگۈزمەكچى بولدى.
  - ئاڭلا ئەقىللىق يىگىت،- دېدى ئۇ جورجىغا،- ئارىلىقىڭ سەل يىراقراق بولسۇن.
  - سەن سولغا ئازراق يۆتكەلگىن مەيكىس،- دېدى ئۇ يەنە كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشكۈچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىۋاتقان سۈرەتكە تارتقۇچىدەك.
  جورجى بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى.
  - ئاڭلا،- دېدى مەيكىس،- بىز بىر شىۋېتسىيەلىكنى ئۆلتۈرمەكچى، سەن ئوئىل ئاندېرسېن ئىسىملىك بىر شىۋېتسىيەلىك دارازىنى تونۇمسەن؟
  - تونۇيمەن.
  - ئۇ ھەر كۈنى كەچتە بۇ يەرگە كېلىپ تاماق يەيدۇ، شۇنداقمۇ؟
  - ئۇ ئارىلاپ كېلىدۇ.
  - ئۇ سائەت 6 دە كېلىدۇ، شۇنداقمۇ؟
  - ئەگەر كەلگۈدەك بولسا.
  - بۇنى بىز بىلىمىز ئەقىلىق يىگىت،- دېدى مەيكىس،- باشقا پاراڭ بولسا قىلمامسەن؟ بەزىدە كىنومۇ كۆرۈپ قويىدىغانسەن؟
  - بىر قېتىم كۆرگەن.
  - سەن چوقۇم نۇرغۇن قېتىم كىنو كۆرگىلى باردىڭ، سىلەردەك ئەقىللىق ياشلار كىنو كۆرسە بەك ياخشى.
  - سىلەر نىمىشقا ئوئىل ئاندېرسېننى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ ئۇلار سىلەرگە بىرەر يامانلىق قىلغانمۇ؟
  - ئۇ بىزگە يامانلىق قىلغۇدەك بىرەر پۇرسەتكىمۇ ئېرىشمىگەن، بىزنى كۆرۈپمۇ باقمىغان.
  - ئۇ بىزنى پەقەت بىر قېتىملا كۆرگەن،- دېدى ئار ئاشخانا ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ.
  - ئۇنداقتا، ئۇنى نىمىشقا ئۆلتۈرىسىلەر؟
  - بىر دوستىمىزغا ۋەكالىتەن ئۆلتۈرىمىز، بۇنى ئۇ ھاۋالە قىلغان ئەقىللىق يىگىت.
  - ئاغزىڭنى يۇم،- دېدى ئار ئاشخانا ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ،- ئاناڭنى، سەن بەك كۆپ سۆزلىۋەتتىڭ.
  - شۇ ئەمەسمۇ، مەن ئەقىللىق يىگىت بىلەن كۆڭۈللۈك سۆزلىشىۋاتىمەن. شۇنداققۇ ئەقىللىق يىگىت.
  - ئاناڭنى، سەن بەك كۆپ سۆزلىۋەتتىڭ،- دېدى ئار،-  نېگىر بىلەن  ماۋۇ ئەقىللىق يىگىت ئۆزلىرى كۆڭۈللۈك ھىس قىلسا ھېساپ. مەن بۇ ئىككىسىنى مۇناستېردىكى بىر جۈپ مۇناخنى باغلىغاندەك باغلاپ قويدۇم.
  - مېنىڭچە سەن ئۆزەڭنى بىر مۇناستېرنىڭ ئىچىدە تۇرغاندەك ھىس قىلىپ قاپسەن-دە؟
  - سەن بىلمەيسەن.
  - سەن ئەسلىدىنلا مۇناستېرنىڭ ئىچىدىكى ئادەمگە ئوخشايسەن، سەن ئۇ يەردىن كەلگەن.
  جورجى بېشىنى كۆتۈرۈپ سائەتكە قارىدى.
  - ئەگەر خېرىدارلار كەلسە سەن ئۇلارغا ئاشپەز يوق دېگىن، يەنە سورىسا ئۇلارغا ۋەكالىتەن ئاشخانىغا كىرىپ تاماقنى ئۆزەم ئېتىپ بېرىمەن دېگىن، چۈشەندىڭمۇ، ئەقىللىق يىگىت.
  - چۈشەندىم،- دېدى جورجى،- كېيىن بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىسىلەر؟
  - ئەھۋالغا قارايمىز-دە،- دېدى مەيكىس،- نۇرغۇن ئىشلار باشتا ئۇقۇشماسلىقتىن بولىدۇ، بۇ ئىشمۇ شۇنداق.
  جورجى بېشىنى كۆتۈرۈپ سائەتكە قارىدى. سائەت 6 دىن چارەك ئۆتكەن ئىدى. رەستىگە قارايدىغان چوڭ ئىشىك ئېچىلىپ، بىر تىرامۋاي شوپېرى كىرىپ كەلدى.
  - ھەي جورجى، يىگۈدەك كەچلىك تاماق بارمۇ؟- سورىدى ئۇ.
  - سام چىقىپ كەتكەن، يېرىم سائەتتىن كېيىن قايتىپ كېلەرمىكىن،- دېدى جورجى.
  - ئۇنداقتا مەن كوچىنىڭ ئۇ بېشىغا بارسام بولغۇدەك،- دېدى شوپۇر. جورجى سائەتكە قارىدى. ھازىر سائەت 6 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەن ئىدى.
  - ئىنتايىن ياخشى قىلدىڭ، ئەقىللىق يىگىت، سەن ھەقىقەتەن ئېسىلزادىكەنسەن،- دېدى مەيكىس.
  - ئۇ مېنىڭ تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىۋېتىشىمنى بىلىدۇ،- دېدى ئار ئاشخانا ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ.
  - ياق،- دېدى مەيكىس،- ئۇنداق دېسەڭ بولمايدۇ. ئەقىللىق يىگىت ئوبدانكەن. بۇ ئىنتايىن ئوڭلۇق يىگىتكەن، مەن ئامراق بولۇپ قالدىم.
  سائەت 6 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە جورجى دېدى:
- ئۇ كەلمىدى.
- ئاشخانىدا  ئىككى ئادەم كىردى. جورجى ئاشخانىغا كىرىپ بىر خېرىدارغا ئۇ ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولغان توخۇ پاچىقى قىستۇرۇلغان بولكىنى ئېپچىقىپ بەرمەكچى بولدى، ئۇ ئارنىڭ شىلەپىسىنى دوقىسىغا قىڭغىر كىيىپ، ئارقا ئىشىكنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىنىنى، پاينىكى ھەرىدىتىۋېتىلگەن تاپانچىسىنىڭ ئاغزىنى ئىشكاپقا تىرەپ قويغانلىقىنى كۆردى. نىك بىلەن ئاشپەز تامنىڭ بۇلۇڭىدا ئۆزئارا دۈمبىسىنى قىلىپ باغلاپ قويۇلغان، ئاغزىغا لۆڭگە تىقىلغان ئىدى. جورجى گۆش قىستۇرۇلغان بولكىنى تەييارلاپ، مايلىق قەغەزگە ئوراپ، بىر خالتىغا سالدى-دە، ئاندىن ئۇنى زالغا ئېلىپ چىقتى، ھېلىقى كىشى پۇلىنى تۆلىگەندىن كېيىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
- ئەقىللىق يىگىت ھەممە ئىشنى قاملاشتۇرالايدىكەن،- دېدى مەيكىس،- ئۇ تاماق ئېتەلەيدىكەن، ھەممە ئىشنى قىلالايدىكەن. ئەقىللىق يىگىت، سەن بىر قىز بالىنى ئوبدان خوتۇن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقالىغۇدەكسەن.
- دوستىڭىز ئوئىل ئاندېرسېن كەلمەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟
- بىز يەنە 10 مىنۇت ساقلايلى،- دېدى مەيكىس.
مەيكىس ئەينەك بىلەن ھېلىقى سائەتكە يەنە دىققەت قىلدى، سائەت ئىستىرىلكىسى 7 نى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى، بىر دەمدە يەنە 5 مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى.
- چىقە ئار،- دېدى مەيكىس،- ئەمدى قايتايلى، ئۇ كەلمىدى.
- ئەڭ ياخشىسى يەنە 5 مىنۇت ساقلايلى،- دېدى ئار ئاشخانا ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ.
5 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، بىر ئادەم كىرىپ كەلدى، جورجى ئۇنىڭغا ئاشپەزنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
- نىمىشقا باشقا ئاشپەز تاپمايسىلەر؟ سەن ئاشخانا ئاچمامسەن؟- دېدى ئۇ ئادەم ۋە گېپىنى دەپ بولۇپلا بۇ يەردىن كەتتى.
- چىقە، ئار،- دېدى مەيكىس.
- ماۋۇ ئىككى ئەقىللىق يىگىت بىلەن ئاۋۇ نېگىرنى قانداق قىلىمىز؟
-ئۇلار ئىنتايىن ئىشەنچلىك.
- سەن مۇشۇنداق ئويلامسەن؟
- ئەلۋەتتە، بىزگە ئەمدى ھېچ ئىش بولمايدۇ.
- چاخچاق قىلما،- دېدى ئار،- بىپەرۋالىق قىلىۋاتىسەن، سەن بەك كۆپ گەپنى قىلىۋەتتىڭ.
-يائاللا، بۇ يەردە جىددىلەشكۈدەك نېمە بار، ئىككىمىز پەقەت بىر كۆڭۈل ئاچقان بولدۇق، ئۇنداق ئەمەسمۇ؟
- قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر، سەن گەپنى بەك كۆپ دەۋەتتىڭ،- دېدى ئار. ئۇ ئاشخانا ئۆيدىن چىقتى. پاينىكى ھەرىدەلگەن تاپانچىسى ئۇنىڭ تولىمۇ تار كېلىپ قالغان پىلاشى ئىچىدىن جىندەك چىقىپ قالغان ئىدى.ئۇ پەلەي تاقىغان قولى بىلەن كىيىمىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۈپ قويدى.
- يەنە كۆرۈشەرمىز، ئەقىللىق يىگىت،- دېدى ئۇ جورجىغا،- بەك تەلىيىڭ باركەن.
-  راستىنلا تەلىيىڭ باركەن،- دېدى مەيكىس،- سەن چوقۇم ئات بەيگىسىگە پۇل تىك ئەقىللىق يىگىت.
بۇ ئىككىيلەن ئىشىكتىن چىقىپ ماڭدى. جورجى دەرىزىدىن ئۇلارنىڭ چىراق نۇرى ئاستىدا كوچىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكىنىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ تارغىنە پىلاشى بىلەن شىلەپىسى ئۇلارنى بىر جۈپ سېرىكچىلەردەك كۆرسىتىپ تۇراتتى. جورجى ئىشىك تەرەپكە بۇرۇلدى-دە، ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ نىك  بىلەن ئاشپەزنى باغلاقتىن بوشاتتى.
- ئۇنداق ئىش ئىككىنچى بېشىمغا كەلمىسۇن،- دېدى سام.
- ئۇنداق ئىش مېنىڭ بېشىمغىمۇ كەلمىسۇن،- دەپ ئورنىدىن تۇردى نىك. ئۇ ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن لۆڭگىنى ئاغزىغا تىقىپ قويىدىغان ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغان ئىدى.
- ماڭا ئېيتقىن،زادى نېمە ئىشكەن بۇ؟- دېدى ئۇ ھەمدە قولىدىكى لۆڭگىنى تاشلىۋەتمەكچى بولدى.
- ئۇلار ئويىل ئاندېرسېننى ئۆلتۈرمەكچىكەن،- دېدى جورجى،- ئۇ كىرىپ تاماق يەۋاتقان ۋاختىدا تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرمەكچىكەن.
- ئويىل ئاندېرسېننىما؟
- توغرا.
ئاشپەز باش بارمىقى بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ:
-ئۇلار كەتتىمۇ؟- دەپ سورىدى.
- شۇنداق، ئۇلار كەتتى،- دېدى جورجى.
- بۇ ئىشتىن خۇشال بولمىدىم، ئازراقمۇ خۇشال بولمىدىم،- دېدى ئاشپەز.
-گېپىمنى ئاڭلا،- دېدى جورجى نىكقا،- ئەڭ ياخشىسى سەن ئويىل ئاندېرسېننىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى كۆرۈپ كەلگىن.
- بولىدۇ.
- ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىش توغرىلىق ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى سورىما،- دېدى سام،- ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭدىن يىراقراق تۇر.
- ئەگەر بارغۇڭ كەلمىسە بارما،- دېدى جورجى.
- بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالساڭ ساڭا ھېچقانداق پايدىسى يوق، يەنىلا ئارىلاشما.
- مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ كېلەي،- دېدى نىك جورجىغا،- ئۇ قەيەردە ئولتۇرىدۇ؟
ئاشپەز يۈزىنى ئارقىسىغا قىلدى.
- كىچىك بالىلار بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا ھەمىشە بىلەرمەنلىك قىلىدىكەن،- دېدى ئۇ غۇدۇراپ.
- ئۇ ھېسكىينىڭ داچىسىدا ئۇلتۇرىدۇ،- دېدى جورجى نىكقا.
- مەن ئۇ يەرگە بېرىپ كېلەي.
- تالادىكى كوچا چىرىقى قۇرۇق دەرەخ شاخلىرىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. نىك تىرامۋاي يولىغا چۈشۈپ مېڭىپ، بىر تال كوچا چىرىقى يورۇتۇپ تۇرغان جايدىن ئەگىلىپ، بىر كىچىك كوچىغا قاراپ ماڭدى. بۇ كوچىدىكى 3- كورپۇس دەل ھېسكىينىڭ داچىسى ئىدى. نىك ئىككى باسقۇچلۇق پەلەمپەيدىن چىققاندىن كېيىن ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى، ئىشىك ئالدىغا بىر ئايال كەلدى.
- ئويىل ئاندېرسېن بۇ يەردە ئولتۇرامدۇ؟
- ئۇنىڭدا ئىشىڭىز بارمىدى؟
- شۇنداق، ئەگەر ئۇ ئۆيىدە بولۇپ قالسا.
نىك ئۇ ئايالغا ئەگىشىپ بىر پەلەمپەيدىن چىققاندىن كېيىن، بىر كارىدورنىڭ ئاياق تەرىپىگىچە كەلدى. ئايال ئىشىكنى چەكتى.
- كىم؟
- بىرسى سىز بىلەن كۆرۈشمەكچىكەن ئاندېرسېن ئەپەندىم،- دېدى ئۇ ئايال.
- مەن نىك ئادامىس.
- كىرگىن.
نىك ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى. ئويىل ئاندېرسېن تولۇق كىيىنگەن ھالەتتە كارىۋاتتا ياتاتتى. ئۇ ئىلگىرى ئېغىر دەرىجىلىك بوكىسچى ئىدى. ئۇنىڭ بويىنىڭ ئۇزۇنلىقى ئۇ كارىۋاتنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن تەڭ ئىدى. ئۇ بېشىنى ئىككى ياستۇقنىڭ ئۈستىگە قويغان ئىدى. ئۇ نىكقا قاراپمۇ قويمىدى.
- نېمە ئىش بولدى؟
- مەن ھېنرىنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەيمەن،- دېدى نىك،- ئىككى ئەبلەخ كىرىپ مەن بىلەن ئاشپەزنى باغلاپ قويدى، ئۇلار سىزنى ئۆلتۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ بۇ گەپنى باشقىلار ئاڭلىسا چۆچۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى.
ئويىل ئاندېرسېن بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى.
- ئۇلار ئىككىمىزنى ئاشخانىغا سولىۋالدى،- دېدى نىك گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- ئۇلار سىز ئاشخانىمىزغا كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى.
ئويىل ئاندېرسېن تامغا قارىغىنىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
-        جورجى بۇ ئىشنى سىزگە ئۇختۇرۇپ قويۇشۇمنى توغرا تاپتى.
-        بۇ ئىشقا مېنىڭ ھېچقانداق ئامالىم يوق،- دېدى ئويىل ئاندېرسېن.
-        مەن ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقىنىڭ قانداقلىقىنى ئېيتىپ بېرەي.
-مېنىڭ ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگۈم يوق،- دېدى ئويىل ئاندېرسېن تامغا قاراپ،- بۇ ئىشنى ماڭا ئۇختۇرغىنىڭغا رەھمەت.
- ئەرزىمەيدۇ.
نىك كارىۋاتتا ياتقان بۇ يوغان ئادەمگە قارىدى.
-        ساقچىغا مەلۇم قىلايمۇ؟
-        ياق، ئۇنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى يوق،- دېدى ئويىل ئاندېرسېن.
-        مەن قىلىپ بېرەلىگۈدەك قانداق ئىش بار.
-        يوق، ھېچقانداق ئىش يوق.
-        قەستەن قورقمىغان قىياپەتكە كىرىۋالمىغانسىز؟
-        ياق، مەن قورقمىغان قىياپەتكە كىرىۋالمىدىم.
  ئويىل ئاندېرسېن تامنىڭ ئۇ تەرىپىگە قاراپ ئۆرۈلۈپ يېتىۋالدى.
  - بىردىن-بىر ئىش شۇكى،- دېدى ئۇ تامغا قاراپ سۆزلەپ،- مەن يەنىلا تالاغا چىقمىسام بولغۇدەك، مەن بىر كۈن تالاغا چىقمىدىم.
  - سىز شەھەر سىرتىغا چىقالمامسىز؟
  - ياق،-دېدى ئويىل ئاندېرسېن،- مەن ئەمدى قېچىپ يۈرۈشنى خالىمايمەن.
  - سىز بىر ئامال قىلىپ بۇ ئىشقا خاتىمە بېرىشنى ئويلىمامسىز؟
  - قىلالمايمەن، مەن ئۇلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدۇم،- دېدى ئۇ يەنىلا خوشياقمىغاندەك تەلەپپۇزدا،- بىرەر ياخشى ئامالمۇ يوق، سەل تۇرۇپ تالاغا چىقىشىممۇ مۈمكىن.
  - ئۇنداقتا مەن جورجىنىڭ قېشىغا قايتاي،- دېدى نىك.
  - ئامان بول،- دېدى ئويىل ئاندېرسېن نىكقا قاراپمۇ قويماي،- بۇ يەرگە كەلگىنىڭگە رەھمەت.
  نىك ئىشىكتىن چىقتى. ئۇ ئىشىكنى ئېتىۋېتىپ، ئويىل ئاندېرسېننىڭ پۈتۈن كىيىنگەن ھالدا تامدىن كۆزىنى ئۈزمەي ياتقىنىنى كۆردى.
  - ئۇ پۈتۈن بىر كۈن تالاغا چىقمىدى،- دېدى ئۆي ئىگىسى ئايال،- مەن ئۇنى ساقسىز بولۇپ قالدىمىكىن دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭغا «ئاندېرسېن ئەپەندىم، كۈزنىڭ بۇنداق ياخشى ھاۋاسىدا بىردەم ھاۋا يەپ كىرسىڭىز بولمامدۇ دېسەم ئۇ ئۇنىمىدى.
  - ئۇ تالاغا چىقىشنى خالىمايدۇ.
  - مەن خۇددى ئۆزۈم ساقسىز بولۇپ قالغاندەك ئۇنىڭ ساقسىزلىقىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن،- دېدى ئۇ ئايال، - ئۇ ئىنتايىن ياخشى ئادەم، بىلەمسىز، ئۇ بىر بوكسيۇرچى.
  - بىلىمەن.
  - ئەگەر ئۇنىڭ يۈزىدىكى ئۇ ئالامەتلەرنى كۆرمىسىڭىز ئۇنىڭ بوكسيۇرچى ئىكەنلىگىنى ھەرگىزمۇ بىلەلمەيسىز،- دېدى ئايال.  ئىككىيلەن دەرۋازىنىڭ يېنىدا پاراڭلاشتى،- ئۇ ئادەم ھەقىقەتەن مۇلايىم.
  - بولىدۇ، خەيرلىك كەچ، ھېسكىي خانىم،- دېدى نىك.
  - مەن ھېسكىي خانىم ئەمەس،- دېدى ئۇ ئايال،- بۇ داچا ئۇنىڭ. مەن پەقەت ئۇنىڭ غوجىدارى. مەن بېل خانىم.
  - بولىدۇ، خەيرلىك كەچ بېل خانىم،- دېدى نىك.
  - خەيرلىك كەچ.
  نىك قاراڭغۇ كوچىدىن چىراق يورۇپ تۇرغان كوچا دوقمۇشىغا چىقتى ۋە تىرامۋاي يولىنى بويلاپ مېڭىپ ھېنرىنىڭ رېستۇرانىغا قايتىپ كەلدى. جورجى پۇكەينىڭ ئارقىسىدا ئىدى.
-        ئويىلنى كۆردۈڭمۇ؟
-كۆردۈم، ئۇ ياتىقىدا ئىكەن، سىرتقا چىقىشنى خالىمايدىكەن.
بۇ چاغدا نىك ئاشخانا ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋاتقاچقا، پەقەت ئۇنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلاندى.
- مېنىڭ ئەمدى ھېچنېمىنى ئاڭلىغۇم يوق،-دېدى ئۇ، ئاندىن ئىشىكنى گۈپپىدە تاقىدى.
- سەن ئۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتتىڭمۇ؟- سورىدى جورجى.
  - ئەلۋەتتە. مەن ئۇنىڭغا ئېيتتىم، لېكىن ئۇ ھەممىنى بىلىدىكەن.
  - ئۇنداقتا ئۇ قانداق قىلىشنى ئويلاۋېتىپتۇ؟
  - ھېچقانداق قىلىشنى ئويلىماپتۇ.
  - ئۇ چوقۇم قىمار جېدىلىگە چېتىلىپ قاپتۇ.
  - مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم،- دېدى نىك.
  - ئىش راستىنلا چاتاق.
  - ئىش ھەقىقەتەن بەك قورقۇنچلىق،- دېدى نىك.
  ئىككىيلەن ئەمدى قايتا گەپ قىلىشمىدى، جورجى بىر لۆڭگىنى ئېلىپ، پۇكەينى سۈرتۈشكە باشلىدى.
-        مەن ئۇنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىپ قويغىنىنى بىلەلمىدىم؟- دېدى نىك.
-        بىرەرسىنى ئالدىغان گەپ. ئۇلار مۇشۇنى دەپ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى.
-        مەن بۇ بازاردىن كېتىمەن،- دېدى نىك.
-        بولىدۇ،- دېدى جورجى،- بۇ بىر ئاقىلانە ئىش.
-مەن ئويلاشقا تاقەت قىلالمايمەن، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشىنى بىلىپ ياتىقىدا ساقلاپ تۇرۇپتۇ، بەكمۇ قورققۇنچلۇق،- دېدى نىك.
-بولدى قىل،- دېدى جورجى،- ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشنى باشقا جايغا بېرىپ ئويلانغىن.

    ( خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «چەتئەل ھېكايىلىرىدىن 100 يىللىق جەۋھەرلەر»
           ناملىق كىتابتىن ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى)



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-9 12:59  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-9 10:41:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەپەس يېرىپ چىققان يولۋاستەك يىپ-يېڭى قىياپەتتە نامايەن بولۇۋاتىسىز بۇرادەر، ۋاقىتتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىڭىزمۇ قالتىسكەن، تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي.

ۋاقتى: 2015-10-9 14:13:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي ۋە دېڭىز ناملىق ھىكايىسى ھەقىقەتەن ياخشى ھىكايە، لىكىن مەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىقىدىن بەك ئەپسۇسلىنىمەن.

ۋاقتى: 2015-10-9 14:17:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-10-9 19:18:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئۆزگىچلىكى بار ئەسەركەن. رەھمەت سىزگە!

ۋاقتى: 2015-10-11 16:38:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پېرسۇناژلار ئوبرازى دىيالوگلار ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلگەن ئۆزگىچە ھېكايىكەن. تەرجىمە ئىجايىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-10-11 17:55:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىسى ئىسىل بوپتۇ.

ۋاقتى: 2015-10-11 18:31:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ھارمىغاي!

ۋاقتى: 2015-10-11 19:25:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەخسىيەتسىز روھىڭىزغا ئاپىرىن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش