سالام، ئۇستاز
كامىلجان ناسىر دىلداش
سالام سىزگە ئۇلۇغ ئۇستاز،چېچەكلەپ گۈللىگەن باغدىن.
سۇنۇشقا سىزگە گۈل-دەستە تىزدىم لالە-رەيھاندىن.
ئىلىم-پەن باغچىسى سىزدىن، ئىچىپ سۇ خۇشپراق چاچتى.
ئىلىم شەيداسى ھەر جانلار، كۈلگەچ ئۇشبۇ ئىمكاندىن.
بۈيۈك غايە، ئەجىر- مېھنەت، ھالاللىق سىزگە يار بولغاچ.
يېتىشتى ئوت يۈرەك ئەۋلات، كۈلگەچ دەمدە ئارماندىن.
مىسالى خۇددى شامدۇرسىز،بى مىننەت نۇر چاچار ئەلگە.
شۇ نۇر بەھرىدىن ھەر دىل، ھاياجان تاپتى ئىنئامدىن.
جاپادا ئالدىدا ھەر چاغ، تۇرۇپ سەپ ئالدىدا مەغرۇر،
شەرەپ-شان ئىزلىمەي شەخسەن، كۈلۈپ شاد ئۇشبۇ دەۋراندىن.
بىلىم شەيدالىرى كۈلسە، جاپالىق تەھرىڭىز بىرلە،
«مۇرادىم، قىممىتم شۇ»دەپ، سۈيۈنۈپ پەسلى بوستاندىن.
ئۇلۇغلۇق بابىدا مەشھۇر، سانايمەن سىزنى ھۆرمەتتە.
شۇڭا سىزگە ئورۇن بەرمەك، ئىجادىم ئىچرە داستاندىن.
پەخىر ئىلكىدە ھۆرمەتنى،يىزىشقا راس تىلىم ئاجىز.
لېكىن شۇنداقتىمۇ سىزگە،يازاي دەيمەنغۇ ئىلھامدىن.
قوبۇل ئەيلەڭ بۇ نەزمەمنى،دىلىمدا ھۆرمتىم يۈكسەك.
سۆيۈندۈرگەچكە سىز ئەلنى، ياغار ئالقىشلار ھەر ياندىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-4 14:09