يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 277|ئىنكاس: 1

قاراتېكىن: چۈش زاراتگاھلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىككى شېئىر
نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن

قۇناق ئورۇش

ساغۇچ دۇبۇلغىلىق
يوپۇرماق قىلىچ تۇتقان
شادىپاچاق سانسىز نۆكەرلەر
ئېتىز دەپ ئاتالغان سۇلالىنىڭ ھەيۋىتىنى نامايان قىلىپ
كۆز ئالدىمزدا تۇرار تىزىلىپ.

بىردىنلا
«قىر،چاپ!» ساداسى گۈمبۈرلىدى
ئىچىمدىكى سانسىز جەڭ ئاتلىرى دۈپۈرلىدى
ياۋغا قارشى زەبەردەست قوشۇن
قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ ئالغا ئېتىلدى...

شادىپاچاق نۆكەرلەرنىڭ جەسىدىدىن ئاتلاپ
قوشنا سۇلالىلارغىچە باردۇق تاپ باستۇرۇپ
ۋاقىت «چىپ-چىپ» تەرلىگەن
چىڭقىچۈشتە.

گۇيا
كەڭرى بىر پارچە ئوچۇقچىلىقنى يېپىندى
خىيالىمدىكى ئۇرخۇن ئاسمىنى...



چۈش زاراتگاھلىقى

چاچ-ساقىلى ئۆسكىلەڭ شېھىت ئارمانلار
گۈدەكلىكىمدىكى چىرايىمدا چاقناپ تۇرغان مەسۇم نۇر
ۋاقىت چاقىنىڭ ئالدىدىكى ئېگىرىلمىگەن ئۇچ
مۇقەددەم ئىلگىرىكى ياشامسىز ھاياتىم
دولقۇنلاۋاتماقتا
              مېھىرلىك
                          تېنچ...

رېئاللىق باغچىسىدىكى قانىتىغا تاش ئېسىلغان چىپار كېپىنەك
ئۇچۇپ كىرمەكچى بولىدۇ سۇدىن سۈزۈك ئاشۇ ۋاقىتقا
ئاددىي ئۇرۇنۇشلىرىنى داۋام ئېتىدۇ
سوقۇنۇپ مۇمكىنسىزلىكنىڭ كۆرۈنمەس تاملىرىغا.

پەسىللەرنىڭ مۇي قەلىمىدە ھالقىلىرى تىنماي سىزىلىۋاتقان
يوپۇرماقلىرىدىكى نەمخۇش بوياقلار قۇياشنىڭ كىرپىكىدە توزۇۋاتقان
يىلتىزىدىكى چوڭقۇر ئېچىرقاش ھەسسىلەپ كۈچىيىۋاتقان
ئادەملەر ئورمانلىقىدىكى بىر تۈپ دەرەخ
كېچە دەپ ئاتالغان قارا تەنلىك غايەت زور مەخلۇقنىڭ
قۇيرۇقى تېگىپ تۇرغان كىچىككىنە تۆشكتىن
ئۆمىلەپ كىرىپ كېتىدۇ چۈش زاراتگاھلىقىغا.

ئاۋازدەك،ھاۋادەك،سۇنىڭ رەڭگىدەك
بارچە يوقلۇقنىڭ روھى بىمالال ئۇچرىشىدۇ
ئاشۇ جايدا...

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-2 23:40:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش