يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 295|ئىنكاس: 5

تۇغلۇق: قەشقەر پۈتۈكلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەشقەر پۈتۈكلىرى

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق

قەشقەر

1
ۋەتەن بوستانىنىڭ جەننەتسىمان گۈلزارىدۇر قەشقەر،
زېمىندا بار گۈزەللىكنىڭ ئۇلۇغ ھەقدارىدۇر قەشقەر.

ئۇلۇغ پامىر تېغىنىڭ چات-چېتى كۆز يەتكۈسىز يايلاق،
يېشىل ئەتلەسنى يايغاندەك ئەجەپ رەڭدارىدۇر قەشقەر.

قۇمال تاغ ئارقىسى ئاتۇش پۈتۈلمىش ئەسلى ئارتۇچتىن،
بۈيۈك كارۋانغا تاغلاردا بولۇپ غەمخارىدۇر قەشقەر.

تېپىلمىش ئارغۇدىن بىر باش سۆڭەك، ئۇ تاشقا ئايلانغان
قەدىم ئەجدادىمىز تارىخىنىڭ ئىقرارىدۇر قەشقەر.

قىزىل، چاقماق، دولان، تىزناپ، قىران، گەز، ھەم تۈمەن دەريا
تەبىئەت سېھرىنى سۆزلەيدىغان زىلتارىدۇر قەشقەر.

مەگەر كىم قاغىلىق، يەكەننى كۆرسە بولغۇسى ھەيران،
ياڭاق، پىستە، بادام،... ۋاھ، شۇقەدەر بىسيارىدۇر قەشقەر.

يېڭىسار زۇلپىقارىغا مۇجەسسەم بىر جاھان ھېكمەت،
ئۇنى ئاسقان يىگىت ئەلنىڭ جەسۇر سەردارىدۇر قەشقەر.

مۇقام باشلانسا، ۋاھ، مەكىت قويى بىرلە كاۋاب ئەتكەي،
يوپۇرغا، پەيزاۋات قوغۇنلىرى تەييارىدۇر قەشقەر.

قۇياشقا تەلپۈنۈپ مۇزتاغ ئاتا باغرىدا تاشقورغان
كۈلۈپ تۇرغاچ مۇھەببەت بابىدا زەردارىدۇر قەشقەر.

گۈزەل بارچۇق ھالال تەردىن چاچار يوللارغا ئاق ئالتۇن،
شۇڭا پۈتكۈل جاھان بۇ دەم ئاڭا خۇشتارىدۇر قەشقەر.

گويا زەمزەم بۇلاقتەك يەر يېغى قاينايدۇ پوسكامدا،
ئۇنىڭ ھەر تامچىسى ئەۋلاد ئۈچۈن دەركارىدۇر قەشقەر.

گۈزەل چۆچەك، ئىلى، ئالتاي، قۇمۇل، تۇرپان، خوتەن، ئاقسۇ،...
ماڭاركىم ياندىشىپ ھەمدەم بولۇپ ھەمكارىدۇر، قەشقەر.

مېڭىپ گۇمنام ئىزىدىن كۈيلىمەك بولغان چېغى تۇغلۇق،
قەلەمدىن تامغىنى ئاددىي كۆڭۈل ئىزھارىدۇر قەشقەر.
2
ئىجادكار خەلقمىزنىڭ ئەڭ يېتۈك گۈلزارىدۇر قەشقەر،
ھۈنەر-سەنئەتتە نۇرلانغان سۈزۈك رۇخسارىدۇر قەشقەر.

«ھاۋاسى ياخشى بولغاچقا خاقان ئاپراسىياپ تۇرغان»
بۇ، مەھمۇد كاشغەرى يازغان پۈتۈك ئىزھارىدۇر قەشقەر.

قەدىم تارىخنى سۆزلەر توختىماستىن ئوردۇكەنت-خانئۆي،
دېمەك، مەشھۇر شەھەرلەرنىڭ بۈيۈك سەردارىدۇر قەشقەر.

ئاقار مېھرى-مۇھەببەت رەستىلەر قوينىدا ئۆركەشلەپ،
پۈتۈن خەلقى ئەزەلدىن ئەزگۈلۈك خۇشتارىدۇر قەشقەر.

جەسۇر ئەۋلادقا ئەجداد روھىنى يارقىن تۇتاشتۇرغان،
ئەقىدە كۆكلىگەن ئالتۇن بۆشۈك-غەمخارىدۇر قەشقەر.

كېرەمباغ ۋە شامالباغ ھەم نەزەرباغ ھەمدە دۆلەتباغ،...
بۇلار سەككىز بېھىشنىڭ مەڭگۈلۈك دوست-يارىدۇر قەشقەر.

ھەمىشە، ۋاھ، بېھىشتەك خۇش پۇرايدۇ بەشكېرەم باغى،
ئانار، ئەنجۈر، ئۈزۈم، چىلان، ئۆرۈك،... بىسيارىدۇر قەشقەر.

قىزىل دەرياسىدەك قىزغۇچ تەبەسسۇم ئەيلىگەچ ھەر تاڭ،
ۋەتەن سۆيگەن يىگىتلەرنىڭ تۈزۈك دىلدارىدۇر قەشقەر.

ئاجايىپ ئىشتىياق بىرلە ئاڭا ھەردەم نەزەر سالسام،
زېمىن ئاتلىق ئانامنىڭ زەر ئۈزۈك، زۇننارىدۇر قەشقەر.

يېنىپ ئىشقىدا ھەردائىم ئۈمىد بىرلە قەلەم ئالسام،
يۈرەكنى قاپلىغان ئۆچمەس كۆيۈك ئىقرارىدۇر قەشقەر.

كۆيۈك ئۇچقۇنلىرىدىن تاۋلىنىپ چىققان غۇبارسىز سۆز،
كۆڭۈللەر سوۋغىسى ئاچچىق-چۈچۈك ئەشئارىدۇر قەشقەر.

«ۋەتەن سۆيمەك ئىماندۇر» دەپ ئېغىز ئاچقان چېغى تۇغلۇق،
ئەقىدە قورغىنىنىڭ مەڭگۈلۈك تۇغدارىدۇر قەشقەر.
3
ھەقىقى ئوت يۈرەكلەرنىڭ كۆڭۈل ئىزھارىدۇر قەشقەر،
كۆڭۈل ئىزھارىدىن پۈتكەن ئىجاد گۈلزارىدۇر قەشقەر.

مۇھەببەت مېھرىدىن خۇشبۇي چېچەكلەرنى ئېچىلدۇرغان
خەلق سۆيگەن ئىجادكارنىڭ ئۇلۇغ غەمخارىدۇر قەشقەر.

ئانا تىل باغچىسىدىن گۈل تىزىپ كەلگەن قەلەمكەشنىڭ
كۈلۈپ خۇشخۇي قۇچاق ئاچقان گۈزەل دىلدارىدۇر قەشقەر.

ئۇلۇغ ئارزۇ-ئۈمىد بىرلە بۈيۈك مەنزىلگە ئات سالغان،
قەلەم سەنئىتىنىڭ دۇلدۇل سۈپەت تۇلپارىدۇر قەشقەر.

ۋەتەنگە قۇت تىلەپ ھەيۋەت بىلەن ماڭسا بۈيۈك كارۋان،
سۆيۈملۈك ئىپتىخارى، يار-يۆلەك سەردارىدۇر قەشقەر.

يۈسۈپ، مەھمۇد، نىزارى، ھىرقەتى،...دەك ئوت يۈرەكلەرنىڭ،
ئىزىدىن كۆكلىگەن ئوتلۇق غەزەل-ئەشئارىدۇر قەشقەر.

نەزەر سالسا ئۇنىڭ ھەر بىر بېتى كۆزنى قاماشتۇرغاي
مىسالى ياپيېشىل ئەتلەس، ئەجەپ رەڭدارىدۇر قەشقەر.

ھالال ئەجرىدە سانسىز باچكىلارغا پەر-قانات بەرگەن
بۈگۈن ئۇلار ئىجاد ئاسمانىنىڭ شۇڭقارىدۇر قەشقەر.

قىزىل، چاقماق، تۈمەن دەرياسىدەك دۇلقۇنلىنىپ تىنماي،
بېھىش باغلاردا ئاققان تەھتىھۇل ئەنھارىدۇر قەشقەر.

ھەقىقەت ۋادىسىدىن ئۆزلۈكىنى ئىزدىگەنلەرنىڭ
ئەبەد سۇلمايدىغان روھ ــ مەڭگۈلۈك رۇخسارىدۇر قەشقەر.

گۈزەل ئۇيغۇر تىلىغا ھەر قاچان شەيدائى دىللاردا
قۇياشتەك چاقنىغان خەزىنەئى ئەسرارىدۇر قەشقەر.

سېھىرلىك كۈي بىلەن دىللارنى مەستخۇش ئەيلىگەچ ھەردەم،
ۋەتەننىڭ شۆھرىتى «قەشقەردىكى يەر شارى»دۇر قەشقەر.

ئىجاد ئاسمانىدا مەغرۇر قانات قاققان چېغى تۇغلۇق،
ئاڭا ئىلھام بېرىشكە ھەرقاچان خۇشتارىدۇر قەشقەر!

قەشقەر دەرياسى

قىپقىزىل جىمىرلاپ قۇچاق ئاچىسەن
تاڭدىكى يالقۇنلۇق قاننىڭ رەڭگىدەك.
ساھىلغا سېھىرلىك ئۈنچە چاچىسەن
ئاسماندىن تۆكۈلگەن ئالتۇن تەڭگىدەك.

بىر ياندا ياندىشىپ كېلەر دولقۇنلاپ
ئۆركەشلىك گەز بىلەن تەلۋىچۈك سۇيى.
بىر ياندا ئەزەلدىن ئەبەد شاۋقۇنلاپ
ئاڭلىنار چاقماق ھەم تۈمەننىڭ كۈيى.

شۇڭلاشقا چېچەكلەپ قۇتلۇق تىلەكلەر
ساھىلدا مەڭگۈلۈك ھايات ئۆكسۈمەس.
سۈيۈڭدىن ئوتلىغان ئاتەش يۈرەكلەر
ئالىدۇ ھەر تاڭدا يالقۇنلۇق نەپەس.

جىمىرلار سەھەر-كەچ دولقۇن مەۋجىدە
شېھىتلار قېنىدەك شەپەق جۇلاسى.
ئۆركەشلە قىپقىزىل نۇرلار ئەۋجىدە
تاڭلارغا كۈي قېتىپ قەشقەر دەرياسى!

قەشقەر قەلئەسى

لەيلىمەكتە تۇمان ئىچىدە،
قەد كۆتۈرگەن ئوردا-قەسىرلەر.
يالماپ يۇتۇپ كەتكەنمىكىن تاڭ،
قان ھىدىغا تولغان ئەسىرلەر.
           
ھۈكۈپ كەتكەن كاكىل بىلەن تەڭ
بىر قەدىم كۈي چۈشەر سويۇلۇپ.
بوۋام تۇتقان قىلىچ ئىزىدەك
يۈرەكلەرگە قالار ئويۇلۇپ.
           
توزۇماقتا جۇلغىغان قۇشتەك
كۆز يېشىدىن پۈتكەن كېسەكلەر.
كېچىلەرنىڭ كۆزىگە مەھكۇم
ئۇپۇق سۆيگەن ئارزۇ-تىلەكلەر.
           
جان تالىشار بىر ئەزگۈ سادا
(تۈنۈگۈن ھەم بۈگۈنگە تۇتاش).
قۇلاق سالسام دەيدۇ پىچىرلاپ:
يېلىنجايدۇ باغرىمدا قۇياش.

زىمىستاندا قىلساڭ زىيارەت،
يالتىرايدۇ ئوقلارنىڭ ئىزى.
باھار كېلىپ، چاققاندا چاقماق،
چېچەكلەيدۇ روھلار يىلتىزى!

قەشقەر تىلى

سۆزلىگەنتى ئوغۇزخان كەبى
«ئوردۇكەنت»تە ئالىپ ئەرتوڭا.
«توققۇزھۇجرا» لەرزىگە كەلگەن
راھىبلار خۇش قىلغاندا دۇئا.

چاقناتقانتى «قەشقەر كۈيى»نى
قىز-يىگىتنىڭ قۇتلۇق تويلىرى.
كۈي ئەۋجىدىن نۇرلىنىپ كەتكەن
تۈمەن، تارىم، ئورخۇن،... بويلىرى.

كۆلتىگىنلەر ياڭراتقان مۇقام
مەرمەر تاشقا كەتكەن ئويۇلۇپ.
خاقانىيە كۈلگەندە قايتا
«مەڭگۈ تاش»تىن چۈشكەن سويۇلۇپ.

«دىۋان» تۈزۈپ قىلغان يادىكار
ئۇلۇغ تىلچى ــ مەھمۇد كاشغەرى.
بۈيۈك شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ
قەلەمكەشنىڭ بولغان سەرۋەرى....

يۇلتۇز كەبى ئالتۇن پۈتۈكلەر
يېزىلغاچقا «قەشقەر تىلى»دا.
ئەجدادلارنىڭ روھى چېچەكلەپ
يىلتىز تارتقان ئۇيغۇر دىلىدا.

پىچىرلايدۇ شۇڭلاشقا تارىخ:
«قەشقەر تىلى» ــ ئۇيغۇرنىڭ تىلى.
ئەۋلادلارغا يول ئېچىپ ماڭغان
پاك ۋىجدان ھەم غۇرۇرنىڭ تىلى!


قەشقەر شېۋىسى

رەڭ بەرگەندەك بېھىشتەك ماكان ــ
بەشكېرەمنىڭ شېرىن مېۋىسى.
يۈرەكلەردە قوزغار ھاياجان
ئەزىزانە قەشقەر شېۋىسى.

مەھمۇد، يۈسۈپ بوۋامدىن مىراس،
جاۋاھىرغا قىلىمەن قىياس.
كۆڭۈللەرنى نۇرغا ئورايدۇ
ئەزىزانە قەشقەر شېۋىسى.

چىققانمىكىن شەربەت بۇلاقتىن،
بىر ئاڭلىسا كەتمەس قۇلاقتىن.
ئىسسىق ناندەك مىزلىك پۇرايدۇ
ئەزىزانە قەشقەر شېۋىسى.

جان بېغىشلاپ ئۇيغۇر تىلىغا،
قاندەك ئېقىپ ئەلنىڭ دىلىغا.
بۇلبۇل ئاڭلاپ قالسا دورايدۇ،
ئەزىزانە قەشقەر شېۋىسى.

قەشقەر قىزى

پەرىشتىدەك ئۆتسەڭ يېنىمدىن
كۆز ئالدىمغا كېلەر تۇمارىس.
ئۆرنەك ئېلىپ تۈركەن خېنىمىدىن
پاك روھىغا بولدۇڭسەن ۋارىس.

ئاي قاغاندىن قالغاچ يادىكار
سۆيگۈ، غۇرۇر، ۋىجدان سۇپىسى.
بۈۋى مەريەم يىقىلغان دىيار
بولدى بېھىش-جەننەت ئۇپىسى.

ھەق ئىشقىدا تەۋرەتسەڭ قەلەم
زىبۇننىسا كەلدى ھەم ئەسكە.
غەزەل ئوقۇپ زۇلەيخا بىكەم
ئايلاندىغۇ ئاتەش نەپەسكە.

پاك روھىڭدىن كۆكلەپ ئىپارخان
ئەگمىگەندەك شاھلارغىمۇ باش.
نوزۇگۇمغا قايىل يەر-جاھان
ئۆرنەك ئالدى چېھرىڭدىن قۇياش.

يارالمىشىڭ نازۇك پەرىشتە،
ئىپارخاندەك ئىپار پۇرايسەن.
كۈلۈپ قويساڭ سىرلىق رەۋىشتە
رەستىلەرنى نۇرغا ئورايسەن.

ساڭا تىلەپ دائىم پاك سۆيگۈ
قۇياش يۈزلۈك ئەي قەشقەر قىزى.
چېچەكلەيدۇ قەلبىمدە مەڭگۈ
سەن قالدۇرغان كۆيۈكنىڭ ئىزى.

قەشقەر ئانارى

سەن قەشقەرنىڭ ئوتلۇق يۈرىكى
(سانسىز يۈرەك بولغان مۇجەسسەم).
بېھىشتىنمۇ رەڭدار باغرىدا
پەرۋىش قىلغان گۈزەل بەشكېرەم.
      
يارالمىشىڭ سېھىرلىك ئەجەب،
پەرىشتىنىڭ مەڭزىگە رەڭداش.
جاھاندىغۇ قىزىل نەرسە كۆپ،
بىراق ساڭا بولالماس تەڭداش.
        
كىمكى بىر رەت تاشلىسا نەزەر
ئويغىتىسەن ئوتلۇق مۇھەببەت.
يېرىپ كۆرسە ئەقىل بولۇر لال،
سەندە ئايان ئالەمچە ھېكمەت.
      
ئىزدەپ سورار سېنى يېگەنلەر،
يېمىگەننىڭ كۆڭلىدە مىڭ ئوت.
ھەر جاينىڭ بار ئۆزگە نىئمىتى،
سېنىڭ بىلەن پەخىرلىك بۇ يۇرت.
      
شۇڭا دەيمەن ماختىنىپ تۇرۇپ:
سەن خەلقىمنىڭ ئوتلۇق يۈرىكى.
يۈرەك دېگەن مۇشتۇمچىلىك گۆش،
سەنسىز پۈتمەس قان ھەم يىلىكى!

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-29 12:47:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزانە يۇرت ـــــ قەشقەرنى قانچە كۈيلىسەك ئەرزىيدۇ. مەن باشقا ئەللەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىپ كەتمىسەممۇ، ئانا يۇرتىمىزنىڭ كۆزى بولغان قەشقەرنى كۆرۈپ تۇرمىسام كۆرۈش خۇمارىم تۇتۇپ كېتىدۇ. خۇمارى بار ئەڭ ئېسىل يۇرت بۇ!

ۋاقتى: 2015-9-29 14:36:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۈتۈكلەرگە پىرىسلانغان پۈتكۈل پىكىرلەر تۇغلۇققا بولغان قايىللىقىمنى قوزغىدى.

ۋاقتى: 2015-9-29 17:02:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغلۇقنىڭ «قەشقەرنامە» سىنى ئوقۇپ گۈزەل، ئەزىز دىيارىمنى سېغىنىپ ئەسلىدىم، ئانا دىيارغا مەڭگۈلۈك نۇسرەت، تەرەققىيات ۋە سائادەت تىلىدىم...

ۋاقتى: 2015-9-29 20:12:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغلۇقنىڭ شېئىرلىرىغا تارىخ،مەدەنىيەت پىرىسلىنىپ كەتكەن.بۇ شائىردىكى خاس ئۆزگىچىلىك.

ۋاقتى: 2015-10-1 13:10:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھاملىرىڭىز بەركەتلىك بولغاي

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش