ھايات
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى
گاھى ئاپتاپ، گاھ شىۋىرغان ،گاھىدا شۇ قار ...ھايات،
ئۆلمىدىم ئۇندىن بەتەر بولدۇم ئۆلۈمگە زار ،ھايات،
كۈتمىشىم مەقبۇل ئەمەس ھەقدادىغا يەتمەي تېخى،
كۈلكە بىر بولسا بەدەل تايلاپ بېشىمدا ھار، ھايات.
ئال سوراق ئەرزىم ئۈچۈن مەيلى سالار بولساڭ كاچات،
ئاچچىقى ھەم تاتلىقى بارغۇ ئۆمۈرگە يار، ھايات.
يالت قىلىپ ئۆتسە ئۈمۈد باغرىمنى چەن قىلدىم ئاڭا،
چارىسى پۈتمەي تېخى كەلمەس ئىشىغا كار ،ھايات.
يۈرگىنىم يۈزدۇر خىيال دەرياسىدا لەكمىڭ ئېقىپ،
ئاغرىما ۋايساشلىرىم دەردىمدە شۇنداق جار، ھايات.
تاشلىنىپ تىك ھاڭغا چۇل-چۇل سۇنمىقىم ئالەمدە بىر،
يوق يەنە جاندىن كېچىش! كەچسەم ماڭا ئۇ ئار، ھايات.
ئوڭ قولۇمدا زۇلپىقار چاقناپ جاسارەتتىن ئاتام،
قېپقىزىل قانغا خىتاپ يازغان ئاناممۇ بار، ھايات.
قانچە قىسمەتتە مېنى ئۆلتۈر، تىرىك كۆيدۈر ...قېنى!
سەن قىلالامسەن مېنىڭ روھىمنى بىر رەت خار ،ھايات.
سەكرىدىم قايناملىرىڭ قاينار قازاندەك بىرەھىم ،
مېھرى تەيياردۇر ياساپ چاپقۇنلىرىڭغا دار ،ھايات.
2015يىلى 5-ئۆكتەبىر،ئاتۇش بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-5 11:27
|