كۆرۈش: 240|ئىنكاس: 1

ئا.باھايىدىن: خۇ ماۋچۇەن– ئەڭ ئاخىرقى گۇۋاھلىق سۆزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                             ئەڭ ئاخىرقى گۇۋاھلىق سۆزى                                       


                                                       ( ھېكايە )

                                                      خۇ ماۋچۇەن

                                           ئابلەت باھايىدىن تەرجىمىسى

  ھەيۋەتلىك دونداگر سوتخانىسىدا بىر دېلىغا قاراپ چىقىلىۋاتاتتى.ئوۋخار كىيىم ئىشكاپىنى بىنادىن تاشلىۋەتكەنلىكتىن ، ئىشكاپ بىر ئەرنىڭ پۇتىنى ،يارىلاندۇرۇپ قويغان ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەر ئوۋخارنى سودقا ئەرز قىلغان ئىدى.
سوتچى جاۋاپكار ئوۋخاردىن:
- سۆزلىگنە 13- چېىسلا جۈمە كۈنى ،تاڭ سەھەردە نېمە ئىش يۈز بەردى ؟ - دەپ سورىدى .
ئوۋخار بۇرنىنى ئۇۋۇلاپ  تۇرۇپ :
- ئۇ كۈنى ئەتىگىنى ، مەن كاماندۇروپكىدىن بالدۇر قايتىپ كېلىپ ، ئۆينىڭ ئىشىك قۇڭغۇرىقىنى خېلىغىچە باسقان بولساممۇ ، ئايالىم چىقىپ ئىشىكنى ئېچىپ بەرمىدى، مەن ‹‹ ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتمايدۇ ›› دېگەندەك بىرەر ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ ، ئايالىمنى بىر ئاز ساقلاپ تۇردۇم ،بىر چاغدا ئۇ  ئىشىكنى ئېچىپ ، مېنى كۆرۈپلا ھۇدۇقۇپ كەتتى . ئايالىمنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ، كىيىم – كېچەكلىرىمۇ رەتسىز بولۇپ ، چىرايىمۇ ناھايىتى بۈمەسەل كۆرىنەتتى . مەن دەرھال ئۆيگە ئېتىلىپ كىرىپ :
- ياخشىغۇ ، سەن مەن يوق چاغدىن پايدىلىنىپ ، ئاشناڭ بىلەن ئۇچرىشىپسەن -دە ! ئېيتقىنە ، ئۇنى قەيەرگە يۇشۇرۇپ قويدۇڭ ؟ - دەپ ۋارقىرىدىم  ، ‹‹ ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن  ›› دېگەندەك ئايالىمغا ھەممە ئىش ئايان بولغاچقا  ،ئۇ قورقىنىدىن سارىسىمىگە چۈشۈپ  بىر ئېغىز گەپ قىلالمىدى .
مەن ئۆينىڭ ھەممە يەرلىرىنى ئىزدىگەن بولساممۇ ، ئۇنىڭ ئاشنىسىنى تاپالمىدىم . توساتتىن  بالكۇننىڭ  دەرىزىسىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى بايقاپ قالدىم- دە ، بالكو ن يېنىغا بېرىپ پەسكە قارىسام،بىنا ئاستىدا  كالتە ئىشتان ، ئاسما مايكا كىيگەن بىر ئەر  جىددىيلىشىپ  يۈگۈرۈپ  كېتىۋاتقان ئىكەن  ... ... مەن بىر كىيىم ئىشكابىنى ئېلىپ كېلىپ ،ئۇ ئادەمنى راسا تىللاپ تۇرۇپ  بالكۇندىن ئىشكاپنى ئۇنىڭغا قارىتىپ  ئاتتىم .....
سوتچى دەۋاگەرگە بۇرۇلۇپ :
-ماكدونالد ، ھازىر سەن شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ باقامسەن ؟-دېدى . دەۋاگەرنىڭ بىر پۇتى ئاقساق بولۇپ  ، قولتۇق تاياققا تايىنىپ تۇراتتى . ئۇ مۈرىسىنى كۆتۈرۈپ ئەپسۇسلانغان ھالدا بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ :
-ھۆرمەتلىك سوتچى ئەپەندىم ، ھەي ،شۇ ۋاقىتتا  مېنى پالاكەت باسقان ئوخشايدۇ . ئۇ كۈنى مەن ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىگە ئوخشاشلا ، سەھەر تۇرۇپ ، كالتە ئىشتان ،ئاسما مايكا كىيىپ چېنىقىشقا  چىققان ئىدىم ، بىراق ، ئەمدىلا ئاشۇ بىنانىڭ ئالدىغا  كېلىشىمگە ،توساتتىن بىنا ئۈستىدە قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋاز  ئاڭلانغاندەك بولدى ، دەرھال بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىشىمغا ،بىر چوڭ كىيىم ئىشكاپى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولدى ، مەن بېشىمنى ئارانلا قاچۇرۇۋالدىم، ئەپسۇس ، مېنىڭ پۇتۇم .... دېدى دەۋاگەر سۆزىنى تۈگىتەلمەي كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا  يىغلاپ تۇرۇپ .
سوتچى بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ  :
-ماكدونالد ، سەۋر قىلىڭ  ، بىز بۇ دېلونى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ توغرا ھۆكۈم چىقىرىمىز. تۆۋەندە ھەممەيلەن گۇۋاھچىنىڭ قانداق گۇۋاھلىق سۆزى بارلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى ، گۇۋاھچى سوتخانىغا كىرسۇن !
گۇۋاھچى سوتخانىغا ئېلىپ كىرىلدى . ئۇنىڭ بەدىنى بىنت بىلەن تېڭۋېتىلگەن بولۇپ ، پەقەت بىر جۈپ كۆزىلا ئوچۇق تۇراتتى .
سوتچى:
-گۇۋاھچى مەيكىنساي، سەن ئاشۇ كۈنىدىكى ئەھۋاللارنى بىزگە بىر قېتىم تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگىن – دېدى .
‹‹ ئىش چىڭىغا چىققاندا ،قۇشقۇنغا ئولتۇرۇپتۇ ›› دېگەندەك بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن گۇۋاھچى مەيكىنساي تۆۋەن ئاۋازدا مۇنداق دېدى:
-ھۆرمەتلىك سوتچى ئەپەندىم ، ئەمىلىيەتتە ، مەن ئۇ كۈنى ھېچنېمىنى كۆرمىدىم ، چۈنكى ئاشۇ ۋاقىتتا مەن كىيىم ئىشكابىنىڭ ئىچىدە ئىدىم .



《小小说选刊》‹‹مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانما››  ژورنىلىنىڭ 2013 – يىل 16– سانىدىن تەرجىمە قىلىندى .

‹‹ تۇرپان ›› ژورنىلىنىڭ 2015- يىل 3- سانىدىن ئېلىندى .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-28 00:06  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-29 13:30:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز، ساز چىققان ھىكايە ئىكەن بۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش