يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 398|ئىنكاس: 14

ق.سىدىق:قوش پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسىنى چۈرىدىگەن مۇلاھىزىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قوش پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسىنى چۈرىدىگەن مۇلاھىزىلەر




قاسىم سىدىق






1-رەسىم:قوش پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسى قۇرۇلمىسى



يۇقۇرقىدەك ئاددى بىر قۇرۇلمىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجىرىبە يايسىمان توپلارنىڭ سەۋەبىنىڭ نەچچە ئەسىردىن بېرى خاتا چۈشەندۆرۆلۈپ كەلگەنلىگىنى ئىسپاتلىدى.
يۇقۇرقىدەك قۇرۇلمىنىڭ بىر ئۇچىدىن رەسىمدىكىدەك تۇتۇپ تۇرۇپ،قۇرۇلما يايىسىمان تىرايىكتۇرىيىدە ئايلاندۇرۇلسا تۇتۇپ تۇرۇلغان قولغا يېقىن تەرەپتىكى پىلدىرلىغۇچ ئاستا،قولدىن يىراق تەرەپتىكى پىلدىرلىغۇچ تېز ئايلىنىدۇ.بۇ ھال قولغا يېقىن تەرەپتىكى پىلدىرلىغۇچقا تەسىر قىلىدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكىنىڭ ئاستا،قولدىن يىراق تەرەپتىكى پىلدىرلىغۇچقا تەسىر قىلىدىغان ھاۋا ئېقىمى تېزلىكىنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.بىرنوللى قانۇنى بۇيىچە ھاۋا ئېقىم تېزلىكى ئاستا تەرەپتىكى ھاۋا بىسىمى چوڭ،ھاۋا ئېقىم تېزلىكى يۇقۇرى تەرەپتىكى ھاۋا بىسىمى كىچىك بولىدۇ.دىمەك، بۇ تەجىرىبە تارىختىن بېرى يايسىمان توپلارغا بىرنوللى قانۇنىنىڭ خاتا تەدبىقلىنىپ كېلىۋاتقانلىغىنى كۆرسۆتۈپ بەردى. يەنى كىلاسسىك چۈشەندۆرۈشلەردە يايسىمان توپلارنىڭ ئېغىۋاتقان تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى يۇقۇرى دەپ قارىلىپ كەلگەن.قوش پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسى بۇنداق كىلاسسىك قاراشنى قوللىمىدى.





2-رەسىم:يايسىمان توپلارنىڭ  كىلاسسىك چۈشەندۆرۆشى.


قوش پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسى 2-رەسىمدىكى كىلاسسىك چۈشەندۆرۈشنىڭ پۈتۈنلەي تەتۆر ئىكەنلىكىنى، ئەمەليەتتە ئوڭ تەرەپتىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئاستا،سول تەرەپتىكى ھاۋا ئېقىمى تېزلىكىنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
بەزىلەر ئىككى پىلدىرلىغۇچنىڭ ھالىتى بىر پۈتۈن توپ يۆزىنىڭ ھاۋانىڭ بىسىم پەرقى ۋە تېزلىك پەرقىنى ئەينەن كۆرسۈتۈپ بېرەلمەيدۇ،دەپ قاراشتى.مىنىڭچە بۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان،كىلاسسىك قاراشلارنى قوغداپ قېلىش قۇدرىتىگە ئىگە بولمىغان قاراش.چۈنكى،ئىككى پىلدىرلىغۇچنىڭ ھالىتى ھېچبولمىغاندا توپنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئىككى نۇقتىسىنى سىيپاپ ئۆتۆدىغان ھاۋا ئېقىمى تېزلىكىنىڭ پەرقىنى ئەكىس ئەتتۆرۆپ بېرىدۇ.بۇ نۇقتا مۇئەييەنلەشكەن ئەھۋالدا بىزنىڭ تەشەببۇسىمىز يەنىلا ئورۇنلۇق بولىۋىرىدۇ.چۈنكى،بۇ ئىككى نۇقتىدىكى  ھاۋا ئېقىمى پەرقى،بولۇپمۇ ئوڭ تەرەپتىكى (توپ ئېغىۋاتقان تەرەپ) پىلدىرلىغۇچ بار نۇقتىدىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئاستىلىغى شۇنداق بىر سوئال پەيدا قىلىدۇ:
ئەسلى تېز سۆرئەتتە ئېقىۋاتقان ھاۋا ئېقىمى دەل ئاستا ئايلىنىۋاتقان پىلدىرلىغۇچ بار نۇقتىغا كەلگەندە ئۆزىنى "جىددى تورمۇز"لاپ ئاستىلامدۇ؟

يۇقۇرقى سوئالنىڭ ئۆزىلا بىزنى ئارتۇقچە مۇلاھىزىلەردىن ئازات قىلىدۇ.يەنى،كىلاسسىك قاراش مۇشۇ بىر سوئال تەرىپىدىن بەربات بولىدۇ.
ئەمدى بىز قوش پىلدىرلىغۇچلا ئەمەس نۇرغۇن پىلدىرلىغۇچلارنى 1-رەسىمدىكىدەك تۈزئەمەس، يايسىمان ياغاچ ئۈستىگە بەلگىلىك ئارىلىق قالدۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ يۇقۇرقى تەجىربىنى تەكرارلىساق ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش بولۇپ، پىلدىرلىغۇچلار قولغا قانچە يېقىن بولسا شۇنچە ئاستا پېقىرايدۇ. سىز يەنە،توپنىڭ ئىككى يېرىم شارىنىڭ ئۈستىدىكى ھەر بىر نۇقتىدا پىلدىرلىغۇچ بار دەپ پەرەز قىلىپ بېقىڭ.ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش.ئوڭ يېرىم شاردىكى(2رەسىم) پىلدىرلىغۇچلار ئاستا پېقىرىشى بىر مۇقەررەرلىك.

بەزىلەر يۇقۇرقى قوش پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسى  ھەم ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان ھەم يايسىمان تىرايىكتۇرىيىدا ئىلگىرلەۋاتقان يايسىمان توپلارنىڭ تولۇق تەقلىدى ئەمەس،بۇ تەجىرىبىدە "ئوقىدا ئايلىنىش" قانائەتلەندۆرۆلمىگەن دېيىشتى.تامامەن توغرا.يۇقۇرقىچە تەجىرىبىدە "ئوقىدا ئايلىنىش" قانائەتلەندۆرۆلمىگەن.پەقەت يايسىمان تىرايىكتۇرىيەدىكى ئىلگىرلەش قانائەتلەندۆرۆلگەن.لىكىن بۇ"كەمچىلىك" شەكىل نەزەريىسىنىڭ يايسىمان توپلار ھەققىدىكى تەشەببۇسىنىڭ "خاتا"لىغىنى ئىسپاتلايدىغان "كەمچىلىك" ئەمەس.دەل ئەكسىچە كىلاسسىك قاراشنىڭ خاتالىغىنى ئىسپاتلاشتا تېخى ئىشلەنمىگەن،لىكىن،ئىشلەنمىسىمۇ نەتىجىسىنى رۇشەن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان بىر تەجىرىبە.دىمەكچىمەنكى،"ئوقىدا ئايلىنىش" مۇ قانائەتلەندۆرۆلگەن تەجىربە بىرگە ئىشلەنسە ئوڭ تەرەپتىكى پىلدىرلىغۇچ تېخىمۇ ئاستا پېقىرايدۇ.سەۋەپ ،بۇ ھالدا ئوڭ تەرەپتىكى پىلدىرلىغۇچ بىر پۆتۆن قۇرۇلمىنىڭ سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىگە قارشى ئايلىنىدىغان بولغاچقا(2-رەسىم) مۇقەررەر ھالدا بۇ تەرەپنىڭ سېزىقلىق تېزلىكى ۋە بۇ تەرەپتىكى پىلدىرلىغۇچقا تەسىر قىلىدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى تېخىمۇ ئاستىلايدۇ.
ئەسكەرتىش زۆرۆركى،يايسىمان توپلارنىڭ "ئوقىدا ئايلىنىش" مۇ قانائەتلەندۆرۆلگەن تەجىربىسىنى 1-رەسىمدىكى قۇرۇلما ئارقىلىقمۇ ئىشلىگىنى بولىدۇ.سىز بۇ قۇرۇلمىنى يايسىمان تىرايىكتۇرىيىدە ئايلاندۆرغاندا ئوڭ تەرىپىنى بىر پۈتۈن قۇرۇلمىنىڭ سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتە كەينىگە بىر ئاز سۈرسىڭىز بولغىنى.بۇ ھالدا ھەم "ئوقىدا ئايلىنىش" قانائەتلەندۆرۆلگەن ھەم يايسىمان تىرايىكتۇرىيىدە سىزىقلىق ئىلگىرلەش قانائەتلەندۆرۆلگەن ئۈنۈمگە ئىرىشىسىز.

بەزىلەر "بۇنداق ئوقىدا ئايلىنىپ ئىلگىرلەۋاتقان توپ(جىسىم)لارنىڭ ئەتراپىدا ئاقار جىسىملارنىڭ ئايلانما  ئېقىمى پەيدا بولىدۇ.مۇشۇ ئايلانما ئېقىم بۇنداق جىسىمنى بىر تەرەپكە ئاغدۇرۇدۇ"دېيىشتى.بۇنداق قاراش ھەم نەزەريىۋى جەھەتتىن ھەم تەجىرىبەنۇقتىسىدىن پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ.نەزەريىۋى جەھەتتىن ئېيىتساق ئاقار جىسىملار موھىتى نىسبى تىنىچ ۋە تەكشى دەپ قارالغان  يۇقۇرقىدەك مىساللاردا ئاقار جىسىملارنىڭ تېزلىكى ھەرقانداق ئەھۋالدا جىسىم،توپ قاتارلىقلارنىڭ بۇلۇڭلۇق ۋە سىزىقلىق تېزلىكىدىن ئارتىپ كېتەلمەيدۇ.جىسىمنىڭ دىۋارلىرىنى(يانلىرىنى) سۆيۈپ ئۆتكەن ئاقار جىسىملارنىڭ تېزلىكى بۇ دىۋارلارنىڭ تېزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
ئاقار جىسىملار مېخانىكىسىدىن خەۋىرى يوق،لىكىن تىنجىق كۈنلەردە ئاستا مېڭىپ ۋە يۆگرەپ باققان ھەرقانداق بىر ساۋاتسىز كىشى قانچە ئىتتىك يۆگرىسە شامال شۆنچە ئۇرىدىغانلىغىنى ئاستىلىغانچە شامال ئاستىلايدىغانلىغىنى،ئولتۇرغاندا دىمىقچىلىقتا قالىدىغانلىغىنى بىلىدۇ.قىزلارنىڭ كۆينىكىنىڭ ئېتەكلىرى يۆگىرىگىنىدە بەكرەك لەپەڭشىيدۇ.
فىزىكىدا"قۇيرۇق ئېقىمى"دەيدىغان بىر ئۇقۇم بولۇپ بۇ ئۇقۇم ئايرۇپىلان، پاراخۇت قاتارلىقلارنىڭ ھاۋا ۋە سۇدا قالدۇرىدىغان ئىزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.مانا مۇشۇ "قۇيرۇق ئېقىمى" نىڭ ئوخشىمىغان شەرىتلەر ئاستىدىكى ھالەتلىرىنى تەتقىق قىلىش بىزنىڭ توغرا يەكۈن چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىشى مۆمكىن.


http://sports.sohu.com/20110928/n320815522.shtml


3-رەسىم:كىچىك كاتىر ئايلانما ھەركەت جەريانىدا قالدۇرغان قۇيرۇق ئېقىمى


كۆرۆۋىلىش قىيىن ئەمەسكى،كاتىرنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپتىكى سىزىقلىق تېزلىكى ئاستا بولۇپلا قالماي،سۇ ئېقىمىنىڭ قالدۇرغان ئىزىنىڭ  ئىچىدىكىسىدىن سىرتىدىكىسىنىڭ  مۇساپىسى ئۇزۇن.

بىز ئۆتكەندە بېلىق قاچىسى ئىچىگە ئوقىدا ئايلاندۇرۇلغان شار جىسىمنى تاشلاپ،بۇ جىسىمنىڭ قۇيرۇق ئېقىمىنىڭ ھالىتىنى كۆزەتتۇق.نەتىجىسى 3-رەسىمدىكى ھالەت بىلەن ئوخشاش بولۇپ،قۇيرۇق ئېقىمى ئاساسەن ئېغىش يۆنىلىشىنىڭ قارشى تەرىپىدە شەكىللەندى.بىز بۇ "قۇيرۇق"تىن شەكىل نەزەريىسىنىڭ يايسىمان توپلارھەققىدىكى قاراشلىرىنى قوللايدىغان ھالەتلەرنى بايقىدۇقكى،كىلاسسىك چۈشەندۆرۆشلەرنى قوللايدىغان بىرەر ئالامەتنى بايقىمىدۇق.




4-رەسىم:  ئوقىدا ئايلاندۇرۇپ تاشلانغان شارچىنىڭ سۇئىچىدىكى ھاسىل قىلغان قۇيرۇق ئېقىمى


ئەسلىدە بۇ مەسىلە ئانچىۋالا تالاش - تارتىش قىلغىدەك مەسىلە بولماي،ئەقەللى گىئومېتىرىيىلىك مىتوتلار بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ئىدى.مەركەزداش ئىككى چەمبەر بار دەپ پەرەز قىلايلى،ئىچىدىكى چەمبەرنىڭ ئايلانمىسىدىن سىرتىدىكى چەمبەرنىڭ ئايلانمىسى ئۇزۇن بولىدىغانلىغى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت.مانا مۇشۇ ئىككى چەمبەرنىڭ ئارىلىغىنى توپ،پىلانىت قاتارلىقلارنىڭ دىئامېتىرى شۇنداقلا بۇئىككى چەمبەرنىڭ مۇئەييەن بۆلىكىنى يايسىمان تىرايىكتورىيە  دەپ قارىساق توپ،پىلانىت قاتارلىقلارنىڭ ئىككى يېرىم شارى ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ئوخشىمىغان تېزلىكتە تىرايىكتۇرىيىدە ئىلگىرلەيدىغانلىغىنى ھەر كىشى كۆرۆپ يېتەلەيدۇ.شۇنداق ئاددى مەسىلە نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ھەل بولماي خاتا يولدا مېڭىلدى؟ مىنىڭچە بىر ھۆكۆمران فىزىكىلىق ئىدىيە __ تاشقى كۈچ تەسىرى بولمىسا جىسىم ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلالمايدۇ،دەپ قارايدىغان بىر تەرەپلىمە ۋە بېشەم فىزىكىلىق ئىدىيە ئەقەللى گىئومېتىرىيىلىك ساۋاتلارغا پەرۋا قىلمىدى.شۇنىڭ بىلەن يايسىمان توپلارغا بىرنوللى قانۇنى تاشقى كۈچ سۈپىتىدە زورلاپ تېڭىلىپ كەلدى.بۇ گۇيا  "تاشنى تاياققا تېڭىش"دىگەن ماقالدا دېيىلگىنىدەك  بىر ئىش ئەمەسمۇ؟!

2015.10.2



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-3 00:12  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-3 10:59:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش






تۆز سىزىق بۇيىچە ئىلگىرلەۋاتقان پاراخۇتلارنىڭ قۇيرۇق ئېقىمى پاراخۇتنىڭ ئىككى تەرىپىدە باراۋەر كەڭلىكتە شەكىللىنىدىكەن.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-3 21:05:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


视频: 惊人的篮球实验!马格纳斯效应






 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-3 21:06:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىرنەچچە يىلدىن بېرى شۇنچە ئىزدىنىپمۇ يايسىمان توپلارنىڭ ئىككى يېرىم شارىدىكى ھاۋا ئېقىمى تېزلىكىنى  مەخسۇس ئەسۋاپتا بېۋاستە كۆزەتكەن ياكى ئۆلچىگەن بىرەر تەجىرىبە ياكى ئۆلچەشنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىغىغا ئالاقىدار بىرمۇ ئۇچۇر تاپالمىدىم.بۇنداق توپلارغا بىرنوللى قانۇنىنى پەقەت نەزەريىۋى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا زومۇ-زۇ تەدبىقلاپ قويغان بولسا كېرەك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-4 09:35:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇيرۇق ئېقىمىنىڭ زىچلىغى  بۇنداق ئېقىم شەكىللەنمىگەن چىگرىداش ئاقار جىسىم مۇھىتىنىڭ زىچلىغىغا قارىغاندا تۆۋەن بولىدۇ.چۈنكى قۇيرۇق ئېقىمىدىكى مالىكولىلار ھەركىتى نىسبەتەن تېز بولغانلىغى ئۈچۈنلا بۇنداق ئېقىم ۋە شۇنداقلا بۇژغۇنلۇق ئېقىم شەكىللىنىدۇ.ئايرۇپىلان،پاراخۇتلار قوزغالمىغاندا بۇنداق ئېقىمنىڭ شەكىللەنمەيدىغانلىغى بۇنداق تەشەببۇسنى قوللايدۇ.توپۇلۇق سەھرا يوللىرىدا ئاپتومۇبىللار قانچە تېز ماڭسا شۇنچە ئۇزۇن ۋە كەڭ قۇيرۇق ئېقىمى قالدۇرۇدۇ.
مۇبادا يۇقۇرقى تەشەببۇسلار مۇئەييەنلەشتۆرۆلسە،بىز بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يايسىمان توپلارنىڭ فىزىكىلىق سەۋەبىنىڭ ھازىرغىچە خاتا چۈشەندۆرۆلۈپ كېلىۋاتقانلىغىغا تېخىمۇ دادىل ھۆكۈم قىلالايمىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-4 12:54:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئاقار جىسىم موھىتىدا ئەركىن چۈشىۋاتقان شارچىغا ئوخشاش نىسبى قاتتىق جىسىملارنىڭ قۇيرۇغىدا تەبىئى ھالدا ئىزچىل ھالدا پەيىتلىك ۋاكىئوم ھالەت شەكىللىنىدىغانلىغىنى،ئەتراپتىكى ئاقار جىسىملارنىڭ مۇشۇ ۋاكىئومنى تولدۇرۇشقا ئىنتىلىپ جىددى ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى،بۇژغۇن،-كۆپۆكچىلەرنىڭ مۇشۇنداق ھەركەت ۋەجىدىن شەكىللىنىدىغانلىغىنى  نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كىرەك.

ۋاقتى: 2015-10-4 13:59:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمكا، بېرنوللى قانۇنىنىڭ قانداق قانۇن ئىكەنلىگىنى قىسقىچە ئىزاھلىۋەتكەن بولسىڭىز ماقالىڭىزنى ئوقۇپ چۈشۈنۈشكە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغۇلاركەن،شۇنداقتىمۇ ماقالىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن يايسىمان توپ توغرىلىق بىر مۇنچە تەپەككۈرلەرنى قىلدىم. دېمەك، سىز بىزنى ئويغا باشلىدىڭىز. مۇشۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى قەدىرلەيمەن.
مەن يايسىمان توپنى مۇنداق چۈشۈنىدىكەنمەن:
توپنى پىرقىرىتىپ تەپكەندە توپ يايسىمان تىرىياكتورنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە سۈرئىتى بىلەن ئۇزاققا يېتىپ بېرىشى ئاشىدۇ. پىرقىرىتىپ تەپمەي ئۇدۇل تەپكەندە توپ ھاۋانىڭ بېسىمىدائىككى تەرەپكە داۋالغۇپ كېتىدۇ ھەمدە تۇيۇقسىز پەسلەپ پەلەمپەيسىمان توپنى ھاسىل قىلىدۇ. پۇتبول چولپانلىرىدىن بېكخام بىلەن س رونالدو دەل يايسىمان توپ بىلەن پەلەمپەيسىمان توپنىڭ ۋەكىلى .
توپنى پىرقىرىتىپ تېپىشنىڭ پىرىنسىپى بۇرما مىخقا، پەلەمپەيسىمان تېپىشنىڭ پىرىنسىپى تۈز مىخقا ئوخشايدۇ.
ئىككىسىنىڭ قايسىسىغا كۈچ ئاز كېتىدۇ ؟
ئەلۋەتتە بۇرمىسىمان مىخقا ئاز كېتىدۇ. چۈنكى بۇرمىسىمان مىخنى بۇراپ كىرگۈزگەندە بۇرما مىخ ياغاچتىن ئىبارەت بۇ جىسىمنىڭ توسقۇنلىقىنى چاچما شەكىلدە تارقىتىۋېتىدۇـدە، بۆسمىكى ئاسانغا توختايدۇ. ئەمما تۈز مىخ ياغاچقا كىرگەندە ياغاچنىڭ توسقۇنلىقى ئۇدۇلـمۇـئۇدۇل بولىدۇ. توسقۇنلۇق كۈچ چېچىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا جىق كۈچ كېتىدۇ. ھاۋامۇ بىر جىسىم. جىسىم بولغانىكەن، ئۇنىڭ قارشىلىق كۈچى بولىدۇ. يەنە كېلىپ ھاۋانىڭ قويۇق ـ شالاڭلىقى ،شامال كۈچى دېگەندەك ئامىللارمۇ بولىدۇ. بىلـمىدىم ،برنوللى قانۇنىدا زادى نېمىلەر سۆزلەنگەن؟
ئاددىيلا بىر پىرىنسىپ نىمىشقا مۇشۇنداق مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ،ۋەھاكازالار ...

ۋاقتى: 2015-10-4 14:05:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى سۈرەتكە كەلسەم تاياقنىڭ ئۇچىدىكى پىلدىرغۇچنىڭ ئورنى مەركەزدىن يەنى چەمبەرنىڭ نۇقتىسىدىن يىراق بولغاچقا ھاۋانىڭ بېسىمىغا ئۇچراش دائىرىسى يەنى رادىيۇسى  چوڭ بولىدۇ شۇڭا پىلدۇرغۇچ بەكرەك پىرقىرايدۇ. بۇنىڭ پىرىنسىپى مۇشۇنداق ئاددىي . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-4 14:15  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-4 14:39:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2015-10-4 14:05
بىرىنچى سۈرەتكە كەلسەم تاياقنىڭ ئۇچىدىكى پىلدىرغۇچنى ...

ئېيىتقىنىڭىز توغرا.دەل شۇنداق.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-4 14:41:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۇيغۇن ئەپەندى سىزغان ئوقىدا ئايلاندۇرۇپ سۇغا تاشلانغان شار جىسىمنىڭ بۇژغۇنلۇق قۇيرۇق ئېقىمى:


QQ图片20151004142659.png

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-4 14:53:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2015-10-4 13:59
قاسىمكا، بېرنوللى قانۇنىنىڭ قانداق قانۇن ئىكەنلىگىنى  ...

بىرنوللى قانۇنىنىڭ نىگىزلىك مەزمۇنى ئاقار جىسىملار(ھاۋا،سۇ قاتارلىقلار)نىڭ تېزلىكى چوڭ بولسا ئۇنىڭ ئۇزى سىيپاپ ئۆتكەن جىسىملارنىڭ يۆزىگە چۈشىرىدىغان بىسىمى كىچىك،تېزلىكى ئاستا بولسا بىسىمى چوڭ بولىدۇ،دىگەندىن ئىبارەت.بۇنىڭ ئەڭ ئاددى تەجىربە ئىسپاتى :ئىككى پارچە ئىش قەغىزىنى ئىككى قولىڭىزدا يېقىنراق قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا پۆۋلىسىڭىز بۇ قەغەزلەرنىڭ ئارىلىغى يىراقلاشماي،ئەكسىچە يېقىنلىشىدۇ.بۇنداق يېقىنلىشىش  ئىككى قەغەز ئارىسىدىكى ھاۋا ئېقىمى تېز ۋە قەغەزگە چۈشىرىدىغان بىسىمى كىچىك بولغانىلىغىدىن ،قەغەزلەرنىڭ سىرتىدىكى ھاۋا ئېقىمى نىسبەتەن تۇرغۇن (ئاستا)ۋە بىسىمى چوڭ بولغانلىغىدىن يۆز بېرىدۇ،دەپ چۈشەندۆرىلىدۇ.
QQ图片20151004150401.png

سىز ياكى خالىغان ھەرقانداق بىرەيلەن ئىككى پارچە ئىش قەغىزىنى ئىشلىتىپ يۇقۇرقىدەك تەجىربىنى ئىشلەپ كۆرسەڭلار بىرنوللى قانۇنىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چۈشۈنۆۋالىسىلەر.

پايدىلىنىش ئۇلىنىشى:

伯努利原理_百度百科



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-4 19:26  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-5 10:35:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى  رەسىمنى سېلىشتۇرۇش:


QQ图片20151005093504.jpg



QQ图片20151004142659.png

ھەقىقەتەن يايسىمان توپلارغا بىرنوللى قانۇنى ھازىرغىچە خاتا تەدبىقلىنىپ كەپتۇ.

مۇلاھىزە:

رەسىم ۋە فىلىملەردىكى قۇيرۇق ئېقىمىنىڭ ھالەتلىرىدىن ئىرىشكەن يەكۈن شۇكى،بۇنداق ئېقىم _ تېزلىكى نىسبەتەن يۇقۇرى ،بىسىمى كىچىك بولغان ئاقار جىسىم موھىتىنى ئەكىس ئەتتۆرۆدۇ.بۇنداق ئېقىم شەكىللەنمىگەن ياكى ئاساسەن شەكىللەنمىگەن ئاقار جىسىم دائىرىسىنىڭ تېزلىكى نىسبەتەن ئاستا ياكى تۇرغۇن،بىسىمى چوڭ بولىدۇ.گورزىنتال ئوقتا سولغا -سائەت سىتىرىلكىسىغا قارشى ئايلاندۇرۇلۇپ سۇغا تاشلانغان شارچىنىڭ ئاساسى قۇيرۇق ئېقىمىنىڭ شارچىنىڭ سول تەرىپىدە شەكىللىنىشى (ئاخىرقى رەسىم)شارچىنىڭ سول تەرىپىدىكى بىسىمنىڭ كىچىكلىگىنى كۆرسىتىدۇ.مۇبادا بۇ شارچىنىڭ ئېغىشىغا بىرنوللى قانۇنى سەۋەپكار دېيىلسە شارچە ئوڭغا ئەمەس،سولغا ئاغسا بولاتتى.دىمەك،يايسىمان توپلارغا ھازىرغىچە بىرنوللى قانۇنىنىڭ خاتا تەدبىقلىنىپ كېلىۋاتقانلىغى تېخىمۇ ئايان بولدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-5 10:43  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-6 11:24:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇيرۇق ئېقىمى شەكىللەنگەن ئاقار جىسىم مۇھىتىنىڭ دائىرىسى نىسبەتەن زىچلىق تۆۋەن دائىرە ئىكەنلىگىدە شەك يوق.بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىشمۇ ھاجەتسىز.
بۇنىڭ سەۋەپلىرىگە ھەتتا ئارخېمىتنىڭ لەيلىتىش قانۇنىنىمۇ تەدبىقلىغىلى بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-6 11:36  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-9 19:11:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئايلاندۇرۇپ تاشلانغان شارچە قۇيرۇق ئېقىمى ئاساسى گەۋدىسىنىڭ ئىزچىل سول تەرەپتە شەكللىنىشى ئېغىۋاتقان تەرەپ(ئوڭ تەرەپ)تىكى سۇ زىچلىغى ۋە بىسىمنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىگىنى ،بۇنداق ئېغىشقا بىرنوللى قانۇنىنى تەدبىقلاشقا بولمايدىغانلىغىنى تولۇق ئىسپاتلىغان بولسىمۇ،بىز باشقا نۇقتىلاردىن كىلاسسىك قاراشلارغا پايدىلىق  ياكى سۇنىڭ بۇ ئېغىشتىكى تەسىرىگە مۇناسىۋەتلىك  بەزى ئالامەتلەرنى بايقىيالامدۇق-يوق؟ _ مانا بۇ نۇقتىدىن ئويلۇشۇپ،مۇلاھىزە قىلىپ كۆرسەك بولىدۇ.يەنى سۇنىڭ لەيلىتىش كۈچى شۇنداقلا سۇ مالىكولىلىرىنىڭ سوقۇلىشى بۇنداق ئېغىشتا قانداق رول ئوينىدى؟دىگەندەك نۇقتىلاردا ئويلۇشۇپ كۆرۆش كىرەك.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-9 19:20  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-17 22:15:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



يېڭى تېما:

ئالىملار ئېيتىدۇ: بىز بىر مەيدان نەزەريىۋى فىزىكا ئىنقىلاۋىغا يېقىنلاپ قالدۇق
·科学家称我们正接近下一场理论物理的革命

http://wl.zxxk.com/a465305.html

ـــــــــــ

يېقىندىن بۇيان فىزىكا ئىنقىلاۋىغا ئالاقىدار تېما-ئۇچۇرلار كۆپىيىپ قالغىلى توردى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-17 22:16  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش