تىلنىڭ ئاسمىنى
ئابدۇسالام ساۋۇت
1
سۆزنىڭ يورۇق تەرىپىدىن باشلاپ يەڭگىللەيمىز
ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئوي دەرياسىدۇر
سۈزۈلۋاتقان ئاشۇ لەھزىدىكى جانان مەن تەرەپكە قاراپ كېلىدۇ
تىلنىڭ ئىشىكى ئېتىلگەن...
سەن كەلمەيدىغان،مەن بارالمايدىغان
2
كېچىنىڭ قاراڭغۇ ئاسمانلىرى
سايىنىڭ چۈشۈش ئېھتىماللىقى
ۋە مېنىڭ پارچە-پارچە لەھزىلىرىم
يوقلۇق ۋەھىمىسى
نۇرنىڭ تارقىلىش دائىرىسى
پارچىلىنۋاتقان...
3
بىر كىچىك سايە
كۆزلىرى بىلەن ئولتۇردى
ئاندىن قاراڭغۇ چۈشتى
تەڭرىنىڭ مېتافىزىكىسى تاماملاندى
ئۇنىڭ كونتېكىسىت ئىچىگە جايلاشقان قىياپىتىنى كۆرەلمىدىم
4
ئاسمان ئاخىرلاشتى
كېچە مەيۈسلۈكتەك يەلپۈنۈپ تۇراتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ساۋۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-5 00:25
|