كۆرۈش: 1442|ئىنكاس: 0

مۇختار سۈپۈرگى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
clip_image002.jpg

مۇختار سۈپۈرگى 1963-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1980-يىلى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىغا  ئوقۇشقا كىرگەن. 1984-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ،ئۆزى ئوقۇغان فاكولتېتقا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1991-يىلدىن1992-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتى تايانچ ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرغان،1999-يىلى دوتسېنلىق ۋەزىپە ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.2003-يىلى 9-ئايدا ۋۇخەن ئوتتۇرا جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىدا «يېڭى دەرس ئۆلچىمى» بويىچە مەملىكەت دەرىجىلىك سېمىنارىيەگە قاتناشقان. 2005يىلى شاڭخەي شەر*قى جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنۋېرستىدا بىلىم ئاشۇرغان. 2007-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى فىلىلوگىيە ئىنىستىتوتىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىققان.2003-يىلى 10-ئايدىن 2008-يىلى 7-ئايغىچە خوتەن پېداگوگىكا ئالى تېخنىكومى تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.2008-يىلى 7-ئايدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن  خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى باشلانغۇچ مائارىپ فاكولتېتىغا مۇئاۋېن مۇدېر بولۇپ تەڭشەلگەن.ھازىرمۇ شۇ ئورۇندا  خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ئۇ، 1981يىلدىن ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژورناللاردا 500پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، داستان، ھېكايە،مەسەل ۋە ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان.  « كۈنلۈك ئاستىدا» ، «گۇما ئابىدىلىرى»،«نورۇز لېرىكىسى» قاتارلىق شېئىرلىرى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ«خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇۆاپاتى» ۋە خوتەن مەمۇرى مەھكىمە تەرپىدىن مۇكاپاتلانغان.2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن«تۈن لىرىكىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، شۇ يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى نەشىرياتى تەرپىدىن«ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مېتودى» ناملىق دەرسلىك كىتابى نەشىر قىلىنغان. «تارىم»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«يېڭى قاشتېشى» قاتارلىق ژورناللاردا ئىجادىيەت ھاياتى ۋە بىر قىسىم ئەسەرلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئىسمى ۋە قىسقىچە تەرجىمھالى «جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر ياش ئەدىپلىرى قامۇسى»، «جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەر قامۇسى»...قاتارلىق 8پارچە قامۇسقا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ، ھازىر «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى»، «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى»، ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:22  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش