يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 391|ئىنكاس: 4

قۇتيار: مۇمامنىڭ ھەسرىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                  مومامنىڭ ھەسرىتى

                                                        (ھېكايە)

                                                 ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

     بۈگۈن دادام ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيدىكىلەر بىلەن كۈرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن مومامغا ئالغاچ كەلگەن پوپايكىنى ئۆز قۇلى بىلەن كىيگۈزۈپ قويدى. كۈزلۈك ئاياغنى كىيگۈزۈش ئۈچۈن ئېڭىشكىنىدە مومام قەتئىي ئۇنىمىدى-دە، ئۆزى كىيىشكە باشلىدى. ئاڭغىچە دادام ھەممىمىزنىڭ نېسىۋىسىنى تارقاتتى. چوڭلار:«رەخمەت، ھەشقاللا...»دېيىشكىنىچە سوۋغاتلارنى ئېلىشتى. ئۆي ئىچىدە مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ئىللىق ھىدى ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. پەقەت ئىككى ئاچامنىڭ چېھرىدە خۇشاللىقنىڭ ئىزناسىمۇ كۆرىنمەيتتى.
-دادا،- دېدى چوڭ ئاچام ئاينىگار،-سەن بىزگە زاماندىن قالغان بىر نېمىلەرنى ئەكىلىمەن دەپ ئاۋارە بولغىچە پۇلنىلا بەرگەن بولساڭ، بىز مودا كىيىملەرنى ئالاتتۇق ئەمەسمۇ؟-دېدى نارازا بولغان ھالدا. ئۇنىڭ گېپى تۈگە-تۈگۈمەيلا ئىككىنچى ئاچام گۈلقىز:
-شۇ ئەمەسمۇ، نەدىكى مەتۇ بىر نېمىلەرنى كۆتىرىپ كېلىپ،-دېگىنىچە دادام ئەكەلگەن كىيىمنى سۇپىنىڭ بىر بولۇڭىغا كونا پايىتمىنى تاشلىغاندەك تاشلاپ قويدى.
-داداڭغا رەخمەت ئېيىتماقتا يوق يەنە چىرايىڭنى لازا يەۋالغان مايمۇندەك سەت پۈرۈشتۈرۈشتىن ئىزا تارتىشمىدىڭمۇ؟...ئانامنىڭ سۆزىنىڭ ئايىغى چىقىپ بولغۇچە مومامنىڭ كەپتەردەك بوقۇلداپ يىغلىغان ئاۋازى ئۆي ئىچىنى بىر ئالدى. بىز نېمە ئىش بولغاندۇ دېگەندەك موماغا قاراشتۇق. ئۇ ئەترەڭ ياغلىقىنىڭ ئۇچىدا كۆز يېشىنى سۈرۈتكىنىچە كىچىك بالىدەك ئۈن سېلىپ يىغلاۋاتاتتى. بىز بۇ چاققىچە مومامنىڭ مىچچىدە يىغلىشىنى بىر قانچە قېتىم كۆرگەن بولساقمۇ، بۈگۈنكىدەك ئىچ-ئىچىدىن ئاھ ئۇرۇپ يىغلىشىنى تۇنجى كۆرىشىمىز ئىدى. شۇڭا بىر ئاز جىددىلەشتۈق.  
-ئانا، نېمە بولدىلا، قانداق دەرىتلىرى بولسا...
-ئانا، بىزگە دېيەلمەيۋاتقان بىرەر ئىش بارمۇ يە؟...
-موما، بايام دادام كىيىمنى كىيگۈزۈپ قويغاندا كىچىك بالىدەك خۇشال بولۇپ كەتكەنتىڭىز، تۇرۇپلا يىغلاۋاتىسزغۇ؟
-ۋاي ئاپاق موما، سىزمۇ بىزگە ئوخشاش كىيىمنى ياراتمىدىڭىزمۇ-يە؟
بىز تۈشمۇ-تۈشتىن سۇئال سوراپ، مومامغا جاۋاپ بىرىش پۇرسىتىمۇ بەرمىدۇق. دادام ئىسسىق ئالقانلىرى بىلەن مومامنىڭ مەڭزىدىكى شەبنەمدەك ياش تامچىللىرىنى ئاۋايلاپ سۈرتتى-دە:
-ئانا، بىزدىن سەۋەنلىك ئۆتكەن بولسا دېسىلە، بىز...
-ياق بالام، ھەرگىز ئۇنداق دېمەڭ، مەن ھەممىڭلاردىن مىڭ مەرتە رازى. سىلەر ماڭا شۇنداق كۈيۈنىۋاتىسىلەر...
-ئەمىسە نېمىگە شۇنچىۋالا ئېسەدەيسەن موما؟
-دېسەم ئىشەنمەسلىكىڭلار مۇمكىن بالىلىرىم، مەن ئىككى ئىشقا يىغلىدىم، بىرى، داداڭلار ماڭا كىيىم كىيگۈزۈپ قويغاندا خۇشاللىقتىن يىغلىدىم. يەنە بېرى...
مومام يەنە ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى ۋە:
-مەن ئەينى يىلى تاغاڭلارنى( ئوغلۇم ئەختەمجاننى) ئۇرمىغان بولسام، يۈتتۈرۈپ قويغان كونا كىيىمنى تېپىشقا قىستىمىغان بولسام ئۇ ئۆلۈپ كەتمەيتتى. ئۇمۇ بۈگۈنكىدەك خۇشال كۈنلەرگە ئولاشقان بولسا يۈرۈكۈم سۇنى كۆرگەن بىلىجاندەك قانچە يايراپ كېتەر ئىدى-ھە؟ ھۈ، ھۈ...مەن گۇناھكار، مەن كەچۈرگىسىز گۇناھكار ...
مومام تېخىمۇ يىغلاپ كەتتى. مومامغا قاراپ ئانام، دادام، ھامماملارمۇ يىغلاپ كەتتى.
-ئانا، ئۇنداق ئويلىمىسىلا، ئۇ چاغدا شارائىت شۇنداق ئىدى. سىلى ھېلىمۇ بىز تۆت بالىنى قاتارغا قاتقۇچە ئاز جاپا تارتمىدىلا. ياراتقان ئىگەم ھەممىنى بىلگۈچى. ئۇ سىلىنىڭ ئەجىرلىرىنى بىلىدۇ. رەھمەتلىك ئىنىمنىڭ رىسقى شۇنچىلىك ئىكەن. ئەلھەكىمۇللا دېمەكتىن ئۆزگە چارىمىز يوق. سالامەتلىكلىرى ھەممىدىن مۇھىم.
دادام بىر ھازا تەسەللى بەردى. بىز مومامنىڭ يىغىدىن توختاپ تاغىمىز توغرىسىدىكى ھېكايىنى تېزراق ئېيتىپ بېرىشكە تەقەززا بولۇپ كەتتۇق. شۇڭا:
-موما، سەن يىغلىساڭ بىزمۇ چىدىمايدىكەنمىز. ئەمدى تاغام ھەققىدىكى ھېكايىنى ئېيتىپ بېرە؟-دىيىشتۇق ئۇنىڭغا ئاسلاندەك سۇۋۇنۇشۇپ تۇرۇپ.
-ماقۇل بالىلىرىم، مەن ئېيتىپ بېرەي. لېكىن مېنى كەچۈرۈڭلار،-دېدى بىزگە لەپپىدە قاراپ. بىز ئۇنىڭ ئاغزىغا دانغا تەمشەلگەن قۇش بالىلىرىدەك قارىشىپ تۇراتتۇق. ئۇ ھېكايىسىنى تۇلىمۇ پەس ئاۋازدا باشلىدى.
