بىلىندى ئۇزۇن ...
يېنىڭدىن كەتكەندە بىلىنەر ئۇزۇن ،
كېچىنىڭ ھەممىگە ئايان مۇڭلىرى .
بىر دەرەخ كۈيىدە ئاقتى يىگانە ،
ئېرىغان كۇتۇشنىڭ ھىجران توڭلىرى .
بۇ بىر مۇڭ ، بۇ بىر كۈي ، ئۆزىگە تەۋە ،
يىغلىغان ياش بىلەن ماڭدى ، ماڭدىما ...
جور بولدى مەن بىلەن كۈزدىكى خىيال ،
تۈن شېخى تەۋرەتتى كىمنى دائىما ؟!
بەك لەرزان چۇشكىنى بىر ئاھاڭ بولسا ،
يازغىنىم ئازابنىڭ نوتىسى بەلكىم .
ئاھ ، دىدى ، يالقۇننىڭ ئۆچكەن دەملىرى ،
بۇ يەردە تۇرمىدى تاشتەكلا ھېچكىم .
سوغۇق نۇر تېخىچە يىراقتىن – يىراق
بۇ يەردىن كەتكەندەك ، تۇرامدۇ نېمە ؟!
كەينىگە بۇرۇلۇپ باقمىغاچ ھايات ،
ئۆزىنىڭ يېشىدا ، ئۆزى بىر كېمە .
شۇ ۋەجى بىلىندى ئۇزۇندىن ئۇزۇن ،
ئۇزىراپ كەتكەن يول ، پايانى نەدە ؟...
شىرىلداپ تۇرىدۇ تۈننىڭ كۈيىدە
ھىجرانغا ئايلانغان ئۇزۇلمەس پەدە .
2015 – يىلى 3 – ئۆكتەبىر
مۇزلاۋاتقان يامغۇر
سىنتەبىرنىڭ كەينىگە ئۆتۇپ
قاراپ تۇرار ،
يولدىكى يامغۇر .
تەنھا ئەمەس ، ئوتتەك
كىمنىدۇر كۇتۇپ ؟!...
ئاسمان كىيىپ بۆرە جۇۋىسىنى
شامال يېيىپ قوڭۈر دەردىنى
غازاڭلارغا قونۇپ ئۇچىدۇ
قوغلىغانچە ،
مۇڭلار پەسلىنى ...
مۇزلاۋاتقان يامغۇرغا
قول سۇنىدۇ گۇگۇم مەردانە ،
كېچە ئارا
كۇتۇش بولدى دانە – دانە .
كۆيۈك دەردى ئۇنتۇلماس بىر دەرد
يازالمىدى ئۇنى تەلتۆكۇس ،
شائىرلارمۇ مۇشۇ چاغقىچە ...
يامغۇر بىلەن ئارلىقى يېقىن
مۇڭلىرىمۇ تاشلاردىن چوڭقۇر
قېقىلغاندا ھەتتا باغقىچە ،
يۈرىكىدە چاقمىدى چېقىن
مۇزلاۋاتقان يامغۇرغا يېقىن .
ئاھ ، دېگەنچە قالدى ئىچىدە ،
مېڭىپ تۇرغان يامغۇر كېچىدە .
دەرەخ بىلەن غازاڭ كۈيىدە
توختاپ قالدى ئاسمىنى بىلەن ،
يامغۇر ئەمەس ،
بىر ئىز جىممىدە ...
تۇرار كۇتۇش يەنە ،
مۇزلاۋاتقان
ئوتنىڭ ئىچىدە .
2015 – يىلى 5 – ئۆكتەبىر
|