پەلسەپىنىڭ باشلىنىشى
پەلسەپە دۇنيا قاراش ھەققىدىكى تەلىمات، تەبىئەت بىلىملىرى، جەمئىيەت بىلىملىرى، تەپەككۈر بىلىملىرىنىڭ يىغىنچاقلاشتۇرىلىشى ۋە يەكۈنلىنىشى، شۇنداقلا ماددى مەنىۋىيلىك ۋە مەنىۋىي مەدەنىيلىكنىڭ توپلىنىشى، تەرەققى قىلىشى ۋە ئورتاق رولىنىڭ نەتىجىسى، ماددىي مەدەنىيلىكنىڭ توپلىنىپ تەرەققى قىلىشى ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشلەرگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ مەنىۋىي مەدەنىيلىكنىڭ توپلىنىپ تەرەققى قىلىشى ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشلەر ئۈچۈن ئىدىيە، نەزەرىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا ئىدىيە، نەزەرىيەنىڭ ئەڭ ئالى جەۋھىرى ـــــــ پەلسەپىدۇر.
پەلسەپىنىڭ ئىپتىداسى ــــــ كۈللى شەيئىلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى تېپىش
بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇ (ئەسلى مەنبە) بولغانلىقى ئۈچۈن مەۋجۇتتۇر، ئۇلار ئەڭ دەسلەپتە ئۇنىڭدىن شەكىللىنىدۇ، يوقالغاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭغا قايتىدۇ، شەيئىلەر گەرچە تۈرلۈك-تۈمەن ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلار باشتىن-ئاخىر بىردۇر.
ـــــــــــ ئارىستوتېل
پەلسەپە ئەسلى مەنبەنى ئىزدەيدىغان بىر تەلىماتتۇر، ئۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئەقىل-پاراسەتنى ئىزدەپلا قالماي يەنە دۇنيانىڭ ئەسلى مەنبەسى، ئادەمنىڭ ئەسلى مەنبەسى، ماددىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە مەۋجۇتلۇقنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى تەتقىق قىلىدۇ.
پەلسەپىنىڭ بىردىن-بىر باشلىنىش مەنبەسى يوق، ئەگەر پەلسەپە ئىدىيىلىرىنى مۆجىزىلەرچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇغۇلغان دەپ ئېيتقىلى بولسا ئۇنداقتا بۇ ئىنتايىن سەمىمىلىك بولىدۇ. ئەگەر تارىخىي خاتىرىلەر قالدۇرۇلغانلىقىنى كۆزدە تۇتساق، ئەڭ قەدىمقى پەلسەپىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى دەل قەدىمقى يۇنان پەلسەپىسىدۇر.
قەدىمقى يۇناندا ئىزچىل مۇنداق بىر تەپەككۈر مەۋجۇت بولغان، ئۇ بولسىمۇ، كۈللى شەيئىلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى تېپىش. يۇنانلىقلار مۇنداق قارايتتى، قارىماققا دۇنيادىكى بارچە شەيئىلەر ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر نەرسىلا ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ چوقۇم بىر مەۋجۇتلۇق بار، ئۇ كۈللى شەيئىلەرنىڭ مەنبەسى، شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن كەلگەن، ئەڭ ئاخىرىدا شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قايتىدۇ. مەۋجۇتلۇققا بولغان بۇنداق ئىزدىنىش دەل پەلسەپىنىڭ تۇغۇلىشىدىكى مەنبەلەرنىڭ بىرىدۇر.
قەدىمقى يۇنان پەلسەپە ئىدىيىسى ئارىسىدا، تەبىئەت پەيلاسوپى تالىس شەيئىلەرنىڭ مەنبەسىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا باشلىنىشىنى سۇ، ھاياتلىق ۋە روھنىڭ ھەممىسى ماددىدىن ئايرىلىپ مەۋجۇت بولمايدۇ دەپ قارىغان، بىراق ئۇنىڭ شاگىرتى ئاناكسىماندىر ئۇنىڭ ئەكسىچە دۇنيانىڭ مەنبەسىنى چەكسىزلىك دەپ قارىغان، ئۇنىڭ قارىشىچە، چەكسىزلىك ئىچكى قىسمىدا يەنە قارىمۇ-قارشى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە ئۇلار مەڭگۈ ھەرىكەت ئىچىدە تۇرىدۇ. ئاناكسىماندىرنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئاناكسىمېنىس تالىس بىلەن ئاناكسىماندىرنىڭ ئىدىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ شەيئىلەرنىڭ مەنبەسىنى گاز، گازلارنىڭ شالاڭلىشىشى ۋە قويۇقلىشىشى ماددىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ قارىغان.
بىراق ئەڭ دەسلەپكى پەيلاسوپلارنىڭ «ماددىلارنى تەشكىل قىلغۇچى تۈپكى ئېلېمېنت»قا بولغان چۈشەندۈرۈشلىرى ئىنتايىن ئابىستراكىت بولغانلىقتىن كىشىلەرنى قايىل قىلالمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ دەۋردىكى كىشىلەر دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇق قانۇنىيىتى مەسىلىلىرىگە قايتىدىن دىققەت قىلىشقا باشلىدى. پەيلاسوپ پىتوگوراسنىڭ جاۋابى ئۆز ئالدىغا يېڭى يول ئاچتى، ئۇ ساز تارىسىنى چېكىش ئارقىلىق ساز پەدىسىدىكى ئاۋاز دەرىجىسىنىڭ بەلگىلىك سانلىق نىسبەت قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن پىتوگوراس بۇ بايقىشىنى كەڭ تارقىتىپ، دۇنيادىكى ماددىلار ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن مەۋجۇت بولىدۇ، دەپ قارىدى. قەدىمقى يۇناندىكى ئەسلى مەنبە ھەققىدىكى ئىزدىنىش كائىناتتىكى ماددىلارنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان لوگوس (logos) نى تېپىش، يەنى «ھەقىقەت»نى ئېيتىش ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ دۇنيانى تونۇش ئۇسۇلى توغرا ياكى خاتا بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بىراق ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئاللىقاچان خۇراپاتلىق ساقلانغان بولۇپ، شۇ يەردىن پەلسەپىنىڭ مۇھاكىمە دائىرىسى تۇرغۇزۇلغان. قەدىمقى يۇنان دەۋرىدىكى بۇ تەبىئەت پەيلاسوپلىرى غەرپنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پەيلاسوپلىرىغا ئايلانغان.
بۇ دەل ئەڭ دەسلەپكى پەلسەپە. كىشىلەرنىڭ دۇنياغا بولغان تونۇشى مۇشۇنداق قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرىلەش جەريانىدا تەرەققى قىلغان. ئابىستراكىتلىقتىن كونكىرېتلىققىچە، يەنە كونكىرېتلىقتىن ئابىستراكىتلىققىچە ئوخشىمىغان ئىدىيەلەر بىلەن سوقۇلۇپ ۋە تالاش-تارتىش قىلىنىپ، ئەگرى-بۈگرىلىكتىن ئاستا-ئاستا ھەقىقەتكە يېقىنلاشقان.
دەرىسخانىدىكى ھاسىلات:
پەلسەپىنى چوقۇم ئۆگىنىشىمىزدىكى سەۋەپ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ سۇئاللارغا ئەڭ توغرا جاۋاپ بېرەلەيدىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سۇئاللارنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىگىدە. پەلسەپە ئېتىقادقا بولغان ئەقلىي تەتقىقاتتۇر، ئادەم بىلەن تەبىئەت قانۇنىيىتىنى ئەقلىي يەكۈنلەشتۇر. شۇڭا، پەلسەپە ئۆگىنىش بىزنىڭ شەيئىلەرنى تونۇش ئىقتىدارىمىزنى تولۇقلايدۇ، روھىمىزنى بېيىتىدۇ، ھەمدە ئۆز-ئۆزىمىزگە قارىغۇلارچە ئىشىنىشىمىزنى ئازايتىدۇ. پەلسەپە، ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بىر خىل مەڭگۈلۈك ئورۇن بېكىتىدىغان قورالدۇر.
«پەلسەپە»نىڭ گىرىكچە ئاتىلىشى Philosophia ــــــ «ئەقىل-پاراسەتلىك»، تېخىمۇ توغرىسى «ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش».
بۇ دۇنيادا قۇياش نۇرى، ھاۋا، سۇ ۋە كۈلكىدىن باشقا يەنە نېمىگە ئېھتىياجلىق بولغىدەكمىز!
ــــــــ سوقرات
پەلسەپە بىر خىل پىكىر قىلىشتۇر، بىر خىل تۇرمۇش پوزېتسىيىسىدۇر.
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە پەلسەپە تېگىگە يېتىپ بولمايدىغان چۈشىنىكسىز بىر سۆزدۇر، ئۇ تىلغا ئېلىنسىلا كىشىگە قول يەتمەس ئەقىل-پاراسەتتەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. لېكىن، پەلسەپە ھەقىقەتەن شۇنچىلىك سۈرلۈكمۇ؟
ئاتالمىش «پەلسەپە»نىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى «ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش» ياكى «ئەقىل-پاراسەتكە مۇھەببەت باغلاشتۇر». پەلسەپىنىڭ ئېنگىلىزچە يېزىلىشى Philosophia بولۇپ گىرىكچىدىن كەلگەن. «Philo»نىڭ مەنىسى «مۇھەببەت»، «sophia»نىڭ مەنىسى «ئەقىل-پاراسەت» بولۇپ، ئىككىسى بىرلەشسە «ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش» بولىدۇ. شۇڭلاشقا پەيلاسوپلارمۇ كۆپۈنچە ئەقىل-پاراسەتنى قىزغىن سۆيگۈچىلەر دەپ ئاتىلىدۇ، شۇنداقلا پەلسەپىمۇ كىشىگە ئەقىل-پاراسەت بېرىدىغان، كىشىنى ئەقىللىق قىلىدىغان ئىلىمدۇر.
ئىلگىرى ئىككى پەيلاسوپ بىلەن ئىككى ماتېماتىك بىر ئىلمىي يىغىنغا قاتنىشىشقا مېڭىپتۇ، ماتېماتىكلار پەيلاسوپلارنىڭ پەقەت بىر تال پويېز بېلىتى سېتىۋالغىنىنى بايقاپتۇ. شۇ ھامان ئىككى ماتېماتىك دەرگۇمانغا چۈشۈپتۇ، ئۇلار پويېزدا بېلەت تەكشۈرىدىغان ۋاقىتتا پەيلاسوپلارنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قاپتۇ.
پويېز يېرىم يولغا كەلگەندە پويېز خادىملىرى بېلەت تەكشۈرۈشكە باشلاپتۇ، بۇ چاغدا ماتېماتىكلار ئىككى پەيلاسوپنىڭ بىرلىكتە تازىلىق بۆلمىسىگە كىرىپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، پويېز خادىملىرى تازىلىق بۆلمىسىنىڭ ئىشىگىنى چەككەن ئىكەن، ئىشىك قىيا ئېچىلىپ، ئىچىدىن بىر تال بېلەت سۇنۇپ بېرىلىپتۇ-دە، ئارقىدىن ئىشىك يېپىلىپتۇ. پويېز خادىملىرى بېلەتنى تەكشۈرۈپ بولۇپ ئىشىكنى قايتا چېكىپ بېلەتنى ئىچىگە سۇنۇپ بېرىپتۇ. تازىلىق بۆلمىسىنىڭ ئىشىگى يەنە تاقىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ۋاگوندىكى بېلەت تەكشۈرۈش ئاخىرلىشىپتۇ. شۇنداقلا ئىككى پەيلاسوپمۇ ھاجەتخانىدىن چىقىپ يەنە ئۆز ئورنىغا قايتىپ كەپتۇ.
ئىلمىي يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ تۆتەيلەن يەنە بىرلىكتە قايتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ماتېماتىكمۇ پەيلاسوپلاردىن ئۆگىنىپ پەقەت بىر تال پويېز بېلىتى سېتىۋاپتۇ. بىراق، ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغىنى، بۇ قېتىم ئىككى پەيلاسوپ بىر تالمۇ بېلەت سېتىۋالماپتۇ.
يولدا پويېز خادىملىرى يەنە بېلەت تەكشۈرۈشكە باشلاپتۇ، ئىككى ماتېماتىك دەرھال ھاجەتخانىغا كىرىۋاپتۇ. بۇ چاغدا، ئىككى پەيلاسوپ سىرىتتىكى بىرەيلەننىڭ ئىشىك چەككىنىنى ئاڭلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىشىكنىڭ قىسىلچىقىدىن بىر تال بېلەتنى چىقىرىپ بېرىپتۇ. سەل ئۆتكەندىن كېيىن، ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكى يەنە بىر قېتىم چېكىلىپتۇ، ماتېماتىكلار ئىشىكنىڭ قىسىلچىقىدىن بېلەتنى قايتۇرىۋالاي دەپ تۇرۇشىغا كىم بىلسۇن، پويېز خادىملىرى ئۈنلۈك توۋلاپتۇ:
ـ بېلىتىڭىزنى چقىرىڭ!
ئىككى ماتېماتىك پويېز بېلىتى بولمىغاچقا ئىنتايىن رەسۋا بولغىنىچە تازىلىق بۆلمىسىدىن چىقىپ پويېز بېلىتىنى تولۇقلاپ سېتىۋاپتۇ. ئۇلار قايتىپ كەلگەندە پەيلاسوپلار ئاللىقاچان ئۇلارنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىكەن.
ئەسلىدە، پەيلاسوپلار ماتېماتىكلارنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتكىنىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلار بېرىپ ئىشىكنى چەككەن ئىكەن، ھەمدە ماتېماتىكلار سۇنۇپ بەرگەن بېلەتنى ئالغاندىن كېيىن باشقا بىر ۋاگوندىكى تازىلىق بۆلمىسىگە مۆكۈۋالغان ئىكەن...
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەيلاسوپلار ئەقىل ئىشلىتىشكە تېخىمۇ ماھىر، ئەڭ دەسلەپتە «ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش» بىلەن «دانىشمەنلىكنى سۆيۈش» دېگەن بۇ ئىككى سۆزنى ئىشلەتكەن ئادەم پىتوگوراستۇر. پىتوگوراس پۇرئاسىيان ئىشغالىيەتچى ئەمىرى بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا مۇنداق ئېيتقان ئىكەن: «تۇرمۇشتا، بىر قىسىم قۇل مېجەز كىشىلەر تۇغۇلىشىدىن نام-مەنپەئەتنىڭ ئولجىسى بولىدۇ، ئەمما ئەقىل-پاراسەتنى سۆيگۈچىلەر بولسا ھەقىقەت تېپىش ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ». بۇ دەل ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم «ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش» دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىشىدۇر، شۇنداقلا ئۆزىنى «ئەقىلنى سۆيگۈچى» دەپ ئاتىشىدۇر.
ئەقىل-پاراسەت ئادەم سوبېكتىۋلىقىنىڭ ئالى ئىپادىسىدۇر، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھاياتلىق ئەھمىيىتىدۇر. شۇڭلاشقا پەلسەپىۋى مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر قىلغاندا، بولۇپمۇ بۇنداق پىكىر يۈرگۈزۈشتە دۇنياغا، ئادەمنىڭ مەۋجۇتلىقىغا بولغان مەسىلىلەرگە يۈكسەلگەندە پەلسەپىۋى مەنىدىكى ئويلىنىش باشلانغان بولىدۇ.
دەرىسخانىدىكى ھاسىلات:
ھەممە كىشىدە ئەقىل-پاراسەت بولىدۇ. ئەمما ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش ئەقىل-پاراسەتلىك بولغانلىق دېگەنلىك ئەمەس. ئەقىل-پاراسەتنى سۆيىدىغان قەلب بولمىسا تەبىئىلا ئەقىل-پاراسەتلىك ئادەم بولغىلى بولمايدۇ؛ ئەقىل-پاراسەتنى سۆيىدىغان قەلب بولسا تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئاندىن ئەقىل-پاراسەتلىك ئادەمگە ئايلانغىلى بولىشى مۈمكىن.
پەيلاسوپلۇق ئالامىتى ۋە پەلسەپىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ـــــــ ھەيرانلىق (thauma)
پەلسەپە تاشقى دۇنياغا بولغان ھەيرانلىقتىن باشلىنىدۇ.
ـــــــ ئارېستوتېل
پەلسەپە ھەيرانلىقتىن باشلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھەيرانلىق تەبىئەتتىكى تۈرلۈك شەيئىلەرگە بولغان ھەيرانلىقتىن باشلىنىدۇ.
ئەپلاتون مۇنداق كۆرسەتكەن ئىدى: «thauma» (ھەيرانلىق) پەيلاسوپلۇقنىڭ ئالامىتىدۇر، پەلسەپىنىڭ باشلىنىشىدۇر.
ئەپلاتون چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق ئېيتقانىدى: «iris» (ھەسەن-ھۈسەن، ھەسەن-ھۈسەننىڭ قىزى، زىئوسنىڭ ئەلچىسى) بولسا «thauma»(ھەيرانلىق)نىڭ قىزىدۇر، ئۇلار شەك-شۈبھىسىز قانداشتۇر. «iris» (ھەسەن-ھۈسەن) كىشىلەرگە تەڭرىنىڭ ۋەھىسى بىلەن خۇشخەۋىرىنى يەتكۈزىدۇ، پەلسەپە ھەيرانلىقتىن تۇغۇلىدۇ. بۇ سىنچى نەزەر ئاستىدا كۈللى شەيئىلەر پانىي دۇنيانىڭ ھەرخىل چۈمبەردىسىدىن ئاجراپ، ھەقىقەتنى كۆرسىتىدۇ.
مۇنداق بىر ھېكايە بار:
بىر كۈنى، بىر پىروفېسسور ئوقۇغۇچىلىرىنى تەجرىبىخانىغا باشلاپ كىرىپ ئۇلارغا بىر ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ماددىلارنى كۆرسىتىپتۇ. بۇ نەرسىلەر كۆرسەتمە كارتا چاپلىنىپ رەتلىك تىزىلغان ھىم بوتۇلكىلارنىڭ ئىچىگە قاچىلانغان ئىكەن.
ـ بۇ ئىلگىرى ئۆتكەن جون شىمىس ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ بارلىق ماددىلىرى- دەپتۇ پىروفېسسور.
شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار بوتۇلكىغا چاپلانغان بارلىق كۆرسەتمىلەرنى خاتىرىلىۋاپتۇ:
- بىر 10 گاللونلۇق چېلەككە لىق تولغۇدەك سۇ؛
- 7 پارچە كىر سوپۇنى ياسىغىلى بولغۇدەك ياغ؛
- 9000 دانە قېرىنداش قەلەم ياسىغىلى بولغۇدەك كاربون؛
- 2000 تال سەرەڭگە ياسىغىلى بولغۇدەك گۈڭگۈرت؛
- 2 تال مىخ ياسىغىلى بولغۇدەك تۆمۈر؛
- بىر تال توخۇ كاتىكىنى سۇۋاشقا يەتكۈدەك ھاك؛
- ئاز مىقداردا ماگنىي ۋە سۇلفۇر.
بىراق، بىر ئوقۇغۇچى خاتىرىلەپ بولغاندىن كېيىن سەل تەئەججۈپلىنىپ دەپتۇ:
-بۇلارنىڭ ھەممىسى بەك قىزىقارلىق ئىكەن، لېكىن جون شىمىس ئەپەندى
قەيەردە؟
پىروفېسسور يېنىك تەبەسسۈم قىلغىنىچە ئوقۇغۇچىسىغا شۇنداق دەپتۇ:
ـ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىش دەل پەيلاسوپلارنىڭ ئىشى.
دېمىسىمۇ ئۇ دەل پەيلاسوپلار پىكىر يۈرگۈزىدىغان مەسىلە ــــــ جون شىمىس ئەپەندى قەيەردە؟
ئۇ بوۋاقلىقتىن بالىلىققىچە، بالىلىقتىن ئۆسمۈرلۈككىچە، ئۆسمۈرلۈكتىن قىرانلىققىچە، قىرانلىقتىن قېرىلىققىچە ئۇنىڭ چىرايى، بەدەن شەكلى، مېجەز-خۇلقىنىڭ ھەممىسىدە ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىدۇ. بىراق شىمىس ئەپەندى يەنىلا شىمىس ئەپەندى ئىكەنكى، ھەرگىزمۇ باشقا بىر ئادەم ئەمەس، ئۇ پەقەت بىرلا. ئۇنداقتا قانداق بىر نەرسە شىمىس ئەپەندىنى شىمىس ئەپەندى قىلىپ تۇرىدۇ؟
مۇنداقچە ئېيتقاندا، شىمىس ئەپەندىنىڭ ماھىيىتى نېمە؟ سۇمۇ؟ ياق. ياغمۇ؟ ئۇمۇ ئەمەس. ئەلۋەتتە، ئۇ يەنە ھەرگىزمۇ كاربون، گۈڭگۈرت، تۆمۈر، ھاك ياكى سۇلفۇر ئەمەس. ئۇنداقتا ئۇ زادى نېمە؟
مۇبارەك بولسۇن سىزگە! سىز مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئويلاندىڭىزمۇ بولدى، ئۇنداقتا سىز پەلسەپىگە كىرىپ بولدىڭىز.
ئارىستوتېل «مېتافىزىكا»ناملىق كىتاۋىدا مۇنداق ئېيتقان ئىدى: «قەدىمدىن بۈگۈنگىچە كىشىلەر پەلسەپىۋى ئىزدىنىشىنى باشلىغان ھامان كۈللى شەيئىلەرگە ھەيران قالاتتى». تەبىئەتتىكى شەيئىلەر تۈرلۈك-تۈمەن بولۇپ، ھالىتىمۇ ھەرخىل، كىشىگە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى قوزغىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سىرنى تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ئىزدىنىشلەر كىشىلەرگە تەبىئەتكە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ بىلىملەرنىڭ بەزىلىرى تالانتلىق چۈشىنىشتىن كەلگەن بولسا يەنە بەزىلىرى پەقەتلا قالايمىقان پەرەزلەردۇر. لېكىن، مەيلى ئېنىق چۈشەنچە بولسۇن ياكى پەرەزلەر بولسۇن، بۇ بىلىملەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن، شۇنداقلا بۇنداق پىكىر يۈرگۈزۈشمۇ پەلسەپىۋى پىكىر يۈرگۈزۈشتۇر.
مانا بۇ پەلسەپىنىڭ باشلىنىشى.
ھەيرانلىق بىزنى پەلسەپىۋى ئويغا ئورۇنلاشتۇرىۋاتقاندا، پەلسەپىۋى ئىدىيە ھەيرانلىق ئىچىدىن گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ. ھەيرانلىق گويا بىر دەستە نۇردۇر، ئىدىيە ئۇ بولغاچقىلا يورۇيدۇ. شۇڭا، ھەيرانلىق چوڭقۇر پىكىرنى ئويغىتىدىغان بىر كۈچ، ئۇ بىزنى شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق ئۆزلىكىگە باشلاپ بارىدۇ، ياكى ئېيتقاندا، شەيئىلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن نامايەن بولۇپ بولىدۇ،شۇ يەردىن ئۇنىڭ يېپ-يېڭى بىر سەھىپىسى ئېچىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ دەل پەلسەپىنىڭ ئەركىن سەھىپىسىدۇر.
ھەيرانلىق ئىدىيەدۇر، ئىدىيە ھەيرانلىقتۇر. ھەيرانلىق مۇشۇنداق بىر خىل قۇدرەتلىك ۋە سىرلىق كۈچ، شۇنداقلا پەلسەپە ئۇنىڭ سىرلىق ئىزىدۇر. ھەيرانلىق يېتىپ كەلگەندە ئۇزاق ۋە چوڭقۇر پىكىرگە چۆمۈلىمىز، تاكى ھەيرانلىقىمىز ئۇنىڭ تەكتىگە يەتكۈچە.
دەرسخانا ھاسىلاتى:
كىشىلەر نىشانلىق، ئەھمىيەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى كۆزلەيدۇ، تۇرمۇشنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىز ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان بۇ دۇنيانى كۈزىتىشىمىز ۋە ئۇ ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز يالغۇز كونكىرېت ئىلىم-پەن بىلىملىرىگە مۇھتاج بولۇپلا قالماي يەنە پەلسەپە بىلىملىرىگىمۇ مۇھتاجمىز.
ھايات چەكلىك، لېكىن بىلىش چەكسىزدۇر ــــــ ھەقىقەت ئىزدەش بارلىق كىشىلەرنىڭ ماھىيىتى
باشقىلاردىن كۆپرەك بىلىدىغىنىم ئۆزەمنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىشتۇر.
ــــــ سوقرات.
پەلسەپىنىڭ مۇقەددەسلىگى قەيەردە؟ پەلسەپە ئادەمنى ئادەم قىلىپلا قالماي يەنە ئادەمنى مۇقەددەسلىككە باشلايدۇ. پەلسەپە بىردىن-بىر ئەركىن ئىلىم، پەلسەپىنىڭ تۈرلۈك شەيئىلەرنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىشى دەل ئۇنىڭ شەيئىلەرنىڭ ئىلاھىنى ئىزدىشىدۇر، پەلسەپىنىڭ ئىلاھنى ئىزدىشىدىكى سەۋەپ پەلسەپە ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئىلاھىدىن ھالقىپ كەتكەن.
نۇرغۇن كىشى دائىم بۇ مەسىلىنى سورايدۇ: پەلسەپە زادى نېمىگە ئىشلەيدۇ؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىش ھەقىقەتەن تەس.
بىر يىگىت سوقراتنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
- سوقرات، سەندىن پەلسەپە ئۆگىنەي دەيمەن.
سوقرات ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
- سەن زادى نېمىنى ئۆگەنمەكچى؟ قانۇن ئۆگەنسەڭ دەۋا ماھارىتىنى ئۆگىنەلەيسەن؛ ياغاچچىلىقنى ئۆگەنسەڭ ئائىلە سايمانلىرىنى ياسىيالايسەن؛ سودىنى ئۆگەنسەڭ پۇل تاپالايسەن. ئۇنداقتا پەلسەپە ئۆگەنسەڭ كەلگۈسىدە نىمىش قىلالايسەن؟
يىگىت جاۋاپ بېرەلمەپتۇ.
سوقرات ئۇ يىگىتكە پەلسەپىنىڭ ئەمىلىي قوللىنىشچانلىقىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرمەكچى ئىكەن.
يەنە مۇنداق بىر ھېكايە بار:
بىر پەيلاسوپ كېمە ئۈستىدە كېمىچى بىلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ.
-پەلسەپە بىلەمسىز؟
- بىلمەيمەن.
- ئۇنداقتا سىز ئاز دېگەندىمۇ يېرىم ھاياتىڭىزنى يوقىتىپ بوپسىز. ماتېماتىكا بىلەمسىز؟
- بىلمەيمەن.
- ئۇنداقتا سەكسەن پېرسەنت ھاياتىڭىزنى يوقىتىپ بوپسىز.
تۇساتتىن، بىر زور دولقۇن كېلىپ كېمىنى ئاغدۇرىۋېتىپتۇ، پەيلاسوپ بىلەن كېمىچى تەڭلا سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.
پەيلاسوپنىڭ سۇ ئىچىدە جان تالىشىپ پالاقشىۋاتقىنىنى كۆرگەن كېمىچى پەيلاسوپتىن سوراپتۇ:
- سۇ ئۈزۈشنى بىلەمسىز؟
- يا....ق...
- ئۇنداقتا سىز ھاياتىڭىزنى يۈز پېرسەنت يوقىتىپ بوپسىز.
بۇ ئىككى ھېكايىدىن قارىغاندا، پەلسەپىنىڭ دەرۋەقە ھېچقانداق كېرىگى يوق، ھالقىلىق پەيتلەردە ھاياتنىمۇ قۇتقۇزالمىدى، كارغا كېلىدىغان بىرەر ھۈنەرنى ئۆگىنىپ قويغانغا تېخىمۇ يەتمەيدۇ. خۇددى ھايدېگېرنىڭ ئېيتقىنىدەك: «ئەگەر پەلسەپىنىڭ نېمىگە ئىشلەيدىغانلىقىنى بىركىم سورىمىغان تەقدىردىمۇ شۇنداق جاۋاپ بېرىشنى خالىغان بولاتتىم: پەلسەپە كارغا كەلمەيدۇ.
ئەمىلىيەتتە پەلسەپىنى كارغا كەلمەيدۇ دېيىشمۇ توغرا ئەمەس، بەلكى ئۇ «كارغا كەلمەيدىغاننىڭ كارغا كېلىشى» بولۇپ، «كارغا كېلىدىغاننىڭ كارغا كېلىشى» ئەمەس. چۈنكى، پەلسەپە روھنى تەڭشەيدۇ، ھەرگىزمۇ ماددىنى ئىدارە قىلمايدۇ، ئۇ ئىدىيال ئامىلكى، ھەرگىزمۇ تېخنىكىلىق ئامىل ئەمەس. خۇددى ئارىستوتېل ئېيتقاندەك:«ھەقىقەت ئىزدەش ئادەمنىڭ ماھىيىتى، كىشىلەر بىلىم ئىزدەش ئۈچۈن بىلىم ئىزدەيدۇ، ئەقىل-پارسەت ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ئىزدەيدۇ».
ئارىستوتېل «مىتافىزىكا» كىتاۋىنىڭ تۇنجى جۈملىسىنى مۇنداق يازغان: «ھەممە ئادەم ئۆز ماھىيىتىدىن چىقىپ بىلىم ئىزدەشنى ئويلايدۇ».
ئارېستوتېل يۇقارقى ھېكمەتلىك سۆزى ئارقىلىق پەلسەپىنىڭ باشلىنىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرگەن.
ئارىستوتېل شۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «كىشىلەر ھەيران قېلىش سەۋەبىدىن پەلسەپىۋى تەپەككۈر قىلىشقا باشلايدۇ، دەسلەپتە ئەتراپىدىكى چۈشەنمىگەن نەرسىلىرىدىن ھەيران قالسا كېيىن پەيدىن-پەي ئىلگىرىلەپ تېخىمۇ زور ئىشلاردىن ھەيران قالىدۇ. مەسىلەن، ئاي تۈسىنىڭ ئۆزگۈرىشى، قۇياش ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزگۈرىشى ھەمدە تۈرلۈك ماددىلارنىڭ شەكىللىنىشى قاتارلىقلاردىن. بىر گاڭگىرىغان ۋە ھەيرانلىققا پاتقان كىشى ئۆزىنى ھېچنېمە بىلمەيدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.
پەيلاسوپ باكۇن مۇنداق ئېيتقان ئىدى:«بىلىم كۈچ دېمەكتۇر». بۇ سۆز نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە ئىلھام بېغىشلاپ كەلگەن. بىلىم ئىزدەش ئادەمنىڭ ماھىيىتى، شۇڭلاشقا كىشىلەر ئالدى بىلەن مەلۇم بىر ئىلىمنى كارغا كېلەمدۇ-كەلمەمدۇ، دەپ ئويلانغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى داۋاملىق تەتقىق قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىپ ئولتۇرمايدۇ. ئوخشاشلا پەلسەپىمۇ «كارغا كېلىدىغان» ياكى «كارغا كەلمەيدىغان»لىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ ياكى تاشلىۋېتىلمەيدۇ، كىشىلەرمۇ ھەرگىزمۇ نوقۇل پەلسەپىۋى پىكىر ئارىسىدىنلا باشقا نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى خىيال قىلىپ ئولتۇرمايدۇ.پەلسەپە شۇنىڭ ئۈچۈن كارغا كېلىدۇكى، چۈنكى ئۇ بارلىق ئىلىملەرنىڭ ئومۇملاشتۇرغۇچى ئىلمى، پەلسەپە شۇنىڭ ئۈچۈن «كارغا كەلمەيدۇ»كى، چۈنكى ئۇ كونكىرېت مەسىلىلەرنى بىۋاستە قول تىقىپ ھەل قىلمايدۇ. ئەمىلىيەتتە كىشىلەر ھەر سائەت، ھەر دەقىقە پەلسەپە ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئادەم دېمەك «پەلسەپىۋى» مەۋجۇتلۇقتۇر. شۇڭا ئېيتىمىزكى، پەلسەپە مەڭگۈ يوقالمايدۇ، چۈنكى ئادەملەر ئۆز ماھىيىتىنى ئىنكار قىلمايدۇ.
دەرسخانىدىكى ھاسىلات:
قانداق نەرسىلەر بىلىم بولالايدۇ؟ كارغا كېلىدىغان بىلىم. يۈزەكىي قارىغاندا پەلسەپە كارغا كەلمەيدىغاندەك كۆرۈنىدۇ، باشقا پەنلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئەمىلىيەتتە پەلسەپىنىڭ كىشىلىك ھاياتقا بولغان ئەھمىيىتى ناھىيىتى زوردۇر. چۈنكى تۇرمۇشنىڭ ئۆزى پەلسەپە، بىز قانداق تۇرمۇش كەچۈرىشىمىز كېرەك، قانداق ئۆزىمىز بولىشىمىز كېرەك، مانا بۇ بىر خىل پەلسەپىدۇر.
دۇنيا دېگەن نېمە ـــــ پەلسەپە دۇنيا قاراش ھەققىدىكى ئىلىمدۇر
دۇنيا قاراشنىڭ ماھىيىتى دۇنيانىڭ ماھىيىتى ۋە ھەرىكەت مەنبەسىنى تۈپتىن بېرىپ چۈشىنىشتۇر، ھەل قىلىدىغىنى بولسا «دۇنيا دېگەن نېمە» دېگەن سۇئالدۇر.
- ئېيىس
كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن مەسىلىلەرنى كۈزىتىش بۇلۇڭىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا شەكىللىنىدىغان دۇنيا قاراشمۇ ئوخشىمايدۇ.
پەلسەپە دۇنيا قاراش توغرىسىدىكى ئىلىمدۇر،نەزەرىيەلەشكەن، سىستېمىلاشقان بىر خىل دۇنيا قاراشتۇر. ئۇ ھەر بىر شەخسنىڭ دۇنيا قارىشىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، رەتلەش ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ، شۇڭلاشقا پەلسەپە پارچە-پۇرات دۇنيا قاراش ئەمەستۇر.
دۇنيانىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنى يالغۇزلا يەر-زېمىن ئەمەس، ئۇ يەنە تارىخ، ھازىر ۋە كەلگۈسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «世» ۋاقىت بولسا «界» بوشلۇقتۇر. دۇنيا 4 ئۆلچەملىك بولۇپ ئۇلار ئۇزۇنلۇق، كەڭرىلىك، ئېگىزلىك ۋە ۋاقىتتىن ئىبارەت. شۇڭا دۇنيا قاراش دېگىنىمىزدە ئادەم قانداق بىر ئورۇندا تۇرىدۇ، شەيئىلەرگە قانداق بىر زامان نەزىرىدە قارايدۇ ۋە ئۇنى تەھلىل قىلىدۇ، دېگەندەك ئادەمنىڭ شەيئىلەرگە ھۆكۈم قىلىدىغان ئىنكاسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
چارلى ئاخىرى خىزمەت بېسىمىنى چۆرۈپ تاشلىدى، ئۇ ھەركۈنى سەھەردە تاقىتى-تاق ھالدا گولف توپ مەيدانىغا چاپاتتى، 19-ئۆرەككە توپ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئارام ئېلىپ بىرنەچچە ئىستاكان ئۇسسۇزلۇق ئىچەتتى، ئاندىن دەرھال ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ «ۋال كوچىسى گېزىتى»نى ۋاراقلىغاچ بىردەم مۈگدىۋالاتتى. چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە چارلى كىيىم ئىشكابىدىن بىر يۈرۈش سارغۇچ يېشىل رەڭلىك تەنھەركەت چاپىنى بىلەن تەنھەركەت ئىشتىنىنى ئالاتتى. بۇ بىر يۈرۈش كىيىمنى ئۇ، يەرلىكتىكى ئىنتايىن قىممەت باھالىق ئەرلەر كىيىم-كېچەك ماگىزىنىدىن سېتىۋالغان ئىدى. چارلى ئەمدى سىزىقلىق تۈز ئىشتاننى كىيمەيتتى! ئاندىن ۋاقىت توشقاندىن كېيىن ئۆيدىن چىقىپ قوشنىسى يەرلىكتىكى كۇلۇپتا ئۆتكۈزگەن كۆكتېل ھارىقى زىياپىتىگە قاتنىشاتتى.
ھەركۈنى ئاخشىمى ئۇنىڭ ئوخشىمىغان قوشنىلىرى نۆۋەت بىلەن كۆكتېل ھارىقى زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى، چارلى ئۆيدە بولمىسىلا كۇلۇپقا بارغان بولاتتى. تەخمىنەن 6 ھەپتىدە بىر ئايلىنىش ئاياقلىشىپ، يەنە بىر ئايلىنىش يېتىپ كېلەتتى-دە، ئاندىن يەنە بىر ئايلانما كۆكتېل ھارىقى زىياپىتى باشلىناتتى. بىر نەچچە ئايلىنىشتىن كېيىن چارلى كۆپچىلىكنىڭ پاراڭ تېمىسىدا يېڭىلىق قالمىغانلىقىنى بايقىدى. كىشىلەر باج تۈزۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ غۇدۇرىشاتتى، يېڭى قوشنىسىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشاتتى، باغۋەن بىلەن مانتيوردىن ئاغرىنىشاتتى، بىر-بىرسىنىڭ داچىلىرىنى سېلىشتۇراتتى...ئەلۋەتتە، ھاۋانىڭ قانداقلىقى ھەققىدىمۇ سۆزلىشىپ قوياتتى:
- ھەي چارلى، بۈگۈن ھاۋا پەيزى-ھە؟
- شۇنى دەيمەن، بىراق بارغانسېرى دېمىق بوپ كېتىۋاتىدۇ-يا!
چارلى ھەتتا گولف توپقا بولغان قىزغىنلىقىنىڭمۇ سۇسلىشىپ قالغانلىقىنى بايقىدى! بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە بىر ئىش ئىدى، چۈنكى ئۇ ئىزچىل گولف توپقا ئامراق بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇ «ۋال كوچىسى گېزىتى»نى ئوقىۋاتقان چېغىدا تۇيۇقسىز ئۆتكەن ئىشلارنى، بۇرۇنقى ئۇنى چوقۇم ئوقۇيدىغان ئاشۇ گۈزەل چاغلىرىنى سېغىنىپ قالدى. ئۇ چاغدا «ۋال كوچىسى گېزىتى» ئۇنىڭ نۇتۇقلىرىنىڭ يېتەكچىسى ئىدى. ئۇ ئاشۇ چاغلارنى، ھەركۈنى ئەتىگىنى دۈمبەس قەدەم بىلەن ئىشخانىسىغا كىرىپ يېڭى بىر كۈننى باشلىۋېتىدىغان ۋاقتىنى ئەسلىدى.
چارلى ئەمدى كىتاپلار ۋە خەۋەرلەرگە قىزىقماس بولۇپ قالدى: تايىنى يوق، مەزىسىز كۆكتېل زىياپىتى پاراڭلىرى ئۇنىڭ مېڭىسىنى قۇرۇقداپ قويغان ئىدى. ئۇندىن باشقا، ئۇ نۇرغۇن ھاراقلارنى ئىچىۋەتكەن بولغاچقا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىمۇ بارغانسېرى چېكىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ قوپال، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالدى، تېخنىكىسى گالراق كەلگەن سۇ-توك رېمۇنتچىسى بىلەن باغۋەن ئۇنىڭ ئاسانلا غەزەپلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. مەلۇم بىر كىشى ئۇنىڭ يېڭى ئالغان بېنىز ماشىنىسى توغرىلىق ئاغزى بېسىقماي سۆزلەۋاتقىنىدا ئۇ تولىمۇ مەيۈسلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن يەنە قانچە مەيدان گولف توپ ئوينىيالايدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ قېلىشقا باشلىدى. ئەمىلىيەتتە بۇنداق خىياللار يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىۋېلىپ ئۇنى سەگىتىشكە باشلىدى.
چارلىنىڭ تۇرمۇشى نىمىشقا بۇنداق ئۆزگۈرۈپ كەتتى؟ چۈنكى ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى مۇشۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى بەلگىلەۋاتاتتى.
دۇنيا قاراش كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا ھەمدە ئادەم بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان ئومۇمى قارىشى ۋە تۈپكى نۇقتىئىنەزىرىدىن ئىبارەت. بۇ خىل نۇقتىئىنەزەر دەل تۇرمۇش ئەمىلىيىتىدىن كېلىدۇ، ئادەتتىكى ئادەملەردە بولسا كۆپۈنچە ئۆزلىكىدىن شەكىللىنىپ مۇتەپەككۈرلەرنىڭ ئاڭلىق يىغىنچاقلاپ ۋە يەكۈنلەپ بېرىشىگە ھەمدە نەزەرىيەلىك ئىسپاتلاپ بېرىشىگە مۇھتاج بولىدۇ، مانا بۇ ئاندىن پەلسەپىگە ئايلىنىدۇ.
قىسقىسى، دۇنيا قاراشنىڭ ماھىيىتى شۇكى، ئۇ دۇنيانىڭ ماھىيىتى ۋە ھەرىكەت مەنبەسىنى تۈپتىن بېرىپ چۈشىنىدۇ، ھەل قىلىدىغىنى بولسا دۇنيا دېگەن نېمە، دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت. شۇنداقلا پەلسەپە دۇنيا قاراش توغرىسىدىكى نەزەرىيەنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر.
دەرسخانىدىكى ھاسىلات:
كىشىلەر ئۇزاق ۋاقىتقىچە تاشقى دۇنيانى ئىچكى دۇنيادىن مۇھىم بىلىپ، ماددىي راھەت-پاراغەت قوغلىشىشنى مەنىۋى تەلەپتىن ئۈستۈن كۆرۈپ كەلدى. ھەمىشە، تېز ئاستىدىن ياخشى، يۇقۇرى تۆۋەندىن ئەلا دەپ قاراپ كەلدى...ئەمما ئاقىۋەت كىشىلەر شۇنى بايقىدىكى، ئادەم ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى يوقىتىپ قويسا ئۇ پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۆزىنى ھېچنېمىسى يوقتەك ھېس قىلىدىكەن!
ئابىستىراكىتلىق ـــــــ پەلسەپىنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىگى
ئېيتقىلى بولمايدىغان نەرسىگە سۈكۈت قىل.
ــــــ ۋېتنىگىستىن
پەلسەپە دېگەن نېمە؟ ئۇ ھېچنېمە ئەمەس، ئۇ پەقەت پەلسەپە!
ئابىستىراكىتلىق پەلسەپىنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىگى، پەلسەپە نېمە ئۈچۈن ئابىستىراكىت بولىدۇ؟ چۈنكى پەلسەپە دېگەن نەزەرىيە، ئۇنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
ئابىستىراكىتلىق دېگىنىمىز نۇرغۇن نەرسىلەر ئىچىدىن ئۇنىڭ ئورتاق، ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ماھىيەتلىك بولمىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشتۇر. مەسىلەن، ئالما، بانان، نەشپۈت، ئۈزۈم، شاپتۇل قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگى بولسا مېۋە. مېۋە ئۇقۇمىغا ئېرىشىش جەريانى بولسا بىر ئابىستىراكىت جەرياندۇر.
ئۇنۋېرسىتېتنىڭ پەلسەپە فاكولتېتىدا ئوقىغان مەلۇم بىر ئوقۇغۇچى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن دادىسى توخۇ ئۆلتۈرۈپ كۈتىۋاپتۇ. تاماق يەۋاتقاندا ئۇ ئوغلىدىن سوراپتۇ:
ـ ئالى مەكتەپتە ئۆگەنگىنىڭ نېمە؟
- پەلسەپە.
ـ ئۇنى ئۆگەنسەڭ نېمىگە ئىشلەيدۇ؟
ئوغلى دەپتۇ:
- پەلسەپە ئۆگەنگەنلەر مەسىلىلەرگە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان قارايدۇ. مەسىلەن، ئۈستىلىمىزدىكى ماۋۇ توخۇنى ئېلىپ ئېيتساق ئادەتتىكى كىشىلەر قارىسا ئۇ بىر توخۇ، يەنى بىر كونكىرېت توخۇ. ئەمما بىزدەك پەلسەپە ئۆگەنگەنلەر قارىساق ئۇ ئىككى توخۇدۇر، يەنى بىر كونكىرېت توخۇدىن باشقا يەنە بىر ئابىستىراكىت توخۇدۇر.
باشتىن-ئاخىر بۇ پاراڭغا قۇلاق سېلىپ تۇرغان سىڭلىسى تۇساتتىن پاساڭ قىستۇرۇپتۇ:
ـ ئۇنداقتا ياخشى، دادام بىلەن ئىككىمىز ماۋۇ كونكىرېتنى توخۇنى يەيلى، سەن ئۆزۈڭ يالغۇز ئاۋۇ ئابىستىراكىت توخۇڭنى يە!
مەزكۇر ستودېنتنىڭ ئېيتقىنى خاتا ئەمەس. پەلسەپەنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى دەل ئاۋۇ «كونكىرېت توخۇ»! يەنە كېلىپ، سىز ئاۋۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان توخۇنى نەچچە پارچە قىلىۋەتسىڭىزمۇ ماۋۇ «ئابىستىراكىت توخۇ»نى تاپالمايسىز. بۇ خۇددى گېرمان پەيلاسوپى گېگىلنىڭ بىر كەلتۈرگەن مىسالىغا ئوخشايدۇ: «مۇبادا سىز پىيازنىڭ پوستىنى سويۇپ ئۇنىڭ ماھىيىتىنىڭ نېمىلىگىنى بىلمەكچى بولسىڭىز چوقۇم ئىنتايىن ئۈمىتسىزلىنىسىز. چۈنكى سىز پىيازنىڭ ھەممە پوستىنى سويىۋەتكەن تەقدىردىمۇ پىيازنىڭ ماھىيىتىنى كۆرەلمەيسىز».
لېكىن، كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسىنى يەنە نېمە دەپ تەتقىق قىلىمىز؟
سەۋەبى شۇ يەردىكى، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، پەلسەپە تەتقىق قىلىدىغان نەرسىلەر پۈتۈنلەي خىيالىي نەرسىلەر بولۇپ بۇلۇت بىلەن تۇمان ئارىسىدا تۇرۇپ قايسىسىنىڭ بۇلۇت ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەندەك بىر ئىش. شۇڭىمۇ بەزى كىشىلەر مازاق قىلىپ: پەيلاسوپنىڭ قىلىدىغان ئىشى ناھىيىتى شۇ قاراڭغۇ ھوجرا ئىچىدىن ھېچقانداق مەۋجۇت بولمىغان بىر قارا مۈشۈكنى تېپىشتۇر» دەيدۇ. بىر قىسىم شۆپەك ئېغىز كىشىلەر تېخىمۇ گەپ تېپىپ پەيلاسوپلارنى ئىككى تۈرگە ئايرىغان: بىر خىلدىكىلەر ئىشلار قانچە كۆپەيگەنسېرى بىلىدىغىنى شۇنچە ئازلاپ كېتىدۇ، تاكى ئۇلار ھېچقانداق نەرسىنى بىلمەيدىغان بولغانغا قەدەر؛ يەنە بىر خىلدىكىلەر بولسا ئىشلار قانچە ئازايغانسېرى بىلىدىغىنى شۇنچە كۆپىيىپ كېتىدۇ، تاكى ئۇلار تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنگە قەدەر.
پەلسەپە مۇشۇنداق نەرسە، پەلسەپە بارلىق مەۋجۇتلۇقلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. چۈنكى بارلىق مەۋجۇتلۇقلار ئارىسىدا ھامان ئابىستىراكىت ئورتاقلىق بار. ئابىستىراكىتلىقنىڭ بۇنداق ئورتاقلىقى دەل ئىچكى تۈزۈلۈشتىكى ئابىستىراكىتلىقنىڭ ئورتاقلىقى بىلەن تاشقى مۇناسىۋەتلەردىكى ئابىستىراكىتلىقنىڭ ئورتاقلىقىدۇر. بىز دەل ئابىستىراكىتلىقنىڭ بۇ خىل ئورتاقلىقىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بارلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلالىشىمىز مۈمكىن. پەلسەپىنىڭ قىلىدىغىنىمۇ دەل ئابىستىراكىتلىقنىڭ بۇ خىل ئورتاقلىق مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈشتۇر.
ئابىستىراكىت ئۇقۇم دەل كونكىرېت ئۇقۇمدىن ئۇنىڭ «ئورتاق خۇسۇسىيىتى»نى تېپىش ئارقىلىق تۇغۇلىدۇ، كونكىرېت ئۇقۇمنىڭ نۇرغۇن ئىندىۋىدۇئاللىقىنى چىقىرىپ تاشلاپ ئۇنىڭ «ئورتاقلىقى»نى تەسۋىرلىگەندە بىر ئابىستىراكىت ئۇقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ ھادىسىنى خاتىرىلەش بىلەن ئەمەس. شۇڭا پەلسەپە تارىخ ئەمەس، پەلسەپە ھەم كۈندىلىك خاتىرىمۇ ئەمەس، پەلسەپە رېئال مەۋجۇتلۇقنى لوگىكىلىق سىستېما بىلەن رەتلەش جەريانىدۇر.
پەلسەپىنىڭ ئابىستىراكىتلىقى دېگىنىمىز مەۋجۇتلۇقنى تەبىئەت، جەمئىيەت، ھاياتلىق، ماددا، روھ دېگەندەك تۈرلەر بىلەن ئايرىپ، بۇ تۈرلەرنىڭ قانداق مۇناسىۋەتلىشىپ ۋە ئۆزگىرىپ، بۇ خىل ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ قانداق ئومۇمىيلىق ھەرىكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا قاراشتۇر. شۇنداق بولغاندا، پەلسەپە تاسادىپىي ئېرىشىش بولۇپلا قالماي يەنە مۇقەررەر ئېرىشىشتۇر؛ ئالاھىدە ئېرىشىش بولۇپلا قالماي يەنە ئادەتتىكىچە ئېرىشىشتۇر. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئادەتتىكى ئېرىشىش ئىچىدىن ئەڭ زور چەكتىكى ئورتاقلىقنى تېپىشتۇر.
شۇڭلاشقا، پەلسەپە شۇنىڭ ئۈچۈن كارغا كېلىدۇكى، چۈنكى ئۇ بارلىق ئىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرىدىغان ئىلىم؛ پەلسەپە شۇنىڭ ئۈچۈن كارغا كەلمەيدۇكى، چۈنكى ئۇ كونكىرېتنى مەسىلىلەرنى بىۋاستە قول تىقىپ ھەل قىلمايدۇ.
دەرسخانا ھاسىلاتى:
پەلسەپە ئۇنىڭدىكى چۈشىنىكسىزلىك، مۇرەككەپلىك تۈپەيلى يۈكسەك كەسپلەشكەن ئىلمىي پائالىيەتكە ئايلىنىپ، «ئىلاھىي ساھە»دىن ئۈستۈن ئورۇن ئالغان. بىراق بىز پەلسەپە بىلەن تۇرمۇشنىڭ سۇ بىلەن سۈت قوشۇلغاندەك مۇناسىۋىتىنى كۆرىشىمىز، ئازادە، خوشال كەيپىيات بىلەن ئۇنى قوبۇل قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىمىز لازىم.
پەلسەپىنىڭ ۋەزىپىسى ـــــ پەلسەپە بىر شىپالىق دورا
پەيلاسوپلار چوقۇم ھېسسىي دۇنياسىنىڭ «ئۆڭكۈرى»دىن ئەقلىي دۇنياغا چىقىشى كېرەك. پەيلاسوپلارنىڭ ئەقلىي دۇنياغا چىقىشى ئۇنىڭ زېمىنغا چىققىنىغا باراۋەردۇر.
ـــــــ ئەپلاتون.
پەلسەپە دۇنيا قاراش ۋە مىتودولوگىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشى ھەم گۈزەل تۇرمۇشنىڭ يېتەكچىسىدۇر. ئادەتتە كىشىلىك ھاياتتىكى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلغاندا ماھىئىيەتتىن ئويلىنىپ تۈپتىن ھەل قىلىشنى تېپىش لازىم، بۇنداق ئىلىم پەلسەپە دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنداقلا پەلسەپىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەمىلىي مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشتۇر، پەقەت مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ھەقىقەتلىگى يېتەرلىك ئىسپاتلىنىدۇ.
بىر چوكان ئەمچەك راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان ئانىسىغا تەسەللى بەرمەكتە. بىر قىران ئەر كەسپ ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە باش قاتۇرماقتا. مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بىر كارخانا باشقۇرۇش خادىمى توي قىلغىنىغا يىگىرمە يىلدىن ئاشقان ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىش ياكى ئاجراشماسلىق ھەققىدىكى زىددىيەتلىك تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە. بىر چوكان ئېرى بىلەن بەختلىك ئۆتىۋاتاتتى، لېكىن بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ بالا ئالغۇسى بار. تۆت بالىسىنى بېقىۋاتقان بىر قۇرۇلۇش ئۇستىسى يۇقۇرى بېسىملىق ئېلېكتىر قۇرۇلىشىغا ئىشلىگەن لاھىيەسىنىڭ كەمچىلىكى ئاشكارىلىنىپ كېتىپ ئىشسىز قېلىشىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشتى. ئېرىشىمەن دېگىنىنىڭ (سۆيۈملۈك ئېرى، بالىسى، چىرايلىق ئۆي، يۇقۇرى كىرىملىك خىزمەت) ھەممىسىگە ئېرىشكەن بىر ئايال ھېچقانداق نىشانى بولمىغان بۇنداق تۇرمۇشتىن ئاللىقاچان زېرىكتى، ئۇ ھەمىشە ئۆزىدىن مۇنداق سورايتتى:«ئەجىبا، بۇلار مەن ئېرىشمەكچى بولغان ھەممىمۇ؟»
ئەمىلىيەتتە، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەسپىي جەھەتتىن ياردەم ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بېسىپ تۇرغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. ئۇلار ئېھتىمال مەلۇم بىر كۈنى پىسخولوگ، روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسىسى، مەھەللە مۇلازىمەتچىسى، نىكاھ ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى، ھەتتا خۇسۇسى دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلغان ۋە پىسخىك كېسىلىنى داۋالاتقان بولىشى مۈمكىن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى بىر قىسىم ياردەمگە ئېرىشكەن بولىشىمۇ مۈمكىن. ئەمما يەنە بىر قىسىملىرى ئۇلارنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى ئىشلىرىنى كوچىلاشلىرىغا، ھەرىكەت ئۇسۇلىنى تەھلىل قىلىشلىرىغا، چۈشكۈنلىشىشكە قارشى رېتسىپ يېزىپ بېرىشلىرىگە، رەزىل ماھىيىتىنى زاكۇنلاشلىرىغا چىداۋاتقان بولىشى مۈمكىن. لېكىن بۇ خىل ئۇسۇللار ئۇلارنىڭ يادرولۇق مەسىلىلىرىنى ئىنتايىن ئاز ھەل قىلالايدۇ. بۇنداقتا ئۇلار ئۇزاققا سوزۇلغان مۇددەتسىز داۋالىنىش جەريانىغا تۇتۇلىدۇ. داۋالاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كېسەلگە دېئاگنوز قويۇشتۇر، خۇددى ئۆسمىنى تېپىپ كېسىپ ئېلىۋەتكەندەك، كېسەللىكنى تېپىپ چىقىپ دورا بىلەن تېزگىنلىگەندەك.
ھازىر بۇنداق پىسخىك تۇسالغۇ ۋە روھى كېسەللىكلەرنى داۋالىتىشقا رازى بولمىغانلار ياكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلارنىڭ باشقا تاللىشى بار. ئۇ بولسىمۇ پەلسەپە ئۆگىنىش. پىسخولوگىيە بىلەن روھى كېسەللىكلەر ئىلمى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىپ پايدىدىن زىيان چوڭ بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر پەلسەپىۋىي قاراشنىڭ نۇقتىئىنەزەر، لوگىكا، ئەخلاقىي قائىدىلەر، قىممەت قاراش، ئەھمىيەت، ئەقلىيلىق، زىددىيەت ياكى خەتەر ئىچىدە قارار چىقىرىش ھەمدە كىشىلىك ھايات ئالاھىدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بارلىق مۇرەككەپ ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بارا-بارا ھېس قىلدى.
ئادەم بۇ خىل مەسىلىلەرگە يولۇققان ۋاقىتتا قەلبىدىكى جاراھەتنى ئەتراپلىق چۈشىنىشكە مۇھتاج بولىدۇ. بۇرۇن ئۇلار ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈرلەرنىڭ ياردىمىدە ئۆزلىرىنىڭ ھايات پەلسەپىسىنى شەكىللەندۈرەلەيتتى، جاھاندارچىلىق يوللىرىنى ئۆگىنىپ، مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىپ، كېيىنكى قەدەمنى تېخىمۇ پۇختا ئالاتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ مۇھتاج بولىدىغىنى پەلسەپە بىلەن دېئالوگلىشىش بولاتتىكى، ھەرگىزمۇ دېئاگنوزغا ئېھتىياجى چۈشمەيتتى. خۇددى ھېنرى دېۋىي سۇرو ئېيتقاندەك «پەيلاسوپ بولۇش ئۈچۈن يالغۇز ئۆتكۈر تەپەككۈرى بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، شۇنداقلا بىر ئېقىم يارىتىشمۇ كۇپايە قىلمايدۇ...بەلكى كىشىلىك ھاياتتىكى ئەمىلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك». پەلسەپە ئۇستازى ئاۋگۇستىن مۇنداق ئېيتقان ئىدى: «ماڭا نىسبەتەن كىشىلەرنى ئەركىن پەلسەپىۋىيلىك پىكىر قىلدۇرالايدىغان پۇرسەتلا كىشىگە پايدىلىق، پەلسەپىلىك تۇرمۇشتىن باشقا تىپتىكى تۇرمۇشنىڭ ھەممىسى بەختسىزدۇر». پەلسەپە دەل ئەقىل-پاراسەتنى دېرەكلەيدۇ، ئىشلارنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىنى ئىگىلەپلا قالماي يەنە ئۇنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنىمۇ ئىگىلەيدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگۈسى نىشاننىمۇ توغرا پەرەز قىلالايدۇ. پەلسەپە ئەقىل-پاراسەتنى توختىماي ئىزدەيدۇكى، ئەمما ھېچقاچان ئۆزىنى ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئۆزى دەپ قارىمايدۇ، بەلكى ئۆزىنى ئەقىل-پاراسەتكە بولغان سۆيگۈ، ھەم شۇ خىل پەللىگە يېتىشتىكى جەريان دەپ قاراپ كەلگەن. شۇڭا بىز ئەقىل-پاراسەت ئىزدەش جەريانىدىن ئىنتايىن خۇشال بولىمىز. ئۇندىن باشقا پەلسەپە تۇرمۇش دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلەشكەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ رولىنى تاپىدۇ، ئادەم پەقەت ئاشۇ نەرسىلەرنى ھەقىقىي ئۆگەنگەندىلا ئاندىن ھەقىقىي پەلسەپىنى بايقايدۇ.
شۇڭا، پەلسەپىنى قوللىنىپ مەسىلە ھەل قىلىشتىن بۇرۇن، چوقۇم بۇ خىل بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر ئايىقىڭىزنىڭ ئىچىدە تاش بولۇپ ئۇ سىزنى بىئارام قىلغان بولسا قانداق ھەل قىلىشنى باشقىلاردىن سورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئايىقىڭىزنىڭ ئىچىدىكى تاشنى ئېلىۋەتسىڭىزلا بولغىنى.
دەرسخانىدىكى ھاسىلات: پەلسەپە كارغا يارىماسنىڭ چوڭ كارغا يارىشى. كىشىلەر پەلسەپە دۇنياسىغا ھەقىقىي كىرگەندىلا ئاندىن روھىيەتنىڭ ھەقىقىي خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايدۇ، پەلسەپە ھەققىدە توختىلىش بىر خىل مەنىۋىي ھوزۇردۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-29 13:06
|