يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 392|ئىنكاس: 2

پەرىدە ئىسمايىل مېھرى: ۋەتەن ئوتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                   ۋەتەن ئوتى

           پەرىدە ئىسمايىل مېھرى

يۈرەككە چۈشكىنى قانداق ئوتى ۋولقان يېنىپ تۇرغان،
ئىچىمدە كۆيسىمۇ بۇ ئوت پۈتۈن  باغرىم قېنىپ تۇرغان.

نىمە ئۇ قانىنى دەريا ئېقىتسا رازى بارچە ئەل؟
جېنىنى ھەق قىلىپ تەق قەرز بىلىپ تۇلپار مىنىپ تۇرغان.

چۆلىگە ئالسىمۇ جەننەت ،يېقىپ مەيدەمنى تۇپراققا،
دىلىمدا ئپتىخار شەربەت ئۇنىڭدىن شۇ  تېمىپ تۇرغان.

كېچەلمەس ھىچكىشى ئۇندىن يارالمىشتا ئۇلۇق شۇنداق،
ئانام دەپ دىلغا يازمىش بار،نۇرىنى ئەل ئېمىپ تۇرغان.

سىرى، ھىكمەتلىرى تىلسىم قوشۇلغاي ئۆمرى چەكسىزگە،
قارايدۇ پەخرىدە غاپىل ،جېنىغا جان قېتىپ تۇرغان.

  ۋەتەننىڭ دۈشمىنى سانسىز قەرەلسىز مۇشتلىرى  شاھىد،
قەدىردان ،قەھرىمان...  ياۋنىڭ ئولىغا ئوق ئېتىپ تۇرغان.

ۋەتەندۇر بەختى ئىمكانىم، ۋەتەندۇر تەختى سۇلتانىم،
ۋەتەننىڭ مېھرىدە راھەت نەپەسلەرگە تىگىپ تۇرغان.

2015-يىلى 5-ئۆكتەبىر ،ئاتۇش بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-6 00:57  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-7 18:14:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قەلبىڭىز ھارمىغاي!

ۋاقتى: 2015-10-8 22:18:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتەندۇر بەختى ئىمكانىم، ۋەتەندۇر تەختى سۇلتانىم،
ۋەتەننىڭ مېھرىدە راھەت نەپەسلەرگە تىگىپ تۇرغان.

ۋەتەن ھاياتنىڭ ھوزورى دەپ بىلىڭلار دىمەكچىغۇ-دەيمەن.ئەلبەتتە شۇنداق.

باھا سۆز

قالتىس ئادەم-دە، سىلى. رەھمەت!  ۋاقتى: 2015-10-8 11:12 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش