كەچكۈزدىكى گۈلنىڭ خىيالى
قارايغان گۇگۇمدەك يېيىلىپ قات-قات،
چىغىر يول كۆكسىگە لەۋ ياقسا شامال
سۈرەييا جىلۋىسى ئۆڭگەن كېچىنىڭ
باغرىدا تۈنەيدۇ يىگانە ھىلال .
سوغ يۇتقان دەرەخلەر بولسا يالىڭاچ،
ئۇھسىنغان تويغۇلار تىترەيدۇ غال-غال.
بۇلۇتنىڭ تۆكۈلگەن كىرپىكلىرىدىن،
ئالتۇنرەڭ قىرلارغا سىرغىيدۇ زىلال.
بارخانلار ئۆركىشى چۈشسە ئۇسسۇلغا،
توي تارتىپ كېلىدۇ چۆلدە تۆگىلەر.
قان قۇسۇپ سايراشتىن توختىسا بۇلبۇل،
قىزارغان ئۇپۇققا ئايلىنار تۈنلەر.
يىغلايدۇ باھارنىڭ ھىدىنى ئىزدەپ،
كەچكۈزدە توزىغان گۈلنىڭ خىيالى.
قىش كۈيى تارالسا ھالرەڭ رۇجەكتىن،
چوغلىنار يېڭى بىر جۇدنىڭ ۋىسالى!
2015-يىلى 28- سېنتەبىر، تۈن يېرىم، پاسئان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-5 23:57