كۆرۈش: 278|ئىنكاس: 2

خۇم: ئادەت كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۇلۇغ قىبلىنامىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خۇم: ئادەت كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۇلۇغ قىبلىنامىسى

     كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەنىسىزلىگىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىۋاتقان ھەمدە ساختا شان-شۆھرەتنىڭ بىقارارلىقى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقىنىمىزدا، ئەمىلىيەتتە بىز ئۆزىمىزنىڭ ھورۇنلىقىغا خۇشامەت قىلىۋاتقان بولىمىز.  
                                                      ــــــ خۇم

     پەلسەپە ئادەم تەبىئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن، ئادەم تەبىئىتى بارلىق پەنلەرنىڭ «پايتەختى ۋە يۈرىگى»، شۇڭا خۇم ئادەم تەبىئىتىنى تەتقىق قىلىشنى ھەرخىل نەزەرىيە تەتقىقاتىنىڭ مەركىزى ۋە ئاساسى قىلغان.
شوتلاندىيەلىك پەيلاسوپ دېۋىد خۇم شوتلاندىيەدىكى بىر ئېسىلزادە ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، قانۇن ئۆگەنگەن ۋە سودا بىلەن شۇغۇللانغان. 1734-يىلى، خۇم تۇنجى قېتىم فىرانسىيەگە بېرىپ پەلسەپە تەتقىق قىلىشنى باشلىغان ھەمدە ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان.
خۇمچە بولغاندا، سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتىنى پەقەت تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىقلا ئىسپاتلىغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ بايقىشىچە، بىز دائىمقىدەك ھادىسە A نى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ھامان ھادىسە B بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىنى شەرت قىلىۋاتقاندا، بۇ  ھادىسە A غا بولغان تەجرىبىمىزنى ھادىسە B غا بولغان تەجرىبىز بىلەن مەلۇم ئادەت خارەكتىرىدە بىرلەشتۈرۈپ ئويلىغىنىمىز ئىكەن. چۈنكى لوگىكىدىكى ئىندۇكسىيىلىك خۇلاسىنى ئەقلىيلىك ئارقىلىق ئايرىملىقتىن ئومۇمىيلىققا ئۆتكۈزگىلى بولمايدىكەن.
مەسىلەن، ئىلگىرى تەجرىبىزگە ئاساسلانساق قۇياش ھامان شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەرپكە پاتىدۇ، ئۇنداقتا ئادىتىمىز بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، قۇياش كەلگۈسىدە يەنىلا شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەرپكە پاتىدۇ.
ئادەمنىڭ ئىدىيىسىگە كەلسەك، خۇم ئادەمنىڭ روھىنى بىر جۇمھۇرىيەتكە ئوخشىتىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ جۇمھۇرىيەت ھەرگىزمۇ ئەبەدىي يادرولۇق ئىدىيىگە تايانماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە ھەرخىل ئوخشىمايدىغان، ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان ئىدىيەلەرگە تايىنىدىكەن، شۇنداقلا ئۆز-ئارا باغلىنىدىغان ئىدىيەلەرلا ئاندىن ئۇنىڭ خاسلىقىنى ساقلايدىكەن. شۇڭا، بىر ئادەمنىڭ خاسلىقى بىر ئادەمنىڭ ھەرخىل شەخسىي تەجرىبىسىدىن قۇرۇلغان چېچىلاڭغۇ يۇغۇرۇلما ئىكەن.
ئۇ شۇنداق ئېيتقانىدى: «ھەممە ئادەمدە سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىشىنىدىغان بىر تەبىئىي ئىقتىدار بولىدۇ،  بۇ تەبىئىي ئىقتىدار نېرۋا سىستېمىمىزدا يېتىشتۈرۈلگەن ئادەتتىن كېلىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانچە بۇ خىل ئادەتنى يوقىتىۋېتەلمەيمىز، لېكىن بۇ ئادەتنىڭ توغرىلىقىنى بىز ھەرقانداق نۇقتىئىنەزەرلەش، دېدۇكسىيەلەش (يېشىش) ياكى ئىندۇكسىيەلەش (يىغىنچاقلاش) ئارقىلىق ئىسپاتلىيالمايمىز، خۇددى بىز دۇنيانىڭ سىرتىدىكى نەرسىلەرنى قىلچە بىلمىگەنگە ئوخشاش». شۇڭا خۇم «تەجرىبىدىن كەلگەن ئەقلىي خۇلاسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەقىلنىڭ نەتىجىسى بولماستىن بەلكى ئادەتنىڭ نەتىجىسىدۇر» دېگەننى تەشەببۇس قىلغان.
ئۇ مۇنداق ئېيتقانىدى: «ئەگەر ئەقىل ھېچقانداق ئاساسسىزلا بىزنىڭ ئىدىيىمىزنى شەكىللەندۈرسە، ئىدىيە باشتىن-ئاخىرغىچە ئەقىلدىنلا ھاسىل بولسا، ئۇنداقتا، بىز ھېچقانداق نەرسىگە ئىشىنەلمەيمىز، بۇ بىۋاستە سېزىم ياكى دېدۇكسىيەلەش (يېشىش)لەشتىن ئېرىشىلگەن ھەرقانداق چىنلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ». شۇڭلاشقا، ئادەم ئالاھىدە بەلگىلەنگەن بىر خىل سېزىمغىلا تايانمايدۇ، بولمىسا ئادەمدە ھەرقانداق ئىدىيەنىڭ بولىشى ئەسلا مۈمكىن بولمىغان بولاتتى. شۇڭا بىز ئۆگىنىشنىڭ تەسىرىسىز بۇ دۇنيانىڭ ھېچنېمىسىنى بىلەلمەيمىز. خۇم دەل مۇشۇ مەنىدىن چىقىپ «ئادەت كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۇلۇغ قىبلىنامىسى» دەپ ئېيتقانىدى.
ئەلۋەتتە، ئادەتنىڭ كۈچى غايەت زور، لېكىن بۇ كۈچنىڭمۇ ھامان چېكى بار. چۈنكى، ئىندوكسىيەلەش (يىغىنچاقلاش)نىڭ بىلىمگە ئېرىشىشكە نىسبەتەن ئىشەنچىلىكلىگى يوق، چۈنكى ئىندوكسىيەلەش (يىغىنچاقلاش) بارلىق ئېھتىماللىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالالمايدۇ. مەسىلەن، سىز بۈگۈن بىر ئاققۇنىڭ ئاق ئىكەنلىگىنى كۆردىڭىز، ئوخشاشلا ئەتىسىمۇ بىر ئاققۇنىڭ ئاق ئىكەنلىگىنى كۆردىڭىز، لېكىن سىز مەڭگۈ «بارلىق ئاققۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق» دېيەلمەيسىز، بولمىسا سىز دۇنيادىكى بارلىق ئاققۇنى تۇتۇپ بېقىڭ.
شۇڭلاشقا خۇم قايتا ئەسكەرتكەنكى، تەجرىبىۋىي خۇلاسە چىقىرىش بىزنىڭ توغرا بىلىمگە ئېرىشىشىمىزگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. پەقەت تەجرىبە بىلەن ئادەت كۆپ قېتىم قايتا-قايتا تەكرارلانغاندىن كېيىن بىر خىل مايىللىق پەيدا بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ ھەرقانداق ئەقلىي خۇلاسىگە تايانماي ئوخشاش ئىشنى قايتا-قايتا تەكرارلىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. مەسىلەن، ئوتتا بىر يېرىمىز كۆيۈپ كەتسە كېيىن ئوتتىن يىراقراق تۇرۇپ قايتا بىر يېرىمىزنى كۆيدۈرىۋالمايمىز.
شۇڭا، تەجرىبىدىن كەلگەن بارلىق ئەقلىي خۇلاسىلەر ئەقىلنىڭ نەتىجىسى بولماستىن بەلكى ئادەتنىڭ نەتىجىسىدۇر. لېكىن ئادەت نۇرغۇن زۆرۈرىيەتسىز ئاۋارىچىلىقلارنى ئازايتالايدۇ، شۇڭا «ئادەت كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ قىبلىنامىسى»مۇ بىز چوقۇم زاپاسلىۋالىدىغان مۇۋەپپىقىيەت سۈپىتىدۇر.

ھاسىلات
ئادەتنىڭ كۈچى غايەت زور. كىشىلەر بۇرۇندىن ئادەتلەنگەن رېلىستا مېڭىشقا ئادەتلەنگەن، ئادەت ئادەتلەنگەن ئادەملەر بىلەن ئىشلار ئارىسىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئادەت ھەرىكەتلىنىشتىكى بىر خىل تەبىئىي ئىقتىدار. لېكىن ئادەتنىڭمۇ ياخشىسى ھەم يامىنى بار، شۇڭا بىز قايسى ئىشنىڭ بىزدە ياخشى ئادەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى، قايسى ئىشنىڭ ناچار ئادەت شەكىللەندۈرىغانلىقىنى ھەمدە «ئادەت»نىڭ ئارقىسىدا نېمە بارلىقىنى ھۆكۈم قىلىشقا مۇھتاجمىز. مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن بىز پەلسەپىۋىي ئويلىنىشتىن مەنپەئەت ئالىمىز، شۇنداقلا يەنە ئەقلىي پىكىر قىلىش ئارقىلىق زىياندىن نېرى بولىمىز.   

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-8 17:59:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەنۋەر بۇرادەر سىزنىڭ قانچىلىك ئىجتىھات بىلەن ئەمگەك قىلىۋاتقىنىڭىزنى چۈشىمىز، دەپ قارايمەن. سىزگە سەمىمىي تەكلىپىم؛ مۇشۇنداق پەلسەپە شەھرىلىنىدىغان ئەسەرلىرىڭنى تەرجىمە بولسا، تەرجىمە مەنبەسىنى. ئۆزىڭىز خۇلاسىلەپ تەييارلىغان بولسىڭىز ئۆز نامىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز، بۇنىڭدا ئەسەردىن پايدىلىنىشتا ئىشەنچىلىك بولاتتى. چۈنكى بۇنداق ئەسەرلەرنى بىر ئوقۇپلا ئۆتۈپ كەتمەيدىغانلارمۇ بار.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-9 02:14:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پارچىلار مەن تەرجىمە قىلىۋاتقان «ئەڭ مۇكەممەل خارۋارد پەلسەپە دەرسلىكى » دېگەن كىتاپتىن ئېلىنغان. مەن باشتا يوللىغان پارچىلىرىغا شۇنى ئەسكەرتكەن ئىدىم...
ئەسلىدە ھەممىنى بىر تېما ئاستىغا يوللىساممۇ بولاتتى، لېكىن بىر كىتاپنى بىلىپ  ـ بىلـمەي زور ھەجىمدە يوللىۋېتىپ قالـماي  دەپ ئۇ يەر ـ بۇ يەردىن تاقلاپ يوللاپ قوياي دېدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-9 10:19  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش