ياشلىقتىكى ناخشىلار (4)
ئەھەدى
بىر تىزىق مارجان
مېنى بىرى ئېگىز چوققىدىن،
تاشلىۋەتسۈن تۆۋەنگە، دەيلى.
ياق، دېمەيتتىم چۈنكى ئۇدۇللا،
قۇچىغىڭغا يېقىلسام مەيلى...
*
ئالتۇن لىباس كەيسەم تېشىمغا،
سۇلايماننىڭ تاجى بېشىمدا.
شاھىنشاھلىق ياراشماس ماڭا،
سەن بولمىساڭ ئەگەر قېشىمدا.
*
بولسام شاخلار ئارا يوپۇرماق،
تۆكۈلۈشتىن يىمەسمەن ۋايىم.
چۈنكى، خۇددى زېمىندەك ماڭا،
قۇچاق ئېچىپ تۇرىسەن دايىم.
*
مېنىڭ روھىم، ئەسلىم سېنىڭدە،
گۈلگۈن باھار پەسلىم سېنىڭدە.
سەنسىز ماڭا ئۆلۈم راۋادۇر،
كۈتكەن مۇراد-ۋەسلىم سېنىڭدە.
*
تۇغۇلمايتتىڭ مېنى دېمىسەڭ،
تۇغۇلمايتتىم سېنى دېمىسەم.
سانچىلامتىم تىكەنگە ئۇدۇل،
سەندەك قىزىلگۈلنى دېمىسەم.
1997-يىل 27-سىنتەبىر
كەل جېنىم...
<< ۋال >> قىلىپ ئۆچكىچە ھايات چاقمىقى،
ئۆچمىسۇن مەڭگۈلۈك مەنا سۆيگۈدە.
ئاسانمۇ ئاشىقنىڭ ۋىسال تاپمىغى،
ئۆتمىسۇن غەنىمەت دەملەر بىھۇدە .
كېتەرسەن خوشلۇشۇپ ياكى خوشلاشماي ،
كېتەرمەن سېنىڭدىن بالدۇر يا كېيىن .
نى يۈكسەك ئارمانلار ئەمەلگە ئاشماي،
تېنىقلار توختىسا بولغاي بىر تىيىن .
كەل جېنىم ۋىسالغا ئاچايلى قويۇن ،
بولمىسۇن ئارمانلار پۇشايمانغا يەم .
تەقدىرگە تەن بىرىپ قىسمايلى بويۇن ،
قاراقلار بەرگىگە قونمىسۇن شەبنەم .
بۇ ئۆمۇر ئېقىن سۇ ۋەيا ئاتقان ئوق ،
ئىلكىڭدىن چىقتىمۇ كەلمەيدۇ يېنىپ .
جۇدالىق دەشتىدە نە كۈن كۆرمىدۇق؟
كەل جېنىم ، ۋەسلىڭگە ئالاي بىر قېنىپ ... !
2005-يىلى 5-مات
بىر قىزغا
بىلمىدىم،نەقىسمەت باركىن مېنىڭدە،
بىلمىدىم ،نەخىسلەت باركىن سېنىڭدە.
ئۆرتىدى قەلبىمنى ئىشقى-پىراقىڭ،
ھىجرانىڭ چوغ بولۇپ ياندى تېنىمدە.
سەن بىلەن تونۇشقان شۇ كۈندىن بىرى،
كەتمىدى خىيالىڭ يىنىمدىن نىرى.
ئۇلغۇيۇپ بارماقتا ھەسرەت پىغانىم،
سەن مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇرغانسىرى.
كىچىسى كۆزۈمگە كىرمەيدۇ ئۇيقۇ،
كۈندۈزى خىيالىم ھامان سەن بىلەن.
شامالدىن تىڭشايمەن پىچىرلىشىڭنى،
كۈنلىرىم ئۆتمەكتە ھىجران،غەم بىلەن.
ئەزەلدىن سۆيگۈدە بىتەلەي ئىدىم،
نەبولدۇم،ئاھ،ئەمدى ئۆزەممۇ ھەيران.
بىرساڭا تاپشۇردۇم ئارمانلىرىمنى،
يەتكۈزگىن ۋەسلىڭگە قىلمىغىن ۋەيران.
سۆيگۈڭدىن سەدىقە بەرسەڭمۇ مەيلى،
لىۋىمنى لىۋىڭدە قىلدۇرغىن سەيلى .
كۆز يۇمسام مۇباداۋەسلىڭگە يەتمەي،
رازى بول، پەلەكنىڭ پەيلى شۇ دەيلى...!
2004-يىلى8-ئاۋغۇست
تەنھالىق
كېلىمەن يىگانە چېغىر يول بىلەن،
سەن مېنى ساقلىغان مەنزىلنى كۆزلەپ.
بىر چاغدا ساڭا گۈل تۇتقان قول بىلەن،
ئەمدى شېئىر يازىمەن دەردىمنى سۆزلەپ.
خىيالەن ئالدىمدىن كەتمەيدۇ سايەڭ،
سەن ماڭا يول باشلاپ ماڭغاندەك گۇيا.
بىلەمسەن مۇبارەك ھەر قەدەم- پايەڭ،
ماڭا دەرت، كۆزۇمگە بولدى تۇتىيا.
سورىسا مۇبادا ھالىمنى بىرسى،
سېنىڭدىن باشلايمەن چۆچەكلىرىمنى.
قىسمىتى نەق ئەمما،لەززىتى نىسى،
كەچمىشتە تۆكۈلگەن چىچەكلىرىمنى.
كېچىسى كۆزۇمگە يولىماس ئۇيقۇ،
سېزىمەن شەپەڭنى يېنىمدا پات-پات.
سېغىنىش، تەنھالىق، سەۋدايى تۇيغۇ-
ھەر كېچە مەن تىلەپ تاپقان ئىلتىپات .
2003-يىل ئاۋغۇست
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-27 20:40