1979-يىلى، باش ئەتىياز پەسلى. باھارنىڭ ئىللىق شامىلى دالا-ئېتىزلاردا  ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. كوكات، بىدىلەر ئەمدىلەتتىن بىخ چىقارغان بولۇپ، نەدىندۇر ھۆپۈپنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. گەرچە ھاياتلىق قىشلىق ئۇيقىسىدىن ئويغىنىپ، يېڭى يىلغا تەنتەنە قىلىشىۋاتقان بولسىمۇ، مېنىڭ قەلبىم تۇلىمۇ مۇڭلۇق ئىدى. چۈنكى، مەن بوۋاڭلاردىن ئايرىلىپ بەش بالا بىلەن قالغانىدىم. ئۇ ئارانلا 36ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ چاغدا كۈن كەچۈرۈش بەكلا قىيىن بولۇپ، مەن ئۈچ ئايدىن بېرى بالىلارنى بېقىپ بولالماي، ھالىمدىن كېتەيلا دەپ قالغانىدىم. تاغاڭلار ئەختەمجان كىچىكىدىن باشلاپ شوخ، زېرەك، غۇرۇرى كۈچلۈك بالا ئىدى. ئۇ مېنى پات-پات كۈلدۈرەتتى. يەنە پات-پات ئەنسىرتىپمۇ قۇياتتى. ياخشى يېرى، ئىشتىن قاچمايتتى، تاماق خىللىمايتتى. ئىككى ئاكىسىغا پاتماي قالغان كونا كىيىملەرنى كىيىپمۇ غىڭ قىلمايتتى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بالىلارغا يېڭى كىيىم ئېلىپ بەرگۈدەك قۇربىتىممۇ يوق ئىدى. شۇڭا ھەر ئاخىشىمى ياماقچىلىق قىلىپ، ئۇنىڭ كىيىمىنى بۇنىڭغا، بۇنىڭكىنى ئۇنىڭغا ئوڭشاپ بېرەتتم. قوللىرىم يىڭنە ئىزى بىلەن قېتىپ كەتكەنىدى. بىر كۈنى تاغاڭلارغا كەيگۈدەك كىيىم تاپالمىدىم-دە، ئۆيدە بار پارچە رەخلەرنى ئۇلاپ دېگۈدەك ئىككى كۈندە ئۇنىڭغا بىر يازلىق چاپان تىكىپ بەردىم. بۇ ئۇنىڭ ئەقلىگە كېلىپ تۇنجى كەيگەن يېڭى كىيىمى ئىدى.( ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تۆت يېرىدە ياماق بار ئىدى) ئۇ خۇشاللىقتىن قوزىچاقتەك سەكرەپلا كەتتى ۋە:
-ۋوي، ئانام ماڭا يېڭى چاپان تىكىپ بەردى،-دەپ مەھەللىنى بىر ئارىلاپ چىقتى. ئۇنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز يىغلاپ سالدىم ۋە:«رەمەتلىك بولغان بولسا، بىچارە بالىلىرىم بۇ كۈنگىمۇ قالماستى. ئاھ خۇدا، ئايال كىشىنى نېمىشقىمۇ ئاجىز ياراتقانسەن؟»دەپ بىر كېچە كىرپىك قاقمىدىم. ئەتىسى تاغاڭلار مەكتەپكە كەتكىنىچە نامازدىگەرگىچە پەيدا بولمىدى. نېمە ئىش بولغاندۇ دەپ، دەككۈ-دۈككۈدە كۈننى ئاران كەچ قىلدىم. يۈرۈكۈم غەم ئوتىدا كۈيۈپ كۈل بولاي دېگەندە  پەيدا بولدى. قارىسام ئاسما مايكا بىلەنلا ئالدىمدا گۇناھكاردەك لاپسىيىپ تۇرىدۇ. كەچ قالغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلماقچى ئىدىم. لېكىن كاللامغا يېرىم يالىڭاچ گەۋدە كىرۋالدى-دە:
-چاپان قېنى؟- دېدىم ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ.
-ھۇي، مەن... ئۇ ئۈستى-بېشىغا شۇنداق قارىدى-دە:
-ئانا، گاگار چۇك ئوينىغان يەردە ئۇنتۇپ قېلىپتىمەن. ھازىرلا ئەكىلەي، -دېگىنىچە ئوقتەك ئۇچۇپ كەتتى. ئۇ كەلمىگەنسىرى ئىچىم تىت-تىت بولماقتا ئىدى. ئاچچىقتىن مېڭەم چاراسلايتتى. بىر كەمدە پەيدا بولدى-دە، ئالدىمدامەغلۇپ بولغان قاچاق ئەسكەردەك شومشىيىپ تۇردى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە يىغا لىغىرلايتتى. بەدىنى كەچ كۈز يۇپۇرمىقىدەك سۇس تىترەيتتى. ئۇنىڭ سۇغا چۇشۇپ كەتكەن مۈشۈكتەك بىچارە ھالىتىگە قاراپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى. لېكىن كۆڭلۈمدە: «بالىلارنى چىڭ تۇتمىسام دادىسىغا يۈز كېلەلمەيمەن» دېگەن ئوي كېزىپ يۈرەتتى. شۇڭا:
-چاپاننى تاپالىدىڭمۇ؟-دەپ سورىدىم ئاۋازىمنى سەل كۆتۈرۈپ.
-ياق، قويغان يېرىمدە يوق تۇرىدۇ،-دېدى ئۇ ئارانلا. ئۇنىڭ بوينى قاپاقتەك ساڭگىلىغان بولۇپ، تۇرقى يېلى چىقىپ كەتكەن توپقىلا ئوخشايتتى.
-ماڭ، مېنى باشلاپ بار،-دېدىم-دە، ئۇنى ئالدىمغا سالغانچە گاگار چۇك ئوينىغان يەرگە كەلدىم. ئۇ يەردە بالىلارنىڭ چىكىم، چىكىم ئىزى ۋە كۈزدە قېزىلماي قالغان چامغۇردىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى. جۇدۇنىم قىرىق گەز ئورلىدى-دە:
-ھۇ ھاڭۋاقتى، ئويۇنغا ئىشلىگەن كاللاڭ نەگە كەتتى؟ نېمانداق دۆت سەن؟،-دېگىنىمچە كاللىسىدىن بىرنەچچىنى نۇقۇشلۇدۇم ۋە ئالدىمغا سېلىپ ماڭدىم. كاللامدا:«ئەتە نېمە كىيىپ مەكتەپكە بارار ئەمدى؟ قانداقمۇ قىلارمەن؟»دېگەن غەم ئولجىنىڭ يېنىدىن كېتەلمىگەن بۈركۈتتەك ئەگىيتتى. شۇڭىمۇ ئۆزەمنى تۇتالمىغان بولسام كېرەك:
-ئەگەر بۈگۈن كىيىمنى تېپىپ كەلمەيدىغان بولساڭ، ئۆيگە ئىككىنچى كىرگۈچە بولما؟ -دېدىم-دە، ھۆل شىۋىق بىلەن پاچىقىغا بىرنەچچىنى سالدىم. ئۇ بىر ئېغىزمۇ جاۋاپ ياندۇرماي، ئالدىمدا كېتىپ قالدى. مەنمۇ نامازشام ئوقۇغىلى ئۆيگە ئالدىراپ كەلدىم. خۇپتەن نامىزىغا ئەزەن چاقىرغىلى خېلى ۋاقىت بولدى. ئۇ پەيدا بولمىدى. نېمىشقىدۇر يۈرۈكۈمنى مۈشۈك تاتىلىۋالغاندەك بىئارام بولۇپ، ئورنۇمدا تۇرالمايلا قالدىم. بىرەر شەپە بولغان ھامان سىرتقا ئوتقا ئىنتىلگەن پەرۋانىدەك ئېتىلىمەن. كىرىمەن، چىقىمەن. لېكىن ئۇنىڭ يوقلىقىنى بىلگىنىمدە، پۇشايماندىن قىرغاقتىكى نىمجان بىلقتەك پۇچۇلىنىمەن. تۇرۇپلا ئاچچىق يىغا تۇتىۋالىدۇ. ئىچىمدە:« ئاھ، بىچارە بالام، نەلەردە ئىگىسىز ئاسلاندەك تەمتىرەپ يۈرىيدىغانسەن؟»دەپ نالە قىلىمەن. لېكىن ئۇنىڭ قارىسىمۇ يوق. يېرىم كېچە بولغاندا زادىلا چىدىيالمىدىم-دە، ئاكىللىرىنى ئويغىتىپ، ئۇنى نەچچە سەئەت ئىزدىدۇق. ئەمما تاپالمىدۇق. تەقدىرگە تەن بېرىپ، ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق.
ئەتىسى بامدات نامىزىدىن  سەل ئۆتكەن چاغ. جەينىمازدىن چۈشۈپ، قويلارغا ئوت سالغىلى قۇتانغا كەلدىم. ئارقا تەرەپتىكى توپا تام ئۈلگىيچە ئۆرۈلگەن بولۇپ، ئۈچ قوي بىر بولۇڭدا قېرىندىشىغا ماتەم تۇتقان ئەسكەردەك جىمجىت تۇرىشىدۇ. قېرى ساغلىق مېنى كۆرۈپ، كۆزىنى ئېلىپ قاچتى. كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى. بەدىنىم ئىختىيارسىز توك تەپكەندەك جۇغغىدە قىلىپ قالدى. «نامراتنىڭ كۆزى ئاشتا» دېگەندەك كاللامدا:« بىر قوي نەگە كەتكەندۇ؟» دېگەن خىيال. بالامنى ئۇنتۇپلا كېتىپتىمەن. دەقىقە ئىچىدە:« ئۇلۇغ ئىگەم بالامنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن؟» دېگەن سادا قەلبىمنى لەرزىگە سالدى. قوتانغا كىردىم. تامنىڭ سول تەرىپىدە قوينىڭ ئارقا پاچىقى، ئوڭ تەرپىدە بالامنىڭ ئىككى پۇتى غىل-پال كۈرنۈپ قالدى. «ئاھ، خۇدا، بۇ نېمە قىسمەت؟» دېگىنىمچە بالامغا ئېتىلدىم. چالما-كېسەكلەرنى بىر يانغا بىردىن-بىردىن يۆتكۈدۇم.  تىرناقلىرىم تىتىلىپ، قانغا بويالغاندا ئوغلۇمنىڭ تاتىرىپ كەتكەن توپا چىرايىنى كۆرەلىدىم. ئۇ تىلىنى چىشلىۋالغان بولۇپ، جاۋغۇيىدىكى قان ئۇيۇشۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆزى ئۇچۇق بولۇپ ماڭا:« جېنىم ئانا، مەن چاپاننى تاپالمىدىم. ئۇ دۇنياغا بارغاندا چاپاننى چوقۇم قولىڭىزغا ساق تاپشۇرىمەن. سىزنى ھەرگىزمۇ خاپا قىلمايمەن» دېگەندەك مەنانى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئوسمىدەك كۆكىرىپ كەتكەن لەۋلىرى، بۇرنىدىن ئاققان قاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇ ھازىرلا ئۇيقۇغا كەتكەن بۇۋاقتەك خاتىرجەم ياتاتتى. مەن ھۆڭرەپ يىغلىغىنىمچە ئۆزۈمنى يۈرەك پارەمگە قۇچىقىغا ئاتتىم.
بىر چاغدا قارىسام يېنىمدا بالىلامۇ، قويلارمۇ يىغلىشىپ ئولتۇرشۇپتۇ. ئۇلارنى كۆرۈپ، تېخىمۇ ئىسەدەپ كەتتىم. شۇ كۈنى پۈتكۈل مەھەللە ئاسمىنىنى ئېچىنىشلىق يىغا ئاۋازى قاپلىدى.
ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتتى. ئەختەم بالام يادىمغا يەتسىلا:« نېمىشقىمۇ ئۇنىڭغا قاتتىق قوللۇق قىلغان بولغىيتتىم؟ ئەسكى چاپاننى دەپ بالامنىڭ بېشغا چىقتىم. ھەممە گۇناھ ئۆزۈمدە» دەپ ھەسرەت چىكىپ كەلدىم. بىراق ئۇ قايتىپ كەلمىدى. مەڭگۈ قايتىپ كېلەلمەيدۇ بالىلىرىم. باياتتىن داداڭلار چاپاننى كىيگۈزۈپ قويغاندا شۇ ئىش يادىمغا كېلىۋالدى. ئەگەر ئۇ ھازىر بولغان بولسا...
بىز بىر بىرىمىزگە يەر تېگىدىن ئۈنسىز قاراشتۇق. كۈزۈمىزدە لىققىدە ياش. چىرايىمىزدا بىلىنەر-بىلىنمەس قىزىللىق تەپچىرەپ تۇراتتى. گۈل قىز ئاچام ئاستا ئورنىدىن تۇردى-دە، بولۇڭغا تاشلاپ قويغان كىيىمنى ئېلىپ، ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-6 00:56  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-7 11:53:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى تولىمۇ قىزىقىش ئىچىدە،ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم.بەكمۇ تەسىرلىك يېزىلىپتۇ.بۇ-‹‹ موماينىڭ ھەسرىتى›› بۇلۇپمۇ قالماي،بارلىق ئانىلارنىڭ ھەسرىتىكەن.كېيىن كېلىدىغان ئىشلارنى كىم بىلىدۇ؟بۇلۇپمۇ بالىغا يەتكەن ،زەرىچىلىك ئازاپ،ئانىلارنىڭ قەلبىنى بىر ئۆمۈر داغلاپ ئۆتىدىكەن.داۋاملىق ئىسىل ھېكايىلىرىڭىزنىڭ يولىغا قارايمىز.تىرىشىڭ!ھارمىغايسىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رىشتىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-7 13:35  


ۋاقتى: 2015-10-7 17:17:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارغا ئۆتمۈشنى ئەسلىتىش ھەقىقەتەن زۈرۈر. ئۆمەر مۇئەللىمنىڭ بۇ ھېكايىسى دەل بالىلارنى ئۆتمۈشنى ئەسلىتىپ تەربىيەلەش مەقسىتىگە يەتكەن ياخشى يېزىلغان ئەسەر بۇپتۇ. مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-10-8 12:07:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە ھەقىقەتەن ئوبدان يېزىلىپتۇ.

ۋاقتى: 2015-11-12 13:32:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى ھېكايىلەرنى داۋانلىق يوللاپ تۇرۇڭ!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش