يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 689|ئىنكاس: 8

بەگيار(ت): مەيۈس ھېكايە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەيۈس ھېكايە

(ھېكايە)

                                                        گارسىيە ماركوز(كولومبىيە)

     ئۇ يەكشەنبە كۈنى شۇنداق زېرىكتىكى،ئاخىرى بولماي بىرەر قىز بىلەن تونۇشۇش نىيىتىگە كەلدى.گېزىت تەھرىرىياتىغا باردى ۋە ئېلان بۆلۈمىگە كىرىپ تۆۋەندىكىچە خەت قالدۇردى:« يىگىرمە ئۈچ ياشلىق يىگىت،بوي ئېگىزلىكى بىر يۈز يەتمىش سانتىمېتىردىن ئېگىز! ئۆزى بىلەن تەڭ قىز بىلەن تونۇشۇشنى خالايدۇ.بىرلا ئەيىبى؛يەكشەنبە كۈنى بەك زېرىكىدۇ».
     يىگىت ئۈچ كۈن سەۋر قىلدى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە،يەنى يەكشەنبىدە كوچىدا تولۇق ئۈچ سائەت لاغايلاپ يۈردى. كوچا دوقمۇشىدا ئوتكەن –كەچكە نلەرگە قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇردى،ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتەك خىياللارنىمۇ قىلدى. ئەمما، سەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت كەلدى. مەكتۇپ يازغان قىز، ئۆزىنىڭ كۆڭلى يۇمشاق، ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكى،يىگىتنىڭ تەبىئىتىنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى ماس كېلىدىكەن دەپ قارىغانلىقىنى ۋە يەنە ئۇنىڭغا ئوخشاشلا يەكشەنبە كۈنىدىن قورقىدىغانلىقى توغرىسىدا يازغان ئىدى. ئۇ شۇنى چۈشىنىپ يەتتىكى،ئا شۇ قىز دەل ئۆزى ئىزدەپ يۈرگەن قىزلاردىن ئىدى.
    ئۇ شۇ ھامان قىزغا جاۋاب يازدى.كېيىنكى قېتىم قىز يىگىتكە ئۆزنىڭ سۈرىتىنى كونۋېرتقا سېلىپ ئەۋەتتى.جۈمە كۈنى، يېقىمسىز يەكشەنبە يېقىنلىشىپ، قورقۇ نچلۇق ئەرۋاھقا ئوخشاش يۈرىكىگە ۋەھىمە سېلىشقا باشلىغاندا، ئۇلار ئۇچرىشىدىغان كۈنىنى بېكىتتى.
    قەھۋەخانىدا! بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش دەل ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنى بولىدۇ!
  يىگىت تۇنجى ئۇچرىشىشقا چاچلىرىنى تاراپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى كاستۇمىنى كىيىپ، شەنبە كۈنى سېتىۋالغان ژۇرنالنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ دەل ۋاقتىدا باردى. قىز بولسا قەھۋەخانىنىڭ بۇلۇڭىدا سەل ئەندىشە ئۇنى ساقلاپ ئولتۇراتتى. يىگىت قىزنى سۈرىتىدىن تۆنىدى.بۇ چاغدا قىز بۇلۇڭدىكى ئۈستەلدە ئىشىككە ئۆزگىچە بىر خىل قىزىقىش بىلەن قاراپ ئولتۇراتتى، ئەلۋەتتە.
    –ھالو!(ھالو-ئىسپانچە سالاملىشىش مەنىسىدە)-دېدى يىگىت.قىز تەبەسسۇم قىلغىنىچە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن قول ئۇزىتىپ: «قېنى -ھى-ھى، بۇ ياققا»دەپ ئۇنىڭغا جاي كۆرسەتتى.يىگىت ئولتۇرۇپلا مۇلازىمغا قاراپ لىمون سۈيى بۇيرۇتتى.قىز بولسا مۇز قايماق يېيىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.مۇلازىم ئۇلارنىڭ يېنىدىن يىراقلىشىشىغىلا:
    -سىز كەلگىلى خېلى ئۇزۇن بولدىمۇ؟-دەپ سورىدى ئۇ. قىز:
     – ياقەي...بەش مىنۇتچە بولدى-دەپ جاۋاب بەردى. شۇ چاغدا مۇلازىم پەتنۇسقا سېلىنغان بىر شىشە لىمون سۈيىنى ئەكېلىپ ئۈستەلگە قويۇپ قويدى. يىگىت خىجىل بولغاندەك جىلمىيىپ قويۇپ،لىمون سۈيىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئىستاكانغا قۇيدى.شۇ باھانىدە قىزغا خېلى ئوبدان سەپ سېلىپ قارىۋالدى. قىز قىز بوش ئاۋازدا خىرىلداپ كۈلدى:
      – ھى-ھى-ھى...
      قىزنىڭ كۈلۈشى سەل غەلىتىمۇ نېمە،دەپ ئويلىدى يىگىت.
    – سىزگە ژۇرنال ئېلىپ كەلدىم-دېدى ئويچانلىق بىلەن.
    قىز ژۇرنالنى قولىغا ئېلىپ ۋاراقلاشقا باشلىدى. ئۇ ژۇرنالنى توختىماي ۋاراقلا ۋەردى.بۇ يىگىت ئارىدىكى جىملىق جەريانىدا ئالدىدىكى يېمەكلەرنىڭ ھەممىسىنى يەپ تۈگەتتى.ئاندىن تامدىكى سائەتكە قاراپ ھەيرانلىق بىلەن:
     ھىي...ئەستا، قارىمامسىز سائەت بىردەمدە ئىككى بوپ كېتىپتۇ دېسە! - دەپ خىتاب قىلدى ۋە؛–خوش، ئۇنداق بولسا قايتىمىزمۇ؟- دەپ قوشۇپ قويدى. قىز «بولىدۇ» دېگەندەك بېشىنى بوش لىڭشىتىپ قويدى.
   ئۇلار كوچا بويلاپ، خۇددى ئېغىزلىرىغا«مۇم»سېلىۋالغاندەك جىممىدە ماڭدى. خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن قىز سورىدى:
     – سىز ھەمىشە يەكشەنبە كۈنى زېرىكەمسىز؟ يىگىت تەستىقلىدى:
     – ھە-ھە... ئەلۋەتتە.قىز داۋاملاشتۇرۇپ:
     -ئەجەبا؟بۇ ئوخشاشلىقنى قاراڭ،مەنمۇ شۇنداق– دېدى.يىگىت كۈلۈمسىرەپ:
      – ھە، مەيلىغۇ،بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق-ھە،-دەپ تەكىتلەپ قويدى. قىز يەنە ھېلىقىدەك غەلىتە كۈلدى:
     – ھى-ھى-ھى،دېكابىر ئېيىمۇ يېقىنلىشىپ قالدى.
    سائەت تۆت يېرىملاردا ئۇلار ئەتەي جىمجىتلىق ئويۇنى ئوينىغاندەك،بار-يوقى يىگىرمە سۆزلۈك پاراڭلىشىپ،كىنو تياتىرخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قېلىشتى.
      – كىرىمىزمۇ؟–تەكلىپ قىلدى يىگىت.قىزمۇ:«ماقۇل»»دېدى.ئۇلار زالغا كىردى.يىگىت بىلەت ئالغۇچە،قىز قىمىرلىماي تۇرۇۋەردى. يىگىت قايتىپ كەلگە ندىن كېيىن:
     - سىز ئاخىرقى رەتتە ئولتۇرۇشنى خالامسىز؟-دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن. يىگىت خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.لېكىن فىلىم تولىمۇ زېرىكىشلىك ئىدى، يىگىت ئالدى رەتتىكى ئورۇندۇققا پۇتىنى تىرەپ ئۇيقۇغا كەتتى.قىز مۇ 15-20مىنۇتقىچە تېتىك ئولتۇرالىدى.بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ئۇمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئەسنەشكە باشلاپ، ئاخىرى ئامالسىز ئورۇندۇققا ئوبدان جايلىشىۋېلىپ،ئۇمۇ ئۇخلاپ قالدى.

ئۆزبېكچە«كىتاب دۇنياسى»گېزىتى تور بېتىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-30 22:19  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-30 01:58:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  راسىتىنلا مەيۈس ھېكايىكەن دە بۇ، تەرجىمە جاپالىق ئ‍ەمگەك، ئ‍ىزدىنىشلىرىڭىزگە ئ‍وتۇق يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-9-30 16:47:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزبىكچىمۇ مۇستەققىل تىل بولغاندىكىن تەرجىمە دەۋەرسەك بولار؟

باھا سۆز

تەرجىمە ئوخشاشمايدىغان تىل ئوتتۇرىسىدا بولامدىكىن دەيمەن.  ۋاقتى: 2015-9-30 05:20 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-30 21:56:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۈنلەرنىڭ بىرىدە

(ھېكايە)

گارسىيە ماركوز(كولومبىيە)

     يامغۇر-يېشىنسىز كەلگەن ئىللىق دۇشەنبىنىڭ تېڭىمۇ ئاتتى. داۋالاش سەۋىيىسى ئانچە يۇقۇرى بولمىغان چىش دۇختۇرى ئاۋرېلو ئېسكوۋېر ناھايىتى ئەتىگە ئورنىدىن تۇرۇپ،سائەت ئالتىدە دۇكىنىنى ئاچتى.ئۇ ھازىرغىچە قايتا ياسىلىشنى كۈتۈپ ياتقان ئۆلچەمسىز چىش مودىللىرىنى شىشە ئىدىش ئىچىدىن ئېلىپ پلاستىر قېلىپقا سېلىپ كۆرۈ شكە باشلىدى.كۆرسىتىلگەن تەرتىپ بويىچە ئىشلەش ئۈچۈن ئولچەش ئەسۋاپلىرىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويدى.ئۇ ياقەسىز يول-يول كۆينەك كىيىۋالغان،بوينى ئالتۇن ئىلمەتۈگمە بىلەن ئېتىلگەن ۋە بۇنىڭغا قوشىمچە رەۋىشتە بۇغۇچلۇق باغلىما تاقىۋالغىنى ئۈچۈن نەپىسى سەل سىقىلىپ قېلىۋاتقانەدەك ئېدى. ئۇ قەدى-قامىتى كېلىشكەن، ئىگىز ئادەم بولۇپ،تۇرقىدىن قوپالراق ئادەمدەك ئەسىرات بېرەتتى. ئۇ ئادەتتە نەرسىلەرىنى رەتلەۋاتقاندا،چىش سىلىقلاش چاقىنى ئىش ئۈستىلىنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، ياسالما چىشلارنى سىلىقلايتتى. گەرچە ئۇ كۆرۈنۈشىدىن ھېچ ئىشنى ئويلىما يۋاتقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن چىش سىلىقلاش چاقى ئۇنىڭغا كېرەك بولمىغا ندىمۇ ئۇنى پۇتى بىلەن توختىماي بېسىپ ئىشلىتەتتى.
     سائەت سەككىزدىن ئۆتكەندىلا دېرىزىدىن ئاسمانغا قاراش ئۈچۈن بىردەم ئىشىنى توختىتاتتى. ئۇ سىرتقا قاراۋېتىپ قوشنا ئۆينىڭ ئىشىكى ئۈستىگە قونۇپ قۇياش نۇرىدا ئۆزىنى قۇرۇتىۋاتقاندەك ئويچان تۇرغان ئىككى بۈركۈتكە كۆزى چۈشتى. قارىغاندا چۈشتىن كېيىن يەنە يامغۇر ياغسا كېرەك دېگەنلەرنى ئويلىغاچ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئون بىر ياشلىق ئوغلى چىرقىراق ئاۋاز بىلەن ئۇنى خىيالدىن ئويغاتتى:
      – دادا!!!
     – نېمە؟
     – مايور،سىزنىڭ ئۇنىڭ چىشىنى تارتىپ قويالامسىز يوقمۇ،شۇنى بىلمە كچىكەن؟
     – مېنى يوق دەپ قوي.
     ئاۋرېلو ئېسكوۋېر بىر ئالتۇن چىشنى سىلىقلاۋاتاتتى. ئۇ چىشنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزىنى قىسىپ  تەكشۈرەتتى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوغلى نېرىقى ئۆيدىن ۋارقىرىغىنىچە يەنە چىقىپ كەلدى.
     – ئۇلارنىڭ دېيىشىچە،سىز مۇشۇ يەردە ئىكەنسىز، چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپتۇ.
ئۇ چىشنى يەنە بىر ھازا تەكشۈرۈپ ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، قولىد ىكى نەرسىلەرنى ئۈستەلگە قويدى-دە،دېدى:
     – ئوبدان بوپتۇغۇ.
     ئاۋرېلو ئېسكوۋېر چىش چاقىنى يەنە ماڭدۇرۇشقا باشلىدى. نەرسىلەرنى قويىد ىغان ساندۇقچىدىن بىر قىسقۇچنى ئالدى ۋە يەنە ئالتۇن چىشنى سىلىقلاشنى داۋاملاشتۇردى.
      – دادا!
     – يەنە نېمە؟...
     ئۇلار كەتكىلى ئۇنىماي تۇرۇۋالدى،- سۆزىنى داۋاملاشتۇردى بالا.-ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر سىز ئۇنىڭ چىشىنى تارتىپ قويمىسىڭىز،سىزنى ئېتىپ تاشلايدىكەن.
ئۇ ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئالدىرىماي ئورنىدىن تۇرۇپ چىش سىلىقلاش چاقىنىڭ پېدالىنى بېسىشنى توختاتتى ۋە ئۇنى ئۈستەلدىن نېرىراق سۈرۈپ ئالدىنى بىكارلاپ، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ توختىدى-دە، ئوغلىغا قاراپ دېدى:
      – ياخشى. ئۇلارغا دە، كىرىپ مېنى ئېتىپ تاشلىسۇن.
ئۇ بىر قولى بىلەن ئىشكاپنىڭ يان ياغىچىغا تايىنىپ، يەنە بىر قولىدا ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى شىرەنى ئايلاندۇرۇپ تۇراتتى. دەل شۇ چاغدا بوسۇغىدا  مايور پەيدا بولدى. ئۇنىڭ  يۈزىنىڭ سول تەرىپىنىڭ ساقىلى ئېلىنغان،يەنە بىر تەرىپىنىڭ بولسا ئەكسىچە،ئاغرىقتىن ئىششىپ كەتكەن بولغاچقا،ئېھتىمال بەش كۈندىن بېرى ساقىلى ئېلىنمىغاندەك ئىدى. ئاۋرېلو ئېسكوۋېر ئۇنىڭ مەيۈس كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ نەچچە كېچىلەرنى ئاغرىق بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆردى. ئۇ ساندۇقچىنى بارماقلىرى بىلەن يېپىۋېتىپ، مۇلايىملىق بىلەن:
     – ئولتۇرۇڭ،-دېدى.
      – خەيرلىك كۈن!-دېدى مايور.
     – خەيرلىك كۈن،-خالا-خالىماس جاۋاب بەردى ئۇ.
     لازىملىق ئەسۋابلار پاكىزلاش ئۈچۈن قاينىتىلىۋاتقاندا،مايور ئورۇندۇ قنىڭ باش قويىدىغان يېرىگە بېشىنى قويۇپ ئوبدان جايلىشىۋالدىۋە ئۆزىنى سەل ياخشى بوپ قالغاندەك ھېس قىلدى. ئەمما ئۇ ھېلىھەم سوغۇق نەپەس ئالاتتى. ئۇ ئاۋرېلو ئېسكوۋېرنىڭ دۇكىنىغا كۆز يۈگۈرتتى. ياغاچتىن ياسالغان ئورۇندۇق, پۇت بىلەن تېپىپ ئىشلىتىلىدىغان چىش سىلىقلاش چاقى،قەلەي قۇتىلار ۋە شىشە ئىدىشلار, ھەممە-ھەممىسى ناھايىتى كونىراپ كەتكەن ئىدى. ئورۇندۇقنىڭ كەينىدە ئادەمنىڭ مۈرىسىگىچە كېلىدىغان كونا رەخت پەردە تارتىلغانىدى. مايور،دوختۇر نىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،ئېغزىنى يىرتقۇچتەك ئاچتى. ئاۋرېلو ئېسكوۋېر ئۇنىڭ بېشىنى چىراغ تەرەپكە بۇرىدى. قۇرت چۈشكەن چىشنى ياخشى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئېھتىياتچانلىق بىلەن قولىنى پۈكۈپ، مايورنىڭ زاڭىقىنى يېپىپ:
     -چىشىڭىزنى يۇلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ،-دېدى.
     –نېمە ئۈچۈن؟...
     – چۈنكى چىشىڭىز قۇرتلاپ كەتكەن.
     چۈشىنىشلىك،-دېدى مايور ۋە دوختۇرنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ كۈلمەكچى بولدى.
ئاۋرېلو ئېسكوۋېر بولسا، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى. ئۇ ئىش ئۈستىلىدىن قاينىتىلىپ بولغان ئەسۋابلارنى ئېلىپ كېلىپ،يەنە قايناق سۇ ئىچىدىن بىر جۈپ قىسقۇچنى ئالدى. ئۇ ئوز ئىشىنى ئالدىرىماي خاتىرجەملىك بىلەن قىلاتتى. ئۇ پۇتنىڭ ئۇچى بىلەن تۈكۈرۈك قاچىسىنى مايورغا يېقىنراق جايغا ئىتتىرىپ قويۇپ، قولىنى يۇيۇش ئۈچۈن تېگىگە تەڭنە قويۇلغان جۆمەكنىڭ يېنىغا باردى. ئۇ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولىمۇ خاتىرجەملىك بىلەن، ھەتتا مايورنىڭ چىرايىغا قاراپمۇ قويماي قىلىۋاتاتتى.بىراق مايور ئۇنىڭدىن كۆزنى ئۈزمەيتتى.
     بىمارنىڭ ئاغرىۋاتقان چىشى ئەڭ ئاخىرقى ئەقىل چىشى ئىدى. دوختۇر پۇتلىرىنى سەل كېرىپ،ئىسسىق تېخى سوۋۇمىغان قىسقۇچ بىلەن ئاغرىق چىشنى قىستى.مايور ئورۇندۇقنىڭ تۇتقۇچىنى چىڭ تۇتۇپ،پۈتۈن كۈچىنى پۇتىغا يىغىپ، تېنىنى قاتۇرۇپ تۇردى ۋە شۇ چاغدا بۆرىكىدە مۇزدەك بىر بوشلۇقنى ھېس قىلدى.ئەمما غىڭ قىلمىدى. دوختۇر ئىشىنى تۈگىتىپ، مايوردىن سەل يىراقلىشىپ، ئانچە سەمىمنى بولمىسىمۇ،لېكىن ساپ دىللىق بىلەن دېدى:
     -مانا ئەمدى سىز ماڭا ئۆلۈك ئادەمنىڭ رەسىمى بېسىلغان يىگىرمە پېسولۇق پۇلدىن بېرىسىز.
مايور زاڭاق سۆڭەكلىرىنى غىرسلىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ياش بىلەن لىق تولغان ئىدى. ئۇ ئورۇندۇقتا تاكى ئاغرىق چىشىنىڭ يۇلۇپ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلغۇچە نەپەس ئالماي ئولتۇردى. ناھايەت،ئۇ كۆز ياشلىرى ئارقىلىق بۇنى ھېس قىلغان ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭغا بەش كۈنلۈك ئىزتىراپلىق كېچىلەر تات،چۈنكى ئۇ ئازابلىق ئاغرىقلاردىن قۇتۇلغان ئىدى. چارچىغانلىقتىن چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەن مايور ئۇزۇن يەڭلىك كۆينىكىنىڭ تۈگمىلىرىنى يېشىپ، شىمىنىڭ يانچۇقىدىن قولياغلىقىنى ئالدى. ئاۋرېلو ئېسكوۋېر بولسا ئۇنىڭ قولياغلىقى ئورنىغا بىر پارچە پاكىز لاتىنى ئۇزاتتى:
     - يېشىڭىزنى سۈرتۈۋېلىڭ،-دېدى.
      مايور دوختۇرنىڭ تەلىپىنى رايىشلىق بىلەن بەجا كەلتۈردى. ئۇ ئەمدى سوغۇق تەرلەشتىن توختىغان ئىدى.ئاۋرېلو ئېسكوۋېر قولنى يۇيۇۋېتىپ جۆمەكنىڭ ئۈستى تىرىدىكى بۇلۇڭدا چاڭ باسقان ئۆمۈچۈك تورىدا بالىلىغان ئۆمۈچۈك ۋە ئۆلۈك ھاشاراتلارنى كۆردى. ئۇ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ مايورغا دېدى:
       -ئۇخلاشتىن بۇرۇن تۇز سۈيى بىلەن ئېغىزىڭىزنى چايقىۋېلىڭ.
مايور ئورنىدىن تۇرۇپ كۆينىكىنىڭ تۈگمىسىنىمۇ ئەتمەستىن خوش دېگىنىچە ئىشىك تەرەپ مېڭىۋېتىپ:
      – ھېسابنى ئەۋەتىڭ،–دېدى.
      –سىزگىمۇ يا بازار مەمۇرىيىتىگىمۇ؟-ئۇنىڭ پۇل بەرمەيلا چىقىپ كېتىۋاتقانلىقى ئاۋرېلو ئېسكوۋېرنىڭ زەردىسىنى قايناتقان ئىدى.
مايور ئارقىسىغا قارىماستىن ئىشىكنى ياپتى ۋە سىرتقا چىقىپ ئەينەكتىن قاراپ، دېدى:
      – بۇ سىزنىڭ سالمىڭىزنى ئىلىك ئالغىنىم.

     ئۆزبېكچە «كىتاب دۇنياسى»گېزىتى تور بېتىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-30 22:18  


ۋاقتى: 2015-9-30 22:58:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن شۇ تاپتا مەنمۇ زىرىكىپ تۇرغانتىم ھەجەپمۇ كۆڭلۇم يىرىم بولدى

ۋاقتى: 2015-10-1 11:36:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق يېقىشلىق ، ياخشى ھېكايىدىن ئىككىنى سۇنۇپسىز. تەرجىمە ئىجادىيىتىڭىزگە ، يېڭى ئىزدىنىش قەدەملىرىڭىزگە مۇۋەپپىقىيەت يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-10-1 23:57:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مىكرو ھىكايە ئىكەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-2 17:22:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلمەيدىغان ئادەم
(ھېكايە)
گاسىيە ماركوز(كولومبىيە)
      مەن ئۇنىڭ بىلەن تېخى ئاخشاملا تونۇشتۇم.ئۇ دېھقان،بىراق بېشىدىكى كونا شىلەپىسىنى ئېلىۋەتسىمۇ،گويا ئۇنىڭ سايىسىدىن پەقەتلا قۇتۇلالمىغاندەك قاپىقىنى ئاچىلماي تۇرىدىغانلار تاىپىسىدىن. ئۇنىڭ بېشىمۇ ئاشۇ جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن شىلەپە بىلەن قوشۇلۇپ،خۇددى بىر پۈتۈن بولۇپ كەتكەندەك ئىدى. چىراي... بۇ چىرايغا قاراپ تۇرۇپ،شىلەپىنى ئەسلا باشنىڭ زىننىتى دېگىلى بولمايتتى،بەلكى ئۇ قانداقتۇر زۆرۈرىيەت، ناھايىتى زور مەنىۋىي ھالاۋەت دېگەن تۈزۈك ئىدى.دېھقاننىڭ قارمۇتۇق ئۇرۇق يۈزىنى يارقىن قۇياش نۇرى يۇرۇتۇپ تۇرغاندەك قىلسىمۇ،ئۇنىڭغا چۇڭقۇر بىر قايغۇ سايە تاشلاپ تۇراتتى. بېلىدىكى قىزىل،كۆك بېزەكلىك كەڭ بەلبۋىغىدا سېرىق ياغلىققا ئورالغان تۆت پېسو توقسەن سېنت پۇلنىڭ تومپىيىپ تۇرغانلىقىغا قاراپ،چوڭ زېمىندار،باي،غەم-غۇسسىسىز ئادەم بولسا كېرەك،دېگەن ئويغا كېلىسىز. لېكىن ئۇنىڭدا مەن بۇرۇن پەقەتلا ئۇچر ىتىپ باقمىغان غەيرىتەبىئي بىر خۇسۇسىيەت بار ئىدى؛ ئۇ كۈلۈمسىرەلمە يتتى.
      چىرايى ھەددىدىن ئارتۇق جىددىي،بىراق بۇ تەكەببۇرلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سول مەڭزىنىڭ يۇقۇرى قىسمىدىن تارتىپ ئىڭىكىنىڭ ئوڭ تەرىپىگىچە سوزۇلۇپ تۇرغان تارتۇقى بارلىقى ئۈچۈن ئىدى. يۇمۇر،چاخچاق خۇشياقمايدىغان ئادەمنىڭ كۈلۈش بەختىدىن مەھرۇم بولغانلىقى ئۈچۈن تاشتەك قېتىپ، ھېسسىيا تسىز قىياپەتتە سۆزلىگەنلىكىنى كۆرۈش بەك بىئارامچىلىق ئىكەن. تەڭتۇشلىرى ئۇنىڭ ئۆتكۈر ئەقلىگە ھەيرانلىق بىلەن قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان قاچۇرۇملىرىغا تېلىقىپ كۈلگەن چاغدا، ئۇلارغا قاراپ تۇرغان جىددىي چىرايدا چۇڭقۇر قايغۇ ۋە ئاچچىق ئىستېھزا زاھىر بولاتتى. دەل مۇشۇ چاغدا ئۇ بىچارىنىڭ كۆڭلىدىن«ئېھتىمال بۇلار مېنىڭ چاخچىقىمغا ئەمەس،تۇرقۇمغا قاراپ كۈلۈ شىۋاتىدۇ. ھە، بۇلارنى مۇشۇ تۇرقۇم بەكراق زوقلاندۇرماقتا!...»دېگەن ئويلار كېچىۋاتقاندۇر،ئېھتىمال.
     ئەگەر بۇ دېھقان قانداقتۇر بىر ئەسەرنىڭ قەھرىمانىغا ئايلىنىپ قالغۇدەك بولسا، ئاشۇ ئەسەر مۇكەممەللىك ۋە مۇرەككەپلىكتە ھىيۇگونىڭ«كۈلمەيدىغان ئادەم» ناملىق ئەسىرى بىلەن راۋرۇس بەستلىشەلىگن بولاتتى.بىراق ھەقىقىي ھاياتتا ھەممىسى باشقىچە بولىدۇ،بۇ كىشىنىڭ قىسمىتى توقۇپ يېزىلغان خىيا لىي-سەرگۈزەشتە رومانلار قەھرىمانلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئۆزىنىڭ غەيرى تەبىئىيلىكى بىلەن تۈپتىن پەقلىنىدۇ.
      ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ھاياتىنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىشنى ياقتۇراتتى.گەرچە ئڭ ھېكايىسىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن سۆزلەپ بەرسىمۇ،لېكىن ئاڭلىغۇچىدا خالار -خالىماس،ھەتتا ئۇنىڭ سوزلەشتىكى ئېغىرلىقىدىن ئاغرىنغاندەك تەسىرات پەيدا قىلاتتى. ئۇ نېمىلا دېسە دەيتتىكى،لېكىن يۈزىدىكى تاتۇقنى كىمنىڭ پەيدا قىلغانلىقى ھەققىدە لام-مىم دېمەيتتى. شۇڭا مېنىڭچە ئۇ ھېكايىسىنىڭ چىرايىنى بۇزغۇسى كەلمەيتتى...
ئېغزىدىن تۇيۇقسىز چىقىپ كەتكەن ئاشۇ بىر ئېغىز گەپ تۇپەيلىدىن بايرام كېچىسىنىڭ خۇددى يۈزىگە ئوخشاش ھاياتىنىمۇ قاپ ئوتتۇرىسىدىن ئىككىگە بۆلىۋەتكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق ئىدى.«ھەممە...ھەممىىسى ئاشۇ قاباھەتلىك كېچىدە يۈز بەردى»،-بۇ سۆزلەر ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا، شۈبھىسىزكى جەھەننەمدىكى قاينامنى گەۋدىلەندۈرەتتى؛«پولات ماچتا دېڭىز ئۈستىدىكى كۆز يەتكۈسىز قاراڭغۇ كېچىنى قاق ئوتتۇرىسىدىن ئىككىگە بۆلدى»...
      سۆزلۈگۈچىنىڭ مۇڭلۇ ئاۋازىنى ئاڭلاۋېتىپ،يۈرەكنى زىدە قىلغۇدەك ئازاپلىق، ھەيۋەتلىك.بىراق قىسقا ئاۋازدا چىقىرىغانلىقىنى تەسەۋۋۇرۇمدا جەملەشكە ئۇرۇ نىمەن.نەق دوزاخ ئوچىقىغا تاشلانغان ئاشۇ ئادەمنىڭ يۈزىدە پولات ماچتانىڭ چاقنىغان چاغدىكى شولىسى شۇنداق چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ئىدىكى،ئۇ چىرايىغا مەڭگۈ ئۆزگەرمەس بىر جىددىيلىكنى تامغىدەك بېسىپ،كۈلۈش بەختىدىن مەھرۇم قىلغىنى يەتمىگەندەك، ئۇنىڭغا قوشۇپ ئاچچىق بىر ئىستېھزانى قاتۇرۇپ قويغا نلىقى كىشىنى سەل ئويغا چۆمدۈرەتتى.قالغىنى بولسا ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم. ھەممىسى سەھرادىكى بايراملاردا يۈزبېرىدىغان زىددىيەتلەردىكىدەك داۋاملاشقان.
      مەن ئۇنىڭغا«بۇرادەر،قارشى بولمىساڭ،سەن توغرىسىدا ئۇزۇن بىر نەرسە يازسام بولامدۇ؟»دېدىم. ئۇ يۈزۈمگە خېلى ئۇزۇنغىچە ئويچان تىكىلىپ تۇردى -دە،ئاندىن سورىدى:«بۇ ماڭا قانچە پۇلغا توختايدۇ؟» ھەممىمىز كۈلىۋەتتۇق،پەقەت ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىمىز.ئۇ سىرتدىن قارىغاندا پېتى قىلچە بۇزۇلمىغاندەك، ھېسسىياتسىز تۇيۇلسىمۇ، بىراق ئەكسىچە ئۇنىڭ ئەسلىدە پۇرۇقشىپ قايناۋاتقان قېنىنىڭ يۈزىگە تەپچىپ چىقىشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈن چىرايىدىكى ئۆزگەرمەس جىددىيلىكنى ساقلاشقا قاتتىق تىرىشىۋاتقانلىقى روشەن مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. يۈز سۆڭەكلىرى ئۆزگەرسە ئادەملەرنىڭ ئۇنى ئەكسىچە چۈشىنىپ قېلىشىدىن ھېيىقاتتى.
       يۇقۇرىدا يازغانلىرىمنىڭ ھەممىسىدىن خالانسا،كۈلكىلىك بىرەر نېمە تېپىشقا بولىدۇ.مېنىڭ بۇنىڭدىن قىلچە ئەنسىرىگىنىم يوق،ئېھتىمال تۇنجى قېتىمدۇ، سەۋەبى، بىر ئادەم، بولۇپمۇ بىر ئادەم يازغىنىمنى كۈلمەي ئوقۇشقا قادىر.

ئۆزبېكچە «كىتاب دۇنياسى»گېزىتىنىڭ 2014-يىللىق 247-سانىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-2 17:23  


ۋاقتى: 2015-11-22 00:30:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
烦心的故事



(加西亚-马尔克斯(哥伦比亚



译:米合热依.伊马木



星期天他很寂寞,实在受不了想找一位女孩认识。去了报社并给广告部留下了这样字条:“23岁的小伙子,身高比178厘米还高,想认识同龄的女孩,唯一的缺点星期天很寂寞。”小伙子忍了三天。这些日子又到一个星期天,在街上闲转了整整三个小时,在路口望着人群傻傻的呆了很久,甚至有了自杀的意图,但是到了星期二他收到一封信,寄信的女孩,信中说:她很心软、很纯洁,小伙子的性格和自己的性格很相似,另外她也很怕星期天。他最终理解到:这就是自己想找的女孩,他马给女孩回了封信。在下一封信中女孩把自己的照片装到信封里寄了过去。星期五,离寂寞的星期天很近,就像有个妖怪在威胁的此刻,他们决定了约会的时间
咖啡馆,首次约会是即将到来的星期天。小伙子为了这次约会头发梳的很整齐,穿了自己最新的西装,胳膊夹着星期六买的杂志,按时到了约会地点。女孩在咖啡馆的一个角落里,带着很不放心的心情等着他。小伙子一看就认出了女孩,这个时候女孩当然望着门,带着一个着急的眼神坐着。
-Hello!! -小伙子说.女孩微笑着伸出手:“请,到这边来,呵呵”边说着给他指位置。小伙子坐下就望着服务员点了一瓶柠檬水,女孩说自己想要冰淇淋,服务员还没有走远小伙子问女孩:你来了很久了吗?女孩回答:没有,差不多五分钟了。这个时候服务员盘子端着一瓶柠檬水来放到桌子上,小伙子好像有点不好意思笑了一下,慢慢的把柠檬水倒进杯子,趁这个机会还悄悄的看了看女孩一阵子。女孩微微的笑:-呵呵呵……….小伙子心想这个女孩笑的是不是有点奇怪;我给你带来了杂志-,小伙子说着把杂志递给了女孩,女孩开始一页一页的翻看杂志。小伙子陈这个静的时间把面前该吃的全部吃完,然后看着墙上挂的表说:嘿--哎—看,两点了,---再见,我们该回了吧?---加了后面几个词。女孩稍微点了点头表明可以,他们沿着路,好像嘴里装满了东西,静静的走着。走了较长一段路后,女孩问:你星期天经常寂寞吗?小伙子用嗯来回答。女孩继续说:-对 对!!当然!难道?有这么巧合吗!我也是。小伙子笑着说:没事,今天天气很好啊!女孩还像刚才那样奇怪的笑着说,呵呵呵,十二月快到了。
到四点半,他们好像在故意闹着玩,前后聊了二十个词,到了电影院门口,----进去吗?小伙子邀请的说,女孩回答可以呀!他们进了大堂。小伙子买票去了,女孩静静的等着,小伙子买票回来后女孩问,你愿意坐最后一排吗?小伙子表示愿意,但电影很寂寞,小伙子把腿搭载前排的靠椅上开始睡着了,女孩最多坚持了15-20分钟,但没过多久她也开始打哈欠,最终没有办
法紧靠着椅子睡着了 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھراي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-22 00:51  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش