ۋەيرانە -ۋەيرانە
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى
ئېتىلغان قان كەبى جىرت-جىرت جېنىم ۋەيرانە -ۋەيرانە،
چېقىلغان كۆك سۇنۇق جامدەك دىلىم ۋەيرانە- ۋەيرانە.
ئېتى ھىجران دېگەن مەلئۇن تېگى يوق دەردكە بەنت قىلدى،
قوياش پاتقان،تېڭى ئاتماس يېرىم ۋەيرانە -ۋەيرانە.
چۈشۈپ ئاشىق تومۇر باسقاققىدا ئىمكان چىقارىم يوق،
بۇراندەك ھۇشقۇتۇپ ،ئىڭراپ ... تىلىم ۋەيرانە –ۋەيرانە.
كاچاتلاپ بولدى قىلمايدۇ تېخى توقماقلىرى تىغلىق،
تۇرارغا نە مادار رۇسلاپ بېلىم ۋەيرانە -ۋەيرانە.
سىقار غايىپ رەھىمسىز قول يۈرەككنى دەمدە سىلكىشلەپ،
ئالارغا يوق نەپەس بىر پەس تېنىم ۋەيرانە- ۋەيرانە .
تاپانغا قاققىنى قوزۇق توكۇر قىلماققا ھەقلىق دەپ،
بىخىدا نەپرىتىم قىم- قىم، تېرىم! ۋەيرانە -ۋەيرانە.
قوبۇل ئەتمەي يەنە شۇندا كېچەرى ۋازغا رايىم يوق،
ئىچىم زار -زار كۈتۈپ پۇرسەت سىرىم ۋەيرانە- ۋەيرانە.
ھامان بىر كۈن دىدارى بار ئاشۇ يار زۇلپىقارىمدىن،
ياسايمەن شۇ كۈنى جەڭگاھ ،قىرىم...ۋەيرانە -ۋەيرانە.
خەير ...ھىجران مېنى قانچە مىجىپ مەلھەم قىلىپ چاينا،
ئەمەستۇر كۈتكىنى مېھرى خېنىم ۋەيرانە -ۋەيرانە.
2015يىلى 2-ئۆكتەبىر (ئاتۇش)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-3 02:41
|