كۆرۈش: 238|ئىنكاس: 1

ئا. باھايىدىن (ت): ئەركىن-ئازادىلىكتىن ئېسىل ئەسەر چىقىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                ئەركىن-ئازادىلىكتىن ئېسىل ئەسەر چىقىدۇ           


                                         مويەن                           


                            ئابلەت باھايىدىن تەرجىمىسى         


نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىجادىيىتى ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بەزىسى سىرتقى دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك، لېكىن، سىرتقى ئامىل يەنىلا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىدۇر. « ئەمدى يازغان ئەسەرلىرىم چوقۇم ئىلگىرىكى يازغان ئەسەرلىرىمدىن تېخىمۇ ياخشى بولۇشى كېرەك»دېگەن ئاڭنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزىمىزگە بېسىم ھاسىل قىلىۋالىمىز.ئاقىۋەتتە، نەتىجە بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك بولماسلىقى مۇمكىن . بۇ جەھەتتە مەن «يۆياڭ راۋىقى»توغرىسىدىكى ھېكايىدىن دائىم ئىلھام ئالىمەن .
   بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر جەنۇبىي ئىقلىمنى سەيلە قىلىپ، يۆياڭ راۋىقى ئالدىغا كەلگەندە، گومورو يازغان «يۆياڭ راۋىقى»دېگەن ئالتۇن ھەل بېرىلىپ يېزىلغان چوڭ خەتنىڭ ئىشىك بېشىغا ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ خەت يىراقلارغىچە كۆرۈنۈپ، يۆياڭ راۋىقىنىڭ كۆركەم قىياپىتىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئىختىيارسىز ئىلھامىڭىزنى قوزغايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، گومورو يولداش ماۋ زېدۇڭغا يۆياڭ راۋىقىنىڭ ئىسمىنى تەستىقلىتىدىغان ۋاقىتىدا،«يۆياڭ راۋىقى»دېگەن خەتنى نەچچە يۈز قېتىملاپ يېزىپ چىققان ھەمدە خەتلەر ئىچىدىن ئۆزى بىر قەدەر ياخشى دەپ قارىغان ئۈچ خەتنى كونۋېرىتقا سېلىپ، ماۋزېدۇڭغا ئەۋەتىپ بەرگەن . بىراق، ماۋزېدۇڭ يازغان مەخسۇس تەييارلانغان خەتنى ئەمەس، بەلكى، كونۋېرت ئۈستىدىكى گومورو ئادرېس سۈپىتىدە يازغان«يۆياڭ راۋىقى»دېگەن خەتنى تاللىغان. كۆپچىلىك ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەممە ئېتراپ قىلغان خەتتات ئىكەنلىكىنى، نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭ ، بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بىلىشىدۇ . دېمەك ، ماۋ زېدۇڭ يەنىلا تەبئىي يېزىلغان خەتىڭ ياخشى چىققانلىىنى بايقىغان . مەن بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن ، ئۆزىمىزنى ئەركىن قويىۋەتكەندىلا نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالايدىكەنمىز، دەپ ئويلاپ قالدىم . مەسىلەن: مەنمۇ رومان ئىجاد قىلغان ۋاقىتلىرىمدا ، توساتتىن بىر كىچىك  ئىلھام كېلىپ قالسا، شۇ ئىلھام تۈرتكىسىدە بىر ھېكايە يېزىپ چىقىمەن. رومان يېزىش قىسقا ۋاقىت توختاپ قالغان بولسىمۇ، بىر ئېسىل ھېكايە يېزىلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئىجادىيىتىمدە بىر نەچچە قېتىم تەكرارلاندى. شۇڭا، بۇندىن كېيىن ياخشى ئەسەر يازالايمەنمۇ-يوق ، ئاچقۇچ يەنىلا ئۆزەمنى ئەركىن قويىۋېتىش-قويۇۋەتمەسلىك ، ئىدىيەمنى ئازاد قىلىش قىلالماسلىقىمغا باغلىق.
  شۇڭا كۆپچىلىككە دەيدىغىنىم ئېسىل ئەسەر يازىمەن دەيدىكەنسىز، ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپ يېزىڭ.

( ‹‹ تۇرپان ›› ژورنىلىنىڭ 2015 - يىل 3- سانىدىن ئېلىندى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.باھايدىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-27 18:05  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-27 16:47:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇغۇ توپتوغرا پىكىر. لېكىن، بەزىلەرنىڭ قارىشىدا ئەدەبىيات [ ئەدەبىي ئەسەرلەر ]  يەنىلا  ‹‹چېكىتسىز  جىڭ ›› دە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش