ئابلەت مۇھەممەد كۈيزارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار 1986- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئالامەت يېزىسى سۆگەتلىك كەنتى پاشالىق ھويلا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسەگە ئىگە.
ئۇ 2005 - يىلدىن باشلاپ ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيىتى››، ‹‹ تارىم››، ‹‹ تەڭرىتاغ›››، ‹‹ مىللەتلەر ئەدەبىياتى››، ‹‹ جۇڭگو مىللەتلىرى››، ‹‹ تارىم غۇنچىلىرى››، ‹‹ يېڭى قاشتېشى››، ‹‹ قەشقەر››، ‹‹تۇرپان››، ‹‹ قېزىلسۇ ئەدەبىياتى››، ‹‹ يەكەن مەدەنىيتى››، ‹‹ مۇزارت دولقۇنلىرى››، ‹‹ شىنجاڭ گېزىتى››، ‹‹ ئاسىيا كىندىكى گېزىتى››،‹‹قەشقەرگېزىتى››، ‹‹ ئاتۇش مەركىزى شەھەر ئۇچۇرلىرى گېزىتى››... قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا 150 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، نەسىر، ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسى، يەكەن خەلق رادىيو ئىستانسىنىڭ پىروگىراممىلىرىدا نەسىرلىرى ئاڭلىتىلغان.
ياشلارنىڭ ئىجادىيىتىگە ئىلھام بېرىش يۈزىسىدىن 2013- يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ‹‹ تەڭرىتاغ›› ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ قوللىشى بىلەن ‹‹ تەڭرىتاغ ياشلار ئەدەبىياتى مۇكاپاتى›› تەسىس قىلغان.
ئۇ ھازىر يەكەن ناھىيە ئالامەت يېزىسىدا تىجارەت ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
يەكەن ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
2015- يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىگە ئەزا بولغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-30 21:54