تاتلىق تىلەكلەر
( بالىلار شېئىرى )
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات
ئوۋلىمايلى قۇشلارنى،
قۇشلار بىزنىڭ دوستىمىز.
قۇشلار بىلەن گۈزەلدۇر،
باغۇ-بوستان يۇرتىمىز.
*** *** ***
قىرغاۋۇللار يورغىلاپ،
ئوينىۋالسۇن، يايرىسۇن.
قونۇپ شاخقا قۇچقاچلار،
بەزمە قۇرسۇن، سايرسۇن.
چېكەتكىلەر چىرىلداپ،
سەكرىۋالسۇن بەھۇزۇر.
قانات قاقسۇن سامادا،
كەپتەرلەرمۇ پۇر-پۇر-پۇر.
ۋىچىرلاشسا قارلىغاچ،
ئاڭلايلى شوخ كۈيىنى،
ئۇۋا تىزسا ھويلىغا،
چۇۋۇمايلى ئۆيىنى.
تورغايلارمۇ چۇرۇلداپ،
تاڭدىن بەرسۇن خۇش خەۋەر.
ئۇچىۋالسۇن بەس-بەستە،
ھۆپۈپ، سۇندۇك، پاختەكلەر.
كاككۇكلارغا جۈر بولۇپ،
تومۇچۇقلار سايرىسۇن.
تۆمۈر تۇمشۇق تەر تۆكۈپ،
چۆللەرنى باغ ئەيلىسۇن.
قاقىلدىشىپ قاغىلار،
ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئەتسۇن.
غاقىلدىشىپ ئۆردەك، غاز،
مۇرادىغا بىر يەتسۇن.
كۇركىرىشىپ پاقىلار،
قېنىۋالسۇن ئۆمىلاپ.
ئۇچىۋالسۇن تۇرنىلار،
سامالاردا تۈزۈپ سەپ.
قوغلىمايلى بۆجەننى،
بىزدىن ھۈركۈپ قاچمىسۇن.
سەكرەپ يۈرسە چېپىشىپ،
بۈركۈت، لاچىن سوقمىسۇن.
قاۋىۋالسۇن ئىتلارمۇ،
ئەتتىگەندىن كەچكىچە.
يايرىۋالسۇن كۈچۈكلەر،
ئارمىنىغا يەتكىچە.
مۈشۈكلەرمۇ مىياڭلاپ،
ئوينىۋالسۇن ھارغىچە.
چارچىغاندا، كۆرپىدە-
ئۇخلىۋالسۇن قانغۇچە.
كىپىنەكلەر قوغلىشىپ،
قونىۋالسۇن گۈللەرگە.
بىلىجانلار پىلتىڭلاپ،
ئۈزىۋالسۇن كۆللەردە.
شاختىن-شاخقا يامىشىپ،
ئوينىۋالسۇن مايمۇنلار.
ئۆز ئەركىدە ياشىسۇن.
بارچە قۇشلار، ھايۋانلار.
ھەر يانغا تەڭ يۈگۈرۈپ،
دانلىۋالسۇن توخۇلار.
قوغدىمىساق قۇشلارنى،
نەسلى قۇرۇپ يوقۇلار.
قۇشلار بىزنىڭ دوستىمىز،
تەبىئەتنىڭ زىننىتى.
قۇشلارسىز بۇ ھاياتنىڭ،
بولۇر قانداق قىممىتى.
*** *** ***
قوغدايلى بىز قۇشلارنى،
قۇشلار ئىناق دوستىمىز.
قۇشلار بىلەن سۆيۈملۈك،
گۈزەل ئانا يۇرتىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-5 23:44